• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (ئەسلەمەلىك چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

بەشىنجى باب

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتە يىل ئوقۇغانلار

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

باشلانغۇچتا چىقتى ساۋاتىم،

تىكلەندى غايەم تولۇقسىزدا؛

ئىرپان بىلەن قاناتلاندۇرغان،

ئۇنتۇلماس دەۋرى تولۇق ئورتا.

– تەئسىراتىمدىن

بىز نورمالدا ئۈچ يىل ئوقۇپ پۈتتۈرىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى 1963-يىل 9-ئايدىن 1969-يىل 10-ئايغىچە بىر ئايى ئارتۇق ئالتە يىل ئوقۇپ، ئاندىن پۈتتۈرگەن بولدۇق. بۇ مۇنداق گەپ:.

(1)

1963-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، سوزۇپ چالىنغان زىل ئاۋازى بىلەن تەڭ مەنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى. مەكتەپ ئورنىمىز ھازىرقى قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولىنىڭ شەرقىي ياقاسىغا جايلاشقان «قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ»نىڭ دەل ئۆزى. مەكتەپىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىيپاش ئۇدۇلىدا، قەشقەر شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارەسى،غەربىي جەنۇب قىيپاش ئۇدۇلىدا بولسا، قەشقەر تىببىي تەخنىكوم مەكتەپى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

بولۇپمۇ ئاشۇ قەشقەر ۋىلايەتى بويىچە بىردىنبىر بولغان ئالتە قەۋەتلىك ئەگىز ئۇن زاۋۇتىدىن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتەدە، چۈش ۋاقتى ئون ئىككىدە ۋە كەچقۇرۇن ئالتەدە پۈتۈن قەشقەر شەھىرى رايونىدىنمۇ ھالقىپ ئۇزاق-ئۇزاقلارغا ئاڭلانىپ كەتىدىغان گۈدۈك ئاۋازى شۇ زاماندىكى قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر يورۇق نۇقتاسى، ئالاھىدە مەنزىرەسى ھىسابلاناتتىكى، «گۈدۈك چىققان چاغدا، ئۇن زاۋۇتىنىڭ گۈدۈكى چىققاندا» دەگەن گەپ بىر مۇھىم ۋاقىت ھىسابلاش پاسىلىمىز ۋە شەرتلىك بەلگەمىز ئىدى گويا.

ھەلىمۇ ئەسىمدە، مەكتەپىمىزنىڭ دەرۋازەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازەسى دەيىشكە بولىدىغان «قىزىلنىڭ كۆۋرۈكى» ( ئىزاھ: ھازىر بۇ كۆۋرۈكنى «七里桥 يەتتە يول كۆۋرۈكى» دەۋىلىش مۇتلەق خاتا. چۈنكى، ئۇ كۆۋرۈك سالىنغان دەريا ئەلمىساقتىن بۇيان «قىزىل دەرياسى» دەيىلىدۇ. ھازىر كۆۋرۈك ياسالغان شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىن بىر ياغاچ كۆۋرۈك بار ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى بولسا، «قىزىلنىڭ كۆۋرۈكى»دۇر ‹قاراڭ: مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 299-بەت›)دىن باشلانىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتىدىغان چوڭ يول «جەنۇبىي ئازادلىق يولى» غا (غەرب تەرەپكە) قاراپ، ئۇلۇغ ئوچۇق تۇراتتى. دەرۋازەنىڭ ئۈستىدە، «قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپى» (喀什地区高级中学) دەگەن ۋىۋىسكا ئاسىقلىق ئىدى ھەمىشە. بىزنىڭ تەخى مەزكۇر خەتلەر قاپارتما قىلىپ پۈتۈلگەن، چۆرەسى سارىق، تەگى ئاق رەڭلىك مەكتەپ ئىزناكىمىزمۇ بولىدىغان. ئىزناكنى مەيدەمىزگە تاقاپ، مەغرۇر قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتەتتۇق كوچا-كويلاردا.

مەكتەپىمىز ۋىلايەت بويىچە بىردىنبىر بولغاچ، ئوقۇغۇچىلار قەشقەر ۋىلايەتىگە قاراشلىق ئون ئىككى ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيەلەردىن كەلىپ ئوقۇيتتى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلىپ ئوقۇيدىغان بىر مۇنچە تاجىك ساۋاقداشلارىمىزمۇ بار ئىدى. ناھىيەلەردىن كەلىدىغانلار ياتاقتا ياتىپ ئوقۇيتتى تەبىئىي ھالدا. شەھەردىن چىقىپ ئوقۇيدىغانلار ۋە شەھەر ئەتراپى يەزالاردىن كەلىپ ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن بولسا، ياتاقتا ياتىش-ياتماسلىق ئىختىيارىي ئىدى. شۇڭا، مەن شامالباغ يەزاسىلىق ئابدۇرەئوپ نەچچە قاتىم ياتاق ئەكىرىپ ۋە نەچچە قاتىم ئەپچىقىپ كەتىپ دەگەندەك ئىختىيارلىق بىلەن ئوقۇغانمەن. ئۇ چاغلاردا، بىز ئىنسان ئارام ئالىپ ياتىشقا ئىشلەتىلىدىغان يوتقان-كۆرپەنى «ياتاق»، ياتاق (يەئنى يوتقان-كۆرپە ۋە كارىۋات) ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي ياكى بىنانى بولسا،  «ياتاقخانا» دەپ ئاتايتتۇق.

مەكتەپنىڭ ئاساسىي گەۋدەسى دەرۋازىدىن كىرشكەلا ئىككى تەرەپتىكى مىۋەلىك ۋە مىۋەسىز كۆچەت-جىرىملار بىلەن بۆككىنە كۆكەرىپ تۇرغان ئورمانلىق؛ ئاندىن جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلدۇرۇپ، ئوتتۇرادىن ئوتتۇز-قىرىق مەتىرچە ئارالىق قويۇپ ياسالغان ئىككى قەۋەتلىكتىن ئىككى كورپۇس ئوقۇتۇش بىناسى؛ شىمال تەرەپتىكى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ شەرق تەرەپىگە ياسالغان بىر قەۋەتلىك، كورىدورلۇق مەئمۇرىيەت بىناسى؛ مەئمۇرىيەت بىناسىنىڭ شىمال تەرەپىگە ئون-يىگىرمە مەتىر ئارالىق قويۇپ بەرپا قىلىنغان ئالدى-ئارقا پاراللىل ئىككى رەت ياتاق بىناسى؛ مەكتەپ قوروسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ۋە ھەر قانداق ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلىدىغان كەڭ پۇتبول مەيدانى؛ ئاندىن، ئۇ مەيداننىڭ شەرق ۋە شىمال تەرەپىدىكى ئەگىزلىكتە، مەيداننى يارىم ئايسىمان ئوراپ تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە ياتاق بىناسى؛ مەكتەپ قوروسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرەپىدە سالاپەت بىلەن سوزۇلۇپ ياتقان چوڭ يىغىن زالى ۋە مەزكۇر بىنالارنىڭ ئارالىقلارىدىكى بىر-بىرىدىن رەڭدار گۈللەر ئاچىلىپ تۇرىدىغان رەت-رەت گۈلزارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئومۇمىي كۆلەمى يۈز مو ئەتراپىدا كەلەتتى مۆلچەرىمچە.

پۇتبول مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا تاق-جۈپ تورنىك قاتارلىق چەنىقىش ئەسلىھەلەرى بار ئىدى، ئىككى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئوتتۇراسىغا توغرا كەلىدىغان چوڭقۇرلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاسكىتبول مەيدانى، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كىرىش زالىغا ۋە بىنا سىرتىدىكى قولاي جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىكتاكتوپ سورۇنلارى ۋە كەڭ كەتكەن پۇتبول مەيدانى بولسا، بىز دەرستىن سىرتقى چاغلاردا، خۇماردىن چىققىچە ئوينايدىغان ۋە يايرايدىغان جايلار ئىدى.

مەنى بىرىنچى يىللىق تۆرتىنجى سىنىپقا تەقسىم قىلدى. راستىمنى دەسەم، بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپىگە كىرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە، مەكتەپ قوروسى كۆزۈمگە مەن تولۇقسىزنى ئوقۇغان قەشقەر شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتەك گۈزەل ۋە ياقىملىق كۆرۈنمەدى. نەمىشقادۇر، ئاشۇ ساربان (دىھقان تىلىدا، « سەرمەن← سە:مەن») يولىدىكى ئانا مەكتەپىمنى ساغىنىپ قالاتتىم پات-پات. ئەمما، بۇ خىل قەدىناسنى ساغىنىش، ياڭىدىن ياتىرقاش تۇيغۇسى ئۇزۇن ئۆتمەي كاللامدىن كۆتۈرۈلۈپلا كەتتى. چۈنكى، ئەرتىگەن-ئاخشامدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىشنىمۇ سىنىپتا كوللىكتىپ قىلىش، دەرستىن سىرتقى ئىلىم ئۆگرەنىش كۇرژۇك (گۇرۇپپا)لارىنىڭ ھەر كۈنى دەگۈدەك قىلىپ تۇرىدىغان جىددى-جىددى پائالىيەتلەرى مەنى ئەمدى ئۇنى-بۇنى ئويلاشقامۇ ۋاقتى يوق قىلىۋەتكەن ئىدى. «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۈزۈملەرى چىڭ، ئىلىم ھاۋاسى قويۇق» دەگەن ئوبزۇر گەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، ئۆگرەنىشكە بەلىمنى مەھكەم باغلادىم ۋە بۇ ياڭى مەكتەپىم بىلەنمۇ سۆيۈنىدىغان بولۇپ قالدىم ئاقىبەت.

(2)

ئۇلۇغ كەمتەرلىكنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ دەسەم، تولۇق ئوتتۇراغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا، ماتىماتكادا ۋىلايەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىم شاراپەتى بىلەن، مەكتەپكە كىرىپلا، ئوخشاش يىللىق ساۋاقداشلار ئىچىدە، بىر ئاز نامى بار ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان ئىدىم. ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز مەمتىمىن شاۋۇدۇن، فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز يۈسۈپجان قاتارلىقلار ئالاھىدە قىزىقىش نەزەرلەرى بىلەن قاراپ، سەمىمىيلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۇستازلىق مىھرى بىلەن، ھەمىشە مەنى داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگرەنىپ، ئالىي مەكتەپتەمۇ ماتىماتىكا كەسپى بويىچە ئوقۇپ، كەلگۈسىدە، داڭقلىق ماتىماتىك بولۇشۇمغا سەمىمىي رىغبەتلەندۈرسە، خىمىيە ئوقۇتقۇچىمىز ھامۇتجان خوجايۇپ بولسا: «بالالىق ئارزۇيۇڭ بوينىنى قىسىپ قالماسۇنكى، خىمىيەگە بوش كەلمە. ئالىي مەكتەپنى چوقۇم تىبابەت بويىچە ئوقۇ، ئابدۇرەئوپ!» دەيتتى قويۇق قاشلارىنى جىددى ئويناتىپ، بەگىز قولى بىلەن ئۇزاقنى كۆرسەتىپ تۇرۇپ.

ئەمما، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەدەبىيات دەرسى،  تىل-ئەدەبىيات كەسپى مەنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغاندەك ئىدى. ئابرويلۇق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئىلھامجان ئابلىمىت مەنىڭمۇ تەلپۈندۈرگۈچ ئۇستازىم بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئەگىز بويى، بويىغا ياراشقان يوغان باشى، قولى بىلەن پات-پات تاراپ قويىدىغان قويۇق ۋە ژىرىك چاچى، قاڭشارلىق بۇرنى، قويۇق قاشلارى ئاستىدىكى ئۇي كۆزى، قالىن لەۋلەرى مىدىرلاسىلا، تەپەككۇر جەۋھەرلەرىنى تۆكۈپ سۆزلەيدىغان ئاغىزى بىر گەۋدە بولۇپ، مەنىڭ قەلبىمدە يىقىلماس ۋە مەڭگە ئۆلمەس بىر سىيما بولۇپ قالغانىدى گويا.

ئىلھامجان ئابلىمىت مۇئەللىمنىڭ مەنى شۇ قەدەر قايىل قىلىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەلەرىنى پىششىق ئىدراك قىلغانلىقىدىن تولا ئەدەبىيات ئەمەلىيەتىنى مۇكەممەل بىلگەنلىكىدىن ۋە ئۇ بىلىكلەرنى بىزدەك ئون تۆرت-ئون بەش ياشلىق نۆۋەس ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەرىش ۋە بىلدۈرۈش ماھارەتىدىن ئىدى دەيەلەيمەن. ئۇ كۆپىنچە ھالدا، رەتتىكى ۋەزىپە دەرسنى مۇددەتتىن ئون-ئون بەش مىنۇت بۇرۇن سۆزلەپ بولۇپ، ئۆزى ئىقتىساد قىلىپ قالغان ئۇ ئون-ئون بەش مىنۇتتا، ئۆزى يازغان ھىكايە، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرەلەرنى يادا دىكىلىماتسىيە قىلىپ بەرەتتى. بەزى چاغلاردا ئۆزى ئوقۇغان مەشھۇر چەتئەل رومانلارىنى باشتىن-ئاياق يادا، ئاپتورنىڭ يازغانلارىدىن پەش-چەكىتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماغان ھالدا، بايان قىلىپ بەرەتتى. مەن مۇشۇ كۈنلەردەمۇ، ئۆز زامانىسىدا، ئىلھامجان مۇئەللىم يادا بايان قىلىپ بەرگەن چەت ئەل رومانلارىدىن «مادىرىد قەلئەسى»، ئۆزى يازغان ئەسەرلەردىن «جىلغا سۇلارى» دەگەنلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلارىنى ئەسلەيەلەيمەن.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلىم ھاۋاسى ئۇنىڭ قوينىدىكى ئىجتىھادلىق ۋە ئىستىدادلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دەرستىن سىرتقى ئىلىم كۇرژۇكلارى (课外学习小组) بىلەن گەۋدەلەنىپ تۇراتتى. مەن ئىلىم سەۋداسىلىقىمدىن، ھالىمغا باقماي، خىمىيە، فىزىكا ۋە ئەدەبىيات بولۇپ ئۈچ كۇرژۇكقا يازىلىۋالىپ، بەكمۇ ئالدىراش ئۆتۈدىغان بولۇپ كەتكەنىدىم. ئىلھامجان ئابلىمىت مۇئەللىم بولسا، مەكتەپ بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئەدەبىيات كۇرژۇكى»نىڭ ھەقلىق يەتەكچىسى ئىدى. ئۇنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە قەرەللىك چىقىدىغان «ئەدەبىيات كۇرژۇكى تام گەزىتى» ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بىرىنجى قەۋەتىدىكى ئىككىلا تەرەپىدە قوش قاناتلىق كىرىش-چىقىش ئىشىكى بار كەڭ سالۇننىڭ شەرقىي تامىغا چاپلاناتتى. مەزكۇر تام گەزىتى كىرگەن-چىققان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىگە تاشلانىپ تۇرىدىغان ستراتىگىيەلىك يەرگە چاپلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا كۆزى چۈشمەيدىغان، ئۇنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرىدىن بولسامۇ ئوقۇپ ئۆتمەيدىغان ئادەم بولمايتتى. تام گەزىتىنىڭ ئۈستىگە خۇشخەت بىلەن گۈزەل قىلىپ يازىلغان «مەنى ئىزدەپ كەلمەدى دەپ زارلانماغىن ئىلھامدىن، چۈنكى ئىلھام ئايرىلمايدۇ قىزغىن مىھنەت قاينامدىن» دەگەن ئىككى مىسرا شىئىر ئاشۇ ئاتمىشلىق يىللاردا قەشقەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپىدە ئوقۇغان ۋە ئىشلەگەنلەرنىڭ دىلىغا مۆھۈر بولۇپ باسىلىپ كەتكەن ئالتۇن پۇتۈك ئىدى گويا.

ئىلھامجان ئابلىمىت تولامۇ خۇش پەئىل، بەكمۇ خۇش مۇلاقات ئۇستاز ئىدى. دەرس ئارالىقىدىكى تەنەپپۇسلاردىمۇ توپ-توپ بالىلار ئۇنى قورشاۋالىپ، ئۇن-بۇنى سوراپ، سۆھبەت قىلىشقا ئامراق ئىدى. مەكتەپكە كەلىش-كەتىشلەردىمۇ ئۆزى يالغۇز ماڭىپ قالمايتتى. مەن شامالباغ يەزاسىدىن كىرىدىغان ئابدۇرەئوپ بىر نەچچە نۆۋەت ئەرتىگەنلىكى قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى ۋالىي مەھكىمە قوروسى دەرۋازەسى ئالدىدا، «مەكتەپكە ئىلھام مۇئەللىم بىلەن بىللە چىقىمىز» دەپ ساقلاپ تۇرغان ۋە بەئزىدە بەش-ئون نەپەر بولۇپ قالىدىغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارلارىغا قوشۇلۇپ، مەكتەپكە بىرگە چىققانىم ۋە «ئىلھام مۇئەللىمنىڭ سۆھبەتىنى ئوچۇق ئاڭلايمەن» دەپ، بىردەم بۇ تەرەپتىن، يەنە بىردەم ئۇ تەرەپتىن ئۇنىڭ يانىغا قىسىلىپ كىرىۋالغانلارىم تا ھازىرغىچە ئاق-قارا تارتىلغان سۈرەتتەك شۇنداق ئوچۇق يادىمدا بار.

ھەي،… قانداق گۈزەل چاغلار ئىدى-ھە ئۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى خۇددى ئىجىل تۇغقانلاردەك ئۆز ئارا ياتىرقاماس، شۇ قەدەر بىر-بىرىگە قىيماس ئىدى. مەكتەپ قوينى ئاشۇنداق ياش نەۋقىران ئىلىم ئاشىنالارىنىڭ، ئاشۇنداق ئىلىم سەۋدالارىنىڭ ئارزۇ سەيناسى، ئىز باسار ئەۋلادلارنىڭ ئىلمىي غايە ئۈچۈن تەمەسىز، مىننەتسىز ۋە ھىچ شەخسىيەتسىز ئىزدەنىش، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلىش مەيدانى ئىدى!

(3)

بىراق، «توقلۇقتىن شوقلۇق چىقىدۇ» دەپ، بەئزەن چاغلاردا ئۇستازلارنى رەنجىتىپ قوياتتۇق ئاڭلىق ئاڭسىز ھالدا. بۇ ئاشۇ مەن تولۇق ئوتتۇرا بىرىنچى يىللىقىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا بولغان ئىش:

5-ئاي مەزگىلى. چۈشتىن كەيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرس- بىئولوگىيە. دەرس مۇئەللىمەمىز توقسۇنلۇق گۈزەل خانىم مەريەم زۇنۇن ئىدى. دەرس زىلى چالىندى، سىنىپ ئىچى تولامۇ ۋاراڭ چۇرۇڭلۇق ئىدى. خانىم دەرسكە كىردى، ئورنىمىزدىن ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ تۇردۇق، ئىجازەتتىن كەيىن تەكرار ئولتۇردۇق. خانىم يوقلاما قىلدى، سىنىپ باشلىقى بار-يوق ھەققىدە راپور (دوكلات) بەردى. ئاندىن، خانىم: «بۈگۈن ياڭى دەرس ئۆتىمىز» دەۋەتىپ،  شۇ كۈنى سۆزلەنىدىغان دەرسنىڭ ماۋزۇسىنى دوسكاغا چىرايلىق قىلىپ يازدى. مۇشۇ جەرياندىمۇ نەمىشكەدۇر، سىنىپ ئىچى تىنچىمادى، ئۇ يەردە كۇت-كۇت، بۇ يەردە پىس-پىس. بۇ ھالدىن خانىم جىلى بولۇپ، ھىچقاچان كۆرۈلمەگەن بىر ئاچچىق بىلەن ۋارقىرادى:

– كىمىڭلەرنى كۆزۈڭلەرگە ئىلمايسىلەر-ھە؟ مەنىمۇ؟ بىزنىڭ يۇرتتا-چۇ، سىلەردەك قەشقەرلىقلەرنى «قاششاقلار» دەيتتۇق. مۇئەللىم بولۇپ، قەشقەرگە كەلىپ قالىش ئۇخلاساق چۈشىمىزگەمۇ كىرمەيتتى. بىراق، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كەيىن، تەشكىل تەقسىم قىلىپ، بىر مۇنچە خىزمەت ئىشلەگەندىن كەيىن، «ئۆز قارىنداشلارىمىزغا ئىلىم ئۆگرەتىدىغان ئىشكەن، بوپتۇ، خەيرىيەت، تەشكىلچىلىك» دەدۇق-دە، مىڭبىر تەرستە كەلگەنبىز بۇ يەرگە! مەنى ھۆرمەت قىلماڭلار بوپتۇ، ئەمما ئىلىمنى ھۆرمەت قىلىشىڭلار، ئىلىم-پەننىڭ يۈزىدىن بولسامۇ، دىققەتىڭىلارنى يىغىپ، دەرس ئاڭلاشىڭلار كەرەك ئىدىغۇ- ھە!؟

مەريەم خانىم سۆزلەگەنسەرى ھاياجانلانىپ، ئاخىرىدا، ئۆزىنى باسالماي، كىتاب-دەپتەرلەرىنى سومكاسىغا سالىپ، دەرغەزەب بىلەن، سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. ھەممەمىز ھاڭ-تاڭ بولۇپ، تۇرۇپلا قالدۇق. شۇ ئەسنادا، سىنىپ ئۆگرەنىش باشلىقى بولمىش مەن ئابدۇرەئوپ ئورنىمدىن دەس تۇردۇم:

– ساۋاقداشلار! بۇ نەمە قىلغانىمىز بىزنىڭ زادى-ھە؟ بىز…،- دەۋاتسام، سىنىپنىڭ ئىشىكى قايتا ئاچىلىپ، ئۇنىڭدىن مەريەم خانىم ئۆزىگە خاس جەسۇر قەدەملەرى بىلەن ماڭىپ كىرىپ، دەرس مۇنبەرىگە قايتا چىقتى. مەن باش بولۇپ، خانىمغا يۈزلەنىپ تۇرۇپ، چاۋاك چالدىم. مەنىڭ بىلەن بىر پارتادا ئولتۇرىدىغان ئۆزى تولامۇ شوخ ئەمما ھەققانىيەتچىلىكى بىلەن شۆھرەتلىك ساۋاقداشىم تۇرداجى ئابلىز ئورنىدىن دەس قوپۇپ ماڭا يانداشتى. ئارقادىن، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوتتۇز بەش نەپەر ساۋاقداش، ھەممەمىز ئورۇنلارىمىزدىن تۇرۇپ، مەريەم خانىمنىڭ قايتادىن دەرس مۇنبەرىگە چىققانلىقىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈپ، ئەڭ ئاز ئىككى مىنۇتچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتۇق. بۇ ئالقىش ئەمەلىيەتتە، پۈتكۈل سىنىپ كوللىكتىپى ئۆزلەرىمىزنىڭ قىلمىشىغا خىجىللىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز، خانىمدىن ئەپۇ سوراشىمىز ئىدى.

– رەھمەت سىلەرگە،- دەدى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن مەريەم خانىم،- مەنمۇ باياتىن ئەيتقان قوپال سۆزلەرىم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن! ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەمەگەن، ئەزىزلەمەگەن ئەۋلاد ئىستىقبالسىز ۋە ئۈمىدسىز ئەۋلادتۇر. ئىشىنىمەنكى، سىلەر ئۇنداق ئەۋلادلار ئەمەس. مەن سىلەرگە چىداماي، قايتىپ كىردىم!

سىنىپتا، يەنە بىر مەرتىۋە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرادى. ھايال ئۆتمەي، دەرس سۆزلەندى. بۇ دەرس ئۆمرۈمىزدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر دەرس بولۇپ قالدى.

مەن ساۋاقداش بولغان مەزكۇر ئوتتۇز تۆرت ئوقۇغۇچىنىڭ تەڭدىن تولاسى گەرچە كەيىنكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ كاساپەتىدىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيالماغان بولسامۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچبىرسى جەمئىيەت داشقاللارىدىن بولۇپ قالمادي. بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممەسى ئۆز چاملارىنىڭ يەتىشىچە ئىش-خىزمەت تاپىپ ئىشلەپ، ھالال ئەمگەكلەرى بىلەن جەمئىيەتكە تەگشلىك تۆھپەلەرنى قوشۇپ ياشادى. شۇ چاغدىكى تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقداشلارىدىن قايسىبىرلەرىمىز، قاچان ۋە قەيەردە بولماسۇن ئۇچراشىپ، كۆرۈشۈپ، ھال-مۇڭ بولغان چاغلارىمىزدا، ئاشۇ مەريەم خانىم بىزنى تەنقىدلەگەن دەرسنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى ئۇنۇتمادۇق. چۈنكى، بىزنىڭ مەريەم زۇنۇن خانىمىمىز ۋە بىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئۇستازلارىمىز ھەقلىق ئىدى: ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەمەگەن، ئىلىم-مەئرىپەتنى ئىززەتلەمەگەن ئەۋلاد كەلگۈسىدىن ئۈمىد يوق ناكەس ئەۋلادتۇركى، بىزنىڭ بالالارىمىز، بىزنىڭ نەۋرەلەرىمىز بۇ تەنبىھ سۆزنى مەڭگە ئەسلەرىدىن چىقىرىپ قويماسلىقلارى لازىمدۇر. مەنىڭ بۇ ئەسلەمەلك چاتما ئەدەبىي خاتىرەنى يازىشتىن مۇراد-مەقسەتىممۇ دەل شۇدۇر!

(4)

مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە سىنىپ ئاتلاماي ۋە سىنىپ تاشلاماي بىر سىنىپ-بىر سىنىپتىن ئوقۇپ چىققان ئادەم بولۇپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ-تىرماشىپ غەنىيمەت پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش، ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئىلم ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولۇش ئەمەلىيەتىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر ئادەممەن. چەتئەللىكلەرنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلشتا، زادى نەمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش نەتىجەسىنىڭ بولۇشىنى مۇتلەق شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي ھايات ئەمەلىيەتىم بىلەن سالىشتۇرۇپ، شۇنداق بىر يەكۈن چىقاردىمكى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ھەقىقەتەنمۇ سىستىمالىق مائارىپ بىلىملەرىنىڭ جۇغلانما مەيدانى، ئالىي بىلىم مەنزىلىنىڭ ئۆرلەش نۇقتاسى ئىكەن. ئەگەر بىز مۇشۇ نۇقتانى ئىدراكىمىز بىلەن تونۇپ يەتكەن تەقدىردە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىمۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئاڭىمىز ۋە باش تارتىپ بولماس بۇرچ تۇيغۇمىز بىلەن بۇ مەزگىلدىكى مائارىپنى قەدىرلەشىمىز ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشىمىزگە توغرا كەلىدىكەن.

بىز تولۇق ئوتتۇرانى ئوقۇغان ئاشۇ ئاتمىشلىق يىللاردىكى ئۆز ئەھۋالىمىزدىن ئالىپ ئەيتساق، شۇ دەۋر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى ئۆز ئەمەلىيەتىمىز بىلەن گەۋدەلەندۈرەلەگەن ئىكەنمىز. ئالايلۇق، ئالدى بىلەن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز سەرخىل ئىدى. ئاساسلىق دەرسلەرنى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يۇقىرى مەئلۇماتلىق ئۇستازلار ئىدى. مۇئەللىملەرىمىز ئۆز خىزمەتىدە تولامۇ قىزغىن ۋە مەسئۇلىيەتچان ئىدى. ئالايلۇق، بىزنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز يۈسۈپجان ھەر قاتىملىق دەرسنىڭ ماۋزۇسىنى خەنزۇچەمۇ يازىپ بەرەتتى. مەسىلەن، «ھەرىكەتنىڭ تىزلىكى» دەگەن ماۋزۇنى سۆزلەگەندە، ئۇيغۇرچە ماۋزۇغا پاراللىل قىلىپ، 运动的速度 دەگەن بەش خەتنىمۇ يازىپ، ئۇنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىڭ ھەممەسىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش، ئوقۇغۇچىنى ياڭى-ياڭى بىلىكلەر ئارقالىق، ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە يەتەكلەش پۈتۈن مەكتەپتە، ئومۇمىيەتلىك ئەھۋال ئىدى.

ئوقۇغۇچىلارمۇ يالقاۋ، ھورۇن، سۆرەلمە ئەمەس ئىدى. مەن گەرچە  «ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ھەل قىلغاچ ئامىل ئوقۇتقۇچى» دەپ قاراساممۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا ماسلاشىش روھىنىڭ كەمچىل ياكى يەتىك بولۇشىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ ئىكەنلىكىگە سەل قارامايمەن. ئۇ چاغدا، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارىمىزنىڭ دەرس سۆزلەش مىتۇدى يۇقىرى، بالالارنى قىزىقتۇرۇش ماھارەتى يۈكسەك ئىكەنلىكىدە گەپ يوق، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن بولسا كەرەك، ئوقۇغۇچىلار ئۆگرەنىشتە ئەجەب تىرىشچان، ھەممە بىلىكلەرنى مۇشۇ بىر دەۋر، بىر ۋاقىتتالا ئۆزلەشتۈرىۋالىشقا ئالدىراۋاتقاندەك ئىنتىلىشچان ئىدى. ئىككىنجى، ئۈچىنجى يىللىقتىكى بالالار ئىچىدىن كۈتۈبخانىدىن خەنزۇچە كىتاب ئارىيەت ئالىدىغانلار، دەم ئالىش ۋاقىتلارىدا، خەنزۇچە «参考消息 پايدالانىش خەۋەرلەرى» نى مەيدەسىنى كەرىپ كۆرەڭ ئولتۇرۇپ، باشقالارغا كۆرسەتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ كەتىدىغانلار خەلى سالماقنى ئىگەلەيتتى.

مەكتەپ مەئمۇرىيەتى ئۆگرەنىش نەمۇنەچىلەرىنى بايقاشقا ۋە ئۇلارنى تەشكىللەپ، ئۆگرەنىش تەجرىبەسىنى سۆزلەتىپ، ئاكتىپ ئوقۇغۇچى ئارقالىق، پاسسىپ ئوقۇغۇچىنى يەتەكلەشكە بەك ئەھمىيەت بەرەتتى. مەن كەيىن ئاشۇ ئانا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولغان كامىل ياقۇپنىڭ ئۆزى 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان 1963-يىلنىڭ ئىككىنجى مەۋسۇمىدا، مەكتەپ بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، بىزدەك بىرىنجى يىللىق نۆۋەسلەرگە تەجرىبە تونۇشتۇرۇپ كەلىپ: «مەن ھەر كۈنى مەكتەپكە كەلگەندە ۋە مەكتەپتىن قايتقاندا، يولنىڭ ئىككى تەرەپىدىكى تاملارغامۇ، ياڭىدىن بەكىتىلگەن ۋىۋىسكا ۋە يول كۆرسەتكۈچلەرگەمۇ دىققەت بىلەن قاراپ ماڭىمەن. ئۇ تام ۋە بەلگە تاختالارىغا يازىلغان خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇشقا تىرىشىمەن. بىلمەيدىغان خەتلەر بولسا، ئۇلارنى كۆچۈرىۋالىپ، كەيىن لۇغەت ئاختۇرۇپ تاپىمەن. شۇنداق قىلىپ، بىلگەن خەت سانىمنى بىردىن-بىردىن ئاشۇرۇپ ماڭىمەن» دەگەنلەرى ھەلىمۇ ئەسىمدە.

يارىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت بۇرۇنقى بۇ كارتىنالارنى ئەسلەش ئارقالىق دەمەكچىمەنكى، ئىنساننىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئون تۆرت-ئون بەش ياشلىق چاغى ئەمەلىيەتتە، زىھنى بەرق ئۇرۇپ ئاچىلغان، پىكىرى ئۇچۇرما بولۇشقا ھازىرلانغان، ئۆگرەنىش ئىرادەسى بولسالا ھەر قانداق نەرسەنى ئۆگرەنەلەيدىغان، ئوقۇش غايەسى بولسالا ئۆزىگە ئىقبال يولى ئاچالايدىغان تولامۇ مۇھىم بىر ئىلىم ھاياتى ئۆرتەڭى ئىكەن.

ھالبۇكى، ئاتا-ئانالار، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسەتىگە ئەرىشكەن ئەۋلادلار بۇ نۇقتاغا يەتىك ئەھمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلسالا، ئىليم ھاياتى ئۇلارنى مول ھوسۇل بىلەن تارتۇقلاغۇسى، ئەلبەتتە!

(5)

شۇنداق قىلىپ، 1963-يىل 9-ئايدىن باشلاپ، بىر يىلدا بىر سىنىپ ئاتلاپ، ئوقۇ-ئوقۇ ئاخىرى تولۇق ئۈچىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدۇق. ھەتتا، ئۈچىنجى يىللىقنىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇپ، نورمالدىكى ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىزنى تولامۇ ئوبدان نەتىجەلىك ئۆتكۈزدۇق. بىراق، 1966-يىل 6-ئايدا، بىز مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى دەگەنلەرنىمۇ تۈگەتىپ، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىنىدىغان ئىمتىھان (ئۇ چاغلاردا، بىز ئۇنى <دۆلەتلىك ئىمتىھان> دەيتتۇق)غا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھەر قايسى گەزىتلەردە «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يارىم يىل كەچىكتۈرۈلدى» دەگەن دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ قارارى ئەلان قىلىندى. بۇ ئەمەلىيەتتە، شۇ چاغدىن تارتىپ، تاكى 1976-يىلغىچە ساق ئون يىل داۋاملاشقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ باشلانىشى ئىكەنلىكىنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدەلا بىلىپ كەتىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ نابود قىلغانى ئالدى بىلەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسى بولدى. ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار ساسىق بۇرژۇئازىيە ئۇنسۇرى قارالىپ، تارتىپ چىقىرىلىپ، كوچالاردا سازايى قىلىندى. ئالدى بىلەن مەكتەپلەر، ئاندىن پۈتكۈل جەمئىيەتتە، چوڭ خەتلىك گەزىت چىقىرىپ بىر-بىرىنى قارالاش، ياخشىلارنى، ياخشى ئىشلارنى يوقاتىش ھەدەپ كەتتى. ئۇ «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يارىم يىل كەچىكتۈرۈلدى» دەگەن ھۆكۈمەتمۇ ئۆزىنى باشقۇرالماي قالدى، يارىم يىل ئۆتۈپ، بىر يىلمۇ بولۇپ قالدى.

دەسلەپتە، «ئەلەم كۈرەشى قىلماي، قەلەم كۈرەشى قىلىڭلار» دەگەن شوئار ھۆكۈمران ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مەزكۇر شوئار ئۆز قىممەتىنى يوقاتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى «قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەلەم بىلەن قوغدانىڭلار» دەگەن شوئار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەلەپ كەتتى. يەزا-قىشلاقلاردىكى دىھقان-چارۋىچىلاردىن تارتىپ، ھەر ساھە خەلقى قالايمىقانچىلىقتىن پايدالانىپ تورغاچ ئوغۇرلاشقا ماھىر ئەسكى ئادەملەرنىڭ كاتتاباشلىقىدا، نەيزە-كالتەك، ھەتتا مىلتىقلار بىلەن قوراللانىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئاتىشىدىغان، بىر-بىرىنى كۆرسەلا، ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ئاتىلىپ بارىپ بوغۇشىدىغان بولۇپ كەتتى. ئىستىقبالدىن ھىچ ئۈمىد يوق بۇ ئىنقىلابنى كۆرۈپ ئىسەنكىرەپ قالغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردىكى ئۇرۇش-سوقۇش تەشكىلاتلارىدىن چەكىنىپ چىقىپ، باشقا تىرىكچىلىك يوللارىغا كىرىپ كەتىشتى. شۇ قاتاردا، مەنمۇ ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەتىمنى ساقلاپ قالغان ھالدا، مەكتەپتىن چەكىنىپ چىقىپ، 1967-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، موزدۇزلۇققا شاگىرت بولدۇم.

مەنىڭ ئۇستام، مەندىن بۇرۇنراق مەكتەپتىن چىقىۋالىپ، موزدۇزلۇق كەسپىنى ئۆگرەنگەن بىر سىنىپ ساۋاقداشىم ئابدۇكەرىم ئىبراھىم ئىدى. ئابدۇكەرىماخۇن ئۇستام شۇ چاغدا، قەشقەر شەھىرى ئەنجان كوچاسى بىرىنچى گۇرۇپپا 021-نومۇرلۇق بىر ئاغىزلىق ئۆيدە يالغۇز ياشايدىغان ھامماسى رەۋىخاننىڭ بىر دالان ئۆيىنى دۇكان قىلىپ ھۈنەر قىلاتتى. مەنىڭ شاگىرت بولۇپ كىرىشىم بۇ بىر ئاغىزلىق تار ئۆينى تەخىمۇ تارلاشتۇرىۋەتكەنلىكى ئانىق. ئەمما، بىزنىڭ ساۋاقداشلىق مىھرىمىزنى مەنبە قىلغان كۆڭلىمىز تولامۇ كەڭ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەۋىخان ھامما كاشغەر ئاياللارىغا خاس ئوچۇق كۆڭۈل، كەڭ قورساق مەردانە ئايال ئىدى. «كەل، بالام، ئابدۇرەئوپ! ئەمدى مەنىڭ ئىككى ئوغلۇم بولدى مانا، ھەرگىز تارتىنما!» دەپ قارشى ئالدى مەنى. مانا بۇ ئۇنىڭ مەن بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە ئەيتقان سۆزى.

بۇ ھالدا، مەنمۇ نىزىقاپ ئولتۇرمادىم. پۇت-قولۇمنى چاققان قىلىپ، ئۇستام نەمە بۇيرۇسا شۇنى قىلدىم. رەۋىخان ھامما نەمە دەپ تەكلىپ بەرسە، قۇلاقىمنى يۇمشاق قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئىش (يەنى ئۆتۈك-بەتىنكە) تارتقاندا (قالىپقا كىيدۈرگەندە) ئىشلەتىپ، تىكىكتىن كەيىن ئۇلارنى سۇغۇرىۋەتكەن چاغدا، ئەگىلىپ كەتكەن مىقلارنى تۈزلەش، رەخت (ئۆتۈك-بەتىنكە تىكىش ئۈچۈن ئىشلەتىلىدىغان خۇرۇم، كۆن ۋە شاۋرۇن قاتارلىقلار)كە سۇ پۈركۈپ ھاۋا بەرىشتىن باشلاپ، ئىش تىكىش، پاشنا مىقلاش، پاشنا ۋە چەم چۆرەسىنى سۈزۈش، پومۇل قىزدۇرۇش، ئىش پەردازلازش ۋە ئىشنى قالىپتىن تارتىپ چىقارىشقىچە بولغان پۈتكۈل موزدۇزلۇق ھۈنەر تەخنىكاسىنى بىردىن-بىردىن ئۆگرەندىم.

ئۆز ساۋاقدىشىم بولمىش بۇ ئۇستام مەنىڭ ھۈنەرگە ئائىت ھەر بىر ئىشنى ئۆگرەنىشتە، جۈرئەتلىك ئەمما ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولۇشۇمنى تەلەپ قىلاتتى. مەن ئالىمادىس سادىر قىلغان كىچىكىنە بىر سەۋەنلىككەمۇ «بوپتۇلا» دەپ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلمايتتى. قوشۇماسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ، سەۋەنلىكنىڭ نەمە ئۈچۈن سادىر بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوغۇق قانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈرەتتى. بۇ خىل ئەئلا مۇئامىلە ۋە ئەۋزەل شارائىت مەنىڭ موزدۇزلۇق ھۈنەرىنىڭ ئاساسىي تەخنىكاسىنى نىسبەتەن تىز سۈرئەت ۋە قىسقا پۇرسەتتە ئۆگرەنىۋالىشىمنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

1968-يىلنىڭ كەچ كۈز مەۋسۇمى ئىدى. مەن شاگىرتلىققا كىرىپ ساق بىر يىل بولغاندا، «ئەمدى، ئۆزۈڭ مۇستەقىل ئىش قىلساڭ بولىدۇ، ساۋاقداش شاگىرت!» دەدى ئابدۇكەرىماخۇن ئۇستام بىر جۈمەدىن قايتىپ كەلگەندىن كەيىن سەمىمىي قىياپەتتە. بۇ ئۇنىڭ مەنى دۇككان ئايرىپ قويۇشى ئىدى. خۇددى شاگىرتلىققا كىرگەن چاغدا، تەنتەنەلىك شاگىرتلىققا كىرىش مۇراسىمى بولماغانىدەك، دۇككان ئايرىغاندامۇ ھىچبىر داغدۇغالىق دۇككان ئايرىش رەسمىيەتى قىلمادۇق. ئەمما، ئىككىمىز شۇ كۈنلۈك چۈشتىن كەيىنلىك ئىشىمىزنى تاشلاپ چىقىپ، كاشغەر شەھىرىنىڭ كىندىكى بولمىش ئوردا ئالدى بازارىدىكى بىر قەدىمىي چايخاناغا كىرىپ، پاقلان گۆشىدىن قىلغان. چەينەك شورپاسى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ئولتۇرۇپ، چاي ئىچتۇق، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا مۇڭداشتۇق.

– مەن سەنىڭ بىر ئۆمۈر موزدۇزلۇق قىلىپ ئۆتۈدىغانلىقىڭغا مۇتلەق ئىشەنمەيمەن،-دېدى ئابدۇكەرىماخۇن ئۇستام مۇڭداشىش ئەسناسىدا قەتئىي قىلىپ،- بىلىمەن، سەنىڭ ئەس-يادىڭ ئالىي مەكتەپلەردە، ئارمانىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، زامانىۋى بىلىم ئالغان بىر زىيالىي بولۇشتۇر. ئەمما، ساۋاقداشىم سەنمۇ بىلىسەن ھەر ھالدا، ئۇيغۇردا: «بىر ئەركەك ئوغۇل بالاغا ئون خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ» دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. سەن شۇ تۇرۇقتا، موزدۇزلۇق ھۈنەرى بويىچە باشلانغۇچ ساۋات چىقاردىڭ، يەنى ئاساسىي بىلىم-تەخنىكالارىنى ئاساسەن بىلدىڭ. ئۈمىدىم: ھۈنەرنى تاشلاۋەتمە، ئىدىتلىق بول، سەۋرچان بول، تىرىشچان بول!

مەن ئابدۇكەرىماخۇن ئۇستامنى نائۈمىد قويمادىم. دۇككان ئايرىغاندىن كەيىنمۇ، پات-پات كىرىپ ئۇنىڭدىن بەزەن ئىنچىكە تەخنىكالارنى ئۆگرەنىشنى توختاتىپ قويمادىم. ئۇستاممۇ مەنى تاشلاۋەتمەدى. مەن ئۆز ئالدىمغا مۇستەقىل ھالدا تىكىپ پۈتتۈرگەن بالا ئۆتۈك (ئۇششاق بالالار ئۆتۈكى) ۋە توپلىيلارنى بازارغا ئالىپ كىرگەن چاغلارىمدا، ئۇستام خەلى بىر مەزگىلىچە، ئۇلارنى ئۆزى تىكىپ تەييارلاغان ئىشلەرى قاتارىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ پەشقەدەم ئۇستاملىق سالاھىيەتى بىلەن تونۇشقان چوپقەتلەرىگە مەنىمۇ تونۇشتۇرۇپ، مەنىڭ ئەمگەك مەھسۇلاتلارىمنىمۇ ئۆز ئىشلەرى قاتارىدا ساتىشىپ بەردى. بۇ خىل ياردەمنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ھۈنەر ئۆگرەنىپ، دۇككان ئايرىغان كاسىپلار بەكمۇ ئوبدان بىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئىگەلەۋالغان ئۈچ يىلىنىڭ ئىككىسىنى موزدۇزلۇق ھۈنەرى ئۆگرەنىش ۋە شۇغۇللانىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى يىلنىڭ ماڭا ئۆگرەتكەنلەرى ئاز بولمادى. ئۇلاردىن مەنىڭ ھاياتىمنىڭ كەيىنكى باسقۇچلارى ئۈچۈن تەئسىر كۆرسەتكەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ مۇھىمىنى دەسەم، مۇناسىۋەتلىك خام ماتىرىياللار ئارقالىق، بىر ياپ-ياڭى نەرسەنى ياساپ چىقىشنىڭ، يەنى بىر نەرسە ئىجاد قىلىشنىڭ- ئىجادىيەتنىڭ نەقەدەر قىيىن، نەقەدەر مۈشكۈل ۋە نەقەدەر زىل ئىش ئەمما، ئۇنىڭ ئۆز نۆۋەتىدە يەنە نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ۋە ئىنساننى ھاياجانلاندۇرارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە نەق پايدا-زىيانى بىلەن تونۇتتى ماڭا. ئۇ مەنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس ئىككى يىلدۇركى، ھەلىھەم ئويلاسام، شۇ ئاپەتلىك يىللاردا، ئۆمرۈمنى زايا قىلماي، ھاياتىمنى ئەھمىيەتلىك ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈمدىن رازىمەن بولۇپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمۈلىمەن!

(6)

1969-يىل 9-ئايدا، مەكتەپ جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1963-يىل ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممەسىنى مەكتەپكە يىغدى. مەخسۇس چوڭ يىغىن ئاچىپ، بىزنىڭ ئەمدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىمىزنى ئەلان قىلدى. ئارقادىن، مەركەزدىن كەلگەن «يەزا قىشلاقلار پايانسىز زەمىندۇر، ئۇ يەردە، نى نى ئىشلارنى قىلغالى بولىدۇ» دەگەن ئالىي يوليورۇقنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىزنى يەزا-قىشلاقلارغا بارىپ، دىھقانلارنىڭ يەتەكچىلىكىدە، ئەمگەك قىلىپ چەنىقىشقا پەرمان قىلدى ۋە خاس رەسمىيەتلەر بىلەن جاي-جايلارغا تەقسىم قىلدى.

مەن ئۆز يەزام – قەشقەر شەھىرى شامالباغ يەزاسى بىرىنچى كەنتكە تەقسىم قىلىندىم ۋە بۇ يەردە، تاكى 1972-يىلنىڭ 9-ئايىغىچە، زىيالىي ياش سالاھىيەتى بىلەن دىھقان بولۇپ، يەزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارىش ئەمگەكىگە قاتناشتىم، ئەمگەك بىلەن چەنىقتىم.

دەرۋەقە، بۇ ئەمدى يەنە باشقا بىر ھىكايەدۇر.

2020-يىل 7-فەۋرال

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top