• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئـانـا

ئـانـا

ئانا …
قۇياش مۆككەن سېنىڭ قوينىڭغا،
جەننەت نېمە تەبەسسۇمىڭغا.
بىر بۈگۈننى ئەتىگە ئۇلاپ،
چۆگىلەپ بارار، يادرو قىپ دۇنيا.

ئانا سەن كەتتىڭ، مېنى چەكسىز ئۈكۈنىش، پۇشايمانغا دوست قىلىپ قۇيۇپ كەتتىڭ. ئەمدى يىغلاپ بېشىمنى تاشقا مىڭ ئۇرساممۇ سېنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمەن. پەقەتلا يۈرىكىمنى چىرمىۋالغان پۇشايمانلىرىمنى مۇنۇ بىچارە كۆزلىرىمنى مانال قىلىشتىن باشقا مەندە نە چارە بولسۇن!
سەن دائىم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ: جېنىم قوزام سەن مېنىڭ پەرىشتەم، سەن مېنىڭ پۇت -قۇلۇم، سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم، شۇڭا ئاناڭنىڭ ئارزۇ ئۈمۈتلىرىنى قەلبخانەڭگە مەھكەم مۆھۈر قىلىپ كوكتە پەرۋاز قېلىشىڭ كېرەك، _ دەپ، مېنى ئاشۇ پەرىشتىگە ئوخشۇتاتتىڭ. مېنى بۇ دۇنياغا بىر ئۈلۈم بىر كۆرۈم بىلەن ئاپرىدە قىلغاندىن باشلاپ، پۈتۈن ھوجودىڭ بىلەن ماڭا ئۆز ئەجرىڭنى سېڭدۈردىڭ. ۋۇجۇدۇڭنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جەۋھىرى-ئوغۇز سۈتىنى ماڭا بەردىڭ، ماڭا تۇنجىى بۇلۇپ ‹ئانا› دىيىشنى ئۆگەتتىڭ. ‹ئائىلە بىرىنچى مەكتەپ› دەپ، سەن ماڭا نىمىنى ئۆگەتسەڭ شۇنى ئۆگەندىم. سەن ماڭا قان بەردىڭ، سۈت بەردىڭ، تىل ئۆگەتتىڭ، سەن ‹قارا› دىگەننى‹ قارا› دىدىم، ‹ئاق › دىگەننى ‹ئاق› دىدىم.

مۇشۇنداق قىلىپ بارا-بارا چوڭ بولدۇم، سېنىڭ بىر چاغلاردىكى لېۋەن ياشلىق چاغلىرىڭغا ئوخشۇدۇم. سەن ماڭا مۇھەببەتنى، نەپرەتنى ھېس قىلدۇردىڭ. سۆيەلەيدىغان، نەپرەتلىنەلەيدىغان، كۈلەلەيدىغان، يىغلىيالايدىغان، شۇنداقلا گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقالايدىغان، ئاپتاپتەك كۈلۈپ قۇياشتەك تەبەسسۇم قىلالايدىغان قىلىپ تەربىلىدىڭ. ھايا، ئەخلاق شۇنداقلا قىزلىق نازاكەتنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە قەيسەر ئىرادە، قارشىلىق كۆرسۈتۈش روھىنى ئۈگەتتىڭ. ئەرلەر بىلەن مەرتىۋە، ئورۇن، دەۋاسى قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئۈن -تىنسىز قۇربان بېرىشلەر داۋامىدا، سەل قاراشلار داۋامىدا يوقىلىشقا يۈزلەنگەن كىشىلىك قەدىر- قىممەتنى كۈرەشچان روھنى، يېڭى ھاياتى كۈچكە تولغان ئىجادى خىسلەتنى تىكلەشنى ۋە ئۇنى بېيىتىشنى ئۆز مېھر- مۇھەببىتىمىنىڭ مەڭگۈلۈك دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈگەتتىڭ.
ماڭا ساختا گۈزەللىك،ساختا شۆھرەتپەرەسلىك دۇنياسىنى تۇنۇشتۇرماي، ئىللىقلىق، يۇرۇقلۇق، بەخت جىلۋىسىنى پارلىتىشنى تۇنۇشتۇردۇڭ. بۇنىڭلىق بىلەن قەلبىم يۇرۇپ، سېنىڭ ئەجىر توھپەڭدە دېمىسىمۇ ساغلام، شەرمى -ھايالىق، نازاكەتلىك، ئېرادىلىك، قەيسەر قىز بۇلۇپ چوڭ بولدۇم. ھەم سېنىڭ ئەجىر توھپەڭنىڭ تۈرتكىسىدە گۈزەللىكنىڭ نېمىلىكىنى، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنىپ يەتتىم.

مانا ئەمدى ئىنساننىڭ بەخت بۆشىكى، جەننەت ماكانى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىللىق ئائىلەممۇ بار بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ماڭا قىلغان مېھنەتسىز تەرىڭنىڭ بەدىلى ئەمەسمىدى؟!
قايسى بىر كىتاپتىن ‹ئاتا –ئانىلار ئېسىل بالىلارنى تەربىلەيدۇ، ئوخشاشلا مۇنەۋەر پەرزەنتلەر ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى يېڭى زاماننىڭ خوشاللىقلىرىغا شېرىك قىلىدۇ› دەپ كۆرگەن ئىدىم. دىمىسىمۇ ئەمدى سېنى شۇ خوشاللىقلارغا شېرىك قىلاي دىگەندە، ۋاقىتسىزلا كېتىپ قالدىڭ.
كونىلارنىڭ <مەن كۈيەرمەن بالامغا، بالام كۈيەر بالىسىغا > دىگەنلىرى ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن. سەن مېنى تەربىلەپ جەمىيەتكە بىر كىشلىك ئادەم قىلدىڭ، سېنىڭ ئارزۇيۇڭ بۇيىچە مەنمۇ بەختلىك ئائىلەمدە ئۆز مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلىپ، ئۇماق پەرزەنتلىرىمنى ئەخلاقلىق، ئىرادىلىك قىلىپ تەربىلەشكە بەل باغلىدىم. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىلگىركىدەك سېنىڭ ھالىڭدىن كۈندە خەۋەر ئالالمىدىم، كۈندە قېشىڭدا تۇرۇپ پۇتۇڭغا پۇت، قۇلۇڭغا قول بۇلالمىدىم. پەقەت ۋە پەقەت قۇلۇمدىن كەلگىنى شۇ بولدىكى، كۈندە نەچچە رەت تېلفۇندا ھالىڭنى سوراپ، ھەپتە ئاخىردا يېنىڭغا بارالىدىم خالاس. سەن يولىمغا تەلمۈرۈپ، ھەپتە ئاخىرىنىڭ تېزراق كېلىشىنى كۈتۈپ، ئىشىكتىن كۆزىڭنى ئۆزمەي ئولتۇرغان ۋاقتىڭدا، مەن بالىلىرىم، ئۆز ئۆيۈم ئۈچۈن پاي-پېتەك بۇلۇپ يۈرگەن ۋاقتىم بولدى.

بىلەمسەن ئانا، ئانا بۇلۇپ سېنىڭ نەقەدەر قەدىرلىك، ئۇلۇغ ئىنسانلىقىڭنى بىلىپ يىتىپ، ئەمدىلىكتە ساڭا جاۋاپ قايتۇراي دىگەن ۋاقتىمدا، قەلبىمنى پۇشايمانغا نايىل قىلىپ قۇيۇپ كېتىپ قالدىڭ. مەن تېخى سېنى ئېلىپ جاھاننى بىر چۆگۈلتۈپ جاھاندىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆز كۆزىڭ بىلەن كۆرسىتىپ كەلمىگەن ئىدىم …
سەن مەن ئۈچۈن، مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، مۇشۇ بوۋامدىن مىراس قالغان كېچىككىنە ئىككى ئېغىزلىق كېسەك ئويدىن ھېچ يەرگە بېرىپ باقمىغان، پەقەتلا تېلۋىزوردىن جاھاننىڭ تەرەققىياتلىرىنى كۆرگەن ئىدىڭ ئەمەسمۇ؟! سەن ئۈچۈن يەنە. يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى كوڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم، ئەپسۇس. ئەمدى دىگىنىمنىڭ نىمە ھاجىتى قالدى؟!
لېكىن ئانىلارنىڭ كۆڭلى-كوكسى نىمانچە كەڭ بۇلىدىغاندۇ؟ سەن قىلچىمۇ مەندىن ئاغرىنمىدىڭ، بەلكى مەندىن رازى ئىكەنلىگىڭنى دېدىڭ. ئەڭ ئاخىرقى نەپسىڭدىمۇ ئىنساننىڭ قەدىرلىكلىكىنى، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، ھاياتنىڭ قىسقا ھەم تولىمۇ بىباھالىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇپ كەتتىڭ …
ئانا، خاتىرجەم كېتىۋەرگىن. تاش تېپىشنى بىلگەن ئەۋلادنى پۇتبول چولپىنى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقالىغۇدەك بىر پىشقان، تەقۋادار ئانا بۇلۇپ، پەرزەنتلىرىمنى جەمىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىلەشكە تېرىشىمەن. ھەرگىزمۇ تۇغما تالانتلىق خاسىيەتلىك پەرىشتىنىمۇ دالىدىكى گىياھتەك ئۈن-تىنسىز نابۇت قىلىپ تاشلىۋېتىدىغان بىر لايغەزەل ئانا بولمايمەن. بۇ سېنىڭمۇ، مېنىڭمۇ شۇنداقلا بارلىق دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ئارزۇسى!

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top