• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن

چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن

چاناققەلئە ئۇرۇشغا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياشلار پىدائى بولۇپ كىلىۋاتاتتى. يېڭى ئەسكەرلەرنى دەرھال تەربىيلەپ تىزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋاتاتتى. يۈز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرنى تەكشۈرۈپ يوقلىما قىلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ئەسكەرنىڭ چېچىغا خېنە قويغانلىغىنى كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سورىدى-
بالام، ئسمىڭ نىمە؟
– ئسمىم ھەسەن قوماندانىم.
– سەن نەدىن؟
– يوزغاتتىن.
– چېچىڭدىكى نىمە؟
– مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە قويدى.
– نىمىشقا؟
– مەن بىلمەيمەن قوماندانىم.
– ئۇنداق بولسا مەيلى، جايىڭغا بار.
ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ، تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى. چاناققەلئەدىكى ئۇرۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق شېھىتلەر بىرىلگەن بولۇپ دۆۋلەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا ۋەتىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ئاھ ۋەتەن دەپ چىققان بالىلار يىراق-يىراقلاردىن مېڭىپ ھەتتا بەزىلىرى يالاڭ ئاياق ھالەتتە چاناققەلئەگە كىلىپ پىدائى بولۇپ تىزىملىتىۋاتاتتى. كىچىك ھەسەن ئەنە شۇلاردىن برى ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى خېنە قويغان ھەسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ ئوينايدىغان بولدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى، ئاق كۈڭۈل، باتۇر ئىكەنلىگىنى بىلدى، ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى.
بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولدى. ساۋادى بولمىغاچقا دوسلىرىدىن ياردەم سورىدى ۋە ھەممىسى بىرلىكتە يازدى.
– جېنىم ئاپا. جېنىم دادا ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر… دەپ باشلىدى، مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئەكىلىتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازدى، ئۈزىدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلا، بىزلا بولىدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇرمايمىز… دەپ يازدى، غۇرۇر بىلەن خەتنى قاتلىدى. نەدىن ئەقلىگە كەلدى تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا نوت دەپ،- ئاپا، دادا مەندىن كىيىن ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار ھەرگىزمۇ چېچىغا خېنە قويماڭلار، مىنى قوماندانىم ۋە دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن دەپ يازدى.
كۈنلەر ئۈتۈشكە باشلىدى، چاناققەلئەنى تىزراق ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئېنگىلىسلار گېلىبولۇغا پۈتۈنكۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەسكەرلەت ئارقا- ئارقىدىن شېھىت بۇلۇشقا باشلىدى. ياردەمگە بارىدىغان ئەسكەرلەرمۇ قالمىدى. ھەسەننىڭ قىسمى دۈشمەنگە يېقىن ئىدى قۇماندان ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتى، نىمە قىلىشىنى بىلمەي تىپىرلاپ كىتىۋاتاتتى. چۈنكى ئەسكەرلىرى يېڭى كەلگەن بالىلار بولۇپ ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەھۋالى يوق ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ھەسەن ۋە سەپداشلىرى قۇماندانىدىن ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرىپ تۇرىۋالدى. قۇماندان كىچىك ھەسەنلەرنىڭ ئۈلۈمگە كىتىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ چارىسىزلىكتىن ئۇرۇشقا ئەۋەتتى.
گېلىبولۇ گويا قان كۆلىگە ئايلانغان ئىدى.كىچىك ھەسەننىڭ قىسمىدىن ھىچكىم ساق قالمىدى، ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى قۇماندان سىررى بەيگە بىرقانچە پارچە خەت كەلدى. ھەسەننىڭ يېزىسىنىڭ كاتىۋى خەتنى ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خەتلەر ئىچىدە ھەسەننىڭمۇ خېتى بار ئىدى. خەتتە ھەسەننىڭ دادىسى:
-جېنىم بالام ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ كالىنى ساتتۇق، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى مەن ھەيدەيمەن.
پۇلىسىنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز، بىزدىن جاتىرجەم بول.
ئانىسى:
– جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قۇيۇلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا دۇنيالار مىنىڭ بولدى، يېزىمىزنىڭ كاتىۋى ئۇقۇپ بەردى، مەن يىغلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك ياخشى دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما، ئوتقا كىر دىسە كىر. كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا چىقىشىپ ئۈتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە، ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر.
ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاخ سۈتۈمگە رازى ئەمەس. قۇماندانىڭ چېچىڭدىكى خېنىنى سوراپتۇ، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نىمە بار؟ بالام. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قۇربانلىققا ئاتىغان قوشقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار. مەن سىنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا تاللىدىم. جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن ئىنسانلار ئىچىدىن سىنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ جېنىم بالام دەپ يۈرىكىمگە باسىمەن دەپ ئاپاڭ خەلىچە.
قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياش تۈكۈلدى ئارقىدىن پوچتىچىغا- سىز بېرىپ خېنە ياققان ھەسەننى تېپىپ كىلىڭ بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بىرىمەن، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقۇيالمايدۇ دىدى. پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كىلىپ- قۇماندانىم ھەسەن بىر ھەپتە بۇرۇن ھېرە بۇرنىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ. قۇماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى، ئۈزىگە كەلگەندىن كېيىن- بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى، قۇربانلارخېنە قۇيۇلغان بۇلىشى كېرەك، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە قويغان…
ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر، بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى. شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان شىئىردە قۇماندانىغا بىرىدىغان جاۋاپ يېزىلغان:
ئانام قۇيۇپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ،
مەن بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان تۇغۇلدۇم.
ئانامدىن ئاللاھ غا ئاخىرقى بىر ھەدىيە،
قۇماندانىم، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم… .

كىچىك ھەسەننىڭ سەبداشلىرى

تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تەۋبە

مەنبە : بوزقىر تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top