• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -07

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -07

ماناس داستانىنىڭ داۋامى ۋە چىنگىزخان داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى› ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە تۈرك داستانلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان ‹ماناس داستانى› نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ‹چىنگىزخان داستانى› بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

داستاننىڭ “سەمەتەي” دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئاساسەن قەبىلىلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. قەبىلىلەر ئارىسىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقلار سەمەتەينىڭ قىياسقا يېڭىلىپ يوقاپ كېتىشىگە، سەيتەكنىڭ چەت يەرلەردە، ئىچكى دۈشمەنلەرنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلۈمى بولغان «سەيتەك» تە بولسا، خەلقنى پارچىلاپ، قەبىلىلەر ئارىسىدا جىدەل – ماجىرا پەيدا قىلغانلار ئېغىر شەكىلدە جازالىنىدۇ. داستان، خەلقنىڭ باراۋەرلىكىنى، تىنچلىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى خالايدىغانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. خەلقنىڭ مۇددىئا، ئىستەك، ئارزۇ ۋە تىلەكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بەقاي؛ ھەممە ئىشنى ئالدىن بىلەلەيدىغان كانىكاي، ئاياللارنىڭ ساھىبجامىلى ئايچۈرەك، قەھرىمان سەمەتەي ئۆلمەس سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ھالدا غايىب بولۇشىدۇ.

……………………………………………………………………………

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بىر مىليوندىن ئارتۇق مىسرادىن تەشكىل تاپقان ماناس داستانى ماناسقا ئىسىم قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەيۋىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىدۇ. مۇسۇلمان بولغان ئالمانبەتنىڭ ماناسنىڭ قېشىغا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ قېرىنداش بولغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ.

ئىنچىكىلەپ نەزەر سېلىنغىندا، بارلىق داستانلاردىكى قەھرىمانلاردا بىر غايە بولىدۇ. ماناس داستانىدىمۇ ماناسنىڭ غايىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ خەلقىنى بەختلىك، باياشات ياشىسۇن دەپ قارلىق داغلاردا يېتىپ قوپقانلىقى، ئېگىز قىيالارغا ياماشقانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

داستاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، خەلقنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەۋقۇلئاددە بىر ئېنسىكلوپېدىيە بولۇش بىلەن بىرگە، ھازىرقى كۈندىمۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىشىدۇر.

ب د ت پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) 1995- يىلىنى «ماناس داستانىنىڭ 1000- يىلى» دەپ قوبۇل قىلدى. 1995- يىلى 23- ئاۋغۇست بىلەن 31- ئاۋغۇست كۈنلىرى ئارىسىدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك ۋە تالاس شەھەرلىرىدە پۈتۈن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «ماناس داستانىنىڭ 1000- يىلى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ماناس داستانى، پەقەت قىرغىز تۈركلىرىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە «ماناس داستانىنىڭ 1000- يىلى» داغدۇغىلىق ھالدا تەبرىكلەندى.

قىسقىسى، ماناس داستانىنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

……………………………………………………………………………

ئوتتۇرا ئاسىيادا، تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدا 8- ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىقىپ راۋاجلانغان يەنە بىر داستان چىنگىزخان داستانىدۇر. بۇ داستان، مۇڭغۇل جاھانگىرى چىنگىزخاننىڭ ھاياتى، سالاھىيىتى، قولغا كەلتۈرگەن زېمىنلىرى ئەتراپىدا، شۇنداقلا چىنگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا ۋۇجۇدقا چىققان.

چىنگىزخان داستانىنىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرىدىن تاللانغان خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە:

چىنگىزخاننىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ بىرى ئوغۇزخاندۇر. چىنگىزخان، ئوغۇزغاننىڭ تۆتىنچى ئوغلى گۆك خاننىڭ نەسلىدىندۇر. ئەينى داستاندىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلاندا، ئوغۇزنىڭ ئاتىسى باكىر خان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇلجا خاندۇر. ئەبۇلجا خان داستاندىكى مەلۇماتلارغا كۆرە نۇھنىڭ ئوغلى ياپەستۇر.

چىنگىز خاننىڭ ئانا تەرەپ ئاتىلىرى ئالتۇن خانغا تۇتىشىدۇ. بۇ ئالتۇن خان، ئاق دېڭىز بويىدىكى مالتا دېگەن شەھەردە ئولتۇراتتى. ئالتۇن خاننىڭ خاتۇنى كەرلەۋۈچتى. خاننىڭ بۇ خاتۇندىن تولىمۇ ساھىبجامال بىر قىزى بولدى. بۇ قىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، تەبەسسۇم بىلەن قارىغىنىدا قۇرۇق شاخلار يوپۇرماق چىقىراتتى؛ قاغىجىراق يەرگە نەزەر تاشلىغىنىدا ئوت – چۆپلەر ئۈنەتتى. قىزغا ئۈلەمەلىك دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنى ھېچكىمگە ھەتتا ئاي ۋە قۇياشقىمۇ كۆرسىتىشمىدى. قىرىق غۇلاچ ئېگىزلىكتە تاشتىن ساراي سالدۇرۇپ، قىزنى ئۇ يەرگە سۇلىدى. ساراينىڭ ھەممە تەرىپى تاقىۋېتىكلىك ئىدى؛ قىز نە قۇياش نە ئاينى كۆرەلمەيتتى. يېنىدا ئوردۇ خان دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغىسى بار ئىدى.

قىز بىر كۈنى تاغىسىدىن: ‹بۇ سارايدىن باشقا دۇنيا يوقمۇ؟» دەپ سورىدى. تاغىسى: «دۇنيا سىرتتىدۇر ۋە دۇنيانى قۇياش بىلەن ئاي يۇرىتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. قىزىقىپ قالغان ئۈلەمەلىك، بىر كۈنى پەنجىرىسىنى ئېچىپ قۇياشقا قارىدى-دە، شۇ ئاندا ھەم ھوشىدىن كەتتى ھەم قۇياشتىن ھامىلدار بولۇپ قالدى.

ئالتۇن خان بىلەن ئايالى بۇ ئىشتىن نومۇس قىلدى. قىزلىرىغا 40 قىزنى قوشۇپ بىر ئالتۇن كېمىگە ئولتۇرغۇزۇپ دېڭىزغا قويۇپ بەردى.

ئۇ زاماندا ئوغۇزخاننىڭ نەسەبىدىن تۇرماۋۇل مەرگەن ئىسملىك بىر قەھرىمان ئوۋغا چىققانىدى. ئۇنىڭ شىبا سوقۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركمەن مۇھاپىزەتچىسى بار ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا كۆزى بار بولۇپ، ناھايىتى يىراق يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆرەلەيتتى. شىبا سوقۇر مەرگەنگە: “ناھايىتى يىراق يەردە بىر نەرسە بار. بۇ بىر ئالتۇن كېمىدۇر. سەن كېمىگە قارىتىپ ئوق ئاتقىن، ئېچىدە نېمە بولسا سېنىڭ بولسۇن، تېشىدا نېمە بولسا مېنىڭ بولسۇن” دېدى. ئەرتىسى كۈنى كېمە يېقىن يەرگىچە كەلدى. تۇرماۋۇل مەرگەن كېمىگە قارىتىپ ئوق ئاتتى. كېمىنىڭ ئىچىدىن گۈزەل قىز ئۈلەمەلىك چىقتى. مەرگەن بۇ قىزنى ئالدى.

قۇياش نۇرىدىن ھامىلدار بولۇپ قالغان ئۈلەمەلىك دەسلەپتە بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭغا دۇبۇن بايان دەپ ئىسىم قويدى. كېيىن، تۇرماۋۇل مەرگەندىنمۇ ئىككى ئوغۇل پەرزەنتى بولدى. ئۇلارغا بىلگۈدەي ۋە بۈدەنەدەي دەپ ئات قويدى.

دۇبۇن بايان چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا ئالانگۇۋا ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. دۇبۇننىڭ بۇ قىزدىن دەسلەپتە ئۈچ ئوغلى بولدى. لېكىن دۇبۇن ئۆلگەندىن كېيىن بىر نۇر سىزىقى بولۇپ قايتىدىن دۇنياغا كەلدى؛ ئالانگۇۋانى يەنە ھامىلدار قىلىپ قويۇپ، بىر كۆك بۆرە شەكلىگە كىرىپ چىقىپ كەتتى.

ئالانگۇۋانىڭ نۇر شەكىلدە كېلىپ، بۆرە شەكلىدە قايتىپ كەتكەن ئېرىدىن بولغان بۇ ئاخىرقى ئوغلى چىنگىزخان ئىدى. بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئالانگۇۋا ئېرىنىڭ روھى ئۈچۈن: “كۈن نۇرى بولۇپ چۈشۈپ، بۆرە بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ” دەيتتى.

ئۇ زاماندا قىپچاق قارا بەگ، تۈركمەن بەگ، ئۇرادۇچ بەگ دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ بەگ ئالانگۇۋادىن مەخپىي ھالدا ئۇنىڭ چېدىرىنى نازارەت قىلدى. تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا ئاسماندىن پارلاق بىر نۇرنىڭ چۈشكەنلىكىنى، ئۇ نۇر چېدىردىن يايلىلىق بىر كۆك بۆرە شەكلىدە چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

لېكىن قېرىنداشلىرى چىنگىزخاننى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىدى؛ ئۇنىڭ نۇردىن ئاپىرىدە بولغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى. ئانىلىرىغا: «ئېرى يوق خوتۇن ھامىلدار بولامدۇ؟ سەن ياكى سۇ ئىچىپلا ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان ساقالۇن دېيىلىدىغان ھايۋانمۇ؟ سەن قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقىدا ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان مانى دېيىلىدىغان قۇشمۇ؟ سەن ئورۇقلىرىڭ بار قوغۇن – تاۋۇزمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش ئېغىر سۆزلەرنى قىلدى. لېكىن بۇ تۆھمەتلەر نۇردىن بولغان بالىنى خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىۋېتەلمىدى. ئەكسىچە، چىنگىزخاننى بارلىق كىشىلەر تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ياخشى كۆردى. نۇر بىلەن كۆك بۆرىدىن بولغان چىنگىز، قېرىنداشلىرىنىڭ قولىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، كۈرلەن تېغىغا چىقتى.

ئۇ زاماندا تۈرك قەبىلىلىرى ۋەكىل ئەۋەتتى. ۋەكىللەر ئۇنى ئىزدەپ تاپتى ۋە چىنگىزنى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ تىكلىدى. ئالتە قەبىلىنىڭ بەگلىرى يىغىلدى. ئالانگۇۋادىن چىنگىزنىڭ ئورنىنى بىلدى.

بوز ئالتى، ئاق ئۇربالىق، ئالتۇن قالپاقلىق ۋە ئالتۇن ساداقلىق چىنگىزنى تونىدى. توققۇز قەبىلىدىن كەلگەن ئون ئادەم چىنگىزنى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئاتلىرىنى ئازات قىلىپ قويىۋەتتى.

چىنگىزخان، ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن بەگلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم تامغا بەردى، قۇش بەردى، دەرەخ ۋە شۇئار بەردى.

بودۇنجارئوغلۇ قىياتقا: سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ قارىغاي، قۇشۇڭ شۇڭقار، شۇئارىڭ ئارۇجان ۋە تامغاڭ پولان بولسۇن،- دېدى.

كونگراتئوغلۇ سەڭلەگە: سېنىڭ دەرىخىڭ ئالما، قۇشۇڭ بۈركۈت، شۇئارىڭ قىيات، تامغاڭ ئاي بولسۇن،- دېدى.

كېيىن چىنگىز كۆپلەپ كۈچ سەرپ قىلدى. ناھايىتى بۈيۈك دۆلەت قۇردى. بۇ دۆلەتنى بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، دۇنيادىن ئايرىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top