• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -08

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -08

ئالپامىش ۋە ئۇرال باتۇر داستانلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات.
تۈرك تارىخىدىكى قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ بىرى ئالپامىش داستانى بولۇپ، بۇ داستاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا دائىر كەسكىن مەلۇماتلار يوق. داستاننىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىرگە ئائىت تومارىس ئەپسانىسى ۋە ئالتايدا ھېكايە قىلىنىدىغان ئالىپ، ماناس داستانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئالپامىش داستانىنىڭ ئۆزبېك، قازاق، قارا قالپاق ۋە تاتار تۈركلىرى ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان ۋاىيانتلىرى بار بولۇپ، بۇلار گەرچە ھەم ۋەقە ھەم شەكىل جەھەتتىن پەرقلىق بولسىمۇ، تەپەككۇر ۋە باش قەھرىمان بىردۇر.

داستاننىڭ ئەسلىسى، 10 – 11 ئەسىرلەردە دالىلاردا كۆچمەن كونگىرات قەبىلىسى ئىچىدە شەكىللەنگەن. لېكىن، ئۆزبېك ۋارىيانتى 15- ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ۋارىيانت، تۇنجى قېتىم 1927- يىلى مەھمۇد زارىپوۋ تەرىپىدىن توپلانغان. ئۆزبېك ۋارىيانتىدا قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە ئوخشاش غايىلەر نامايان قىلىنغان.

ئالپامىش داستانىدا قەھرىمانلىق، مەرتلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سۆيگۈ ۋە ساداقەت، ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى، قەبىلە بىرلىكى موتىفلىرى كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. داستاننىڭ، كونگىرات قەبىلىسىنىڭ پىشىۋالىرىدىن ئاكا – ئېنى بايبۆرۈ ۋە بايسارىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يوقلىقىنى ھېكايە قىلىش بىلەن باشلايدۇ. كېلەچەكنىڭ قەھرىمانلىرى ئالپامىش ۋە بارچىننىڭ ئاجايىپ شەكىلدىكى دۇنياغا كېلىشلىرى بىلەن باشلانغان ۋەقەلەر، ئالپامىشنىڭ يىگىتلىك دەۋرلىرىنى تەسۋىرلەش بىلەن داۋاملىشىدۇ.

بايسارىنىڭ قالماق يۇرتىغا كۆچۈشى ۋە ئالپامىش بىلەن بارچىن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت داستاننىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كېيىنچە، ئالپامىشنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ بايسارىنى قالماقلاردىن قۇتقۇزۇشىغا ئورۇن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىدۇ، لېكىن يەنىلا ئۆز ئارىسىدىكى مۇجادىلىلىرى داۋاملىشىدۇ.

ئالپامىش داستانىنىڭ ئۆزبېك تۈركلىرىگە ئائىت ۋارىيانتى شېئىرى ۋە نەسرى شەكىلگە ئىگە.

……………………………………………………………………………

ئالپامىش داستانىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ۋارىيانتى قازاق تۈركلىرىگە ئائىت بولۇپ، قازاق تۈركلىرىدىكى ئالپامىش ۋارىيانتى «ئالپامىش باتۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. قازاق ۋارىيانتى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازما ھالغا كەلتۈرۈلگەن. ئالپامىش داستانىنىڭ قازاق تۈركلىرى ئارىسىدىكى ۋارىيانتى شېئىرى شەكىلدە بولۇپ، بۇنىڭدا خەلقنىڭ بىرلىكى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ماسلىشىش تەكىتلىنىدۇ.

داستاننىڭ نۇقتىلىق تېمىسى يەنىلا قالماقلارغا قارشى كۈرەشنى مەركەز قىلىدۇ. مەركىزى ئىدىيە بولسا يىگىتلىك، مەرتلىك ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئۇلۇغلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.

داستاندا ئالپامىش خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، جەسۇر، غەيرەتلىك بىر يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ يارىدەمچىسى ئېتىدۇر. ئالپامىش قەھرىمانلىقىنى تۇنجى قېتىم قالماق قەھرىمانى قارامان بىلەن يەككىمۇ يەككە ئېلىشىشتا كۆرسىتىدۇ. ئۇ رەقىبىنى شۇنداق بىر سىقىدۇكى ئاغزى – بۇرنىدىن قان كېلىدۇ.

ئالپامىش ئار – نومۇسلۇق بىر يىگىت بولۇپ، ئۇ دۈشمەندىن قورقۇپ قېچىشنى «ئۆلۈم بىلەن ئوخشاش» دەپ قارايدۇ. ياش ۋاقتىدىلا باتۇرلۇقى ۋە جاسارىتى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ. ئالپامىشمۇ باشقا يىگىتلەرگە ئوخشاش ئاڭلىغان نەرسىسىگە ئىشىنىدىغان ساپ ۋە قەلبىي پاك بىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن بىر جادۇگەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ، چىدىغۇسىز ئازابلارغا دۇچار بولىدۇ.

ئالپامىش داستانىدا يىگىتنىڭ قەدىردان دوستى گۈلبارشىنمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن «نازىنىن»، «كىيىك كۆزلۈك»، «مەڭزى ئالمىدەك قىزىل»، «ئون بەش يېشىدا» ۋە «يۈزى تولۇن ئايدەك» دېگەندەك ئىبارىلەر ئىشلىتىلىدۇ.

ئالپامىش داستانىنىڭ قازاق ۋارىيانتىمۇ تەرتىپلىنىشى ۋە تېمىسى نۇقتىسىدىن ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. بىرىنچى قىسمىدا ئالپامىشنىڭ گۈلبارشىننى ئېلىشقا بېرىشى، ئىككىنچى بۆلۈمىدە بولسا، قالماقلارنىڭ يېزىنى بولاڭ – تالاڭ قىلىشى ھېكايە قىلىنىدۇ. داستان بۇ ئىككى ئاساسلىق ۋەقەنى چۆرىدەيدۇ. باشقا داستانلاردىن پەرقلىق تەرىپى، ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنيالىرىغا، پىسخىك ھالەتلىرىگە ئورۇن بېرىلگەنلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت داستاندا باشقا ئېغىز ئەدەبىيات تۈرلىرىدىن مەرسىيە، غەزەل، ئېيتىشىش قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

قىسقىسى بۇ داستاندا يىگىتلىك، قەھرىمانلىق، جاسارەت، ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى دېگەندەك ئۆزگىچىلىكلەر بىلەن ئىنسان ھاياتى نامايان قىلىپ بېرىلىدۇ. پەرقلىق شەكىللىرى بار بولغان بۇ داستان، قەدىمكى تۈرك ھايات پەلسەپىسىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلگەن بىر تەسۋىرىدىن ئىبارەت. داستان، كۆپىنچە شەرق ۋە شىمال تۈركلىرى ئارىسىدا تارقالغان.

……………………………………………………………………………

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! تۈرك دۇنياسى ئورتاق داستانلىرىنىڭ بىرى ئۇرال باتۇر داستانىدۇر. بۇ داستان ئاساسەن باشقۇرت، تاتار ۋە نوغاي تۈركلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان. ئۇرال باتۇر داستانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

ئۇرال باتۇر داستانى، ئىككى قەھرىمان ياكى ئىككى جەمئىيەتنىڭ توقۇنۇشىنى ھېكايە قىلمايدۇ. ئۇ، پۈتۈنلەي مىتولوگىيە دۇنياسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. قەھرىمانلىرى، قىممەت – قاراشلىرى، ھايات كەچۈرگەن جايلار تامامەن مىتولوگىيەلىك تۈسكە ئىگىدۇر. ئۇرالنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى «يەنبىرزى» يەنى «جان بەردى»؛ ئانىسىنىڭ ئىسمى بولسا «يەنبىكە» يەنى «جان ئانا» دۇر. ئۇرال ئېلىشقان دۈشمەنلەر دىۋىلەر، ئەجدىرھالار ۋە جىنلاردۇر.

دىۋە ۋە ئەجدىرھالارنى يېڭىۋالغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى تەڭرى دەپ قوبۇل قىلىشقانمىش. يەدىگەن يۇلتۇزى، ئاق بوز ئاتنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاسمانغا بارغان ئەزكەرە پادىشاھنىڭ باھادىرلىرىمىش؛ يىلقا ئاق بوز ئاتنىڭ نەسىلىدىنمىش؛ ئۆكۈزلەرنىڭ مۇڭگۈزلىرىنىڭ ئەگرى، تىرناقلىرىنىڭ يېرىق بولۇشى ئۆكۈزلەرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇرال بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى يۈزىسىدىن مەيدانغا كەلگەنمىش. ئۇرال تېغى بولسا، ئۇرال باتۇرنىڭ ۋۇجۇدىدىن مەيدانغا كەلگەنمىش. ئۇرالنىڭ سۆڭەكلىرى ئالتۇن، كۆمۈشكە ئوخشاش قىممەتلىك بايلىقلارغا، قېنى بولسا نېفىتقا ئايلانغانمىش. ئۇرال ئۆلتۈرگەن دىۋىلەر ھەر خىل تاغلارغا، ئۇرالنىڭ بىر تۇغقىنى شۈلگەن، شۈلگەن كۆلىگە ئايلانغانمىش. ئىزىل، ھاقمار، نۆگۈش ۋە يايىق دەريالىرى ئۇرالنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئاياللىرىدىن توغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ قىلىچلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن مەيدانغا كەلگەنمىش.

ئۇرال باتۇر بىلەن قېرىندىشى شۆلگەن يۇرتلىرىدىن ئۆلۈمنى تېپىپ ئۆلتۈرىۋېتىش ئۈچۈن ئاتلانغانمىش. ئۇرال بارغانلا يېرىدە ئۆلۈمگە دوئىل ئېلان قىلغانمىش. جانلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئابى ھاياتنى ئىزدىگەنمىش. ئابى ھاياتنى ھۇما قۇشىنىڭ ياردىمى بىلەن تاپقانمىش. لېكىن شۇ چاغدا ئۇ يەرگە كەلگەن بىر مويسىپىت كىشىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ئابى ھاياتنى تاغلارغا چاچقانمىش. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇرال تېغى ھازىرقى كۈندىمۇ ياپ – يېشىل تۇرارمىش.

ئۇرال باتۇر داستانىدا قەھرىمانلار شەكىل ئۆزگەرتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇرالنىڭ ئايالى ھۇما قۇشنىڭ شەكلىگە كىرەلەيدۇ. ئەينى شەكىلدە ئەزرەكەنىڭ ئوغلى زەركۇم يىلان ياكى بېلىق شەكلىگە، ئايھىلىۋ قۇش شەكلىگە، ئۇرالنىڭ قېرىندىشى شۈلگەن بولسا دىۋىلەر دىيارىدا ئەجدىرھا شەكلىگە ئۆزگىرەلەيدۇ.

ئۇرال باتۇر داستانى، ئاق بوزئات داستانى بىلەن بىر دائىرە شەكىللەندۈرىدۇ. ئاق بۇزئات داستانىنىڭ قەھرىمانى ھەۋبەن، ئۇرال غەربتە ئوغۇللىرىنىڭ تۈگىتەلمىگەن كۈرەشلىرى، ئۇرۇشلىرىنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. يامان دىۋە، جىنلار ۋە ئەجدىرھالارنىڭ سۇ ئاستى دۇنيالىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھى شۈلگەننى تارمار قىلىدۇ. ئۇرال باتۇرنىڭ دىۋىلەر تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان ئاق بوز ئېتى بىلەن ئالماس قىلىچىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەۋبەن سۇ ئاستى پادىشاھلىقىغا بارىدۇ، ئۇ يەردە شۈلگەننىڭ قىزى نەسكەس بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىدۇ.

ئاق بوزئات بىلەن ئالماس قىلىچنى ئالغاندىن كېيىن شۈلگەننىڭ دۆلىتىنى يوق قىلىپ تاشلايدۇ. ئارقىدىن ھەۋبەن، خەلققە زۇلۇم قىلغان مەشەم خان بىلەن ئۇنىڭ بەگلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. خاننى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، خاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قاناتلىرى قىرقىپ تاشلانغان ھۇما قۇشىنى ۋە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان يەتتە باھادىرنى قۇتقۇزىدۇ. يەتتە باھادىرنى يەتتە قەبىلىگە بەگ قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top