• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئەدەبىي تەرجىمە ۋە تەربىيىلىنىش

ئەدەبىي تەرجىمە ۋە تەربىيىلىنىش

رۇقىيە غەنىزات

تەرجىمە بولسا ئالاقىلىشىش ئىلمى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئارا ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە تېخىمۇ شۇنداق، ئەدەبىي تەرجىمە بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدىن جاھان جامائەتچىلىكى ئورتاق بەھىر ئالىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ رولى، ئورنى، خاراكتېرى تېخىمۇ روشەنلەشتى ۋە بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.

كامالەتكە يەتكەن ئەدەبىي تەرجىمە، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تېخىمۇ يىراققا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر قەلبىگە توسقۇنسىز پەرۋاز قىلىدىغان قاناتقا ئىگە قىلىدۇ. ئەمما بۇ جەھەتتە ۋايىغا يېتىش ئىنتايىن قېيىن ئىش. قەدىمدىن ھازىرغىچە، چەتئەلدىن خىتايغىچە ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش، ئۆزگىرىش بولدى. نۇرغۇن ئېقىم، ئۇسلۇبلار پەيدا بولدى. دېمەكچىمىزكى، تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان ئىككى خىل تىلنى ۋە ئۇ تىللارنىڭ ئەدەبىي قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ھەرخىل پەننىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى، ھېچ بولمىغاندا شۇ پەنلەردىن ئەقەللى ساۋاتقا ئىگە بولۇشى، ھازىرقى زامان بىلىملىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، بۇرۇنقى زامانغا ئائىت بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشى، ھازىرقى زامان تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن تەڭ يەنە زۆرۈر بولغان قەدىمكى تىللارنىمۇ ئۆگىنىشى ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك. ئەدەبىي تەرجىمان ئومۇمىي بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئەدەبىي جەھەتتە ئەتراپلىق، چوڭقۇر تەربىيىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا مەزمۇنى ۋە روھى ماھىيتىنى، شەكىل ۋە ئۇسلۇبىنى، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە ئىجاد قىلىنغان مۇھىتنى تولۇق، ئەينەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ روھى ۋە ئۇسلۇبىنى تولۇق، راۋان،پاسەھەتلىك ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمان لىكسىكا، گرامماتىكا، تىلشۇناسلىق كاتىگورىيىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ تەرجىمىنى بەدئىي سەۋىيىگە يەنى ئىستېتىك كاتوگورىيىگە يەتكۈزۈشى كېرەك. بۇ سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن تەرجىمان تىل بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ئەدەبىيات – سەنئەت بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا ئەدەبىي تەرجىمىدە ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن مەنان تەرجىمە مەسلىسى ئىزچىل مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قلىنىۋاتقان مەسىلە. مېنڭچە، تەرجىمە پائالىيىتىدە نوقۇل ھالدا ئۇدۇل تەرجىمىنى تەكىتلەپ، مەنان تەرجىمىنى چەتكە قېقىشقا ياكى نوقۇل مەنان تەرجىمىنى قۇۋۋەتلەپ ئۇدۇل تەرجىمىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ئىككى خىل تىلنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن مەنان تەرجىمە ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل تەرجىمە ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشمۇ تەرجىماننىڭ ئەدەبىي جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىگە باغلىق.

يېقىنقى يللاردىن بۇيان نادىر، ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى بارلىققا كېلىش بىلەن بىللە بەزى ناچار، خام ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ مەيدانغا چىقتى. بەزى ھاللاردا ئەدەبىي تەرجىمىدىن ئىبارەت بۇ نازۇك ئەمگەك ئەدەبىي جەھەتتە ساۋاتسىز، ھەتتا بىرەر پارچە شېئىر – ھېكايە ئوقۇشقىمۇ ئېرىنىدىغان كىشلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. بەزى مەشھۇر ئەسەرلەر ئەشۇنداق «ئەدەبىي تەرجىمان» لارنىڭ خالىغانچە ئۇرۇپ – سوقۇپ تەرجىمە قىلىشى ئارقىسىدا ئەسلى ئۇسلۇب گۈزەللىكىنى ھەتتا مەزمۇن ئەينەنلىكىنى يوقاتقان ھالدا يېرىم ياتا مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلار ئارىسىدا تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بولۇپمۇ مەشھۇر ئەسەرلەرگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىش ئاپتورلۇق قانۇنى نۇقتىسىدىن سۈرۈشتۈرۈلگەندىمۇ، بىر خل ھۆرمەتسىزلىك، چۈنكى ئىلىم ساختىلىقنى ئەمەس، سەمىمىيلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتىدە نۆۋەتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە تەرجىمە سۈپىتىىنى ئۆستۈرۈش مەسلىسىدۇر. بۇ يەنىلا تەرجىمانلارنىڭ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك.
مەن تۆۋەندە ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ئەدەبىي تەربىيىلىنىش توغرىسىدا تەسىراتىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

1. ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان. ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى جاپالىق خىزمەت. ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار بۇنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىر خىل ئىجادىي خىزمەت. ياخشى تەرجىمە ئىجادىيەت بىلەن باراۋەر، ھەتتا ئىجادىيەتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. بذ، ئادەتتىكى خىزمەت ئەمەس، بەزىدە تەرجىمە قىلىش ئىجادىيەتتىنمۇ قىيىن توختايدۇ. ئىجادىيەتتە تۇرمۇش چۈشەنچىسى بولۇشى كېرەك. تەرجىمىدە بولسا باشقىلار بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تەرجىمان ئۆز ئانا تىلىغا پېششىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزگە مىللەت تىل – يېزىقى ئاساسىمۇ ياخشى بولۇشى لازىم. شۇڭا، ئۇ ئىجادىيەتتىن ئاسان ئەمەس. ئەدەبىي تەرجىمىدە «دۇرۇس بولۇش، راۋان بولۇش، گۈزەل بولۇش» دېگەن ئۈچ شەرتكە ئىگە بولۇش كېرەك. ئەدەبىي تەرجىمىدە ئۈچىنچى شەرتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، چۈنكى تەرجىمىسى ئوخشاشلا بەدىئىي ئەسەر بولۇشى كېرەك.
تەرجىمە خىزمىتى مۇشۇنداق مۇھىم مۈشكۈل بولغانلىقى ھەم يۇقىرىقىدەك شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىزمەتكە يېنىك پوزىتىسىيىدە بولۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. تەرجىمان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇشى لازىم. قەلەم تەۋرىتىشتىن ئىلگىرى ئەسەرنىڭ دەۋرى، مۇھىتى، تۇرمۇش شارائىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك. تەرجىمان تۇرمۇشقا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلماي تۇرۇپ، ئەسلى ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەي تۇرۇپ، بىر ئەسەرنى ياخشى تەرجىمە قىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.

شۇڭا، تەرجىمە خىزمىتىدىمۇ تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش لازىم. بۇ شەرتنى نوقۇل ھالدا تەكىتلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيمىز.

دەرۋەقە، ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىمى، ئەدەبىيات جەھەتتىن ۋە تىل جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى كېرەك. تەرجىمان بولغان كىشى ئاز دېگەندە بىر خىل چەت ئەل تىلىنى مۇكەممەل بىلىشى لازىم، ئەمما يالغۇز بىر خىل چەت ئەل تىلىنىلا بىلگىنى بىلەن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كېتىشى ئاسان ئەمەس. بىر خىل چەت ئەل تىلىدىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى خىل چەت ئەل تىلىنىمۇ بىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا مۇھاكىمە قىلىشقا قولايلىق بولۇپ قالماي، تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. باشقا ئەللەرنىڭ تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقساق، تەرجىمە قىلىشىمىزغا ناھايىتتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ، مەندە مۇشۇنداق تەجرىبىلەر بولغان.

لېكىن، بۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا تىل جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش. ئانا تىل جەھەتتە ئاساسىمىز پۇختا بولمىسا، ئانا تىلنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولمىساق، چەت ئەل تىلى جەھەتتىكى ئاساسىمىز ھەر قانچە ياخشى بولغىنى بىلەن يەنىلا تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز. ئۆزگە تىلدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلغاندا، تەرجىمىسى ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشىشى كېرەك. ھەر قانداق بىر ئەسەردە نەسىر، ھېكايە، سەھنە ئەسەرلىرىدە شېئىرنىڭ تەركىبلىرى بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى شېئىردۇر. شۇڭا، شېئىرىيەت جەھەتتە تەربىيىلەنمىسىمۇ بولمايدۇ. چەت ئەل تىلىنىمۇ، ئانا تىلىنىمۇ ياخشى بىلىش لازىم، لېكىن چەت ئەل تىلىنى ياخشى بىلگەن كىشى، ئانا تىلىنى ياخشى بىلىشى ناتايىن. مەن تەرجىمە خىزمىتىنى مۈشكۈل خىزمەت دېگىنىمدە، ئۇنىڭ مۈشكۈللۈكى مانا مۇشۇ يەردە. بىر ئادەم كىچىكىدىن تارتىپ چەت ئەلدە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا، ئۇ چەت ئەل تىلىنى ياخشى بىلىۋالىدۇ، ئەمما نەتىجىدە ئۇ چەت ئەللىككە باراۋەر بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىرلا ۋقىتتا ئانا تىلىنى ئوبدان ئۆگىنىپ كېتىشى قىيىن. بىر ئادەم 20 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، چەت ئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشى ئاسان ئەمەس، ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشىمۇ ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، چەت ئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىۋېلىش تازىمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي تىل – يېزىقىنى ئىگىلەش قىيىن بولغانلىقتىن، بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككى شەرتنى تەڭ ھازىرلاش تېخىمۇ قىيىن، بىراق قىيىنچىلىقنى ھامان يەڭگىلى بولىدۇ. قىيىنچىلىق بولىدىكەن، چارە – تەدبىرلەرمۇ بولىدۇ، ئۈمىدمۇ بولىدۇ، بۇ سۆز تەرجىمانلارغىمۇ باب كېلىدۇ.
تەرجىمە خىزمىتىدە، مەسئۇلىيەتچانلىق ئىنتايىن مۇھىم. تەرجىمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش لازىم. تەرجىمە

جەريانىدا كۆپ تەرەپلىمە ماتېرىيال كۆرۈش، كۆپ سوراش، مۇمكىنقەدەر باش قاتۇرۇپ زىغىرلاپ ئىشلەش كېرەك. «قولىغا قەلەم ئالىدۇ، ھەش – پەش دېگۈچە يېزىپ بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.

2. تەرجىمە جەريانىدا لوگىكا، گرامماتىكا ۋە سىتلىستىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش – تەرجىمە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋتى مەزمۇن، شەكىل، تۈس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەم سادىق بولۇش، راۋان بولۇش، گۈزەل بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەنمۇ بىردەك. بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئايرىۋېتىلسە ياكى قارىمۇ – قارشى قىلىپ قويۇلسا، بىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يەنە بىرى ئىنكار قىلىنسا مۇۋاپىق بولمايدۇ.

ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن مەنە تەرجىمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئاساسلىق تەرجىمە ۋاستىسى، ھەقىقىي بولۇش بىلەن ئاممىباب بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تەلەپ، سادىق بولۇش، راۋان بولۇش، گۈزەل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى تەرجىمە ئەمەلىيىتى بىلەن تەرجىمە ئەنئەنىسىنىڭ ئۇلۇغ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا ئىشلىتىش ھەم مۇشۇ ئاساستا ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك.

تەپەككۇر بىلەن تىل دېئالېكتىكىلىق بىرلىك بولۇپ، تەپەككۇر تىلنىڭ يادروسى. تىل تەپەككۇرنىڭ تاشقى پوستى، تەپەككۇر تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، تىل تەپەككۇرنى ئىپادىلەيدۇ. ئانالىز قىلىش بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي جەريانى ۋە ئۇسۇلى بولۇپ، بۇلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. تەرجىمە جەريانىدا ئەسلى تېكىستىنى چۈشىنىش ۋاستىلىق چۈشىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق تەرجىمە پائالىيىتى ئانالىز قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئايرىلمايدۇ.
بەزى قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەت ئانالىز قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىقلا توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈشەنگەندىن كېيىن قانداق ئىپادىلەش مەسىلىسىدە، تەرجىمە تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىپادىلەشنىڭ توغرا بولغان – بولمىغانلىقىنى يەنىلا ئانالىز ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىشقا ۋە تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇقۇم – تەرجىمىدە باشتىن – ئاخىر ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم ئامىل. ھۆكۈم – تەپەككۇرنىڭ يەنە بىر ئاساسىي شەكلى بولۇپ، كىشلەر ھۆكۈم ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ ھەم شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا ئەسلى تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشتە، بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى تەرجىمان ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. تەرجىمە قىلىشتىن ئىلگىرى ئەسلى تېكىستىنى تەكرار – تەكرار كۆرۈپ، «پۈتۈن تېكىستىنىڭ مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلىۋېلىش» مۇ ئەسلى تېكىستتىكى بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەرجىمە جەريانى _ تەپەككۇر جەريانى، شۇنداقلا تىلنى ئىشلىتىش جەريانى. تەرجىمىدە تەپەككۇر پائالىيىتى بىلەن تىل پائالىيىتى بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. تەپەككۇر بىلەن تىل بىر – بىرىگە بېقىنىشنى شەرت قىلىدۇ.

ئەدەبىي تەرجىمە جەريانى_ ئىككى خىل تىل بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان مۇرەككەپ جەريان، يەنى ئەسلى تېكىست بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، مەزمۇننى چۈشىندىغان ھەم تەرجىمە تېكىست تىلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان جەرياندۇر. لوگىكا تەپەككۇر قانۇنىيىتى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئەدەبىي تەرجىمە پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئەسلى تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەسلى ئەسەر مەزمۇنىنى ئىپادىلەشتە ئۇ ئارقىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ ۋە تەكشۈرۈلىدۇ. شۇڭا، لوگىكىنى تەرجىمىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تەتبىقلاش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر تۈردىكى تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە قانۇنىيىتى ۋە تەلىپى بولىدۇ. ئەدەبىي تەرجىمىدە ئەدەبىي بىلىم كەم بولسا بولمايدۇ. پەن – تېخنىكا تەرجىمىسىنىمۇ كونكرېت كەسپىي بىلىمدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ئومۇمىي مەنىدىكى تەرجىمىنى ئالىدىغان بولساق، بۇنداق تەرجىمىنى بىر خىل ئالاقىدار پەن دېيىش كېرەك. ئۇ تىلشۇناسلىق بىلەن لوگىكا ئىلمىي ئاساسىدا تەرەققى قىلىدۇ. تىلشۇناسلىق جەھەتتە، ئۇ لېكسىكولوگىيە، گرامماتىكا ۋە سىتلىستىكىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. لوگىكا ئىلمى جەھەتتە، ظذ، ئاساسلىقى، فورمال لوگىكىدىكى ئۇقۇم بىلەن ھۆكۈمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئاساسىي شەكىل ۋە ئانالىتىكىلىق، سىنتېتىكىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، ھەرگىز فورمال لوگىكىنىڭ پۈتۈن خۇلاسە شەكلىنى قوللانمايدۇ، دىئالېكتىكىلىق لوگىكىغا تېخىمۇ مۇھتاج ئەمەس.

ئەدەبىي تەرجىمە دېگەنلىك يالغۇز جۈملىلەرنىڭ لوگىكىلىق مەنىسىنى تەرجىمە قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇسلۇب، قۇرۇلما، تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئەسەر ياكى ماقالىنىڭ شەكلى ھېسابلىنىدۇ. تەرجىمىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، لېكسىكا بىلەن گرامماتىكىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان شەكىل ئەسەر ياكى ماقالە شەكلىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولىدۇ، مەزمۇن شەكىلنى بەلگىلەيدۇ، شەكىل مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، شەكىل يەنە نىسپىي مۇستەقىللىققە ئىگە بولۇپ، مەزمۇنغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەكىل مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، مۇقەررەر ھالدا مەزمۇنغا تەسىر يېتىدۇ. تەرجىمىدە ئەگەر لېكسىكىلىق ھادىسىلەر بىلەن گرامماتىكىلىق ھادىسىلەر توغرا بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، تىل شەكلى بۇزۇلىدۇ. مەزمۇن بىلەن تۈسكە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپلەرنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، راۋان بولمىسا، سادىق بولۇش ۋە گۈزەل بولۇشتىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ.

ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن مەنە تەرجىمىسى – ھەر بىر تەرجىمان لېكىسىكىلىق، گرامماتىكىلىق ۋە سىتلىستىكىلىق ھادىسلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل ئاساسلىق ۋاستىدۇر. شۇڭا، ئۇدۇل تەرجىمىگىمۇ ھەم مەنە تەرجىمىسىگىمۇ تومتاقلا قارشى تۇرماسلىق كېرەك. ئەسلى تېىكىسنتىڭ شەكلىنى يەنە بىر خىل تىلدا تەقلىد قىلىپ ئىشلەش ئۇدۇل تەرجىمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، مەزمۇن بىلەن شەكىل بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالمايدىغان ئەھۋالدىلا، مۇشۇنداق تەقلىد قىلىپ ئىشلەنسە مۇۋاپىق، ئۇدۇل تەرجىمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئوخشاش شەكىل بىلەن ئىپادىلەنگەن مەزمۇننىڭ ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. مانا بۇ ھال تەرجىمە جەريانىدا، مەزمۇن بىلەن شەكىل ئوتتۇرىسىدا دائىم زىدىيەت پەيدا قىلىدۇ. مەزمۇن بىلەن شەكىل ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، ئەسلى تېكىستنىڭ شەكلىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلەش نامۇۋاپىق ئۇدۇل تەرجىمە، يەنى ئۆلۈك تەرجىمە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن،

خىتايتىلدىكى《他点了点头》دېگەن جۈملە《他用头表示同意》 دەپ تەرجىمە قىلنسا، بۇ مەنە تەرجىمىسى بولىدۇ. مەنە تەرجىمىنىڭ ماھىيىتى – ئەسلى تېكىستنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، مەزمۇننى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. پەقەت مەزمۇن بىلەن شەكىل ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىققان ئەھۋالدا ئىشلەنگەن مەنە تەرجىمىسىلا ئورۇنلۇق مەنە تەرجىمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەكىسچە بولسا، ئورۇنسىز مەنە تەرجىمىسى بولىدۇ. بىز مەنە بىردەكلىكى بىلەن شەكىل بىردەكلىكىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز، نوقۇل ھالدا شەكىل قوغلاشماسلىقىمىز، ئەسلى تېكىستنىڭ جۈملە شەكلىگە باغلىنىپ قالماسلىقىمىز، ئەسلى تېكىسنتىڭ شەكلىگە «سادىق» بولۇشنى تەكىتلىمەسلىكىمىز، شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسە دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. لېكىن، مەنە تەرجىمىسى قىلغاندا، ئۆز مەيلىچە تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇئەييەن مەزمۇن مۇئەييەن شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، ئوخشاش بىر مەزمۇننى كۆپ خىل شەكىل بىلەن ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ، مانا بۇ بىر جۈملىنىڭ كۆپ خىل تەرجىمە لايىھىسى بولۇشتىكى سەۋەبتۇر. تەرجىماننىڭ مەسئۇلىيىتى – ئەسلى تېكىست مەنىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئەڭ ياخشى يەتكۈزگىلى بولىدىغان ھەم ئەسلى تېكىستنىڭ تۈسىنى ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغان لايىھىنى تاللاشتىن ئىبارەت.
لوگىكىنىڭ رولى – ئەدەبىي تەرجىماننىڭ ئەسلى تېكىست مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا ئىپادىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئادەتتە، لوگىكا ئەدەبىي سىتلىستىكىغا ئارىلاشمايدۇ. لېكىن، سىتلىستىكىلىق ۋاستىلەر توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئوخشاشلا لوگىكىلىق خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. سىتلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە سىتلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن:

خىتايچىدىكى 真是乐死人دېگەن جۈملىدىكى 死 مۇبالىغىدۇر. ئەگەر تەرجىمە تېكىست تىلىدىمۇ 死نى قوللىنىپ مۇبالىغە قىلىش ئادىتى بولسا، 死ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنسىمۇ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. ئەكىسچە بولغاندا، 死نى ئۇدۇل تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ.

3. ئەدەبىي تەرجىمىدىكى ئۇسلۇب مەسلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇسلۇب توغرىسىدىكى ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش لازىم. ئېلىمىز تەرجىمە ساھەسىدە ئۇسلۇب توغرىسىدىكى ئۇقۇمدا ئەزەلدىن ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچە ۋە تونۇش مەۋجۇت. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى توغرىسىدىكى ئۇقۇم ئانچە مۇرەككەپ مەسىلە ئەمەس. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل ئەدەبىيات ھادىسىسى. يازغۇچى ئىجابىي قابىلىيىتىنىڭ پىشىپ، مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. يازغۇچىنىڭ ئۆز ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ئالاھىدە روھىي خاراكتېرى ۋە ئىجادىيەت خاسلىقى – مانا بۇ ئۇسلۇب ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ تېشىدا شەكىللىنىدۇ. ئۇ مەزمۇن ماھىيىتىدىن تەبئىي بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە يازغۇچى بەدئىي ئىنتىلىشنىڭ نەتىجىسى، يازغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئىجادكارلىق ئىدىيە ۋە ھسسىياتىنى ئىشقا سېلىپ، تۇرمۇش خام ماتېرىياللىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەنلىكى، ئۆز ھېسسىياتى ۋە خاھىشىدا تۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئېستېتىك بىلىشنى ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى، ئىدىيىۋى كۆز قارشى، بەدئىي ماھارىتى ۋە ئېستېتىك ئىنتىلىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزىتىشى ۋە تۇرمۇش تەسىراتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تېما تاللىشى، پېرسوناژلار ئوبرازىنى سۈرەتلىشى، كەيىپيات يارىتىشى، ئىپادىلەش ماھارىتى ۋە تىل ئىشلىتىشىدىمۇ مۇقەررەر زور پەرقلەر بولىدۇ.

ئەدەبىيات – تىل سەنئىتى. تىل – ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئامىلى. ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ۋە ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن بۇ ئىككى خىل قاراشتا چىڭ تۇرغۇچىلار ئوخشاشلا ئۇسلۇب تەرجىمىسىنىڭ ئاساسى تىل ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدۇ. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ئوخشاش بولمىغان تىلدا ئوخشاش ئۇسلۇبنى يەتكۈزگىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىدا. ئەمەلىيەتتە بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى تىل ئارقىلق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىلى باشقا بىر تىلغا توغرا تەرجىمە قىلىنغانلا بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئەدەبىي ئەسەر تىلدىكى ئۇسلۇب ئامىللىرىنىمۇ تەرجىمە ئارقىلىق باشقا تىلغا ئازدۇر – كۆپتۇر ئۆتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى بىلەن باشقا بىر مىللەت تىل – يېزىقى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدىغانلىقى، تەرجىماننىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، بەدىئىي ماھارىتى ۋە ئېستېتىك قابلىيىتى بىلەن ئەسلى ئەسەر ئاپتورى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق بولىدىغانلىقى؛ تەرجىماننىڭ ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىغا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىدىكى ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت ئوتتۇرىسىدا مەلۇم پەرق بولىدىغانلىقى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىدا ھەقىقەتەن تەرجىمە قىلغىلى بولمايدىغان بەزى ئامىللار بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبى تەرجىمە داۋامىدا مۇئەييەن دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى مەلۇم دائىرىدىلا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ دەيمىز. ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى يۈزدە – يۈز ئىپادىلەش ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل غايە. تەرجىمانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى – ئۇسلۇبىنىڭ تەرجىمە قىلغىلى بولۇش دائىرىسىنى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىش، تەرجىمە جەريانىدا ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىنى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىشىتشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى تىل ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان بولغاچقا ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى تەرجىمىدە يەتكۈزۈشمۇ تىلىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇسلۇب تەرجىمىسىدە قانداق تىل ئىشلىتىش كېرەك؟ ئۇ ئادەتتىكى تىلدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ ئالاھىدىلكى نمېە؟ ئۇسلۇب تەرجىمىسىنىڭ ۋاستىسى ۋە ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلىشىتن ئاۋۋال مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش لازىم.

ئۇسلۈب تەرجىمىسىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تىل بولۇشى لازىم. ئادەتتە روشەن ئىدىيە ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار ئوبرازىغا، بايان قىلىش شەكلىگە، ئىپادىلە ئۇسۇلىغا ۋە تىلىغا ھەمىشە ئاپتورلارنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى سىڭگەن بولىدۇ. تەرجىمان تەرجىمە داۋامىدا ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنشى، ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئالاھىدە بەلگىلەرنى ماھىرلىق بىلەن تۇتۇپ، ئاندىن مۇشۇ ئالاھىدە بەلگىلەرگە ئاساسەن ئۇنى يەتكۈزۈشكە مۇناسىپ كېلىدىغان تىل شەكلىنى تاللىشى كېرەك.
ئۇسلۇب تەرجىمىسىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل ئەسلى ئەسەر تىلى بىلەن تۈس جەھەتتە بىردەك بولۇشى لازىم. كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتىلىدىكى، ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبى بىر قەدەر ياخشى يەتكۈزۈلگەن تەرجىمە ئەسەرلەر تىل شەكلى جەھەتتە ھامان ئەسلى ئەسەر بىلەن ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.

ئۇسلۇب تەرجىمىسىنىڭ ئاساسى – تىل، بىراق كونكرېت تەرجىمە داۋامىدا يالغۇز تىل ئالماشتۇرۇشقىلا تايانغاندا ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى تازا ئوبدان يەتكۈزگىلى بولمايدۇ. ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى توغرا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەرجىمان ئالدى بىلەن ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى لازىم. «ئەسلى ئەسەرنىڭ روھىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئەسلى ئەسەرنىڭ روھى گەۋدىلىنىدىغان تىلنىڭ تاشقى شەكلىنى ۋە ئەسلى ئەسەرنىڭ ھەر بىر سۆز – جۈملە، ئابزاس، باب – پاراگرافلىرىنى بسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئەسلى ئەسەرنىڭ روھىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزىتىپ، قايتا – قايتا ئوقۇش كېرەك. ئەسلى ئەسەرنى تۈرلۈك نۇقتىلاردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش كېرەك». ئۇسلۇب تەرجىمىسىنىڭ ئاچقۇچى – تەرجىماننىڭ ئەسلى ئەسەر ئۇسلۇبىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىگىلىشىدە.

4. ئادەتتىكى تەرجىمىلەرگە قويۇلىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىدىكى تەلەپ، ھېچبولمىغاندا، تەرجىمىسى چۈشىنىشلىك، راۋان بولۇشى؛ ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى سادىقلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇشى كېرەك. لېكىن ئەدەبىي تەرجىمىگە نىسبەتەن بۇنداق تەلەپ قويۇش تېخى كۇپايە قىلمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەر تىل ئارقىلىق ئىجاد قىلىنىدىغان سەنئەت. بىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز يالغۇز شەيئىلەر توغرىسىدىكى ئۇقۇم ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ بايان قىلىنىشىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇلاردىن تاشقىرى، كىتابخانلارنى جەلپ قىلالايدىغان بەدىئي مۇھىتقا تېخىمۇ ئىگە بولغان بولۇشى، يەنى بەدئىي ئوبرازلار ئارقىلىق كىتابخانلاردا ئەسەردىكى پىرسوناژلارنىڭ ئىدىيسى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قارىتا كۈچلۈك ھېسسىيات پەيدا قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەدەبىي تەرجىمە باشقا بىر خىل تىل ئارقىلىق ئەسلى ئەسەرنىڭ بەدىئىي مۇھىتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان كىتابخانلارنى تەرجىمىسىنى ئوقۇغاندا ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇغانغا ئوخشاش ئىلھاملىنىش، تەسىرلىنىش ۋە گۈزەللىك ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇنداق تەرجىمە تەبئىيكى تىلنىڭ تاشقى شەكلى جەھەتتىكى نوقۇل تېخنىكا خاراكېترلىك ئۆزگىرىشلا بولماستىن، بەلكى ئۇ تەرجىمە قىلغۇچىدىن ئەسلى ئەسەر تىلنىڭ تاشقى شەكلى ئارقىلىق ئاپتورنىڭ بەدئىي ئىجادىيەت جەريانىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەسلى ئەسەر روھىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، ھېسسىياتى ۋە تۇرمۇش چۈشەنچىلىرىدىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان دەلىل – ئىسپاتلارنى تېپىپ، ئاندىن ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىغا باب كېلىدىغان ئەدەبىي تىل ئارقىلق ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى تولۇق، توغرا ئىپادىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق تەرجىمە جەريانى، خۇددى ئاپتور ئۆز ئەسىرىنى باشقا بىر ئەلنىڭ يېزىقى بىلەن يېزىپ چىققانغا ئوخشاش تەرجىمە قىلغۇچى بىلەن ئاپتورنى بىر ئادەمدەك بىرلەشتۈرىدىغان جەريان. بۇنداق تەرجىمە خۇددى بىر ئارتىسنىڭ ئۆز تۇرمۇشى ۋە سەنئەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىگە ئاساسەن، درامىدىكى پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشى، ياراتقان پېرسوناژ دراماتورگنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىشى لازىم بولغىنىغا ئوخشاش تەرجىماندىنمۇ خىزمەت جەھەتتىكى ئىجادچانلىقنى جارى قىلدۇرۇشنى ھەم ئەسلى ئەسەرنىڭ مۇددىئاسىغا تامامەن سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ناھايىتتى قىيىن خىزمەت، ئەمما ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئەسلى ئەسەرنىڭ روھى ۋە قىياپىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قايتا ئىپادىلەپ بېرىش ئىكەن. ئۇنداقتا، بۇنداق بەدئىي ئىجادىيەت خاراكېترلىك تەرجىمە تامامەن زۆرۈر.

ئانا تىل ۋە تەرجىمە قىلىنىدىغان تىلنى بىلىش تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەڭ ئەقەللى شەرتى. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغۇچىلار تىلنى مۇكەممەل بىلگەندىن تاشقىرى، يەنە ئومۇمەن ئەدەبىي جەھەتتە تەربىيىلىنىشى لازىم. بەدىئي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك تەرجىمىنى ئورۇنلاپ كېتىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغانلىرىدىن تاشقىرى، يەنە مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش، شۇنىڭدەك تەرجىمە قىلىنىدىغان ئەسەر ۋە ئۇنىڭ ئاپتورىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەتقىق قىلىشى ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشى لازىم.

ئەدەبىي ئەسەرلەر تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدۇ، تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ ئىجادىيەتچىلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش لازىم.
ئەسلى ئەسەرنى ئىلمىي ئاساستا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش – بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەت. بۇ ھال ئالدى بىلەن تەرجىمانلاردىن ئىجادىيەتچىلەرگە ئوخشاش ئەستايىدىل ئۆگىنىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دەۋرنى، جەمئىيەتنى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى، شۇنىڭدەك ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئۇسلۇبىنى ئومۇمىيۈزلۈك، توغرا تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش مۇمكىن.

ئاپتورنى چۈشىنىشىمىز ئومۇمىيۈزلۈك بولمىسا، ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئەسەرلىرىنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ كېتەلمەيمىز. بۇ جاپالىق خىزمەت، بىراق بەدىئىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك تەرجىمىگە يېتىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات خىزمىتى كەم بولسا بولمايدۇ.

ھەر قايسى تىللارنىڭ ئۆزىگە خاس گرامماتىكىسى ۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئادىتى بولىدۇ. بىز ئەسلى ئەسەرنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلما تەرتىپى بويىچە مېخانىك ھالدا سۆزمۇ سۆز، جۈملىمۇ جۈملە تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىشنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز؛ بۇنداق تەرجىمىنىڭ ساپ ئۆز ئانا تىلى بولۇپ چىقىشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، ئەمما بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىي تەرجىمىلىرىمىزدە يۇقىرىقى ھادىسلەرنى تېپىۋالالايمىز. بۇنداق تەرجىمە ئادەتتىكى تەرجىمىلەردە كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. ئەدەبىي تەرجىمىدە بۇنداق ئەھۋالغا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئەلۋەتتە، ياخشى تەرجىمان بىر ياقتىن ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ، بىر ياقتىن ئانا تىلى پىكىر يۈرگۈزىدۇ ۋە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ تەرجىمىسىنى ئەسلى ئەسەرنىڭ گرامماتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ چەكلىمىسىدىن خالاس قىلالايدۇ. تەرجىمىسىنى ھەم ساپ ئانا تىلى بولۇش، ھەم ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبىنى سادىقلىق بىلەن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، تەرجىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە قويغان تەلىپىمىز – ئەدەبىي، ئىجادىي تەرجىمىنى نىشان قىلىپ قويغان تەلەپ، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ بىزنىڭ تىرىشىپ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىز، بۈگۈنكى كۈندە بارلىق تەرجىمىلەرنى بۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىشىمىزگە بولمايدۇ، بۇ نىشانىمىزغا ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق تەدرىجى يېتىشىمىز كېرەك، لېكىن بۇ نىشاننى بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز تامامەن زۆرۈر.

مەنبە : ئەلكۈيى تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top