• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئالتىنجى باب شامالباغدا دىھقان بولغان شۇ يىللار

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

مەكتەپ-پەكتەپ دەگەنلەر تاقالغاچقا،

ئەمگەك قىلدۇق يەزادا دىھقان بولۇپ.

نۇرغۇنلار ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ كەتتى،

ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىن داغدا قويۇپ.

-“زىيالىي ياشلىق خاتىرەسى” دىن.

شۇنداق قىلىپ، 1963-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇشقا كىرگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپى (喀什地区高级中学) دىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەگەن زور كۆلەملىك بەدىۋى ھەرىكەتنىڭ كاساپەتىدىن ۋاقتىدا ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي، 1969-يىل 10-ئايدا ئايرىلدۇق. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى بىلەن، مەكتەپتىن ئايرىلىپ، “زىيالىي ياش” بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ۋە ئەمگەك مەيدانلارىدا، ئەمگەك بىلەن چەنىقىش ئۈچۈن ماڭدۇق. شەھەرلىك، يەنى ئەسلىي زاتى قەشقەر شەھىرى نۇپۇسىلىق بولغانلار قەشقەر ۋىلايەتىگە قاراشلىق ناھىيەلەرگە تەقسىم قىلىندى. ماڭا ئوخشاش ئاتا-ئاناسى يەزا نۇپۇسىلىق بولغانلار بولسا، ئۆز يەزالارىغا قايتۇرۇلغان بولدۇق. شۇ سەۋەب بىلەن، مەن ئۆز يەزام- قەشقەر شەھىرىگە تەۋە شامالباغ يەزاسىغا تەقسىم قىلىندىم.

«زىيالىي ياش» (知青) دەگەن ئاشۇ دەۋردىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاتلىق زور سىياسىي ئەكسىلھەرىكەت جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەئسىرىدىن نورمال مەكتەپ ئاشىپ ئوقۇيالماي، يەزا-قىشلاقلارغا ئەمگەك بىلەن چەنىقىشقا چۈشۈرۈلگەن ئوقۇغۇچى ياش» دەگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان خاس ئاتالغۇ ئىدى.

مەن زىيالىي ياش بولۇپ چەنىقىشقا چۈشكەن مەزكۇر شامالباغ يەزاسى (ئۆز زامانىسىدا، «شامالباغ قىزىلبايراق كومۇناسى» دەپ ئاتىلاتتى) مەئمۇرىي باشقۇرۇش دائىرە جەھەتتىن جەمئىي ئون ئىككى دانە ئىشلەپچىقارىش چوڭ ئەترەتى (大队 دادۈي)گە بۆلۈنەتتى. ھەر بىر ئىشلەپچىقارىش چوڭ ئەترەتى تەركىبىدە يەنە بىر مۇنچە ئىشلەپچىقارىش كىچىك ئەترەت (小队 شياۋدۈي) لەر بولاتتى. مەسىلەن، مەن تۇرۇشلۇق بىرىنچى چوڭ ئەترەت ئۆز ئىچىدىن يەنە شامالباغ مەھەللەسى بىرىنجى ئەترەت، سۇلتانى ھەبىبەم ئىككىنجى ئەترەت، چىنەباغ ئۈچىنجى ئەترەت، ئەرىقباشى تۆرتىنجى ئەترەت، گۈلچى مەھەللەسى بەشىنجى ئەترەت، ساربان يولبويى مەھەللەسى ئالتىنجى ئەترەت، تۈلكى مەھەللەسى يەتتىنجى ئەترەت، ساي سەككىزىنجى ئەترەت ۋە سۇللۇغ توققۇزىنجى ئەترەتلەردىن تەشكىل تاپاتتى. مەن بىزنىڭ ئۆيىمىز تۇرۇشلۇق شامالباغ مەھەللەسى بىرىنجى ئەترەتنىڭ ئەئزاسى بولۇپ، 1969-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، ئىشلەپچىقارىش ئەمگەكىگە قاتناشىشقا باشلادىم.

«ئەپەندىم بولالماغان بالا»

ئىشلەپچىقارىش ئەترەتىنىڭ ئەئزاسى، يەئنى رەسمىي يەزا نۇپۇسلۇق بىر دىھقان بولۇپ، ئاتىزلىققا ئەمگەككە چىققان شۇ تۇنجى كۈنۈم ھەرگىزمۇ ئەسىمدىن چىقمايدۇ:

ئەرتەگەنلىك چايىمنى ئىچىپ بولۇپ، كەتمەنىمنى دولامغا سالىپ تالاغا چىقتىم ۋە مەھەللەنىڭ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان ئەرىقى بويىدا، ئىشلەپچىقارىش ئەترەت باشلىقىنىڭ كەلىپ، شۇ كۈنلۈك ئەمگەك ۋەزىپەسىنى تەقسىم قىلىپ بەرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر دۆلەڭ ئەر دىھقانلارنىڭ قاشىغا توقسان گرادۇس ئەگىلىپ، «ئەسسالام!»نى قويۇق ئەيتىپ كەلدىم.

– كەلسىلە، ئەپەندىم بولالماغان بالا، كەلسىلە. ئون يىل ئوقۇپ، ھىچ بولماسا دادالارىنىڭ ئورنىغا ئەپەندىملىككە بولسامۇ ئورۇنلاشالماي، دىھقان بولۇپ قالغانلارىغا دەيمىز-دە! شۇ تۇرۇقتا-زە، ئون يىل ئاۋارە بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇغانلارىغا تازا پۇشايمان قىلىۋاتقانلا-ھە؟

ماڭا مۇنداق قارشى ئالىش سۆزى قىلغان ئادەم بىزنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىمىزدىكى قورودا ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇن قارى ئاكا ئىدى.  ئۇ مەنىڭ كونا مائارىپچى دادام پولات ئەھمەدنىڭ ئۈلپەتداش بۇرادەرلەرىدىن بولۇپ، ئۆزى گەپدان، باشقالارغا لەقەم قويۇشنى ۋە قوپال-قوپال چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما كۆڭلىدە مۇتلەق يامانلىقى يوق، تۈز توغرا ئادەم ئىدى.

– قارىكا، ئۈزۈپلا ئۇنداق دەپ كەتكەلىمۇ بولماسمىكىن،- دەدى يەنە بىر دىھقان گەپ قىستۇرۇپ- ھۆكۈمەت بۇ ئاقنانچى بالالارنى «ئاشلىق، بۇغداي نان دەگەننىڭ نەدىن كەلىدىغانلىقىنى ئەمگەككە قاتناشىپ، كەتمەن چاپىپ، بىلىپ كەلسۇن» دەپ ئەۋەتتىغۇ دەيمەن. ئون يىل پۇل خەرجلەپ ئوقۇتقان ھۆكۈمەت بۇ بالالارنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ جۇمۇ!؟

– شۇنداق، شۇنداق!،- يەنە كىملەردۇر دوست تارتىشىپ كەيىنكى دىھقانغا يانداشتى.

مەن لام-جىم دەمەي، بىردەم مەنى مەسخىرە قىلغاندەك گەپ قىلغان ھەلىقى تۇرسۇن قارىكامغا، بىردەم مەنىڭ تەرەپىمنى ئالىپ، «ئوقۇغانىڭ بىكارغا كەتمەيدۇ، خىجىل بولما، يىگىت» دەگەندەك ئۇقۇمدا گەپ قىلغان دىھقان قارىنداشلارىمغا قاراپ، مىيىقىمدا كۈلۈپ، ھىجايغانىمچە تۇرىۋەردىم.

بىردەمدىن كەيىن، ئەترەت باشلىقى كەلىپ، ھەر قايسىلارىمىزغا شۇ كۈنلۈك ئەمگەكلەرنى تەقسىم قىلىپ بەردى،-دە، ھەممەمىز ئۆز ئاتىز باشلارىمىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ ھاۋا ئوچۇق، ئاپتاپلىق بىر كۈن ئىدى. مەھەللەمىزنىڭ شىمالى تەرەپ تۆۋەنىدىكى ئويمانلىق ۋادادىن ئاقىپ ئۆتىدىغان تۆمەن دەرياسى بويىدىن جانغا راھەت سالقىن شامال ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ياشتا چوڭنى «ئاكا»، كىچىكنى بولسا، «ئۇكا» دەپ، ئەترەت باشلىقى قانداق ئىشقا بۇيرىسا، بويۇن تولغاماي ئىشلەپ يۈرۈپ، ئاتىز-ئەرىق ئىشلارىغا ھايال ئۆتمەي، ئوبدانلا كۆنۈپ قالدىم. ياش ئادەم ئىشچان خاراكتىرلىك بولسا، ھارغانىنى بىلمەيدىغان گەپ ئوخشايدۇ. كۈندۈزى ئاتىز-ئەرىقتا ئىشلەپ دىھقانچىلىق قىلسام، ئاخشاملارى چىراغقا كىرىپ (كەچەسى ئىشلەشنى كاسىپلار «چىراغقا كىرىش» دەپ ئاتايدۇ)، موزدۇزلۇقۇمنى قىلدىم. يەزامىزنىڭ شەھەر رايونى بىلەن لەۋلەشىپ تۇرىدىغان ياقىن بولۇشى، ماڭا موزدۇزلۇق ھۈنەرىنى ئۆگرەتكەن ساۋاقداش ئۇستام ئابدۇكەرىماخۇننىڭ مەن قاچان ياردەم سوراسام، دەرھال يارۇھەمدەم بولۇپ تۇرۇشى مەنىڭ شەخسىي ھۈنەرمەنلىكىمنىڭ روناق تاپىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. مۇشۇنداق كەچەسى ئىشلەپ يۈرۈپمۇ ھەپتەسىگە ئىككى دانە بالا ئۆتۈك تەييار قىلىپ، بازار كۈنى ئۆتۈك بازارىغا چىقىپ، بازار قىلىپ تۇردۇم.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئىككى قولۇمدا، ئىككى دانە بالا ئۆتۈك، قەشقەر شەھىرىنىڭ چاسا كوچاسىدىكى قاينام تاشقىنلىق ئۆتۈك بازارىدا، خەرىدارلارنىڭ كۆزىگە ئۆمىد بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ، «كەلسىلە خەرىدار، كۆرۈپ باقسالا» دەگەنىمچە ئايلانىپ يۈرەتتىم. توساتتىن، بىر يان تەرەپتىن ھەلىقى بىزنىڭ ئەترەتلىك چاقچاقچى تۇرسۇن قارىكامنىڭ مەنى چاقىرغان تونۇش ئاۋازى كەلدى:

– ھەي، ئەپەندىم بولالماغان بالا!،ھەي!….

ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراسام، ئۇ تۇرسۇن قارىكام يولنىڭ ياقاسىغا قويۇلغان بىر ياغاچ بوتكانىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، مەنى ھەدەپ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلىشكە ئىشارەتلەۋاتاتتى. كىشىلەر توپى ئىچىدىن پەھمىلەپ سىرغىپ ئۆتۈپ، ئالدىغا باردىم. مەنى سول بىلەكىمدىن تۇتۇپ يەتىلەگەنىچە بوتكانىڭ ئىچىگە ئالىپ كىردى تۇرسۇن قارىكام. بوتكادا ئۆتۈكلەر، توپلىيلار ياغاچ تەكچەلەرگە رەتلىك تىزىلغان ئىدى. بوتكا خوجايىنى بولسا كەرەك، بادام دوپپانى باشىنىڭ ئارقا يارىمىغا كىيىۋالغان، يۈز ۋە قوللارىغا قارا موم ۋە رەڭ سىڭىپ كەتكەن ئۆلچەملىك موزدۇز چىراي بىر بۇرۇتلۇق ئادەم ئورۇندۇقتا تاماكۇ چەككەنىچە كۆرەڭ ئولتۇراتتى.

– كەتمەن بازارىغا كەتمەن قاقتۇرۇش ئۈچۈن بارغانىدىم. ياناشىمدا، ماۋۇ ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ، ئەمدىلا كىرىپ تۇرۇشۇم ئىدى. قاراسام، بازار قىلىپ يۈرۈپلا، دەرھال چاقىردىم،- دەدى تۇرسۇن قارىكام ئالاھىدە ئىزاھات بەرىپ،-  غەرەزىم ماۋۇ ئۆتۈك بازارىنى سورايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ خاس بوتكاسى بار بىر مەھەللە-بىر يۇرتلۇق ئۇستاملار بىلەنمۇ تونۇشۇپ قويغۇلۇق، پايداسى تەگىدۇ!

– بۇ بالانى مەن بىزنىڭ مەھەللەدە كۆرگەندەك قىلىمەنا!،- دەدى بوتكا خوجايىنى مەنىڭ «ئەسسالام» بىلەن تەڭ سوزغان قولۇمنى يەڭگىل سىقىپ كۆرۈشۈپ تۇرۇپ،- نەمە دەپ بۇ كىچىك ئۇستامنى «ئەپەندىم بولالماغان بالا» دەپ چاقىرىدىلا قارىم بۇرادەرىم؟ دەپ قوشۇپ قويدى ئاخىرىدا.

– بۇ بىزنىڭ پولات ئەپەندىمنىڭ ئوغلى بولىدۇ، ئەنۋەرجان ئۇستام،- دەپ چۈشەنچە بەردى تۇرسۇن قارىكام،- سىلىمۇ بىلىلا، ھازىر ئالىي مەكتەپلەر تاقالىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بالالارنىڭ ھەممەسىنى زىيالىي ياش قىلىپ، يەزا-يەزالارغا تەقسىم قىلىۋەتمىدىمۇ ھۆكۈمەت؟ شۇ دولقۇندا بىزنىڭ يەزامىزغا قايتىپ دىھقان بولۇپ قالدى بۇ ئەركەك. قاراسىلا، ئەقلىگە بارىكاللاھ بۇنىڭ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا بىكار يۈرگەچە دەپ، ھۈنەر ئۆگرەنىپ قويۇپتىكەن. ئەسقاتقان دەگەن شۇ-دە! مانا مۇشۇنداق ھەر بازار بىر-ئىككى دانە بالا ئۆتۈك تەييارلاپ ساتىپ، ئائىلەسىنىڭ ھەپتەلىك ئوتۇن-كۆمۈر، سەي-ئوتياش چىقىم خەرجىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.

– مۇنداق گەپ دەسىلە. پولات ئەپەندىمنىڭ ئوغلى بولسا، مەنىڭ ئىنىم ئىكەن بۇ يىگىت. بولدى، مەن چوڭ ئەترەت سەكرىتارىغا ئۆزەم دەي، مۇندىن كەيىن، ئاپتاپ چاقىپ تۇرىدىغان ئاتىزدا ئىشلەمەي، ماڭا ياردەمچى بولۇپ، چوڭ ئەترەتنىڭ موزدۇزلۇق كارخاناسىدا ئىشلەسۇن،- دەدى ئۇ «ئەنۋەرجان ئۇستام» ئاتالغان بوتكا خوجايىنى،- قاراسىلا، بۇ كىچىك ئۆتۈككە!  قولى گۈل ئىكەن بۇ يىگىتنىڭ، ئوبدان تىكىپتۇ،- دەپ قوشۇپ قويدى قولۇمدىكى بالا ئۆتۈكتىن بىر جۈپنى قولىغا ئالىپ، ئۇيان-بۇيانىغا مۇنداقلا بىر قاراۋەتكەندىن كەيىن.

شۇ گەپ بولۇنۇپ ئىككىنچى ھەپتەنىڭ بازار كۈنى ئاخشامى بىزنىڭ كىچىك ئەترەتنىڭ باشلىقى ئۆيىمىزگە كىرىپ: «چوڭ ئەترەت باشلىقى ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئەرتەدىن باشلاپ چوڭ ئەترەتنىڭ موزدۇزلۇق كارخاناسىدا، ئەنۋەرجان ئۇستامنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ھۈنەر قىلسالارى بولىدىغان بولدى» دەدى. شۇنىڭ بىلەن، 1969-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتەسىدىن باشلاپ، چوڭ ئەترەتنىڭ كەنتىمىزنىڭ ساربان يولبويى مەھەللەسىگە جايلاشقان ۋە بىر-بىرسىدىن ئەگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئۈچ تۈپ شەمشاد دەرەخى بار كەڭ قورۇسىنىڭ شىمال تامىغا چاپلاپ بىنا قىلىنغان موزدۇزلۇق كارخاناسىغا كىرىپ، كاسىپ سالاھىيەتى بىلەن، موزدۇزلۇق ھۈنەرى قىلىشقا باشلادىم.

شۇ چاغ ساۋاقداش ئۇستام ئابدۇكەرىم ئىبراھىمنىڭ مەنى دۇككان ئايرىپ قويغان چاغىدا ئەيتقان: «بىر ئوغۇلغا ئون خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ؛ ھۈنەر بىلگەن ئادەمنىڭ قەدرى بولىدۇ؛ ھۈنەر قىلىشنى تاشلاپ قويما، ساۋاقداش شاگىرتىم!» دەگەن گەپى ئەسىمگە كەلدى ۋە ئاشۇ پۇرسەت چاغلارنى غەنىيمەت بىلىپ، موزدۇزلۇق ھۈنەرىنى ئۆگرەنىپ قويغانىمدىن ئۆزەممۇ سۆيۈنۈپ قالدىم. ئەمسەچۇ، شۇ كۈنلەردە، كەنتلىك ئەل-جامائەت تەرەپىدىن: «ھەم ئوقۇپتۇ، ھەم ھۈنەر ئۆگرەنىپتۇ، ئەقىللىق بالا ئىكەن» دەپ ياخشى باھا بەرىلىپ، مەھەللە-كوي، ھەتتا پۈتۈن چوڭ ئەترەت تەۋەسىدەمۇ خەلى تونۇلغان زىيالىي ياش بولۇپ قالغان ئىدىم.

بىر پارچە يازما دوكلاتنىڭ مەئرىپەتى

بىراق، يەزامدىكى موزدۇز ھۈنەرۋەنلىك مەشغۇلاتىم ئۇزاق داۋاملاشالمادى. موزدۇزلۇق كارخاناسىدا ئىشلەۋاتقانىمغا ياڭىلا ئىككى ئاي بولۇپ ئاشقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچىيكاسىنىڭ سەكرىتارى مۇھەممەد توختى مەنى ئىشخاناسىغا چاقىرتىپ: «شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن چىققان خىزمەت تەكشۈرگۈچىلەرگە تۆۋەندىكى دىھقانلار ئامماسىدىن: ‹ئەمگەك بىلەن چەنىقىشقا ئەۋەتىلگەن زىيالىي ياشنى ئاتىز-ئەرىقنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگەكىدىن قاچۇرۇپ، سايىدا ئولتۇرىدىغان ئاقنانچى قىلىپ قويدى. بۇ قانداقمۇ ئەمگەكتە چەنىققان بولىدۇ؟› دەپ پىكىر چۈشۈپتۇ، خەلق ئامماسىنىڭ ئىنكاسىغا ئەھمىيەت بەرمەسەكمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، سىز بۇنى توغرا چۈشەنگەن ھالدا،  يەنەلا مەھەللەڭىزدىكى بىرىنجى كىچىك ئەترەتكە قايتىپ، ئاتىز-ئەرىق ئەمگەكىگە قاتناشىشىڭىزنى توغرا تاپتۇق» دەدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ، بىرىنچى كىچىك ئەترەتىمگە قايتىپ، ياڭىۋاشتىن ئاتىز-ئەرىق ئەمگەكچىسى بولدۇم.

1970-يىل 3-ئاي بولغاندا، مەنى چوڭ ئەترەتتىن مەخسۇس ئاتاپ، يەزامىزدىن يەتتە كىلومەتىر يىراقتا بولغان باش ئۆستەڭ قاپقا-زاكو (闸口 چوڭ دەريادىكى سۇلارنى كىچىك ئەرىق-ئۆستەڭلەرگە بۆلۈدىغان مۇئەسسەسە) قۇرۇلۇشى ھاشارىغا ئەۋەتتى. “مەھشەر” ئاتالغۇسىدىن كەلگەن بۇ «ھاشار ئەمگەكى» دەگەنىمىز پۈتۈن يەزا، ھەتتا پۈتۈن شەھەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنىپ ئالىپ بارىلىدىغان ئەڭ ئاز نەچچە مىڭ ئادەملىك ئومۇمىي ئەمگەك بولۇپ، بۇ خىل ئەمگەك كۆپرەك ئەرتەياز ۋە كۈز پەسىللەرىدە ئالىپ بارىلىدىكەن ئۇقسام.

«ئاللاھ كارامەت!» دەگەنىمچە پەشانەمگە بىرنى ئۇرۇپ، تۇرۇپلا قالدىم ئاشۇ ھاشار مەيدانىغا يەتىپ بارغان كۈنى. نەمە دەگەن جىق ئادەملەر بۇ –ھە؟! ھەلىقى «زامانى ئاخىردا بولىدۇ» دەپ رىۋايەت قىلىپ سۆزلەنىدىغان قىيامەتتىكى مەھشەرگاھنى ئوڭۇمدا كۆرگەندەك بولدۇم گويا. كەڭ كەتكەن بىر غىلاڭ ساي، كەتمەن، گۈرجەك ۋە مەتىن قاتارلىق ئەمگەك سايمانلارى بىلەن قوراللانغان ئىنسانلار توپ-توپى بىلەن بەس-بەستە ئەمگەك قىلىۋاتاتتى: كىملەردۇر ناخشا توۋلاغاچ قۇم-شەغىل تاسقاۋاتقان؛ ئاللاكىملەر ياقىنلا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغ باغرىدىن يوغان-يوغان تاشلارنى قومۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى قول تراكتورى ياكى ئات ھارۋالارغا باسىپ، ياسالىۋاتقان زاكو-توما باشىغا توشۇۋاتقان؛ تاش-شەغىل توشۇۋاتقان ھارۋالىق كىشىلەرنىڭ يول بەرىشنى سوراپ ۋارقىراغان «پوش-پوش»لارى، قۇم-شەغىلنى ئارالاشتۇرۇپ سىمونت لايى تەييارلاۋاتقان ماشىنالارنىڭ گۈلدۈر-تاراقلارى، سايلىقنىڭ تۆۋەن تەرەپىدىن دەريا لەۋى ئەگىزلىكىگە قاراپ، توپا-شەغىل ئىتتىرىپ تۈرتىۋاتقان زەنجىر تاپان تۈرتكۈچ تراكتورلارنىڭ  قۇلاقنى يارغۇدەك دەھشەت قوپال موتۇر ئاۋازى قوشۇلۇپ، ھاشار مەيدانى ئاسمانىنى شاۋقۇن-سۈرەن ساداسى ئىچىگە كۆمۈۋەتكەنىدى.

«بۇ نۆۋەتلىك ھاشار ئەمگەكى ساق بىر ئاي داۋاملاشىدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇلغانىدى. بىزنىڭ بىرىنجى چوڭ ئىشلەپچىقارىش ئەترەتىگە قاراشلىق توققۇز ئەترەتتىن ھەر كىچىك ئەترەتتىن بەش ئەمگەك كۈچىدىن بولۇپ، جەمئىي قىرىق بەش ئەر ئەمگەكچى ئون كۈن ئىشلەيدىغان بىرىنجى تۈركۈم ھاشارچىلار بولدۇق. كەلدۇق-يۇ، يۈك-تاقالارىمىزنى بىر ياندا قويۇپ، دەسلەپ ئۆزلەرىمىز ياتىپ-قوپىدىغانغا چادىر ئۆي ھازىرلادۇق. ھەر ئۆيدە ئون بەشتىن ئادەم تۇرىدىغانغا ئۈچ چادىر ئۆي ياپىلدى. دەرھال ئىشقا چۈشۈپ كەتتۇق.

مەن دەسلەپكى ئىككى –ئۈچ كۈندە شەغىل تاسقادىم. كەيىنكى بىر نەچچە كۈن قۇم تاسقادىم. يەنە بىر نەچچە كۈن بىر چارقلىق ياغاچ قول ھارۋادا ئۇششاق تاش توشۇدۇم. كەينكى بىر –ئىككى كۈن قول تراكتورىغا تاش باسىپ بەردىم. ئەمەلىيەت بىلەن كۆردۈمكى، ھاشار ئەمگەكى دەگەن مەھەللە-كويدىكى ئاتىز-ئەرىق ئەمگەكىدىن بەكلا ئاغىر بولغاننىڭ ئۈستىگە ئالدىراش، بىر دەم- يارىم دەم ئولتۇرىۋالىدىغان ئىش مۇتلەق يوق، ئىش سىجىللىقى تولامۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا، قوللارىم قاپارىپ كەتتى. پۇتلارىم تاش-شەغىلغا سوقۇلۇپ، ئانچە-مۇنچە يارا- يەغىرمۇ بولدى. ئەمما، لەۋىمنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردىم. توققۇزىنجى كۈنى بولغاندا، چوڭ ئەترەت باشلىقى مەنى ئون كۈنلۈك ئەمگەك تەپسىلاتىدىن يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان يازما دوكلات تەييارلاشقا ۋەزىپەدار قىلدى. دەسلەپتە، چوڭ ئەترەتىمىزگە قاراشلىق ھەر قايسى كىچىك ئەترەت ئەمگەك گۇرۇپپالارى مەسئۇللارىدىن مەن دوكلات ئالدىم. ئاندىن ئۇنى رەتلەپ، چوڭ ئەترەتىمىزنىڭ ئون كۈن ئىچىدە، ھەر كۈنى ئورۇنلاغان ۋەزىپە ۋە ئادا قىلغان ئىشلەرىنى تەپسىلىي ئەمما چۈشەنىشلىك قىلىپ، ماددا ۋە رەت-نىنجىلەرى ئانىق بولغان توققۇز –ئون بەتلىك يازما دوكلات قىلىپ ھازىرلاپ بەردىم.

ئونىنجى كۈنى چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كەيىن، چادىرىمدىكى ياتاقىمغا يۆلەنىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاچ، كۈندەلىك خاتىرە يازىۋاتاتتىم. چادىرداشلارىمدىن بەئزىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇخلاۋاتاتتى. بىر نەچچەيلەن قەرت ئويناپ ئولتۇرىشاتتى. شۇ ئاندا، ھەلىقى مەن دوكلات يازىپ بەرگەن چوڭ ئەترەت باشلىقى ئۆزى بىلەن بىرگە ئەگىز بويلۇق، نىمكەش ۋە كاكار-پاگونسىز ھەربىيچە كىيىم كىيىۋالغان بىر ئادەمنى ئەگەشتۈرگەنىچە چادىرغا كىرىپ كەلدى.

– بىزنىڭ دوكلاتنى يازغان مانا مۇشۇ زىيالىي ياش!،-دەدى چوڭ ئەترەت باشلىقى مەنى بەگىز قولى بىلەن جۆنەپ تۇرۇپ كۆرەڭ ھالدا.

ئاڭغىچە مەنمۇ چادىر ئۆيىمىزگە كىرگۈچى مىھمانلارنىڭ ھۆرمەتى ئۈچۈن، ئورنىمدىن قوپتۇم ۋە قارشى ئالىپ، ئالدىمغا ئىككى قەدەم ماڭىپ، ئىھتىرام قىياپەتىدە تۇردۇم.

-مەن ئابدۇللاھ ئابىت بولىمەن،- دەدى مىھمان سالاملىق قولىنى ماڭا ئۇزاتىپ تۇرۇپ،- ئۆزلەرىنىڭ ئىسمى؟

– ئابدۇرەئوپ پولات،- دەپ جاۋاب بەردىم ۋە قوشۇپ قويدۇم،- مەن يەزامىزغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن كۈنى، رەسمىيەت ئۆتەش ئۈچۈن يەزالىق ھۆكۈمەتكە بارالماغان بولساممۇ، سىلىنىڭ نامىشەرىپلەرىنى ئاڭلاغان، سىلە بىزنىڭ يەزا باشلىقىمىز. بۈگۈن بۇ ھاشارگاھتا سىلە بىلەن كۆرۈشكەنىمدىن بەكلا مەمنۇن بولدۇم!

– مەن تەخىمۇ خوشال بولدۇم. سىلىنىڭ يازغان دوكلاتلارىنى پۈتكۈل يەزا بويىچە ئۆرنەك دوكلات قىلىپ، ھەر قايسى چوڭ ئەترەت باشلىقلارىنىڭ ئۆز قولى بىلەن كۆچۈرىۋالىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ھەي،…ئوقۇغان دەگەن باشقا، ئوقۇغاندىمۇ ئىملالىق خەت يازالايدىغان، مەنتىقەلىق گەپ قىلالايدىغان ۋە ئويلاغانلارىنى، دەمەكچى بولغانلارىنى قەغەز يۈزىگە تەكەللۇمەسىنى كەلتۈرۈپ يازالايدىغان بولغان دەگەن تەخىمۇ باشقاچە!

ئابدۇللاھ يەزا باشلىقى ئوتتۇز بەش ياشلار چاماسىدا كەلىدىغان، ئاۋازى ئەركەكلەرگە خاس «بوڭ-بوڭ» ۋە جاراڭلىق چىقىدىغان، سۆز-كەلىمەلەرنى ئايرىپ-ئايرىپ ۋە تويۇندۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان زىيالىي سالاپەت كىشى ئىدى. تۇنجى كۆرۈشكەنىمىزدە، ئۇنىڭ خۇددى كونا تونۇش بۇرادەرى ياكى قارىنداش ئىنىسى بىلەن مۇڭداشقاندەك تۈزۈتسىز ۋە ئوچۇق سۆزلۈك سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى مەندە چوڭقۇر تەئسىر ۋە ئىھتىرام تۇيغۇسى قالدۇردى.

– باياتىن بىز كىرگەندە نەمە يازىۋاتاتتىلە؟،- توساتتىن سوراپ قالدى.

– كۈندەلىك خاتىرە،-دەپ جاۋاب بەردىم ۋە قاتلاقلىق يوتقان-كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويغان خاتىرە دەپتەرىمنى ئەپكەلىپ كۆرسەتتىم.

ئاڭغىچە، چادىرداشلارىممۇ يوپۇرۇلۇپ كەلىپ، خوشال ۋە ئىھتىراملىق كەيپىياتتا، يەزا باشلىقى بىلەن بىر-بىردىن قول ئالىشىپ كۆرۈشتىلەر. ئابدۇللاھ يەزا باشلىقى كۈندەلىك خاتىرەمنى قىزىقىش بىلەن ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلادى. «ئون توققۇز ياشىمدا دىھقان بولدۇم يەزامدا» دەگەن يوغان قانىق خەتلىك باش ماۋزۇ ئاستىدا يازىلغان كۈندەلىك خاتىرەلەرىمدىن بىر قانچە بەت ئوقۇپ باقتى. ئارقادىن، نەمەدۇر بىر ئىش يادىغا كەلگەندەك بولۇپ، قول سائەتىگە بىر قاراۋەتىپ:

– بۈگۈن كەچتە قايتىسىلەرغۇ؟،- دەدى ئۇ ھەممەيلەنگە مۇنداقلا بىر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كەيىن،- ئابدۇرەئوپ ئۇكام، سىلە ھەلى مەن بىلەن بىرگە قايتسىلا. چۈشتىن كەيىن سائەت تۆرتتە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە يىغىن بار ئىكەن ماڭا. يەنە ئون بەش –يىگىرمە مىنۇتقىچە ماشىنا چىقىدۇ. مەن سىلىنى ئالىۋالاي. سىلە بىلەن دەيىشىدىغان يەنە جىق گەپلەر بار تەخى.

شۇنداق قىلىپ، مەن يەزا باشلىقى ئابدۇللاھ ئابىتنى ئالىشقا چىققان ماشىناغا ئولتۇرۇپ، باشقا ھاشارچى قارىنداشلارىمدىن ئۈچ-تۆرت سائەت بۇرۇن قايتقان بولدۇم ئۆيۈمگە. ئابدۇللاھ يەزا باشلىقى يول بويى ئۆز كەچمىشلەرىنى، قاچان قايسى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىدىن باشلاپ، قايسى ۋاقىتتا قايسى ھەربىي قىسىمدا ئەسكەر بولغانلىقىغىچە، يەزالىق ھۆكۈمەت مەسئۇلى بولغاندىن بۇيانقى خىزمەت تەئسىراتىدىن تارتىپ، بۇلتۇردىن بۇيان يەزامىزغا چەنىقىشقا چۈشكەن زىيالىي ياشلار ئىچىدىكى ياخشى ئۆتۈشىدىغان بالا ئاغىنەلەرىغىچە قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى. مەنمۇ ئۆز نۆۋەتىدە، ئۆزەمنىڭ قىسقاغىنا يارىم يىلدىن بۇيانقى چەنىقىش تەئسىراتلارىمنى سۆزلەپ بەردىم. يەزا باشلىقى ئاخىردا قىزىقىش نەزەرى بىلەن سورادى:

– ياقىندىن بۇيان قانداق ياڭى كىتاب ئوقۇدىلا؟

– مەھەللەمىزدىكى ئاغىنەلەردىن بىرسى پارس يازغۇچىسى مىرزا مۇشفىق كازىمىي يازغان «دەھشەتلىك تەھران»نى بىرەيلەندىن ئارىيەت ئالغان ئىكەن. كىچىك ئەترەتنىڭ ئىشخاناسىدا، تۆرت-بەشىمىز بىر كەچە تۈنەپ ئوقۇۋەتتۇق،- دەپ جاۋاب بەرسەم، باشىنى ئارقاغا تاشلاپ قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى يەزا باشلىقى.

– شۇنداق، بەزى مەشھۇر كىتابلارنى تەنقىدىي تەھلىل يۈزىدىن بولسامۇ ئەستايىدىل ئوقۇۋەتىش لازىم،-دەدى ئۇ كۈلكەسىنى توختاتىپ،- مەنمۇ كىتاب خۇمارىسى، پات-پات ياڭى كىتاب ئوقۇپ تۇرماسام خۇيۇم تۇتۇپ قالىدۇ. مەن ھازىر بىرەيلەن تاپىپ بەرگەن مەشھۇر تاتار يازغۇچىسى ئابدۇللاھ توقاي يازغان «قۇتلۇق قان» دەگەن روماننى ئوقۇۋاتىمەن. ھەقىقەتەن ياخشى يازىلغان رومان ئىكەن. ئوقۇپ بولسام، بەرىپ تۇراي، سىلىمۇ بىر ئوقۇۋەتسىلە. ئوقۇغانمۇ-يا؟

– ياق. ئاڭلاغان، ئەمما ئوقۇپ باقماغانىدىم،- دەپ جاۋاب بەردىم.

ئاڭغىچە ماشىنا بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە قايرىلىدىغان يول دوقمۇشىغا كەلىپ قالدى. مەن ئىجازەت سوراپ، يۈك-تاقامنى ئالىپ، چۈشىۋالدىم. ماشىنا بىلەن ئەپكەلىپ قويغان ئىلتىپات ئۈچۈن تەكرار-تەكرار رەھمەت ئەيتتىم.

– شۇنداق بولسۇن، ئەمىسە، -دەدى ئابدۇللاھ يەزا باشلىقى ماشىنا كابىنكاسىدىن باشىنى چىقارىپ تۇرۇپ،- ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق. ئەمدى، مۇندىن بۇيانەت يەزالىق ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتۈپ قالسىلا، كىرمەي، كۆرۈشمەي كەتمىسىلە. ھە، راست، ئاۋۇ كۈندەلىك خاتىرەلەرىنى ۋاراقلاپ باقتىم. شۇنداق ياخشى يازىپلا. بىلىنىپلا تۇرىدۇ، ياخشى يازالايدىكەنلە. خاتىرەلەگەنلەرى ئاددىى ئىشلار بولسامۇ، تەئسىراتلارى گۈزەل ۋە ئۇ تەئسىراتلارنى ئىپادەلەپ يازغان جۈملەلەرى شۇنداق ياقىشلىق. مەن بەكمۇ ياراتتىم.

مەن تەكرار تەشەككۇر ئەيتتىم. بىز خۇددى قەدىناس ئاغا-ئىنىلەردەك سەمىمىي تىلەكلەر بىلەن خەيرلەشتۇق.

خۇللەس كالام، دىھقان بولۇپ قاتناشقان تۇنجى ھاشار ئەمگەكىنى غەلىبەلىك تاماملاپ كەلدىم. نەق تەئسىراتىم شۇكى، تەن ساغلام بولسالا، ئىنساننى ئەمگەكنىڭ مۇشەققەتى ئاداققىي جەھەتتە پايمال قىلالمايدىكەن، ئەزەلمەيدىكەن؛ ئەكسىچە، مۇشەققەتلىك كوللىكتىپ ئەمگەك ئىنساننى ئىرادە جەھەتتىن جىق تاۋلايدىكەن؛ يەزا كادىرلارىنىڭ ھەممەسى تومپاي بولمايدىكەن، ئۆزنىمۇ ئۆزگەنىمۇ بىلىك تارازاسى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئىستىدات ئىگەلەرى ھەم بار ئىكەن.

ئەڭ مۇھىمى، زۆرۈرىيەت بولۇپ، ئۆگرەنگەنىمنى ئىشلەتىپ يازغان بىر ئاددىى ئەمگەك خۇلاسەسى دوكلاتىمنىڭ ۋاسىتەسى بىلەن شۇ قەدەر سەۋىيەلىك ۋە چىقىشقاق يەزا ئىگەلىك مەسئۇل كادىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغانىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئۇكالارچە قارىنداشلىق تۇيغۇسى ئىچىدە، يول بويى سىرداشىپ كەلگەنىم مەنى خەلى كۈنلەرگىچە ھاياجان ئىچىدە ياشاتتى.

ياخشى كۈنلەرنىڭ يامانى

ئون كۈنلۈك ھاشار ئەمگەكىدىن قايتىپ كەلگەنىمدىن كەيىن، كىچىك ئەترەت باشلىقى مەنى بۇرۇنقى تولاراق ساي، سۇللۇغ قاتارلىق مەھەللەمىزدىن ئالتە-يەتتە كىلومەتىر يىراقتىكى جايلارنىڭ ئاتىز ئەمگەكلەرىنى قىلىدىغان چوڭ ئاتىزلىق گۇرۇپپاسىدىن يۆتكەپ، كىچىك ئەترەتىمىزنىڭ سەي-ئوتياش گۇرۇپپاسىغا تەقسىم قىلىپ قويدى. بۇ ھالدا، داۋاملىق مەھەللەدەلا، مەھەللەمىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتياش-چۆنەكلىك ئاتىزلاردا ئەمگەك قىلىدىغان بولۇپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كەيىن ۋاقتىدا تاماق يەپ، كەچتە چىراغقا كىرىپ، خۇسۇسى موزدۇزلۇقۇمنى قىلىۋالىدىغان مۇقىم ۋاقىتقا ئەرىشتىم. بۇنىڭلىق بىلەن، تالانىڭ ئىشىمۇ، ئۆينىڭ ئىشىمۇ ئوبدان يۈرۈشكەچ، كەيپىم چاغ، روھىم كۆتۈرەڭگۈ، ئۆزۈمنى ھالال ئەمگەكىم بىلەن ئەلنىمۇ، ئۆينىمۇ خوش قىلالايدىغان بالاغەتلىك ئەر ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ھالبۇكى، بۇ ئىنسان ھاياتىدا، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يەتىلىۋاتقان ياش ئىنسانلار ھاياتىدا، ئۆزىنىڭ ئەمدى ئۇششاق بالا ئەمەس، بەلكى ياراملىق چوڭ ئادەم بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆز-ئۆزىدىن سۆيۈنىدىغان ۋە رازىمەن بولىدىغان تولامۇ ئەھمىيەتلىك بىر يەتىلىش مەۋسۇمى ھىسابلانىدۇ.

مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 1970-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ساقسىز بولۇپ قالغان دادام پولات ئەھمەد ئەللىك بەش ياشىدا، تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتتى. بۇ- خۇددى ئوچۇق ھاۋالىق كۈندە توساتتىن چاقماق چاقىپ، جاھاننى بورانلىق قارا يامغۇر  باسىپ كەتكەندەك بىر تاسادىپىلىق بولۇپ، مەنى ھاڭ-تاڭدا قالدۇردى. دادامنىڭ زىققا كەسەلى بار ئىدى شۇ. باھار  ۋە قىش پەسلىدە بىر ئاز قوزغالىپ قالاتتى. دورا ئىچسەلا، يەنە تەدرىجى ياخشىلانىپ كەتەتتى. بىر كىچىكىنە زىققا كەسەلىنىڭ گەزى كەلگەندە قوزغالىپ كەتىپ، دورا ئىچۈرگىچە بولغان ئارالىقتا، «ھايت-ھۇيت» دەپ بولغىچە ئادەمنىڭ جانىنى ئالىدىغانلىقىنى ھىچ ئويلاماغان ئىكەنمەن، ئەييۇھەنناس!

دادام پولات ئەھمەد 1915-يىلى، كاشغەر شەھرىنىڭ يۇمۇلاقشەھەر كۆلباشى كوچاسىدا، بىر تىكىمچى (قەشقەر خەلق تىلىدا «ماشىناچى» دەيىلىدۇ) قول ھۈنەرۋەن ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاناسى پەزىلەتخان ئۆي ئايالى، داداسى ئەھمەد ھاجىم بولسا، كوچا ئاغىزىدا تىكىمچىلىك دۇكانى بار خەلى داڭقلىق تىكىمچى كاسىپ ئىكەن. داداملار بىر ئاتا-ئانىدىن تاش خەنىم، تىللا خەنىم ۋە پولات خان (ئۆز زامانىسىدا، ئۇيغۇرلاردا ئەر-ئوغۇللار ئىسمى ئاخىرىغا «پادىشاھ» ئۇقۇمىدىكى »خان»نى قوشۇمچە قىلىش ئادەتى بار ئىكەن) ئۈچ پەرزەنت بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق ئاتا ئەھمەد ھاجىم بوۋامىز  بىردىنبىر ئوغلى بولغان پولاتنى شۇ چاغدىكى مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكەتىنىڭ تەئسىرى بىلەن ئاچىلغان ياڭىچە مەكتەپتە ئوقۇتقان ئىكەن.

دادام پولات ئەھمەد 1933-يىلى، كاشغەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بۇلاقسۇ يەزالىق باشلانغۇچ مەكتەپىگە ئوقۇتقۇچى بولغان. شۇندىن كەيىن، ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ، كاشغەر ۋىلايەتىنىڭ يوپۇ:غا ناھىيەسىگە تەۋە سىيەك يەزالىق باشلانغۇچ مەكتەپى، تىيگىن يەزالىق باشلانغۇچ مەكتەپى ۋە كاشغەر شەھىرى شامالباغ يەزاسى مۇراتبەخشىش ئاتام باشلانغۇچ مەكتەپى قاتارلىقلاردا، تاكى 1963-يىلغا قەدەر ساق ئوتتۇز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئۆمۈرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن بولسامۇ، مەنىڭ زىھىن-نەزەرىمدە، ئۇ مەيلى دۇنيا قاراش جەھەتتە بولسۇن ۋە مەيلى پىكىر قىلىش جەھەتتە بولسۇن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفەسسورلارىدىن قالىشمايدىغان ئاڭ-سەۋىيەگە ئىگە بىر مائارىپچى ئىدى. ئۇ ھەلىقىدەك، ئاسمانغا قاراپ ئىلاھتىن زارلانىپ، يەرگە قاراپ ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمدىن  قاخشاپلا ئۆتىدىغان، قالاقلىقنى ئۆزىنىڭ ھورۇنلۇقىدىن كۆرمەي، ھەمىشە باشقالارغا دۆڭگەپ ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان، ئەمما ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى ھەرگىز ئىئتىراپ قىلمايدىغان قەيىداش پەلسەپەسىگە تولامۇ ئۆچ ئىدى. ھەرقانداق ئەھۋالدا، تەمكىن بولۇشنى، ئۈمىدۋار بولۇشنى ۋە ئىقبالنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان، كەلىچەكنى كۆرەلەيدىغان بولۇشنى، ئۆگرەنىش ئارقالىق، باشقالار قىلغاننى ئۆزىمۇ قىلالايدىغان بولۇشنى، ئەمگەك ئارقالىق، تىرىشچانلىق ئارقالىق ئۆزىگە تالىق ئىستىقبال ئاچىشنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاشۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە، نۇرغۇن ئادەملەر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاقالىپ كەتىشى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارىنىڭمۇ يەزالارغا ئەۋەتىلىشىدىن زارلانىپ، ياشلارنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلەنىپ كوتۇلداشسا، دادام قوپۇپ ئۇلارغا: «مەنىڭ چۈشەنچەمچە، نۆۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر ئاز قىيىنچىلىقى بولسا كەرەك، شۇڭا، ئالىي مەكتەپلەرنى ۋاقىتلىق تاقاپ، ياشلارنى يەزالارغا ئەمگەك بىلەن چەنىقىشقا چۈشۈردى. بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس، ئەمگەك بىلەن چەنىقىش ئىنساننىڭ ئىرادەسىنى تاۋلايدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىش لازىمكى، مائارىپ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، ھۆكۈمەت مائارىپنى ھامان قايتادىن راۋاجلاندۇرىدۇ. چۈنكى، دۆلەت دەگەن مائارىپ بىلەن گۈللەنىدۇ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ» دەپ پىكىر قىلغانلارىنى تالاي قاتىم ئاڭلاغانمەن.

دادام پولات ئەھمەد ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت سۆيەرلىكى، سەنئەتخۇمارلىقى ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتىپ تۇرىدىغان زات ئىدى. ئۇ تەمبۇر، دۇتار ۋە راۋابلارنى ياخشى چالاتتى، ناخشا ئەيتاتتى. ئاۋازى بەك بوڭ ئەمەس، ئەمما زىلمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ھال، سۈزۈك ۋە ياقىملىق چىقاتتى. ئۇ بولۇپمۇ، تەمبۇر چالىپ ناخشا ئەيتىشنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. مەن ئۇ ئوقۇغان «قۇرغۇيۇم ئۇچۇپ كەتتى، كاشغەر يولىغا قاراپ»، «نەگە بارىسەن قارغا، ئەركەش تامدىكى يارغا»، «ئاچىلدى بۈگۈن مىھنەتنىڭ گۈلى» قاتارلىق خەلق ناخشالارىنى تولامۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم. ئۇ ناخشا ئەيتسا، سۆز-كەلىمەلەرنى تولۇق ۋە تولامۇ ئانىق تەلەپپۇز قىلاتتىكى، دىھقانچە تەلەپپۇز قىلىپ سۆزلەردىكى «ر» تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئادەتكە تولامۇ نارازىي ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مەسىلەن، ئۇ بىر قاتىم:

نەگە بارىسەن قارغا،

ئەركەش تامدىكى يارغا.

كۆزۈم قانسا قانغاندۇر،

يۈرەكىم قانمادى يارغا.

– دەپ ناخشا ئوقۇۋىدى، مەن: «دادا باشقا خەقلەر ‹قا:غا›، ‹يا:غا› دەپ ئوقۇيدىكەنغۇ؟» دەسەم، تولامۇ جىددىىي قىياپەتتە: «‹يارىم› دەگەندە ‹ر› بار –يۇ، ‹يارغا› دەگەندە، نەمىشقا ‹ر› بولمايدىكەن؟،- دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

ئۇ پەرزەنتلەرنى ئۆگرەنىشكە ھەرىسمەن، ئۆگرەنىشنى يۈك-زۇلۇم ھىسابلامايدىغان، بەلكى ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان قىلىپ تەربىيەلەشكە بەك ئەھمىيەت بەرەتتى. «كىتاب ئوقۇغاننىڭ، مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ پايداسى يوق (读书无用论)» سەپسەتەسى بازار تاپىپ كەتكەن ئاشۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدەۇ بىزنى  مەيلى سىياسىي كىتابلار بولسۇن، مەيلى ئەدەبىي ياكى تارىخ كىتابلارى بولسۇن، كىتاب ئوقۇپ تۇرۇشقا دەئۋەت قىلاتتى. شۇ چاغلاردا ئۇ ماڭا: «ئابدۇرەئوپ، كىتابلارىڭنى تاشلاپ قويما،  ھەر كۈنى ھىچ بولماغاندامۇ بىر سائەت كىتاب ئوقۇ. كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىڭ چىقماي قالغان كۈنلەرى، بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلارىڭدىكى ياخشى تەكىستلەرنى يادلا، سۈرە-ئايەت يادلاساڭمۇ بولىدۇكى، كىتاب ئوقۇماساڭ، تەكىست يادلاماساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! »  دەپ تەنبىھ بىلەن جىكىلەپ تۇراتتى. بەرگەن تەئلىم-تاپشۇرۇقلارىنىڭ ئەمەلىيلەشىشىنى تەكشۈرۈپ، ھەمىشە كىتاب ئوقۇتاتتى، تەكىست يادلاتاتتى، ھەتتا ناخشا ئوقۇتاتتى. گەزى كەلگەندە دەپ قوياي، مەن تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرىۋاتقان ھەر كۈنى ئەڭ ئاز ئۈچ تەكىست يادلاش ئادەتى مەرھۇم مۇئەللىم دادام پولات ئەھمەدنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئىزچىل تەنبىھ ۋە تەربىيەسىنىڭ مەھسۇلىدۇر، ئى، ئوقۇرمەنلەرىم!

ئەلھاسىل، ئەل ئىچىدە: «ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانادىن، ئوتتۇرا ياشتا خوتۇندىن، قەرىغاندا بالادىن ئايرىلىپ قالىش ئىنسان ھاياتىدىكى ئۈچ چوڭ بەختسىزلىكتۇر» دەيدىغان گەپ بار. يىگىرمە ياشىمدا دادامدىن مەڭگۈگە ئايرىلىپ قالىش مەنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ بولۇمسىز، ئەڭ زالىم ۋە ئەڭ ئاچچىق بىر كەچۈرمىش بولۇپ، مەنى تولامۇ تاڭىرقاتىپ قويغان ئىدى. ئەمدىلەتىن قولۇم ئىشقا، ئاغىزىم ئاشقا تەگىپ، «دادا! ماۋۇ مەنىڭ تاپقانىم ئىكەن، مەنى باقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىڭ ئۈچۈن،  قوبۇل قىلغىن» دەۋاتقان چاغلاردا، ئۇنىڭ ھىچ بىر تۇيۇق بەرمەيلا كەتىپ قالىشى مەنى ئەجەبمۇ ئەزگەن ئىدىكى، ۋاي، دەرىخا!

قازاغا رىزالىق بەرىش، «ئەلھۆكمۇ لىللاھ» دەيىش بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ سەۋر ئەنگۈشتەرىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ بولماغان بولسا، مەن نەمە بولۇپ كەتەتتىمكىن-تاڭ ئاشۇ كۈنلەردە. ئاخىر سەۋر قىلدۇق شۇ.

ئامبارچى

پولات ئەھمەد بىلەن ھاجەرخان سابىت بىر ئاتا-ئانادىن بىز تۆرت ئوغۇل ۋە بىر قىز جەمئىي بەش پەرزەنت بولۇپ، مەن بالالارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدىم. دادام پولات ئەھمەد ۋاپات بولۇپ كەتكەن چاغدا، ئاكام ئابدۇغوپۇر پولات قەشقەر ۋىلايەتىنىڭ يوپۇ:غا ناھىيەسىدىكى ناھىيەلىك بىرىنجى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. كەينىمدىكى ئۇكا-سىڭىللەرىم تەخى كىچىك بولغاچ، مەن ئۆيدىكى تۈۋرۈك ئەركەك بولۇپ قالدىم. بۇ ھالدا، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئانامغا يانتاياق بولۇپ، ئۆينىڭ نورمال تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كەلدى.

1970-يىلى، ئاۋغوست ئايىنىڭ بىر كەچقۇرۇنلۇقى، چوڭ ئەترەت باشلىقى سالام بىلەن ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. قىسقا، سالام-سەھەت سوراشقاندىن كەيىن، رەسمىي سۆھبەتكە ئۆتۈپ: «چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچىيكاسى سىلىنى چوڭ ئەترەتىمىز ئاشلىق ئامبارىنىڭ ئامبارچىلىق ۋەزىپەسىگە تەئيىنلەدى. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن كىردىم» دەدى.  مەن بۇنىڭغا نەمە دەيىشىمنى بىلمەي، ئىسەنكىرەگەن قىياپەتتە ئولتۇرسام، ئۇ گەپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئەيتتى: «بۇ ئىش ئاشۇ سىلە ھاشار ئەمگەكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كەيىن، رەھبەرلىكنىڭ مۇزاكىرەسىدىن ئۆتۈپ، يەزالىق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنىمۇ ئالىپ بولغانىدى. بىراق، شۇ كۈنلەردە دادالارى پولات ئەھمەد ئەپەندىم ۋاپات بولۇپ كەتىپ قالدى. شۇڭا، ئۇ قارارنى ئەلان قىلالماي قالغان ئىدۇق» دەدى. مەن ئويلانىپ جاۋاب بەرىشكە مۆھلەت سورادىم، چوڭ ئەترەت باشلىقى مائقۇل بولدى.

– ھەرگىز مائقۇل دەمە، جانىم بالام!،- بىرىنجى بولۇپ ئانام قارشى چىقتى بۇ ئىشقا،- جىڭ-تارازا تۇتماق ھالال-ھارامنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماق دەگەن گەپ، گۇناھلىق ئىش بۇ!

– كۈندۈزى سەي-ئوتياش گۇرۇپپاسىدا، كەچتە موزدۇزلۇق ھۈنەر تاختالارىنىڭ ئالدىدا ئىشلەپ، سىڭگەن نانلارىنى يەگەنلىرى تۈزۈك، جۇما ئۇكام!،- ھەلىقى خوشنامىز تۇرسۇن قارىكاممۇ قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەيتتى كەسكىن قىلىپ،- سىلە بىلمەيلا، بۇ بىرىنجى چوڭ ئەترەتتە ئامبارچى توختامايدۇ. ئىككى يىلدالا خيانەتچى چىقىرىپ، دوپپالارىغا گەندە ئۇسسۇپ بەرىپ يولغا سالىدۇ سىلىدەك تۈز-توغرا ئادەمنى. مەن دەپ قوياي، گىر-تارازا تۇتماق دەگەن ئوت ئويناغانغا باراۋەر. سىلە ھەرگىز قىلالمايلا ئۇ ئىشنى!

بۇ چاغدا، يەزا باشلىقى ئابدۇللاھ ئابىت شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ يۆتكەلىپ، ئورنىغا ئەسلىدىكى مۇئاۋىن يەزا باشلىقى تەۋەككۇل ھۈسىيىنھاجى يەزا باشلىقى بولغان ئىدى. تەۋەككۇل ھۈسىيىنھاجى بىزنىڭ شامالباغ مەھەللەمىز بىلەن مۇراتبەخشىش ئاتام مازارلىقى ئارقالىق تۇتاشىپ تۇرىدىغان تۈگمەن باشى مەھەللەسىلىك كىشى بولۇپ، مەرھۇم دادام پولات ئەھمەد بىلەن سالام-سەھەتى بار، دادام ئاغرىق چاغلاردا، ئالاھىدە كەلىپ يوقلاغان، مەنمۇ تونۇيدىغان  كادىر ئىدى. شۇڭا، غەيرەت قىلىپ، يەزالىق ھۆكۈمەتكە ئىزدەپ باردىم.

– كەلسىلە، ئامبارچى كادىرىمىز، كەلسىلە،-دەگەنىچە مۇلايىم ۋە قىزغىن قىياپەتتە كۆرۈشتى تەۋەككۇل ھۈسىيىنھاجى يەزا باشلىقى،- كەلسىلە، ئورۇندۇققا مەرھەمەت قىلسىلا.

– مەن شۇ ئامبارچىلىقنى قىلماسام ئىكەن، دەپ ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم، يەزا باشلىقى ئاكا،- دەدىم بىرىنجى جۈملەمدەلا.

– نەمىشقا؟،- جىددىي كەيپىياتتا سورادى ئۇ،- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش زىيالىيلارنىڭ بۇرچىدۇر. ئامبارچىلىق بولسا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ بىرىنجى سەپى. ھالبۇكى، سىلە-بىز بىرىنجى سەپتە خىزمەت قىلماساق، كىم قىلىدۇ ئەمدى؟

– مەن ئالىي مەكتەپلەر ئاچىلسالا، داۋاملىق ئوقۇماسام بولمايدۇ. بۇ مەنىڭ ئارزۇيۇم، شۇنداقلا مەرھۇم دادامنىڭ ئىزچىل ۋەسىيەتى. جانابلارى ئاتادارچىلىق قىلىپ، مەنىڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم قىلىشلارىنى سورايمەن،- دەدىممەن يالىنىش ۋە ئىلتىجا تەرزىدە.

– دەل شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن خىزمەت قىلىپ، كەمبەغەل دىھقان ۋە تۆۋەن ئوتتۇرا دىھقانلارنى رازىي قىلماساق بولمايدۇ!،- دەدى يەزا باشلىقى كەسكىن قىلىپ،- ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇلارى پەقەتلا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممانىڭ باھالاپ كۆرسەتىشىدىن ئۆتكەندە، ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ!

يەزا باشلىقىنىڭ مەنىڭ ئىلتىماسىمنى بۇ قەدەر كەسكىنلىك بىلەن رەد قىلىشى مەنى تولامۇ قىيىن ئەھۋالغا قويدى. شۇ ئاندا، مەن ئۆزۈمنى تولامۇ يار-يۆلەكچىسىز، يەتىم ۋە چارەسىز ھىس قىلىپ، كۆڭلۈم بەكمۇ يارىم بولدى. نەمىشكىدۇر، ياقىندالا ئالەمدىن ئۆتكەن دادام رەھمەتىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كەلىۋالىپ، كۆزۈمگە لىققىدە ياش ئالدىم. مەنىڭ بۇ تۈر بىيچارە ھالەتىمنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتىپ قالدىمۇ قانداق بىلمەدىم، بىر پەس جىم-جىتلىقتىن كەيىن، يەزا باشلىقى ئۆزىنىڭ خاس ئورۇندۇقىدىن قوپۇپ، مەن ئولتۇرغان ئۇزۇنچاق بەندىڭغا كەلىپ، ماڭا يانمۇيان بولۇپ ئولتۇردى ۋە تولامۇ سىپايە ئاھاڭدا دەدى:

– مەن سىلىنىڭ دادالارى بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئۈلپەتداش، مۇڭداش بىر ئادەممەن. دادالارىنىڭ سىلىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارزۇسى ھەقىقەتەنمۇ بەك كۈچلۈك ئىدى. ھەتتا، مەنمۇ سىلىنىڭ ئارزۇلارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشلارىنى بىرىنجى بولۇپ قوللايمەن. ئەمما، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، سىلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇلارىنى مەن شەخسەن ھەل قىلىپ بەرەلمەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەننىڭ، يەنى سىلە ئەمگەك قىلىۋاتقان كىچىك ئەترەت ئامماسىنىڭ، چوڭ ئەترەت رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ باھالاپ كۆرسەتىشى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. ئەسلەرىدە باردۇر ئەلبەتتە، ئۆتكەندە، سىلىنى چوڭ ئەترەتنىڭ موزدۇزلۇق كارخاناسىدىن كىم چىقارىۋەتتى؟ نەمە ئۈچۈن؟

بۇ سوئالنى ئاڭلاپ، مەن بىر ئاز بوشاپ قالدىم. دەمىسەمۇ، مەن يەزاغا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چوڭ ئەترەت باشلىقىنىڭ تەستىقلاشى بىلەن موزدۇزلۇق كارخاناسىغا كىرىپ، موزدۇزلۇق قىلغان ئىدىم. بىراق، ھەپتە ئۆتمەيلا، كىچىك ئەترەتتىكىلەر كوتۇلداپ: «يەزادا ئەمگەك بىلەن چەنىقسۇن» دەپ چۈشۈرسە، سىلەر «پەشانەسىنى ئاپتاپ چاقىپ كەتمەسۇن» دەگەندەك قىلىپ،  سايە ئۆيگە ئەكىرىپ قويغانىڭلار نەمەسى ئۇ زىيالىي ياشنى؟ دەپ پىكىر قىلغانىكەن، ھىچكىم ئاراغا چۈشەلمەدى. ئامما ئاراسىدا، «چوڭ ئەترەت كەمبەغەل دىھقان-تۆۋەن ئوتتۇرا دىھقانلار ۋەكىلى ئاممانىڭ بۇ پىكىرىنى يەزالىق ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپتۇ» دەگەن گەپ بولۇپ، مەنى دەرھاللا كارخانادىن چىقارىۋەتكەن ئىدى شۇ چاغ راست.

– كۆرگەنلا ئادەمنى چوڭ ئەترەتكە ئامبارچى قىلىپ قويغىلى بولمايدۇ،- دەدى يەزا باشلىقى ئاخىرىدا تولامۇ سەمىمىي ئاھاڭدا،- چەنىقىشقا چۈشكەن يارىم يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىي ئىپادەلەرى، بولۇپمۇ ھاشار ئەمگەكى جەريانىدىكى جاپاغا چىداملىق جاسارەت ۋە قەلەم ئىشى بويىچە ماھارەت كۆرسەتىشلەرى ھەممە ئادەمنى قايىل قىلىپتۇ. ئابدۇللاھ ئابىتمۇ: «قابىل كادىر بولغۇچىلىكى بار بالا ئىكەن بۇ، دادىل ئىشلەتسەڭلەر بولغۇدەك» دەپ، چوڭ ئەترەتتىكىلەرگە مەسلىھەت بەرگەنىكەن.

بۇ ھالدا، مەنىڭ يوۋاشلىق بىلەن پەيلىمدىن يانىپ، سۇلھى قىلىشىمغا توغرا كەلدى. چۈنكى، يەزا باشلىقى تەۋەككۇل ھۈسىيىنھاجىنىڭ دەگەنلەرى زاكونغا ئۇيغۇن ھەقىقەت، بايان قىلغانلارى بولسا، شۇ كۈنلەردە بولىۋاتقان ئەمەلىيەت ئىدى. شۇڭا، ئاخىرىدا مەن: «ئۇنداق بولسا مائقۇل، مەن قىلاي. ئەمما، چوڭ ئەترەت رەھبەرلىكى كەمبەغەل دىھقان-تۆۋەن ئوتتۇرا دىھقانلار ۋەكىلىدىن بىرنى ماڭا ئامبار ئاچقۇچىنى بىللە تۇتىدىغان ياردەمچى قىلىپ بەكىتىپ بەرسۇن» دەدىم.

– ھە، ماۋۇ ياڭى گەپ بولدى، ئەمما بولىدىغان پىكىر بولدى بۇ،-دەدى يەزا باشلىقى ئىككىلەنمەي ئىپادە بىلدۈرۈپ،- بۇ پىكىرلەرىنى مەن باشقا مۇناسىۋەتلىك يەزا رەھبەرلەرى ۋە چوڭ ئەترەت رەھبەرلىكى بىلەن مەسلىھەتلەشىپ، ئاندىن ئانىق جاۋابىنى بەرەي. كەلىشتۇق، ئەمىسە، ۋەزىپەگە ئولتۇرغانلارى خەيرلىك بولسۇن!

شۇنداق قىلىپ، 1970-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شامالباغ يەزا بىرىنجى چوڭ ئەترەتىنىڭ ئامبارچىسى بولۇپ، خىزمەت باشلادىم. ئەمەلىيەتتە، كونا ئامبارچىدىن ھەر قايسى ئاشلىق، ياغ-گۈرۈج ۋە باشقا مەنقۇلات ئامبارلارىدىكى ئەشيالارنى گىر-تارازالىق ئۆتكۈزۈۋالىش (پەندىيەن 盘店) قىلشقا بىر ئايغا ياقىن ۋاقىت كەتكەن بولدى.

يەتمىشلىك يىللاردىكى چىن يەزالارى كوللىكتىپ ئىگەلىك تۈزۈمدە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، دىھقانلارنىڭ تۈپلۈك مەسىلەسى يەنىلا قورساق مەسىلەسى ئىدى. دىھقان بىر يىل ئۈچيۈز ئاتمىش بەش كۈن ئىشلەيدۇ-يا، ئىشلەيدۇ، ئاشلىق تارىيدۇ، ئەمما قورساقى تويمايدۇ. يەزالاردا قورساق تويغۇدەك ئاشلىق يوق. شۇڭا، ھەر بىر ئائىلەدىكى نوپۇسقا ياش پەرقىگە قاراپ، نورما ئاشلىق بەلگەلەنگەن. مەسىلەن، بىر پۈتۈن ئەمگەك كۈچى ھىسابلانىدىغان ئادەم ئوتتۇز جىڭ ئاشلىق. ئاتىزلىققا چىقىپ ئەمگەك قىلالمايدىغان ئادەم يىگىرمە جىڭ…دەگەنلەرگە ئوخشاش. مەزكۇر نورما ئاشلىقنىڭ قانچە جىڭى ئاق ئاشلىق (بۇغداي)، يەنە نەچچە جىڭى قارا ئاشلىق (قوناق، تارىق) دەگەندەك ئايرىم-ئايرىم ئىنچىكە بەلگەلەمەلەر بىلەن نورما-ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ھالەتتە ئىدى. شەھەر –بازارلاردا، ئەركىن ئالىپ- ساتىلىدىغان ئاشلىق-ماي دەگەن نەرسەلەر بولماغاندىكىن، ھەممە ئادەم ئاشۇ ھەر ئايدا نورمالىق ئۈلەشتۈرۈپ بەرىلىدىغان ۋە قاتتىق بەلگەلەمە بويىچە ساتىپ بەرىلىدىغان ئاشلىققا قاراشلىق ئىدى. ھالبۇكى، ئاشۇنداق ئەزىز ۋە ئاشۇنداق قىممەتلىك بولغان ئاشلىق-ياغقا ئىگەدارچىلىق قىلىپ، ھەر ئايدىكى بەلگەلەنگەن كۈنلەردە خەلققە ساتىپ بەرىشكە ۋە بەلگەلەمە بويىچە ئۈلەشتۈرۈپ بەرىشكە مەسئۇل ئادەم ئامبارچى (ئامبار باشقۇرغۇچى) دەگەن بىيچارە دىھقانلارنىڭ نەزەرىدە ناھايەتىمۇ چوڭ مەنسەپدار ئادەم ئىدى. شۇڭا، مەن بىردەمدەلا چوڭ ئەترەتنىڭ پۈتكۈل ئەزالارىغا تونۇلۇپ كەتتىم.

ئەمما، بۇ ئىشنىڭ ئاۋارەچىلىقى كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە تولامۇ زىل ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. مۇنداق ئادەملەردىن ياخشى نىيەتلىكلەرى: «ھەي بالام، ياشلىق قىلىپ، بۇ ئىشنى دەستىڭگە ئالىپ قالدىڭ-يۇ، خەيرىيەت، ئاللاھىمغا ئامانەت، ھۇشيار بول! ھۆكۈمەتتىن توننالاپ ئالىپ، يەزا ئاھالەلەرىغا جىڭلاپ-مىسقاللاپ تارقاتىپ بەرىدىغان ئىش بۇ، يەنى پۈتۈن ئالىپ، پارچەلاپ بەرىدىغان ئىش بولغاچقا، ئادەتتە جىڭدا كىرىپ كەتىدۇ (ئازلاپ كەتىدۇ)-دە، بۇنىڭ بىلەن كەيىنكى ئومۇمىي ھىسابتا كەم چىقىدىغان ئىش كۆرۈلىدۇ. ياپ-ياش بىر بالا ئىكەنسەن، بەك ھۇشيار بولغىن-ھە!» دەيىشسە، يەنە بەئزىلەرې: «كۆرىمىز، بۇ سويما بالا نەچچە يىل ئىشلەيەلەركىن قەنى؟ ئىككى يىل ئىشلە-ئىشلەمەيلا، نەچچە مىڭ جىڭلىق خىيانەتچى ئۇنسۇر بولۇپ چىقماسىلا مەيلىغۇ!» دەيىشەتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممەسىنىڭ دەگەنلەرىنىڭ، ئەنسىرەشلەرىنىڭمۇ، گۇمان قىلىشلارىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى.

ئەمما، شۇ تۇرۇقتا، مەنىڭ ئۈچۈن چەكىنىش يولى مۇتلەق يوق ئىدى. چۈنكى، مەن يەزا باشلىقى ۋە چوڭ ئەترەت باشلىقىنىڭ ئالدىدا، «مائقۇل، مەن بۇ ئىشنى قىلاي» دەپ دەستىمگە ئالىپ بولغانىدىم. «يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن يانمايدۇر» دەگەن ئۇيغۇر ئاتا سۆزىگە ئەقىدە قىلىدىغان ۋە «بىر ئىشنى قىلماسلىق، ئەگەر قىلىشقا توغرا كەلسە، جەزمەن دادىغا يەتكۈزۈپ ياخشى قىلىش» دەگەن ئاتا تەربىيەسى بىلەن يەتىلگەن يۈرەكىم خاتىرجەم، تەمكىن ۋە دادىل ئىدى. قەيەردىندۇر بىر ئىلھاملىق سادا ئاڭلانىپ، مەنى رىغبەتلەندۈرىۋاتقاندەك ئىدى: قاراغاندا، ئالدىڭدا پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ بولسامۇ، مۇۋەپپەقىيەت! ھالبۇكى، غەيرەت قىل، ئابدۇرەئوپ ئامبارچى!

جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق

«يەزالار بىپايان زەمىندۇر، ئۇ يەردە نى نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ» دەگەن بۇ گەپنىڭ ئۆزىدە خاتالىق يوق. ئەمما، 1966-يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان ۋە «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يارىم يىل كەچىكتۈرۈلىدۇ» دەگەن ئۇقتۇرۇش بىلەن، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقاسىدا، ئۆز مەكتەپلەرىدە ساق ئۈچ يىل «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا قاتناشقان مىڭلاغان ئوقۇغۇچىلار 1969-يىلغا كەلگەندە، يەزالارغا ئەمگەك بىلەن چەنىقىشقا ئەۋەتىلگەندىن كەيىن، تەبىئىي شارائىت، مەسىلەن، ياشنىڭ چوڭايىپ توي قىلىش ياشىغا يەتىپ قالىشى، بەش-ئالتە يىلغىچە نورمال مائارىپ مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالىپ، كىتاب ئوقۇشسىز قالىش ۋە ماڭا ئوخشاش يەزا كادىرى بولۇپ قالىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش نەسىپ بولماغان ئەۋلاد بولۇپ قالدى. ئەمما، مەن بۇ كادىر بولۇشنى گەزى كەلگەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسەتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ۋاسىتەسى، يەنى كۆزلەنگەن مەنزىلگە يەتىشنىڭ ئەپلىك سەكرەش نۇقتاسى قىلىشنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈپ، ئىش باشلادىم.

«ئامبارچى» دەگەن ئەمەل-مەنسەپ ۋاسىتەسى بىلەن يەزاغا مىقلانىپ قالماسلىق ۋە مۆئرىتى كەلگەندە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسەتىنى توسالغۇسىز قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن، كادىرلىق قىلىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى باش بايراق قىلدىم. بۇرۇنقى خاتالاشىپ كەتكەن ئامبارچىلارنىڭ ئاقىۋەتىنى ئەينەك قىلىپ، ئاشلىق، ماي- گۈرۈج ئامبارىنىڭ ئاچقۇچىنى چوڭ ئەترەت كەمبەغەل دىھقان-تۆۋەن ئوتتۇرا دىھقانلار ۋەكىللەرى كومىتىتى بەلگەلەپ بەرگەن دىھقانلار ۋەكىلى بىلەن باراۋەر تۇتىدىغان (بىرئىشىككە ئىككى قۇلۇپ سالىدىغان ۋە ئىككى قۇلۇپ ئاچقۇچىنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئادەم تۇتىدىغان) قىلدىم. مەزكۇر ئامبارلارنى ئىدىتلىق، بەلگەلەنگەن ۋاقىتتا ئاچىدىغان ۋە ئامبارغا ھەر قانداق ئەھۋالدا، مەن يالغۇز قەدەم قويمايدىغان قىلدىم.

ئاندىن، ئامبارچى ئەمەلدار بولمادىم، پەقەت ئامبارنى خەلققە ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بەرىدىغان خىزمەتكار-چاكار بولدۇم. ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى بولماغان قەرى-چۈرى ۋە بەشتە كاپالەتلىك ئائىلەلەرنىڭ نورما ئاشلىقلارىنى ھەر ئايدا، ئۆزۈم ئۆيلەرىگە ئاپىرىپ بەردىم. ھەتتا، ئاغرىق-سىلاقلىق، ئاجىز غەرىپ-غۇرۋالارنىڭ نورما ئاشلىقىنى ئۆزۈم تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئۇن تارتىپ، دەرھال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇن قىلىپ ئۆيلەرىگە يەتكۈزۈپ بەردىم. نورما ئاشلىقىنى ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە شۇ تۈپەيلىدىن ئارالىقتا بىر نەچچە كۈن ئاچ-زىرىن قالىدىغانلار، مەيلى ئۇلار كەمبەغەل دىھقان-تۆۋەن ئوتتۇرا دىھقان بولسۇن ياكى باي-پومىشچىك تەركىپلىك بەش خىل ئۇنسۇر بولسۇن، ئەمەلىي ئەھۋاللارىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تىزىملاپ، نورما ئاشلىق بەرىدىغان ۋاقىت كەلىشتىن بۇرۇن، كىنىشكەسىگە خاتىرەلەپ، بارماق ئىزىنى باستۇرۇپ، ئالدىن قەرز ئاشلىق بەرىپ تۇرىدىغان تۈزۈم ئورناتتىم. تارىم ئىشلەرى ئۈچۈن ئىشلەتىلىدىغان ئۇرۇقلۇق ئاشلىق بىلەن ھەر ئايدا تارقاتىلىدىغان نورمالىق يەمەكلىك ئاشلىقلارى ساقلانىدىغان ئامبارلارنى ئايرىم-ئايرىم قىلىپ، ئۇرۇقلۇق ئاشلىقنىڭ سۈپەتىگە كاپالەتلىك قىلدىم. چوڭ ئەترەت تۇرۇشلۇق مەھەللە رايونىدىن ئارالىقى ئالتە-يەتتە كىلومەتىر يىراقتا بولغان ساي ۋە سوللۇغ كىچىك ئەترەتىدىكىلەرنىڭ ھەر ئايلىق نورما ئاشلىقىنى ھارۋا، تراكتورلارغا باسىپ، مەھەللەسىگە ئاپىرىپ تارقاتىپ بەرىدىغان قىلدىم. ياز ۋە كۈز پەسلىدە، خارماندىكى ئاشلىقلارنى ئامبارلاشتۇرىدىغان چاغدا، ئاشلىقلارنىڭ ھۆل-نەم ئامبارلاشتۇرۇلۇپ قالىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە كىرىم-چىقىم جەريانىنىڭ ھەممەسىنى كونكرىت تەدبىر-تۈزۈم  بويىچە قىلدىم. ھەر يارىم يىلدا بىر قاتىم ئامبار ھىسابىنى تەكشۈرۈپ، ئامباردىكى ئاق-قارا ئاشلىق ۋە ياغ-گۈرۈجلەرنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ، چوڭ ئەترەتنىڭ تەشۋىقات دوسكاسىغا چاپلاپ، ئامماغا ئەلان قىلىپ تۇردۇم.

مەنىڭ بۇ خىل ھىساب-كىتاب ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش مۇددىئا قىلىنغان تەدبىر ۋە باشقۇرۇش چارەلەرىم خەلق ئامماسىنىڭ قىزغىن قوللاشىغا، چوڭ ئەترەت، ھەتتا يەزا باشلىقلارىنىڭ بولۇشلۇق باھاسىغا ئەرىشىپ، بەزى چارە-تەدبىرلەرىم يەزالىق ھۆكۈمەت كادىرلار يىغىنى ئارقالىق، باشقا چوڭ ئەترەتلەرگە تەجرىبە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغانمۇ بولدى. بۇنىڭ بەدىلىگە مەن دىھقانلار ئامماسى ئىچىدە، يەزا كادىرلارى ئاراسىدا، ئېھتىراملىق يۈكسەك ئىناۋەتكە ئەرىشتىمكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، ھالاللىقنىڭ، ئىىشچانلىقنىڭ ۋە تىرىشچانلىقنىڭ ئىناۋەتى ئىدى.

«ئامبارچى ئەمەلدار بولدۇم» دەپ، ئائىلەمىزنى- ئانام ۋە قارىنداشلارىمنى تاشلاۋەتمەدىم، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدىم، ئانام ئوتياش-چۆنەك تارىقچىلىق گۇرۇپپاسىدا ئەمگەك قىلاتتى. ئامبار ئىشلەرىدىن قولۇم سەلىكسەلا، كىچىك ئەترەتكە كەلىپ، ئانامنىڭ ئورنىغا ئەمگەك قىلىپ، ئۇنى ئارام ئالدۇردۇم. ئۇ چاغلاردا، يەزالاردا ترۇبا سۈيى يوق، كۆل ۋە ئەرىق-ئۆستەڭلەردىن سۈ توشۇپ ئىچىلەتتى. بىز شامالباغ مەھەللەسى بىرىنجى كىچىك ئەترەتلىكلەر مەھەللەمىزنىڭ غەرب تەرەپىدىكى سوقاكۆل مەھەللەسى بىلەن چەگرالانىدىغان دوقمۇشقا قازىلغان كۆلنىڭ سۈيىنى ياكى بولماسا، مەھەللەمىزنىڭ شىمال تەرەپىدىن يەتتە-سەككىز يۈز مەتىر ئارالىق تاشلاپ، مەھەللەدىن يەتمىش-سەكسەن مەتىر چوڭقۇر بولغان كەڭ ئويمانلىق ۋادادىن ئاقىپ ئۆتۈدىغان تۆمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى توشۇپ ئىچەتتۇق. كۆلنىڭ  سۈيى ئادەتتە، بۇ ھەپتەدىن ئۇ ھەپتەگە ئەرىقلارغا سۇ كەلىپ، سۈيى يەڭگۈشلەنىپ بولغىچە قۇرۇتلاپ كەتىدىغان بولغاچ، كۆپىنچە دەگۈدەك دەريادىن سۇ توشۇپ ئىچىشكە مەجبۇر بولاتتۇق. تۆمەن دەرياسى ئاقىپ ئۆتىدىغان ئويمانلىق مەھەللەمىزدىن يەتمىش-سەكسەن مەتىر چوڭقۇردا بولغاچ، دەريا بويىغا چۈشۈپ-چىقىش ئۈچۈن، يانتۇلۇقى بەزەن جايلارىنىڭ قىرىق بەش گىرادۇس كۆپىنچە يەرىنىڭ بولسا، ئوتتۇز گرادۇس ئەتراپىدا كەلىدىغان باغىر-يانتۇلۇقنى باسىپ چۈشۈپ-چىقىشقا توغرا كەلەتتى. ھالبۇكى، مەھەللەدىن تۆمەن دەرياسى بويىغا يەتمىش-سەكسەن مەتىر تۆۋەنلەپ چۈشۈپ، مۇنداق يان باغىرلىقتىن قايتا مەھەللەگە ئۆرلەپ چىقىپ بولغىچە، قۇرۇق قول ئادەممۇ ھاسىراپ –ھۆمىدەپ قالاتتى. شۇڭا، «تۆمەن دەرياسىدىن ئۆيگە بىر يول سۇ توشۇماق» ئادەتتە، ھەر بىر ئائىلەدىكى ئەڭ ئىشچان ۋە ئەڭ باتۇر بالالار قىلىدىغان شەرەپلىك ۋە ئاغىر ئەمگەك ئىدى. مەن ھەر قانچە ئالدىراش بولۇپ كەتسەممۇ، ئەرتەگەندە بىر يول، ئاخشامدا بىر قاتىم تۆمەن دەرياسىدىن ئۆيگە ئىچىملىك سۈيى توشۇپ، «ئۆينىڭ ئەڭ ئىشچان بالاسى» نامىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەنىدىم شۇ يىللاردا.

ئاندىن، ئائىلەمىزنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۈزۈل-كەسىل ياخشىلاپ بەردىم. ئادەتتە، ياڭى ئۆي سالىش دەگەن دىھقان تۇرمۇشىدا ئەڭ زور ئەمگەك، پۈتكۈل ھاياتتا ئۇنتۇلماس چوڭ ئىش سانالىدۇكى، «بىز ياڭى ئۆي سالغان شۇ يىلى» دەگەننى بەجايىكى ئائىلە شەجەرەسى ئۈچۈن ياڭى ئىرا باشى قىلغاندەك ئالاھىدە تەكىتلەپ ئەيتىشىدۇ دىھقانلار. بىزنىڭ شۇ چاغقىچە ئولتۇرۇپ كەلىۋاتقان ئۆيىمىز ئاشۇ 1953-يىلدىكى يەر ئىسلاھاتى ۋاقتىدا، يەزالىق ھۆكۈمەت پومىشچىك ياقۇپشاھتىن مۇسادىرە قىلىۋالىپ، تەقسىم قىلىپ بەرگەن  ئاددىلا پەشايۋانى بار ئون بەش كۋادىرات مەتىرلىق بىر ئاغىز-بىر دەھلىزەلىك ئۆي ئىدى. مەن ئامبارچى بولۇپ ئىككىنجى يىلى ئەرتەيازدا، تارىلغۇ ئاتىزلارىنى سالالاشتۇرۇش تەلەپى تۈپەيلىدىن، ئاتىزلىقلارنىڭ ئوتتۇراسىدا قالغان ئۆيلەرنى چاقىپ، كۆچۈرۈپ، يول بويىغا ياڭىلاپ سالىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە، ئۇ كوھنا ئۆيىمىزنى چاقىپ، مەھەللەمىزنىڭ ئەڭ كۆجۈم يەرى بولغان، بىر ئۇچى يەزامىزدىكى تاش يولغا، يەنە بىر ئۇچى بولسا قەشقەر شەھىرىگە كىرىدىغان چوڭ يولغا تۇتاشىدىغان دوقمۇشقا كەڭ-كۇشادە ھويلاسى بار قورو-جاي ياسادىم.

قۇرۇلۇش قىلىشنى بۇغداي ئورماسىدىن كەيىنلا باشلاغان ئىدۇق. پۈتكۈزۈپ بولغىچە كەچ كۈز ۋاقتى بولۇپ كەتتى. قۇرۇلۇش جەريانىدا، ئانام ۋە ئۇكالىرىم باشقالاردىن ۋاقىتلىق ئارىيەت ئالغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇردى. مەن بولسام، ياغاچ-تاشلارنى ساقلاپ تالادا ۋە ئۈستى تەخى ياپىلماغان ئاشۇ ياڭى ئۆيىمىزدە، كەچ كۈزنىڭ ئاسمانىدىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ ياتتىم….راست گەپ شۇ: جاپا چەكمەي، ھالاۋەت يوق. ھەي، ئۇنتۇلماس كۈنلەر!

ھىجرەت ھارپاسىدىكى خەيرلىك دۇئالار

ئوبدان ئىككى يىل جەريانىدا، چوڭ ئەترەتنىڭ ئامبارچىلىق خىزمەتىنى ئەل رازىي، ئاللاھ رازىي ئوبدان قىلغانلىقىم ئۈچۈن، 1972-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن چاغدا، مەنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئىپادەلەپ يازغان ئىلتىماسىم ھايال بولماي، تەستىقلانىپ چۈشتى. بۇ قۇتلۇق ئىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ھەرگىز ئەسىمدىن چىقمايدۇ:

ماي ئايىنىڭ باشلارى، توققۇز كىچىك ئەترەت ئەزالارىنىڭ شۇ ئايلىق ئاشلىق نورماسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتىپ بەرىپ بولۇپ، «ئۇھ!» دەگەن كۈنلەرىمنىڭ بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئىدى. چوڭ ئەترەت قوروسىدىكى بوغالتىر-ئامبارچى بۆلۈمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئىش ئۈستەلىمدە خالىي ئولتۇرۇپ، كۈنلۈك ئىشلەرىمنى خاتىرەلەپ ماڭىدىغان خىزمەت دەپتەرىمگە بىر نەمەلەرنى جىجىپ ئولتۇراتتىم. توساتتىن ئىشىك چەكىلىپ، ئارقادىن «ئەسسالام» بىلەن كونا يەزا باشلىقىمىز، شۇ كۈنلەردىكى قەشقەر شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەۋەككۇل ھۈسىيىنھاجى كىرىپ كەلدى.

– مۇبارەك قەدەملەرىگە مەرھابا، تەۋەككۇل مۇدىر!،- دەدىم سەكرەپ دەگۈدەك ئورنىمدىن قوپۇپ ۋە  ئالدىغا كەلىپ قول ئالىشىپ كۆرۈشتۈم.

– قەنى، سۆيۈنچەلەرىنى چىقارسىلا، سىلىگە خوشخەۋەر ئالىپ كەلدىم،- دەدى تەۋەككۇل مۇدىر مەن ئىھتىرام بىلەن قويۇپ بەرگەن ئورۇندۇققا ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا.

– «يۈرەكىڭنى چىقىرىپ بەر» دەسەلەرىمۇ چىقىرىپ بەرىشكە تەييارمەن مۇدىر،- دەدىممەن گەپنىڭ ئورانىغا كەلتۈرۈپ،- قەنى، قانداق خوشخەۋەركىن، قۇلاقىم سىلىدە.

– بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلىدىكەن!

بۇ ھەقىقەتەنمۇ باھاسىز قۇتلۇق خەۋەر ئىدى. مەن ئورنىمدىن سەكرەپ قوپۇپ، مۇدىر بىلەن تەكرار قول ئالىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتىم. خوشاللىقتىن ھەقىقەتەنمۇ قىن-قىنىمغا پاتماي قالغانىدىم.

– ئىنساندا ئىرادە- تەۋرەنمەس ۋە ئۇپراماس بىر ئىرادە بولسالا، ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ،- دەدى تەۋەككۇل مۇدىر خۇددى ماڭا ئوخشاشلا خوشال كەيپىياتتا،- سىلە ئۆز ئەمەلىيەتلەرى ئارقالىق بۇنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتلە. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە، ئابدۇللاھ ئابىت بىلەن بىر يەرگە كەلىپ قالساقلا، سىلىنىڭ گەپلەرىنى قىلىشىپ تۇردۇق. بىزنىڭ ھەممەدىن خەۋەرىمىز بار: سىلە «مەن ئالىي مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇيمەن تەخى» دەپ، ئانالارىنىڭ ئۆيلەپ قويۇش پىكرىنى نەچچە قاتىم رەد قىلدىلا؛ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇش پۇرسەتىنى باشقالارغا ئۆتۈنۈپ بەردىلە. ئەڭ مۇھىمى، تەشكىل تاپشۇرغان خىزمەتنى ھەقىقەتەنمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياخشى ئىشلەدىلە. تەشكىل سىلىدىن رازىي، خەلق ئامماسى سىلىدىن مىڭ مەرتە رازىي بولدى. ئەمدى، بىزمۇ سىلىنى رازىي قىلىشىمىز لازىمكى، بۇ بىز ئۈچۈنمۇ بۇرچتۇر، ئەلبەتتە. مەن چوڭ ئەترەت ۋە يەزالىق ھۆكۈمەتتىكى يولداشلارغامۇ مەسلەھەت پىكىرىمنى ئەيتىپ قويدۇم. ئامبارچىلىق خىزمەتىنى ئۆتكۈزۈش دەگەن خەلى ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىش، بىر-ئىككى كۈندە تۈگەمەيدۇ. شۇڭا، تەشكىل ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋالىش خىزمەتىنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىلىنى بالدۇرراق ئازاد قىلىدىغان بولدى. يەنە تەشكىل ھەل قىلىپ بەرىشكە تەگىشلىك قانداق تەلەپ-ئىلتىماسلارى بار؟ تارتىنماي دەسىلە،- دەدى تەۋەككۇل ھۈسىيىنھاجى مۇدىر ئاخىردا.

– ئابدۇللاھ ئابىت مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنى مائارىپقا مەسئۇل رەھبەر دەپ ئاڭلادىم،- دەدىم مەنمۇ تارتىنىشنى قويۇپلا،- يوپۇ:غا ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئاكام ئابدۇغوپۇر پولاتنى شەھىرىمىزگە يۆتكەپ بەرىشكە كۈچى يەتەرمۇ؟ ئەگەر مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن، يۇرتىمىزدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلىپ قالسا، ئانام ۋە ئۇكالارىمنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانغا ئاكام بەك زۆرۈر ئىدى.

– بۇ مەسىلەنى ئابدۇللاھ بىلەن بىر دەيىشەيلى. مەنمۇ دەي، سىلە ئۆزلەرىمۇ ئالاھىدە يانىغا كىرىپ دەسىلە. ناھىيەدىن يۆتكەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىزنىڭ شەھىرىمىزدىن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن تاپىش لازىم. ئاكالارىنى خىزمەتكە ئالىدىغان بىر ئورگان بولسالا، ناھىيەدىكى يولداشلار بىلەن دەيىشىپ، ھەل قىلغىلىمۇ بولىدۇ بۇ ئىشنى، مەنىڭچە.

مەن تا ھازىرغىچە ئۇلارنى ھۆرمەت ۋە شۈكرانىيەت بىلەن ئەسلەپ تۇرىمەنكى، مەن يەزامغا ئەمگەك بىلەن چەنىقىشقا چۈشكەندە،  ماڭا رەھبەر بولغان مەزكۇر كوھنا باشلىقلارىم  مەن ئامبارچى بولىدىغان چاغدا بەرگەن ۋەئدەسىدە تۇرۇپ، گەزى كەلگەندە خۇددى ئۆز قارىنداشىغا ئوخشاش كۆيۈنگەچكە، ئامباردىكى ئاشلىقلارنى قايتادىن گىر-تارازىدىن ئۆتكۈزىدىغان مۇشەققەتلىك ۋە خەلى ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار پەقەت بىر ئاي ئىچىدەلا ئوڭۇشلۇق بەجا كەلتۈرۈلدى.

ئارقادىن، مەن يەنە ئاشۇ غەمگۇزارلارىمنىڭ ياردەمى بىلەن، 1956-يىلى، مەرھۇم دادام پولات ئەھمەد پۈتۈن ئائىلە بىلەن كۆچۈپ يوپۇ:غا ناھىيەسىگە ئوقۇتقۇچىلىققا بارغان چاغدىن تارتىپ، يوپۇغادا ئوقۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كەيىن، كۇرستا ئوقۇپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋە ئون ئىككى يىلدىن بۇيان يوپۇغا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپىدە نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندەسى، يوۋاش ئاكام ئابدۇغوپۇر پولاتنى قەشقەر شەھەرلىك كادىرلار مەكتەپىگە يۆتكەپ كەلدىم. يىگىرمە سەككىز ياشقا كىرىپ قالغان بۇ بىر قورساق ئاكامنىڭ تۇرمۇش مەسىلەسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىزلىقنىڭ ئالدىغا ئۆزۈم ئەلچى بولۇپ كىردىم، ئۆزۈم كەڭ داستىخان سالىپ، مەسلىھەت چايى ئۆتكۈزدۈم، شۇنداق قىلىپ، مەھەللەمىزدىكى شامالباغ يەزاسىغا تۇنجى يەزا باشلىقى بولغان نام-ئابرويلۇق زات مەرھۇم ئىبراھىم ھاجىمنىڭ ئارزۇلۇق قىزى بۈۋى مەريەم ئىبراھىمنى داغدۇغالىق توي بىلەن ئاكامغا ئالىپ بەردىم. بۇ مىلادىيە 1972-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بولغان ئىش.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەنىڭ پايتەخت بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم ئەلان قىلىنغاندىن كەيىن، ياڭى سالىنغان ئۆيىمىزنىڭ قوروسى ھەپتە -ئون كۈنگىچە يەنە بىر قاتىم توي مەنزىرەسىگە چۈمۈلۈپ، بايرام پەيزىنى سۈردى گويا. «مەن ئەرتە يولغا چىقىمەن» دەگەن كۈنىدىكى تەبىئىي توپلاشىپ كەلگەن دىھقان قارىنداشلارىمنىڭ مەنى ئۇزاتىشى تا بۈگۈنگىچە خۇددى تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن ئىشتەكلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ: ئەرىق باشى مەھەللەسىلىك ھەلىقى مەن ھەمىشە نورما ئاشلىقىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرىدىغان ئالتمىش تۆرت ياشلىق تۇل موماي زۆھرەخان چوڭ ئاپامىز ئىككى خوشنا قىزنىڭ يۆلەشتۈرۈشى بىلەن مەنى ئۇزاتقىلى كەپتۇ. بىر قولىدا ھاسا، يەنە بىر قولىدا، بىر ئاپئاق ياغلىققا چىگىلگەن تۆرت دانە توغاچ. تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن ياغلىقنى يەشىپ، ئۇ توغاچلارنى ئۇناماغانىمغا ئۇناماي، بىردىن-بىردىن ماڭا يەگۈزدى. يەپ بولغاندىن كەيىن، ئەتراپتىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ: «مەنىڭ بۇ بالام ئابدۇرەئوپ ئەرتە بەيجىڭغا ئوقۇغىلى ماڭىدۇ. ھەممەمىز بۇ بالامنىڭ سەپەرىگە ئاق يول تىلەپ، بىر دۇئا قىلايلى كۆپچىلىك!» دەدى.

– ئامىن!،- ئۇ باشلاپ قول كۆتۈردى.

ئارقادىن يىگىرمە-ئوتتۇز ياش-قەرى، چوڭ-كىچىك ئۇزاتقۇچىلار بىردەك ئاۋازدا «ئامىن!» دەيىشىپ، خۇددى ھەرەمگە سەپەرگە چىققان كاندىدات ھاجىم ئۈچۈن ئۇزاتىش دۇئاسى قىلغاندەك، تەئسىرلىك جۈملەلەر ۋە سەمىمىي تىلەكلىك سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىشتىلەر!

مەن دەيمەنكى، ئى، دىھقانلار، ئى، ھالال ئەمگەك بىلەن ياشايدىغان مەردانلار! سىلەر نەمە دەگەن ئاق كۆڭۈل، نەمە دەگەن سەمىمىي ئىنسانسىلەر-ھە؟ مەن بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، سىلەرگە ھىچبىر تاغنى تالقان، باغنى بوستان قىلىپ بەرمەدىم، پەقەت سىلەرگە بەرىشكە تەگىشلىك ئامانەت ئاشلىقنى بىر تال، بىر دانەسىنىمۇ ئۇيان –بۇيان قىلماي، ئۆز پەتىچە قولۇڭلارغا يەتكۈزۈپ بەردىمغۇ-شۇ؟ ئەمما، مەسىلەنىڭ تۈگۈنى دەل مۇشۇ يەردە ئىدى. مەن بۇ ئاقكۆڭۈل قارىنداشلارىمنىڭ ئىپادەسىدىن شۇنى چۈشەندىمكى، دىھقان خەق ئادەتتە، سەندىن بەك چوڭ نەرسە تەمە قىلمايدۇ. پەقەت ھالال بولۇشۇڭنى، دۇرۇس بولۇشۇڭنى ۋە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشڭنى تىلەيدۇ، شۇ!

شۇنداق قىلىپ، 1972-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتىدىن قوبۇل قىلىنغان ئون ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى كادىرلار يەتىشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جۈمەخۇن نىياز مۇئەللىمنىڭ باشلامچىلىقىدا، ماشىنا بىلەن بەيجىڭ تامان يولغا چىقتۇق. 26-سىنتەبىر ئۈرۈمچىگە يەتىپ باردۇق ۋە ئۇ يەرگە توپلانغان مەزكۇر مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنغان باشقا ۋىلايەتلىك بالىلار بىلەن جەم بولدۇق. ئىككى كۈن دەم ئالغاندىن كەيىن، پويىزغا چىقىپ، بەيجىڭغا يۈرۈپ كەتتۇق. تۆرت كەچە-كۈندۈز سەپەر قىلىپ، پايتەخت بەيجىڭغا 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، كەچ سائەت ئالتەدىن ئوتتۇز توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە، سالامەت يەتىپ باردۇق.

شۇنداق، 1972-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇ- بىز بىر ئاتا-ئانالىق بەش پەرزەنت ئىچىدە، پاراسەت، جاسارەت ۋە يۈكسەك ئىرادە بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقالىق، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسەتىگە ئەرىشكەن مەن ئابدۇرەئوپ پولات ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتكۈل ئائىلەمىز ئۈچۈن، خاتىرەلەشكە ئەرزىيدىغان ئۇنتۇلماس بىر شاراپەت كۈنىدۇر، ئەلبەتتە!

مەلۇمكى، پۈتكۈل كىشىلىك ياشام جەريانىدا، ئۆز  خىيش-ئەقرابا ۋە قارىنداشلارى ئۈچۈن، ئۆز ئانا يۇرت خەلقى ئۈچۈن، ئۆزمۇ، ئۆزگەمۇ ئىئتىراپ قىلغۇدەك ۋە ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك بىرەر تۆھپەلىك ئەمگەك قىلىش ئارقالىق، ئۆزىنىڭ قارىنداشلىقىنى ۋە ۋەتەنداشلىقىنى ئىپادىلەش ھەر قانداق بىر نورمال ئىنساننىڭ تەبىئىي ئارمانى سانالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پۈتكۈل ھاياتتا، ئۆزمۇ، ئۆزگەمۇ قايىل بولغۇدەك ئەھمىيەتلىك ھايات پائالىيەتى بىلەن ياشاغان زامان ۋە ئەزىز ماكان مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، ئەبەدۇلئەبەد ئىپتىخار بىلەن يادلانىدۇ.

ھالبۇكى، مەن زىيالىي ياش بولۇپ ئۆز يەزامدا ئەمگەك بىلەن چىنىققان ئاشۇ ئۈچ يىلنى پۈتكۈل ھاياتىمدىكى ئەڭ جاپالىق ئەمما، پۈتكۈل تىرىشچانلىقىم ۋە ئىمكانىم بىلەن تۇغقان-قارىنداشلارىم ۋە ئانا يۇرت خەلقىم ئۈچۈن، بىجانىدىل خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەڭ شەرەپلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە ئۆزگەچە قىممەتلىك بىر ياشام دەۋرىم، دەپ ھەمىشە خاتىرەلەيمەن!

2020-يىل 23-سىنتەبىر

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top