• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -13

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -13

«دەدە قورقۇت» داستانىنىڭ داۋامى….

دەسلەپتە درەستەن، ئارقىدىن ۋاتىكاندا ئىككى نۇسخىسى تېپىلغان دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى ئىزلىرىنى ئېغىز ئەدەبىياتى مەنبەلىرىدە ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە بولغان كەڭ كەتكەن رايوندا تونۇلغان دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى ھازىرقى كۈندىمۇ ئېغىزاكى شەكىلدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇلار خەلق ھېكايىلىرىدە: بەي بەيرەك، بامسى بەيرەك ۋە ئاققاۋاق قىزى…؛ مەسەلدە: تەپەكۆز، كەللەكۆز…؛ داستاندا: ئالپامىش؛ ئەپسانىدە: دەدە قورقۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەر… دۇر.

قىسقا نەسىر شەكىلدە، دىنىي جەھەتتىن ئىشەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە دەپ تەرىپلەش مۇمكىن بولىدىغان ئەپسانىلەرنىڭ دەدە قورقۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. كۆپلىگەن كىشىلەر بىلمەيدىغان ياكى بىز ئۆزىمىزنى ناھايىتى ئاز مەلۇماتقا ئىگە دەپ قارايدىغان بۇ ئەپسانىلەرنىڭ بىرىنچىسى، دەدە قورقۇت بىلەن كۆر ئوغلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەپسانىگە كۆرە، «كۆر ئوغلى دەدە قورقۇتنىڭ ئايالى ھەلىمەدىن دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاغمىقىنى دەدە قورقۇت باققان. ئاغماق بولسا، دېڭىزىدىن چىقىدىغان سۇ ئېتى بىلەن نورمال ئاتنىڭ جۈپلىشىشىدىن توغۇلىدىغان بولۇپ، بۇ جۈپلىشىشتىن دۇنياغا كەلگەن قۇلۇن دەدە قورقۇتنىڭ سېھرى بىلەن ھەقىقىي مەنىدە ئاغماققا ئايلانغان.»

ئىككىنچى ئەپسانىمىز يېڭى ئەزەربەيجان مەنبەلىك بولۇپ، دەدە قورقۇتنىڭ ئەزرائىلدىن قېچىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

«قورقۇتنىڭ ئەسلىدىكى ئىسمى دەدە بولۇپ، ناھايىتى ئەقىللىك، تەدبىرلىك، زىرەك ئادەممىش. قېرىلىق يەتكەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇزاقتىن ئەزرائىلنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆيدىن چىققانمىش ۋە ئۆزىنى يېقىن يەردىكى كۆلچەككە ئاتقانمىش. تونىۋالمىسۇن دەپ پۈتۈن بەدىنىنى لايغا، لاۋىغا مىلەپ، ئەتراپتا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغانمىش. ئەزرائىل بۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ: “ھەي بالىلار! دەدەنىڭ ئۆيى قايسى؟ ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشقا كېتىپ بارىمەن؟”دەپ سورىغانمىش. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن دەدە ئالدىغا چىقىپ ۋە ئۆزىنى كىچىك بالىدەك كۆرسىتىپ تۇرۇپ، باشقا تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: “دەدەنىڭ ئۆيى ئۇ تەرەپتە. ئۇ ھازىر ئۆيىدە”دېگەنمىش. ئەزرائىل ئۇنى غەزەپ بىلەن تارتىپ چىقىرىپ: “ھەي قارامالتاق! قاراپ باقىمەن، ئەگەر دەدە ئۆيىدە بولمىسا، كېلىپ سېنىڭ جېنىڭنى ئالىمەن”دېگەنمىش.

ئەزرائىلنىڭ بۇ سۆزىدىن قورقۇپ كەتكەن دەدە تىترەشكە باشلىغانمىش. ئەزرائىلدىن قورقۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن «دەدە قورقتى»، «دەدە قورقۇدۇ» ۋە ئاخىرىدا «دەدە قورقۇت» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانمىش.»

يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى ئەپسانە ئەزەربەيجان تۈركلىرى ئارىسىدىن تېپىلغان.

……………………………………………………………………………

ئەمدى قازاقىستاندا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان دەدە قورقۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. قازاقىستاندىمۇ دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىكىگە ئوخشاشلا كەڭ تونۇلغان بولۇپ، ھەتتا سىر دەريا قىرغاقلىرى دەدە قورقۇتقا ساھىبخانلىق قىلماقتا. ئالاتاۋ (قىزىل تاغ) غا ئوخشاش كۆپلىگەن جاي يېڭى قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، سىر دەريانىڭ قىرغىقىدىكى تورغاي ناھىيەسى ۋە ئەسىل دەرياسى ئەتراپىدا بۇ ئىسىملارنى ئۇچرىتىمىز. ئايات دەرياسىغا يېقىن بىر كۆل «قورقۇت كۆلى» دەپ ئاتالغان. قورقۇت سۋۇ، ئاق قارغا، ئاقساقال باربىي كۆلى دېگەندەك جايلار دەدە قورقۇت ئولتۇراقلاشقان يەرلەر دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

يېڭى ئاقمولانىڭ 110 كىلو مېتىر شىمالىدىكى «دومبىرالىق مونشاكتى» تاغلىرى، دەدە قورقۇتنىڭ مۇنچاق تىرىپ، باربۇتىنى بېزىگەن جاي دەپ قارىلىدۇ. قورقۇت ئۇ يەردە دومبىراسىنى قويۇپ قويغانمىش، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر «دومبىرالىق مونشاكتى» دەپ ئاتىلىپ قالغانمىش.

ئورال تاغلىرىدا ياشايدىغان باشقۇرتلار ئارىسىدا «ئەسكى قىرغىز» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار بولۇپ، ئۇ يەردىكىلەر ئۆزلىرىنى دەدە قورقۇتنىڭ نەسلىدىن كەلگەن دەپ قارىشىدۇ.

سىر دەرياسى بويىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن خەلق شائىرلىرى دەدە قورقۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەرنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بۇلار بالكى بازار (1842-1911)، باسپان شايىر، قانلىق جۈسىف، كەتە جۈسىف، ئونگار جىراۋ، شوراياكتىن ئومارى ۋە باشقىلاردۇر. بۇ شائىرلار «جىراۋ» دەپ ئاتالماقتا. بۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس دومبىرا، باربۇت چېلىش ۋە ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلى بار.

ئەمدى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغان ئەپسانىمىز، قىزىل ئوردا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۆرەتام يېزىسىدىكى ئالدامبەرگەنوۋ مۇھەممەد تەرىپىدىن توپلانغان.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەدە قورقۇت باربۇت چېلىۋاتقاندا، باربۇتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان 41 قىز ئۇنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. بۇ قىزلارنىڭ بىرى توكۇردۇر. قورقۇت يېڭى سىر دەرياسىنىڭ ئۈستىگە جاينامىزىنى سالىدۇ ۋە ئېقىن بىلەن بىرلىكتە كېتىدۇ. 41 قىز بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، چۆل… ھېچقانداق بىر نەرسىنى ھېس قىلماستىن ماڭىدۇ. قىزلار سىر دەياسىنىڭ ئايىغىغا بارىدۇ. توكۇر قىز باشقا 40 قىزنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ. 40 قىز پەقەت ئارقىسىغا قارىماستىن قورقۇتنىڭ باربۇتىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ كېتىۋېرىدۇ.

ھازىرقى كۈندە، قىزىل ئوردىنىڭ قورقۇت ئىستانسىسىغا يېقىن بىر يەردە، قورقۇتنىڭ ۋە قىزلارنىڭ مازىرى بار. ئاقساق قىزنىڭ مازىرى بولسا، تۆمۈر يولىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىدىدۇر.

قازاق تۈركلىرى سەنئەتكار ۋە سەنئەتسۆيەر مىللەت بولۇپ، قازاقىستاندا يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە كىشى دومبىرا چالالايدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشائىرە ئوقۇلايدۇ. بۇ يەردە مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىشنىمۇ قىزلارنىڭ باربۇت ئاۋازىغا مەستانىلىقى بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. بۇ ئەپسانىدىكى ئاقساق قىز، يەتتە قېرىنداشلارنى ئەسكە سالىدۇ. بىراق 41 قىزنىڭ 40 قا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. چۈنكى تۈرك ئېغىز ئەدەبىياتىدا دائىم 40 سانى بار. ئەپسانىدە بۇ 40 سانىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن قىرىق بىرىنچى قىز (ئاقساق قىز) تېكىستتىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇمۇ بىزگە 40 دېگەن ساننىڭ تۈرك ئېغىز ئەدەبىياتىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

……………………………………………………………………………

يەنە بىر ئەپسانە دەدە قورقۇتنىڭ مۇزىكا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چۆرىدەيدۇ.

فارابى بىلەن دەدە قورقۇت 870- يىللاردا بىرلىكتە ئوقۇيدۇ. دەدە قورقۇت مۇزىكىغا ھېرىسمەن بولسا، فارابى يوشۇرۇن ھالدا ئۆڭكۈرلەرگە بېرىپ ئوپېراتسىيە بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ خىل مەخپى ئوپېراتسىيەلەردە بولسا، دەدە قورقۇت ئۇنىڭغا چىراق تۇتۇپ بېرىپ ياردەمچى بولىدۇ. لېكىن مۇزىكىغا ھېرىسمەن دەدە قورقۇت فارابىنىڭ يېنىدىن كېتىدۇ. بەلكىدە ئىنساننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇزىكىنىڭ مۇڭلۇق سادالىرى قەتئىي ئونۇتۇلمايدىغان شەكىلدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆڭگۈرگە ئاڭلىنىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى ئەپسانە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قورقۇت ئاتانىڭ ئۆلۈمدىن قېچىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر…

قورقۇت ئاتا، ئىنسان ئۆمرىنىڭ قىسقىلىغا ئېچىنىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بىر تۆگىگە مىنىپ، ئادەم ئۆلمەيدىغان يەرنى تېپىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىنى ئايلىنىدۇ. بارغانلا يېرىدە قەبرە كولاۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچرىتىدۇ ۋە ئۇلاردىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى: «قورقۇتنىڭ قەبرىسىنى كولاۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «قەيەرگە بارساڭ قورقۇتنىڭ مازىرى» دېگەن سۆزمۇ دەل بۇ يەردىن قالغانمىش.

ئاخىرقى ئەپسانە بىر يازما مەنبەدىن ئېلىنغان بولۇپ، يېڭى ئۆلۈم تېمىلىرىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

«قورقۇتنىڭ مەھەللىسى سىر دەريانىڭ بويىدا ئىمىش. ئۇ، باربۇتى بىلەن ناھايىتى كۆپ جايلارنى ئايلانغاندىن كېيىن، يېڭى سىر دەريانىڭ بويىغا كېلىپ، ناخشا ئېيتقانمىش، باربۇت چالغانمىش. باربۇتنى ھەر قېتىم چالغىنىدا، ئۆلۈم ھەققىدىكى قايغۇسى يوق بولغانمىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چۈشىدە ئاللاھ ئۇنىڭغا: «سەن ئۆلۈمنى ئېغىزىڭغا ئالمىساڭ، ساڭا قەتئىي ئۆلۈم يوق» دېگەنمىش.

بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنمىش. قورقۇت ئۆلۈمنى ئېغىزىغا ئالماستىن، يۇرتمۇ يۇرت كېزىپ، ئايلىنىپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغانمىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر يەردە ئولتۇرۇۋاتسا، بىرىنىڭ ئۆكۈزى سىرىتقا چىقىپ كەتكەنمىش. ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى بىلەن قورقۇت ئۆكۈزنى بىرلىكتە قوغلاۋېتىپ، قورقۇت: «ئۆلسەممۇ بۇ ئۆكۈزنى تۇتىمەن» دېگەنمىش. قورقۇت، بۇ سۆزنى دەپ بولۇپ ئىنتايىن پۇشايمان قىلغانمىش، لېكىن ئىش ئورنىغا كەلمىگەنمىش. ئۇ: «بۇ يەردىن ئايرىلىش لازىم» دەپ باشقا تەرەپكە كەتكەنمىش. سىر دەريانىڭ غەرب تەرىپىگە، شىمالىغا، شەرقىگە، جەنۇبىغا بارغانمىش. بارغانلا يېرىدە ئۆزى ئۈچۈن قېزىلغان گۆرلەرنى كۆرگەنمىش. قورقۇت ئاتا: «بۇنى كىمگە كولاۋاتىسەن؟» دەپ سورىسا، «قورقۇت ئەۋلىيا ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بېرەرلەرمىش.

قورقۇت ئاتا قەيەرگىلا بارسا، بۇ مەنزىرىنى كۆرگەنمىش ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، توغۇلغان يېرى يېڭى سىر دەرياغا قايتقانمىش.

قورقۇت يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئېتىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېرىسى بىلەن باربۇتىنى قاپلىغانمىش. بىر قىزىل گىلەم ئېلىپ، ئۇنى سىر دەريانىڭ سۈيىنىڭ ئۈستىگە سالغان ۋە ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ داۋاملىق ھالدا باربۇت چالغانمىش. قورقۇتنىڭ باربۇتىنىڭ ساداسىنى پۈتۈن دۇنيا جانى كۆڭۈلدىن بېرىلىپ تىڭشىغانمىش. ئاسماندىكى ئۇچۇۋاتقان قۇش، چىقىۋاتقان شامال توختاپ، قورقۇتنىڭ باربۇتى ۋە ئۇنىڭ نەغمىلىرىنى ئاڭلارمىش. ئۇنىڭ باربۇتىنىڭ ئاۋازى سىر دەريانىڭ سۈيىنى توختىتىۋالارمىش. سۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان قورقۇتنىڭ گىلىمى نە سۇ بىلەن ئاقماسمىش، نە چۆكۈپ كەتمەسمىش، گىلەم يىللارچە سۇنىڭ ئۈستىدە بىر كېمىگە ئوخشاش تۇرغانمىش. قورقۇت سىر دەريانىڭ سۇلىرىغا قاراپ، «ئۆلۈم مېنى قانچىلىك قوغلىسىمۇ، مەن ئۇنى بۇ يەرگە كەلتۈرمەيمەن» دەپ توختىماستىن باربۇتىنى چالارمىش. شۇنداق قىلىپ، قورقۇت كېچە –كۈندۈز ئۇيقۇ يۈزى كۆرمەستىن ئۆلۈمگە قارشى ئۇرۇش ئاچقانمىش. كۈنلەرچە باربۇت چالغان قورقۇت، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چارچاپ ئۇخلاپ قالغانمىش. ئۇنى كۈزىتىپ تۇرغان ئەجەل ئۇنىڭ ئۇخلىغىنىنى كۆرۈپ، يىلان شەكلىدە سۈرۈلۈپ گىلەمنىڭ يېنىغا كەلگەنمىش ۋە قورقۇت ئاتىنى چېقىۋالغانمىش. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قورقۇت ئاتامۇ ئۆلگەنمىش.»

دەدە قورقۇتنىڭ مازىرى سىر دەريانىڭ بويىدىكى كارمولشىغا 18 كىلو مېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، كىشىلەر قورقۇت ئاتانىڭ قەبرىسى بېشىغا كېلىپ، دۇئا قىلىشىدۇ. قورقۇت ئاتا ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە قوشاقلىرى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە، ناخشىلىرى جاراڭلىماقتا، باربۇتىنىڭ سادالىرى ياڭرىماقتا.

قازاق تۈركلىرىدە قورقۇت ئاتانىڭ قوشاقلىرىنى ئوقۇش، دومبىرا ۋە باربۇت بىلەن ئۇنىڭ نەغمىلىرىنى چېلىش بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ قورقۇت ئاتانىڭ باربۇتى كەڭ ئومۇملاشقان شەكىلدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سەنئەت بۆلۈملىرىدە باربۇت ئايرىم دەرس سۈپىتىدە ئوقۇتۇلماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top