• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شېئىرىيەت ھەققىدە پاراڭ

شېئىرىيەت ھەققىدە پاراڭ

ئابدۇللا تۇردى

شېئىرنىڭ ئۈچ ئامىلى

رىۋايەتلەردىكى ئادەم ئاتا يارىتىلغاندىن كېيىن ئىبلىسنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشى، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىنىڭ يەر يۈزىدە پەيدا بولۇشى شېئىرىيەتنىڭ باشلىنىشى بولغان بولسا، توپان بالاسىنىڭ بىر پۈتۈن جەريانى ئۇنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغانىدى.

دېمەكچىمىزكى، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشنى رەت قىلىشىدا، ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويۇشىدا ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بىر ھەقىقەت نامايان بولغان، شۇنداقلا، نوھ دەۋرىدىكى توپان بالاسىغىچە ئىنتايىن كەڭ ھەم ئۇزۇن ماكان ۋە زامان ئازابلاش-ئازابلىنىش بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. مانا بۇ ھەقىقەت ۋە ئازاب شېئىرىيەتنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەۋرىشكىسى بولغان ھەم بولماقتا.

ئىنسانىيەت ئالىمى ھەقىقەت بىلەن تولغان. ئەمما، بۇ كۈنگىچە بايقالغان ھەقىقەت ئىنتايىن ئاز بولدى. شۇڭلاشقا بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز غېرىپسىنىشتىن خالىي بولالمىدى. شائىر ھەقىقەتنى بايقاش بىلەن، شېئىر ھەقىقەتنىڭ بايقىلىشى بىلەن .ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلالايدۇ. شېئىر ۋە شائىرنى ھەقىقەتسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئازاب ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىنسانلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئېزىش ۋە ئېزىلىش، قۇل قىلىش ۋە قۇل قىلىنىش، ۋاپادارلىق ۋە ئاسىيلىق، باتۇرلۇق ۋە مەككارلىق، بېسىم ۋە قارشىلىق، يورۇقلۇق ۋە زۇلمەت، گۈزەللىك ۋە رەزىللىك… ھەممە-ھەممىسى ئىگىلەش-ئىگىلىنىش بىلەن بەكمۇ زىچ باغلانغان. ئىگىلەش ۋە ئىگىلىنىش، ئازابلاش ۋە ئازابلىنىشنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ئاتىلىشى. ئازابلاش ۋە ئازابلىنىشنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئازاب.

ھەقىقەت ۋە ئازاب ھەممىلا بار. ھەقىقەت ۋە ئازاب بار يەردە شېئىر بار.

تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش بىزنىڭ مەيلىمىز ئەمەس. ئەمما، ياشاش، ياشىغاندىمۇ قانداق ياشاش بىزگە باغلىق، ھاياتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئازابى، لەززىتى ۋە ھەسرىتى بار، ئەمما ئازابى كۆپ. ئازاب بىلەن ھەقىقەت ھامان قوشكېزەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانلار ھەم تەلەيلىك ھەم تەلەيسىز. ئازابلىنىش بىلەن تەلەيسىز بولسا، شېئىر بىلەن تەلەيلىك.

دۇنيا-بىر باغ، باغۋىنى-ئىنسان،

ھايات-بىر يول، كارۋىنى-ئىنسان.

دۇنيا-تىلسىم، ئاچقۇچى-ئىنسان،

تەبىئەت-كۆز، قارچۇقى-ئىنسان.

ئىنسان-قۇياش، سۆيۈلەر ئالەم،

ئىنسان-باھار، كۆكۈرەر دۇنيا.

ئىنسان-غېرىپ، دۇنيا-بىر سەنەم،

ئىنسان ئېيتار، ھايات، ئۇ-ناخشا.

چەكسىز دۇنيا، ئىنسان-ھەقىقەت،

ھايات-دەريا، ئىنسان-بىر كېمە.

ياشاش-سەنئەت، ئىنسان-پەزىلەت،

دۇنيا-بىر باغ، ئىنسان، ئۇ-مېۋە.

يۇقۇرىقى تەرىپ بىز ئۈچۈن تەسەللىي، شۇنداقلا سەمىمىيەتسىزلىك. سەمىمىيەت بولمىسا، شېئىر ۋە شائىر سۈنئىي گۈلگە ئوخشاپ قالىدۇ. سەمىمىيەت ھەققىدە، رۇسلارنىڭ گېنىئال شائىرى پۇشكىن: «شائىر ئۈچۈن ھەممىدىن ئەھمىيەتلىك نەرسە سەمىمىيلىكتۇر» دېگەنىدى.

شېئىر تەبىرى

ج.خ. جىبراننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «شېئىر ئىپادە قىلىنىدىغان پىكىر ئەمەس، بەلكى يارا ئېغىزىدىن ياكى كۈلكە ئېغىزىدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشىدۇر.»

شېئىر-شائىرنىڭ يۈرىكى.

شېئىر-شائىر بىلەن جەمئىيەت، شائىر بىلەن تەبىئەت، شائىر بىلەن دىلكەشلىرى ۋە رەقىبلىرى، شائىر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ. شېئىر-شائىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىرىدە قاچانلاردىدۇر پەيدا بولغان كەيپىيات-ھېسسىياتى، كىملەر بىلەندۇر قىلغان مۇناسىۋەت-مۇئامىلىسى، شائىرنى زوقلاندۇرغان مۇھىت-ھالەت، شائىر كۈزەتكەن ئىنسان ۋە تەبىئەت ئېكىئولوگىيىسى. شېئىر-شائىرنىڭ پۈتكۈل روھىي- ھالىتى، خۇشاللىقى، قايغۇسى، ھەۋىسى، يىرگىنىشى، يوشۇرۇن ئېڭى، ئەسلى پىسخىكىسى، جەمئىيەت قارىشى، سىياسىي قارىشى، ئەخلاق قارىشى، ھايات-ئۆلۈم قارىشى، شۇنداقلا قىممەت قارىشى. شېئىر- شائىر بويسۇندۇرغان تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات.

شېئىر-رەسىدە بولغان قىز، ئەمما ياشلارغىلا مەنسۇب ئەمەس، بەلكى، بالىلارغىمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارغىمۇ ۋە ياشانغانلارغىمۇ مەنسۇب، پەقەت ئۇلارنىڭ كۆڭلى-قەلبى ياش بولسىلا.

شېئىر-شېرىن چۈش.

چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «پوئىزىيە(شېئىرىيەت) دېگىنىمىز-ھەممە ھوزۇرلىنىشنىڭ، ھەممە راھەتلىنىشنىڭ يۇقۇرى پەللىسى.»

شېئىر ۋە ھېسسىيات

ھېسسىيات بولمىسا، شېئىرمۇ، شائىرمۇ بولمايدۇ. لىرىك ھېسسىيات شېئرىنىڭ روھى، ھاياتى ۋە ئاساسىدۇر. شېئىردا ھېسسىيات بولمايدىكەن، ئۇ چاغدا شېئىر جېنى ۋە روھىدىن مەھرۇم بولىدۇ(بېلىنىسكى). ھېسسىيات بولمىغاندا، شېئىر- نەزمە ئويمىچىسى ياكى شېئىر-نەزمە رەسسامى بولۇش مۇمكىنكى، ئەمما شائىر بولغىلى بولمايدۇ(مارتىن گود سۆزى).

ھەقىقىي ھېسسىيات تولىمۇ قىممەتلىك، ئۇ رېئال تۇرمۇش بىلەن يۇغۇرۇلغاندىلا، ئاندىن شېئىر بولۇپ شەكىللىنىدۇ. شېئىر كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققاندىلا، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى تەۋرەنگەندە، ئۇ شادلىنىدۇ، غەزەپلىنىدۇ، كۈلىدۇ، يىغلايدۇ. شېئىر ئەنە شۇ چاغدا يارىلىدۇ. ئەنە شۇنداق شېئىردا ھەقىقىي پاك ۋە چىن ھېسسىيات بولغاچقا، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك تارىنى چېكەلەيدۇ، كىملەرنىدۇر كۈلدۈرۈپ، كىملەرنىدۇر يىغلىتالايدۇ. شائىرىنىڭ يۈرىكى يىغلىسا ياكى كۈلسە، كىشىلەرمۇ شائىر بىلەن تەڭ يىغلايدۇ ياكى كۈلىدۇ.

ھەقىقىي ھېسسىيات شېئىرنى تىلغا كىرگۈزىدۇ، ساختا ھېسسىيات شېئىرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.

شېئىرىيەتتىكى تۆت مۇھىم مۇناسىۋەت

شېئىر بىلەن سىياسىي، رېئاللىق، تىل ۋە بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى شېئىرىيەتتە ئالدى بىلەن توغرا ھەل قىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مۇناسىۋەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

خېلى كۆپ شائىرلار سىياسىي تۈسى قويۇق شېئىر يېزىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. تاغنى يازسا، تاغنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى، گۈزەللىكىنى، تاغ ئۈستىدىكى دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەرنى يازىدۇ؛ دېڭىزنى يازسا، دېڭىز دولقۇنى، قۇلۇلە، ساھىل قاتارلىقلارنى يازىدۇ؛ ئائىلىنى يازسا، ئۆي ئىچىدىكى ئۇششاق ئىشلارنى يازىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىمۇ يېزىشقا بولىدۇ ھەم يېزىشقا تېگىشلىك. شېئىرىيەت باغچىسىمۇ ئۇلارنى يېزىشقا مۇھتاج. ئەمما، شائىرلار دىققىتىنى مەلۇم تار دائىرىگە مەركەزلەشتۈرىۋالسا، كەڭ ئىجتىمائىي ھاياتنى كۆرەلمىسە، دەۋر روھىغا ۋە ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنى بايقىيالمىسا، ئۇلارنى خەلق شائىرى دېگىلى بولمايدۇ.

سىياسىي تۈسى قويۇق شېئىرلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى دېيىش ياكى پەقەتلا سىياسىي تۈسى بولمىغان شېئىر ياخشى دېيىش بىر تەرەپلىمىلىك.

مەشھۇر شائىرلار خەلق ئۈچۈن، دەۋر ئۈچۈن كۈيلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي مېلودىيىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىغان. مىسال ئۈچۈن ئالايلى: بايرۇننىڭ «مىس دەۋرى»، شېللېنىڭ «ئىسلام قوزغىلىڭى»، گېينىنىڭ «سېلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى»، ۋۇتماننىڭ «چۆپ يوپۇرمىقى»، ماياكوۋسكىنىڭ «لېنىن»، «پاسپورت»، فىتوفىينىڭ «مەن ئىنتىزار قانلىق كۇنلەرگە»، «ھۆرلۈك قەسىدىسى»، ئەيچىڭنىڭ «نۇر قەسىدىسى»، «دايەنخې-ئانام»، ل.مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب»، «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى» شېئىرلىرىدا سىياسىي تۈس قويۇق ياكى سىياسىي ۋەقەلەر بىۋاستە تەسۋىرلەنگەن. بۇ شېئىرلاردا خەلق ئىنقىلابى مەدھىلەنگەن، خەلق ئىنقىلاب قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان، ئىنقىلابىي تارىخ يورۇتۇلغان ياكى رېئاللىقتىكى قاراڭغۇ تەرەپلەر، رەزىللىكلەر پاش قىلىنغان، بولۇپمۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىلگەن. قىسقىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن، خەلقنىڭ ئاۋازى ياڭرىتىلغان، خەلقنىڭ يۈرەك سۆزى ئېيتىلغان. مانا بۇ شېئىرلار خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۆلمەس سىياسىي لىرىكىلاردۇر.

شېئىر بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن، ئەمما بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئەمەس. شېئىرنى سىياسىينىڭ تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

شېئىرنى بۇلاق سۈيىگە ئوخشاتساق، رېئال تۇرمۇش ئۇنىڭ مەنبەسى. ئەمما رېئاللىقتىكى ئىشلار ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە يېزىلسىلا، ئۇنى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتىكى شېئىرنى بايقىيالماي، تۇرمۇش ھادىسلىرىنى باشتىن-ئاخىر سۈرەتلەپ قويسا ياكى رېئاللىققا بولغان تونۇشىنى يالىڭاچلاپ قويسا، شېئىر ئۇقۇم چۈشەنچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

پ.نېرۇدا ئېيتقاندەك، شائىر رېئالىزىمچى بولمىسا، ئۇ ئۆلگەن شائىردۇر؛ ئەگەر بىر شائىر پەقەتلا رېئالىزىمچى بولۇپ قالسا، ئۇمۇ ئۆلگەن شائىردۇر. شائىر ئەيچىڭ: «ئۇلۇغ شائىر-ئۇ ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ سادىق جارچىسى؛ شاھانە ئەسەر-ئۇ يارىتىلغان دەۋردىكى ئىدىيە، كەيپىيات، ھالەت، قىزىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى» دېگەنىدى.

دۇنياغا يۈزلەنگەن شېئىر ئۆز دۆلىتىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ روھىي قىياپىتى، ئالاھىدلىكى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. «خەلق ھامان ئۆز تارىخىنىڭ، ئۆز تۇرمۇشىنڭ بەدىئىي كارتىنىسى يارقىن سىزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ، لەززەتلىنىدۇ. خەلق ئۆز تارىخىنىڭ، ئۆز ئەجرىنىڭ، ئۆز ئارزۇسىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىمىز گۈلىستانىدا جىلۋىلەنگەن شانلىق ئوبرازىنى كۆرۈپ پەخىرلىنىدۇ، ئىلھاملىنىدۇ.(ق. قامىجان)

نۆۋەتتىكى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش دولقۇنى، غايەت زور ئۆزگۈرۈش بولىۋاتقان دەۋر ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىق، تۇرمۇشىمىزدىكى گۈزەللىك ۋە رەزىللىك، سەمىمىيەت ۋە ساختىلىق… ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش، خەلقىمىزدىكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت، شادلىق-خۇشاللىق ۋە قايغۇ-تېراگىدىيە ئالدىدا شائىرلار جىم قاراپ تۇرسا، جەمئىيەت، دەۋر ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى تونۇپ يېتەلمىسە ياكى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، بەدىئىي شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى يېڭىلاشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى بولىدۇ؟

شېئىر-تىل سەنئىتى. شېئىرنىڭ تىلى ئالدى بىلەن شېئىرلاشقان، تاۋلانغان، باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇشى كېرەك. شېئىرىي تىل مەسىلىسى-ماھارەت مەسىلىسى، ئەمما ئۇنى ماھارەت مەسىلىسى دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. شېئىر تىلىغا ئىشلىگەندە، شېئىر بىلەن رېئاللىقنىڭ، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ، قىسمەنلىك بىلەن بىر پۈتۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى مۇھىم.

شېئىر تىلىنى بېزەش، ئوي-پىكىرنى جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەشتە، ستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ، ئوخشىتىش، سىمۋول، ماقال-تەمسىللەر شېئىردا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە، ئارېستوتېل «ئوخشىتىش تالانتنىڭ بەلگىسى»، دەپ ئېيتقان بولسا، پروفېسسور ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن: «شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، شائىر ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى گۈزەل ئىبارىلەر ۋە قايناق ھېسسىياتلار بىلەن ئىپادىلەشكە ئالدىرىماسلىقى، بەلكى ئۇنى شۇ ئىدىيىۋى ھېسسىياتقا <تەققاس> كېلىدىغان، <نىسبەت بولالايدىغان> ئوبرازلىق شېئىرىي قۇرۇلمىغا ھاۋالە قىلىشنى بىلىش لازىم. <شېئىرىيەتنىڭ سىرى>، شېئىرىيەتنىڭ بەدىئىي ئالامىتى ۋە قىممىتى ئەنە شۇنىڭدا» دېگەنىدى.

شېئىردا ئوبرازلىق تەپەككۇر بولمىسا بولمايدۇ. بەدىئىي ئوبراز ۋە مەنىۋىي مۇھىت كۆپىنچە ئوخشىتىشلار ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشىتىش ئوبرازلىق بولۇپلا قالماي، گۈزەل ھەم ئۆزگىچە بولغاندا، شائىرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى تېخىمۇ تەسىرلىك، جانلىق ئىپادىلىنىدۇ.

شېئىرنىڭ ھاياتى كۈچى تەسىرلىك ئوبرازنى مەنبە قىلىدۇ، چۈنكى شېئىردىكى ھېسسىيات روشەن بەدىئي ئوبرازغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. شائىرنىڭ ھېسسىياتى تەسىرلىك ئوبراز ئارقىلىقلا، كىتابخانلاردا ئىستېتىك تۇيغۇ پەيدا قىلالايدۇ.

ئوخشىتىش يېڭى بولۇش، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە ياكى تەكرارلانغان بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇشتىن زوقلىنىپ، تۇرمۇشنى توغرا چۈشەنگەندىلا، ئۇنى ياخشى قوللانغىلى بولىدۇ. تۇرمۇش دېڭىزىدا بىزنىڭ بايقىشىمىزنى كۈتىۋاتقان گۈزەل ئوخشىتىشلار ئاز ئەمەس.

شېئىرىيەتتە ماقال-تەمسىللەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىمىز ناھايىتى زور ئۈنۈم بېرىدۇ. ماقال-تەمسىللەر مەيلى ئەينى ھالەتتىكى ياكى ئۆزلەشتۈرمە ھالەتتە قوللىنىلسۇن، ئۇ شېئىرغا تىل، ئوبراز، ئوي-پىكىر، ئۇسلۇب ۋە باشقا جەھەتلەردىن غايەت زور ھاياتىي كۈچ بەخىش ئېتىدۇ.

بۇ ھەقتە م.گوركىي «ئومۇمەن، ماقال-تەمسىللەر خەلق ئاممىسىنىڭ پۈتۈن تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي تارىخىي تەجرىبىلىرىنى نەمۇنىلىك سۈرەتتە شەكىللەندۈرىدۇ. يازغۇچى سۆزلەرنى خۇددىي مۇشتۇمىنى تۈگكەندەك ئىخچام قىلىشقا ئۆگۈتىدىغان مۇنداق ماتىرىيال بىلەن تونۇشىشى كېرەك» دېگەنىدى.

«ئوبرازلىق تەپەككۇر ماقال-تەمسىللەردىكى شەيئىلەرنى جانلاندۇرىۋەتكەن ستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى. شەيئىلەرنى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن ئەجدادلىرىمىز ماقال-تەمسىللەرنى يارىتىشتا ئوبرازلىق تەپەككۇردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان. خەلق دانىشمەنلىكنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە تارىخىمىزنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقان ماقال-تەمسىللەرنىڭ ئوبرازچانلىقى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئوبرازلىق تىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋايىغا يەتكەن بولىدۇ.» (م.رەھىم)

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا، كىلاسسىكلىرىمىز مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى، ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلاردىن تارتىپ، زامانداشلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ل.مۇتەللىپ، نىمشېھىد، ت.ئېلىيېۋغىچە بولغان ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئەسەرلىرىدە خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

قىسقارتىپ ئېيتقاندا، شېئىر-تىل سەنئىتى، تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىش سەنئىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شائىر تىل ۋە ئوبرازنىڭ «مىليونېرى» بولۇشى كېرەك.

ئەمەلىيەتتىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئالىملارنىڭ شائىر بولۇشى ناتايىن، شائىرلارنىڭمۇ ئالىم بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىلم-پەن بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەت ئايرىم-ئايرىم ئىشتەك، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ماركىس ئېيتقاندەك، ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىياتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئورتاقلىقى بار. مەيلى ئىلىم-پەن ياكى ئەدەبىيات بولسۇن، كۈزىتىش، سېلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ھەر ئىككىسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەنئەتكارلاردىمۇ ئالىملارغا ئوخشاش تەسەۋۋۇر ۋە قىياس-كۈزىتىش ئىقتىدارى بولىدۇ. بۇ خىل «كۈزىتىش ئىقتىدارى» شائىرلاردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك، تارىختىكى كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شائىرلار تۇرمۇش توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۆزى پايدىلانماقچى بولغان «شەيئى» توغرىسىدا ئالىملارچە ئويلانغان، تەپەككۇر يۈرگۈزگەن، چوڭقۇر كۈزەتكەندىلا، ئۇلار شېئىردا ئوتتۇرىغا قويغان ئوي-پىكىر ۋە تەسۋىرلەر كېيىنكى ئىلمىي ھۆكۈملەر ئالدىدا پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ.

شائىرلار كۆپىنچە، مەلۇم بىر شەيئى ئارقىلىق ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، شۇ شەيئىنى يېڭىچە ھاياتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئۆز مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شېئىرىكى ئەنە شۇ «شەيئى» گە بولغان بىلىش ۋە چۈشىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، شېئىردىكى ھېسسىيات شۇنچە قويۇق، مەزمۇن شۇنچە مول بولىدۇ.

شېئىر ۋە ئىلىم-پەن ئوخشىمىغان كاتېگورىيىگە مەنسۇب، ئەمما قارىمۇ-قارشى ئەمەس. شېئىر بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى بېلىق بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ.

قوبۇل قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش

دادىللىق بىلەن ئېلىپ كىرىش ۋە ئېلىپ كىرگەننى ئېلىپ كىرگەننى دادىللىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈش، شاللاش، تاللاش ھەم پەرىقلىق ھەم بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك. مىللىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى زور. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە باشقىلارنىڭكىنى ئېلىپ كىرىش، باشقىلارنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئىش كۆرۈش، باشقىلارنىڭ ئىزىغا دەسسەپ مېڭىش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت شۇ ئۇسۇل بىلەنلا دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

شېئىرىيەتتە كۆپ قۇتۇبلىشىش يولىنىڭ ئېچىلىشى كىشىنى خۇشال قىلارلىق بىر ئۆزگۈرۈش. بۇ شېئىرىيەتنىڭ گۈللىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. مەيلى رېئالىزىم بولسۇن ياكى مۇدىرنىزىم بولسۇن، مەيلى ۋەزىنلىك شېئىر ياكى ۋەزىنسىز شېئىر بولسۇن؛ مەيلى رۇبائىي، تۇيۇق ياكى سونېت بولسۇن؛ مەيلى ئۆزئارا سىڭىشىش-قوبۇل قىلىش ياكى ئۆزئارا رىقابەت بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش-ئاقىلانىلىق.

شېئىر دېگەن شېئىر، شېئىر-چوقۇم شېئىر بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ بارلىق سىناق ۋە ئىزدىنىشلىرىمىز شېئىرىيەتكە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، ئۇنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن بولۇشى، ئەكسىچە، باشقا مۇددىئا ئۈچۈن بولماسىلىق كېرەك.

خەلق قوشاقلىرى ۋە كىلاسسىك شېئىرلار شېئىرىيەت خەزىنىمىزدىكى ئېسىل دۇردانىلەردۇر. ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق بوران-چاپقۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، بۈگۈنگە قەدەر جۇلالىنىپ تۇرماقتا. ئەدەبىيات تارىخىمىزدا، خەلق قوشاقلىرى شېئىرىيەت ئۈچۈن مەنبە بولغان. شېئىرىيەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنىڭ ئۆزگۈرىشىمۇ فولكلوردىن باشلانغان. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان مېھنەتكەشلەرنىڭ پىششىقلىشى ۋە تاۋلىشى نەتىجىسىدە، ئۆزگىچە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە جىلۋىگەر ئۇسلۇب ۋە شەكىللەر بارلىققا كەلگەن. شېئرىيىتىمىزنىڭ ئېھرامى ۋە يۈكسەك چوققىسى ئەنە شۇنداق يارىتىلغان. كۆرۈشكە بولىدۇكى، كىلاسسىك شېئىرلىرىمىزنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچى ئۇنىڭدىكى يۈكسەك سېھرىي كۈچتىلا ئەمەس، بەلكى خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىدە نامايەن بولىدۇ. دۇنياغا يۈزلەنگەن شېئىر ئۆز دۆلىتىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ روھىي-قىياپىتى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، باشقلار ئېيتقاندەك: «خەلق ھامان ئۆز تارىخىنىڭ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى يارقىن سىزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ، لەززەتلىنىدۇ. خەلق ئۆز تارىخىنىڭ، ئۆز ئەجرىنىڭ، ئۆز ئارزۇسىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىمىز گۈلىستانىدا جىلۋىلەنگەن شانلىق ئوبرازلىرىنى كۆرۈپ پەخىرلىنىدۇ، ئىلھاملىنىدۇ». كىلاسسىك شېئىرلىرىمىزنىڭ چەتئەل شېئىرىيىتىدىن ئوزۇق ئالمىغانلىقى (بۇ ئەينى ۋاقتتىكى شارائىت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك) بىر تۈرلۈك نوقسان بولغان بولسا، ھازىرقى شېئىرلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتتىن يىتەرلىك ئوزۇق ئالالمايۋاتقانلىقىمۇ بىر تۈرلۈك نوقسان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولماقتا.

شائىر ۋە يازغۇچى

كۆپلىگەن يازغۇچىلارنىڭ تومۇرىدا شېئىر قېنى ئېقىپ تۇرىدۇ. شائىرلارنىڭ تۇرمۇش جۇغلانمىسى ۋە ئىجادىيەت تەجرىبىسى كۆپەيگەنسىرى، ئۇلارنىڭ ھايات ۋە تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شېئىردىن ئىبارەت بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ھەرخىل قۇراللاردىن تەڭ پايدىلىنىش نىيىتىدە، رومان، ھېكايە، ئوچېرىك، ئەدەبىي ئاخبارات قاتارلىقلار بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئالايلى، «مۇھەببەت يولى»نى يازغان تورگېنېۋ؛ «ھىلال ئاي»، «باغۋەن»، «گېتەنجالى»، «ئۇچار قۇشلار»، «ماي قوڭغۇزى»نى يازغان تاگور؛ «ياۋا گىياھ»نى يازغان لۇشۈن؛ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»نى يازغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلار دەسلەپتە شېئىر بىلەن ئەلگە تونۇلغان. ھازىرقى پىروزا قوشۇنىمىزنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىمۇ شېئىر بىلەن باشلانغانىدى.

شېئىر ۋە ئۆمۈر

ھەقىقىي شېئىر ئۇنچە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ. شېئىر ئۈچۈن بىر پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان ئادەملەرنىڭ بىر قىسمىلا ھەقىقىي شېئىرغا ئىگە بولالايدۇ. كۆپلىگەن مەشھۇر شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ياش، ئوتتۇرا ياش مەزگىللىرىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇلار ياشانغانسىرى ئىجادىيىتى پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا كىرگەن. بىرمۇنچە شائىرلار ياشانغان مەزگىلدە يازغان مەلۇم ئەسىرى ئۈچۈن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋاقتتىكى يېشىغا قاراڭ:

ئەنگىلىيە كېيىنكى سىمۋولىزىم شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىلى بېتىس: 58ياشتا؛ روسىيە تەنقىدىي رېئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى بۇنىن: 63ياشتا؛ چىلىلىق مەشھۇر شائىرە مىسسىترال: 56ياشتا؛ شىۋىتسارىيە رومانتىزىمچىلىرىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى رېتسارى» ھېسسىي: 69ياشتا؛ ئىسپانىيىلىك مەشھۇر شائىر شېمېنسىز: 75ياشتا؛ روسىيىلىك شائىر پاستىرناك: 68ياشتا؛ ئىتالىيىلىك شائىر كاسىمودو: 58ياشتا؛ فىرانسىيىلىك شائىر پېرىسې: 73ياشتا؛ گېرىتسىيىلىك شائىر سىفېرىس: 63ياشتا؛ چىلىلىق شائىر نېرۇدا: 67ياشتا؛ ئىتالىيىلىك شائىر مونتالى: 79ياشتا؛ ھىندىستانلىق مەشھۇر شائىر تاگور: 52ياشتا؛ ئەنگىلىيىلىك شائىر ئېلىئوت: 60ياشتا؛ مېكسىكىلىق ئوكتاۋىئوپاز: 76ياشتا؛ ئىسپانىيىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر شائىرى ئالېكساندىرې: 79ياشتا؛ گېرىتسىيىلىك لىرىكىچى ئېلىستىس: 68ياشتا؛ پولشالىق شائىر مېۋۇش: 69ياشتا؛ چېخ-سلوۋاكىيىلىك سافېللىت: 83ياشتا.

يۇقۇرىقىلارنى بىر-بىرلەپ يېزىپ چىقىشتىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ شېئىر يېزىشنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

غۇۋا شېئىر ۋە باشقىلار

يېڭىچە شېئىرلار، ئومۇمەن، «غۇۋا شېئىر» دېيىلىۋاتقان شېئىرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، شېئىرىيىتىمىزدە دادىل ئىزدىنىش، سىناق قىلىش، يېڭىلاش ۋەزىيىتى جانلىنىپ، شېئىرىيەت گۇلزارلىقىمىزغا مەلۇم ئۆزگىچىلىك بەخش ئەتتى. بۇ خىل ئاكتىپ ئامىللارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش زۆرۈر. شېئىرىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سىناق ۋە ئىزدىنىشلەرنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاش لازىم. باش چايقاش، سوغوق نەزەر بىلەن قاراش، ئادىل مۇئامىلە قىلماسلىق، ھەتتا قارا-قويۇق ئىنكار قىلىش ياكى قارشى تۇرۇش، ئۇلارنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن. خېلى كۆپ ساندىكى «غۇۋا شېئىر»لارنىڭ مەنىسىزلىكى ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى شائىرلىرىمىز ئالدىدىكى رېئاللىق، شۇنداقلا ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەت. «غۇۋا شېئىر»لار ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە يېڭىلاش بەدىئىي شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش بولۇپلا قالماي، مەزمۇن جەھەتتىنمۇ ئېچىۋېتىلىشى، شۇ ئارقىلىق سىرلىق بېكىنمە ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ، شېئىر تېخىمۇ كۆپ كىتابخانغا يۈزلەندۈرۈلىشى لازىم.

بىر قىسىم ياش شائىرلار «غۇۋا شېئىر»نى گۆھەر بىلىپ، «غۇۋالاشتۇرۇش» ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ باش قاتۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى مەيلى مەزمۇن، شەكىل ياكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە بولسۇن، بەكمۇ غەلىتە ۋە سىرلىق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، «غۇۋا شېئىر»لار ئۆزىنى ئۆزى قامال قىلىپ قويىۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ھەقىقىي «غۇۋا شېئىر»-غۇۋالىق گۈزەللىكىگە ئىگە بولغان شېئىر، مۇئەييەن قاتلامدىكى كىتابخانلارنىڭ ئىستېتىك تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقى «غۇۋا شېئىر»لار بىر-بىرىدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىق بولماقتا؛ كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىمۇ ھەرخىل بولماقتا. بۇ خىل شېئىرلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى غۇۋا، بەزىلىرى ئانچە غۇۋا ئەمەس، بەزىلىرى ئادەتتىكىچە(غۇۋا ئەمەس)، بەزىلىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۇققىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى «غەلىتە شېئىر» دەپ ئاتاش ئورۇنلۇق، مۇنداق «غەلىتە شېئىر»لارنى ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ، جاۋابى يوق تېپىشماقنى تېپىشماق تېپىش ئىقتىدارى بار ئادەممۇ تاپالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى «گۇڭگا شېئىر»، «غۇۋا شېئىر» دېگەن نام بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتاشمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

شېئىر-مەيلى قانداق شېئىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ياكى ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق ھېسسىي ئورتاقلىق پەيدا قىلالايدۇ. ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ چۈشىنىش-كۆرۈش ياكى ئاڭلاش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىشتىكى ئەقەللىي تەلەپ. چۈشەنگىلى بولمىسا ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ھېس قىلىش دېگىنىمىز-فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تاشقى مۇھىت سەزگۈ ئەزالارغا تەسىر قىلىشتىن پەيدا بولغان قوزغىلىش چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، سېزىم ھاسىل قىلىش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇنىڭدىن، ھېچ نەرسىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىغان شېئىرنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

شېئىرنىڭ «سۆز ئويۇنى»، «تېپىشماق» ۋە ياكى «سەۋدايى چۈشى»دەك بىر نەرسىگە ئۆزگۈرۈپ قېلىشى شائىرلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەنە شۇنداق «غەلىتە شېئىر»لارنىڭ «غۇۋا شېئىر» دېگەن نام بىلەن ئۆزىنى بازارغا سېلىشى، شۇ ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شېئىرىيەتنىڭ تراگېدىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئازىيىپ، تىراژى ئەسلىدىلا ناھايىتى تۆۋەن بولغان شېئىر توپلاملىرىمۇ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېئىر توپلىمى نەشىر قىلدۇرۇش قىيىن بولىۋاتىدۇ. بۇنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟ مەسئۇلىيەت نەشرىيات ئورۇنلىرى ياكى كىتابخانلارغا ئارتىپ قويۇلسا توغرا بولمايدۇ. بۇنداق «غەلىتە شېئىر»لارنى شېئىر دەپ نەشىر قىلىشقا، سېتىۋېلىشقا كىمنىڭمۇ رايى بارىدۇ؟ ئەلۋەتتە، چۈشىنىش قىيىن بولغان شېئىر ناچار شېئىر ياكى مەغلۇپ بولغان شېئىر ھىسابلانمايدۇ. چۈشىنىشنىڭ ئاسان ياكى قىيىن بولۇشىنى شېئىرنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى ئۆلچەشنىڭ بىردىن بىر مىزانى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى چۈشىنىش قىيىن بولغان شېئىرمۇ، ئاخىرى يەنىلا كىتابخاننىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىدۇ، بۇ جەرياننىڭ بولۇشى ئىستېتىك قاراش بويىچە يەنىلا مۇۋاپىق. ئەمما، «چۈشىنىش قىيىن بولۇشتىن چۈشىنىشكىچە بولغان جەريان»نىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىش توغرا ئەمەس.

چىلىلىق شائىر پابلونېرۇدا: «بىر شائىرنىڭ يازغىنى ئەقىلغا سىغمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ئۆزىدىن باشقا ئادەم چۈشەنمىسە، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر؛ ئەگەر ئۇنىڭ يازغىنى تامامەن ئەقىلغا سىغىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق دۆت-كالۋالارمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ كەتسە، بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.» دېگەن مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان. بۇ ئىككى خىل «ئېچىنىشلىق ئەھۋال»، «چۈشەنگىلى بولماسلىق» ۋە «چۈشىنىشلىك بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتلىك مەسىلىگە بېرىلگەن دىئالېكتىك جاۋاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىر ئوقۇپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان شېئىرلارنىڭ ھەممىسى ناچار شېئىر بولۇشى ناتايىن. شېئىرىيەت غەزىنىمىزدە، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان، بىر ئوقۇپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان دۇردانە شېئىرلارمۇ ھەددى ھېسابسىزدۇر. ھازىر يېزىلىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى شېئىرلار تاماملانماي تۇرۇپلا كىتابخانلارغا تاپشۇرىلىۋاتىدۇ. كىتابخانلار يا زوقلىنالماي، يا ئورتاق ئىجادىيەتكە قاتنىشالماي، ئەنە شۇنداق شېئىرلاردىن بىزار بولىۋاتىدۇ. مانا بۇمۇ بىر قىسىم شائىرلىرىمىزدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى.

تارىخ رەھىمسىز بولىدۇ، شۇنداقلا ئادىل بولىدۇ. ھەرقانداق شەيئىنىڭ گۈللىنىش، يوقۇلۇش قانۇنىيىتى شۇ شەيئىنىڭ ئۆزىدە بولىدۇ. قارىغۇلارچە كۆتۈرۈش ياكى بېسىش ھېچقانچە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى ئارتۇقچە ماختىلىۋاتقان بىر قىسىم ناچار شېئىرلار، تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ. غۇۋالىق-تەرەققىيات باسقۇچىدىكى بىر جەريان بولۇشى، ئەكسىچە، ئەڭ ئاخىرقى نىشان بولماسلىقى كېرەك. «غۇۋا شېئىر»لار غۇۋا ھالىتىدە توختاپ قالماي، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزنى ئۆزگىچە ئىپادىلەش قاتلىمى ئىچىگە ئېلىپ كىرىشى لازىم. بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز.

شېئىرىيىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى

يېقىنقى يىللاردىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە، يازغۇچى قېيۇم تۇردى مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىز خېلىلا كېيىن قالدى. مەملىكەت بويىچە تەسىر قوزغىغان نادىر ئەسەرلىرىمىز بەك ئاز، ياكى يوق دېيەرلىك. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەرمىللەت كىتابخانلىرى بىردەك ئالقىشلايدىغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئېسىل ئەسەرلەرمۇ ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. كىنو، تېلېۋىزىيە، دىراما ئىجادىيىتىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ قىيىن. ئوبزورچىلىقتا نۇرغۇن ئېسىل، ياخشى ئەسەرلەر تېگىشلىك باھاغا ئېرىشەلمىدى ۋە ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولالمىدى.»

نۆۋەتتە، شېئىرىيىتىمىزدە مۇنداق نوقسانلار مەۋجۇت:

بىرىنچى، شائىرلىرىمىز بۈگۈنكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن رېئاللىققا، ئازابلىنىۋاتقان، شادلىنىۋاتقان، ھاقارەتلىنىۋاتقان، مەدھىيلىنىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان، ئەزىزلىنىۋاتقان، كۈلىۋاتقان، ياش تۆكۈۋاتقان، ئىستەكلىرى ئىشقىدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرالمايۋاتىدۇ. ئەتراپىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن بەنت بولىۋاتىدۇ. تراگېدىيە بىلەن تولغان رەڭدار تۇرمۇشقا يېقىنلىشالمايۋاتىدۇ. ئەكسىچە، قۇرۇق، ئۈمىدسىز، مەنىسىز سېغىنىش، خىيالىي چۈش، گۈزەل يار، يالغان مۇھەببەت، ساختا ۋەدە، بىتاقەت بولۇش دېگەنلەر نۇرغۇنلىغان شېئىرلاردا تەكرار-تەكرار يېزىلىۋاتىدۇ. خېلى بىر قىسىم شېئىرلاردىن شائىرلارنىڭ «ئاھ-ئۇھلىرى»، «كۆز يېشى» ۋە خۇرسىنىشىدىن باشقا ھېچنەرسىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. بەزى شېئىرلاردا شەكىل، رېتىم يەنە مەلۇم ئوبراز بولغاندىن باشقا، ھېچقانداق مەزمۇن بولمايۋاتىدۇ. بەزى شېئىرلارنىڭ تىلى ناھايىتى سىرلىق، قوپال ۋە گۇڭگا، مەزمۇنى پۈچەك، ئەمما شەكلى ئۆزگىچە. ئەمەلىيەتتە، مەزمۇن ۋە شەكىلنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. شېئىر رېئال تۇرمۇشنى مۇستەھكەم ئاساس قىلمىسا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شائىر تۇرمۇشتىن-رېئاللىقتىن، ئىنقىلابتىن، خەلقتىن ئايرىلىپ قالسا، شېئىردىن قۇرۇق قالىدۇ، خالاس.

ئىككىنچى، يەنە بىرمۇنچە شېئىرلاردىن شائىرنىڭ ئۆزىنى، ھەقىقىي ھېسسىياتىنى، روھىي-ماھىيىتىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇخىل شېىرلاردا ھەممىگە ئايان مەلۇم ئىدىيە ئانچە-مۇنچە ئوبرازلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلەر قوللىنىلىپ، مەلۇم ئۇقۇملار چۈشەندۈرىلىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچى، پەرىق ئاز، يېڭى گەپ ئاز، ئوخشاشلىق ۋە ئورتاقلىق كۆپ. شېئىرلارنىڭ مەيلى شەكلى ياكى مەزمۇنى بولسۇن، ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بىر خىل ئۇسلۇب، بىر خىل قىياپەت ھەممە ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. رېئاللىق ئۆزگۈرۈپ، راۋاجلىنىپ بارىدۇ. شېئىرىيەت يولىمۇ تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. شائىرنىڭ بىر پارچە شېئىرى تاماملىنىش بىلەن، ئۇ بىر قەدەم ئالغا باسقان بولىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى قەدەمنى بېسىشقا باشلايدۇ. ئەمما، بىرمۇنچە شائىرلار ئەنە شۇ بىر قەدەمنى تەكرار-تەكرار قايتىلاۋاتىدۇ، يېڭىلىق يوق، راۋابىنى بىرلا ئاھاڭغا تىرىڭلاتقىنى تىرىڭلاتقان.

تۆتىنچى، شېئىرلار ئۇزۇن ۋە كېلەڭسىز، قايناق ھېسسىياتقا تويۇنمىغان. شېئىر دېگەن شېئىر. ئادەتتىكى گەپ-سۆزلەرنى ھەتتا ئەڭ ياخشى نەسىرنى مىسرالاشتۇرۇپ، كۇپلېتلارغا بۆلۈپ قويسىلا، ئۇنى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، شائىرلىرىمىز رېئاللىققا تېخى ھەقىقىي دەرىجىدە يۈزلىنەلمىدى. مەزمۇنى قۇرۇق بولۇش، ئۇقۇملاشتۇتۇپ قويۇش، نەسرىيلەشتۈرۈپ قويۇشتەك خاھىشلارنى تۈگىتەلمىدى؛ ئۆز شېئىرلىرىنى ھەقىقىي رېئاللىققا يىلتىز تارتقۇزۇپ مېۋىلىتەلمىدى.

شېئىرىيەتتە ئوبزورچىلىقنىڭ ئەھۋالىچۇ؟

ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلار مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، ئىنكاس قايتۇرۇلمايۋاتىدۇ. شېئىر ھەققىدىكى تەنقىت يوق دېيەرلىك بولىۋاتىدۇ. بەزى تەنقىتچىلەر شائىلار يولۇقىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئاللىقاچان ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ سېىتىۋاتىدۇ. بەزىلەر پەقەت ستاتىستىكا ئۆلچىمى بىلەنلا شېئىرغا باھا بېرىۋاتىدۇ. بەزىلەر بەدىئىيلىكنىلا ئۆلچەم قىلىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەنقىتچىلەرنىڭ تەربىيلىنىشى، تۇرمۇش جۇغلانمىسى ۋە تەجرىبىسى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.

شېئىرىيەت نېمىنى كۈتمەكتە؟

1. شائىرلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشى، نۆۋەتتىكى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى، خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشى، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، قەلبداش، تەقدىرداش بولۇشى، رېئال تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئېلىشى، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆزلىرىنى تەربىيلىشى ۋە چېنىقتۇرۇشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن: ①ئىجادىيەتتە قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىپ، رېئاللىقنى ۋە خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش لازىم. ②شېئىر دېكلىماتسىيە يىغىنى ئېچىش، شېئىر لېنتىسى چىقىرىش، شېئىرنى تېلېۋىزىگە يۈزلەندۈرۈش، شېئىر-رەسىم كۆرگەزمىسى ئويۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شېئىرلارنى ياڭراق ئاۋاز بىلەن خەلققە ئاڭلىتىش، خەلققە يۈزلەندۈرۈش لازىم. بولۇپمۇ، تېلىۋېزورنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى شېئىرىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە جارى قىلدۇرۇش، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر تېمىدۇر.

2. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلاردىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ پائالىيىنى جانلاندۇرۇشقا كۈچ سەرىپ قىلىش بىلەن بىرگە، يېزا، شەھەر ۋە قىسىملاردىكى شائىرلار ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جايلاردا شېئىرىيەت گۇرۇپپىسى، شېئىرىيەت جەمئىيتى تەشكىل قىلىشى، شېئىرىيەتكە دائىر گېزىت-ژورناللارنى نەشىر قىلىشى، ئۆزئارا پىكر ۋە تجرىبە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، شېئىرىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان چوڭ مۇھىت، ئازادە كەيپيات شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

3. شائىرلار ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، شېئىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىشى، ھەرخىل خاتا خاھىش ۋە ئىستىلىنى تۈزىتىشى، دادىل، جاسارەتلىك بولۇپ، ناچار شېئىرلارنى تەنقىت قىلىشى، خاتا نەزىرىيە ۋە قاراشلارغا رەددىيە بېرىشى لازىم. ئەدەبىيات-سەنئەت تەنقىتچىلىرىمۇ شېئىرلارغا توغرا باھا بېرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى نەشرىيات، گېزىت-ژورنال تەھرىرلىرىمۇ شېئىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ناچار شېئىرلارنى ئازراق ئېلان قىلىپ، ياخشى شېئىرلارنى كۆپرەك ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى لازىم.

4. نۆۋەتتە، گېزىت-ژورناللار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار شېئرىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە، «تەڭرىتاغ» ژورنىلى يېڭى يول ئاچتى، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «بوستان» ژورنىلىمۇ ئاز-تولا ئىش قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، بۇ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك. ئەمما، پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن ئېيىتقاندا، پايدىسىدىن زېيىنى كۆپ بولىدىغان، نوقۇل پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنغان بەزى پائالىيەتلەر ئازراق بولغىنى ياخشى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top