• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇرغا مەدھىيە

ئۇيغۇرغا مەدھىيە

 خەيرۇللا قۇربان  بۆرتالا

جەسۇرلۇق مەرىتلىكنىڭ ئۈلگىسى ئۇيغۇر،
غېرىپلىق، قايغۇنىڭ، كۈلكىسى ئۇيغۇر.
جاسارەت، ساداقەت، مىھىر- ۋاپانىڭ،
يېڭىلمەس، پاسىبان، سەركىسى ئۇيغۇر.

رەزىلىك، پەسلىكنىڭ، قامچىسى ئۇيغۇر،
چاڭقىغان دىلارنىڭ، تامچىسى ئۇيغۇر.
ئىلىم –پەن، قۇرئاندىن، رەڭلەر تۈزىگەن،
پاكلىقنىڭ، ئاقلىقنىڭ، باغچىسى ئۇيغۇر.

ئىناقلىق، ئۆملۈكنىڭ، ئەلچىسى ئۈيغۇر،
مۈشكۈلات، جاپانىڭ، يەلكىسى ئۇيغۇر.
ۋىجدان ھەم غورۇرنىڭ، شەرمى –ھايانىڭ،
سۈپسۈزۈك بۇلىقى، ئەركىسى ئۇيغۇر.

شان – شەرەپ، ئالقىشنىڭ، شەۋكىتى ئۇيغۇر،
ساپ ئەجىر – ھوسۇلنىڭ، بەركىتى ئۇيغۇر.
يىتىمنىڭ –ئاجىزنىڭ، سۇنۇلغان قولنىڭ،
نىجاتلىق يۇلتۇزى، دۆۋلىتى ئۇيغۇر،

چۈشكۈنلۈك، غەپلەتنىڭ، خەنجىرى ئۇيغۇر،
ئىناقلىق، ئۆملۈكنىڭ، زەنجىرى ئۇيغۇر.
ئاقكۆڭۈل،كۈيۈمچان، ئەدەپ ئەخلاقنىڭ،
مىھماندوسىت، خۇشچىراي، ھەمشرى ئۇيغۇر.

دەرىت –ئەلەم، كۈلپەتنىڭ، شاتلىقى ئۇيغۇر،
مۇڭ باسقان دىھقاننىڭ، ئاشلىقى ئۇيغۇر.
پاك- سۆيگۈ، مۇھەببەت، يىلتىزداشلارنىڭ،
سېخى نۇر –قۇياشى، ياشلىقى ئۇيغۇر.

چىمەنلىك باغلارنىڭ، بۇلبۇلى ئۇيغۇر،
رىقابەت -دوئېلنىڭ، دۇلدۇلى ئۇيغۇر.
چىھرىدىن نۇر چاچقان، ئاللاھ بەركىتى،
چىرايلىق، قامەتلىك، سۇمبۇلى ئۇيغۇر.

كائىنات –تەبىئەتنىڭ، گىياھسى ئۇيغۇر،
رەڭگارەڭ ھاياتنىڭ، جۇلاسى ئۇيغۇر.
ياخشىلىق ئىزدىگەن، بارچە يۈرەكنىڭ،
قۇت-مەدەت، ئالقىشى، دۇئاسى ئۇيغۇر.

ئۇيغۇرغا مۇجەسسەم، خىلمۇ خىل خىسلەت،
شۇ سەۋەپ ئاتالدۇق، تىرىشچان مىللەت.
چىقسا گەر ئارىدىن، ئاز- تۇلا ئىللەت،
ئىللەتكە قۇل بولماي، ئالايلى! ئىبرەت.

مەنبە: تاڭنۇر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top