You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » شائىر ھېزىم ئىسكەندەروۋ

شائىر ھېزىم ئىسكەندەروۋ

تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

(1906-1970)
ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ(قازاقىستان)
ئالدىراپ كەلدىم يەنە يۇرتۇڭغا،
قەلبىمنى داغلاپ سېغىنىش ئوتۇڭدا.
ئۆزۈڭ ياتقاچقا ئىگىز كۆرۈنگەن
باش ئىگىش ئۈچۈن ئاشۇ يوتىغا.

سېغىندىم ئېيتقانسەن«جۇڭغار زېمىنى»،
دىلغا يېقىملىق بوم ئاۋازىڭنى.
كۆڭلۈمدە ئۇرغۇپ تۇرغان تۇيغۇنىڭ،
تىزدىم خېلى كەم پەقەت ئېزىنى.

ھېزىم ئاكا ئىسكەندەروۋنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتى ئاۋاتقا بارغاندا يازغان بۇ مىسرالار مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىقىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا بولغان ئىززەت-ئېھتىرامنىڭ ئاجىز بىر ئىپادىسى. شېئىردا ئېيتىلغىنىدەك، كۆڭۈلدىكىنىڭ پەقەت ئازبىر قىسمىلا ئىزھار قىلىنغان. شائىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئوتتۇز بەش يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن پەيتلەر ئۇنتۇلغان ئەمەس…
ھېزىم ئىسكەندەروۋ(تېتىك)، كېڭەش(سوۋېت) دەۋرىدە شەكىللەنگەن يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ياراتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان يېگانە نامايەندە، ئۇ ھەم ئۇزاق، ھەم پاجىئەلىك ئىجادىي ھايات كەچۈردى. ئۇزاق دېگىنىمىز، ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرى 1927-يىلى بېسىلىپ، 1937-يىلىغىچە «چېلىش دولقۇنلىرى»، «سازىم»،«شېئىرلار» ناملىق توپلاملىرى، «ئۇيغۇر قىزى»، «خانتەڭرى» ناملىق پوئىمىلىرىنى ئىجادقىلىپ جامائەتچىلىككە كەڭ تونۇلۇپ، كېيىن ئىجادىيەتتىن توختۇتۇلۇپ، ئاندىن 1954- 1969- يىللاردا «تېنىچلىق ناخشىسى»، «ھايات ئىلھاملىرى»، «نازىگۇم»غا ئوخشاش شېئىر توپلاملىرىنى ئىجاد قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. پاجىئەلىك دېگىنىمىز،-ئۇ ئىجادىيەتنىڭ ئىچكىي سىرلىرىغا يېڭىدىن كىرىپ، راسا ئىجادىي ئۆرلەش دەۋرىدە، يەنى 1937-يىلى ناھەق ئەيىپلىنىپ سېبىرىيە لاگىرلىرىنىڭ ئازابىنى ئون يىلچە تارتتى. ھېزىم ئىسكەندەروۋ لاگىردىن ئازادلىققا چىققاندىن كېيىنمۇ، يەنە ئون يىلچە ئەركىن ئىجادقىلىش، ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. پەقەت 1956-يىلىدىن تارتىپ ئاندىن يەنە قولىغا قەلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، يازغانلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇزاق يىللار داۋامىدا بۇرۇختۇم بولۇپ كەتكەن شائىر قايىتىدىن ئېچىلىپ، ئىلھامى جۇلالاندى، شېئىر توپلاملىرى كەينى- كەينىدىن يۇرۇقلۇققا چىقتى.
مەن ھېزىم ئاكا بىلەن يېقىن ئارلىشىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. 60-يىللاردىن باشلاپلا ئۇنى يېقىندىن بىلىپ، دەسلەپكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن، بەزى شېئىرلىرىنى كىتاپخانلار بىلەن ئۇچرىشىشلاردا دەسلەپ ئاڭلىغانلاردىن بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان پەيتلەردە شېئىرىيەتنىڭ قىيىن ھەم شەرەپلىك يولىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان شائىرنىڭ قېرىماس تالانتىغا، جۇشئۇرغان ھاياتبەخشلىكىگە زوقلىناتتىم. بۇ ھېسسىيات ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ ھەمدا ستىخان بولغان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىدى. ھېزىم ئاكىنى 1958-يىلى يانۋاردىن، يەنى كازگونىڭ ئاخىرقى كۇرۇسىدا ئۇقۇۋېتىپ «كومۇنىزىم تۇغى»(ھازىرقى ئۇيغۇر ئاۋازى)گېزىتى رىداكسىيىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش بۆلۈمىدە ئەدەبىي خادىم بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان چاغلاردا سىرتىدىن كۆرۈپ يۈردۈم. ئۇ رىداكسىيىگە پات-پات كېلىپ تۇراتتى. ھېزىم ئاكا بىلەن دەسلەپ ھەمداستىخان بولغىنىم تېخىچە كۆز ئالدىمدا. 1959-يىلىنىڭ ياز ئايلىرى ئىدى. ئائىلەم بىلەن سۇلتان قورغاندا بىر يۇتداشنىڭ ئۆيىدە ئىجارىگە ئولتۇراتتۇق. دالانسىز كىچىك ئىككى ئېغىز ئۆي بولىدىغان. بىر كۈنى كۆز باغلانغان چاغدا:«ماخمۇت ئۆيدىمۇ، سىڭلىم؟»دەپ ماھىنۇردىن سورىدى، ناتونۇش بىر ئۈن. مەن ئالدىغا چىققىچە، ھېزىمكام، خىزمەتكام، غۇجەخمەتكام ئۈچى ئۆيگە كىرىپ كېلىشتى. ئۈچىلىسى ئىگىز، قامەتلىك كىشىلەر بولۇپ، كىچىك ئۆينىڭ ئىچى تولۇپلا قالغاندەك بولدى. ئەلۋەتتە، بىز پايپىتەك. ئۇلارنىڭ كەيپىياتلىرى بەلەن. خىزمەت ئاكا ئورۇندۇققا ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا:« مۇنۇ ھېزىم سېنىڭ بىلەن يېقىن تونۇشماقچىكەن، غۇجەخمەت ئىككىمىزنى ئۇنى تېپىڭلا دەپ تۇرىۋالغاچقا كېلىپ قالدۇق»-دېدى. بۇلۇڭدا ئاتامنىڭ كونا دۇتتارى تىكلەگلىك تۇراتتى. خىزمەت ئاكا ئۇنى قولىغا ئېلىپ ساز قىلىشقا باشلىدى.«تولا ئاۋارە بولماڭلار بىز رېستۇراندىن كېلىۋاتىمىز. سېنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشەي دېۋىدىم، مېنىڭ ئىجادىيىتىم توغرىسىدىكى ماقالەڭنى ئوقۇدۇم. تۇتقان يۆلۈنىشىڭ ياخشى،-دەپ، ھېزىم ئاكا پاپروسنى تۇتاشتۇرۇپ بىر-ئىككى تارتقاندىن كېيىن، قوشۇمچە قىلدى،-تەنقىدىي پىكىرلىرىڭمۇ ئورۇنلۇق». بۇنداق داڭلىق ئاكىلارنىڭ چوڭ بېشىنى كىچىك قىلىپ ئۆيۈمگە تۇنجى كېلىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاددىي تۇتۇشى، كونا تونۇشلاردەك مۇئامىلە قىلىشى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى.
1958-يىلى ھېزىم ئاكىنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان بىر پارچە تاللانما ئەسەرلەر توپلىمى يۇرۇق كۆرگەن. ئۇنىڭغا شائىرنىڭ بۇرۇن يازغان شېئىرلىرى ۋە 1956-يىلى ئۇزاق مەگىللىك ئۈزۈلۈشتىن كېيىن بېسىلغان«تېنچلىق ناخشىسى»ناملىق توپلامىدىكى شېئىرلار تاللىنىپ كىرگۈزۈلۈپتۇ. 1959-يىلى 10-مايدا«ھېزىم ئىسكەندەروۋ ئىجادىيتى ھەققىدە بەزى پىكىرلەر»ناملىق خېلى چوڭ بىر پارچە ماقالەم «كومۇنىزىم تۇغى»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماتېرىيال مېنىڭ شائىرلارنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ماقالەم ئىدى. ئۇنىڭدا ھېزىم ئىسكەندەروۋنىڭ ئىجادىيەت يولىغا ئۆزەمچە باھا بېرىشكە تىرىشقان ئىدىم. بۇ ماقالىدە،گېزىت مۇھەررىرىنىڭ«جەزمەن تەنقىدىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك»دېگەن تەلىۋىگە بېقىنغانلىقنىڭ، شۇنىڭدەك ياشلىققا خاس ماكسىمالىزىمنىڭ شامىلى بارلىقتەك تېما چەكلىمىلىگى بايقىلىشى ئېنىق بولغان« چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان مۇراجەت ئاز»دېگندەك پىكىرلەرمۇ ئېيتىلغان ئىدى. ئەمما مانا ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈ شكەندە، ئۇنىڭ«تەنقىدىي پىكىرلىرىڭمۇ ئورۇنلۇق»دېگىنىگە قارىماي، قولۇمغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان مەن، داڭلىق شائىرلارغا قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئېيتىپ سالغىنم ئۈچۈن خىجىل بولىۋاتاتتىم. بۇ ئۇچرىشىشنى تەپسىلى يېزىشىمنىڭ سەۋەبى-بۇ ئۈچ نامايەندە بىلەن ئۇلار تا ئالەمدىن ئۆتكىچە ئاكا-ئۇكا بولۇپ يېقىن ئۆتكەنلىكىمىزنىڭ، كېينچە ئۆزئارا ئىلپە تچىلىكىمىزنىڭ باشلىنىشى بولغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوبدان ئويلانمايلا باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلغىمىندىن ساۋاق ئالغانلىقىم ئۈچۈندۇر. خۇلاسە چىقارغىنىمدا:«بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەم خىجالەت بولۇپ قالىدىغان ھېچنەرسە يازمايمەن»دېگەن ئىدىم ئىچىمدە. دەرھەقىقەت، شۇنىڭدىن كيىن چوڭ-كىچىك ئەدەپلىرىمىز توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازدىم ھەم تەنقىد ئىنكاس-پىكىرلىرىم بولسا، يۇشۇرمۇدۇم؛ كېلىشتۇق-كېلىشمىدۇق، ئۇ باشقا گەپ، ئەمما ھېچقاچان خىجالەت بولغىدەك بىر نەرسە يازمىدىم.
ھېزىم ئاكا ئۇيغۇر ناھىيسىدىن ئالمۇتاغا كەلگەندە، ئۇچراشماي قالمايتتۇق.بۇنىڭغا ئۇنىڭ بىلەن كەسىپداشلىقىمىزدىن تاشقىرى دۇتار چالىدىغىنىممۇ سەۋەپ بولدى دەپ ئويلايمەن. ئاغىينەم سېلىماخۇن داڭلىق سازەندە ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشماي ئۇنىڭغا جۈر بولۇشقا تىرىشاتتىم. بىز ئەسلىدە سازەندىگە مۇھتاج بولمايتتۇق. ھېزىم ئاكىمۇ، خىزمەتكاممۇ، غۇجە خمەتكاممۇ ناخشا ئېيتىدىغان، بولۇپمۇ خەلق ناخشىلىرىنى ھەۋەس بىلەن ئېيتىشاتتۇق. ئولتۇ رۇشلاردا سۆزسىزكى، شېئىرلارمۇ ئوقۇلاتتى، بۇنىڭغا غۇجەخمەت ئاكا:«قېنى ئەمدى پوئىزىيە مىنۇتلىرى بولسۇن»دەپ دەۋەتچى بولاتتى.
شۇنداق قىلىپ، ماڭا ھېزىمكامغا ئوخشاش خەلقنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن شائىر بىلەن ئولتۇرۇشلاردا ياكى سەپەرلەردە بىللە بولۇشلا ئەمەس، بەكلى ئۇنىڭ ئىجاد ىيتىنى ئۈگۈنۈش، يۇرۇتۇش نېسىپ بولدى.«ئۇيغۇر سوۋېت پوئىزىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى»مازۇسى ئاستىدا تەييارلىغان دىسىرتاتسىيەمدە،«ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىيا تىنىڭ تارىخى»ناملىق مونۇگىرافىيەمدە ھېزىم ئاكا ھەققىدە ئۆزەمنىڭ ئىنكاس-خۇلاسىلىر ىمنى بايان قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شائىرنىڭ كەڭ نىشانلانغان 70 يىللىق، 80 يىللىق تەۋەللۇتلىرىدا دوكلات قىلدىم ھەم ئۇ دوكلاتلار«كومۇنىزىم تۇغى»دا بېسىلدى.
جەمئىيىتىمىز ساختا ئەندازلادىن پاكلىنىپ، مەدەنىي مىراسلىرىمىز تار سىنىپىي نۇقتىئىي نەزەردىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي ئىنسانىي قەدىريەتلەر يۈكسەكلىگىدىن قايتا قارىلىۋاتقاندا، باشقىلار قاتارىدا ھېزىم ئىسكەندەروۋ ئىجادىيتىنىڭمۇ ۋاقتىنىڭ بىرەھىم ھەم ئادىلانە مىزان تارازىسىغا چۈشىدىغانلىقى تەبىئىي ھەم قانۇنىي.
سۆزسىز، شۇ ئەھۋال تۈپەيلىدىن ھېزىم ئىسكەندەروۋ ھەققىدە مۇشۇ كەمگىچە ئېيتىلغان پىكىر-ئىنكاسلارمۇ، تەسەۋۇرلارمۇ قايتا قارىلىپ، زامان، ھايات تەلەپلىرىگە لايىق ئۆزگىرىدۇ.
ئەڭ ئالدى بىلەن ھېزىم ئىسكەندەروۋ ئىجاىيتى ئۆزىنىڭ زامانغا ھەمنەپەسلىگى ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ بەدىئىي يىلنامىسى ئىكەنلىگى بىلەن قىممەتتۇر. بۈگۈنكى ئۆسكىلەڭ بەدىئىي دىت-تالغام، تەلەپ-ئېھتىياج دەرىجىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇنداق قاراش ھەم قانۇنىي، ھەم ئادىل ھادىسە. ھېزىم ئىسكەندەروۋ ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئىستېتىكىلىق بەدىئىي تەسىراتچانلىققا ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىنىڭ نەپىسى، بىزنىڭ ئاتلىرىمىز بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەرنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە قىممەتتۇر. ھەرقانداق ئىجاتكار ئۆز دەۋرىنىڭ، ئۆز زامانداشلىرىنىڭ كۈيچىسى، ئىجاتكارى بۇلۇشمۇ-ئىجاتكار ئۈچۈن چوڭ ۋەزىپە، ئالىي مەرتىۋە. ھېزىم ئىسكەندەروۋ ئەنە شۇنداق قەلەم ساھىبىدۇر. شائىر ئۆزىنىڭ تەرىپى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ تېز سۈرئەت بىلەن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆمۈر نەپىسى، ھايات سازى بىلەن ئەسەرلىرىنى تەڭكەش قىلغان ئىدى.
دېھقاننىڭ مېھنىتى، دېھقاننىڭ ھاياتى شائىرئىجادىيتىنىڭ يەنەبىر ئالتۇن قۇزۇقى دېسەك خاتالاشمايمىز. شۇڭا ئاتاقلىق يازغۇچى خىزمەت ئابدۇللىن ئۆزىنىڭ بىر ماقالىسىدە ئۇنى «دېھقان شائىر»دېگىنىدە چوڭقۇر ئاساس بار.
ھېزىم ئىسكەندەروۋ ماڭلاي تەرىنى تۆكۈپ، قۇياش نۇرىدا كۆيۈپ تاۋلىنىپ، داستىخان زننىتىنى ياراتقۇچى دېھقان ئەمگىكىنى، شۇ دېھقان ئەمگەك قىلىدىغان ئانا يەرنى ئىلھام بىلەن كۈيلەپ ئۆتتى. شائىر بىر شېئىرىدا دېھقانلارغا مۇراجەت قىلىپ؛

سېنىڭ ماڭلاي تەرىڭ بىلەن،
كىردى يەرگە جان
ھەر بىر تامچە ئاچچىق تەرىڭ
دەستە-دەستە نان،

كەل، قولۇڭغا سۆيەي، يا خىزىر دېھقان-
دەپ دېھقانغا، ئۇنىڭ ئەمگىكىگە بولغان ئىززەت-ئېھتىرامىنى ئىزھار قىلىدۇ. بۇ تەبىئىي ئىدى. چۈنكى بۇ ھايات، دېھقان ئەمگىكى ئۇنىڭ ئىلھام مەنبەسى ئىدى.
ھېزىم ئىسكەندەروۋ پوئىزىيىسىنىڭ يەنەبىر قىممەتلىك خىسلىتى جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان بىرلىكنى، دوستلۇقنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈيلىگەنلىگىدە. بۇ ھېچقاچان ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدىغان تېمىدۇر. ھېزىم ئىسكەندەروۋ بۇ تېمىغا بېغىشلانغان كۆپلىگەن ئوتلق ھەم سەمىيمى مىسرالارنى يازغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدا قېرىنداش قازاق خەلقىگە بېغىشلاپ:

ئىگىز كۆكتىن نۇرلار قۇچۇپ،
كۈلۈپ تۇرغان كۈنىمىز بىر.
باغدىن ئېلىپ قۇلاقلارغا
قىسقان قىزىل گۈلىمىز بىر.

تېچلىق ئۈچۈن ئىمزا قويساق،
تۇتقان قەلەم، قولىمىز بىر.
سېنىڭ بىلەن، قازاق ئىلى،
ئايدىن پارلاق يولىمىز بىر.

دەپ ئىككى خەلقنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىناق-ئىجىللىقىنى، يېقىنلىقىنى كۈيلىدى.
ھېزىم ئىسكەندەروۋنى شائىر سۈپىتىدە، شەخىس سۈپىتىدە يىتىشتۈرگىنى سوتىسيا لىستىك جەمئىيەت بولۇپ، بۇ جەمئىيەت ئۇنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتەردى، شۇنداقلا يەرگە ئۇردى، يەنە كۆتەردى…ئۇ 20-يىللاردا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئالغان، ئەمما ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. كەلگۈسى شائىر 1923-1928-يىللاردا تاشكەنتتىكى ساگۇدا(ئوتتۇرا ئاسىيا كومۇنىستىك ئونۋېرىستىتىدا) ئوقۇغان. شائىرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى «قىزىل تۇغ»ناملىق شېئىرى 1927-يىلى «كەمبەغىللەر ئاۋازى» گېزىتىدە «تېتىك»تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىندى.
1937-يىلى ھېزىم ئاكا ئىجادىيتىنىڭ ئون يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرلەندى. ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بىناسىدا تەنتەنىلىك كاتتا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ شۇ يىللاردىكى كاتىپلىرىنىڭ بىرى، كېيىنكى داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، ئاكادېمىك م.قاراتايىف قەدەم تەشرىپ قىلدى، ئۇ ھېزىم ئىسكەندەروۋنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە دوكلات قىلىپ، ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بەردى. شۇچاغلاردا شائىر ھەققىدە ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىلا ئەمەس، قازاق ۋە روس گېزىتلىرىدىمۇ خەۋەر-ماقالىلەر بېسىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىكى ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۈچ ئايلىق ئىجادىي كاماندۇرۇپكا بىلەن مۇكاپاتلاندى. شائىر كېڭەش(سوۋېت) ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ قايتپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قاماققا ئېلىنىدۇ…شائىر ئۈچۈن سېبىريە لاگىرلىرىدا بولۇپ كېلىشنىڭ ئۆزى ئالەمچە ئازاپ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن تازا ئېغىر يىللاردا كولخوزنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىدا بولۇشى-ئۆمرىنىڭ ھەر ياڭزا ۋە پۈتمەس ساۋاقلىرى بولدى.
شائىرنىڭ ئىجادىيتى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ، قەلىپ ھالەتلىرىنىڭ، ئازۇ-ئارمانلىرىنىڭ بەدىئىي ئىپادىسى، دېگەن ئىبارە ھەممەيلەنگە مەلۇم. ھېزىم ئىسكەندەروۋنىڭ ئىجادىيتىمۇ، ئەلۋەتتە،بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇنداقتىمۇ…ياش چېغىدىلار ئازاپ دوزىخىنىڭ ئوتىغا چۈشكەن شائىر قەلبى شۇنچە مۇجۇلغان بولۇشى كېرەك، شۇڭا ئۇ كۆڭلىدىكىنى ئەركىن تۆكتى دەپ ئېيتىشقا ئاساس يوق. مەسىلەن: سېبىريە لاگىرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئېغىر يىللار ئۇنىڭ بىرەر ئەسىرىدە ئىپادە قىلىنمىغىنى دەل شۇ ھالەتنىڭ كۆرۈنىشى. ئېيتىش كېرەككى، ھېزىم ئاكىنى شەخسەن ئۆزەم سىبىريە ھەققىدە قانچە قېتىم گەپكە تارتساممۇ، ئۇ ئېچىلىپ-يېيلىپ سۆزلەشتىن قاچىدىغان. شائىر ئۆز مىسرالىرىغىمۇ شۇ ئازاپلىق ھاياتنىڭ ھەممىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ چۈشۈرمىگەن ئىدى. بۇ ماۋزۇغا شائىر پەقەت ئابدۇللا روزىبا قىيوۋغا بېغىشلانغان«ئۇستازىمغا»ناملىق شېئىرىدىلا تىگىپ-قېچىپ مۇراجەت قىلدى. چۈنكى، شائىر يەنىلا توتالىتار تۈزۈمنىڭ تەلەپ-چەكلىمىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى، شۇڭا ھۆكۈمران پارتىيۋىي ئىدولوگىيە تەلەپ قىلغان تېما-غايە دائىرىسىدە قەلەم تەۋرەتتى. ئۇنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى شېئىرلىرى مەجبۇرىي يېزىلدىمۇ ياكى شائىرنىڭ ئىشەنچ ئېتىقادى شۇنچىلىك تەۋرەنمەس ئىدىمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن پاكىت شۇكى، شائىر ئۆزىنى ئازاپ- ئوقۇبەتلەرگە مۇپتىلا قىلغان پارتىيىنى، ئۇنىڭ سىياسىتىنى، توتالىتار تۈزۈمنى مەدھىيلەشتىن قايتمىدى. ھەر ھالدا ئۇنى ئەيىپلەپ، ھۆكۈم چىقىرىشتىن يىراقمەن. راستىنى ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە ئىدىيىۋىي جەھەتتىن ئىناۋەتكە ئېلىنماس بولغان ئەسەرلەر مەجبۇرىيمۇ يېز ىلغان، شۇنداقلا پارتىيىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، كېڭەش(سوۋېت) جەمئىيىتىنىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئىشەنچمۇ چەكسىز بولدىمىكىن دەپ، تەخمىن قىلىمەن… بۇ يەردە ھېزىم ئىسكەندەروۋنى باشقا ئىجادكارلاردىن ئايرىپ سۆز قىلماقچى ئەمەسمەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، شائىر كۆڭۈلدىكى سىر ساندۇقىنى ھەممىگە ئاچمىغان، ھەممىدە ئېچىلىپ-يېيلىپ قەلەم تەۋرىتە لمىگەن. بەلكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ سىرلىق مىسرالار يېزىلمىغاندۇ،بەلكى…
شۇنداقتىمۇ ھېزىم ئاكىنىڭ ئۆمرى مەزمۇنلۇق ئۆتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدىلا خەلقنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتىگە، قەلەمداشلىرىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. بۇ ئۇنىڭ 60 يىللىق تويىدا بەكمۇ روشەن كۆرۈنگەن ئىدى. ھېزىم ئىسكەندەروۋنىڭ تەۋەللۇتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تويى دەرىجىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. شائىرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ئاۋات يېزىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تەنتەنىگە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ س. مۇقانوۋ باشقۇرغان چوڭ دىلىگاتسىيىسى قاتناشتى. ھېزىم ئىسكەندەروۋ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ناھىيسىنىڭ يۇرتدارچىلىقى ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىر لەپ كەلمەكتە. بۇلۇپمۇ 90 يىللىق تەۋەللۇتى ئالىي دەرىجىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ئاتاقلىق شائىرنىڭ خاتىرىسىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە خېلى مۇھىم ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئالمۇتىدا ۋە ھەرقايسى ناھىيە، يېزىلاردا بەزى كوچىلارغا ئۇنىڭ نامى بېرىلدى. ئۆز يۇرتدىكى مەكتەپ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.
ئەسلى، ئۇيغۇرچە قاراپايىم تىلىدا ئېيتساق، ھېزىم ئاكىنىڭ زۇۋۇلىسىنى خۇدايىم چوڭ ئۈزگەن دىيىش ئۇرۇنلۇق؛ئۇ ئىگىز بويىغا، زور گەۋدىلىك قامىتىگە، مەرت مىجەزى، ھايات بەخشلىك قەلىپ ماس كېلىپ، يارىشىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، باشقا قابىلىيەتلەرگە نىسپەتەن ئادەم مىجەز ئەتىۋارىدا، مېڭىش-تۇرۇشىدا شائىرلىق قابىلىيەت يارقىنراق تۇيلىدۇ. بۇ خىسلەت ھېزىم ئىسكەندەروۋدا ناھايتى روشەن كۆرلەتتى. چۈنكى ھەر دائىم، ھەرقانداق شارائىتتا ئۇ شائىر بولۇپ قالاتتى. ئۇ بار يەردە، ئۇ قاتناشقان ئولتۇرۇش، سۆھبەتلەردە قانداقتۇر بىر ئىمسۇنال مۇھىت قورشاپ، قانداقتۇر بىر كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى؛ ئادەتتىكى ئۈگۈنۈشلۈك ئەھۋاللارمۇ، ئاددىي گەپلەرمۇ ئۇنىڭ قاتنىشىشى ياكى ئۇ توغرىسىدىكى گەپلەرنىڭ شەرھىيلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئەتىۋارلىق، مۇھىمدەك بولۇپ كېتىدىغان.
ھېزىم ئاكا بىلەن ئالمۇتىدا ئۇچرىشىپ يۈرمەستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم ھەمسەپەر بولغان ئىدىم؛ياركەت بىلەن ئۇيغۇر ناھىيلىرىدە ئەدەبىي ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلۈپلا قالسا بىز بارمىغان يۇرت يوقتۇر دەيمەن، بىزنى ئارىمىزدا ھېزىم ئاكا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىلا يەرلەردە كىشىلەر قۇچاق ئېچىپ، ئەستايدىل ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالاتتى. بولۇپمۇ، ئۇنى ئۇيغۇر ناھىيسىدىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە چوڭ-كىچىكنىڭ ھەممىسىلار تونۇيدىغاندەك، مەندە ۋە كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئۇ ئۇچراشقانلار بىلەن تېنچلىق-ئامانلىق سورۇشۇشنى ئادەتتە چاخچاق بىلەن تۈگىتىدىغان. ھېزىم ئاكىنىڭ ھايات بەخشەندە ئوپتىمىستلىگى، خۇشچاخچاققا خۇمارلىقى، ئۆتكۈر جاۋاپلىقى ھەركىمنى قايىل قىلاتتى. ئۇنىڭ بەزى چاخچاقلىرى، ئۆتكۈر سۆزلىرى ئۆزۋاقتىدىلا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن ئىدى.
ھېزىم ئاكا بىلەن دەسلەپ داستىخانداش بولغىنىم قانداق يارقىن ئەستە ساقلانغان بولسا، ئۇنى ئاخىرقى قېتىم ھايات كۆرگىنىممۇ شۇنداق كۆز ئالدىمدا،ئۇچاغ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئۇنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا ئوپراتسىيىگە تەييارلاۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئەتىياز ۋاقتى، قۇربان، سېلىماخۇن ئۈچىمىز ئۇنى يوقلاپ باردۇق. بىز بارماقچى بولغاندا جامالىدىن ئاكا بوساقوۋ ھېزىم ئاكىنىڭ ئاخىرقى«نازىركوم»ناملىق كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق كۆرسۇن دەپ، ئۇ كىتابنى ئالغاچ بېرىشىمنى تاپشۇردى. ئاپارغان نەرسىلەر بىلەن كىتاپلارنى كىرگۈزىۋەتتۇق. بىر ئازدىن كېيىن ھېزىم ئاكا ياتاقنىڭ دەرىزىسىدىن رازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇردى…

ئاپتۇر: ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ- شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيەپەنلىرىنىڭ دوكتورى. پىروفىسسور، قازاقىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى.

2005-يىلى ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنغان«20-ئەسىر نامايەندىلىرى»ناملىق سىلاۋىيان يېزىقىدىكى كىتاپتىن ئاغدۇرۇلدى.
قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن؛
2008-يىل 2-مارت قاراقاش. زاۋا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top