• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «كروران» دۇچ كەلگەن 81 مۈشكۈلات (ئەدەبىي ئاخبارات)

«كروران» دۇچ كەلگەن 81 مۈشكۈلات (ئەدەبىي ئاخبارات)

نۇرمۇھەممەت توختى

1. «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نىڭ ئېنىقلىمىسى

ئوتتۇرا مەكتەپتە سىياسەت دەرسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچۇم «دەللال بۇرژۇئازىيە» نى باشقا يۇرت ۋە باشقا ئەللەردە ياسالغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەپ سېتىپ باي بولغانلار دەپ، «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نى ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئېلىدىكى خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ باي بولغانلار دەپ چۈشەندۈرگەن. ماۋجۇشى خىتاي جەمئىيىتىنى سىنىپلارغا بۆلگەندە «دەللال بۇرژۇئازىيە»نى دۈشمەن قاتارىغا، «مىللىي بۇرژۇئازىيە»نى ئىتتىپاقداشلار قاتارىغا تىزغان. ئەگەر بىز ماۋجۇشىنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق ھۆكۈم قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدىغان بولساق، گەپ بەكلا ئۇزىراپ كېتىدۇ. بىزگە كېرىكى، پەقەت ئاشۇ ئىككى خىل «بۇرژۇئازىيە» توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىلا خالاس. ۋاھالەنكى ھازىر ئېلىمىزدە «بۇرژۇئازىيە»يوق. ئۇلار ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە «ھالال ئىشلەپ، ئۆز قان – تەرى بەدىلىگە باي بولغان» دەپ قارىلىدۇ. بۇ قاراش بويىچە ھازىرقى خىتاي بايلىرىنى «دەللال بۇرژۇئازىيە» ۋە «مىللىي بۇرژۇئازىيە» دەپ سىنىپلارغا ئايرىش خاتا بولىدۇ. ئەمما پارا يېمەي ياكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋالماي تۇرۇپمۇ باي بولغانلارنى يۆتكەپ سېتىش سودىسى بىلەن باي بولغانلار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ھەرىكىتى بىلەن باي بولغانلار دەپ ئايرىش خاتا بولۇشى ناتايىن.

ئەمەلىيەتتە ئالدىنقىسى دەللال سودىگەرلەر، كېيىنكىسى خۇسۇسىي كارخانىچىلاردۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاز بولسىمۇ باي بولغانلار ئىچىدە ئاشۇ ئىككى خىل تەبىقە ھەر ھالدا مەۋجۇت. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، بۇرۇنقى رامكىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ ئاتۇشلۇقلار دەللال سودىگەرلىك يولىغا قاراپ ماڭدى. باشقا يۇرتلۇقلار ئەگەشتى. كېيىنچە غۇلجىلىقلار ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزلىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودىغا تۇتۇش قىلىپ خەلقئارا دەللالغا ئايلاندى. بۇنىڭدىمۇ باشقا يۇرتلۇقلار ئەگەشتى. مەيلى ئىچكى دەللاللار ياكى خەلقئارا دەللاللار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى پۇل قىلىپ بېرىش ئەۋزەللىكى بولسا، ئارىدىن پايدا ئېلىپ مەبلەغ جۇغلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.

خەلقنىڭ جىددىي ئېھتىياج، زۆرۈرىيىتىنى قامدىشى ئۇلارنىڭ تۆھپىسى، ئەمما خەلقنىڭ يەنە بىر ئېھتىياجى ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان خام ئەشيالارنى ئۆز جايىدا سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىغا سەل قارىغانلىقى دەللال سودىگەرلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە دەللال سودىگەرلىك بىلەن بېيىغانلاردىن بىرەرسىنىڭ دەللاللىقتىن ھالقىپ كارخانىچىلىققا يۈرۈش قىلىپ دەللال سودىگەرلىك بىلەن جۇغلىغان مەبلىغىگە تايىنىپ، ئۆز يېرىدىكى خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانا قۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى ياكى بىز ئۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىدۇق. ۋاھالەنكى، دۇنيانىڭ ئىشلىرى دەللال سودىگەرلەرنىڭ قولىغا قاراشلىق ئەمەس. ئۆز يۇرتىنىڭ، ئۆز خەلقى ئىشلەپ چىقارغان خام ئەشيالارنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، ئۇلارنى سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنى ئويلايدىغان ئەزىمەتلەر ھەممە يەردىن تېپىلىدۇ. مانا بۇلار ئەنە شۇ دەللال سودىگەرلەرنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مىللىي كارخانىچىلاردۇر.
مىللىي كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا ۋە ئۇلار ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇنى بىز مەتبۇئاتلاردىن ۋە رادىئو – تېلېۋېزىيىلەردىكى مەھسۇلات ئېلانلىرىدىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. «ئارمان»، «ئامىنە»، «گۆھەر زېمىن»، «كروران» ۋە باشقىلار شۇ جۈملىدىندۇر. بۇ يەردە شۇنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەتبۇئات ئادىلدۇر. مەتبۇئاتلىرىمىزدا مىللىي كارخانىچىلار دائىم تونۇشتۇرۇلۇپ تۇرۇلدىكى، دەللال سودىگەرلەرنىڭ خەير – ئېھسانلىرىدىن باشقا پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنمىدى. ئەكسىچە مىللىي كارخانىچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، پۇل تاپالماي ۋەيران بولغاندىمۇ، ھېسداشلىق سادالىرى ياڭراپ تۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى دەللال سودىگەرلىك بىلەن كارخانىچىلىقنىڭ قىممىتىدە. ئالدىنقىسى گەرچە جىددىي ئېھتىياجنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا كەمسىتىلىشكە دۇچار. كېيىنكىسى بولسا، دائىم ۋە ھەر جايدا ئالقىشقا مۇيەسسەر. خەلقنىڭ كۆڭۈل رايى دېگەن مانا شۇنداق. بۇنى مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. خەلقىمىزدە «پۇل تاپقۇچە، يۈز تاپ» دېگەن ماقال بار. دەللال سودىگەرلەرنىڭ شۇنچە پۇللۇق تۇرۇپمۇ ئابرۇيغا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى سەۋەب كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن. قايسىبىر يىلى داڭلىق مۇقامچى ئابدۇللا مەجنۇن ئۇلارنى «پۇلدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق نامراتلار» قاتارىغا تىزغان. بەلكىم يۈز – ئابرۇي دېگەن پۇلغىلا باغلىق بولمىسا كېرەك. ۋاھالەنكى، دەللال سودىگەرلەرگە قارىتىلغان «دەللاللىق قىلىدۇ»، «ئالدامچىلىق بىلەن پۇل تاپىدۇ»، «پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ» دېگەن باھالار ئادىل بولۇشى ناتايىن. ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولماس. بىر كۇلا ھەممە قەلەندەرنىڭ بېشىغا خوپ كېلىۋەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بازار ئەھۋالىنى دەڭسەش، مال تاللاش، مال يۆتكەش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى، بىر تىيىن ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىپ تالىشىشلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، دىيانەتلىكلىرى نائىنساپلىرى بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەلسە ئۇۋال بولىدۇ. ئەمما خەلقنىڭ مىللىي كارخانىچىلارغا بەرگەن باھالىرى ھېچقاچان خاتا بولۇپ باقمىدى. ئىزچىل ھېسداشلىق ۋە قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلدى. بۇ يەردە ئاشۇ پوزىتسىيە بىلەن تىلغا ئالماقچى بولغىنىمىز ئاشۇ مىللىي كارخانىچىلار ئىچىدىكى «خوتەن كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ياش يىگىت ئابدۇۋەلىدۇر.

2. يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس

ئارزۇ ئېھتىياجنىڭ كۆڭۈلدىكى شولىسى. ئېھتىياج قانداق بولسا، ئارزۇ شۇنداق بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئوزۇقلىنىش، شەھۋەت، قەدىرلىنىش، مال – مۈلۈك، سالامەتلىك، گۈزەللىك، مۇكەممەللىك قاتارلىق تۈپ ئېھتىياجلىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى بەلگىلەيدۇ. ئوزۇقلىنىش، مال – مۈلۈك، سالامەتلىك قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېھتىياجلىرى قانائەت تاپقان ئەھۋالدا قەدىرلىنىش، گۈزەللىك، مۇكەممەللىك قاتارلىق يۇقىرى ئېھتىياجلىرى ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتىدۇ ۋە شۇلارغا ئائىت ئارزۇلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ستۇدېنت ئابدۇۋەلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا بۇنى ئېنىق ھېس قىلدى. قورسىقى تويغان، كىيىمى پۈتۈنلەشكەن ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى خوتۇن قىزلارنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجلىرى ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتكەن، ئۇلار تەقى – تۇرقىنى، قانات – قۇيرۇقىنى تۈزەشكە كىرىشكەنىدى. كوچا – رەستىلەردە گىرىمخانا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى. دۇكان، ماگىزىنلارنى چەت ئەلنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى قاپلاپ كەتكەنىدى. ئەمما ئاشۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن، ئۇيغۇرچە ماركىسى، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى بار پاكىزلىق بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى يوق ئىدى.
ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابدۇۋەلى غەلىتىلىك ھېس قىلدى. مەۋجۇت ھالەت ئۈستىدىن ئۆكتە قوپۇش ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىغۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ ئەقلىگە سىغمىدى. «نېمىشقا يوق؟» نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە خەلقىمىزدە ئاي يۈزلۈك، قۇياش كۆزلۈك ئانىلىرىمىزدا، سۇمبۇل چاچلىق، قىرىق كوكۇلۇلۇق ھەدە – سىڭىللىرىمىزدا، نوچىلىقتىن ئوت چىقىرىدىغان بوز يىگىتلىرىمىزدە گىرىم قىلىش مەدەنىيىتى شەكىللەنمىگەن بولغىدىمۇ؟ سىم بۇرۇتلۇق، بومبا ساقاللىق ئاتىلىرىمىز جەڭگە چىققان چاغلىرىدا ساقال – بۇرۇتلىرىنى نېمە بىلەن بويىغان بولغىدى؟ پاكىزلىقنى ئىمان جۈملىسىدىن ھېسابلايدىغان خەلقىمىزدە سوپۇن ئىشلىتىش ئومۇملاشمىغان بولغىمىدى؟ ئاشۇ ھورداق، ھاممام، ھور مۇنچىلارنى كەشپ قىلغان بوۋىلىرىمىز ھور مۇنچىدا قايسى سوپۇننى ئىشلەتكەن بولغىدى؟ «ئاناڭنى ئاتاڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دېگەن تەمسىل بارغۇ بىزدە؟ نېمە بىلەن پەردازسىز كۆرسەتمىگەن بولغىدى؟ تىرناقلىرىنى، ھۆسن – چىرايىنى قانداق ئاسرىغان بولغىدى؟… ئابدۇۋەلى ئەنە شۇنداق ئويلايتتى. ئۆزىگە سوئاللار قوياتتى.
ئەمما سوئاللارنى يېشىشكە كۆپ ھەرەج كەتمىدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى مۇشۇ مىللىي تۈركۈمنىڭ جىسمانىيىتىنى، تەقى -تۇرقىنى، ھۆسن – جامالىنى، قەلب – روھىنى ئەملەپ، قوغداپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى ئۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى. تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن ئابدۇۋەلىگە خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىدىكى ئابلىمىت يۈسۈپ داموللا ھاجىم، خوۋا باھاۋىدىن ھاجىم، باقى ھاجىم قاتارلىق ئەللامىلەر سىياداننىڭ، ئوسمىنىڭ، خېنىنىڭ، سۈرمىنىڭ، جىگدە يېلىمىنىڭ، تۈرلۈك مېغىزلارنىڭ، سۈت، قېتىقلارنىڭ، گۈل – چېچەكلەرنىڭ، مۈشكى – ئىپارلارنىڭ كارامىتىنى سۆزلەپ بەردى. ئوھوي! بار ئىكەن: چاچنى بوستان، قاشنى قىياق، كىرپىكنى ئوقيا، كۆزنى چولپان، لەۋنى جىنەستە، تىرناقنى ئوتقاش قىلغۇدەك خۇرۇچلار بار ئىكەن. تېرىنى، ھۆسن – جامالىنى ئاققاشتەك سۈزۈك، ئالمىدەك رەڭدار، پاقلاننىڭ دۈمبە يېغىدەك يۇمران، يۈرەكتەك ئىسسىق قىلغۇچى خۇرۇچلار بار ئىكەن. ۋۇجۇدۇڭنى خۇش پۇراق كانىغا ئايلاندۇرغۇچى خوتەن قىزىل گۈلى، خوتەن مۇشكى – ئىپارى بار ئىكەن. گۇلاپلار، مەلھەملەر، مايلار بار ئىكەن. توقاچ سوپۇنلار، گۈلى سوپۇنلار بار ئىكەن…
تېۋىپ ئاخۇنۇملار ھېكايە قىلىشتى: ئىپارخان تۇتقۇن خانىش بولغاندىن كېيىن ئاستانىدە تۇرۇشنى خالىماپتۇ. سەۋەبى، ئۇنىڭغا ياقىدىغان، ئۇنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، ئۇنى خۇش پۇراق قىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەر ئۇياقلاردا يوق ئىكەن. ئىپارخاننىڭ سولاقتىكى ۋۇجۇدى يەنىلا يىراقتىكى ئۆز ماكانىغا ئوسمىزارلىقلارغا، جىگدىزارلىقلارغا، قىزىل گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈلزارلىقلارغا تەلپۈنىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن جىگدە كۆچۈرۈش يارلىقى چۈشۈرۈلۈپ «جىگدە يېغىلىقى» يۈز بېرىپتۇ. نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلۈپتۇ….
مانا كۆردىڭىزمۇ؟ ھەدە – سىڭىللىرىمىز تۇتقۇن – قەپەسلەنگەن ھالەتتىمۇ ھۆسن تۈزەشنى، چاچ كوكۇلىنى ئاسرىغۇچى جىگدە يېلىمىنى، خۇش پۇراق تارقاتقۇچى جىگدە چېچىكىنى ئۇنتۇماپتۇ. ئەمدى نېمە بولدى؟ گۇمران بولغان ئەۋلادلار ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىمۇ؟ ئاشۇ خۇرۇچلاردىن ھۆسن ئاسرىغۇچى، پاكىزلىغۇچى گۇلاپلار، مەلھەملەر، مايلار، توقاچ سوپۇنلار، گۈلى سوپۇنلار ياساشنى ئۇنتۇشمىغان بولسىمۇ، ئۇنى سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ بازارغا سېلىشنى ئويلاشماپتۇ. بازارلاردا ماگىزىن، دۇكانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز گىرىم بۇيۇملىرى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىنىڭ يوقلۇقى شۇ سەۋەبتىن ئىكەن…
ئابدۇۋەلىنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى. ھۆسن تۈزىگۈچى خۇرۇچلارنى كۆكتات بازىرىغا ئەكېلىپ ۋارقىراپ سېتىشنىڭ ئورنى يوق. تەييار مەھسۇلات بولسا خەلقىمىز ئۆز گىرىم بۇيۇملىرىمىز ۋە ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىمىزنى ئىشلەتسە، ئىشلىتىۋېتىپ ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ قايناملىرىدا ئۈزسە، ئاھ، بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ئىش بولاتتىمۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە يارىشىدۇ. چەت ئەلنىڭ خىتايغا، ئىسسىق رايوننىڭ سوغۇق رايونغا، نەم رايوننىڭ قۇرغاق رايونغا يارىشارمۇ؟ «ئۆزىنىڭ ئۆزىگە يارىشىدۇ» دەپ بىكار ئېيتىشمىغان.
ئېھتىياج ئارزۇنى پەيدا قىلىدۇغۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ئاستا – ئاستا ئۆز گىرىم بۇيۇملىرىمىزنى، ئۆز پاكىزلىق بۇيۇملىرىمىزنى ياساش، ئۇنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئارزۇسى باش كۆتۈردى. ئارزۇنىڭ ئىمكانىيەتلىكى ئارزۇ، ئىمكانىيەتسىزى خام خىيال. ئابدۇۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلىتىلىشچان خىمىيە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىمكانىيەتكە ئىگە ئىدى. ئىمكانىيەتلىك ئارزۇ ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىپتىدائىي ئورمانغا تۇتاشقان ئوتتەك ئاستا – ئاستا ئۇلغىيىپ باردى….

ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە، مىللىي جىسمانىيىتىگە، قۇرغاق، سوغۇق، شامال – بورانلىق تەبىئىي شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇر گىرىم خۇرۇچلىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنالمىغۇدەك بۇ ئەپسۇسلۇق ھالەتنى ئابدۇۋەلىلا ھېس قىلدى، تونۇپ يەتتى دېسەك، راست گەپ قىلمىغان بولىمىز. ئۆز ھۆسن ئاسراش، ھۆسن تۈزەش بۇيۇملىرىمىزنى ياساش، سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش، تۈركۈملەپ بازارغا سېلىش ئارزۇسى ئابدۇۋەلىنىڭلا قەلبىدە پەيدا بولدى دېسەك، بۇمۇ رېئاللىققا نىسبەتەن مۈشۈككە ئوخشاش كۆز يۇمۇۋالغانلىق بولىدۇ. ئاشۇ يىللاردا ئالىي مەكتەپلەر خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم بىلەن توشۇپ كەتكەن كاللىلىرىدا بۇنداق پىكىرلەر، بۇنداق ئارزۇلار ئاللىقاچان پەيدا بولۇپ بولغان، تېخى ئۇلارنىڭ زاۋۇت قۇرۇشقا كېتەرلىك يۈز مىڭلاپ، مىليونلاپ سوممىدىكى مەبلەغ تەلەپ قىلىش دوكلاتلىرى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ يېزىق شىرەسى ئۈستىگە يېتىپ بېرىپمۇ بولغانىدى.

ئوسما تەركىبلىرىنى ئىشلىتىپ چوڭ تىپتىكى كارخانىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى بايلىقلارنى قېزىش يېتەرلىك بولمايۋاتاتتى. پۇرسەتمۇ كەلگەنىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش پراكتىكىسى ئۈچۈن ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پەن تەتقىقات ئاكادېمىيىسىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ يەردە ئەۋزەل شارائىت يېتەرلىك ئىدى. دوكتور ئۆمەرجان مۇئەللىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياش يىگىت سىياداننى خام ئەشيا قىلغان تۇنجى چاچ ئاسرىغۇچى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ياساپ چىقتى. بارلىق دورا ياسىغۇچى تېبابەتچىلىك ئالىملىرى يېڭى دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز جىسمانىيىتىدە سىناپ باققاندەك، ئۇمۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆز چېچىدا سىناق قىلدى. چاچلار بىلەن تولا ئۇچرىشىپ چاچ باھالاش، سوپۇن باھالاش مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغان ساتىراش ئۇستامنى باھالىغۇچى قىلدى. خۇرۇچلارنىڭ نىسبىتى يۈز قېتىم تەڭشەلگەندۇ. يۈز قېتىم تەجرىبە قىلىنغاندۇ. يۈز قېتىم قايتا ياسالغاندۇ ۋە ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆز چېچىدا يۈز قېتىم سىناق قىلىنغاندۇ. ئاخىر ساتىراش ئۇستامنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. تەستىق – باھالاشتىن ئۆتۈش باشقا گەپ. ئەمەلىي نەتىجە بولسا يەنە باشقا گەپ. بىر خىل چاچ ئاسرىغۇچى سۇيۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنى بىر قېتىمدىلا كۆرىمەن دەپ خام خىيال ئەيلىمەڭ. ئۇ دەرھال ئاغرىق توختىتىدىغان ئاسپىرىن ئەمەس. ئۈنۈم ئاستا – ئاستا يۈز بېرىدۇ. يۈز قېتىملاپ ئۆز چېچىدا قىلىنغان يۇيۇش سىنىقى جەريانىدا ئابدۇۋەلىنىڭ چېچى قاپقارا، قويۇق، تاللىرى توم، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، ئاسان تۆكۈلمەيدىغان ئەلا ھالەتكە ئېرىشتى. ئۈنۈم دېگەن مانا مۇشۇ، يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟

مەھسۇلات ئەۋرىشكىسى سىناقتىن ئۆتتى. ئەمدى تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىشى كېرەك. زاۋۇت قۇرۇشقا پۇل قېنى؟ يېڭى مەھسۇلاتنى بازار قوينىغا ئالارمۇ؟ چەت ئەلنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالارمۇ؟ سېتىۋالىدىغان خېرىدار چىقارمۇ؟…

بازار بۆرە ۋە يولۋاسقا ئوخشايدۇ. ھەيۋەت ۋە چىرايلىق، ئۇنىڭ يۇمشاق تېرىسىنى سىلاپ بېقىشنى، ئۇنى قۇچاقلاپ ئەركىلىتىشنى كىم خالىمايدۇ؟ بۆرە، يولۋاسقا يېقىنلاشساڭ، ساڭا ئەركىلەپ قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ بېرىشىمۇ، سېنى ھاپ قىلىپ يەۋېتىشىمۇ، تالاپ، ئۈستۋېشىڭنى قان قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. ئالىي مەكتەپلەر خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بازاردىكى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى ياسىيالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىككىلىنىپ، ئەنسىرەپ يۈرىشىدىكى، ئالدىدا يولۋاس، كەينىدە بۆرە باردەك قورقۇپ توختاپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇ. «كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ؟» دەپ بىر نىيەتكە كېلەلمەسلىكىدىكى سەۋەب شۇ. ئەمما بىزنىڭ ئابدۇۋەلى ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمىدى. بەلكى ئۇنىڭ باغرىغا دادىل قەدەم باستى. «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دېگەن مانا شۇ.

3. بۈركۈت چۈجىسى قانات قاقتى

خەيرلىك سەپەرگە ئاتلانغان ئەزىمەت توسقۇنلار ئالدىدا چېكىنەمدۇ؟ داۋانغا دۇچ كەلگەن ئورۇق ئاتتەك قۇشقۇنغا ئولتۇرۇپ كەينىگە داجىمدۇ؟ تاغ – داۋاندىن، تەگسىز جىلغا ۋە كېچىكسىز دەريالاردىن، بىپايان چۆل ۋە ئالۋاستى ماكان تۇتقان جاڭگاللاردىن قورققان كارۋان ئەمەس.
ئابدۇۋەلىنىڭ ئالدىنى بىرىنچى قەدەمدىلا مەبلەغ ئاتلىق داۋان توستى. تاغدەك يۆلەك بولىدىغان ئاتا ئاللىقاچان باقىي ئالەمگە كېتىپ قالغان، مېھرىبان ئانا مىڭ بىر جاپادا يىغىپ، تۆشەپ ئوقۇتتى. ئۇلاردا نەدىمۇ مەبلەغ بولسۇن؟ ئەل قاتارى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاكىلار، ھەدىلەر ياردەم قىلالارمۇ؟ ئابدۇۋەلى ھەمكارلىشىش نىيىتىگە كەلدى. كىم بىلەن ھەمكارلىشىدۇ؟ ئەلۋەتتە پۇلى بار بايلار بىلەن – دە! ئۇلار مەبلەغ چىقارسۇن، ئابدۇۋەلى تېخنىكا چىقىرىدۇ.
دەللال سودىگەرلەر ئارىدىن پايدا ئېلىپ جۇغلىغان مەبلەغ بار. مەبلەغ سېلىشقا ئۇنارمۇ؟ ھەمكارلىشىشقا قىزىقارمۇ؟ ئابدۇۋەلى ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆزى ياساپ چىققان ئەۋرىشكە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆيۈپ – پىشىپ تونۇشتۇردى. پىلانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلار تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن ياش ستۇدېنتنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدىمۇ ياكى ئاران جۇغلىغان پۇللىرىنىڭ بازار ئاتلىق يولۋاسنىڭ قارنىدا يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقتىمۇ؟ رەت قىلىندى. قەرز بېرىشنىمۇ، ھەمكارلىشىشنىمۇ رەت قىلدى. خېلى داڭلىق مىللىي سانائەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بىرسىمۇ رەت قىلدى. دەللال دېگەن بەرىبىر دەللال ئىكەن. باشقىلارغا دەللاللىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پۇل قىلىپ بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلىق يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ نۇرىدا ئىسسىنىشنى ئويلىغاندەكلا بىر ئىش ئىكەن. ھەي ئىسىت…

يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئابدۇۋەلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەس – يادى سىيادان، ئوسما، جىگدە يېلىمى، خېنىنى سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشتا ئىدى. ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۆزىنىڭ سىيادان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى، مەكتەپ مەبلەغ چىقارسا، تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىش توغرىسىدا ئېيتىۋىدى، مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا گويا بىر ئالدامچىغا قارىغاندەك تىكىلىپ قارىدى. دېمىسىمۇ «سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن كىشى قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر» دېگەن گەپ بارغۇ. تېخى يېقىندىلا «مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ سوپۇن پاراشوكى ئىشلەپ چىقىرىمەن» دېگەن بىر نوچى مەكتەپنىڭ 200 مىڭ يۇەن پۇلىنى قارا قويغان، ئېلىپ قېچىپ كەتكەنىدى. ئەمدى يەنە بىرسى كېلىپ «چاچ سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرايلى، مەكتەپ مەبلەغ چىقارسۇن» دېسە، يىلان چېقىۋالغان مۇدىر ئارغامچىدىن ئۈركۈمەي قالامدۇ؟ رەت قىلىندى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
ئىشىك پاكار بولسا ئېڭىشىپ مېڭىش كېرەك. «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش»، «خالتىغا بېقىپ ئۇن تارتىش» دېگەن ئەنە شۇ. زاۋۇت قۇرغىلى مەبلەغ بولمىسا، ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا قولدا ئىشلەش كېرەك. قانچىلىك ئىشلىسەڭ، شۇنچىلىك سېتىپ پۇل تاپقاندا زامانىۋىلاشساڭمۇ بولىدۇغۇ. تۇخۇمدىن چىقماي تۇرۇپ قانات قېقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن مېڭىش، بىر بالداق – بىر بالداقتىن ئۆرلەش لازىم….
ئابدۇۋەلى ئاشۇنداق قىلىش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆيۈپ – پىشىشلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئادەممۇ تېپىلدى. بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بىرەر نەرسىگە موھتاج بولساڭ ئەڭ ئاۋۋال ئىچ ئاغرىتىدىغىنى، ئەڭ بۇرۇن ياردەم قولىنى سۇنىدىغىنى يەنىلا قېرىنداش. «ئاغرىپ باش ياستۇققا يەتسە ئۆز قېرىنداش ئۆزگىدۇر» دېيىلىدۇ ناخشىلاردا. بولۇپمۇ ئاچا – سىڭىل قېرىنداشلىرىڭ يۇمشاق كۆڭۈل كېلىدۇ. كۆيۈپ – پىشىشلىرىڭغا قاراپ تۇرالمايدۇ. ئابدۇۋەلىنىڭ يۇمشاق كۆڭۈل ھەدىسى تىللاقىز ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. يېمەي – كىيمەي يىغقان ئىككى مىڭ يۈەن پۇلىنى قەرز بېرىپ تۇردى. ئابدۇۋەلى يەنە دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئىككى مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. ئەمدى تۆت مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن تەلەي سىناپ بېقىشقا بولاتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن مائاش ئېلىۋاتىدۇغۇ. ئەگەر ئىش قاملاشماي، بازار يەكلەپ قالسا، ئۇنچىلىك قەرز دېگەننى تۆلەپ كېتىشكە بولاتتى. ئابدۇۋەلى بىر قازان، بىر چېلەك، بىر نوغۇچ، بىر مەش سېتىۋېلىپ ئىش باشلىدى. ئاكىلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى. ئۆزلىرى ئىشلەيدىغان 7 – ترانسپورت شىركىتىنىڭ بىر تاشلاندۇق مۇنچىسىنى سېخ قىلىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئېلىپ بەردى. ئىش باشلاندى. دەسلەپكى مەھسۇلات تەييار بولدى. قاچىلاشقا قۇتا، قۇتا ئۈستىگە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلۈك ماركا كېرەك ئىدى. ئەمما ئىچكىرىدىكى ئاشۇ زاۋۇت 1000 دانە قۇتىنى ئىشلەپ يۈرمەيدىكەن. ئەڭ ئاز بولغاندا 20 مىڭ قۇتا زاكاز قىلىنسا ئاندىن ئىشلەيدىكەن. 20 مىڭ قۇتىنى سېتىۋېلىشقا نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟ كۆپ يالۋۇرۇشقا، يېلىنىشقا توغرا كەلدى. ئۇلار ھەر ھالدا چېگرا رايوندىكى كىچىك كارخانىنى قوللىدى. ئۈستىدە «سىيادان» دەپ ئۇيغۇرچە ماركىسى بار مىڭ دانە قۇتا ئاخىر يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى»نىڭ تۇنجى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى «سىيادان» بازارغا سېلىندى.

ئۇيغۇرچە «سىيادان» دېگەن ماركىسى، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلىرى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز خام ئەشيالىرىدىن ئىشلەنگەن مىڭ قۇتا «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بازارغا سېلىنىۋىدى، ماۋۇ كارمەتنى كۆرۈڭ! بىر ئايغا قالمايلا ھەممىسى سېتىلىپ بولدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە تونۇش خام ئەشيالاردا ئىشلەنگەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆز شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغىنىنى ئالىدىكەن. ئىزدەپ – سوراپ بەش دۇكان، ئون دۇكان نېرىسىغا بېرىپ سېتىۋالىدىكەن. قەشقەردىن، كۇچادىن، ئۈرۈمچىدىن توپ ئېلىپ – توپ تارقىتىدىغان خېرىدارلار يېتىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالچى بىۋاسىتە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاڭ: «سىيادان» ياخشى ئىكەن. مانا كۆرۈڭ: نەچچە يۈز مىڭ يۈەن، نەچچە مىليون يۈەن بولمىسىمۇ ئىش پۈتتۈرگىلى بولىدىكەنغۇ؟ مەھسۇلاتىڭ ياخشى ۋە ئىشەنچلىك بولسا ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ، ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدىكەنغۇ؟ نەچچە مىليون مەبلەغ ئۈچۈن قايتا – قايتا دوكلات يېزىپ يۈرۈشلىرىڭ بىھۇدە. ئۇچۇش دېگەن كۆۋرۈكتىن تاقاققا، تاقاقتىن ئۆگزىگە، ئۆگزىدىن پەغەزگە، پەغەزدىن كۆك ئاسمانغا بولىدۇ. كۆك ئاسمانغا چىقىۋېلىپ بىراقلا پەرۋاز قىلماقچى بولغانلار موللاقلاپ، پالاقلاپ يەرگە چۈشىدۇ. قۇرۇق قول ئىش باشلاپ كاتتا ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچىلار، مىليونېر، مىليادىرلارغا ئايلانغانلار كۆپقۇ بۇ دۇنيادا. مانا شۇلارنىڭ بىرسى – كۆز ئالدىمىزدىكى مىسال ئابدۇۋەلى.

قەشقەردىن، ئاقسۇ، كۇچادىن، قۇمۇل، تۇرپاندىن، ئۈرۈمچىدىن، قارامايدىن، غۇلجىدىن مال سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار كېلىشكە باشلىۋىدى، ئىشلەپ چىقىرىشنى كېڭەيتكىلى بولمىدى. ئىشلەپ چىقىرىشنى كونا چېلەك، ئىپتىدائىي قازان بىلەن كېڭەيتكىلى بولمايدۇ. يېڭى، زامانىۋى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش كېرەك. دەسلەپكى سېتىشلاردىن توپلانغان مەبلەغ بار ئىدى. ئۇرۇق – تۇغقانلارمۇ ئەمدى ئابدۇۋەلىنىڭ كارامىتى بارلىقىغا ئىشەنگەنىدى. 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شاڭخەيدىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زامانىۋى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىندى. نېمىنى دەيمىز؟ ئاشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ كونا مۇنچىدا ئىشلەپ چىقىرىش ئېلىپ بېرىشلارنى، يېڭى – يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشلارنى، زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن يەر تەلەپ قىلىپ ماڭغان يوللارنى بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. غەلىبە شادلىقى، زەپەر تەنتەنىسى تۆكۈلگەن ئىسسىق قانلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. نۇرانە مەنزىل چەككەن جاپالارنى ئەستىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ۋىسال دەملىرىدە سېغىنىش پىراقىنى ئەسكە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مانا ئالدىمىزدا ئالتە مو قورۇ – جايغا 900 كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا بىنالىرى، ئىسسىتىش بىناسى ۋە ئامبارلارغا، چىرايلىق كۆكەرتىلگەن مەيدانلارغا، يېرىم مىليونلۇق زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە، يېرىم مىليونلۇق ئايلانما مەبلەغقە، بەش خىل تاۋار ماركا ھوقۇقىغا ئىگە «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» خوتەن شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا «توپچا» دېگەن مەھەللىدە 315 – نومۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. نامرات، كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ 22 نەپەر ئوغۇل – قىزى ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئون چوڭ شەھىرىدىكى ئون چوڭ سېتىش نۇقتىسى يۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. مانا شۇ زاۋۇتنى نەۋقىران يىگىت ئابدۇۋەلى قۇرۇپ چىقتى. يېتەرلىك مەبلىغى، ئوبدانلا پايدىسى، خېلىلا ئىناۋىتى بار، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇر دىيارى تەۋەسىدە ئوبدانلا ئاتىقى بار زاۋۇت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

4. توققۇز يەردە توققۇز مۈشكۈلات

گەپنى دېمەك ئاسان، ئۇنى بەلگىلەنگەن ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەپ يازماقمۇ ئاسان، ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىر پۈتۈن كارخانا مېخانىزمىنى يۈرۈشتۈرمەك بولسا تېخىمۇ مۈشكۈل. بۇ ئاچارىيا شۈەنزاڭنڭ نوم ئەكېلىش يولىدا دۇچ كەلگەن 81 مۈشكۈلاتىدىنمۇ مۈشكۈل.
(1) چاچلارنىڭ ئۆلچىمى يوقلۇقى مۈشكۈلاتى.
ئىنسانىيەتنىڭ چېچى چاچلىق سۈپىتى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. بۇ خۇددى ئاللا ياراتقان ئادەملەر بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ئادەمگە ئوخشىغىنىغا ئوخشاشلا ئىش. ئەمما ھەر بىر كونكرېت ئادەم بىر – بىرىگە چىراي – ھۆسنى، ئېگىز – پاكارلىقى، سېمىز – ئورۇقلۇقى، رەڭگى – رۇخسارى، ئاجىز – كۈچلۈكلۈكى نۇقتىسىدىن ئوخشىمىغاندەك، ئادەملەرنىڭ چېچىمۇ يىرىك – يۇمشاقلىقى، توم – ئىنچىكىلىكى، ياغلىشىشچان ياكى قۇرغاقلىقى، كېپەكلىشىدىغان ياكى پاكىزلىقى نۇقتىسىدىن بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مانا مۇشۇ ئوخشىماسلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا قارىتا ئوخشىمايدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئۈچۈنلا ئەمەس، يۈز يۇيۇش سوپۇنى، يۈز مېيى، چىش پاستىسى، تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مەھسۇلاتنى بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان قىلىپلا ئىشلىگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولۇپ قالسا كۆپ ساندىكى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مانا مۇشۇ ئۆلچەمسىز ۋە ئوخشىمىغان تەلەپ ياش تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلىنىڭ كېچە – كۈندۈز سوتكا – سوتكىلاپ تەجرىبىخانىدا ئولتۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. خۇرۇچلارنى نەچچە يۈز خىل ئۇسۇلدا تەڭشىدى. قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىشنى پەيدا قىلدى. ئۇ ئاشۇ ئوقۇۋاتقان چېغىدا، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ دەسلەپكى ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەپ چىقارغان چاغدا، ئۆزىنىڭ چېچىدىلا سىناق قىلغان ئەمەسمۇ. ئۆزى ياسىغان سۇيۇقلۇق بىلەن ئۆز چېچىنى يۇدۇرۇپ، ساتىراش ئۇستامنىڭ باھا – تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەسمۇ. ئەمما ئەمدى بۇ ئاقماي قالدى. بىر ئادەمنىڭ چاچ ئەھۋالىغىلا ماس كەلگەن بىلەن بولمايدىكەن. كۆپ ساندىكى ئادەمنىڭ چاچ ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك ئىكەن. ئابدۇۋەلى خۇرۇچلارنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتلەردە تەڭشەپ، نەچچە ئون خىل ئەۋرىشكە مەھسۇلات تەييارلىدى. مەلۇم مەكتەپتىن 30 نەپەر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ چاچلىرىنى يۇيۇپ، سىناق قىلىپ بېقىشقا تارقىتىپ بەردى. سىناق قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەردىن پىكىر ئالدى. پىكىرلەرگە ئاساسەن خۇرۇچلارنىڭ نىسبىتىنى قايتا تەڭشەپ، يەنە ئەۋرىشكە چىقاردى، قايتا سىناق قىلدۇردى. تاكى 30 نەپەر سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ 20 – 25 نەپىرى ماقۇللىغۇچە قايتا – قايتا تەڭشىدى، قايتا – قايتا تەجرىبە قىلدى، قايتا – قايتا ئەۋرىشكە ئىشلىدى. 30 نەپەر سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكۇچىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقى «چېچىمغا ماس كەلدى» دېگەن ئىنكاسنى بىلدۈرگەندە ئاندىن رەسمىي ئىشلەپ چىقىرىشقا، تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشتى. «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» ئىشلەپ چىقارغان «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ بىرنەچچە خىل ۋە بىرنەچچە خىل باھادا بازارغا سېلىنىشىدىكى سەۋەب مانا مۇشۇ يەردە. ھەر كىم چېچىغا ماس كېلىدىغىنىنى تاللىسۇن. تۇنجى قېتىم «كروران» مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان ئىستېمالچى، ئۆز چېچىغا ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ قانداق ئايرىيدۇ؟ تەجرىبە ئاستا – ئاستا جۇغلىنىدۇ. كارخانا باشقۇرۇشتا تېخىمۇ شۇنداق. ياش كارخانىچى ئابدۇۋەلى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن 2003 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ 200 گراملىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان رەسمىي مەھسۇلاتقا يۇمشاق سولياۋ خالتىغا قاچىلانغان ئالتە گراملىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قېتىپ قويدى. ئۇ چاچنى بىر قېتىم يۇيۇشقا ئازادە يېتىدۇ. ئەگەر ئاشۇ ئالتە گراملىقنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۆز چېچىغا ماس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلسا، چوڭ قۇتىدىكى 200 گراملىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى داۋاملىق ئىشلەتسۇن. ماس كەلمىسە، قايتۇرسۇن. ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ھەر قايسى سېتىش نۇقتىلىرى پۇلنى ياندۇرۇپ مەھسۇلاتنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
چاچنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى ۋە تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقى مۈشكۈلاتى دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئابدۇۋەلى خۇرۇچلارنى قايتا – قايتا تەڭشەش، قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىش، قايتا – قايتا ئەۋرىشكە ئىشلەش، قايتا – قايتا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ مۈشكۈلاتنى يەڭدى.
(2) ناتوغرا رىقابەت مۈشكۈلاتى.
ئابدۇۋەلى گەرچە ياش بولسىمۇ، ئۇنىڭدا پەن – تېخنىكا تەتقىقاتچىسىغا خاس بىلىم ۋە ئىجتىھات بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پىشقان كارخانىچىغا خاس ئاڭ ۋە تەپەككۇرمۇ يېتەرلىك. ئۇ ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرىلا ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. ماركا ئېڭى يېتەرلىك بولغاچقا بۇنىڭغا سەل قارىمىغانىدى. ئۇ ھازىرغىچە «كروران»، «سىيادان»، «ئاق لالە»، «سۇمبۇل» ۋە «جىگدە»دىن ئىبارەت بەش خىل تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. بەش خىل ماركىدا 17 تۈرلۈك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردى. ناتوغرا رىقابەت «سىيادان» ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپ چىقارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يۈز بەردى. «سىيادان» چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئەمدىلا بازارغا سېلىۋىدى، باشقىلار ئۇنىڭ خىتايچە ئاتىلىشى بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردى. يەنە بىر شىركەت بولسا كونا مەھسۇلات قۇتىسىنىڭ ئۈستىگە «يېڭى سىيادان» دېگەن ماركىنى چاپلىۋالدى.
ئابدۇۋەلىمۇ بوش كەلمىدى. ماركا ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن دەۋالاشتى.
ئابدۇۋەلى ئۇلارغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن زەربە بېرىپ، «سىيادان» ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ قالدى.
(3) ساختا مەھسۇلاتلار مۈشكۈلاتى.
ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ رىقابەتلەشكۈچىسى بولىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭمۇ رىقابەتلەشكۈچىسى بولىدۇ. ئۇ شەيتان. ئاللا ئادەملەرنى ھىدايەتكە، دىيانەتكە باشلايدۇ. شەيتان بولسا گۇناھ ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇرىدۇ. ئاللاغا ئەگەشكىنى جىڭ ئادەم، شەيتانغا ئەگەشكىنى ساختا ئادەم. ئادەمنىڭ ساختىسى بولغان يەردە مەھسۇلاتنىڭ ساختىسى بولماي قالاتتىمۇ؟ نوپۇس كۆپەيگەن، ئەمما ئادەم ئاز قالغان زاماندا…» دېگەندەك مەزمۇنلاردا يېزىلىدىغۇ ماقالىلەردە. ساختا ئادەم جىڭ ئادەمنىڭ دۈشمىنى بولغاندەك، ساختا مەھسۇلات جىڭ مەھسۇلاتنىڭ دۈشمىنى. ساختا ئادەم جىڭ ئادەمنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرگەندەك، ساختا مەھسۇلاتمۇ جىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدۇ. «سىيادان»نىڭ ساختىسى 2000 – يىلى پەيدا بولدى. بۇ تېخى «كروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى» قۇرۇلغىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان، مەھسۇلاتلىرى ئەمدىلا بازارنى قاپلاۋاتقان چاغ ئىدى. قەشقەردىكى ماگىزىنلاردا قۇتىسى، ماركىسى «كروران»نىڭكىگە ئوپمۇئوخشاش، ئەمما ئىچىدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىنتايىن ناچار بولغان مەھسۇلات پەيدا بولدى. كېيىن مەلۇم بولدىكى، بۇنى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئانىسىنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدىغان دەللال سودىگەرلەر پەيدا قىپتۇ. ئۇلار «سىيادان» ماركىلىق چاچ سۇيۇقلۇقىنىڭ ماركىسى ۋە قۇتىسىنى ئىچكىرىدىكى ساختا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا ئەۋەتىپ، شۇ ماركىدىكى ئەرزان مەھسۇلاتنى زاكاز قىپتۇ. زەربىدارلىق بىلەن ئەكەلدۈرۈپ بازارغا ساپتۇ. ئىككى – ئۈچ يۇەنگە تەييار بولىدىغان ساختا «سىيادان»نى «كروران»نىڭ جىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاشلا 14 يۈەندىن سېتىپتۇ.
«كروران»نىڭ «كارخانا ئۆلچىمى»مۇ شۇنداق. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن يەرلىك خۇرۇچلار تولۇق ۋە ئەڭ مۇۋاپىق نىسبەتتە ئىشلىتىلگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورۇنباسار خۇرۇچلارنى ئىشلىتىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. ئابدۇۋەلى ساختا «سىيادان»نى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا ئانالىز قىلدى. مەلۇم بولدىكى، ئۇنىڭغا جىگدە يېلىمى، خېنە قاتارلىق خۇرۇچلار ئەسلا قېتىلمىغان، خۇرۇچ نىسبەتلىرىمۇ قالايمىقان ئىدى. ئاشۇ ساختا مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ باھالىرىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ نومۇس قىلاتتى كىشى. «سىياداننىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى يەي»، «سىيادانمۇ ئىككى – تۆت كۈندە بۇزۇلدى يەي»، «ئىچكىرىگە بۇيرۇتۇپ ياساتتۇرۇلغان ساختا مەھسۇلات ئىكەن»، «مىللىي تېبابەتنىڭ، ئەنئەنىۋى خۇرۇچلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستىمال قىپتۇ يەي»… دېگەندەك سۆزلەر ساماندەك تولا ئىدى. بۇ تولىمۇ نومۇس قىلارلىق گەپلەر ئىدى. ئابدۇۋەلى ئەمدى «كروران»نىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشقا ئاتلاندى. ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرىنى، بازار باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. ساختا «سىيادان» يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top