كاتىپ چەلەبى ھەققىدە
تۈركىزات
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىلىم ـ پەنگە چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنىڭ كۈچلۈك پاكىتى، قەدىمقىي دەۋرلەردىن بۇيان يېتىشتۇرۇپ چىققان يۈزلىگەن ئالىملىرىدىن ئىبارەتتۇر. دەرۋەقە، دۇنيا ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تۈركىي مىللەتلەرنى ”جەڭگىۋار مىللەت“ دەپ قوبۇل قىلىشىدۇ، بىراق شۇنىشى ھەقىقەتكى تۈركىي مىللەتلەر قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمىگەنگە ئوخشاش، قەلەمنىمۇ قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان ۋە ئاجايىپ سەۋرچانلىق بىلەن ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇغان ئالەمشمۇل كاتتا ئالىملارنى يېتىشتۇرۇشتەك ئۇلۇغ شەرەپكىمۇ سازاۋەردۇر.
دېمىسىمۇ ئىلىم ـ پەندە تەرەققىي قىلمىغان مىللەتلەر تارىختا نە بىرەر مۇقىم دۆلەت قۇرالىغان ئەمەس، نە كاتتا غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ئەمەس. مانا بۇ ھەقىقەتنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان ئەجداتلىرىمىز يالغۇز ھەربىي يۈرۈشتىلا تەرەققىي قىلغان بولماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىم ـ پەنگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر خەلق بولۇپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى سىڭدۇرگەن ئىدى. مەتبە ئىجاد قىلىنمىغان قەدىمقىي دەۋرلەردىمۇ مىڭلىغان قوليازما ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئۆلمەس ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلغان ئىدى. خوراساندىكى كۈتۈپخانىلار، سەلچۇق ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسى كۈتۈپخانىلىرى بىباھا ئەڭگۈشتەرلەرگە ئوخشايدىغان مەزكۇر قوليازما ئەسەرلەر بىلەن تۇلۇپ تۇرۇپتۇ.
دەرۋەقە، ھەر بىر مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئوقۇيالايدىغان كېلىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە يېزىپ قالدۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلار ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. ئىنتايىن ياخشى تەربىيلەنگەن كىشىلەر ئارىسىدىنمۇ ئەسەر قالدۇرالايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. يېزىش شۇنداق بىر خىزمەتكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشى دۇنيانىڭ تۈرلۈك ـ تۈمەن نېمەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، پۈتۈن ئۆمرىنى توپا بېسىپ كەتكەن كىتابلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈش ئىرادىسىگە كېلىشى ۋە ئىنتايىن سەۋەرچان بولۇشى لازىم. بۇنداق ئەھۋالغا ھەممىلا ئادەم ئاسانلا ئالدىنى قىلالمايدۇ. ھەممە ئادەم كۈلۈپ كۆڭۈل ئېچىۋاتقان، پول تېپىپ باي بولۇۋاتقان يەردە، ھەقىقەتنى قوغلىشىمەن دەپ، يوقسۇللۇقتا ئۆتۈش ئىنتايىن قېيىن بىر ئىش، دۇنيادا بۇنداق ئىشقا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بەرداشلىق بىرەلەيدۇ.
بۇ ئۇلۇغ خىزمەتتە ئەمگەكنى كۆپ قىلىسەن ئەمما تاپاۋىتىڭ ئاز بولىدۇ، پىداكارلىقىڭنىڭ قىممىتىنىمۇ كىشىلەر سەن ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن بىلىدۇ. شۇنداقلىقىغا پىسەنت قىلماستىن، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەقىقەتنى قوغلىشىش يولىدا مېڭىشنى تاللىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ، يەنىلا مەۋجۇتلىقىنى يوقاتماي كەلمەكتە. ئىنسانىيەت تارىخى مانا شۇنداق قەتئىي ئىرادىلەرنىڭ يۈز خاتىرىسى ۋە بەركىتى بىلەن ئۆز كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلمەكتە، باياشاتلىقنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ساھەسىدە ئىزچىل ئىلگىرىلىمەكتە. بۇنداق كىشىلەرنىڭ دۇنيالىق بايلىقى سۈپىتىدە ھېچ نەرسىسى بولمايدۇ، ئەمما مەڭگۈ ئۆلمەس ئەسەرلىرى قالغان بولىدۇ.
دەرھەقىقەت، ئىنسان ئۆلىدۇ، بىراق ئەسەر ئىگلىرى يەرشارى ئايلىنىشتىن توختىغانغا قەدەر قەلبلەردە ھايات ياشايدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالىملار، شەنئەكارلار ۋە پەن ـ تەتقىقاتچىلار خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات ياشايدىغان بەختىيار كىشىلەردۇر. بىز بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا دەل شۇنداق بەختىيار كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان «كاتىپ چەلەبى»نى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچىمىز.
**********************************************
كاتىپ چەلەبى 17 ـ ئەسىردە يېتىشكەن ئۇلۇغ تۈرك ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇستاپا بولۇپ، ئوردا كاتىپى بولغانلىقى ئۈچۈن «ئولىما كاتىپ چەلەبى» دەپ نام ئالغان ئىدى. مەلۇم بىر مەزگىل ھىجازغا بارغانلىقى ۋە «خەلىپىلىك» نامىدىن مەلۇم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى يۈزسىدىن «ھاجى خەلىپە» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان ئىدى. غەرپلىكلەرنىڭ ئۇنى «ھاجى كالفا» دەپ ئاتىشىمۇ شۇ سەۋەپتىن ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى بىر ئەسكەر بولۇپ، ئىسمى ئابدۇللاھ ئىدى. كاتىپ چەلەبى 1609 ـ يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى. دادىسى يىراق كۆرەر كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوغلىنى ئىنتايىن كېچىك چېغىدىلا چوڭ ئۇستازلارغا تۇتۇپ بېرىپ، ياخشى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇستازىنىڭ ئىسمى ئىمام ئەيسا ئىدى.
كاتىپ چەلەبى كېچىك چېغىدىن تارتىپلا ئۇستازلاردىن دەۋر ئېلىملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىگىدىن ئەرەبچە ۋە فارىسچە تىللىرىنىمۇ ئۆگەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ خۇشخەتتە ئاجابىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. بىراق ئۇ مەدرىسىدىكى ئوقۇشنى تامالىيالمىدى. شۇ ۋەجىدىن گەرچە شۇنچە چۇڭقۇر بىلىمگە ۋە ئىلغار پىكىرگە ئىگە بولغان، ھەتتا ھەر كاتتا دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن يىقىن دوستلۇق ئورناتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭغا مۇدەررىسلىك ۋە قازىيلىك ۋەزىپسى بېرىلمىگەن ئىدى.
14 يىشىدىلا ئىش باشلىغان كاتىپ چەلەبى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىلىمىنىڭ موللىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئانادولۇ ھېساب كاتىباتلىقىغا كىرەلىدى. ياش ۋاقىتىدىن تارتىپلا ئوردودا خىزمەت قىلىشقا ۋە بەزى يۈرۈشلەرگە چىقىشقا باشلىدى. ئۇ تارجان ۋە باغدات يۈرۈشلىرىگە دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى. 1626 ـ يىلى مۇسۇلدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولغان دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەرزۇرۇمنى قورشاۋغا ئېلىش ئۇرۇشىغىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئەسكەرلەر بىلەن ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۈيۈك تۈرك ئالىمى قادىزادە ئەفەندىنىڭ سۆزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلەندى. قادىزادە ئەپەندى شاگىرتلىرىنىڭ ئىددىيسىگە «ئىلىم كۆرسەتكەن ھەق يولدىن ئايرىلماڭلار، ئىلىم يولىدا ماڭغان كىشىلەر ھەر دائىم ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، مىھرى ـ شەپقەتلىك كەمتەر كىشىلەردىن بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ» دېگەن قاراشنى سىڭدۈرگەن ئىدى. قادىزادە ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق ـ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەردائىم بىلىمگە كۆڭۈل بۆلۈشكە تەرغىپ قىلىپ، ئۇلارغا بىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان كىشى ئىدى.
قادىزادە ئەپەندى كاتىپ چەلەبىگىمۇ مەزكۇر قاراشلىرىنى چۇڭقۇر سىڭدۈرگەن بولغاچقىلا كاتىب چەلەبى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىيالىغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلىكتە ئىلىم ساھەسىدە بىر يول كۆرسەتكۈچى ئۇستازغا ئېرىشىپ بولغان ئىدى. ئۇ ياش دۆلەت خادىمى بولغانلىقىغا قارىماي، ئىلىم بىلەنلا شۇغۇللىنىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىىلۋالغان، قەيەردە بىر كىتاب كۆرسە دەرھال ئوقۇشقا تىرىشىدىغان ئىلىم ئاشىقىغا ئايلانغان بولۇپ، پۈتۈن پۇل ـ پىچەكلىرىنى كىتاب سېتىۋېلىشقىلا سەرمايە سالغان ئىدى. كېيىنكى چاغدا كاتىپ چەلەبى ئىستانبۇل فاتىھتە دادىسىدىن قالغان ئۆيدە مەھكەم ئولتۇرۇپ، سەپەرلەرگە چىقىشنى خالىمايدىغان، بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ كىتابلىرى بىلەن يالغۇز ياشاشنى خالايدىغان بولۇپ قالدى. ھەلەپتە تۇرغان مەزگىلىدە كىتاب بازىرىغا بېرىپ سېتىۋىلىشقا پۇلى يەتمىگەن كىتابلارنىڭ ئىسمىنى يازغۇچىلىرى بىلەن قوشۇپ مەخسۇس خاتىرلىۋالغان ئىدى. كېيىن تۇققانلىرىدىن قالغان مىراسنىڭ پۇلى ئۇنىڭ ئەشۇ كىتابلار بىلەن يەنە باشقا كىتابلارنىمۇ سېتىۋېلىشىغا ئەسقاتتى. بۇ پۇل ئۇنىڭ ئارزۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى.
دەل ئەشۇ مەزگىللەردە ئۇ كىتابلىرى ئارىسىدىن چىقىپ توي قىلدى. ئەمدىلىكتە باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ياشىيالايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. ئىلىم ئېلىشقا بولغان قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى. دەسلەپتە شۇ دەۋرنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن بىرى بولغان مۇستاپا ئەپەندىدىن دەرس ئالدى. ئۇستازىنىڭ دەرسلىرىنى ئاجايىپ دىققەت بىلەن تىڭشايتتى. بۇ جەرياندا سۇلايمانىيە مەدرىسىسى ئۇستازلىرىدىن مەھمەت ئەپەندىنىڭ «بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەت مۇشۇنچىلىك، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى بىلىدىغانلار بولسا، سۆزلەپ بەرسۇن، ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!» دېگەن سۆزلىرىنى ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك دەرستە ئاڭلىغان ۋە قۇلۇقىدا مەھكەم تۇتقان كاتىپ چەلەبى، چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى كۈتۈپخانىلارنى ئايلىنىش بىلەن ۋە كېچىلىرى توختىماي يېزىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
ئۇ بىر قېتىم دوستلىرىدىن بىرىگە مۇنداق دېگەن ئىدى:
ـ بىرەر كىتابنى كۆرسەم ھاياجىنىمنى باسالمايلا قالاتتىم. كۈن ئولتۇرۇپ، تاڭ ئاتقانغا قەدەر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقاتتىم. بۇنداق چاغدا ھەرگىزمۇ ئىچىم سىقىلىپ قالمايتتى. ئەڭ خۇشاللىنارلىق مىنۇتلىرىمنى باشتىن كەچۈرگەندەك بولاتتىم. مېنىڭ بۇنداق ھەۋەسكارلىقىم توپ ـ توغرا 10 يىلغا قەدەر داۋام قىلدى.
كاتىپ چەلەبى، ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بىرلىكتە تەبىئىي پەن ۋە ماتېماتىكىغا ئائىت ئەسەرلەرنىمۇ تەتقىق قىلىپ، بۇ بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە يازغۇچىلىرىنى مەخسۇس قەيتكە ئالدى. دەسلەپتە 300 گە يېقىن ئەسەرنى ھەرپ تەرتىپى بويىچە رەتلەپ چىقتى ۋە بۇ بىبلىئوگىرافىيەگە «كەشفۇز زۇنۇن» دەپ نام قويدى. كاتىپ چەلەبى ئەرەبچە، ۋە پارىسچە تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، فىرانسوزچە ۋە لاتىنچە تىللىرىنىمۇ ئۆگەندى. تارىخ، جۇغراپىيە، مالىيە، ھەربىي ئىلىم ۋە دېڭىزچىلىق ئىلمىي قاتارلىق بىر ـ بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە يېقىن بولمىغان ساھالەردە يېڭىلىق ياراتقۇدەك دەرىجىدە تۇلۇق يېتىشىپ چىققان ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا ھەرقانداق بىر تۈرك يازغۇچىسىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
*********************************************
كاتىپ چەلەبى، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئارقىغا چېكىنىشكە يۈز تۇتقان 17 ـ ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆتكۈر پىكرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ چېكىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. تۈرك خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى تۈركلەرنىڭ پەقەتلا شەرق مەدەنىيىتىگە تايىنىپ قالغانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ غەرب مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم ـ پەن يېڭىلىقلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇتەپەككۈرىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۆپ ھاللاردا، ئەينى چاغدىكى مەدرىسىلەرنىڭ ۋە شۇ دەۋردە ئومۇملاشقان قاراشلارنىڭ شۇنداقلا ئىلىم ئەھلىنىڭ خۇراپاتلىق ۋە خاتا ئېتىقادلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا قارشى تۇرغان ئىدى.
17 ـ ئەسىردە ئىلىم ئەھلى خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى موللىلىقنى ئاتا ـ بوۋىسىدىن مىراس ئېلىش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدايدىغان خۇراپى قائىدىلەر مەۋجۇت ئىدى. بۇ قائىدىگە بىنائەن بىرەر ئالىمنىڭ ئوغلى تۇغۇلسا، ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر دىپلوما چىقىرىپ، بوشىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇلاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالىملار سىنىپىدىن بولۇپ سانىلاتتى. ۋەھالەنكى بىلىم بۆشۈكتە دادىدىن مىراس ئالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش ۋە جاپالىق ئەمگەك سىڭدۇرۇش ئارقىلىق قولغا كىلىدىغان بايلىق ئىدى. ئەمما ئەپسۇسكى، ئەينى چاغدىكى مەدرىسىلەردە ئەنە شۇنداق خاتا ئەنئەنىلەر تۈرك مەدەنىيىتىگە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزمەكتە ئىدى. بىراق تۈرك خەلقى يەنىلا ئامەتلىك مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن كاتىپ چەلەبى ۋە ئەۋلىيا چەلەبىلەرگە ئوخشاش زاتلارنى مەدرىسىنىڭ سىرتىدا يېتىشتۇرۇپ چىقالىغان ئىدى.
****************************************
كاتىپ چەلەبى ھەقىقەتەنمۇ ئالەمشۇمۇل بىر ئالىم ئىدى. ئوخشاش بولمىغان ھەر تۈرلۈك ساھەلەردە يازغان ئەسەرلىرىمۇ شۇ قەدەر مەشھۇر بولغانكى، ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتلىق ۋاقتىدىلا لاتىنچە، ئىنگىلىزچە، فىرانسوزچە، نېمىسچە ۋە ئىتالىيە تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ھازىرمۇ يەنە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «مىزانۇل ھەق»نىڭ تەرجىمىسى 1961 ـ يىلى ئامېرىكىدا نەشىر قىلىندى. 30 غا يېقىن ئەسەر قالدۇرغان كاتىپ چەلەبىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى «كەششافۇز زۇنۇن» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ۋە 20 يىللىق ئەمگەك بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەردە، 10 مىڭ ئىسلام يازغۇچىلىرىنىڭ 14500 ئەسىرى بىر ـ بىرلەپ ساناپ چىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەر بەزىدە تەنقىد قىلىنغان ھالدا چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇئەللىپ كاتىپ چەلەبى ئىلىم ـ پەن پەلسەپىنى ۋە ئۆز ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شەرق ۋە غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىلىم مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئەسەر، 7 توم شەكلىدە گېرمانىيەلىك يازغۇچى فىلۇگېل تەرىپىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. چەلەبىنىڭ باشقا مۇھىم ئەسىرى بولغان «جاھاننۇما» بولسا، تۈركچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ جۇغراپىيەگە ئائىت ئەڭ مۇھىم ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر تارىخ ۋە جوغراپىيە چەھەتتىن ئىنتايىن قىممەتلىك خەرىتىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، لالە دەۋرىدە ئىبراھىم مۇتەفەررىقە تەرىپىدىن ئىنتايىن چوڭ بىر توم شەكلىدە باستۇرۇلغان ۋە غەرب ئەللىرى تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. كاتىپ چەلەبىنىڭ «فەزلىكە» ناملىق ئەسىرى بولسا، 1592 ـ يىلىدىن 1654 يىلىغىچە بولغان ئوسمان ئىمپېرىيەسى تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك تارىخىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «تۇھفەتۇل كىبار» ناملىق ئەسىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دېڭىزچىلىق ئىشلىرى تارىخى ۋە دۆلەت تەشكىلى ئۈستىدە يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرمۇ غەرب ئەللىرى تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. كاتىپ چەلەبىنىڭ «دۇستۇرۇل ئەمەل» ناملىق ئەسىرى بولسا، تۈرك ئىمپېرىيەسى قۇرۇلۇشى ھەققىدە، بۇزۇلغان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈتىلىشىگە دائىر كېرەكلىك تەدبىرلەر ھەققىدە، ئىلمىي ۋە پەلسىۋىي شەكىلدە سۆز قىلىدىغان ئەسەر بولۇپ، ئۇمۇ ئەينى چاغدا غەرپ ئەللىرى تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە دۇنيا تارىخى، يىللار جەدۋىلى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيىتى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەققىدە توختالغان كىتاپلىرىمۇ قىممەتلىك ئەسەرلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ.
كاتىپ چەلەبى ئاخىرى 1657 ـ يىلى بۇرسادا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، كېيىنچە ئۇنىڭ جەسىدى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىپ، ۋافا رايونىدىكى ئۇنىڭ ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بىر تاش باسما مەكتىبىنىڭ باغچىسىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.
تۈرك خەلقى يېتىشتۇرۇپ چىققان بۇ ئۇلۇغ ئالىمنى يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان بىباھا ئەسەرلىرى يۈزسىدىن ئۇنىڭغا چۇڭقۇر رەخمەت ئېيتىمىز.