• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 7: ساۋاقداشىم خالىدە ئىسرائىل

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 7: ساۋاقداشىم خالىدە ئىسرائىل

يەتتىنجى باب

ساۋاقداشىم خالىدە ئىسرائىل

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئىپتىخارلىق ساۋاقداش،

گۈل خالىدە ئىسرائىل؛

ئىقتىدارلىق يازغۇچى،

ئەل ھۆرمەتىگە نائىل.

(1)

مائارىپ كۆرگەن مەدەنىي ئىنسانلاردا، ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولامۇ مۇھىم، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ياشام باسقۇچى سانالىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىق ھاياتى بولسا، پۈتكۈل ئىلمىي ئۆمۈرنىڭ غۇنچە مەزگىلى بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن مىسلىسىز قىممەتلىكتۇر.

مىلادىيە 1972-يىلى، بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى (ئۆز زامانىسىدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كافەدراسى) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئوتتۇز نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپى ئۈچۈن قوبۇل قىلنغان بۇ ئوتتۇز نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش باشلاش ئالدىدا،  يازما سىناق (placement test) ئارقالىق، ئون ئۈچ نەپەرى «يۇقىرى سەۋىيەلىكلەر سىنىپى»غا، قالغان ئون يەتتە نەپەرى بولسا، «تۆۋەن سەۋىيەلىكلەر سىنىپى» غا ئايرىپ ئوقۇتۇلىدۇ. پەقىر ئابدۇرەئوپ پولات، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ سابىق مۇدىرى لىتىپ توختى، «جۇڭگو مىللەتلەرى» ژۇرنالىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى تۇرۇپ بارات، «شىنجاڭ گەزىتى ئىدارەسى»نىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى قۇربان ياسىن، شىنجاڭ مىللەتلەر ۋە دىين ئىشلەرى ئىدارەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىبراھىم روزى، شىنجاڭ شۆبە ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتەپى ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمىنىڭ پولكوۋنىڭ دەرىجەلىك پروفەسسورى، ھەربىي تىلشۇناس مۇھەممەد سادىق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارەسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى خاسىيەت سىدىق، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كادىرلار مەكتەپىنىڭ سابىق مەكتەپ باشلىقى ھاجى مۇھەممەت ۋە ماۋزۇيىمىزدىكى خالىدە ئىسرائىل ھەممەمىز ئىپتىخارلىق ساۋاقداشلار بولۇپ، ئاشۇ ئون ئۈچ نەپەرلىك يۇقىرى سەۋىيەلىكلەر سىنىپىدا ئۈچ يىل بىللە ئوقۇغان ئىدۇق.

گەرچە زىغىرلاپ سالىشتۇرغاندا، ئون ئۈچ ساۋاقداشنىڭ ئاز دەگەندىمۇ بىر-بىرىمىزگە ئوخشاشمايدىغان ئون ئۈچ خىل خۇيىمىز بولسامۇ، بىراق ئومۇمىيەتتىن باققاندا، ھەممەمىزدە بىر ئورتاق خىسلەت –ئۆگرەنىشكە ھەرىسمەنلىك بار ئىدى. كىم بىلۈر، بۇ بىزنىڭ ئۆز زامانىسىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىۋاسىتە ئالىي مەكتەپكە كىرگەن 16-17 ياشلىق بوز ياشلار ئەرمەس، بەلكى 1966-يىلىدىن باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاتلىق ساسىق نامى جاھانغا پۇر كەتكەن مەدەنىيەتسىزلىك ھەرىكەتى دەۋرىدە، مەكتەپسىزلىكنىڭ، ئوقۇشسىزلىقنىڭ دەردىنى بولۇشىچە تارتقان، ئالىي مائارىپ ئوچاقلارىدا مەخسۇس تەربىيەلەنىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە نەقەدەر زۆرۈر بىر مەئرىپەتلەنىش ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەمەلىي كەچۈرمىشلەرى ئارقالىق چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن 21-22 ياشلىق كارداڭ ياشلار بولغانىمىز ئۈچۈن بولسا كەرەك، دەرسلەرنى ھەممەمىز يۈكسەك دەرىجەدە بەرىلىپ، ئاڭ بىرلىكى بىلەن بەھسلەشىپ ئۆگرەنەتتۇق. بىزگە دەرسلەرنىڭ ئۆگەيى يوق ئىدى: مەيلى ئۆز كەسپىمىز تەرجىمانلىق ھەققىدىكى دەرس بولسۇن، مەيلى تىلشۇناسلىق ياكى ئەدەبىياتشۇناسلىققا ئائىت دەرسلەر بولسۇن، ۋەمەيلى سىياسەت، پەلسەپە توغراسىدىكى دەرس بولسۇن، ئوخشاش ئىشتىياق، ئوخشاش زوق ۋە ئوخشاش جىددىيەت بىلەن ئۆگرەنەتتۇق، بىزنىڭ كاللامىزدا ئۇنداق «سىياسەت دەرسى بىلەن خوشۇم يوق»، «پەلسەپە دەرسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاسام، باشىمغا ئاغرىق كىرىپ كەتىدۇ» دەيدىغان ھاماقەت چۈشەنچەلەر يوق ئىدى. بىز تىرىشىپ ئۆگرەنگەچ، دەرس مەزمۇنلارىنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈش ئىستەكىدە، دەرس مۇئەللىملەرىدىن توختاماي سوئال سوراپ، يەنەمۇ ئىلگىرەلەپ بىلىشكە ئىنتىلىپ تۇرغانىمىزدىن مۇئەللىملەرىمىز شۇ قەدەر خوشال بولاتتى. شۇ ۋەجدىن، مەيلى گرامماتىكا، تەرجىمە ئەمەلىيەتى ۋە نەزەرىيەسى دەرسى  مۇئەللىمىمىز ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە مەشھۇر تەرجىمەشۇناس خەمىت تۆمۈر بولسۇن، مەيلى تىلشۇناسلىق ئىلمى ئوقۇتقۇچىمىز ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە جامائەت ئەربابى خۇجىنخۇا ئەپەندىلەر بولسۇن: «سىلەرگە دەرس سۆزلەش ئىنساننى ھاياجانلاندۇرىدۇ، غۇرۇرلاندۇرىدۇ؛ دەرسنى سۆزلەگەنسەرى سۆزلەگۈمىز كەلىدۇ» دەيتتى.

ساۋاقداش خالىدە ئىسرائىل مانا شۇنداق ئاڭلىق ھەرىسمەن ئۆگرەنگۈچىلەر توپى ئىچىدە، ھامان ئۆزىنىڭ ئەلاچىلىقى بىلەن گەۋدەلەنىپ تۇراتتى. ئۆزى كەم سۆز ئىدى، ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلمايتتى. ئەمما گەپ قىلسا، ھەر تەرەپتىن ئۆتىدىغان، جىڭ باسىدىغان، ۋەزنىلىك گەپ قىلاتتى. ئۇ چاغدا، گەزىت-ژۇرناللارغا ئەسەر يازمايتتى، ئەمما يازىدىغاندەكلا، ئەگەر يازسا، جەزمەن ئەڭ ياخشى يازالايدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتى. بىز كىتاب ئوقۇپ ئالغان تەسىراتلارىمىز ئاساسىدا يازغان خاتىرەلەرىمىزنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ كۆرۈشەتتۇق، ياكى بىر-بىرىمىزگە ئوقۇپ بەرەتتۇق. خالىدە ئىسرائىلنىڭ يازغانلارى ھامان ئەڭ گۈزەل، قايىل قىلارلىق كۆرۈلۈپ، ھەممەمىزنىڭ تەستىقلاشىغا سازاۋەر بولاتتى ھەمىشە. ئۇنىڭ يازغانلارى مەيلى ئۇزۇن بولسۇن ۋە مەيلى قىسقا بولسۇن، ئەستايىدىل ۋە بەلەن يازىلغان ئەدەبىي نەسىر تۇيغۇسىنى بەرەتتى كىشىگە.

ئۇ 1975-يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كەيىن، «شىنجاڭ گەزىتى» ئىدارەسىگە خىزمەتكە كىرگەن بولدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئەدەبىي يازىقچىلىققا كىرىشىپ كەتمەگەن، بەلكى 1987-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1993-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيەتىگە ئەئزا بولۇپ كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ «ئىھ، ھايات»، «گۈزەل ئەسلەمە»، «تاش شەھەر»، «شەھەردە كالا يوق»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «ئۇ كۆزلەر»، «رەڭدار  قۇيۇن»، «باھاردىكى قار»، «ئوربىتا»، «تىمتاس شەھەر»، «ئارمان»، «ئانا دەريانى ئىزدەش»، «يىراقتىكى ئىزلار»، «مەختۇمسۇلا»، «مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر»، «باھار تەۋىشى»، «قەلبىمدىكى ھىكايە» قاتارلىق ئەسەرلەرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان. ئۇنىڭ «نان» ناملىق نەسىرى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن؛ «شەھەردە كالا يوق» ناملىق ھىكايە –پوۋىستلار توپلامى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان؛ «ئارمان» ناملىق پوۋىستى ئوزبەكىستاندا چىقىدىغان «جاھان ئەدەبىياتى» ژۇرنالىدا ئەلان قىلىنغان؛ «رەڭدار قۇيۇن» ناملىق پوۋىستى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرىنى باھالاشتا، مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالانىپ، «تۇلپار» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن. «تىمتاس شەھەر» ناملىق پوۋىستى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «گۈلزار مۇكاپاتى»غا  ئەرىشكەن. 2012-يىل 2-ئايدا، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى تەرەپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «2011-يىلدىكى ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر سالىڭ» ماۋزۇسىدىكى ئەل رايىنى سىناش پائالىيەتىدە، ئۇنىڭ 2011-يىل نەشىر قىلدۇرغان «كەچمىش» ماۋزۇلۇق رومانى تورداشلار تەرەپىدىن «2011-يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ياخشى رومانلارنىڭ بىرى» دەگەن ئەلا ئىنكاسقا ئەرىشكەن. 2016-يىل ئۇنىڭ «ئالتۇن كەپش» ناملىق ياڭى بىر رومانى نەشىر قىلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات دۇنياسىنى زىلزىلەگە كەلتۈردى.

شۇنداق، خالىدە ئىسرائىل ئۆز زامانىسىدا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بىز بىلەن بىر مەكتەپ، بىر سىنىپتا ئوقۇپ ئۆتكۈزگەن بىزنىڭ ئىپتىخارلىق ساۋاقداشىمىز. ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانىپ، بۈگۈنكى كۈندە، مول ھوسۇللۇق، كۆپ ئوقۇرمەنلىك، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تەئسىرلىك بولغان، ئۆزىنىڭ بەھرىلىك ئەمگەكلەرى بىلەن ئەلنىڭ ئىئتىراپ قىلىشىغا، ئالقىشىغا ۋە ھۆرمەت-ئىھتىرامىغا ئەرىشكەن ئاتاقلىق يازغۇچىغا ئايلاندى.

ھالبۇكى، بىز خالىدە ئىسرائىل بىلەن بولغان ساۋاقداشلىقىمىزدىن قانداق پەخىرلەنسەك، ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەلەرىدىنمۇ سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن سۆيۈنىمىز، شۇ قەدەر ئىقتىدارلىق يازغۇچى زامانداشىمىز بولغانلىقى بىلەن تولامۇ ئىپتىخارلانىمىز، غۇرۇرلانىمىز!

(2)

خالىدە ئىسرائىل بەيجىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ شەرەپى، ئىناۋەتى ۋە غۇرۇر ماركاسىدۇر.

ئادەتتە، ئانا يۇرتتىكى بەزەن زىيالىي قارىنداشلىرىمىز مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى ھەققىدە گەپ بولسا، ھىچ يۈز-خاتىرە قىلماستىنلا: «ئۇلاردا بىر قانچە تىلچى بار شۇ، ئەدەبىيات بىلىدىغان ئادەم يوق، شۇڭا، ئۇلار ئەدىب تەربىيەلەيەلمەيدۇ» دەۋىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق مەنمەنلىك بىلەن چىقارغان بىر تەرەپلەمەلىك تەنتەك خۇلاسەلەرىگە نىسبەتەن، ھەقدار تەرەپ بولمىش مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىكىلەر گەپ بىلەن جاۋاب بەرىشكە ئەزەلدىن قىزىقمادۇق. ئەمما، ئەمەلىيەت بىلەن، نەق پاكىتلار بىلەن كۈچلۈك جاۋاب بەرىپ كەلدۇقكى، ئاتاقلىق ئەدىبە خالىدە ئىسرائىل بىزنىڭ بۇ خىل ئەمەلىيەتچان جاۋابىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر!

دەرۋەقە، خالىدە ئىسرائىلنىڭ مۇنداق قابىل ئەدىبە بولۇپ يەتىلىشىنى قانداقتۇر بىرلا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى، ئىجتىھادى ۋە يەتىشتۈرۈشىنىڭ يەككە سەمەرەسى دەيىشكە ھەم بولمايدۇ، ئەلبەتتە. چۈنكى. بۇ يەردە ئۇنىڭ تۇغما ئىستىداتى، كىچىكلىكىدىن كەلىۋاتقان ئەدەبىياتقا ۋە ئەدەبىي يازىقچىلىققا قىزىقىشى، شۇنداقلا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىدىكى ئويغاتقۇچ تەربىيەلەرمۇ ئۇنىڭ غايەۋى نىشانىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا، ئۆز نۆۋەتىدە مۇھىم رول ئويناغانلىقى ئانىق. ئالايلۇق، ئاشۇ ساۋاقداشلىق دەۋرىمىزدە، خالىدە ئىسرائىلنىڭ ماڭا دەپ بەرىشىچە، ئۇ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىدىن تارتىپلا كىتاب خۇمارى، بىر كىتابنى تاپىۋالسا، ئۇنى ئوقۇپ تۈگەتىۋەتمەگىچە، باشقا ئىشقا قاراغىلى ئۇنامايدىغان كىتاب سەۋدايىسى ئىكەن.

«بىلەمسەن، ئابدۇرەئوپ» دەگەن ئىدى ساۋاقداشىم خالىدە ئىسرائىل بىر كۈنى؛ «مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغىمدىلا مۇشۇنداق كىتاب مەستانەسى ئىدىم. ھويلا دەرۋازامىزنىڭ ئالدىدا، يوغان بىر تۈپ قەرى ئۈجمە دەرەخى بولىدىغان، يەكشەنبە كۈنلەرى كىتابتىن بىرنى ئالىپ، شۇ ئۈجمە دەرەخىنىڭ ئۈستىگە بىر چىقىۋالسام، ئۇنى ئوقۇپ تۈگەتمەگىچە  چۈشكىلى ئۇنامايتتىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ، ئۆيىمىزدىكى بىزگە تاماق ئەتىپ بەرگۈچى ھاممام نەچچە قاتىم چىقىپ، مەنى توۋلاپ چۈشۈرەلمەي، تاياق-چىۋىقلارنى قولىغا ئالىپ، ماڭا جۆنەپ شىلتىپ تۇرۇپ، قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ ۋارقىراپ كەتەتتى».

دەمەك، خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەلا نەتىجەلىك يازغۇچى بولۇپ يەتىلەلەشىدىكى ئۇل- ئاساس ئامىل ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا غايەلىك، تىرىشچان ۋە قەيسەر ئىرادەلىك ئىنسان بولغانلىقىدىن بولسا، ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى ۋە كەيىن جەمئىيەتكە خىزمەتكە چىققاندىن كەيىنكى ئەمەلىي تۇرمۇش بىلىكلەرىمۇ ئۇنىڭ ئاخىرى قولىغا قەلەم ئالىپ، خەلقنىڭ دىل رايىغا يارىغۇدەك ئەسەر يازالايدىغان يازغۇچى بولۇپ يەتىشىپ چىقىشىدا مۇھىم ماددىي ئاساس بولغاندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، ئۆزىنىڭ تۇغما ئىستىداتى، ئائىلە تەربىيەسى، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەت مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىڭ ئۆسۈپ يەتىلىشىدە ئويناغان رولى قاتارلىقلارنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەمما، سىستەمىلىق زامانىۋى مەكتەپ مائارىپى كۆرگەن مەدەنىي ئىنسانلارنىڭ ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدىكى، ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى جەريانىدىكى بىلىك جۇغلانماسىنىڭ پۈتكۈل ھاياتتىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتى ۋە زۆرۈرىيەتى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجەدە مۇتلەق قىممەتلىكتۇر.

بۇ يەردە، ھىچ شەك يوقكى، خالىدە ئىسرائىل ئاشۇ 70-يىللاردا، ئانا يۇرتتىن پايتەخت بەيجىڭغا كەلىپ، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەئرىپەت ئوچاقىدا، مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر باشچىلىقىدىكى پىشقان تەرجىمان، ئىستىداتلىق تىلشۇناس، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى قەدىمكى زامان ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ ئوخشاشلا يەتىك سەۋىيەگە ئىگە مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە يەتەكلەش تەربىيەسىدە بولۇشى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈنكى نەتىجە يولىنى ئاچقان ئەڭ ۋەزنىلىك مائارىپ كۆرۈش، ئەڭ قىممەتلىك مەئرىپەتلەنىش جەريانى ھىسابلانىدۇ، ئەلبەتتە!

خالىدە ئىسرائىلدىن باشقا، بۈگۈنكى كۈندە، ئانا يۇرت ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن  ئەدىبلەردىن “ئۆلۈۋالىش سەنئەتى” (رومان) نىڭ ئاپتورى پەرھات تۇرسۇن، “كرورانلىق بالالار” (رومان) نىڭ ئاپتورى پەرھات ئىلياس، تەتقىقات  ساھەسىدە بولسا، قەدىمقى ئۇيغۇر ۋەسىقەلەرى مۇتەخەسسىسى ئىسراپىل يۈسۈپ، ئارخىلوگ ئابدۇقەيۇم خوجا قاتارلىقلارمۇ بىر يىلدا ئاران يىگىرمە-ئوتتۇز نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالايدىغان مۇشۇ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى تەرەپىدىن 80-يىللاردا تەربىيەلەپ يەتىشتۈرۈلگەن ئىپتىخارلىق ئوقۇغۇچىلارىدۇركى، بۇ ھال مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ ئوبدان يارىم ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگودا، 1978-يىلدىن باشلانغان ئىشىكنى سىرتقا ئاچىۋەتىش- ئىسلاھات دەۋرى جەريانىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيەتى دۇنياسى ئۈچۈن، ئىستىداتلىق ئەدىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قابىل ئىرپان ئىز باسارلارىنى تەربىيەلەپ يەتىشتۈرگەن، ھەلىمۇ يەتىشتۈرىۋاتقان ۋە مۇندىن كەيىنمۇ يەتىشتۈرەلەيدىغان ئاۋانگارت مەئرىپەت ئوچاقلارىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىڭ ژىرىك دەلىلىدۇر!

شۇڭا، بىز  بۇ يەردە، نەق ئەمەلىي نەتىجەلەردىن چىقىش قىلىپ دەيەلەيمىزكى، ئاتاقلىق ئەدىبە خالىدە ئىسرائىل ئالدى بىلەن، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ شەرەپ ھاسىلىدۇر! شۇڭا، شەرەپ ۋە غۇرۇر ئۆز نۆۋەتىدە، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا، ئەۋزەل مۇھىت ۋە بەلەن پۇرسەتلەردىن ئاقىلانە پايدالانىشنى بىلگەن ئاتاقلىق ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ سەردارلىقىدىكى ئانا يۇرت ئىشقىدا، ئانا تىل مۇھەببەتىدە ۋە ئانا مەدەنىيەت سەۋداسىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەگەن ۋە ئىشلەپ كەلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىلىق ئىسىتىداتلىق جاپاكەش مۇئەللىملەرگە ھەم مەنسۇپتۇر!!

(3)

خالىدە ئىسرائىل غايەلىك ئىز باسار ئەۋلادلارنىڭ، ياش ئەدىب ۋە ئەدىبەلەرنىڭ مۇناسىپ ئۆگرەنىش ئۈلگەسىدۇر.

نەزەرىيە جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، كۆپ قىرلىق ئاساسىي بىلىملەر بويىچە ئىمكان بار ياخشى يەتىلىش تالانتلىق يازغۇچى بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى. مەنىڭ تەئسىراتىمچە، خالىدە ئىسرائىل ستودىنت دەۋرىدە، ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر ھەممە دەرسلەر بويىچە ئۆگرەنىشكە تەڭ كۆڭۈل بەرىپ، كۆپ قىرلىق ئاساسىي بىلىملەر بويىچە مۇكەممەل يەتلىشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بەرەتتى. ئۇنىڭ ئۆچۈن دەرسنىڭ ياخشى-يامانى يوق ئىدى، مەيلى تىل قائىدە دەرسى بولسۇن، مەيلى ئەدەبىيات دەرسلەرى بولسۇن ۋە مەيلى تىلشۇناسلىق، سىياسەت، پەلسەپە ۋە تارىخ دەرسلەرى بولسۇن ھەممەسىگە ئوخشاشلا پائال قاتناشاتتى، تاپشۇرۇقلارىنى ئاكتىپ ئىشلەيتتى. دەرس مۇزاكىرەلەرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال تاشلايتتى، پىكىر قاتناشتۇراتتى. ساۋاقداشلار ئارا بىلىم مەسىلەلەرى تالاش-تارتىشلارىدا، ئۆزىنىڭ ئاساسىي بىلىم جۇغلانماسى جەھەتتىكى بايلىقى بىلەن ھامان بىزلەرنى قايىل قىلاتتى.

ئۇندىن باشقا، ئۆگرەنىش مۇھىتى ۋە ئەۋزەل ئىمكانلارنى تونۇش ئاڭى ۋە ئۇلاردىن پايدالانىش ئەمەلىيەتى جەھەتتە، ھەمىشە باشقالارىمىزنى باسىپ چۈشەتتى دەگۈم كەلىدۇ. ئۇنىڭ: «ساۋاقداشلار، بەيجىڭنىڭ ئۆگرەنىش مۇھىتى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ياخشى ئىكەن. كۇتۇبخانالاردا، بىزنىڭ ئانا يۇرتتا تاپىلمايدىغان نۇرغۇن ئەسىل ۋە قىممەتلىك كىتابلار بار ئىكەنكى، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۆپرەك ئوقۇۋالايلى!» دەگەن تەشەببۇسنى ھىچ زەرىكمەي، بىر قانچە سورۇندا دەگەنلىكى تا ھازىرغىچە ئەسىمدە. مەن داڭلىق چەتئەل رومانلارىدىن «كۆكۈيۈن»، «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى»، جۇڭگو رومانلارىدىن «كۇسەي گۈلى苦菜花» قاتارلىقلارنى ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەزگىلىمدە، ساۋاقداش خالىدە ئىسرائىلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوقۇغانمەن.

ئەمدى، مۇشۇنداق ئەمەلىي مىساللار ئاساسىدا ئەيتالايمەنكى، خالىدە ئىسرائىل ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نادىرلىق شاراپەتىنى قازانالاشى تەسادىپى ئىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمەلىك بىلىك جۇغلانماسىنى ھاسىل قىلىشقا ياش ئۆسمۈر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىدىن باشلاپلا يەتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ تەبىئىي نەتىجەسىدۇر! ئالايلۇق، ئۇنىڭ «كەچمىش» رومانىنى.

روماندا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «توغراقلىق» دەپ ئاتالىدىغان بىر كىچىكىنە زەمىننىڭ بىنا بولۇشى، ئۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ باشلانىشى، كىشىلىك ياشام جەريانىدا يۈز بەرگەن غايەت زور سىياسى ۋە ئىجتىمائى ۋەقەلەر، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن ئالىشىپ-چالىشىپ ۋە چىقىشىپ ياشاشى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتى، ياشاش ئۇسۇلى، قىممەت قاراشى، ئولتۇراقلاشىش ئادەتى، مىجەز-خۇلقى، پىسخىكاسى، مەدەنىيەت ساپاسى قاتارلىقلار ئەمەلىي تۇرمۇش دىتاللارى بىلەن تويۇندۇرۇپ تەسۋىرلەنىش ئارقالىق، تەكلىماكان ئىنسانلارىنىڭ، تارىم ۋاداسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۈچيۈز يىلغا ياقىن كەچمىشى ھىكايە قىلىنغان. مەنىڭ يۈزەكى تەسىراتىمچە، بۇ رومان ئۆزىنىڭ بەدىئىي قۇرۇلما ۋە بايان-تەسۋىر جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس ئۇتۇقلارىدىن باشقا، تەسۋىرلەنگەن ئاساسلىق پىرسۇناژلارىنىڭ كۆپلۈكى، دەۋر-زاماننىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتىنمۇ بىرىنجىلىكنى ئالغان نادىر ئەسەر بولۇپتۇ.

روشەنكى، روماننىڭ مۇشۇنداق ھەممە ئوقۇرمەن قايىل بولىدىغان دەرىجەدە پۈتۈپ چىقىشى خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۈكسەك ئەدەبىي دىت ۋە ماھىر يازغۇچىلىق قابىلىيەتىدىن باشقا، يەتىك دەرىجەدىكى تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت ۋە پەلسەپە پەنلەرى بىلىملەرى بويىچەمۇ ئەلىيۇلئەلا سەۋىيە ساھىبى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئەڭ ژىرىك پاكىت ھىسابلانىدۇ، دەپ ئوبزۇر قىلىمەن.

(4)

2015- يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1-قەۋەت دوكلات زالىدا “خالىدە ئىسرائىل ئەدەبىي ئىجادىيەتى بويىچە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى” (پانەل) ئۆتكۈزۈلدى. يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل خانىم سالامەتلىكى يار بەرمەگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇشبۇ مەملىكەتلىك يىغنغا ئۆزى كەلىپ قاتناشالماغان بولسامۇ، يىغىن ناھايەتى ئەھمىيەتلىك كۈن تەتىپلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيەتىنىڭ رەئىسى ئازاد رەھمەتۇللاھ سۇلتان باشچىلىقىدا، ئوتتۇز ئۈچ نەپەر شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلارى ئانا يۇرتتىن كەلىپ قاتناشتى.  مەن يۇقىرىقى مەزمۇنلار يازىلغان ئەسلەمەلىك تونۇشتۇرما ۋە تەتقىقات ماقالەمنى پەيزىم بىلەن ئوقۇدۇم.

– ئۆزەڭ كەلىپ قاتناشالماغانىڭ بەكلا ئەپسۇسلانارلىق ئىش بولدى-دە،- دەدىم مەن يىغىن ياپىلىپ خەلى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كەيىن تەلىفون قىلىپ،- ئەمما يىغىن ناھايەتى بەھرلىك ۋە خەيرلىك ئۆتتى، موماي ساۋاقداشىم!

– ئۇقتۇم،- بوۋاي سىنىپداشىم،- دەدى ئۇمۇ بوش كەلمەي،- “تارىم” ژۇرنالى 2015-يىللىق 9-سانىغا باسىلغان سەنىڭ شۇ يىغىندا سۆزلەگەن خاس نوتۇقۇڭ “ساۋاقداشىم خالىدە ئىسرائىل”نىمۇ ئوقۇدۇم. ھەلىقى مەن دەپ بەرگەن ھىكايە- مەن كىچىكىمدە كىتاب ئوقۇيمەن دەپ دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىپ، تاماق ۋاقتىدامۇ چۈشكىلى ئۇناماسام، ھاممامنىڭ دەرغەزەب بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، تاياقنى ماڭا جۆنەپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ، قاقشاپ كەتكەنلەرىنى مىسال قىلىپ بەرىپتۇكەنسەن، ئوقۇپ، تولا كۈلۈپ كۆزلەرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى زادى.تەخىچە ئۇنتۇپ قالماپسەن. رەھمەت ساڭا!

شۇنداق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەزگىلى دەگەن ئىلمىي ئىنساننىڭ فىزىك تەن قۇرۇلۇشى ۋە كۈچ نورماسى جەھەتتە قۇۋۋەتكە تولغان، ئەقلىي مىڭە ئىقتىدارى بويىچە يەتىلگەن، دۇنيا قاراش، پىكىر-تەپەككۇر تامانىدىنمۇ تويۇنغان دەۋر بولۇش ئۆزگەچىلىكى بىلەن ئەبەدىيلىكتۇر. ئۇ دەۋردە كەچمىش بولۇپ ئۆتكەن خوشاللىقمۇ، خاپالىقمۇ، ھاياجانلىق سائەتلەرمۇ، پىغانلىق مىنوتلارمۇ ئىنساننىڭ سەرگۈزەشتە خاتىرەسىدىن مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتمەيدۇ!

يەنە دەسەك، ساۋاقداشلىق دەگەن مەدەنىي ھاياتتا، قارىنداشلىقتىن قالسالا، ئىنسانىي تۇرمۇشنى ئادەمىيلىك قىممەتى، لەززەتى ۋە ئىززەتى بىلەن تەئمىن ئەتەلەيدىغان، بەلكى ھەر جەھەتتىن تويۇندۇرالايدىغان مۆئتىۋەر ياشام بەلباغىدۇركى،  ئاشۇ ياش نەۋقىران چاغلاردا گۈزەل ئىستەك ۋە ئورتاق غايە بىرلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ساۋاقداشلىق مۇھەببەتى ۋەسىلەسى بىلەن، پۈتكۈل ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ  ياخشى كۈنلەرىدەمۇ، يامان كۈنلەرىدەمۇ تاشلاشىپ كەتمەي، ئۆمۈرۋايەت ئۆز ئارا بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشۈپ، بىر-بىرىنى قوللاشىپ ۋە بىر-بىرى بىلەن پەخىرلەنىپ ئۆتكەن ساۋاقداشلار ئەمەلىيەتتە، ئىككى دۇنيالىق بەختيار ئىنسانلاردۇر!

2020-يىل 30-سىنتەبىر

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top