قەدىمىكى دەۋىرىدە ياشاپ ئۆتكەن پېشىۋالار
ئالتۇن تارىم
ﺋﻪﻻﺋﯩﺪدﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪنى
تېببىي ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېباﺑﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېباﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﻳﯜﺳﯜﭖﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ « ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪنى ۋﻩ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ: «ﺋﻪﻻﺋﯩﺪدﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪﻧﻰﻣﯩﻼﺩﻯ 1160-ﻳﯩﻠﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىگە ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﺭﺯﺍﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ (ﺑﺎﻏﭽﺎ ﻳﯧﺰﺍ)ﺧﻪﻟﯩﭽﻪ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺳﺎ، ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯩﻤﯩﺖ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ -ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ «ﻣﯩﻼﺩﻯ 1150-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ » ﺩﻩﭖﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ «1150-ﻳﯩﻠﻰ» ﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯩﻤﯩﺖ ﻳﯜﺳﯜﻑﮬﺎﺟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ سېلىشتۇرۇپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ تېۋﯨﭙﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﻰﻧﻪﺳﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯩﻤﯩﺖ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ دىنىي ﺯﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ئۆﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺗﯩﺴﻰﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭبىيىلەﺷﻜﻪ كۆﭘﺮﻩﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ئۆﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ يېتەﺭﻟﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ «ﺳﺎﭼﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ» ﮔﻪ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ئۆﺯﯨﻨﻰﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ئۆگىنىش، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﺯكۇر ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﯩﯩﯔﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﯦﮭﻨﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ كۆڭۈل ﻗﻮﻳﯘپ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﺷﻘﺎ ﺩىققەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﻗﯩﺴﯩﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ئىگە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ئۆﺳﻜﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﺭﺕ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ <<ﺳﺎﭼﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ>>ﻧﻰ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ئۆﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ كۆﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺋۆﻳﻰ ﺗﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﻳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ سۆيۈﻧﮕﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﯘﻧﻰ ئاﺯ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ كۆﭘﻠﻪﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮓ ئىگە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻨﯩﯔﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍشلىقتا ئۆﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺑﻪﺯﻯﻣﻪﻟﯘماﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭىغاﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯩﺮﺍﻕﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺗﯘﺗﯘﭖﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ 3000ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋۆﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ئۆﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﺒﺒﻰﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﯞﻩﻥﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ھۆﻛﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ تېۋﯨﭙﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ئۈﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍﻻﺭ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. «ﺋﻪﻟﻘﯩﻘﮭﯘﺗﯩﺒﺒﯩﻴﻪ» (ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﻗﺎﻧﻮﻧﻠﯩﺮﻯ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ 11-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞىرﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ تېباﺑﻪﺕﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ سۆﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ – ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎھاﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﯞﻩﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . «ﺯﯗﺑﺪﻩﺗﯩﻞ ﻗﺎﯞﺍﻧﯩﻞﺋﯩﻼﺝ» (ﺩﺍﯞﺍﻻﺵﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞھەﺭﻟﯩﺮﻯ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﻪﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺑﺎﻗﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻘﺎ «كۆپ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ رېتسىپلىرى»، «دﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎنۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﻻﺳﻪ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆز ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺳﯜﭘﯩﺪﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېباﺑﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ تېگىشلىك ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ .
ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺋﻪﻟﻐﯩﻘﮭﯘ ﺗﯩﺒﺒﯩﻴﻪ »(تېباﺑﻪﺕ ﻗﺎنۇﻧﻠﯩﺮﻯ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡﺗﯘﺭﺩﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﻣﯩﺮﺍﺱ سۈپىتىدﻩ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ 1950-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ئۆپچۈﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯩﻤﯩﺖ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﮬﺎﺟﯩﻐﺎ كۆﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ئۆﺗﻤﻪﻱ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ «ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ» ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﻯﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ئۆﻳﯩﺪﯨﻜﻰ كۆﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ كۆﻳﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻻﺭﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ «ﺋﻪﻟﻐﯩﻘﮭﯘ ﺗﯩﺒﺒﯩﻴﻪ»ﻣﯘ ﻳﻮﻗﺎﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ قېتىملىق كۆﻳﺪﯛﺭﯛشتىن ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯜﻳﺌﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﻗﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ كۆﻣﯜﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩېگۈدەﻙ ﺋﯘنى «1222-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ » ﺩېگەﻧﻠﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯧﻤﯩﺖ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔﻣﺎﻗﺎﻟﻪ – ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ «داغ» ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ھۆﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ .
كۆﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئېنىق ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪﻳﻮﻕ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ئۆﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ سۆﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﯞ.ﯞ.ﺑﺎﺗﻮﻟﺪﯨﻨﯩﯔ «ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﺗﺎﺭﯨﺨﻲﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ «ﻏﻪﺭبىي ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﺎﻣﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﺭﻗﯘﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ 1218-يىللىرﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ كۆﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ «ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺧﯧﻠﻰﺗﻪپسىلىي ﻣﻪﻟﯘماﺗﻼﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺋﻪﻻﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻨﻰ ئۆﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ 1222-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ 1218-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻧﻰ كۆﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘﮬﻪﻗﺘﻪ ئېنىق ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺯۆﺭﯛر ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. (داۋايى تور بېتى)
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ (ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ) ﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ. «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ»(«一切经音义»)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 736- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﯩﺮ(ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ 裴 ﺩﻩﭖ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ) ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﻧﯩﯔ سىياسىي، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯜﺭتلىرى ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ بۇﺩﺩﺍ ﺩىنى ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭبتىن ﺷﻪﺭققە ﯞﻩ ﺷﻪﺭقتىن ﻏﻪﺭبكە ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ئۆﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭىدﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ پېشۋا ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻧﺴﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﻧﻰﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻯ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻲ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ سېستىمىلىق ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺷﻜﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻛﯜﭺ ﺳﻪﺭپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩپلىمە ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺑﺨﺎﭺ(ﺧﻪﻧﺰﯗ)ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﺴﻜﯩﺮﯨﺘﭽﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ يېتىشكەﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ 100 ﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ 52 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 788- ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ 74 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ (801- ﻳﯩﻠﻰ) ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻧﻮﻣﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻠﯘﻗﻼﺭ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﻨﯩﯔ (ﻣﺎﻫﺎﻳﺎﻧﺎ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻨﯩﯔ) ﺋﻪﯓ ﺗﯜﭖ ﻧﻪﺯﻩﺭىيىۋى ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻫﻪﺕ – ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻣﺎﻫﺎﺑﺨﺎﺭﺍﮊﺍﻧﺎ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﺎﺳﯘﺗﺮﺍ» (mahaprajna paramita sutra) ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ«护命法» ﺳﯘﺗﺮﺍﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰاﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﻮﻣﻼﺭ ﺟﻪمئىي 5480 ﺟﯩﻠﺪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺩﻩﺭسلىك، ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭﺗﯩﯟﺍﻻﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻨﯩﯔ « ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ كۆﭼﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭىپىدﯨﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﻮﺭىيىلىكلەﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ كۆﭼﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ كۆﭼﯜﺭﯛﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1737- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 2- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﻠﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1880- ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﻩ «پېشۋﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﺎنۇ-ﺷﺎﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ 20 ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ تۆﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺗﯘپرىقىغا ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر)
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ
تېۋىپ – ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﻳﯧﯖﯩﺌﺎﯞﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ، ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ «ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ» ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯧﯟﯨﭗ ـ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. 1898-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ » ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1912-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1916-ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ – ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﺍﯞﯗﻟﭙﯩﻨﺪﻯ، ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ، ﺩﯦﮭﻠﻰ، ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﻨﯩﯔ «ﻻﻛﯩﻨﻮ» ﺩېگەﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﻻﻛﯩﻨﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺷﯚﻳﯜﻩﻧﻰ»ﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ 14 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎب، ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ، ﺩﻭﺭﺍ ﺩەﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﮬﻪﺟﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ» ﻣﻪﺩﺭىسىدە ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻐﺎﭺ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپتىمۇ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1956-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎخىرﯨﻐﯩﭽﻪ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېباﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮىنچىسى ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ، ئىككىنچىسى ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ)ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﺱ، ﺋﻮﺭﺩﻭ، ﮬﯩﻨﺪﻯ، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﯨﺲ، ﺋﻮﺭﺩﻭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰﺍﻥ ﺗﯩﭗ، ﺗﯧﺒﺒﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﯧﻠﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﻳﯩﺖ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﯨﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﻣﻪﺗﺘﯘﺭﺳﯘﻥ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﮬﯧﺒﯩﺒﯘﻟﻼ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﻣﻪﺗﺘﻮﺧﺘﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪخەﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، «ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ»، ﮬﯧﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﻣﻪﯞﻟﯩﯟﻯ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﺳﻰﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪربىيىلەپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﯩﻚ ﻣﯘتەخەسسىسلىرىنىڭ ﻛﯚﭘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﯞﯨﺮﺍﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﺩﯗﺭ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1975-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ 86 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯩﮕﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺑﯘﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻣﯘﺗﻪخەسسىسنىڭ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. (ئۈستۈنئاتۇش مائارىپ تورى)
ئابدۇقادىر داموللا
ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئىسلاھاتقا يول باشلىغۇچى ئۇستاز سەركەردە ئابدۇقادىر داموللا بىننىي ئابدۇۋارىس قەشقەرىي ئارتىش(ئاتۇش) مەشھەد يېزىسىدا ھىجىرىيە 1279(مىلادىيە1862-يىلى)-يىلى ئابدۇۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن. ئىپتىدائىي ئوقۇشنى ئۆز يېرىدە ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئون بەش يېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇخاراغا بېرىپ، ئىلمى ئەرەبىييە ۋە ئەدەپ پارسىييەدە ئالىي دەرىجىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. ئاندىن قەشقەرگە قايتىپ مۇدەررەسلىك قىلغان. بۇ مەزگىلدە داموللام مەدرىسلەردىكى ئۇسۇلى تەلىمدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش، خەلققە مەرىپەت بېرىشنى پائال تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزەن ئىشان ۋە موللىلار «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئوقۇغۇچى دەھرىي» دىگەن پىتنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، داموللامغا قارشى تۇرۇپ، سۈيىقەست قىلماقچى بولغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داموللام ھىجرەت قىلىپ، بۇخارا، تاشكەنت تەرەپكە كەتكەن. ئۇ يەردىكى ئۆلىما-ئەشرەپلەر، داموللا-مۇدەررىسلەر ئابدۇقادىر داموللامغا كاتتا ئېتىبار كۆرسىتىپ، ئۆلىما-ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن. داموللامنىڭ بۇ سەپىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ، «ئەقايىدى زەرۈرىييە»(«زۆرۈر ئەقىدىلەر»)، «ئىبادەتۇل_ئىسلامىييە»(«ئىسلام ئىبادەتلىرى»)، «ئىلمى تەجۋىد»(«قىرائەت ئىلمى»)، «سەرف، نەھۋى»(«مورفولىگىيە،سىنتاكسىس») ، «مىفتاھۇل_ئەدەپ»(«ئەدەبىيات ئاچقۇچى»)، «تەئلىمى سەبىييان» («گۆدەكلەرگە تەلىم»، «نەسايىھۇل_ئەتفال»( «ياش-ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)، «ئىلمى ھېساپ»، «مۇتالىئە ھىدايەت» قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ، تاشكەنت قازان مەتبەئەلىرىدە باستۇرۇپ تارقاتقان.
داموللامنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان «جاۋاھىرول-ئىيقان»(«يېقىنلىق جەۋھەرلىرى») دېگەن مەشھۇر شېئىرىي ئەسىرى مىسىر ئەزھەر دارىلفۇنۇنى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
داموللام ھىجىرىيە 1343-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ (مىلادىيە 1924-يىلى 8-ئاي) 14-كۈنى مۇناپىقلارنىڭ سۈيىقەستى بىلەن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. (ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە )
ئۆمەرجان يۈسۈپ
ئۆمەرجان يۈسۈپ ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى. ئۇ 1893-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئالغان. كېيىنچە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928-يىلى توغرا كۆۋرۈكتىن ئۈچ دەرۋازىغا كۆچۈپ چىققان. شۇندىن ئېتىبارەن «ئۈمىد مەكتەپ» ئاتىلار كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان ۋە مەكتەپنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان. 1929-يىلى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ھازىرقى 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىغا تۆت سىنىپ سېلىپ ئۈچ دەرۋازا مەكتەپنىڭ شۆبە مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن. ئەينى يىللاردا قۇدۇق قېزىش، كۆۋرۈك ياساش، تاشيول ياساش قاتارلىق جەمىيەت پاراۋانلىقىغا دائىر ئىشلارنى تەشكىللەش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى بىجانىدىل ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇ يەنە ئۇ- قا -ق (ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز) كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ چىقارغان .
1949-يىلى دادامتۇدىكى 50 مولۇق باغ يېرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش لاگىرى قىلىشىغا ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
ئۇ 1959-يىلى غۇلجا شەھەرلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئوبلاستلىق، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .1967 -يىلى ۋاپات بولغان.
غازىباي
غازىباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى ئىگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم» (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان: تېرىم (تارىم ) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتۇن ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ- دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان. غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە- چېۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقىنى، بىنەپشە، بادىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز … قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت- چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن، غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتۇننىڭ ھەر خىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتۇن بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسا، غازىباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم- پەن ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتۇننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتۇن بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارىشى ئالغان، غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە- كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تىببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنفىيالۇس تارىمغا قايتماقچى بولغاندا، ئەپلاتۇن غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخمۇ ھەيۋەت- گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن، بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كىرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كىرىيەنى سېھراب، خوتەننى زىھراب، قارقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان..
ئەسەرنى ئاز دىگەندىمۇ مىلادىىدىن ئىلگىرى 350-يىل بۇرۇن يېزىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى ئەپلاتۇن مىلادىدىن بۇرۇن 427-يىلى تۇغۇلۇپ 347يىلى ۋاپات بولغان. دۇنياغا مەشھۇر يۇنان ئالىمى.
شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى غازىباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەرنى ئالغان. مەزكۈر «قامۇس»نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلوم. لېكىن، يېزىقشۇناس ئالىملىرىنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقەددەم زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 26خىل يېزىق قوللانغانلىقى مەلوم. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن 300-400يىللار ئىلگىرى كارۇشتى ۋە بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان، خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن. «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىسىدىكى ئاقسېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ …كارۇشتى ھەرىپلىرى تېپىلدى …ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3~4ئەسىردىن بۇرۇنقى تارشا، تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجتىمائىي – مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى …»، «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ، كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددى پاكىت … ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىللىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى»نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەزكۈر «قامۇس»نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئېھتىمالى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ .
يۇقىرىقىلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3،4. ئەسىرلەردىلا تىببىي ئىلىم جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقى , يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يەكۈنلىرىنى ئۇرخۇن – يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كاروشتى يېزىقى بىلەن كىتاپ قىلىپ يازغانلىقى، قەدىمكى يۇنان تىبابەت ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئەنگۈشتەر قاتارىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .(داۋايى تور بېتى)
ھۈسەيىنخان تەجەللى
ئۇيغۇر ئالىمى، شائىرى ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھەزرىتىم مىلادى 1848-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1264-يىلى)قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزىسى ئايباغ كەنتىدە ئىسلام دىنى ئالىمى، ماھىر تىۋىپ قۇتپىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، مىلادىنىڭ 1927-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1345-يىلى)رامىزان ئېيىدا، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كاسكا يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستان دېھلى شەھىرىگە كەلگەن ۋە «دېھلى دارىلئۇلۇم» مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ «ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى»دا، ئاخىرىدائاففىغانىستان «كابول دارىلفۇنۇنى»دا ئوقۇپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىم تەھسىل قىلغان.
شائىرنىڭ ئەقلىي، ئىلمىي، ئەدەبى كامالىتى كۆپ تەرەپلىمە، مول بولغانلىقتىن، ئۆز دەۋرىدىكى ئالىم، ئەدىپلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى-مۇجەللى»تەخەللۇسنى قويۇشقان.. تەجەللى-مۇجەللى- ئەرەپچە سۆز بولۇپ، تەجەللى-چاقناپ تۇرغان نۇر.مۇجەللى-مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى دىگەن مەنىدە.
شائىر ئىسلام دىنى ئىلمىنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا، دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاستىرنومىيە، خىمىيە، مېدىتسىنا، ماتىماتىكا قاتارلىقلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئالى مەلۇماتقا ئىگە ئىدى.
ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاغىلىق، يەكەن، گۇما ناھىيىلىرىدە ئۆتكەن. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سەركەردە بۇلۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتىدىمۇ ئالى ماھارەت ئىگىسىدۇر.
ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم، شۇنىڭدەك ئالىم، ئەدىپلەردىن ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللا ھاجىم، ئۆزبەك زەرىف قارى ھاجىم، قەشقەردىن ئابدۇكېرىم زىيائى، پوسكامدىن ئىسرافىل داموللام، يەكەندىن سالىھ داموللام، گۇمىلىق ئىسمائىل ھاجىم،قاغىلىقتىن مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، شائىرلاردىن فۇرقەت قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان. ئۇ، ئۆز تىببى ماھارىتى بىلەن يۈرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش خەۋپلىك كېسەللەرنىمۇ داۋالاپ ساقايتىپ، كۆپ ئۆرنەكلەر ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇنلىغان خەلقنى داۋالىغان؛ دورىگەرلىكتىمۇ تەرياق، ھەبىبى زۇفا، ھەبىبى جەۋھىرى ئازاراقى قاتارلىق ياخشى دورىلارنى ياساپ نەتىجە قازانغان. شاگىرت تەربىيىلەپ، ۋارىس قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا چوڭ تۆھپە قوشماقتا. مەسىلەن: خوتەن مىللى شىپاخانىدىكى مۇتەخەسسىس، پىشقەدەم تىۋىپ تۇردى ھاجىم(ئاپتورنىڭ بۇ ئەسىرىدىن كېيىن،تۇردى ھاجىم ۋاپات بوپكەتكەن_يوللىغۇچىدىن.) ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەن تىۋىپلاردىن قاغىلىقتىن يۇسۇپ ئەپەندىم، گۇمىدىن ئىبراھىم ھاجىم مامۇت ھاجىم، قەشقەردىن مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار ئۇنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تىۋىپلاردۇر.
ئۇنىڭ بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەردە نەشىر قىلىنغان « بەرقى تەجەللى، سەبقى مۇجەللى »، « دىۋان تەجەللى » قاتارلىق كىتابلىرى ۋە تاشكەنتتە «باياز» لارغا كىرگۈزۈلۈپ، ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللى مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرسى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان شۆھرەتلىك ئەسەرلىرىدىن باشقا، مەرھۇم ئابلىھىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مۇبارەك ئىلكىدە بىردىنبىر قول يازمىلار ھالىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان « دىۋان ئەرەبى »، «ئەرەبچە شېئىرلار توپلىمى»، «تۆھبەتۇل بەررەيىن»، «ئىككى قۇرۇقلۇققا تۆھپە»، « مەجمۇئەتۇل قەسائىدە »، « قەسىدىلەر توپلىمى »، « سەبدەرنامە »، « قەھرىمانغا بېغىشلايمەن »، « تىلسىم ئىشىق »، « ئىشىق مۇھەببەت تىلسمى » ۋە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرى قاتارلىقلار بار. شائىرنىڭ «تەجەللى»، «چاقناپ تۇرغان نۇر» ۋە «مۇجەللى»، «مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇتۇپ چىققۇچى» دېگەن ناملىرى ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي كامالىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئالىم، ئەدىبلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن تەخەللۇس ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بويان ئالىم ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى ۋە ئۇنىڭ نام-شەرىپى دۇنياۋ مەشھۇر كىشىلەر قاتارىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىسلام دىنى لوغىتىگە كىرگۈزۈلدى.(قاۋۇل ساۋۇر)
مەشھۇر كۈي ئۇستازى سۇجۇپ . 苏祗婆
سۇجۇپنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى، ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇماتنى تاپالمىدىم. خىتايچە مەنبەلەردە ئۇنىڭ مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن كۇچالىق ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىرىيەچىسى ئىكەنلىكى، مىلادى568-يىلى جۇ سۇلالىسىنىڭ خانى جۇۋۇدىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن تۈرك خاقانى مەلىكىسى ئاشىنا بىلەن بىرگە مۇزىكانتلارنى باشلاپ، كۈسەن مۇزىكىلىرى، چارتار(琵琶)نى ئېلىپ بارغانلىقى، كۈسەنلىك مەشھۇر كۈي ئۇستازىنىڭ چارتارنى يېنىك چېكىپ، يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان لەرزان كۈسەن مۇزىكىلىرى پادىشاھقا بەك ياراپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا ئوردىدىن مەنسەپ بېرىلگەنلىكى ۋە مۇزىكانت تەربىيىلەشكە مەسئۇل قىلىنغانلىقى، ئاتىسىدىن ئۈگەنگەن «بەش تار»، «يەتتە ئاۋاز»نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرۇپ، خىتاي مۇزىكىلىرىغا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى…..بايان قىلىنغان.