• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 8: ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 8: ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى

(چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

سەككىزىنجى باب

ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر

ئاپتورى: ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

* * *

خاتىرەمدە ھەمىشە،

ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر،

ھۆرمەت بىلەن زىننەتلىك،

ساھىبى شانلىق ئۆمۈر.

* * *

ئۇنتۇلماس سۆھبەت، سەمىمىي تەئلىمات

1975-يىل 7-ئايدا، مەركەزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئەسلىي) ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى (ھازىرقى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئەسلىي) نىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كەيىن، فاكۇلتەتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئالىپ قالىندىم ۋە شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن تاللانمالار» (维吾尔文选) دەرسىنى سۆزلەشكە بۇيرۇلدۇم.

ئەدەبىيات دەرسىنى سۆزلەگەنىكەنمەن، ئوقۇغۇچىلارغا قۇرۇق نەزەرىيەنىلا سۆزلەپ بەرىپ ئولتۇرماي، ئەدەبىي يازىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانىپ، ئەمەلىي نەتىجەلەرىم ئارقالىق ئۇلارنىڭ ئۆگرەنىشىگە ئىلھام بەرىشنى ۋە قايىللىقىغا نائىل بولۇشنى راۋا كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن، بىر يىلدىن كۆپرەك، ھەر ھالدا ئىككى يىلغا يەتمەگەن ۋاقىت ئىچىدە، «كور خەرىدار» باشلىق ئون نەچچە پارچە ھىكايە، نەسىر ۋە شىئىر يازىپ، ئاشكارا گەزىت ژۇرناللاردا، رادىئو ۋە كوللىكتىپ يىغىلىش سورۇنلارىدا ئەلان قىلدىم. نەتىجەدە، مەنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىم ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاراسىدا، خەلى ئوبدان بولۇشلۇق ئىنكاس ۋە تەئسىر قوزغاغان بولدى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 1977-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەينى چاغدا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كافەدراسىنىڭ باشلىقى بولمىش مۆھتەرەم ئۇستازىمىز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم مەنى چاقىرتىپتۇ، مەكتەپ قوروسى17-بىنانىڭ 1-قەۋەتىدىكى ئىشخاناسىغا سالام بىلەن كىردىم.

– ھەقىقەتەن يازىقچىلىق ئىقتىدارىڭىز باركەن،- دەدى ئۇستاز،- گەپنى ئۇيان-بۇيان ئەرگىتمەي ئۇدۇل گەپنىڭ پوسكاللاسىنى قىلىپ،- مەن گەزىت-ژۇرناللاردا ئەلان قىلغان ئەسەرلەرىڭىزنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم. بولۇپمۇ، مەكتەپنىڭ رادىئو ئوزىلىدا ئاڭلاتقان «دادىل قەدەم بىلەن ئالغا» ماۋزۇلۇق  شىئىرىڭىزنى قۇلاق بەرىپ ئاڭلادىم. ياخشى يازىپسىز. شىئىرنى چۈشەنىش، شىئىر يازىشنى بىلىش دەگەن ئەدەبىيات بويىچە خەلى يۈكسەك سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ئىش.

خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم ئەگىز بويلۇق، تۆرت سان-تۆرت قوۋۇرغا، تىپىك ئەركەك ئاۋازلىق، نوتۇقى راۋان، گەپنى پۈتۈن-پۈتۈن قىلىدىغان، ئوي-پىكىرنى ساغلام جۈملەلەر بىلەن تولامۇ مەنتىقەلىق شەرھلەيدىغان زات ئىدى. ئۇ مەنىڭ يازىقچىلىق نەتىجەلەرىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، ئۆزىنىڭمۇ ئەدەبىياتقا ھەرىسمەنلا ئەرمەس، بەلكى ئەدەبىياتنى نىسبەتەن ياخشى بىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆزى تەرجىمە قىلغان مەشھۇر ئەسەرلەر، يەنى جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى باجىننىڭ مەشھۇر ئەسەرى «ئائىلە»، چەتئەل ئەدەبىياتى ئەۋرىشكەلەرىدىن «سەرگەردان روبىنسون»، مەشھۇر كىنو فىلمى «دوڭسۈنرۇي» قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئەمەلىيەتىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقالىق چۈشەندۈردى، شۇنداقلا، ئەدەبىيات بىلىملەرى بويىچە نىسبەتەن مۇكەممەل بولۇشنىڭ تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە ئىشلەرىدىكى  تەڭداشسىز قىممەتلىك رولىنى تولامۇ چۈشەنىشلىك ۋە ياقىشلىق قىلىپ بايان قىلدى. بۇ ھالدا، مەن ئەمدىلا قىرىق ئالتە ياشقا كىرگەن بۇ مۇئەللىمنىڭ شۇ قەدەر مول بىلىملىك، ئەمەلىي ۋە ئىلمىي كەچۈرمىشلىك كامىل ئۇستاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتىم تەخىمۇ ئاشتى.

– بىراق،- دەدى ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم گويا سۆھبەتنىڭ ئەسلىي مۇددىئا ماۋزۇسىغا ئەمدىلا كىرگەندەك بىر خىل بەشارەت بىلەن،- سىز بىلەن مۇنداق بىر ماۋزۇدا كەڭەشىپ باقساق دەگۈم كەلىدۇ. ئۇ بولسامۇ، ئەدەبىيات بىلىملەرىڭىز نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ھالدا، ئەدەبىي ئىجادىيەت –يازىقچىلىق ساھەسىگە قايىپ كەتمەي، زەھىن كۈچىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تىل تەتقىقاتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانساڭىز.

شۇنداق، سۆھبەتىمىز ئەمدى ھەقىقىي مەئنەدىكى مۇھاكىمە ۋە كەڭەش ماۋزۇسىغا كىرگەن ئىدى. مەن مۇنداق بىر ماۋزۇنى مۇتلەق ئويلاپ باقماپتۇكەنمەن. مەنىڭ بىر ئاز جىددىيلەشىپ قالىۋاتقانلىقىمنى پەھملەگەن ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئۆزى ئوتتۇراغا قويغان يۇقىرىقى مۇھاكىمە نۇقتاسى پىكىرىنى ئوچۇقلاپ مۇنداق دەدى:

– مەنىڭچە، مەركەزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كافەدراسى ئادەم سانىمىز ئون نەپەرگەمۇ يەتمەگەن، تىل ۋە ئەدەبىيات كەسپلەرىنىڭ ھەممە تەرەپلەرىنى تەڭ تۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چەندىكىدەك ئۈنۈم قازانىشقا نىسبەتەن يەتەرلىك كۈچىمىز بولماغان مۇشۇ كۈنۈمىزدىكى رىئال ئەھۋالدا،  ھەم تىل ھەم ئەدەبىيات ۋەھەم تەرجىمە ساھەسىگە تالىق دەرسلەرنىڭ ھەممەسىنى تەڭ ئاچىپ، ھەممەگە باب كەلىدىغان ئادەم تەربىيەلەيمەن دەمەي، تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى دەرسلەرىنى ئاساس، خەنزۇ تىل-يازىقى ئۆگرەتىشنى يەتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت ئوقۇ-ئوقۇتۇش يۆنەلىش-نىشانىنى يولغا قويۇشىمىز كەرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىغا تالىق كەسپىي ئاساسىي بىلىم دەرسلەرىنى، مەسىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى ئىملا قائىدەسى قاتارلىقلارنى بىزنىڭ نۇقتالىق ۋە كۈچلۈك دەرسلەرىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى، بىزنىڭ كەسپىي ئاساسىي دەرسلەرىمىزنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى مۇكەممەل بولغاندالا، ئاندىن بىز مەملىكەت مىقياسىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرالاغۇدەك، ئاساسىي بىلىم ئۇل قۇرۇلماسى مۇكەممەل بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەيدانىنى ھاسىل قىلالايمىزكى، مانا بۇ بىزنىڭ سىتراتىگىيەلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئالىپ بارىش ۋە ئەۋلاد تەربىيەلەش مۇددىئايىمىزدۇر.

سۆھبەتىمىز چۈشتىن كەيىن سائەت ئىككىدىن باشلاپ، تۆرت يارىملارغىچە ئىككى يارىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. مەن ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئەيتقان بىر مۇنچە خاس ئاتالغۇلارنى، مەسىلەن، «كەسپىي ئاساسىي بىلىم دەرسى»، «چاغاتاي تىلى» دەگەنلەرنى چۈشەنمەدىم. شۇڭا، ئوچۇقلامالىق چۈشەنچە بەرىشىنى ئىلتىماس قىلدىم.

ئۇستازىم جاۋاب بەرىپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي تىلى» ۋە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەگەن ئاساسىي ساۋات خاراكتىرلىك دەرسلەر خۇددى خەنزۇ تىلى دەرسىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىمىزنىڭ كەسپىي ئاساسىي بىلىم دەرسلەرى ھىسابلانىدۇ؛ «چاغاتاي تىلى» دەگىنىمىز خەلقئارالىق ئاتالغۇ بولۇپ، ئەڭ قىسقا قىلىپ ئەيتقاندا، «ئەلىشىر نەۋائىي تىلى» دەگەن بولىدۇ. چاغاتاي تىلى دەرسىنى ياخشى ئوقۇتۇش ۋە بەلەن ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەرەبچە ۋە پارسچە ئاساسىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشقا توغرا كەلىدۇ. شۇڭا، بىز سىزنى بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئىنستىتۇتىغا بارىپ، ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلى ئۆگرەنىپ كەلىشكە ئەۋەتمەكچىمىز. مەزكۇر چاغاتاي تىلى دەرسىنى كەيىن سىز سۆزلەيسىز. شۇڭا، ئەدەبىي يازىقچىلىققا كىرىشىپ كەتىش قىزغىنلىقىڭىزغا «ھاي» بەرىپ، ئەرەبچە-پارسچە ئۆگرەنىشكە ۋە بىر ئۆمۈر چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى، يەنى ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىشقا بەلىڭىزنى چىڭ باغلاپ كىرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!،- دەدى.

مەن مەرھۇم خەمىت تۆمۈر بىلەن ئۇستاز-شاگىرت ۋە خىزمەتداش بولۇپ ئۆتكەن جەمئىي ئوتتۇز تۆرت يىل جەريانىدا، مۆھتەرەم ئۇستاز بىلەن ئىلىم-ھىكمەت، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئۆگرەنىش-ئۆگرەتىش مەسىلەسى بويىچە تالاي قاتىم خاس سۆھبەتتە بولغانمەن. ۋاھالەنكى، مەزكۇر سۆھبەت مەنىڭ ئىلمىي ھاياتىمغا يۆنەلىش ۋە نىشان بەرگەن تولامۇ مۇھىم بىر سۆھبەت بولۇش قىممەتى بىلەن، بارلىق سۆھبەتلەرنىڭ سەرخىلى سانالىدۇ.

ئادەتىم بويىچە شۇ كۈنى، ئاشۇ سۆھبەتىمىز ھەققىدە خاتىرە يازىپ قويغان ئىدىم. شۇندىن بۇيان، ھەر قاتىم ئاشۇ سۆھبەت خاتىرەمنى ۋاراقلاپ قالسام، مەرھۇم ئۇستازنىڭ مەدەنىيەت، مەدەنىي ئىنسان ۋە ئىلىم-مەئرىپەت قاراشى توغراسىدىكى چۈشەنچە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرى مەنى ئوخشاشلا بولۇشلۇق تەئسىر ۋە قىممەتلىك رىغبەتكە ئىگە قىلىپ، روھلاندۇرىدۇ، شادلاندۇرىدۇ ۋە ئويلاندۇرىدۇ.

«چاغاتاي تىلى دەرسى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى

«چاغاتاي تىلى» دەگەن ئاتالغۇنى بىزمۇ ئۆز زامانىسىدا، ئاشۇ خەلقئارادىكى ئورتاق ئاتالغۇ شەكلى بويىچە قوللاناتتۇق. ئۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش ۋە قوللانىش بولسا، 90-يىللارنىڭ باشىدا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللارىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قىلىنغان ئون نەچچە يىللىق مەخسۇس تەتقىقات ئەمەلىيەتى نەتىجەسىدە ئوتتۇراغا قويۇلغان ۋە تەدرىجى ئومۇملاشتۇرۇلغان ئىشتۇر.

بىز ئىلىم ئەھلىلەرى شۇنى ئىئتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە، ئەينى زاماندا (يەنى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا) «چاغاتاي تىلى دەرسى» دەيدىغان بىر بۇرچ دەرس (必修课)نىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە، ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ «چاغاتاي تىلى دەرسى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۈچۈن كەسپىي ئاساسىي بىلىم دەرسى (专业基础课)دۇر، ھالبۇكى، ھەر قانداق ئىلىم-مەئرىپەت ئوچاقلارىدا ئاچىلغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسىپلەرىدە چاغاتاي تىلى دەرسى جەزمەن ئۆتۈلۈشى (سۆزلەنىشى)، چوقۇم ئوقۇتۇلۇشى لازىم» دەگەن ئىلىم قاراشىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇ جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت مىقياسىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلاب خاراكتىرلىك بىر زور ئىشتۇر.

شۇنداق، مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلغان زات، مەملىكەت بويىچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى نىشانى بويىچە قوبۇل قىلىنغان تۇنجى ئاسپرانتنى باش بولۇپ تەربىيەلەگەن سەردار ئالىمدۇر. ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىلىم قاراشى دۇرۇس، ئۇ باشلاپ ئاچقان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بەلەن بولغاچ، ئانا يۇرتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر، مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتى، كاشغەر ئۇنىۋەرسىتىتى ۋە ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىقلاردىكى جۇڭگو تىللەرى فاكۇلتەتلەرى، شۇنداقلا، كەيىنكى چاغلاردا گەنسۇ ئۆلكەسىنىڭ لەنجو شەھىرىدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىل ئوقۇتۇش كەسپىمۇ ئارقا-ئارقادىن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسلەرىنى ئاچقان بولدى.

ئوتتۇز يىلدىن ئاشقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلىيەتى ئىسپاتلادىكى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر غىياسۇددىن نەۋائىي بايراقدار بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى دەۋرىدىكى كلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلەرىنى ئۆگرەنىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا  ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي رەتلەگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى ئوقۇش، چۈشەنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلشتا، كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگرەتىدىغان مۇتلەق زۆرۈر مەئرىپەتلىك ئوقۇتۇشتۇر، ئەلبەتتە!

ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىلىم قاراشىغا ۋارىسلىق قىلىش

مۇئەييەن بىر ساھە ياكى تارماق ساھەدىكى تەتقىقاتنى كۈچ ئۇلاپ تەتقىق قىلىش، يەنى بىر تەتقىقات ساھەسىدە ئەجدادنىڭ ئىشىنى ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدىغان تەتقىقات كالونى (研究梯队) ھاسىل قىلىش مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ مۇھىم بىر ئىلىم قاراشى ئىدى. ئۇ مۇشۇ قاراشى بويىچە، 1978-يىلى 3-ئايدا، مەنى بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئىنستىتۇتى (ھازىرقى بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئەسلىي)غا ئەرەب تىلى ئۆگرەنىشكە ئەۋەتتى. 1979-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزى سۆزلەۋاتقان چاغاتاي تىلى دەرسىنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 1986-يىل 9-ئايدا، مەنى پارس تىلى ئۆگرەنىش ئۈچۈن بەيجىڭ ئۇنىۋەرسىتىتىغا ئەۋەتتى. ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى «چاغاتاي تىلى»، ۋەسىقە تەتقىقات ئەسەرى «نەۋائىي: ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە» ۋە ئىزاھلىق لۇغەت «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» قاتارلىق ژىرىك ئەسەرلەرنى ئىشلەش جەريانىدا، قورۇنۇپ قالماي دادىل ئىزدەنىشىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇددىئاسىدا، مەزكۇر ئەمگەكلەرنىڭ بىرىنجى ئورىگىنالىنى ئىشلەشنى ماڭا تاپشۇرۇپ، ئىدىتلىق ھالدا، مەنى ئىلمىي ئەمگەكتە پىشۇردى. مەنىڭ ئىشلەگەنلەرىمنى ئۈستىدىن ئۆزى بىر جۈملە-بىر جۈملەدىن كۆرۈپ، ئەستايىدىل تۈزەتىپ، ئەسەرلەرنىڭ سەۋىيەلىك پۈتۈپ چىقىشىنى كاپالەتلەندۈردى.

ئۇستاز خەمىت تۆمۈر يەتىك ئالىم ئىدى، ئەمما ئىلىم زومىگەرى ئەمەس ئىدى. بىز ئۇستاز-شاگىرت بولۇپ ئىلىم-مەئرىپەت مەسىلەلەرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە، ھەرگىزمۇ «سەن شاگىرت بولغاندىن كەيىن، مەنىڭ پىكىرىمگە تولۇق قوشۇلۇشۇڭ كەرەك» دەگەن ئويدا ۋە پوزىتسىيەدە بولمايتتى. مۇنازىرەلىك مەسىلەلەردە، ئالدىراپ خۇلاسە چىقارىۋەتمەيتتى، مەنىڭ پىكىرىمنىمۇ سەۋر بىلەن ئاڭلايتتى. مۇھاكىمەلەرنىڭ خۇلاسەسىنى ھامان ئوچۇق قويۇپ: «يەنە قاراپ باقايلى، يەنە ئىزدەنىپ كۆرەيلى» دەگەن گەپنى ئىشلەتىشكە ئامراق ئىدى. مەن «چاغاتاي تىلى» دەگەن ئاتالغۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» قىلىپ ئىشلەتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىمدا ۋە بۇ ھەقتىكى «‹چاغاتاي تىلى› دەگەن ئاتالغۇ توغراسىدا» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالەم «شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنالى»نىڭ 1992-يىللىق 3-سانىدا ئەلان قىلىنغان چاغدا، بىرىنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقان ۋە قوللاغان ئادەم—ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر بولدى. ئۇ شۇ چاغدا: «بۇ توغرا پىكىر. توغرا پىكىرنى قوللاش كەرەك» دەگەن ۋە ئەسلىدە «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» دەپ باشلاغان لۇغەتىمىزنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆز قولى بىلەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» دەپ ئۆزگەرتىپ، «كىرىش» قىسمىنى ئۆز قەلەمى بىلەن يازىپ بەرگەن ئىدى (ئۇ قۇتلۇق پوچۇركا ۋە ۋاراقلارنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاۋاتىمەن). مەن 1993-يىلى، ئون نەچچە يىللىق خاس ئىزدەنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يازىپ ھازىرلاغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالەلەر» ناملىق ئىلمىي ماقالەلەر توپلامىمغا نەشىر قىلىنىش ئالدىدا. ئۇستازىم ئۆز قولى بىلەن تەقرىز يازىپ بەرگەن بولدى.

مەن ئۇستاز خەمىت تۆمۈرگە ئىشەنگەنىم ۋە ئۇنىڭ ئىلىم قاراشىنى بىجانىدىل قوللاغانىم ئۈچۈن، ئۇ: «ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانىشنى توختاتىڭ ۋە چاغاتاي تىلى—ئەلىشىر نەۋائىي تىلى ۋە ئەسەرلەرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆمرۈڭىزنى ئاتاپ ئاتلانىڭ» دەگەن چاغىدا، مەن بويۇن تولغامادىم ۋە ھىچ ئىككىلەنمەيلا: «مائقۇل، ئۇستاز!» دەدىم. 1978-يىل 3-ئايدىن، 1982-يىل 7-ئايغىچە بولغان ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتەتىدىكى خىزمەتىمدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئەرەب تىلى ئۆگرەنىش جەريانىدامۇ، 1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە بولغان خىزمەتتىن ئايرىلماي تۇرۇپ پارس تىلى ئۆگرەنىش جەريانىدامۇ ئوخشاشلا ئۇستازىمغا بەرگەن ئەھدە سۆزۈمدە تۇردۇم، ھىكايە، شىئىر ۋە ئەدەبىي ئاخبارات يازىش قاتارلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمادىم. ئۇستازىممۇ ماڭا تۈشمۇ تۈشتىن ياڭىدىن ياڭى تەتقىقات ماۋزۇلارى بەلگەلەپ بەرىپ، مەنى بىكار قويمادى، مەنمۇ ئوي- پىكىرىمنى باشقا تەرەپكە چاچماي، زەھىن كۈچۈمنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي بىلىملەرىنى ئىگەلەش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆگرەنگەنلەرىمنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، ئىلمىي تەتقىقات ماقالەلەرى يازىشقالا سەرپ قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن 1980-يىلى يازغان «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار توغراسىدا» دىن تارتىپ، 2005-يىل «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالىنىڭ 1-سانىدا ئەلان قىلغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچەمىنى بەكىتىش ھەققىدە» (بۇ ئەسەرنىڭ مەن قويغان ماۋزۇسى<ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج>) گىچە چوڭ-كىچىك بىر يۈز ئەللىك پارچەدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە يازىپ ئەلان قىلدىم. ئۇستاز خەمىت تۆمۈر 1993-يىلى پەنسيونىر بولۇپ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەتكەندىن كەيىنمۇ ئۇنىڭ ئىزىنى باسىپ، ئۇ ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەرگەن ئىلىم مەشئەلىنى تاشلاۋەتمەي، ئۇ يەتەكلەگەن ۋە ۋايىغا يەتكىچە ئۆگرەنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلىملەرىنى سىستەمىلاشتۇرۇپ، 2004-يىل «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (ئۈچيۈز ئەللىك مىڭ خەتلىك خاس ئەسەر)، 2007-يىل «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» (تۆرت يۈز مىڭ خەتلىك خاس ئەسەر) ۋە 2014-يىل «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» (يەتتە يۈز مىڭ خەتلىك ژىرىك خاس ئەسەر) ۋە 2017-يىل “چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى يەتەكلەمەسى” (察哈台维吾尔语研究导论) (تۆرت يۈز ئەللىك مىڭ خەتلىك خەنزۇچە خاس ئەسەر) قاتارلىقلارنى نەشىر قىلدۇردۇم.

روشەنكى، مەنىڭ يۇقىرىدىكى ئىلمىي پائالىيەت ۋە ئەمگەكلەرىم ئەمەلىي ئۇقۇمدا، ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىلىم ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانىش ئىلمىي پائالىيەتلەرىنى ئۈنۈملۈك ۋە مول ھوسۇللۇق داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدۇر؛ مەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەلەرىم بولسا، ئەمەلىيەتتە، خەمىت تۆمۈر ئىلىم قاراشىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ رىئال ئەمەلىيەتىگە مۇناسىپ ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئۇيغۇن كەلىدىغان توغرا قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نەق پاكىتلاردۇر، دەپ قارايمەن.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى كەچۈرمىشلەرى

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەئلۇم بولدىكى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدا، كەسپىي ئاساسىي بىلىملەر ئوقۇتۇشىنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش كەرەك. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا قائىدەسى قاتارلىقلار ھەر قانداق يەردە ۋە ھەر قانداق چاغدا، كەسپىي ئاساسىي بىلىم دەرسلەرى كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ» دەگەن ئىلىم قاراشى ئاساسىدا، ئالدى بىلەن مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە، ئاندىن مەملىكەت مىقياسىدىكى باشقا ئۇيغۇر تىللىق ئالىي مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغان بىر مۇھىم دەرستۇر. ۋاھالەنكى، بۇ دەرسنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى مەزكۇر مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئۆزىدەمۇ باشتىن-ئاياغ بەك راۋان ۋە توسقۇنسىز بولغانمۇ ئەمەس. ئالايلۇق:

1988-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلەرىنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەر ھەققىدە كەڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئامماسىدىن پىكىر ئالىپ، دەرسلەرنى تەرتىپكە سالىش پائالىيەتىدە، بىر بۆلەك ئوقۇتقۇچىلار ۋە خەلى كۆپسانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرى بىلەن، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كافەدراسى رەھبەرلىكى تەرەپىدىن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تولۇق كۇرس دەرس سەتكەسىدىن ئالىپ تاشلاش، ئۇنى ئاسپرانتلارنىڭ بۇرچ دەرسلەرىدىن قىلىش» يەكۇنى چىقارىلغان بولدى. بۇ يەكۇن پىكىر كافەدرا مەئمۇرىيەتى تەرەپىدىن مەكتەپ مەئمۇرىيەتىگە يوللانغاندىن كەيىن، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلەرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقى ئۇستاز خەمىت تۆمۈر تەرەپىدىن كەسكىن رەد قىلىنغان ۋە قايتا ئامماۋى مۇزاكىرەگە سالىش، ئۆزى باش بولۇپ لىكسىيەلەر سۆزلەش ئارقالىق، بولۇشسىز پىكىر قىلغانلارنى قايىل قىلغاندىن كەيىن، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئاندىن ئەسلىي ئۆز پەتىچە ساقلاپ قالىنغان ئىدى.

مىلادىيە 2004-يىلى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى قۇرۇلدى. بۇ –پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۆئجىزە خاراكتىرلىك زور ئىش بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇ جۇڭگو، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى بولۇپ كەلمەكتە. ۋاھالەنكى، زامان شۇ چاغقا كەلگەندە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى رەھبەرلىكىنىڭ يەكلەش كۆزى نەمە ئۈچۈندۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىگە تىكىلىپ قالدى. 2005-يىل 9-ئايدا، بەيجىڭ شياڭشەن (香山)دىكى ئاز سانلىق مىللەت مەئمۇرىي كادىرلارىنى تەربىيەلەش ئىنستىتۇتى مىھمانخاناسىدا ئاچىلغان ئىككى كۈنلۈك فاكۇلتەت دەرسلەرىنى ياڭىباشتىن پىلانلاپ بەكىتىش يىغىنىدا، قەدىمقى ئۇيغۇرتىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسلەرىنى تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش دەرس سەتكەسىدىن ئالىپ تاشلاش، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇر تىلى تارىخى» دەگەن بىر دەرسنى تەسىس قىلىپ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلىملەرىنى مەزكۇر تارىخ دەرسىنىڭ بىردىن بابلارى قىلىپ سۆزلەش لايىھەسى ئوتتۇراغا قويۇلدى ۋە مۇتلەق كۆپ سانلىق يىغىن ئىشتىراكچىلارىنىڭ ئاجايىب قىزغىن قوللاشىغا ئەرىشتى.

بۇ  ۋاقىت چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم پەنسيونىر بولۇپ ئانا يۇرتقا قايتىپ كەتكەن ۋە ئۇ دەرسنى مەن ئابدۇرەئوپ پولات ئىز باسىپ سۆزلەپ كەلىۋاتقان چاغ ئىدى. مەن ئۇ يىغىندا، مۇتلەق چاچىلمادىم ۋە تەرىكمەدىم، پەقەت مەزكۇر دەرسنىڭ ھەممەمىزنىڭ ئۇستازى خەمىت تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ ئىلىم قاراشى ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان ۋە بوران چاپقۇنلۇق، ئەمما مول ھوسۇللۇق ئوتتۇز يىلنى باسىپ كەلگەن ئالاھىدە تۈسلۈك (特色) ۋە ھەقىقىي مۇھىم دەرس ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى دەرس سەتكەسىدىن ئالىپ تاشلاشقا ۋە يوقاتىۋەتىشكە مۇتلەق بولمايدىغانلىقىنى ئۇزۇن بايان ۋە تەپسىلىي پاكىتلار بىلەن شەرھلەپ كۆرسەتتىم. ئاخىرىدا، فاكۇلتەت پارتىيە ياچىيكاسىنىڭ شۇ چاغدىكى سەكىرتارى دوتسەنت ئارزۇگۈل ئابدۇللاھ خانىمنىڭ كۈچلۈك قوللاشى ئارقاسىدا، مىھنەتكەش چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى سالامەت ساقلانىپ قالدى.

قىسمەت، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە تەسىس قىلىنغان ۋە ئوتتۇز يىللىق ئۇزاق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلىيەتىدە، مول ھوسۇللۇق نەتىجە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، 2006-يىلى، بەيجىڭ شەھىرى بويىچە ئالىپ بارىلغان ئالىي مەكتەپلەردىكى زۆرۈر دەرسلەرنى باھالاش پائالىيەتىدە، شەرەپ بىلەن، «بەيجىڭ شەھىرى دەرىجەلىك سەر خىل دەرس» (北京市级精品课程) بولۇپ باھالانىپ مۇكاپاتلاندى.

پايتەخت ئىلىم مۇھىتىدىكى بۇ خىل بۈيۈك قوللاش ئارقاسىدا، تاكى 2015-يىلغىچە يەنە ساق ئون يىل چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ ئالاھىدە تۈسلۈك دەرسى بولۇپ كەلدى. مەن ئۇ دەرسنى كەيىنچە مەكتەپ مەئمۇرىيەتى رەھبەرلىكىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ئاچىلغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى» ۋە «نەۋائىي ئەسەرلەرى تەتقىقاتى» دەگەن دەرسلەر بىلەن بىر كالون بىر-بىرىنى قوللايدىغان ۋە تولۇقلايدىغان مەئرىپەت گەۋدەسى قىلىپ سۆزلەدىم. بۇ دەرسلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى دادىغا يەتكۈزۈپ ياخشى ئالىپ بارىش ئىھتىياجىدىن، 2005-يىل «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (مىللەتلەر نەشىرىياتى، ئالتە يۈز توقسان مىڭ خەتلىك)، 2009-يىل «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات» (مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى نەشىرىياتى، توققۇز يۈز يىگىرمە مىڭ خەتلىك) ۋە 2011-يىل «ئۇيغۇر تىلى لەكسىكولوگىيەسى ۋە لەكسىكا تەتقىقاتى» (مىللەتلەر نەشرىياتى، تۆرت يۈز مىڭ خەتلىك) قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇردۇم. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسەر شەرەپ بىلەن، 2009-يىللىق فرانكفورد دۇنيا كىتاب كۆرگەزمەسىگە قويۇلدى. «ئۇيغۇر تىلى لەكسىكولوگىيەسى ۋە لەكسىكا تەتقىقاتى» ناملىق خاس ئەسەر بولسا، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجەلەرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش»تا «تىلشۇناسلىق تۈرى بويىچە دۆلەت ئىككىنجى دەرىجەلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» باھالانىپ مۇكاپاتلاندى. شەكسىزكى، بۇلار مەنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ شەرەپى، شۇنداقلا، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئىلىم قاراشىنىڭ غەلىبە مىۋەسىدۇر، ئەلبەتتە!

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ كەلىچەكى ۋە خەمىت تۆمۈر ئىلىم قاراشىنىڭ ئىستىقبالى

مەن بۇ يازمامدا، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە، 1954-يىلدىن 1993-يىلغىچە بىر كەم قىرىق يىل ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تەرجىمەچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگەكى ئارقالىق ئىلىم ئەھلىنى قايىل قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىم خەمىت تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلىشتا ئاساس قىلغان ئىلىم قاراشى ھەققىدەلا توختالدىم.

ھالبۇكى، بىز ھەر قاتىم ئۇ سەردار ئۇستازنىڭ ئىش-ئىزلەرىنى ئەسكە ئالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇستازىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلەرىگە تالىق تەتقىقاتلارغا يانداشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئادەمىي پەزىلەتى ۋە ئومۇمىيەتلىك ئىلىم قاراشى ھەققىدەمۇ ئىزدەنىشىمىز لازىمكى، بۇ ئۆز نۆۋەتىدە تولامۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشتۇر. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئىنساندا، پەقەت توغرا دۇنيا قاراش، ماقۇل قىممەت قاراشى ۋە دۇرۇس ئىلىم تونۇشى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئۆزى شۇغۇللانغان ئىلمىي ئىش-ئەمگەكتە ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك نەتىجە قازىنالايدۇ. مەنىڭ تەتقىقاتىمچە، مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر توغرا قىممەت قاراشى ۋە دۇرۇس ئىلىم ئىدىيەسىگە ساھىب زات بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزى شۇغۇللانغان  ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ۋە مائارىپشۇناشلىق ساھەسىدە، ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك نەتىجىلەرنى قازانغان تۆھپەكار ئالىمدۇر.

يەنە دەسەك، تىل-يازىق ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتىمۇ خۇددى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلەرى ۋە مىللەتنىڭ ئۇزاق نىشانلىق ئارزۇ-ئارمانىغا ئوخشاشلا، ئەجدادنىڭ ئىزىنى ئەۋلاد باسىپ، پەشقەدەملەرنىڭ ئىشلەرىنى ياشلار داۋاملاملاشتۇرۇپ ماڭىشقا تەگىشلىك بولغان ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك، مۇشەققەتلىك، ئەمما شەرەپلىك ئىشتۇر.

ئەگەر ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ھەقلىق ئىكەن، ئۇنىڭ ئىلىم قاراشى سىز-بىزچەمۇ توغرا ئىكەن، ئۇ ھالدا، ھەممەمىز بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىلىم قاراشىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىشلەرىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. پەقەت شۇنداق قىلغاندالا، مۇناسىبەتلىك ئۇيغۇر تىللىق ئالىي مەكتەپلەردە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئەدەبىياتى دەرسلەرىنىڭ كەلىچەكى شانلىق، خەمىت تۆمۈر ئىلىم قاراشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، ئەلبەتتە!

“چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى”نىڭ مۇڭ-زارى

مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن پەقىر ئابدۇرەئوپ پولات 1976-يىل 9-ئايدا تۈزۈشكە باشلاپ، 1992-يىل 2-ئايدا، ئورىگىنالىنى پۈتتۈرۈپ نەشرىياتقا تاپشۇرغان لۇغەت «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» مىلادىيە 2016-يىل 3–ئايدا، ئاز كەم قىرىق يىل بولغاندا، بەيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقاتىلدى. بارەكاللاھ، سۆيۈنچلۈك ۋە مۇبارەك بولغاي!

سەمىمىيەتىم بىلەن دەسەم، مەن نەشىرىياتچى- ژۇرنالىستلارنى يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن ئوخشاش بولغان قىممەت تارازاسىدا قويۇپ باھالايمەن. بەلكى تەخى ئۇلارنى بەكرەك ھۆرمەتلەيمەن. چۈنكى، ئۇلار يازغۇچى، شائىر ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلەرىنى لىللاھ باھالاپ، ئۇ ئامانەت ئەمگەكلەرنى نەشىر قىلىپ، خەلق ئامماسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ بەرىدىغان ئەڭ خالىس ۋە تۆھپەكار ئىنسانلاركى، ئۇلار ياشىل چىراق ياقىپ بەرمەسە، سەنىڭ ئەمگەكىڭ ھەر قانچە ئالتۇن بولۇپ كەتسەمۇ، ئەخلەت قاتارىدا سانالىپ، بىر بۇلۇڭدا توپا باسىپ تۇرۇۋەرىدۇ!

شۇنداق، مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن مەن ئابدۇرەئوپ پولات 1976- يىل 9- ئايدىن باشلاپ، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» ناملىق ئوتتۇز مىڭچە تاق ۋە بىرىكمە سۆز ئىزاھلانماسى مۆلچەرلەنگەن بىر لۇغەتنى تۈزۈشكە كىرىشتۇق. سۆز مادداسى (词条) مەنبەسى مەملىكەت ئىچىدە نەشىر قىلىنغان كلاسسىك تىل-ئەدەبىياتقا تالىق كىتاب-ژۇرناللاردىن باشقا، مەملىكەت سىرتىدا شۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان تۈرلۈك تىللەردىكى مۇناسىۋەتلىك لۇغەت ۋە كىتابلار بولغاچ، ئۇلاردىكى چاغاتايچە سۆزلەرنى بىردىن-بىردىن تەرىپ كاپىيەن قىلىش مەنىڭ زىممەمدە بولدى. ئۇ چاغدا، كومپيوتەر تەخى بىزنىڭ قوللانمامىزغا كىرمەگەن بولغاچ، يازىش، كۆچۈرۈش پەقەتلا ئەمگەكچان قولىمىز بىلەن بەجىرەلەتتى. يەنە ئۇ زاماندا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە، لاتىن ھەرپىلىك ئۇيغۇر ياڭى يازىقى قوللانىلاتتى. مىڭبىر تەرسلىكتە كاپىيەن قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرسام، لاتىن ھەرپىلىك ياڭى يازىق ئەمەلدىن قالىپ، يەنە ئەرەب ھەرپىلىك قەدىناس ئۇيغۇر يازىقىنى قوللانىدىغانغا پەرمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر لۇغەتنىڭ لاتىن يازىقلىق كاپىيەنلەرىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنى ئەرەب ھەرپىدىكى كونا يازىقلىق كاپىيەنگە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.

مەيلى قانداق بولماسۇن، لۇغەت ئورىگنالىنى مانا شۇنداق تەكرارلانما ئەمگەكلەر بىلەن ئاخىرى كاپىيەنلەشتۈرۈپ بولدۇق. ئاندىن، ئۇنى ئەلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىپ، ئۆلچەملىك ئاق ئورىگنال قەغەزىگە كۆچۈردۇق. ئىملالىق، چىرايلىق يازىشنى تەلەب قىلىدىغان بۇ ئەمگەككە پىدائىي بولۇپ قاتناشقانلاردىن كۈنىمىزدىكى يازغۇچى ئەنۋەرھاجى مۇھەممەد ۋە رەژىسسور تاھىر ھامۇتلار ئاشۇ كەچۈرمىشلەرىمىزگە شاھىد بولۇپ تۇرۇپتۇ.

خەيرىيەت! مۇشەققەتنى يەڭىشنى شاراپەت بىلىپ ئىشلەپ، ساق ئون ئالتە يىلدا مەزكۇر  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» ناملىق دىۋە لۇغەتنىڭ ئۆلچەملىك ئورىگنالىنى تەييارلاپ پۈتكۈزدۇق. 1992- يىلنىڭ باشىدا، ئۇستازنىڭ تەئلىماتى بويىچە، مەن ئابدۇرەئوپ پولات ئۇنى مەئلۇم بىر نەشىرىياتقا ئاپىرىپ تاپشۇردۇم. تاپشۇرۇپ ئالغۇچى مەسئۇل كىشى كۈلەر يۈزلۈك، قىزغىن مۇئامىلەلىك ئىدى. كۆز ئالدىمدالا، خىزمەتچى چاقىرتىپ، ئەسەرنى تىزىملاپ، نەشىر قىلىشقا قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن خوشال ھالدا، ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم.

شۇ چاغدىن، ئالاھەزەل يەنە بىر يىل ئۆتكەندە، ئاتمىش ياشقا كىرىپ قالغان ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم كادىرلىق تۈزۈم-قائىدەسى بويىچە، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقىلىق ۋەزىپەسىدىن ئىستىيپا بەرىپ، نەپەر كادىر بولدى ۋە ئۇزۇنغا قالماي، ئانا يۇرتقا قايتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يازىق كومىتەتىدە، تەتقىقاتچى سالاھىيەتى بىلەن ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇستازىمىز ئۈچۈن، قىيماسلىق تۇيغۇسى ئىچىدە، ئۇزاتىش پائالىيەتلەرى قىلدۇق. مەن بىر ئۇزاتىش پائالىيەتىدە، مۇنۇ قەسىدەمنى نۇقتالىق نۇتۇق قىلىپ ئوقۇدۇم:

ئۇستاز قەسىدەسى

* * *

ياش ئىدۇق، گۆدەك ئىدۇق بەيجىڭغا كەلگەن چاغدا بىز،

بۇرنىمىزدىن تامچىلاپ تۇراتتى ئانا سۈتىمىز.

ياش ئىدۇق، ساددا ئىدۇق پەمۇ پاراسەتتە كىچىك،

ئويلاغان ئۇچۇشنى بىلمەيتتۇق قەيەرگە چۈشىمىز.

* * *

باش بولۇپ ئۇستاز خەمىت، نۇرنىسا خانىم شۇ چاغ،

سىيلاغان مىھرى بىلەن «كەلگىن بالام» دەپ باشىمىز.

بەردى ئۇلار ئەجرى قىلىپ ئىلىم-ھىكمەتتىن دەرس،

كۆرسەتىپ ئىرپان يولىن دەدى: «ئەنە ئىقبالىڭىز».

* * *

بولدى ئۇستاز تەئلىمى ھەر قاچان دەستۇر گويا،

ئۇچراغان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش قورالىمىز.

ئۆتتى كۈنلەر، ئۆتتى ئۆمۈر، نەچچە ئون يىللار ئەنە،

ئانا يۇرت، ئەزىز دىيار، يىراقتا ئاتا-ئانامىز.

* * *

يوق پۇشايمان شۇندامۇ، ياڭرار كۆڭۈلدىن بىر سادا:

«مىھرىبان ئۇستاز بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈرگە رازى بىز!»

ھە، بۈگۈن ئۇستاز چىقىپتۇ يۇرتقا يۆتكەلمەك سەپەر،

ئايرىلىش ئەجەبمۇ تەرسكەن، «ئۇھ!» چەكەر دىل تارىمىز.

* * *

قەلبىمىزنىڭ تۇرقى شۇ تاپ مىسلى تارىم دولقۇنى،

كۆڭلىمىزنىڭ تۆرىدە مىھمان غەيۇر ئوبرازىڭىز.

قەلبىمىزدە مىڭ پىكىر، مىليون پىكىر ئۆركەش ياسار،

جەملەسەك بىر جۈملەگە مۇنداق بولۇر دۇئايىمىز:

* * *

«نەدە بولسا،  ئى، ئۇستاز، بولغاي سالامەت تەنىڭىز،

تەڭرىتاغدەك بەجىرىم، ئۇزاق بولغاي ئۆمرىڭىز،

بۇ بىزنىڭ ئارمانىمىز، ئىرادەمىز، مۇرادىمىز!».

1992-يىل، 27-ئىيۇن، بەيجىڭ.

شۇ ئەسنادا، مەزكۇر لۇغەتىمىزنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەلىقى مەسئۇل كىشى مەنى چاقىرتىپتۇ. دەرھال بەرىپ، ئىشخاناسىغا كىرسەم، ئۇ يوغان بىر پارتىلاتقۇچ دوراسىدەك مەھكەم بۇقۇچلاپ چىگىلگەن ۋە ھىچبىر قول تەككۈزۈلگەنلىكىدىن ئىز-ئەسەرمۇ يوق لۇغەت ئورىگنالىمىزنى دوقۇسلاتقان ھالدا، قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە:

– كۆتۈر بۇ لۇغەتىڭنى، ئاداش! بۇ يەر خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات نەشىرىياتى ئەمەس، خەلق ئامماسىنىڭ نەشرىياتى. كىتابلارىڭدىن نەچچەنى نەشىر قىلىپ، چىقارىپ بەردۇق، بىر پىيالە سوغۇق سۈيۈڭنىمۇ كۆرمەدۇق. كۆتۈر! ماۋۇ بىر نەمەڭلەرنى ئەمدى، باشقا نەشىرىياتقا ئاپىرىپ چىقارىشىۋال!،- دەدى.

ئويلاپ قاراسام، نەشىرىياتچىنىڭ دەگەنلەرى يالغانمۇ ئەمەس ئىدى. راست، شۇ چاغقىچە بىر نەچچە پارچە كىتابىمىزنى مەزكۇر نەشىرىيات نەشىر قىلىپ بەرگەنىدى. ئەمما، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئەمگەكىمىزنىڭ ھالال، شۇ چاغلارنىڭ ئۆزىدە مەملىكەت ئىچىدە، مۇنداق بىر مۇكەممەل لۇغەت تەخى نەشىر قىلىنىپ باقماغان، تولامۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگەك ئىكەنلىكىمۇ ئەمەلىيەت ئىدى.

شۇڭا، نەشىرىياتچىنى بىردەم «ئەپەندىم» دەسەم، بىردەم «ئاكا» دەپ، ئىلتىماسىمىزنى تەكرار-تەكرار قەيت قىلىپ، يالۋۇردۇم گويا. مۇتلەق ئۈنۈم بەرمەدى. ئىلاجسىز، لۇغەت ئورىگنالىمىزنى قايتۇرۇپ كەلىپ، خەمىت ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. بولغان ۋاقىئەنى ئەينەن دوكلات قىلدىم ئۇستازغا.

ئۇستاز ئەپەندىم بىردەم جىم-جىتلىقتىن كەيىن، ئۇيغۇرچە موخۇركا تاماكاسىدىن ئاچچىق قىلىپ يۆرگەپ، بىر تال چەكتى. ئۆينىڭ ئىچى بىردەمدەلا لىق ئىسقا تولدى، ئۇستاز-شاگىرت ئىككىلەمىزنىڭ ئىچى ئاچچىق ئىچىدە تولغاناتتى.

– زىيالىيلار قوشۇنىمىزنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنچەلىك،- دەدى ئۇ ئۇزاق سۇكۇتتىن كەيىن،-  نەمە دەيمىز ئەمدى؟ بوپتۇ، مەن بۇنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، ئۇ يەردىكى نەشىرىياتلارغا تەڭلەپ باقاي.

شۇنداق قىلىپ، لۇغەتىمىز ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىمگە ھەمراھ بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەتتى. قىسمەت، لۇغەتىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلەرى ئوڭايراق ۋە قولايراق بولغان بولسا كىمنىڭ دەردى-ھە؟! سىلەردىن ھىچكىممۇ ئويلاپ باقماغان بولغىيدى، ئى، ئوقۇرمەنلەرىم! مەزكۇر لۇغەتىمىزنىڭ ئورىگىنالى يەنە ساق ئون يىل ئۆتكەندىن كەيىن، ئاشۇ مەن تونۇش كارتون قەغەزلىك يۆگەك، ئاشۇ مەن تونۇش شوينا-تاناپلار بىلەن چىگىلگەن پەتى بەيجىڭغا قايتىپ كەلدى. 2002-يىلى يازدا، بەيجىڭدىكى پەرزەنتلەرىنى يوقلاپ كەلگەن ئۇستازىمىز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم مەزكۇر لۇغەت ئورىگنالىنى قايتىدىن قولۇمغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

«قايتىپ بارىپلا ئۈرۈمچىدىكى بىر نەشىرىياتقا تاپشۇردۇم بۇ لۇغەت ئورىگنالىنى. ئۇ يەردە، ئىككى يىل تۇردى. ئارقادىن، يەنە بىر نەشىرىياتقا تاپشۇردۇم، ئۇ يەردە، تاكى مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يازىق كومىتەتىدىن پىنسىيەگە چىققىچە تۇردى. بىر كۈنى چاقىرتىپتۇ، بارسام، مەسئۇل نەشىرىياتچى:

– لۇغەتىڭىزلەر يامان ئەمەس ئىكەن،- دەدى ئۇ ئىرەڭسىزلىك بىلەن- ئەمما، ھەجىمى بەك چوڭ ئىكەن. بۇنىڭغا بىز پۇل چىقارىپ بولالماغۇدەكمىز شۇ تۇرۇقتا. مەنىڭچە، سىز يەنىلا بۇ لۇغەتىڭىزنى ئاشۇ ئۆمۈر تەرىڭىزنى ئاياماي تۆككەن كۇلى (口里ئىچكىرى ئۆلكە) رىڭىزغا ئاپىرىپ، شۇ يەردە چىقارىۋالساڭىز بولغۇدەك، مەرھەمەت!

– شۇنداق دەگەنىچە لۇغەتنى قولۇمغا كۆتۈرتۈپ قويدى، قاراڭ،- دەدى ئۇستاز خەمىت تۆمۈر تولامۇ خىجىلچىلىق ۋە نائىلاجلىقتا قالغان بىر تەرزدە،- ھەي،… ئامالسىزلىقتىن يەنە سىزگە ئەكەلدىم. كىم بىلۈر، ئەگەر ئۆمۈرۈم يەتمەسە، بۇ ئەمگەكنى نەشىر قىلدۇرۇش سىزگە ئامانەت قالدى-دە، ئەمدى!”

ئۇستازىم سۆزىنى تۈگەتىپ، باشىنى چايقاپ تۇرۇپ، ئاغىر خۇرسەنىپ قويدى. ئارامىزدا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۇكۇنات ھۆكۈمران بولدى شۇ چاغ.

بۇ ھىكايەتنى مۇشۇ يەردە ئۈزۈپ قويۇپ تۇراي. ئەمدى، سەن زادى نەمە دەمەكچى، دەسەڭلەر، مەنىڭ شۇ چاغدىكى ئاچچىق تەئسىراتىم شۇ: «خەرىدارىڭ بولماسا، زىيبالىقىڭ نە كەرەك» دەگەندەك، ئىلىم ئەرمەس، ئەمەل-مەنسەپ ھاكىم مۇتلەقلىق قىلىدىغان دۇنيادا، سەن ھەر قانچە دۇردانە ئەسەر يازىۋەتسەڭمۇ، ژۇرنالىست-نەشىرىياتچى ئاكاڭ خەرىدار بولماسا، ساڭا شاپائەت قىلماسا، ئەسەرىڭنى نەشىر قىلدۇرۇش مۇشەققەتلىكتە-تەرسلىكتە، ئۆزۈڭ بولساڭ، بىچارەلىكتە-نەھسلىكتە قالىۋەرىدىكەنسەن!

مىلادىيە 2006-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئىشلەرى مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن گۇرۇپپاسىنىڭ ئەزاسى (国务院学科组成员)، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقى، جۇڭگو تۈركىي تىللەر تەتقىقاتى جەمئىيەتىنىڭ ئىككىنجى قارار جەمئىيەت باشلىقى، ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم يەتمىش بەش ياشىدا، ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولۇپ كەتتى. ۋاي، دەرىخا! راست دەگەندەك، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نى نەشىر قىلدۇرۇشقا ئۇستازىمىزنىڭ ئۆمۈرى يەتىشمەدى.

ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كەيىن، مىراس ئەمگەك «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نى نەشىر قىلدۇرۇش ئۇزۇن سەپەرىنى مەن داۋاملاشتۇردۇم. 2009-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرامى مۇناسىۋەتى بىلەن، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفەسسور، دوكتور ۋىن رىخۇەن (文日焕) ئەپەندىنى زىيارەت قىلدىم. زىيارەت ئەسناسىدا، مەن ئۇنىڭغا مەزكۇر لۇغەتنىڭ تۈزۈلۈش ۋە نەشىرگە سۇنۇلۇش جەريانىنى تاڭىرقاشلىق ۋە ھاياجان ئىلكىدە تۇرۇپ، ھىكايە قىلىپ بەردىم. ئاخىردا، ئۇنىڭ قوللاپ قويۇشىنى، مۇمكىن بولسا، لۇغەت نەشىر قىلدۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشىنى تىلەدىم ۋە شۇبۇ تىلەك بىلەن يازغان ئىلتىماسىمنى ئىھتىرام بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. چاۋشيەن مىللەتىدىن بولغان بۇ مۆھتەرەم بىلىم ئادەمى شۇ قەدەر مۇھىم قورال كىتاب بولغان مەزكۇر لۇغەتنىڭ قىسمەتىدىن تۇيغۇلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دەرھال بىر ئىككى تەلىفون ئارقالىق، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كەيىن، ھايال قىلمايلا، ئىلتىماسىمغا ئەللىك مىڭ يۇەن خەلق پۇلى تەستىقلاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر نامىدىن ۋە ئۆز شەخسىمدىن سەمىمىي رەھمەت ئەيتتىم!

2009-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەللىك مىڭ يۇەن نەق پۇل بىلەن مەزكۇر لۇغەت ئورىگنالىنى كۆتۈرۈپ بارىپ، مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى ئەدەب بىلەن قاقتىم. ياقۇپ مۇھەممەتروزى مۇدىر ۋە قەيسەر قۇربان، ئەخمەتجان ھوشۇر مۇئاۋىن مۇدىرلار ئىززەت بىلەن قارشى ئالدى. مەقسەت-مۇددىئانى چۈشەنگەندىن كەيىن، ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارىدىن بولمىش بۇ ئەپەندىلەر بىر ئاغىزدىن: «بۇ لۇغەت تۈزۈلىۋاتقان چاغدا، بىزلەرمۇ ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئوقۇغۇچىلارى بولۇپ، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇۋاتقان ئىدۇق ۋە جاپالىق ئەمگەكلەرىڭىزلەردىن خەۋەرىمىز بار ئىدى. ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە، بۇ ژىرىك ئەسەرنى سۈپەتلىك قىلىپ نەشىر قىلىپ بەرىش بىزنىڭ زىممەمىزگە چۈشكەنلىكىدىن شەرەپ ھىس قىلىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، لۇغەت ئورىگنالىنى قوبۇل قىلدىلەر. تەبىئىيكى، مەن تولامۇ مەمنۇن بولدۇم.

خۇللەس كەلام، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (تۈزگۈچىلەر: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات) نىڭ ئاز كەم قىرىق يىللىق ئىسسىق-سوغۇق كەچۈرمىشلەرنى باشىدىن كۆچۈرۈپ، 2016-يىل 3–ئايدا نەشىردىن چىقىپ تارقاتىلغانلىقى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىق تارىخىدا ئانىق بىر بەت ئەسلەمە قالدۇرۇشقا ۋە مىسال قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر غوللۇق ئىشتۇر، ئەلبەتتە!

ئەمدى، مەزكۇر لۇغەتنىڭ بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان ئوخشاش ماۋزۇدىكى لۇغەتلەردىن پەرقى ۋە روشەن ئالاھىدەلىكلەرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالاي:

بىرىنجى. مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى تەتقىقاتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ياڭى سەۋىيەسى گەۋدەلەندۈرۈلگەن لۇغەت بولدى. ئالايلۇق، بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان ئوخشاش ماۋزۇدىكى لۇغەتلەردە، «چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يىگىرمە سەككىزدىن ئوتتۇز ئۈچكىچە ھەرپ قوللانىلغان» (قاراڭ: “جۇڭگو قامۇسى” قاتارلىق مۆتىۋەر لۇغەتلەرگە) دەيىلگەن، يەنى ھەتتا ھەرپ سانىمۇ ئىنتاڭ، چەكى توختاماغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»دە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە، مەھمۇد كاشغەرىي تۈزگەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە قوللانىلغان ھەرپلەرنى مەنبە قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا، «ئەلىف، بە، پە، تە، سە، جىيم، چىيم، ھە، خە، دا:ل (قوش چەكىت ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ)، زا:ل، رە، زە، ژە، سىين، شىين، سا:ت، زا:ت، ئىتقى، ئىزغى، ئەين، غەين، فە: ، قا:ف، كا:ف، گا:ف، لا:م، مىيم، نۇ:ن، ۋا:ۋ، ھا:ۋ، يا: ، ڭا: ، ھەمزە، ۋا:ۋ ئەلىف، يا:ئەلىف» ئاتالىدىغان جەمئىي ئوتتۇز ئالتە ھەرپ قوللانىلغانلىقى ئانىق زاكون ۋە مول پاكىتلار بىلەن كۆرسەتىلگەن بولدى.

ئىككىنجى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، «ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئى (تىل ئارقا  ї)، ئى ( تىل ئالدى i)» بولۇپ، جەمئىي سەككىز سوزۇق تاۋۇش ئىشلەتىلگەنلىكى ۋە بۇ ئارادا، «ئېe»، يەنى «ئېيىق»تىكى «ئې» ئوقۇلىدىغان سوزۇق تاۋۇشنىڭ مەۋجۇد بولماغانلىقىنى يەتىپ ئاشقۇدەك مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسەتىپ بەرىلگەن بولدى.

ئۈچىنجى. مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نىڭ ئاخىرىغا چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەلىپبەسىگە، يەنى چاغاتاي ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە تايانىپ، سۆزلەم ۋە ئۇنىڭ ئۇقۇم-مەئنەسىنى ئىزدەگىلى بولىدىغان ئاچقۇچ بەرىلدى. بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن، مەزكۇر لۇغەت شۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان باشقا لۇغەتلەردەك سۆز-كەلىمەلەرنى چاغاتايچە سۆزلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى بىلەن يازىلغان ئوقۇلغۇسى (ترانسكرىپسىيەسى) بويىچەلا ئەمەس، بەلكى يەنە چاغاتاي ئۇيغۇرچە ۋەسىقەلەردىكى ئەسلىي ھەرپلەرنىڭ ئۆزى ئاساسىدا سۆزلەم ئىزدەگىلى بولىدىغان تۇنجى لۇغەت بولۇپ قالدى.

تۆرتىنجى. مەزكۇر لۇغەتتە، كەڭ سەھىپە ئاجراتىپ، پۈتكۈل چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى دەۋرىدە ئىشلەتىلگەن ئەنئەنىۋى تۈرك-ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ كلاسسىك شەكلىنى تەپسىلىي كۆرسەتىشكە ۋە ئۇلارنى ئوچۇقلاپ ئىزاھلاشقا ئالاھىدە ئەتىبار بەرىلدى. مەسىلەن،  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «توققۇز»نىڭ كلاسسىك شەكلى بىر يەردە «توقۇز» كۆرۈنسە، يەنە بىر يەردە ئۇنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى «توكۇس» ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ھال ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ ئىشلەتىلىدىغان «تەلتۆكۈس» (قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (قىسقارتىلماسى) 290–بەت، 1999-يىل، شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى) بىرىكمە سۆزىنىڭ ئەتىمولوگىيەسى ئەسلىدە، «تەل» سۆزى بىلەن ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ چوڭ تاق سان بولغان «توكۇس»دىن تۈزۈلگەن بىرىكمە «تەل توكۇس» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەھمىيەتلىك يەرى شۇكى، بۇ بىر بىلىك ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «توققۇزى تەل، توققۇزى تەل بولماق» ئىدىئومى بىلەن «تەلتۆكۈس» بىرىكمەسىنىڭ بىرلىك ئالاقەسى، شەكىللەنىشى ۋە قوللانىلىش جەريانى قاتارلىقلارنىمۇ بىلىۋالىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ، ئەلبەتتە.

بەشىنجى. «نەۋائىي: بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىننىڭ لەقەبى» (قاراڭ: مەزكۇر لۇغەت 650-بەت، يۇقىرىدىن 19-قۇر). مانا بۇ ئۇيغۇر لۇغەتچىلىك تارىخىدا، بۈيۈك بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كىملىكىنى، مىللەت تەۋەلىكىنى دۇدۇقلاماي، تىلنى چايناماي، سۆز ئەتىمولوگىيەسى، ئۇقۇم-مەئنەسى ۋە لۇغەت ئاساسى بىلەن ئانىق قىلىپ كۆرسەتكەن تۇنجى لۇغەت بولغانلىقىمۇ ئۆزگەچە قىممەتكە ئىگە بىر ئالاھىدەلىكتۇر.

ئالتىنجى. ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مەزكۇر فورماتى ئون ئالتە كەسلەم، بىر مىڭ ئىككى يۈز ئون بەتلىك، ھەجىمى مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق كەلىدىغان دىۋە ئەسەر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نى پاكىز ئولتۇرۇپ، باشتىن ئاخىر كۆڭۈل قويۇپ بىر مۇتالىئە قىلىپ چىقسا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يازىقىنى بىلسەمۇ، ئۇنىڭ مۇرەككەپ شەكلى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى بىلمەيدىغان نىمساۋاتلىق ھالەتىدىن جەزمەن قۇتۇلىدۇ. بۇ ئارقالىق، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى ۋە بۈيۈك ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ مىراسى بولمىش ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ترانسكرىپسىيە-ئوقۇلغۇسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بوز ھالەتتىكى ئەسلىي يازىق شەكلىنىمۇ راۋان ئوقۇيالايدىغان ۋە تولۇق چۈشەنەلەيدىغان پۈتۈن زىيالىي بولالايدۇ، چوقۇم!

چۈنكى، بۇ – قىرىق يىل تۈجۈبىلەپ تۈزۈش، قىرىق يىل شاللاش-سۈزۈش ۋە قىرىق يىل سەپ يارىپ بۆسۈپ-ئۈزۈش نەتىجەسىدە، شەرەپ بىلەن نەشىردىن چىققان بىباھا لۇغەتتۇركى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەم بولغانى بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي كارۋانباشى بولغان ئۇيغۇر تۈرك ئىلىم ئادەملەرىدىن كەلىۋاتقان ۋە ئەسىرلەر ھالقىش قۇدرەتىگە ساھىب ئىلمىي ئەمگەكلىك ئۈزۈلمەس ئۇدۇمدۇر!

خەمىت تۆمۈر ئەمگەكلەرى مەملىكەتلىك يىغىن ئارقالىق خاتىرەلەنگەن كۈنى

2016-يىل 11-ئاينىڭ 26-،27-كۈنلەرى، بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە، “جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جەمئىيەتىنىڭ ئون ئىككىنجى نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ۋە خەمىت تۆمۈر تەۋەللۇتىنىڭ سەكسەن بەش يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى” ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىككى كۈنلۈك مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئاساس قىلغان مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلارىدىن كەلگەن بىر يۈز ئەللىكتىن ئارتۇق ئىلىم ئادەمى قاتناشتى. ئىجتىمائىي پەنلەر بىناسىنىڭ بىرىنجى قەۋەت چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى كۈنلۈك ئومۇمىي يىغىندا، ئاتاقلىق تۇڭگان ئالىمى، مەرھۇم خەمىت تۆمۈرنىڭ سالداشى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئىلىم سەپداشى، پروفەسسور  مۇھەممەد خۇجىنخۇا ئەپەندى ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىلىم ھاياتىنى ۋە ئۆرنەك ئىلمىي ئەمگەكلەرىنى مول ئەمەلىي مىساللار بىلەن تونۇشتۇردى؛ ئارقادىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمە ئىدارەسىنىڭ باشلىقى ئاتاقلىق تەرجىمەشۇناس تەلئەت ئىبراھىم ئەپەندى ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمەشۇناسلىقى ساھەسى بويىچە قوشقان ئۆلۈمسىز تۆھپە ئەمگەكلەرىنى نۇقتالىق تونۇشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

ئىككى كۈنلۈك يىغىننىڭ ئارالىق دەم ئالىش-تەنەپپۇس ۋاقىتلارىدا، ئۇيغۇر فاكۇلتەتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشماسى  ئۇيۇشتۇرغان “چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى” تەنتەنەسى ئۈچۈن، ئىمزالىق كىتاب ساتىش پائالىيەتى بولدى. يىگىرمەنجى ئەسىرنىڭ يەتمىشلىك يىللارى تۈزۈلۈشكە باشلاپ، يىگىرمە بىرىنجى ئەسىرنىڭ ئىككىنجى ئونۇنجى يىللارىدا نەشىردىن چىققان مەزكۇر قورال كىتابنى يىغىن ئىشتىراكچىلارىدىن باشقا، مەركەزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، مەركەزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارەسى كادىرلارى ۋە بەيجىڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان غايەلىك ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار، ھەتتا بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن ئۇيغۇر فاكۇلتەتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارى تەلىفون ئارقالىق خەرىدار بولۇپ، بەھس-بەھستە ساتىۋالىشتىلار.

مەن بۇ پائالىيەت سورۇنىنىڭ تۆرىدە خاس سالاپەت ۋە ماقۇل قىياپەت بىلەن كۆرەڭ ئولتۇرۇپ، لۇغەتىمىزنىڭ ئىچ مۇقاۋا يۈزىگە ئىمزا قويۇپ بەردىم. ئىمزا قويغاندا، مۆھتەرەم ئۇستازىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالماغانىم ھالا ئەسىمدە:

خەمىت تۆمۈر – شانلىق ئۆمۈر،

ئابدۇرەئوپ پولات – پىداكار ھايات.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top