• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ 85-سانلىق قارارى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ 85-سانلىق قارارى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەت ئەزالار مەجلىسىنىڭ 1945-يىلى 22-ئاۋغۇست 85-سانلىق قارارى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبىرىي ئەزالىرى، 1945-يىل، غۇلجا

ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: 2-چامشى مامىيوۋ، 3-مەھەممەتجان مەخسۇم، 4-ئابدۇمۇتائالى خەلپەت، 5-ئېلىخان تۆرە ساغۇنى، 6- ھېكىمبەگ خوجا، 7-باسباي چولاق ئوغلى باپىن، 8- رەخىمجان سابىرھاجى، 9-موسكاليوۋ. ئارقا رەت ئوڭدىن سولغا: 6- ئەنۋەر مۇسابايوۋ، 7-ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى، 9-ئەخمەتجان قاسىمى


1- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت زىمىنىدا زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرىشىمىزنىڭ غالىبىيىتىنى تېزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت مالىيە نازارىتى تەرىپىدىن 300 مىليون سوم غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەسى چىقىرىلسۇن.

2- غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەنىڭ سۈرۈكى 5 يىل بولۇپ، ھەر يىل ئىچىدە غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقە ئالغۇچىلارغا %20 دىن تۆلىنىپ، 5 يىل سۈرۈكتە، يەنى 1950-يىلىدا تامام بېرىلىپ، غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەسى قايتۇرۇپ ئېلىنىدۇ. غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەسىنىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپى، ئالدى تەرەپتە مۇسۇلمانچە، روسچە، موڭغۇلچە خەتلەر بىلەن بېزەلسۇن. ئارقا تەرىپىدە غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز  ۋەرەقەنىڭ تەرتىبلىرى كۆرسىتىلسۇن.

3- غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەنىڭ تۈرلىرى 7 قىسىمغا بۆلۈنۈپ، يەنى 100 دوللارلىق. 200 دوللارلىق، 500 دوللارلىق، 1000 دوللارلىق، 3000 دوللارلىق، 5000 دوللارلىق، 10000 دوللارلىق بولۇپ ھېسابلانسۇن.

4- غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەسى ۋىلايەتلەرگە تۆۋەندىكىچە تەقسىم قىلىنسۇن:

1) ئىلى ۋىلايىتىگە 150 مىليون 2) تارباغاتاي ۋىلايىتىگە 100 مىليون 3) ئالتاي ۋىلايىتىگە 50 مىليون

5- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەسى چىقىرىش كومېسسىيەلىرى تۆۋەندىكىچە تەسىس قىلىنسۇن:

ئا. كومېسسىيە رەئىسلىكىگە ئېلىخان تۆرەم جانابلىرى تەيىن قىلىنسۇن.

ب. مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىگەئەنۋەر مۇسابايېف تەيىن قىلىنسۇن.

ت. كومېسسىيە ئەزالىرىغا سالىجانباي، ئابدۇمۇتائالى خەلپەم ھەزرەتلىرى، ۋاققاس ھاجىم، پالتابايېف، سودىگەرلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇراھمان بايۋەچچە، جابىقباي ئاقالاقچى، سۇزائاخۇن، شۇتۇفلار تەيىن قىلىنسۇن.

6- غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقەسىنى ناھىيەلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ چىقىش ۋە ناھىيەلەردە غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقە تارقىتىش كومېسسىيەلىرى تۈزۈپ چىقىپ، ھۆكۈمەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش مالىيە خەلق خوجىلىق نازارىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە يۈكلەنسۇن.

7- غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقە تارقىتىش ۋاقتى 1-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگە قەدەر بىر ئاي بولۇپ، بۇ ۋاقت ئىچىدە غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقە ئاقچالىرى تامامى بىلەن يىغىپ ئېلىنسۇن.

8- غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقە تارقىتىش ئىشىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت زىمىنىدىكى كەڭ خەلق ئاممىمىزغا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ۋە خەلقىمىزنىڭ غالىبىيەت ئۈچۈن قەرز ۋەرەقە ئېلىش قىزغىن كەيپىياتلىرىنى قوزغاش ئۈچۈن دۆلەت نەشرى ئەفكارى بويىچە ئاممىۋى تەشۋىقات يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتى ھۆكۈمەت تەشۋىقات بۆلۈمىگە يۈكلەنسۇن.

ھۆكۈمەت رەئىسى: ئېلىخان تۆرەم

ئەسلىگە ھۆكۈمەت رەئىسى ئىمزا قىلغان

ئەسلىگە توغرى (ئوخشاش)

 

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


مەزكۇر قارارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي مالىيە ھەم خەلق خوجىلىق نازارىتىنىڭ تامغىسى:

مەزكۇر قارار نەتىجىسىدە تارقىتىلغان تۈرلۈك قىممەتتىكى زايوملار:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top