• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » «ئەرك شۇئارى» – پولات قادىرى

«ئەرك شۇئارى» – پولات قادىرى

ئەرك شۇئارى

پولات قادىرى

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1947-يىلى يازدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان «ئەرك» گېزىتىنىڭ ھاشىيەسىگە يېزىلغان ئالتە شۇئارغا ئىزاھات بېرىلگەن كىتابچە ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ كىتابچە شۇ يىللىرى 1500 تىراژ بىلەن بېسىپ تارقىتىلغان ئىكەن. بۇ كىتابچە ئۈچ ئەپەندىلەر ھەققىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا بېرىلگەن باھالار، بولۇپمۇ ئۇلارغا داۋاملىق كىيدۈرۈلۈپ كەلگەن «پان تۈركىست»، «پان ئىسلامىست»لىق قالپىقىغا مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مۇھىم شەخسلىرىدىن بىرى بولغان يازغۇچى پولات قادىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن كۈچلۈك رەددىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئەرك شۇئارى» ئۈچ ئەپەندىلەر باشچىلىقىدىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرىنى تونۇش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى. 


ئالتاي نەشىرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئەرك» غەزىتەسى (گېزىتى) نىڭ بېشىغا «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز، ئىرقىمىز تۈركدۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن شۇئار يېزىلغان. بۇ شۇئارلار يۇرتىمىزنىڭ تىلىكىگە ئۇيغۇن، زامانىۋىي نەزىرىيەگە ئاساسلانغان بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، بىلىپ ئالمىقىغا ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن خەلقىمىزگە بىر مۇزاكىرە قوللانمىسى ھازىرلەپ بەرمەك، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى خاتا مەنا ئاڭلاتقۇچىلارغا ئىزاھات كۆرسەتمەكنى ئېتىبارغا ئېلىپ، بۇ ئاددىي مەلۇماتنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلماق زۆرۈر بولۇپ قالدى.

«ئەرك»نىڭ بۇ شۇئارىنى بەزىلەر ئۆز مەناسى بىلەن ئاڭلىغان (چۈشەنگەن) بولسىمۇ، ئازچىلىق كىشىلەر تولۇق چۈشۈنۈپ يېتەلمەي، خاتا مەنا بېرىشكەنلەرمۇ بولدى. بۇ خاتا مەنا بەرگۈچىلەر بۇ شۇئارنىڭ ئارقىسىدا «تار مىللەتچىلىك، پانتۈركىستلىق، پانئىسلاملىق ۋە ياكى باشقا سىياسىي مەقسەت بار» دېگەن چۈشەنچىدە بولۇشقان.

بۇ شۇئار ئىچىدىن «تار مىللەتچىلىك، پانتۈركىستلىق، پانئىسلاملىق» مەنا چىقارماق خاتادۇر. بۇ ئەرك شۇئارى بولسا، دۆلەت مەسلىكى، يۇرتىمىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئالتاي نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئەيسابەگ ئەپەندىمنىڭ بىر قانچە يىللىق سىياسىي كۆرىشىدىن ئالغان تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ مەيدانغا ئېتىلغان. دېمەك دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى بىردەك كۆزدە تۇتقان.

ئەرك شۇئارىنىڭ ئۈچى «خەلقچىللىق، ئىنسانىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك»نى تەشەببۇس قىلىدۇ. قالغان ئۈچى «ئىرقىمىزنى، دىنىمىزنى، يۇرتىمىزنى» خەلقىمىزگە تونۇشتۇرماقنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا بۇ شۇئارنىڭ پەۋقۇلادە باشقا مەقسىتى ياكى باشقا بىر سىياسىي قەستى يوق. بىز بۇ شۇئارلارنى تۆۋەندە بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمىز:

بىز خەلقچىمىز (دېموكراتىيەچىمىز)

يۇرتىمىزدا تاكى كېيىنكى زامانلارغا قەدەر خەلقچىللىق (دېموكراتىيە) يول يۈرگۈزۈلمەي، سىياسىي ئىشلار خەلق تىلىكى بويىچە بولماي ۋە خەلق ئۆز پىكرىنى خالىغانچە مەيدانغا ئاتالماي كەلگەنلىكىدىن ھۆكۈمەت خەلقنىڭ خوجايىنى، خەلق ھۆكۈمەتنىڭ قۇلى ھېسابىدا بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۇرت بېشىغا يامان ئادەملەر چىقىپ ئېلىپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەربىر تەرەپتىن بوغۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىزگە ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە خەلقچىللىق بولغانلىقتىن، پۈتۈن دۇنيا بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئالىي يول خەلقچىللىق دەپ، خەلقچىللىققە قاراپ ماڭغانلىقتىن «ئەرك» بۇ شۇئارنى مەيدانغا ئاتقان.

يۇرتىمىزدا بىر يىلدىن بۇيان خەلقچىللىق يولى يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، ھەربىر يۇرتنىڭ ھاكىم، ۋالىيلىرى خەلق تەرىپىدىن سايلاندى. خەلق ئۆزى ئىستىگەن ئادەملەرنى سايلاش، ئۆزى ئىستىمىگەن ئادەملەرنى ئورنىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. دېمەك يۇرتىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى-يامان كۈنگە قېلىشى، يۇرت بېشىغا چىققان  ئادەملەرنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغا باغلىق. يۇرت بېشىغا چىققۇچىلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى خەلقنىڭ قانداق بىر ئادەمنى سايلاپ بېرىشىگە باغلىق. دېمەك يۇرتىمىزنىڭ بىر بۆلۈم تەقدىرى يۇرت بېشىغا چىققانلارنىڭ قولىدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر خەلقىمىزنىڭ يۇرت قايغۇسىنى قايغۇرىدىغان، يۇرتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىستەيدىغان، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئادەملەرنى تاللاپ سايلىيالىسا، يۇرتنىڭ ئىشلىرى ياخشى ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشەلىسە، يۇرتىمىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خەلقىمىزنىڭ بۇ خەلقچىللىق يولىدىن ھەقىقىي تولۇق پايدىلىنالىشىغا باغلىق. دېمەك، يۇرتىمىز ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسە خەلقچىللىق ئىكەن. ئەگەر خەلقچىللىق يوقالسا، يۇرتىمىزنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇلىشىدۇ.

ئۇنىڭ سىرتىدا خەلقچىللىق ئىجرا قىلىنغاندىلا يۇرت، مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى خەلق ھۆكۈمەتكە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر ھۆۆۈمەت تەرىپىدىن ياكى ئايرىم بىر گۇرۇھ تەرىپىدىن يۇرت، مىللەتكە بىرەر زىيانلىق ھەرىكەت مەيدانغا چىقىپ قالسا، ئۇنى توسۇشقا سۆز ئاچالايدۇ. خەلقچىللىق بولغاندىلا خەلقىمىز يۇرتىمىزغا پايدىلىق بارلىق ئىشلارنى ئەركىن ئىشلەشكە قادىر بولالايدۇ. مانا بۇ خەلقچىللىق يۇرتىمىز ئۈچۈن بەك پايدىلىق بولغانلىقىدىن خەلقىمىزنىڭ بۇ يولنى تولۇق چۈشىنىپ، توغرا پايدىلىنىپ، ئەبەدىي داۋام قىلدۇرمىقىنى ئىستەپ، ئەرك بۇ شۇئارنى مەيدانغا ئاتقان.

بىز مىللەتچىمىز

دۇنيانىڭ بۈيۈك سىياسەتچىلىرىدىن بىرى بولغان سۈن ياتسىن (سۈن جۇڭشەن) «مىللەتچىلىك مىللەتنى قۇتقۇزىدىغان گۆھەر» دەپ ئېيتقان. چىن مىللىتىنى تىرىلدۈرمەك ئۈچۈن ئۆز مەسلىكىدە مىللەتچىلىكنى ئاساس قىلغان. بۇ قېتىم ياپون ئۈستىدىن غالىپ بولغانلىقى چىننىڭ مىللەتچىلىك كۈچىدۇر. ھازىرقى دۇنيادىكى زور كۈچلۈك مىللەتلەردىن تاكى كىچىك مىللەتلەرگە قەدەر ھەممىسىدە مىللەتچىلىك بار. ئاجىز مىللەتلەر ئېغىزدا ۋارقىراپ مىللەتچىلىك قىلسا، كۈچلۈك مىللەتلەر ئېغىزدا بەينەلمىلەل (ئىنتىرناتسىئونالىزىم) دەپ ۋارقىراپ، ئەمەلدە مىللەتچىلىك قىلماقتا. دۇنيادا مىللىي مەسىلە تۈگىمەي تۇرۇپ، ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەت ئالدىنقى شەرت بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئېغىزدا سۆزلەنسۇن-سۆزلەنمىسۇن مىللەتچىلىك يوقالمايدۇ. دۇنيادا ئەڭ ئالغا كەتكەن مىللەت ۋە ئەڭ كۆپ بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) يولىنى تۇرتقان مىللەت ئېنگىلىز مىللىتى بولۇپ تۇرۇقلۇق، چېرچىلىل ئۆتكەن يىل ئوچۇقتىن ئوچۇق «دۇنيادا ئېنگىلىز تىلى سۆزلىگۈچىلەر بىرلىشىپ بىر ئىتتىپاق»تۈزمەكنى مەيدانغا ئاتتى. «ياۋروپا ساياھىتى» ناملىق كىتابنىڭ 50-بېتىدە «ئېنگىلىزلار ئۆز مىللىتىنى سۆيگەن دەرىجىدە ئاشىق ئۆزىنىڭ مەشۇقىنىمۇ سۆيەلمەس، ھەتتا تىياتىرلاردا ئۆز مىللەتچىلىكىنى كۆرسەتمىگۈچە ئۇ قالمايدۇ، ئېنگىلىزلارنىڭ كۆپچىلىكى ياۋروپا تىللىرىنىڭ بىر نەچچىسىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۆز تىللىرىنى سۆيىدۇ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ، باشقىلار بۇلارغا يات تىلدا سۆزلىسىمۇ، بۇلار ئۆز تىللىرىدا جاۋاب بېرىدۇ» دەپ يېزىلغان. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش بىز مىللەتچىلىككە قارشىمىز دەپ ۋارقىراپ يۈرگەن باشقا كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مىللەتچىلىك بار. بۇنىڭ ئۈچۈن مىڭ جايدىن ئىسپات تاپالايمىز. ھەممە كۈچلۈك مىللەت ئۆز مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتمەك ۋە ئۆز دائىرىسى ئاسىتىدا بولغان ئۇششاق مىللەتلەرنى ئۆز دائىرىسى ئاستىدا ساقلاپ قالماق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مىللي ھېسىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىپ، مىللەتچىلىكنى يامان بىر نەرسە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى مىللەتچىلىك مىللىي مەنپەئەتلەر باراۋەر تەقسىم قىلىنمىغانلىقى ۋە كۈچلۈك مىللەت ئاجىز مىللەت مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن كەلگەن. ئەگەر دۇنيادا مىللىي مەنپەئەت باراۋەر تەقسىم قىلىنمايدىكەن، مىللەتچىلىك ھەرگىز يوقالمايدۇ. قاچانكى مىللىي مەنپەئەت باراۋەر تەقسىم قىلىنغان زامانغا يەتكەندە مىللەتچىلىك ئۆز ئۆزىدىن يوقايدۇ.

بىزنىڭ مىللىتىمىز مەھكۇم مىللەت بولۇپ كەلگەنلىكىدىن مىللىتىمىزنىڭ مىللىي روھىغا يول بېرىلمىگەن، مىللەتچىلىكنى زىيانلىق، يامان بىر نەرسە قىلىپ كۆرسەتكەن. شىڭ شىسەي ۋاقتىدا مىللەتچىلىك يوقالسۇن دەپ ۋارقىراپ، ياشلارغا، خەلقىمىزگە بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) روھىدا تەربىيە بەرگەن. شۇنىڭ ئارقىسىدا، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مىللىي روھى ئۆسمەي قالغان ئىدى. سۈن ياتسىن ئېيتقاندەك:« مىللەتچىلىك مىللەتنى تىرىلدۈرىدىغان گۆھەردۇر». خەلقىمىزنى، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) كېسىلىدىن قۇتقۇزۇپ، مىللىتىمىزگە ئەڭ كېرەكلىك مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلماق ئۈچۈن «ئەرك» بۇ شۇئارنى مەيدانغا ئاتقان.

مىللەتچىلىك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بەزى مىللەتچىلىك يالغۇز ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋە ئۆز مىللىتىگە پايدا كەلتۈرمەك ئۈچۈن باشقا بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. بەزى مىللەتچىلىك يالغۇز ئۆز مىللىتىنىلا ئەلا كۆرۈپ، باشقا مىللەتنى تۆۋەن كۆرۈپ ھاقارەت قىلىدۇ. بەزى مىللەتچىلىك يالغۇز ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ، باشقا مىللەتنىڭ ئوت ئىچىدە قالغىنى بىلەن كارى بولمايدۇ.

ئەمما ئەركنىڭ تەشەببۇس قىلغان مىللەتچىلىكى ھەقىقىي مىللەتچىلىكتۇر. يەنى بۇ مىللەتچىلىك ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان جايدا باشقا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەم كۆزدە تۇتىدۇ. يالغۇز ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ. ئەگەر يالغۇز ئۆز مىللىتىگە پايدا كەلتۈرۈپ، باشقا بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان بېرىدىغان بىر ئىش بولسا ئۇنى ھەرگىز ئىشلىمەيدۇ. ئۆز مىللىتىگە پايدا كېلىدىغان شۇنىڭدەك باشقا بىر مىللەتكە باراۋەر پايدا كېلىدىغان ئىش بولسا ئۇنى ئىشلەيدۇ. دېمەك، ئۆزىنى ئەلا دېگەن جايدا باشقىلارنى ھەم ئەلا بىلىدىغان، ئۆزىنى قايغۇرغان جايدا باشقىلارنى ھەم باراۋەر قايغۇرىدىغان، ئەزمەيدىغان ۋە ئېزىلمەيدىغان ئىنسانىي مىللەتچىلىكتۇر. بىزگە بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) ھەم كېرەك. بىز ئۈچۈن مىللەتچىلىك بىرىنچى ئورۇندا، بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەممە مىللەت مەنپەئەتىنى باراۋەر تەقسىم قىلىپ دۇنيا بۈيۈك بىرلىكىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان زاماندا بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ. ھازىر بىزگە بەينەلمىلەلچىلىك (ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلىق) تىن ئوشۇق مىللەتچىلىك پايدىلىق.

بىز ئىنسانىيەتچىمىز

ھازىرقى پۈتۈن دۇنيادا بولۇۋاتقان غەۋغا، ھەرخىل ئۇرۇش تالاشنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەر دەپ قارالمىغانلىقىدىن پەيدا بولماقتا. بىراۋنىڭ بىراۋنى بوزەك ئەتكىنى، بىراۋنىڭ پايدىسىنى بىراۋنىڭ تارتىپ ئالغانلىقى، ئۆزى ئۈچۈن باشقىنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىكى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتسىزلىكتۇر. دۇنيادىكى زور پاجىئەلەردىن باشلاپ تاكى شەخسلەر ئارىسىدا بولىدىغان پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتسىزلىكتىن پەيدا بولىدۇ. دۇنيانى ئوتقا تىقىدىغان ئىنسانىيەتسىزلىك، ئوتتىن قۇتقۇزىدىغان ئىنسانىيەتچىلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەتچىلىك دۇنيا بويىچە بولسۇن، ياكى ئۆلكىمىزدە بولسۇن بەك مۇھىم بولغانلىقتىن «ئەرك» خەلقىمىزنى ئىنسانىيەتچىلىككە، ھەممىنى بىر ئىنسانلىق كۆزدە قارىماققا، يۇرتىمىزدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىنسانىيەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلماققا دەۋەت قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ شۇئارنى مەيدانغا ئاتقان.

ئىرقىمىز تۈركدۇر

دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ قايسى مىللەت ۋە قايسى ئىرقتىن بولغىنىنى بىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ قايسى مىللەت، قايسى ئىرققا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەك لازىم. بىز ئۆز مىللىتىمىزنى ئۇنۇتتۇرۇپ قويغان ھالدا قالغان مىللەتمىز. ئۆزىمىزنىڭ قايسى ئىرققا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيمىز. مىللىتىمىزنىڭ ئىسمىنى ھەم بىلمەيمىز. بىر زامانلارغىچە ئۆزىمىزنى چەنتۇ مىللىتى، مۇسۇلمان مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى دەپ يۈرگۈزۈپ كەلدۇق. بۇلار بىزنىڭ مىللەت ئىسمىمىز ئەمەس. بىزنىڭ مىللەت ئىسمىمىز بىر «تۈرك». چەنتۇ دېگەن نام خەنسۇلار قويغان نام. دۇنيادا مۇسۇلمان مىللىتى دەپ مىللەت بولمايدۇ. مۇسۇلمان دېگەن مىللەت ئىسمى ئەمەس، دىن ئىسمى. ئۇيغۇر ھەم مىللەت ئىسمىمىز ئەمەس، بىر ئايماقنىڭ ئىسمىدۇر. شىڭ شىسەي ۋاقتىدا بىزنى بىر-بىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، ئۆزبېك مىللىتى، تارانچى مىللىتى دەپ بىر قانچە مىللەتكە پارچىلاپ تاشلىغان. ئىرقىمىز تۈرك بولغان بۇ مىللەت ئىچىگە قازاق، تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز، تارانچى، تاجىك، تۈركمەن، ئۇيغۇر بولۇپ 30 دىن ئارتۇق ئايماق كىرىدۇ. بۇلارنىڭ تىلى بىر، قېنى بىر، تارىخى بىردۇر. دۇنيادا يۈز مىليونغا قەدەر تۈرك مىللىتى بار. بۇلارنىڭ كۆپرەكى بىز تۇرغان شەرقىي تۈركىستاندا، سوۋېت قول ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئىراندا، ئافغانىستاندا، تۈركىيەدە ياشايدۇ. يۇرتىمىزدا ياشىغۇچى تۈركلەر بولسا، ئومۇمەن دۇنيانىڭ ھەربىر جايىدا ياشىغان تۈركلەرنىڭ بىر پارچىسىدۇر. دېمەك بىز تارىخمىزدىن تارتىپ تۈركمىز. تاكى ئاخىرغا قەدەر تۈركلىك بىلەن ئۆتىمىز.

بۇ تۈركلىكتىن «پان تۈركىزىم»لىق مەنا چىقمايدۇ. «پان تۈركىزىم» دېمەك پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلەرنى  بىرلەشتۈرۈپ، بۈيۈك بىر تۈرك دۆلىتىنى مەيدانغا كەلتۈرمەك، يەنى بۇرۇنقى ئاتىللا، ئوغۇزخان دۆلىتىنى قايتا تىرىلدۈرمەك دېمەكتۇر. بۇ «پان تۈركىزىم» بۇ دەۋرىمىزدە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. چۈنكى «پان تۈركىزىم» ۋۇجۇدقا چىقمىقى ئۈچۈن تۈركلەرنىڭ سوۋېت، ئىران، ئافغان، چىن قول ئاستىدىن چىقمىقى لازىم. بۇنىڭغا ھازىر مۇمكىنمۇ. ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان مەسلەكنى ئەرك ھەرگىز مەيدانغا ئاتمايدۇ. بىر نەزەرىيەنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمىقى ئۈچۈن شارائىت، ئۆز مىللىتىنىڭ قۇۋۋىتى ھازىرلانماق لازىم. بۇ شارائىت، بۇ كۈچ ھازىر تۈرك مىللىتىدە يوق. روسىيەدە سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش ئالدىدا تاتارلار باش بولغان ھالدا «پان تۈركىزىم»يولىدا ناھايىتى جىددىي ئىش باشلانغان. بۇنىڭغا پۈتۈن روس قول ئاستىدىكى تۈركلەر قوشۇلغان. ئاخىرى ۋۇجۇتقا چىقماي سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش بىلەن تۈزدۈرۈلدى. شۇ ۋاقتتىكى «پان تۈركىزىم» تەسىرى سوۋېتتا 1936-يىللىرىغا قەدەر داۋام قىلدى.

ئەمدى يالغۇز مۇستەقىل ھالدا تۇرغان تۈركىيە دۆلىتى بار. «پان تۈركىزىم»نى ۋۇجۇدقا چىقارماق بۇنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە كەلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ئۆزىنى سوۋېتتىن مۇداپىئە قىلىپ ساقلاشتا بېشىدىن ئوت چىقىپ تۇرغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈرك دۆلىتى قۇرماققا قايدا قۇۋۋىتى بولسۇن. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە «پان تۈركىزىم» يولىنى تەشەببۇس قىلماق تۈرك مىللىتىگە دۈشمەن كۆپەيتمەك دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دەۋردە «پان تۈركىزىم» سۆزلىمەك تۈرك مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، زىيانلىق بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك بۇ نۇقتىنى ئېتىبارغا ئالغاندا ئەركنىڭ «ئىرقىمىز تۈركدۇر» دېگەن شۇئارىدىن «پان تۈركىزىم»لىق مەنا چىقمايدۇ. بۇ شۇئاردا كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەت ئۆزىمىزنىڭ قايسى ئىرققا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى مىللىتىمىزگە ئۇختۇرماقتىن ئىبارەت.

دىنىمىز ئىسلامدۇر

بىزنىڭ دىنىمىز ھەق دىن ئىسلام دىنىدۇر. ئىسلام دىنىدىكى ئادەم بىر چىننى چىن ئىخلاسى بىلەن ھىمايە قىلىپ ئەبەدىي داۋام قىلدۇرمىقى لازىم. دۇنيادا 500 مىليونغا قەدەر مۇسۇلمان بار. بىز شۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسىمىدۇرمىز. بىز ئىسلام دىنىغا ئىچىمىزدىن تېشىمىزدىن ئىمان كەلتۈرىمىز. سىياسىي قورال قىلمايمىز. دىننى دۇنيادىن يوقاتماق مۇمكىن ئەمەس. پۈتۈن دۇنيادا ھەربىر مىللەت ئۆز دىنىنى ھىمايە قىلىپ ساقلىماقتا. بىر زامانلاردا سوۋېتتا دىننى يڭقاتماق ئۈچۈن خۇداسىزلىق ھەرىكىتى يۈرگۈزۈلۈپ، ئىبادەتخانىلار بۇزدۇرۇلۇپ، دىنىي ئىبادەت چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئاخىرى دىننى يوقاتماق مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ۋە دىننى سىياسەت قورالى قىلسا ئەسقاتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەنە دىنغا يول قويۇپ بەردى. مانا بۇنىڭدىن دىننى يوقاتماق مۇمكىن ئەمەسلىكى مەلۇم بولىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزغا كېيىنكى زامانلاردا خۇراپىي نەرسىلەر ئارىلىشىپ ئېلىپ، خەلقنىڭ دىنىي روھىنى ساپ دىنلىق يولدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىمىزنى باشقىدىن جانلاندۇرۇپ، يۇرتىمىزدا مەسجىد، مەدرەسەلەرنى، ۋەقىپ، شەرئىي يوللارنى كۈچەيتىپ، خەلقىمىزنى دىنچىلىققا دەۋەت قىلماق ئۈچۈن «ئەرك» بۇ شۇئارنى مەيدانغا ئاتقان.

بۇ دىنچىلىقتىن «پان ئىسلام»لىق كېلىپ چىقمايدۇ. «پان ئىسلام»لىق  دېمەك پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر بۈيۈك ئىتتىپاق تۈزمەك دېمەكتۇر.بۇ نەزەرىيە توغرا بىر نەزەرىيە بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ۋۇجۇدقا چىقارماق بەك تەس. چۈنكى دۇنيادا دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە بىرلەشتۈرىدىغان زور ئامىل دىن ئەمەس، مىللەت ئەمەس، مەنپەئەتتۇر. ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىر جايدىن چىقالىسا،بۇ پان ئىسلاملىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۈگۈنكى ھالىغا قارىغاندا، مەنپەئەت بىر جايدىن چىقىدىغاندەك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ھەممىسى ئاجىز. بىرى ئۈچۈن يەنە بىر بىر مىلتىق، بىر ئەسكىرىنى قۇربان قىلالايدىغان ھالدا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى «پان ئىسلام»لىق بىر خىيالىي نەزەرىيەدۇر. دېمەك، «ئەرك»نىڭ «دىنىمىز ئىسلام» دېگەن شۇئارىدىن «پان ئىسلام»لىق كېلىپ چىقمايدۇ. «ئەرك» بۇنىڭ شۇئارىدىكى مەقسەت دىنىمىزنى پاك ساقلىماق، شەرئىي يوللارنى خەلققە چۈشەندۈرمەك، دىنىمىزنى باشقىلارنىڭ سىياسىي قورالى قىلىپ بەرمەسلىك، دىنىمىز ئۆلىما باشلىقلىرىنى ھىمايە قىلماقتىن ئىبارەت.

يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئۆزىنىڭ يۇرتىنى بىلمەيدىغان، يۇرتنىڭ نامىنى ئۇنتۇپ قالغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈرك بولغانلىقتىن تۈرك مىللىتى ياشىغان جاي تۈركىستان بولىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ يەر ئىسىملىرى شۇ جايدا ياشىغۇچى مىللەتنىڭ نامىغا قويۇلغان. مەسىلەن: ئەرەبلەر ياشىغان جاينى ئەرەبىستان، ئافغان ياشىغان جاينى ئافغانىستان، ئەنگىلىيە ياشىغان جاينى ئەنگىلىيە، روس ياشىغان جاينى روسىيە دېگەنگە ئوخشاش.

يۇرتىمىزنىڭ تۈركىستانلىقى تۆنۈگۈن مەيدانغا چىققان ئەمەس. بەزىلەر ئىلى قوزغىلىشىدىن كېيىن بۇ تۈركىستان دېگەن نام يېڭىدىن ئىجاد بولدى، بۇ بىزگە يېڭىدىن قويۇلغان نام دېمەكتە. بۇ نامنى ئىلى تەرەپ ئىجاد قىلىپ قويغان ئەمەس. بەلكى بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتىلىپ كەلگەن ئىسىمدۇر.

تۈركلەر ياشىغان جاي بەك كەڭرى بولغانلىقتىن يەر ئىسمىنى بىر قانچىگە بۆلۈپ ئاتىغان. غەرب تەرەپتىكى تۈركلەر ياشىغان جاينى غەربىي تۈركىستان، شەرقتىكى تۈركلەر ياشىغان جاينى شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبتىكى تۈركلەر ياشىغان جاينى جەنۇبىي تۈركىستان دەپ نام بەرگەن. بۇز شەرق تەرەپتە ياشىغانلىقتىن بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ نامى شەرقىي تۈركىستان بولغان. دېمەك ئومۇمەن بىر تۈرك ياشىغان جاي بىر تۈركىستان نامىدا بولغان. كېيىنكى زامانلاردا قويۇلغان بىر سىياسىي نام بار. ئۇ بولسىمۇ روس قول ئاستىدا بولغان جاينى روسىيە تۈركىستانى، چىن (جۇڭگو) قول ئاستىدىكى جاينى چىنى تۈركىستان دەپ ئاتىماق. بۇ ناملار ئىچىگە پەقەت بىر سىياسىي باغلىنىشلىق مەنا كىرگۈزۈلگەن. روسىيە تۈركىستانى، چىنى تۈركىستان دېگەن بىر سىياسىي ئىسىم. غەربىي تۈركىستان ، شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر جۇغراپىيە ئىسىمدۇر. بۇ ئىسىملارنىڭ ئىچىدىكى «چىنى، روسىيە، غەربىي، شەرقىي، سىتان» دېگەن سۆزلەرنىڭ بىزنىڭ نامغا جۇغراپىيە ياكى سىياسىي تەرەپتىن قوشۇلغان قوشۇمچىلاردۇر. بۇلارنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق.

شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك ياشىغان جاينى تۈركىستان دېمەكنى، ئەسلى يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى تۈركىستان ئىكەنلىكىنى، مۇندىن كېيىنمۇ ھەم تۈركىستان بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، «ئەرك» بۇ شۇئارنى مەيدانغا ئاتقان.


مەزكۇر كىتابچەنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن پارچىلار:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top