• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 9: بىر غەزەلنىڭ مەئرىپەتى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 9: بىر غەزەلنىڭ مەئرىپەتى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

توققۇزىنجى باب: بىر غەزەلنىڭ مەئرىپەتى

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

*  *  *

ئۇستازىمغا چىن پۈتۈپ،

يازارلىقنى تاشلادىم؛

نەۋائىينى بىلمەك چۈن،

ئەرەبچەنى باشلادىم.

(1)

شۇنداق قىلىپ، 1977-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۇستازىم خەمىت تۆمۈرنىڭ “ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ۋە يازىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانىشنى توختاتىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە كلاسسىك مەتىن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىش ئۈچۈن، ئەرەب تىلى ئۆگرەنىش” پەرمانىنى شەرتسىز قوبۇل قىلدىم. مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق ۋە رەسمىيەتلەرنى پۈتتۈرگەندىن كەيىن، 1978-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئىنستىتۇتى (ھازىرقى بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتى) ئاسىيا-ئافرىقا تىللەرى فاكۇلتەتى (ھازىرقى ئەرەب تىلى فاكۇلتەتى)غا كىرىپ ئەرەبچە ئۆگرەنىشنى باشلادىم.

دەل بىر يىل بولغاندا، يەنى 1979-يىل قىشلىق تەتىلدىن كەيىنكى ياز مەۋسۇمى ئوقۇشىنى باشلاش ئالدىدا، “بىر يىل ئۆگرەندىڭىز، يەتەر. ئەمدى قالغانىنى ئۆزىڭىز ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگرەنىپ تولۇقلاۋالسىڭىز بولۇر، مەن يەتىشەلمەي قالدىم، بۇ ياڭى مەۋسۇمدىن باشلاپ، چاغاتاي تىلى دەرسىنى سىز سۆزلەڭ” دەدى ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر. بىراق، ئۇستازىمنىڭ بۇ يوليورۇقىغا مەن قوشۇلالمايدىغانلىقىنى شاگىرتقا خاس ئەدەب ۋە سەمىمىي جىددىيەت بىلەن مۇنداق دەدىم:

– ئۇستازىم، ئەرەب تىلى خەنزۇ تىلىغا قارىغاندا، كۆپ تەرس ئىكەن، ئۆتكەن بۇ بىر يىل جەريانىدا، ئەرەب تىلىنىڭ فونەتىك قائىدەسىنى ئۆگرەنگەندىن باشقا، مورفولوگىيە قىسمىنى ئەمدىلا باشلاغان ئىدۇق. ئۆگرەنگەنلەرىم بىلەن نەۋائىي بوۋامىزنىڭ ئەسەرلەرىگە قاراپ باقسام، <ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى ئەنۋارۇل ھۇدا > دەگەنلەرنى مۇتلەق چۈشەنەلمەدىم. بۇ ھەرگىزمۇ سۆزمۇسۆز لۇغەت ئاختۇرۇپ ئۇقۇمىنى بىلگىلى بولىدىغان ئىش ئەرمەسكەن. كىرمە سۆز بىرىكمەلەرى ۋە جۈملەلەردىكى ئەرەبچە گرامماتىك تۈزۈلۈش ئۆزگەچىلىكىنى ئۆگرەنىپ بولماي تۇرۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ كلاسسىك قىسىملەرىنى ئىزاھلاپ بەرگىلى بولماغۇدەك. شۇڭا، مەن سىز سۆزلەۋاتقان دەرسنى زىممەمگە ئالسام ئالاي، بىراق، بۇ يەردە سۆزلەيدىغان دەرسىمنىڭ ۋاقتىنى مەنىڭ چەتئەل ئىنستىتۇتىدا دەرسىم يوق چاغلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەڭلەر؛ شۇنىڭ بىلەن، مەنى ئاشۇ تۆرت يىللىق ئەرەب تىلى سىنىپىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغىلى قويساڭلار؛ راستىمنى دەسەم، مەنىڭ ئۇنداق بىلىك-بىلگەلەرنى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ ئۆگرەنىۋالغان چالا موللام بولغۇم يوق!

– مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق-يورۇق ۋە مەسئۇلىيەتچان خۇيىڭىزغا ئامراق. ماقۇل، مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللاي،- دەدى ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىردەم ئويلانىۋالغاندىن كەيىن،- بىراق، مەن بۇ فاكۇلتەتتا مۇئاۋىن مۇدىر، ھەممە ئىش ھەمىشە مەنىڭ دەگىنىم بويىچەمۇ بولۇپ كەتمەيدۇ. بىز يەنە بىر ئويلاشايلى.

شۇ گەپ بولۇپ تۆرت كۈن ئۆتكەندىن كەيىن، مەكتەپ مائارىپ ۋە مالىيە باشقارمالارى ماڭا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەنىڭ يەنە ئۈچ يىللىق ئوقۇش خىراجەتىنى ئالىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرىمنى بەجىرگۈزۈپ بەردى. داۋاملىق ئوقۇشۇم كاپالەتلەندۈرۈلگەن بولدى.

تەلەپ قىلغانىمدەك، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدا مەن ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەيدىغان دەرسنىڭ ۋاقىتلارىنى مەنىڭ چەتئەل تىللەرى ئىستىتۇتىدا دەرسىم يوق سائەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. شۇنداق بولغاچ، مەن ئۆگرەنىۋاتقان ئەرەب تىلىنىڭ “گرامماتىكا دەرسى” (Grammar Class)، “گەپلەشىش دەرسى” (Conversation Class) ۋە “ئەدەبىي تاللانمالار” (Literary Selections) دەگەنلەرنىڭ ھەممەسىگە تولۇق قاتناشقاندىن باشقا، مەكتەبلەرىمىزنىڭ ئارالىقى ياقىن بولغاچ، كەچ سائەت يەتتەدىن توققۇزغاچە بولىدىغان كەچلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىش ۋە ساۋاقداشلار بىلەن گۇرۇپپا بولۇپ ئەرتەلىك گەپلەشىش دەرسىگە تەييارلىق قىلىش پائالىيەتلەرىگەمۇ قالماي، قاتناشتىم. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئۈچ يىل بولغاندا، مەندىن توققۇز-ئون ياش كىچىك بولغان ياش-بالا ساۋاقداشلارىم بىلەن تەڭ تۇرۇشالايدىغان، مۇئەللىم “ھە” دەسە، مەنمۇ “ھۇ” دەيەلەيدىغان بولدۇم، ما شاللاھ!

(2)

1982 – يىلى، مەن بەيجىڭ چەت ئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتى ئەرەب تىلى فاكۇلتەتىنىڭ تۆرتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. بىر كۈنى، «ئەرەب ئەدەبىياتىدىن تاللانمالار» دەرسىنى بەرگۈچى مىسىرلىق مۇتەخەسسىس مۇئەللىمىمىز مۇھەممەد ئابدۇلباقىي بىر قاتىملىق دەرستە، ئەرەبلەردىكى ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە يازىلغان ماغىزلىق قىسقا شىئىرلار، قىتئەلەر، رۇبائىيلار ۋە ماقال – تەمسىلگە ئايلانىپ كەتكەن مىسرالار بابىدا زوق – شوق بىلەن سۆزلەپ كەلىپ: « من شرب مائ النيل مرە، لابد ان يرجعھا مرە ثانيە ( ئوقۇلۇشى: مەن شەرىبە مائەن نىيل مەررەتەن، لا بۇددە ئەن يەرجەئۇھە مەررەتەن سانىيەتەن. مەئنەسى: كىمكى نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى بىر قاتىم ئىچىپ قالسا، (سۇنىڭ مۇھەببەتىدە) ئۆمرىدە ئۇنىڭ بويىغا يەنە بىر قاتىم بارماي قالمايدۇر) » دەگەن مىسىر خەلق ئاتا سۆزىنى شۇ تۈردىكى مىسرالارنىڭ گۈلتاجى يۈكسەكلىكىدىكى بىر مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئارقادىن، ئۇ بىزلەرگە سىناش نەزەرى بىلەن قاراپ: «سىلەردەمۇ مۇشۇنداق ۋەتەن سۆيگۈسى تەسۋىرلەنگەن ماقال – تەمسىللەر بارمۇ؟» دەپ سورادى.

ئازراق تىمتاسلىقتىن كەيىن، ساۋاقداشلارىمدىن بىرسى ئۇنى دەدى، يەنە بىرسى بۇنى دەدى. ئاخىردا، سىنىپ باشلىقىمىز ئورنىدىن تۇرۇپ: جۇڭگودا، بۇ تۈردىكى ماقال – تەمسىللەرنىڭ دۇردانەسى « ئاسماندا جەننەت بولسا، زەمىندە سۇجو بىلەن خاڭجو بار، يەنى   上有天堂,下有苏杭 » دەگەن ماقال ھىسابلانىدۇ، دەدى ۋە ئۇنى ئەرەبچەگە: « الجنە فى السمائ ، سو – خانغ فى الارض مثلھا » ( ئەلجەننەتۇ فىس سەما، سۇ – خاڭ فىلئەرز مىسلىھە ) دەپ تەرجىمە قىلىپ، ھەممەنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭىنى باستى.

شۇ ئەسنادا، مۇئەللىم توساتتىنلا مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، بەگىز قولى بىلەن مەنى جۆنەپ تۇرۇپ: «ھەي، ئۇيغۇر تۈرك، سىلەردەمۇ مۇشۇنداق مەزمۇندىكى گۈزەل ماقال – تەمسىللەر بارمۇ؟» دەپ سورادى.

شۇ ئان ساۋاقداشلارىمنىڭ ھەممەسىنىڭ نەزەرى ماڭا بىردەكلا ئاغدۇرۇلدى. سىنىپ تىمتاسلىققا چۆكتى. قاراسام، ساۋاقداشلارىممۇ، چەت ئەللىك مۇئەللىمىممۇ گويا پۈتۈشىۋالغاندەكلا مىيىقىدا كۈلۈمسىرەگەن ھالدا، ماڭا سىناش نەزەرىدە تىكىلىپ تۇرۇشاتتى. بولۇپمۇ مۇئەللىم مۇھەممەد ئابدۇلباقىينىڭ ئوڭ قولىنىڭ بارماقلارى بىلەن شالاڭ بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى ئەشىپ ئويناپ تۇرغان ھالدا، غۇرۇرلۇق باقىشىدىن: «سەنلەردەك قارىنداشلىق ئورۇندا ياشاۋاتقان ئۇششاق مىللەتتە، نە بىزلەر بىلەن بەسلەشەلەگىدەك ئەدەبىيات بولسۇن، نە بىزلەرنىڭكىگە تاتىيالىغۇدەك ئاتا سۆزلەرى، ماقال – تەمسىللەر بولسۇنكى! » دەگەن ئۇقۇم «مانا مەن» دەپلا چىقىپ تۇراتتى.

مەن بۇ ھالدىن ھىچ ئىسەنكىرەمەدىم، ھىچ تىڭىرقاپ قالمادىم. خاتىرجەم ۋە دەدىل ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم – دە، تولۇق ئىشەنچ بىلەن: «ئەلۋەتتە بىزدەمۇ بار! » دەپ جاۋاب بەردىم. ئارقادىنلا، ئىپتىخارلىق بوۋامىز ھىرقەتىي – گۇمنامنىڭ «كاشغەر» ماۋزۇلۇق قوش قاپىيە-قوش رادىپلىق مەشھۇر غەزەلىدىكى «يۇرتىنى ئۇنتار بولۇر ھەر كىم دۇچارى كاشغەر» دەگەن مىسراسىنى دەسلەپ ئۇيغۇرچە ئۈنلۈك دەكلاماتسىيە قىلىپ بەردىم. كەينىدىنلا، ئۇنى ئەرەبچەگە تەرجىمە قىلىپ: « من ﺫھب كاشغر مرە واحدە، نسى بلادە ابدا فابدا  (مەن زەھەبە كاشغەر مەررەتەن ۋاھىدەتەن، نەسىيە بىلادەھە ئەبەدەن فەئەبەدەن. يەشىمى: كىمكى كاشغەرگە بىر قاتىم بارىپ قالسا، ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ) » دەدىم. ئەمەلىيەت شۇنداق ئەمەسمۇ – ئەجەبا!

بىراق، مەنىڭ جاۋابىم سىنىپ ئەھلىنى ھەيرەتكە چۆكتۈردىمۇ ياكى شاتلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈردىمۇ بىلمەدىم. ئەيتاۋۇر، ھەممەيلەن دەسلەپ بىر – بىرلەرىگە چەكچەيىپ قاراپ قالىشتى. ئارقادىن، بىردەكلا قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتىشتى. بولۇپمۇ مۇئەللىمىمىز مۇھەممەد ئابدۇلباقىي ئۇچىسىغا كىيىۋالغان توق قىزىل رەڭلىك كۆينەكىنى بۆسۈپ چىقايلا دەپ قالغان سەمىز قورساقىنى ئىككى قوللاپ مىجىقلاپ تۇتقانىچە، بولۇشىغا كۈلدى. ئارقادىن، كۈلكە ھەيدەپ چىقارغان كۆز ياشلارىنى سۈرتىۋەتىپ، دوسكاغا مەزكۇر ئۈچ مىللەتنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدىكى ئۆلمەس مىسرالارىنى تىزىپ يازدى:

كىمكى نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى بىر قاتىم ئىچىپ قالسا، ئۆمرىدە يەنە بىر قاتىم بارىپ ئىچمەسە زادىلا ئۇنىمايدۇ. ( ئەرەب خەلق ماقالى)

ئاسماندا جەننەت بولسا، زەمىندە سۇجو بىلەن خاڭجو بار. (خەنزۇ خەلق ماقالى)

كىمكى كاشغەرگە بىر قاتىم بارىپ قالسا، ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ. (ئۇيغۇر ئاتا سۆزى)

ئارقادىن، مۇھەممەد ئابدۇلباقىي مۇئەللىم ماڭا تەكرار قاراپ، بىر ئىشەنگەن ۋە بىر ئىشەنمەگەن قىياپەتتە: « ئابدۇرەئوپ، سەن بۈگۈن بوش كەلمەدىڭ. بىراق سەن بۇ مىسرانى مىسىر خەلق ئاتا سۆزىگە قاپىيەداش قىلغانىڭغا قاراغاندا، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپلا ئويدۇرۇپ توقۇدۇڭغۇ  دەيمەن – ھە؟ » دەدى. مۇئەللىم گەپىگە چەكىت قويۇپ بولغىچە، ساۋاقداشلارىممۇ بىردەكلا ئۇنىڭغا جۆر بولۇشتى: «توغرا، بىزمۇ ھىچ ئاڭلاپ باقماپتۇكەنمىز، بۇ ئۇيغۇر ئاتا سۆزىنى!»

بۇ ھالدا، مەن ئۇلاردىن ھىچبىر ئاغرىنمادىم، رەنجىمەدىم. چۈنكى، چوڭ مىللەت دەگەندە، خەلقئارادا ئورنى بار مۇستەقىل مىللەت دەگەندە، ئۆزىگە خاس چوڭچىلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە نىسبەتەن سان-نوپۇستا ئاز، قارىنداشلىق ئورۇندا ياشاۋاتقان كىچىك مىللەتلەرنى ھامان قوشۇمچە مەھسۇلات ھىسابلايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ھەممە جەھەتتە، ئوخشاشلا تۆۋەن چاغلايدۇ.

ئەمما، مەدەنىي ئىنسانلار دۇنياسىدا، پاكىت، ھۆججەت يەنەلا ئەتىۋارلانىدۇ. زاكونلارىڭنى ئانىق پاكىت ئارقالىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتەلەسەڭ، ھەر قانداق ئادەم ھامان قايىل بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئادەملا بولىدىكەن!

شۇڭا مەن ئۇ كۇنى دەرستە مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلارىم بىلەن ئوشۇقچە زاكونلاشىپ ئولتۇرمادىم، قىزارىشىپمۇ يۈرمەدىم. ئەمما، سەمىمىيلىك بىلەن، سۆزلەرىمنى دانە – دانە قىلىپ: «مەن بۈگۈن شائىرلىق قىلىپ، سىلەرنىڭ ئاتا سۆزۈڭلەرگە قاپىيەداش قىلىپ، ئويدۇرما ئاتا سۆزى توقۇمادىم» دەدىم.

ئەرتەسى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يازىلغان ھەلىقى «كاشغەر» غەزەلىدىن باشقا، بىر ئەرمەس، بىر نەچچە توم قوليازما ئەسەر ئالىپ كەلىپ، سىنىپتا كىچىك بىر كۆرگەزمە قىلدىم. ساۋاقداشلار بۈيۈك قىزىقىش بىلەن كۆرۈشتى. بولۇپمۇ، مۇئەللىم مۇھەممەد ئابدۇلباقىي مۇسۇلمانلىق كۆڭلى بىلەن، چىن يۈرەكىدىن سۆيۈنگەندەك قىلدى. ئۇ گويا قايىل بولغان بىر خىل تەرزدە: «مەن ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدىكى بۇ ئۇيغۇر ئاتا سۆزىنىڭ ئويدۇرما، توقۇلما گەپ ئەمەسلىكىگە ئىشەندىم. ئەمدى، مەن ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، كاشغەرگە بىر بارىپ، مەزكۇر ئاتا سۆزىنىڭ ھەقلىقىنى، راست ياكى راست ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش لازىم بولدى» دەدى.

شۇ ئىش بىلەن، كۆڭلىدە قەشقەرنى بىر كۆرۈش ئىستەكى تۇغۇلغان مۇھەممەد ئابدۇلباقىي مۇئەللىم كەيىنچە، مەخسۇس بىر ئۆمەككە قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر ۋە خوتەنلەرنىڭ زىيارەتىدە بولۇپتۇ. تەئسىراتلارى ھەققىدە سۆزلەپ بەرىپ: «بەرىكەتلىك كۈز كۈنلەرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۆمەك بىلەن كاشغەرگە باردىم. ھەيتگاھ جامەسىدە ناماز قىلدىم؛ ئافاق خوجا زىيارەتگاھىدا ئىستىقامەتتە ئولتۇردۇم؛ مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرەسى ئالدىدا، ھۆرمەت بىلەن ئەگىلدىم؛ يۈسۈپ خاس ھاجىب قەبرىگاھىنى ئىھتىرام بىلەن سۆيۈپ، تاۋاپ قىلدىم؛ ھەقىقەتەنمۇ سۆيگۈ ساھىبى دىيار ئىكەن. شۇغىنىسى ۋاقىت بەك قىسقا بولۇپ قالدى، ئاران ئۈچ كۈنلا تۇردۇق. شۇنداقتامۇ، سۆيۈنگەنىمدىن يۇرتۇمنى ئۇنتۇپ قالغالى تاسلا قالدىم» دەگىنى ھەلىمۇ ئەسىمدە.

ئوقۇرمەن قارىنداشىم، بۇ سەرگۈزەشتەلىك ھىكايە ئارقالىق دەمەكچى بولغانىم شۇ: بوۋامىز ھىرقەتى – گۇمنام يۈرەكىدىن چىقارىپ يازغان گۈزەل مىسرا «شەھرىنى ئۇنتار بولۇر ھەر كىم دۇچارى كاشغەر» (كىمكى كاشغەرگە كەلىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىي يۇرتىنى ئۇنتۇپلا كەتىدۇ) ئۆز زامانىسىدا، ئاشۇنداق ئۆتكۈر بەھسلەشىش تۈسىنى ئالغان خەلقئارالىق ئىلمىي بەيگەدە، خەنزۇ، ئەرەب ئاتا سۆزلەرى بىلەن بويلاشالاغان؛ ئەجدادلارىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى بابىدا، ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان غۇرۇر يالداماسى بولۇش قىممەتى ۋە ئەھمىيەتى بىلەن كۆپنىڭ ئالدىدا كۆڭلىمىزنى توق ۋە يۈزىمىزنى يورۇق قىلغانىدى.

(3)

شۇنداقىكەن، بوۋامىز ھىرقەتىي – گۇمنامنىڭ «كاشغەر» رادىپلىق بۇ گۈزەل غەزەلىنى پات – پات قۇرمۇقۇر ئوقۇپ، مۇتالىئە قىلىشىمىز، غەزەلنىڭ گۈزەل مىسرالارى ئاراسىغا چۆكۈشىمىز ۋە ئۇلار ئىپادەلىگەن مەئنە – ئۇقۇمنىڭ تەگىگە يەتىشىمىز لازىم. تەھقىقكى، بۇ – ھەر بىر ئۇيغۇر ئىنسانىدا، پۈتكۈل كاشغارىيەلىكلەردە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى، ئانا يۇرت سۆيگۈسىنى ھەسسەلەپ ئۇلغايتىدۇ، ئەلۋەتتە. قەنى، بىللە ئوقۇپ باقايلى:

1 – مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشغەر،

ئىشق ئەلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر مەزارى كاشغەر.

شەرھ ۋە يەشىم: بۇ باش بېيىت مىسرالارى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرەپىدىن 1980 – يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنەلەر» ناملىق كىتابنىڭ 521 – بەتىدە،  مۇنداق يەشىلىدۇ:

قەشقەر – تەڭرىنىڭ مەرھىمەتى تېرىلغان جايدۇر،

ئۇنىڭ مازارى ئاشىقلارنىڭ قىبلىگاھىدۇر.

مەنىڭچە، مەزكۇر يەشىمنى بەرگۈچى بۇ بەيىتنىڭ بىرىنجى مىسراسىدىكى، «دىيارى كاشغەر» دەگەن بىرىكمەنى «قەشقەر» دەپ ئالىپ پۇتۇنلەي توغرا قىلغان بولسامۇ، ئىككىنجى مىسرادىكى «مەزارى كاشغەر» گە «ئۇنىڭ ‹قەشقەرنىڭ› مازارى» دەپ يەشىم بەرىپ، مۇتلەق خاتا قىلغان. چۈنكى، «مەزارى كاشغەر» بىرىكمەسى خۇددى «دىيارى كاشغەر» گە ئوخشاشلا ئىزافەت (تەڭسىز بىرىكمە) ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە شەكىلدىكى تەڭداش بىرىكمە ھىسابلانىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى «مەزار» كەلىمەسى كۆپ مەئنەلىك سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستىئمالىدىكى «مازار» ئۇقۇمىدىن باشقا، «ماشايىخ، ئەۋلىيا؛ مۇقەددەس» دەگەن مەئنەلەرىمۇ باركى، بۇ مەشھۇر بەيىتتە، بىرىنجى مىسرادىكى «دىيار» غا پاراللىل قىلىنغان «مەزار» ئەمەلىي  ئۇقۇمدا، خۇددى بىرىنجى بەيىتتىكى «دىيار» سۆزىگە ئوخشاشلا «كاشغەر» سۆزى بىلەن تەڭداش گرامماتىك ئورۇندا بولۇپ، «مۇقەددەس» دەگەن مەئنەنى بىلدۈرىدۇ، خالاس.

شۇنداق بولغاندا، مەزكۇر باش بەيىتنىڭ يەشىمى مۇنداق بەرىلسە، ئاندىن توغرا ھىسابلانىدۇ:

كاشغەر – ئاللاھنىڭ مەرھەمەتى تارىلغان جايدۇر؛

كاشغەر – مۇھەببەت ئەھلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر.

ئەگەر بىز يەشىمدە، ئەسلىي بەيىتتىكى كەلىمەلەرنىڭ ھىچبىرىنى چۈشۈرۈپ قويمايتتۇق، ئىخچاملاۋەتمەيتتۇق  دەسەك، مەزكۇر يەشىمنى:

كاشغەر دىيارى ئاللاھنىڭ مەرھەمەتى تارىلغان جايدۇر؛

مۇقەددەس كاشغەر  مۇھەببەت ئەھلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر.

– دەپ بەرسەكمۇ تامامەن بولىدۇ.

2 – ئىشق – ئۈلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ مىھنەت جۇش ئەتەر،

توپراغى ھەسرەت بىلە بىتكەن ھىسارى كاشغەر.

يەشىم:

مۇھەببەت – دوستلۇق بۇلاقىدىن دەرد بىلەن جاپا – مىھنەت بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدۇ؛

كاشغەرنىڭ قورغان – قەلئەلەرى ھەسرەت توپاسى بىلەن قوپۇرۇلغاندۇر.

شەرھ:

كاشغەر دىيارىنىڭ بۈگۈنى ئاسانلا قولغا كەلگەن ئەرمەس، ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە دوستلۇق بۇلاقلارىدىن ئوخچۇپ تۇرغان جاپا – مۇشەققەتلەر، قورغان – قەلئەلەرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ھەسرەت – نادامەتلەر بۇنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

3 – دىلرەبالار باغرىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەگەي،

بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۇلئۇزارى كاشغەر.

يەشىم:

كاشغەرنىڭ گۈزەللەرى غەمزەلىك بىرلا باقىشى بىلەن، ھەر قانداق ئاشىقنىڭ باغرىنى بەدەخشان ياقۇتىدەك قىپقىزىل قان قىلىۋەتىدۇ.

شەرھ:

گۈزەللەرنىڭ گۈزەلى كاشغەردە. ھەر قانداق گۈزەل كاشغەر سەنەملەرىنىڭ ئالدىدا يىپ ئەشىپ قالىدۇ.

4 – ئابى روكنەبات، گۇلگەشتى مۇسەللا سەھل ئەرۈر،

خۇلددىن ئەفزۇن تۈمەنمىڭ لالەزارى كاشغەر.

يەشىم:

روكنەبات سۇلارى، مۇسەللا گۈلىستانى دەگەنلەر ھىچگەپ ئەرمەس، كاشغەر گۈلزارى جەننەتتىنمۇ تۈمەن مىڭ ھەسسە ياخشى.

شەرھ:

جاھاندا نى نى گۈزەل جايلار بار، ئەمما ھىچقايسى كاشغەر بىلەن بەھسلەشەلمەيدۇ. كاشغەردىن ئىبارەت بۇ لالەزارلىق ھەتتا جەننەت باغىنىمۇ باسىپ چۈشىدۇ.

5 – ئەيش ئەلىگە خارىدىن كەلگەي گۇلى ئىشرەت ئىسى،

چۈن سۇلەيمان دەۋلەتىدۇر خارزارى كاشغەر.

يەشىم:

ياشاي دەگەن ئىنسانغا ئۇنىڭ تىكەنلەرىدىنمۇ ھاياتبەخش گۈل ھىدى كەلىدۇ؛ كاشغەرنىڭ تىكەنزارلىقىمۇ گويا سۇلايماننىڭ دۆلەتىدەك ئالىپتە ۋە ئەسىلدۇر.

شەرھ:

بۇ ئەزىز دىيارنىڭ قەدرىنى بىلىپ، سۆيگۈ ئىچىدە ئىنسانلارچە ياشاي دەگەن ئادەمگە ئۇنىڭ تىكەنلەرىدىنمۇ گۈلنىڭ پۇراقى كەلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا كاشغەرنىڭ تىكەنزارلىقىمۇ ئاشۇ گۈزەللىكتە، بۈيۈكلۈكتە مەشھۇر بولغان سۇلايمان پادىشاھنىڭ دۆلەتى بىلەن بويلاشالايدۇ.

6 – ئود، ئەنبەر توپراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۇيى،

دۇررۇ مەرجان تاشلارىدۇر كوھسارى كاشغەر.

شەرھلىك يەشىم:

بىلگەن ئادەمگە كاشغەرنىڭ توپاسى ئادەتتىكى توپا ئەرمەس، بەجايىكى ئىپار، ئەنبەردۇر؛ سۈيى بولسا، جەننەتتىكى ئابىكەۋسەرنىڭ ئۆزىدۇر؛ تاغلارىغا كەلسەك، ئۇلار تاش ئەرمەس، گوياكى مارجان ۋە ياقۇتلار دۆۋەسىدۇر.

7 – يا پەرى، يا ھۆرى، يا باغى ئىرەم ياد ئەيلەمەس،

شەھرىنى ئۇنتار بولۇر ھەر كىم دۇچارى كاشغەر.

يەشىم:

كىمكى كاشغەرگە كەلىپ قالسا، ئۆزىنىڭ شەھرىنى ئۇنتۇپلا كەتىدۇ؛ جەننەت، ھۆر – پەرى دەگەنلەرنى بولسا، ئەسىگە ئالىپمۇ قويمايدۇ.

شەرھ:

زەمىن شۇ قەدەر ئەسىل، دىيار ئەزىز، شۇڭا كاشغەرگە كەلىپ قالغان ئادەم ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ئۇنتۇپلا كەتىدۇ؛ ئادەملەرى شۇ قەدەر گۈزەل، ئىنسانلارى شۇ قەدەر ياقىشلىق، شۇڭا بۇ يەردە، جەننەت ۋە جەننەتتىكى ھۆر – غىلمان دەگەنلەر ئادەمنىڭ ئەسىگەمۇ كەلمەيدۇ.

8 – ھۇشمەندۇ دەردمەندۇ مەردۇ زەن لەبى چۇ قەند،

نارى خەندان، سىيبى رەئنا ھەر نە بارى كاشغەر.

شەرھلىك يەشىم:

مەيلى ئاقىل چىچەنلەرى بولسۇن، مەيلى ناخۇش دەردمەنلەرى بولسۇن، مەيلى ئەرلەرى ۋە مەيلى ئاياللارى بولسۇن لەۋزى ھالال، قەندەك تاتلىق گەپ قىلىدۇ؛ كاشغەرىيلەرنىڭ ھەر بىرى خۇددى قىزارىپ پىشقان ئالما ياكى يەتىلگەن ئانارغا ئوخشايدۇ.

9 – كاشغەر شەھرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،

دىلگۇشا، ئىشرەتفەزا ھەر سەبزەزارى كاشغەر.

شەرھلىك يەشىم:

كاشغەر شەھرىنى گۇمنامنىڭ ياشاپ يايرايدىغان يايلاقى دەپ بىلىڭكى، كاشغەر چىمەنزارلىقى ياشامنى پەيزىگە يەتكۈزىدۇ، دىللارنى ھوزۇر بىلەن يايراتىدۇ.

*                  *                  *                  *

شۇنداق گەپ، مانا ئەسلىي تەكىستنى چىن دىلىمىز بىلەن بەرىلىپ ئوقۇغاندىن كەيىن، مىسرالار، كەلىمەلەر ئىپادە قىلغان ئۇقۇم – مەئنەلەرنى تولۇقى بىلەن ئىدراك قىلىپ بىلدۇققى، ھىرقەتىي – گۇمنامنىڭ «كاشغەر» غەزەلى ھەقىقەتەنمۇ ئەزىزانە كاشغەرنىڭ تەئرىپ – تەۋسىپى بابىدا، مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان يىگانە دۇردانە غەزەل؛ ۋەتەن سۆيگۇسى، يۇرت مۇھەببەتى بايانىغا ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك ۋە نەمۇنە غەزەل ئىكەن.

(4)

بىر ئاتاقلىق يازغۇچى ياكى شائىر ئادەتتە، مول ھوسۇللۇق، كۆپ يازغان بولۇشىمۇ، ماغىزلىق قىلىپ، ئاز يازغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئۇنى تونۇتقان ۋە ئۇنى ئۆز خەلقى ئىچىدە، ھەتتا دۇنيا سەھنەسىدە ئۇنتۇلدۇرمايدىغان بىر ياكى بىر نەچچە ۋەكىللىك ئەسەرى بولۇشى چوقۇم. مەنىڭچە، ھىرقەتىي – گۇمنام تەخەللۇسلۇق شائىر بوۋامىز مۇھەممەدئەمىن خوجامقۇلىنىڭ «كاشغەر» رادىپلىق غەزەلى ئۇنىڭ ئىسمىنى خەلقىئالەمدە مەشھۇر قىلغان ئەڭ ئەسىل ئەسەرلەرىنىڭ بىرىدۇر.

ئەمدى، مەنىڭ مۇلاھىزەمچە، بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكىنى ۋە شىئىرىي قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس مۇۋەپپەقىيەتىنى ئەڭ ئاز دەگەندەمۇ مۇنداق تۆرت تەرەپتىن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:

بىرىنجى. ئالدى بىلەن، شائىر ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ سۆيگۈ بابىدىكى جۇغراپىيەلىك خەرىتەسىنى يۈرەكىدىن چىققان ئەڭ ماغىزلىق سۆز – ئىبارەلەر بىلەن  ئوبرازلىق قىلىپ، سىزىپ كۆرسەتكەن. ئالايلۇق،

مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشغەر

(كاشغەر – ئاللاھنىڭ مەرھەمەتى تارىلغان جايدۇر)

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، «مەزرەئ» كەلىمەسى «تارىلغۇ مەيدانى، ئەكىنزارلىق» دەگەن بولىدۇ. شائىر ھىرقەتىي – گۇمنام «مەزرەئى لۇتفى ئىلاھى ‹ئاللاھنىڭ مەرھەمەتى تارىلغان جاي› » دىن ئىبارەت ئۈچ كەلىمەلىك بىر ئىزافەت ئارقالىق، كاشغەر دىيارىنىڭ ئادەتتىكى ھەر قانداق بىر تارىلغۇ مەيدانى ئەرمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ مەرھەمەتى تارىلغان بىر مەرھەمەت – ئىنايەتلەر ئەكىنزارلىقى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ  ئەزىز ۋەتەننىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۆز ئەقىدەسىدىكى بىر مۇقەددەس زەمىن ئىكەنلىكىنى تولامۇ ئوبرازلىق ئىبارە بىلەن ئىپادەلەپ بەرگەن. شائىرنىڭ ئەقىدەسىچە، كاشغەر ئاشۇنداق بىر مۇقەددەس زەمىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا، « ئىشق ئەلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر مەزارى كاشغەر ‹ كاشغەر – مۇھەببەت ئەھلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر › » – يەئنى ئىشق-مۇھەببەت ئەھلى بۇ زەمىنغا تەلپۈنىدۇ، ئۇنى ئۆزلەرىگە قىبلەگاھ قىلىدۇ گويا.

ئىككىنجى. شائىر بۇ غەزەلدە، ئانا يۇرتنىڭ بەرپا بولۇشى زور ۋە مۇشەققەتلىك ئەمگەك ئارقالىق بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتىش لازىملىقىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە ئۆزىگە خاس شىئىرىي ئىبارەلەر بىلەن ئىپادەلەگەندۇر. ئالايلۇق،

ئىشق – ئۈلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ مىھنەت جۇش ئەتەر،

توپراغى ھەسرەت بىلە بىتكەن ھىسارى كاشغەر.

( مۇھەببەت – دوستلۇق بۇلاقىدىن دەرد بىلەن جاپا – مىھنەت بۇلدۇقلاپ تۇرىدۇ؛

كاشغەرنىڭ قورغان – قەلئەلەرى ھەسرەت توپاسى بىلەن قوپۇرۇلغاندۇر )

مۇنداقلا قاراماققا، مەزكۇر بەيىتنىڭ شەكلەن مەزمۇنى «بۇ كاشغەر دىيارىنىڭ تۇرغان – پۈتكەنىنىڭ ھەممەسى جاپا – مۇشەققەتتۇر» دەگەن بولىدىغاندەكلا قىلىدۇ. ئەمما، غەزەلنىڭ باش – ئاخىرىغا نەزەر سالىپ، شائىرانە مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، ئاپتورنىڭ بۇ يەردە، «جاپا چەكمەگىچە ھالاۋەت يوق، شۇ قەدەر لەۋەن ۋە ئەزىز بولغان بۇ دىيارنىڭ بەرپا بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە، ئاجايىپ زور ئەمگەك ۋە مۇشەققەتلەرنىڭ بەدەلى بىلەن روياپقا چىققانكى، بۇنى ئەۋلادلار ياخشى بىلىشى ۋە ئۇنتۇماسلىقى كەرەكتۇر» دەمەكچى ئىكەنلىكى ناھايەتىمۇ ئانىقتۇر.

ئۈچىنجى. ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ئىنساننىڭ كۆزى ۋە كۆڭلىدىكى ۋەتەن بىباھالىقى گۈزەل ئوخشاتىش ۋە يەتىك مۇبالىغە ۋاسىتەسى ئارقالىق، دادىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەنگەن. ئالايلۇق،

ئەيش ئەلىگە خارىدىن كەلگەي گۇلى ئىشرەت ئىسى،

چۈن سۇلەيمان دەۋلەتىدۇر خارزارى كاشغەر.

(ياشاي دەگەن ئىنسانغا ئۇنىڭ تىكەنلەرىدىنمۇ ھاياتبەخش گۈل ھىدى كەلىدۇ؛ كاشغەرنىڭ تىكەنزارلىقىمۇ گويا سۇلايماننىڭ دۆلەتىدەك ئالىپتە ۋە ئەسىلدۇر)

ئود، ئەنبەر توپراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۇيى،

دۇررۇ مەرجان تاشلارىدۇر كوھسارى كاشغەر.

(بىلگەن ئادەمگە كاشغەرنىڭ توپاسى ئادەتتىكى توپا ئەرمەس، بەجايىكى ئىپار، ئەنبەردۇر؛ سۈيى جەننەتتىكى ئابىكەۋسەرنىڭ ئۆزىدۇر؛ تاغلارى بولسا، نورمالدىكى تاش ئەرمەس، گوياكى مارجان ۋە ياقۇتلار دۆۋەسىدۇر)

مەنىڭ چۈشەنچەمچە، بۇ يەردىكى «ئەيش ئەلى ‹ياشاي دەگەن ئىنسان، ھاياتتىكى ئىنسان›» دەگەن سۆز «يەپ – ئىچىپلا يۈرۈشنى بىلىدىغان ئادەم» ئەرمەس، بەلكى «ئىنساندەك ياشاي دەگەن ئادەم، ئىسانلارچە ياشايدىغان ئادەم» دەگەن بولىدۇ. ئەمدى، «بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بىر ئىنساندەك ياشاي» دەگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە، ئۆزى ئۈچۈن ئوتلاغان ئەشەكتەك ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئادەم ئەرمەس، بەلكى ۋەتەنىنى سۆيىدىغان، ۋەتەن ئۈچۈن مۇئەييەن بىر خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە بۇرچ بىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان بولىدۇكى، بىر ئىنسان پەقەت ۋەتەنىنى سۆيىدىغان، ئۆز ئانا يۇرتىغا كۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان بولغانىدىلا، ئاندىن ئانا يۇرتنىڭ تىكەنلەرىدىنمۇ ئۇنىڭ بۇرنىغا گۈلنىڭ پۇراقى كەلىدۇ؛ توپاسى ئىپار پۇرايدۇ؛ سۈيى ئابىكەۋسەر تاتىيدۇ؛ تاشلارى تاش ئەرمەس، بەلكى مەرۋايىت ۋە ئەسىل مارجان كۆرۈنىدۇ، ئەلۋەتتە!

تۆرتىنجى. مەزكۇر «كاشغەر» غەزەلىدە، بىر يۇرت – دىيارنىڭ گۈزەللىكى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بىر گەۋدە بولىدىغانلىقى تويۇندۇرۇپ شەرھلەنگەن. ئالايلۇق،

ھۇشمەندۇ دەردمەندۇ مەردۇ زەن لەبى چۇ قەند،

نارى خەندان، سىيبى رەئنا ھەر نە بارى كاشغەر.

(مەيلى ئاقىل چىچەنلەرى بولسۇن، مەيلى ناخۇش دەردمەنلەرى بولسۇن، مەيلى ئەرلەرى ۋە مەيلى ئاياللارى بولسۇن لەۋزى ھالال، قەندەك تاتلىق گەپ قىلىدۇ؛ كاشغەرىيلەرنىڭ ھەر بىرى خۇددى قىزارىپ پىشقان ئالما ياكى يەتىلگەن ئانارغا ئوخشايدۇ )

يا پەرى، يا ھۆرى، يا باغى ئىرەم ياد ئەيلەمەس،

شەھرىنى ئۇنتار بولۇر ھەر كىم دۇچارى كاشغەر.

(كىمكى كاشغەرگە كەلىپ قالسا، ئۆزىنىڭ شەھرىنى ئۇنتۇپلا كەتىدۇ؛ جەننەت، ھۆر – پەرى دەگەنلەرنى بولسا، ئەس-يادىغا ئالىپمۇ قويمايدۇ )

مانا بۇ مىسرالاردا، كاشغەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئەسىل بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئىنسانلارىنىڭمۇ تاتلىق سۆزلۈك، خوش مۇئامىلەلىك، خۇددى قىزارىپ پىشقان ئالما ۋە يەتىلگەن ئاناردەك گۈزەل، جەننەتتىكى ھۆر – پەرىلەر كەبى كەلىشىملىك، سۇباتلىق ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ دىيارغا كەلىپ قالغان ئادەمنىڭ ئۆز يۇرتىنى-ئۆزىنىڭ ئەسلىي شەھرىنى ئۇنتۇپ كەتىدىغانلىقى شائىرانە تەسەۋۋۇر ۋە شىئىرىي تىل بىلەن تويۇندۇرۇپ بايان قىلىنغاندۇر.

ئەمدى، يۇقىرىقى سەككىز بەيىتنى ئەنە شۇنداق قۇرمۇ قۇر ئوقۇپ، تەلقىنلىق تەھلىل ۋە ئىلمىي مۇلاھىزەدىن ئۆتكۈزۈپ كەلسەك، ئاخىردا شائىرنىڭ چۈشۈرگە بەيىتى ئۈچۈن يازغان:

كاشغەر شەھرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،

دىلگۇشا، ئىشرەتفەزا ھەر سەبزەزارى كاشغەر.

(كاشغەر شەھرىنى گۇمنامنىڭ ياشاپ يايرايدىغان يايلاقى دەپ بىلىڭكى، كاشغەر چىمەنزارلىقى ياشامنى پەيزىگە يەتكۈزىدۇ، دىللارنى ھوزۇر بىلەن يايراتىدۇ )

– دەگەن ئىككى مىسراسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ يۈرەك قاتىدىن چىققان ئىپتىخارلىق يەكۈنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىمىز، ئەلبەتتە.

 

*                  *                 *                 *                *

     ھاسىلكالام، شائىر بوۋامىز ھىرقەتىي – گۇمنامنىڭ مەشھۇر غەزەلى «كاشغەر» ئۇيغۇر ۋەتەنى ئەزىزانە كاشغەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئادەملەرى ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانغا خاس بولغان يەتىك مۇھەببەت ۋە چوڭقۇر سۆيۈك مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەڭ ماغىزلىق كەلىمەلەر بىلەن لىللاھ تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ گۈلتاجى بولۇش سۈپەتى بىلەن، بىزنىڭ مەڭگۈ سۆيۈپ ئوقۇشىمىزغا، مەزمۇنىغا چوڭقۇر چۆكۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. شۇنداقلا، ئۇ بىزنى ۋەتەن – دىيارىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆز ساھەلەرىمىزدە، تىرىشىپ-تىرماشىپ ئەستايىدىل ئەمگەك قىلىپ، خەلقىمىز ئۈچۈن تۈشمۇ تۈشتىن زەپەر قۇچۇشىمىزغا ئۈندەيدۇ!

(5)

كەيىنكى نۇسرەتلىك كەچۈرمىشلەرىم ئىسپاتلادىكى، ئۆز ۋاقتىدا، ئەرەبچە ئۆگرەنىشنى بىر يىلدالا توختاتىپ “چالا موللام” بولۇشنى رەد قىلىپ، تۆرت يىل سىجىل ئۆگرەنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بەكمۇ توغرا قىلغان ئىكەنمەن. مەن ھەر قاتىم ئەشۇ 1979-يىلى يۈز بەرگەن تاللاش دوقمۇشىدىكى دەتالاشلىق سەرگۈزەشتەمنى ئەسلەگەنىمدە، كەيىنكى ئەرەب تىلى مۇئەللىمىم مۇھەممەد ئابدۇلباقىي بىلەن قىلغان غەلىبەلىك مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمەم مەنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمۈلدۈرىدۇ.

شۇنداق، مەن ئەرەبچە ئۆگرەنىشنى يارىم يولدا توختاتىپ قويماي، ئىلمىي ئۆلچەمدىكى تۆرت يىللىق تولۇق بىر قارارنى پۈتتۈرگەنىم ئۈچۈن 1984-يىلى 4-ئايدا، مۇناسىۋەتلىك تاللاش ئىمتىھانىدىن غەلىبەلىك ئۆتۈپ، ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە بارىپ، ئەرەب-خەنزۇ تىلى بويىچە تەرجىمانلىق ۋە پراكتىكا قىلىش پۇرسەتىگە ئەرىشتىم ۋە بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي ئىز قالدۇرغان باغداد شەھىرىنىڭ گۈزەل كوچالارىدا، تاكى 1985-يىل 10-ئايغىچە بىر يارىم يىل مەغرۇر كەزدىم؛

ئەرەبچەم نورمال سەۋىيەدە بولغاچقا، 1996-يىلى دۆلەتلىك مائارىپ كومىتىتى ئۇيۇشتۇرغان تەتقىقات تۈرىگە تاللانىپ، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتى پايتەختى قاھىرەگە بارىپ، 1996-يىل 10-ئايدىن 1997-يىل 6-ئايغىچە، قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئىلىم سۆزلەش ۋە ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە “ئىسلام تەئلىماتلارى ئاساسى” (ئۇسۇلۇددىين) دەرسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش شەرەپىگە نائىل بولدۇم. بۇ جەرياندا، ئون ئىككى يىل بۇرۇن مەن ئەرەبچە دەرس ئالغان مۇھەممەد ئابدۇلباقىي ئەپەندى بىلەن تاپىشىپ، نىل دەرياسىنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈيىدىن دەملەنگەن چاينى بەھوزۇر ئىچتىم؛

ئەڭ مۇھىمى، 1986-يىلدىن تارتىپ، ساق ئون سەككىز يىل تەئتىل ۋاقىتلارىمنى سەرپ قىلىپ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلارىدىكى قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانا ۋە مۇزىيلارىدا ساقلانىۋاتقان بەش مىليون خەتلىكتىن ئاشقىن نادىر چاغاتاي ئۇيغۇرچە كلاسسىك قوليازمالارنى مۇتالىئە قىلدىم. 1986-يىلى شائىر قۇربان بارات نەشىرگە تەييارلاغان “ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى” ناملىق كىتابتا بەرىلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ترانسكرىپسىيەسى (ئوقۇلغۇسى)غا ئاساسلانىپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ئەشۇ سۇلتان ئابدۇررەشىد خان ئوقۇغان ۋە ئاماننىساخان نەفىسىيلەر رەتلەپ مۇقىملاشتۇرغان كلاسسىك يازىقلىق ئەسلىي نۇسخاسىنى بىردىن-بىردىن، خۇددى ئۈنچە يىغقاندەك يىغىپ توپلادىم. ئۇ چاغلاردا، كومپيوتەر ۋە كوپىيەلەش ماشىنالارى تەخى ئومۇملاشماغاچقا، ئون نەچچە يىل قىشلىق ۋە يازلىق تەئتىللەرىمنى قۇربان قىلىپ، قوليازمالارنى ئۆز قولۇم بىلەن ئاققا كۆچۈردۈم.

بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخاناسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر كلاسسىك مەتىنلەرى مۇتەخەسسىسى قۇربان ۋەلىي ئەپەندى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزىينىڭ باشلىقى، كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى ئابدۇرەھىم سابىت قارا خانىي ئەپەندى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمەكىنىڭ مۇقامشۇناس پەشقەدەم ماھىر ئارتىستى خالىق ھاجى ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ بىباھا قوللاشى، قولايلىق ياراتىپ بەرشى ۋە قوليازمالار بىلەن تەئمىنلەشىگە مۇيەسسەر بولدۇم.

ئاخىردا، يەنى 2005-يىلى، “ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى” ماۋزۇلۇق ئالتە يۈزمىڭ خەتلىك ژىرىك ئەسەرنى ھازىرلاپ، مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن نەشىر قىلدۇردۇم. بۇ ئارقالىق، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئورۇنلاش، ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇشىدا، مۇقاملارنىڭ ئاغىزدىن ئاغىزغا كۆچۈپ كەلگەن ئوقۇلغۇ (ترانسكرىپسىيە) شەكلىلا بار، ئەمما بۈيۈك مومامىز ئاماننىساخان نەفىسىيلەر رەتلەگەن ئەسلىي يازىقلىق شەكلى بولسا، كەڭ خەلقنىڭ- ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدا يوق بولغان دەۋرگە ئاداققىي خاتىمە بەردىم.

بۇ ھىكايەلەر ئارقالىق بۇ يەردە، زادى نەمە دەمەكچىسەن، دەسەڭىز ئى، تۇغقانىم، ئۇيغۇر ئىنسانىنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، ئىقباللىق كەلگۈسىمۇ ئاداققىي جەھەتتە، سىز-بىزنىڭ تۈرلۈك ئىلىم-پەنلەرنى ئەستايىدىل ئۆگرەنىشىمىزگە باغلىق بولىدىكەن؛ مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئىشلەرى ئەمەلىي كۈن تەرتىپتە، ھەممەمىزنىڭ جاپالىق ئىلمىي ئەمگەك ئەمەلىيەتلەرىمىز بىلەن تەگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىزنى ئۆزىگە ئىقبال ئۈمىدى قىلىدىكەن.

ھالبۇكى، ئەگەر مەنمۇ مۇشۇ مىللەت ئىشلەرى ئۈچۈن ئۆز ئىمكانىمچە بىر قاتقى قوشۇپ قوياي بوپتۇ دەپ قالساڭ، جەزمەن ئىلىم-پەن ئۆگرەن!

بىر نەرسە ئۆگرەنىشكە بەل باغلادىڭمۇ، بولدى، ئۇنى ھەرگىزمۇ يارىم يولدا توختاتىپ قويما، ئۇ شاختىن بۇ شاخقا سەكرەپ، ئۇ كەچىكتىن بۇ چۈشۈرگەگە يورغالاپ يۈرۈپ، ئۆمرۈڭنى زايا قىلما؛

رىغبەت قىلغانىڭ ھەر قانچە كىچىك ھۈنەر-كەسىپ بولسامۇ، ئۇنى ئىخلاسىڭ، ئەقىدە-ئىئتىقادىڭ ۋە ئىجتىھاتىڭ بىلەن ئەستايىدىل ئۆگرەن، ئاندىن ئۇنى دادىغا يەتكۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈر، يەئنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكىنكى، پەقەت شۇ ھالدالا، قىلغان ئىشىڭنىڭ نۇسرەت پەيزىنى سۈرىسەن ۋە ئۆزۈڭنى خۇرسەن، ئاللاھنى رازىي قىلىسەن!

2020-يىل، 9-ئۆكتەبىر

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top