ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارى تەڭداشسىزدۇر!
كومپىيۇتىر پەن – تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىياتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. كومپىيۇتىر پەن – تېخنىكىسىنىڭ بۇ خىل سېھىرلىق كۈچى ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيادىكى مەۋجۇدىيەتلەرنى تونۇشىغا بولغان ساھەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن «كومپىيۇتىر ئىقتىدارىنىڭ ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئۈستۈن» ۋە «سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلارنىڭ ئەقىلىدىن نەچچە مىلىيارت ھەسسە ئەقىللىق» دېگەندەك گەپلەر يامراشقا باشلىدى. بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ھازىرغىچە ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانمىدى. بۇ گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى كومپىيۇتىر ۋە ئۇنىڭ پىروگراممىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىكتىن بولسا، يەنە بىرى كومپىيۇتىر پەن – تېخنىكىسى بىلەن ئىنسان ئەقلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان.
جاھاندىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىقى ئىنساندۇر، ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارى تەڭداشسىز ۋە چەكسىزدۇر. ئىنسان ئەقلىنىڭ باشقا جانلىقلارنىڭ ئەقلىنىڭ ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق ئۇنىڭ ئاڭلىق ئەقىل بولۇش سۈپىتىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنسان ئەقىلى (ئىدراكى) ۋە سۇنئىي ئىدراك (ئەقىل) قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ قانداق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىش، بولۇپمۇ ئىنسان ئەقلى بىلەن كومپىيۇتىر پەن – تېخنىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايىدىڭلاشتۇرۇۋىلىش زۆرۈر. شۇ چاغدا ئىنسان ئەقلى بىلەن كومپىيۇتىر پەن – تېخنىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئادەم ئەقلى بولسا ئادەم مېڭىسىدىن ئىبارەت بىئولوگىيىلىك ئورگانىزىمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك فۇنكسىيە ئىقتىدارى – تەپەككۇر قىلىش ياكى ئويلاشتىن ئىبارەت ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادەم ئېرىشىدىغان كونكرىت نەرسە بولماستىن، بەلكى ئادەم ئۆز ھاياتىدا دۇچ كېلىدىغان ئەمەلىي مەسىللىلەرنى بىلىش ۋە ھەل قىلىدىغان ئىقتىدار (قابىلىيەت)، يەنى ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئەقىل – پاراسەتتۇر. ئەمدى، سۇنئىي ئىدراكقا كەلسەك، ئۇ پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دېتاللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان يومشاق دېتاللىرى – كومپىيۇتىر پىروگراممىلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدىكى تېخنىكىلىق مەشغۇلاتىدۇر (جەريانىدۇر). ئەقىل جانلىق مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ مېڭىسدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىدە ئۆزىنىڭ يۈكسەك كامالىتىگە يەتكەن. دۇنيادا ئىنساندىن باشقا ھەر قانداق مەۋجۇداتلاردا ئاڭلىق ئەقىل بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ئىنسان ئەقلى (ئاڭ) بىرلەمچىمۇ ياكى كومپىيۇتىر ۋە ئۇنىڭ پىروگراممىلىرى بىرلەمچىمۇ مەسىلىسىدۇر. ئىنسان ئەقلى كومپىيۇتىرنى ياسايدۇ ۋە پىروگرامما تۈزەيدۇ. كومپىيۇتىر ۋە ئۇنىڭ پىروگراممىلىرى ھېچ قاچان ئادەمدەك ئەقىل ھاسىل قىلالمايدۇ. كومپىيۇتىر پىروگراممىلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشدىن ئىبارەت بولغان ئاپتوماتىك ھالدىكى تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلىرى چەكلىك بولىدۇ. كومپىيۇتىرنىڭ بۇ خىل مەشغۇلات جەريانىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولىشى پەقەت ئىنسان ئەقلىنىڭ كومپىيۇتىرغا قانداق قاتتىق دېتاللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قانداق يومشاق دېتاللارنى – كومپىيۇتىر پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى ئىنسان ئەقلى «نىمە قىل دېسە، شۇنى قىلىدۇ». كومپىيۇتىر پىروگراممىلىرى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان تەرتىپ ۋە باسقۇچلار بۇيىچە مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشقىلا قادىر بولالايدۇ، خالاس.
سۇنئىي ئىدراكدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى بەلكىم بەزى كومپىيۇتىر ئىنژىنىرلىرى كومپىيۇتىر پىروگراممىلىرىنىڭ مۇئەييەن ئىشلارنى قىلىشتا كومپىيۇتىرغا قاچىلانغان زور ھەجىملىك ۋە مىقداردىكى بىلىم ئامبىرىنى تېزلىك ۋە توغرىلىق بىلەن ئىشلىتىشىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ياساپ چىققان بىر ئاتالغۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كومپىيۇتىر ئىنژىنىرلىرى كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دېتاللىرى ۋە يومشاق دېتاللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ھالدا باش قاتۇرمىسا، كومپىيۇتىرنىڭ سۈنئىي ئىدراكى مەڭگۈ ھازىرقى سەۋىيەدە قالىدۇ. «سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلارنىڭ ئەقىلىدىن نەچچە مىليارت ھەسسە ئەقىللىق» بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇشى كومپىيۇتىر پىروگراممىلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم – پەن نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىپ تۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن يەككە ئىنسانغا نىسبەتەن دەماللىققا «ئەقىللىق» بولۇپ قالغانلىقىدىن، خالاس.
ئەمدى سۈنئىي ئىدراك (كومپىيۇتىرنىڭ پىروگراممىلىق مەشغۇلاتى) بىلەن ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى بىرلەشتۇرۇش مەسىلىسىدە زور ھەجىملىك بىلىم ئامبىرىگە ئىگە بولغان پىروگراممىلىق كومپىيۇتىرنى بەلكىم ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىگە ياكى سىرتىغا ئورنىتىش بىلەن ئېلىكترونلۇق دۇلقۇن، نور، ئاۋاز دۇلقۇنى، رەڭ ۋە بىئولوگىيەلىك تېخنىكا قاتارلىق ھەر خىل تېخنىكىلىق ۋاستىلار ئارقىلىق سۈنئىي ئىدراك (كومپىيۇتىر پىروگراممىلىق مەشغۇلاتى) بىلەن ئىنسان مېڭىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغان تەقدىرىمۇ، بۇ زور ھەجىملىك بىلىم ئامبىرىگە ئىگە بولغان پىروگراممىلىق كومپىيۇتىرنى مەشغۇلاتقا كەلتۇرۇش يەنىلا ئىنسان ئەقلىنىڭ سىگىنال بىرىشىگە تايىنىدۇ.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسان ئەقلى بىلەن سۈنئىي ئىدراكقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش ئىنسان ئەقلى بىلەن سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. دۇنيا شاھمات چېمپىيونى كاسپاروۋ كومپىيۇتىردا كومپىيۇتىر بىلەن شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە كاسبارونىڭ دەسلەپكى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە يېڭىپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىلەردە كومپىيۇتىردىن يېڭىلىپ قالغانلىقى سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسان ئەقلىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مىسال بولالامدۇ؟ بىرىنجى قېتىملىق شاھمات مۇسابىقىسىدە كاسپاروۋ كومپىيۇتىرنى يېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كومپىيۇتىر پىروگراممىچىلىرى ئەسلىدىكى نۇرغۇن شاھمات چېمپىيونلىرى ۋە ماھىرلىرىنىڭ شاھمات ئويناشتىكى تاكتىكا ۋە ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلاش ئاساسىدا تۈزگەن پىروگراممىسىنى قايتا تۈزۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى قېتىملىق شاھمات مۇسابىقىسىدىن باشلاپ كاسپاروۋ يېڭىلىپ قالىدۇ. «نىمە ئۈچۈن كاسپاروۋ يېڭىلىپ قالدى؟» دېگەن مەسىلە تەھلىل قىلىنسا، شۇنى بىلىپ ئېلىشقا بولىدىكى، گەرچە كۆرۈنۈشتە كاسپاروۋ بىر كومپىيۇتىر بىلەن شاھمات مۇسابىقىسىغا چۈشكەندەك بولغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە كاسپاروۋ بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ شاھماتچىلەر بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
قىسقىسى، گەرچە كومپىيۇتىر ۋە ئۇنىڭ پىروگراممىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئېچىش جەريانىدا قۇدرەتلىق قورال بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىنسانلارنىڭ كونتىروللىقىدا ئۆزلىرىنىڭ تېخىنىكىلىق كۈچ – قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىقتىدارى چەكسىز ۋە تەڭداشسىزدۇر. سۈنئىى ئىدراك (كومپىيۇتىرنىڭ پىروگراممىلىق مەشغۇلاتى) نىڭ قابىلىيىتى چەكلىكتۇر. ئىنسان ئەقلى بولمىغان بولسا، كومپىيۇتىر پەن – تېخنىكىسىمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.
2020 – يىلى نويابىر