You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر داستانلىرى ۋە مەدەنىيىتى

ئۇيغۇر داستانلىرى ۋە مەدەنىيىتى

پرۇفېسسور سائادەتتىن يامغۇر گۆمەچ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: دىلنۇر ئەنۋەر

تەھرىرلىگۈچى: مەھمۇد قاراخان

قىسقىچە مەزمۇنى: «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنىڭ سىياسىي ئىسىم بولماستىن، بەلكى قەبىلە ۋە تېررىتورىيەلىك ئىسىم سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى كۆز- قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ(بۇ بەلكىم توغرا كۆز- قاراش بولۇشى مۇمكىن)، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىم ھەرگىزمۇ بارلىق تۈركلەرنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. يەنە كېلىپ،  كۆك تۈرك يېزىقى ۋە خىتايچە مەنبەلەردىن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدىكى تۇنجى زېمىنى سېلىنگا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە بايركۇنىڭ شىمالىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىندۇ. بۇ تەتقىقات ماقالىسىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلىشقا تىرىشىمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار،  ئۇيغۇر داستانلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى

ئەلۋەتتە،  تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن تۇنجى بولۇپ ئېسىمگە كېلىدىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ماددى ۋە مەنىۋى قىممەت-قاراشلىرىدىن؛ بىناكارلىق،  ھەيكەلتىراشلىق،  يېزىقچىلىق،  رەسساملىق،  مۇزىكا سەنئىتى،  شەھەر-بازارلاشتۇرۇش،  دېھقانچىلىق ۋە مەتبەئە قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىلگىرىلىشى ھەم تۈرك مەدەنىيىتى،  ھەم دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىنتىزامى ۋە جازاسى ئىنتايىن ئېغىر،  ئۇلار ئۆزلىرى خېلى باتۇر خەلق،  دېيىلگەن. بىر مىللەت ۋە دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى،  ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى ئىنتايىن مۇكەممەل بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن،  بولۇپمۇ تاشقى تەھدىتكە قارشى كۈچلۈك ھەربىي تەرتىپكە موھتاج بولىدۇ. ئارمىيە دۆلىتى بولغان تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىدۇر. تىنچ ۋاقىتلاردا كۈندىلىك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغان ئۇيغۇرلار، ئۇرۇش ۋاقتىدا ياشلاردىن قېرىلارغىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك يۈرگۈزۈىدۇ. (گۆمەچ 2014: 147 ؛ گۆمەچ 2014: 67). ئۇلارنىڭ ئىگىز ۋە يوغان چاقلىق ھارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇلار كۆچۈش ۋە ئۇرۇش جەريانلىرىدا بۇ ھارۋىلارنى كۆپ ئىشلىتەتتى. تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردە، ئۇلارمۇ  باشقا تۈرك قەبىلىلىرىگە ئوخشاش كۆچمەنلىك بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مەلۇم ئورۇندا ئولتۇراقلىشاممىدى. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مال- چارۋا بېقىش ۋە ئۇرۇش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەچ،  يەر زىمىن بىلەن دېگۈدەك كارى بولۇپ كەتمەيتتى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۇستا دېھقان ۋە ھۆنەرۋەن بولۇپ، تىجارەت باشلىغان.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن باشلاپ،  بۇ تارىخىي تۈرك ئانا يۇرتى تۈركىستاندا ئارخولوگىيەلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئۇچرىغان سۇ تۈگمىنى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار، بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىك ئۆستەڭ ئېچىش ئارقىلىق دەريا سۈيىدىن يەرلىرىنى سۇغۇردىغانلىقى ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ئەسەرلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆز دۆلىتىدە كۆرۈپ باقمىغان، ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنى كۆرۈپ قايىل بولۇپ كەتتى. يىگىرمە نەچچە خىل ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنى خىتايغا ئېلىپ باردى. بۇ سەۋەبتىن،  خىتايلار تۈركىستاندىن كەلگەن بۇ ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرگە يەرلىك ئىسىم قويدى. خىتايلار يەنە 7-ئەسىرنىڭ بېشىدا تۇرپان رايونىغا ئەۋەتكەن ئادەملىرى ئارقىلىق شېكەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈگەندى (گۆچمەن  2015: 204).

بۈيۈك ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن،  كانسۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارسودا،  ھۆنەر-سەنئەت ۋە دېھقانچىلىقنى ناھايىتى ئىلغار سەۋىيىگە كۆتۈردى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،  يىپەك يولى تىجارىتى ئۇلارنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئىلگىرلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا،  ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ئائىت بولغان كۆپلىگەن ئەسەرلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئورخۇن-سېلېنگې،  يەنسەي،  تۇرپان،  خوتەن،  دۇنخۇاڭ ۋە باشقا قەدىمكى تۈرك رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مول بۇددىست-مانىزىمچە دۇئا ۋە نەسىھەت كىتابلىرى بار. بۇنىڭغا ئاساسەن،  بۇ ئەقىدىلەر ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەدەبىياتنى تەرەققىي قىلدۇردى،  تېكىستلەر سانسكرىت تىلى،  توخارچە،  پارىسچە ۋە خىتاي تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەلۇم بولغىنىدەك،  يۈسۈپ خاس ھاجىب 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىنى يازغان ۋاقتىدا،  كونا جەڭ ماھارىتىنى يوقاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىمۇ تۈركىستاندىكى بۇددىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالغان. يەنە بىر تەرەپتىن،  ئوخشىمىغان تۈرك قەبىلىلىرى خارزېم،  دىل ئۇرال،  ئىران،  ئاسىيادىن ئىلگىرىكى ئانادولۇ ۋە مىسىر قاتارلىق رايونلاردا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ،  تارىخىي جەريانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان. پەقەت،  تۈركىستاندىكى ئېتنىك ۋە جۇغراپىيىلىك بىرلىكنىڭ ئىزچىللىقىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى سەۋەپلىك،  بۇ يەردە ئالدى بىلەن بۇددىست،  ئۇنىڭدىن كېيىن  قاراخانىلار تەرىپىدىن تەرەققىي قىلغان تۈرك-ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇپ،  ئۇزۇن يىل تۈركلەرنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، شۇنداقلا بۇ تۈرك – ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مەنىۋى قارارگاھى بولۇپ قالدى (قاراخوجا 1960: 10 ؛ گابايىن 1982: 186). -187).

ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ھېچكىم ئۇيغۇرلاردىن كۆكتۈرك ئېلىپبەسىدە يېزىلغان شىنە ئۇسۇ، تەرھىن ۋە قارابالغاسۇن قاتارلىق يېزىقلارنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى مۇلاھىزە قىلالمايدۇ. بىز يەنە تۈركلەرنىڭ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئېلىپبە ۋە يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 15-ئەسىرگىچە ئوخشىمىغان ھەرپلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆرىمىز. كوك تۈرك، پارىس، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب ئېلىپبەلىرى ئۇيغۇرلار قوللانغان يېزىق سىستېمىسىنىڭ بىرىدۇر. گەرچە موڭغۇللار ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ،  ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيىتىگە بويسۇنۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئاخىرىدا، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى پۈتكۈل مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋالغان دەۋر يىتىپ كەلدى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى زامانىسىدا ترانسوسىئانا، خوراسان ۋە ئىراقتىكى كىتابخۇمارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە،  موڭغۇللار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركلەشتى. تىمۇرنىڭ نىزامنامىسى ۋە ئالتۇن ئوردا يارلىقى ھەمىشە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان بولۇپ،  15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ۋە دۆلەتلەر ئارا ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت خەتلىرى تەڭگە خەتلەر بىلەن يېزىلغان. ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارايدىغان بولساق،  پارىس ئېلىپبەسىدىن تەركىپ تاپقان دېيىلگەن،  بەزى مەنبەلەردە  بىر-بىرىگە زىچ كىرىشىپ كەتكەن دېگەندەك رىۋايەتلەرمۇ يەر ئالغان. بۇ ئېلىپبەنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، كۆك تۈرك ئېلىپبەسىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ساپلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرى چىقىشىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە- باسمىچىلىقتا ئىشلىتىدىغان قەغىزى خىتايلارغا ئوخشىمايتتى. بۇ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەغەز ياساش ھۆنەرۋەنلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،  9-ۋە 10-ئەسىرلەردە ئۇلار خىتاينىڭ باسمىچىلىق تېخنىكىسىغا ئوخشىمايدىغان باسمىچىلىق سەنئىتىنى بايقىغان بولۇپ،  ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ھەرىپلىرى بىلەن ياغاچتىن كىتاب بېسىپ چىقىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ خىل (ياغاچقا يېزىلغان-بېسىلغان) خەتلەرنىڭ تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل قېزىش، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە سومكىلارنىڭ ئىچىدىن تېپىلغانلىقى مەلۇم. كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنگىچە بۇددا دىنى،  مانى دىنى ۋە نېستورىئان دىنىنىڭ تەرجىمە قىلىنغان كىتابلىرى بولۇپ،  بۇلارنىڭ ئىچىدە مايترىسىمت،  ئاگاماسۇترا،  ئالتۇن يارۇق،  ئىككى يىلتىز نوم قاتارلىق ئەسەرلەرنى ساناپ چىقالايمىز. بۇ قوليازمىلاردا خىلمۇ-خىل سىياھلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم (جافەر ئوغلى 1984. گابائىن 1982:192. ئاسلان پاپا 1990:9. بايرۇت 1991:629-630. كۆپرۈلۈ: 2005: 30). بىز ئاللىقاچان قاراخانىلار ۋە كېيىنچە تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاي رايونى ئەدەبىياتىنىڭ يىلتىزىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئېيتتۇق.

گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن داستانلار يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ھېكايىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى خىتايچە ۋە پارسچە مەنبەلەردە كۆرەلەيمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆرىلىش ۋە كۆچۈش داستانلىرىدۇر. بىز تۆرىلىش داستانىغا ئائىت بولغان تارىخى جىھان گۈشا ۋە جامىئۈت تەۋارىخدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، بۇ داستان تۆۋەندىكىچىدۇر:

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا،  ئۇلارنىڭ تۇنجى كېلىپ چىققان يېرى ئورخۇن دەرياسىدادۇر. ئۇنىڭ مەنبەسى قاراقۇرۇم دەپ ئاتىلىدىغان تاغدۇر. بۇ ئۆگەدەي قاغان قۇرۇشقا بۇيرۇغان شەھەرنىڭ ئىسمىدۇر. ئۇ تاغدىن ئوتتۇز ئېقىن ۋە قىر بەرپا قىلدى. ئۇ ھەر بىر سۇنىڭ چېتىدە ئېگىزلىكتە ئولتۇردى. دېڭىز قىرغىقىدىكى ئورخۇندا،  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى چوڭ قەبىلىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەندە،  ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش بىر يەرگە جەم بولۇپ،  ئۇلارنىڭ بىرىنى باش قىلىپ سايلىدى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇندى.

شۇنداق قىلىپ،  بەش يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سايلانغان بېشى ۋە ئاقساقاللىرى يوق ئىدى. ھەر خىل ۋاقىتلاردا،  ئۇلاردىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ باتۇرقەھرىمان بولىدۇ ۋە شۇنداقلا قەبىلىسىنىڭ رەھبىرى بولىدۇ. ئاخىرىدا،  قەبىلىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ،  ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن باش لازىملىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇلار بۆگۈنى قاغان قىلىپ تاللىدى. بۆگۈخان «ئافراسياب» دېيىلىدۇ. بىر قۇدۇققىمۇ مۇشۇ ئىسىم بېرىلگەن. قاراقورۇمنىڭ يېنىدىكى بىر چوڭ تاشقا بۇ ئىسىمنى قوللانغان. بىچېن ئىسىملىك ​​بىر چېلىشچى بۇ قۇدۇققا تاشلانغان. ئېقىننىڭ چېتىدىكى ئوردۇ بالىق دېگەن شەھەرنىڭ ئىسمى ھەم شۇنداق ئدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەھەر ماۋۇ بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ. شەھەر سىرتىدىكى تاشلارغا ئوردىنىڭ رەسىمى ئويۇلغان. ئۇلار بۇ تاشنى ئۆگدەي قاغان دەۋرىدە قېزىۋالغان. ئۇلار تاشنىڭ ئاستىدىن بىر قۇدۇق ۋە قۇدۇقنىڭ ئېغىزىدىن چوڭ بىر تاش تاختاينى تاپقان. ئۇنىڭدا بەزى يازمىلار بار ئىدى. قاغان تەرىپىدىن بۇ يازمىلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلىشكە بۇيرۇلغان. بەزى كىشىلەر ئۇ يەرگە كەلدى،  ئەمما ھېچكىم ئۇلارنى ئوقۇيالمىدى. بۇ يەردە بىر قەبىلە خىتاي ياشايتتى. ئۇلار بىر نەچچە كىشىنى ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ يېزىقنىڭ ئۇلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ يېزىقتا مۇنداق بايان قىلىنغان:

قاراقۇرۇمدىن كەلگەن ئىككى دەريا بار. بىرى توگلا،  يەنە بىرى سېلېنگې دەپ ئاتالغان. بۇ دەريالار كاملانچۇ دېگەن جايدا بىرلىشەتتى. دەريالار ئارىسىدا ئىككى دەرەخ بار ئىدى. قىشتىمۇ ئۇلارنىڭ يوپۇرمىقى چۈشۈپ كەتمەيتتى. مېۋىلەرنىڭ تەمى ۋە شەكلى قارىغاي ئۇرۇقىغا ئوخشايتتى.

بىر كۈنى بۇ ئىككى دەرەخنىڭ ئارىسىدىن ئاسماندىن نۇر چۈشتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تاغلار ئاستا-ئاستا ئۆسۈشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كىشىلەر ھەيران قېلىشتى. ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. ئۇلار يېقىنلاشقانسىرى ناھايىتى يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى. ھەر كۈنى كەچتە بۇ يەرگە بىر نۇر چۈشۈشكە باشلىدى ۋە نۇر ئەتراپىدا ئوت چاقناپ تۇراتتى. يەنە بىر كۈنى،  ئۇلار ئوخشاش بىر جايدا ئايرىم تېكىلگەن بەش چېدىرنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە بىر بالا ئولتۇراتتى. ھەر بىر بالىنىڭ ئالدىدا بېقىشقا يېتەرلىك سۈت قاچىلانغان تىنچلاندۇرۇش دورىسى بار ئىدى. چېدىرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى كۈمۈش بىلەن قاپلانغان. بارلىق كىشىلەر بۇ غەلىتە ئىشنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە ئالدىراپ باردى. ئۇلار بۇ ھەيۋەتلىك ۋەقەگە شاھىت بولغاندا،  ئۇلار باش ئېگىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. بىر ئازدىن كېيىن،  ئۇلار بالىلارنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى. ئۇلارنى سۈت-ئانىلارغا بېقىش ۋە تەربىيلەش ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەردى. كىشىلەر ھەمىشە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەر خىل نازۇ-نېمەتلەرنى سۇندى. ئۇلار بالا ئېمىتىشنى توختىتىپ پاراڭلىشىشقا باشلىغاندا،  ئۇيغۇرلاردىن ئاتا-ئانىسىنى سورىدى. ئۇلار يەنە ئىككى دەرەخنى كۆرسەتتى. كىشىلەر بالىلارنى ئېلىپ دەرەخ تەرەپكە باردى. ئۇلار دەرەخلەرنى كۆرگەندە،  بالىلار ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلغانغا ئوخشاش ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسەتتى. ئۇلار دەرەخ ئالدىدا تىزلىنىپ يەرنى سۆيدى. شۇنىڭ بىلەن،  دەرەخلەرگە تىل چىقىپ شۇلارنى دېدى: «ياخشى ئەخلاق ۋە ياخشى سۈپەتكە ئىگە بالىلار مۇشۇنداق قىلىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن،  ئىسمىڭىز داڭلىق،  ئىناۋىتىڭىز مەڭگۈلۈك بولسۇن ».

ئۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بالىلارغا خۇددى ھۆكۈمدارنىڭ ئوغلىدەك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلار بالىلار تۇغۇلغان شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،  ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىسىم قويدى. ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى سۇڭگۇر تېكىن،  ئىككىنچىسى كوتۇر تېكىن،  ئۈچىنچىسى تۈكەل تېكىن،  تۆتىنچىسى ئور تېكىن،  بەشىنچىسى بۆگۈ تېكىن بولدى.

بالىلارنىڭ تۇغۇلىشىدىكى مۆجىزىۋى ئەھۋالنى كۆرگەنلەر، ئۇلارنىڭ بىرىنى ھاكىمىيەت بېشى قىلىپ سايلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى ئۇلار چوقۇم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ بالىلار ئىچىدە بۆگۈ تېكىن چىراي گۈزەللىكى،  بوي ئېگىزلىكى ۋە سەۋرچانلىقى،  ئىرادىسى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن باشقىلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ يەنە بارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە يېزىقلىرىنى بىلەتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ خان بولۇپ سايلىنىشىنى قارار قىلدى،  كاتتا مۇراسىمدىن كېيىن ئۇ تەختكە ئولتۇردى. ئۇ دۆلىتىنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ، خەلقىگە زىيانكەشلىك يوللىرىنى تاقىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۇنى قولايدىغان كىشىلەر، ئارمىيە ۋە مال-مۈلۈكلەر بارغانسىرى كۆپەيدى. خۇدا ئۇنىڭغا بارلىق تىللارنى بىلىدىغان ئۈچ قاغا ئەۋەتتى. قەيەردە مۇھىم ئىش بولسا،  بۇ قاغالار ئۇ يەرگە بېرىپ،  ئۇنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ،  ئاندىن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلاتتى.

بۆگۈ قاغان بىر كۈنى كەچتە ئوردىسىدا ئۇخلاۋاتقاندا،  دېرىزىدىن بىر قىزنىڭ سىماسى پەيدا بولۇپ، ئۇنى ئويغىتىۋەتتى. ئەمما بۆگۈ قاغان بۇ ئىشتىن ئەنسىرەپ،  قىزغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنى چۈش كۆرىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. ئىككىنچى كۈنى كەچتە قىز يەنە پەيدا بولدى. ئۇ سەھەردە قوپۇپ مەسلىھەتچىسى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە پاراڭلاشتى. ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۇ قىز قايتا پەيدا بولغاندا،  قىزنى ئېلىپ تاغ تەرەپكە باردى. ئۇ قىز بىلەن بۇ تاغدا تاڭ ئاتقۇچە پاراڭلاشتى. بۇ ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەر ھەر كۈنى كەچتە بولاتتى. يەتتە يىل،  ئالتە ئاي يىگىرمە ئىككى كۈن ھەر كۈنى كەچتە سۆھبەتلىىشىش بىلەن ئۆتتى. بۆگۈ قاغان سەپداشلىرى بىلەن  يولغا چىققان كۈنى،  قىز ئۇنىڭغا: «شەرقتىن غەربكىچە پۈتۈن دۇنيا بايرىقىڭ ئاستىدا بولىدۇ. ئىشلىرىڭنى چىڭ تۇتۇپ،  ياخشى ئۆگەن. دوستلىرىڭىنىڭمۇ قەدىرىنى بىل» دېدى.

بۆگۈ قاغان قوشۇنىنى يىغىپ،  ئاكىسى سۇڭگۇر تېكىننىڭ قوماندانلىقىدا قوشۇنىدىن ئۆزى تاللىغان ئۈچ يۈز مىڭ سەرخىل ئەسكەر بەردى. ئۇ ئاكىسىنى قىرغىزىستان ۋە موڭغۇل زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۇ يەنە كوتۇر تېكىننىڭ قوماندانلىقىدا يۈز مىڭ ئەسكەر تەقسىملەپ،  ئۇنى تاڭغۇتقا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. تىبەتنىڭ يان تەرىپىگە تۈكەل تېكىننى تەيىنلىدى ۋە ئۇ ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكەرنى ئېلىپ خىتايغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يەنە بىر ئىنىسى ئور تېكىنگە پايتەختنى ئامانەت قويۇپ كەتتى. سەپەرۋەرلىككە قاتناشقان قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئېلىپ كەلگەن غەنىيمەتلەرنىڭ سانى ھەددى- ھېساپسىز ئىدى. ھەرتەرەپتىن قوشۇن توپلاندى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئورخۇن قىرغاقلىرىدا ئوردۇبالىق نامىدا ​​پايتەخت قۇرۇلدى. شەرقتىكى بارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولدى.

قاغان بىر كۈنى كەچتە چۈشىدە ئاق رەڭلىك كىيىم كەيگەن بوۋاينى كۆردى. بوۋاي ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،  ناھايىتى چوڭ بىر قاشتېشىنى بەردى ۋە: «ئەگەر بۇ تاشنى ساقلاپ قالالىساڭ،  پۈتۈن دۇنيا ساڭا بويسۇنىدۇ.» دېدى. بۆگۈ قاغاننىڭ ۋەزىرىمۇ شۇ كۈنى كەچتە بۇ چۈشنى كۆرگەن ئىدى. ھەممەيلەن ئەتىگەندە يىغىلدى. بۇ قېتىم ئۇلار غەربتىكى دۆلەتلەرگە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى.

بۆگۈ قاغان تۈركىستانغا كەلگەندە،  يېشىللىق ۋە مول سۇ بىلەن قاپلانغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. ئۇ بالاساغۇن شەھىرىنى قۇردى،  ئۇ ھازىر كوزبالىق دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇ بۇ يەرنى بەك ياقتۇردى. ئاندىن ئەسكەرلىرىنى بۇ ئەتراپقا ئەۋەتتى ۋە ئون ئىككى يىل ئىچىدى ئاساسەن پۈتۈن دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ بولدى. ئىسيان كۆتۈردىغان  دۆلەت قالمىغان ئىدى. ئۇلار شۇنداق يىراقلاپ كەتتىكى،  ئىنسانلارغا ئوخشايدىغان جانلىقلارئۇچرىدى. ئۇ بۇنداق يەردە كىشىلەر ياشايدۇ دەپ ئويلىمىغاچقا،  قايتىپ كەتتى. قوماندانلار ئۆز دۆلەتلىرىگە بارغاندا،  ئۇلار ئىگەللىگەن دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى خانغا سوۋغات قىلدى. پەقەت،  ھىندىستان سۇلتانى ئىنتايىن سەت بولغاچقا، خان ھوزۇرغا قوبۇل قىلىنمىدى. ئولجا-غەنىيمەتلەر بەگلەرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىگە ئاساسەن تەقسىم قىلىندى. تۇتقۇن قىلىنغان ھۆكۈمدارلارغا باج تاپشۇرىشى كېرەكلىكى ئېيتىلىپ، ۋەزىپىگە قويۇلدى.

بۆگۈ خان ۋاپات بولغۇچە دۆلەت بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بەش بالىقتا ھەر بىر ئۆيدە «ئۇيغۇرلار تۆرىلىپ چىققان دەرەخ» دەپ قارالغان دەرەختىن بىر تۈپ بار ئىدى.

يۇقىرىدىكى بۇ تۆرىلىش داستانىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش داستانىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل شەكلى بار. بۇ داستانلارنىڭ بىرى، كۇۋەينىنىڭ ئۆزى بىلگەن، ئەمما تولۇق خەۋەر قىلىنمىغان تېمىسى قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك:

«قەدىمكى دەۋرلەردە ياشىغان بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى يۇرتىدا ئىككى دەرەخ ئوتتۇرىسىدا چېدىر قۇردى. ئۇ كىشى بالىلىرىنى بىر-بىرلەپ چېدىردا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىردىن گۈلخان ياقتى. ئۇ توپلىغان بىر قىسىم كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە ئېلىپ باردى. ئۇ كىشى چېدىرغا كىرگەندە، دەرھال تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھۆرمەت بىلدۈردى ۋە يېنىدىكى كىشىلەرگە شۇنداق قىلىشنى ئېيتتى. نادان ۋە بىلىمسىز خەلق بۇنىڭغا ئالداندى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشكە باشلىدى. خەلق بالىلارنى ئېلىپ باقتى ۋە چوڭ غەمخورلۇق قىلدى. ئۇلاردىن بىرىنى خان قىلىپ تاللىدى.

بىر ۋاقىت كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئەتراپتىكى خەلقلەر ئاتلارنىڭ كىشنىشى،  ياۋا ھايۋانلار ۋە ئىتلارنىڭ ھۇۋلاشلىرى،  كالىلارنىڭ مۆرىشى،   قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مەرىشى،  قۇشلارنىڭ سايرىشى،  بالىلارنىڭ يىغلىشىدىن «كۆچ،  كۆچ» دەپ ئاۋاز ئاڭلاشقا باشلىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ھازىر ئۇلار ۋەتىنىدىن ئايرىلىدىغان پەيت كەلدى دەپ قارىدى. ئۇلار قەيەرگە بېرىپ قونسا ئوخشاش ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۇلار ئاخىرى باشقا دۆلەتكە كەلگەندە،  ئاۋازلار توختاپ،  ئۇ يەردە بەش مەھەللىلىك  شەھەر قۇردى. ئۇلار بۇ جايغا بەش بالىق دەپ ئىسىم قويدى،  ئۇ كۈندىن كۈنگە چوڭايدى. شۇنىڭدىن كېيىن،  ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى بەگلىك قۇردى. ئۇلارنىڭ ئەمىرى ئىدىقۇت دەپ ئاتالدى».

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش رىۋايەتلىرىنى خىتاي مەنبەلىرىدىمۇ كۆرىمىز. ئۇيغۇرلار خىتتاي مەنبەلىرىدە تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈلگەن:

«تۇرپان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ قاغانلىرىنى ئىدىقۇت دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قاراقۇرۇمدىن كەلگەن.

يۇلۇن تېكىن تەختكە چىققاندا،  خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇ ئۆز خەلقىنى ئارام تاپقۇزۇش ۋە تىنچلىققا ئېرىشتۈرۈش ۋە خىتايلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن، خىتاي سوت مەھكىمىسىدىن بىر قىزنى ئېلىپ تۇغقاندارچىلىق ئورناتتى. ئۇ جەڭ مەيدانىدىن قوشۇنىنى چېكىندۈردى ۋە ئوغلى بىلەن خىتاي مەلىكىسى توي قىلدى. بۇ خاتۇن قاراقۇرۇمدىكى بىر تاغدا ئولتۇراتتى. بۇ جايغا «خاتۇن ئولتۇرغان تاغ» ۋە «تەڭرى قۇلى تېغى» قاتارلىق ئىسىملار قويۇلغان. ئۇنىڭ جەنۇبىدا تاشلىق بىر يەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى قۇتلۇق تاغدۇر. ئۇ «ئامەت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا،  خىتاي ئىمپېراتورىنىڭ باش ئەلچىلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە ئۇچۇر توپلىماقچى بولغان. ئۇلار ئۆز-ئارا مۇنداق سۆز قىلدى: «قاراقۇرۇمنىڭ كۈچى ۋە بايلىقى چوقۇم بۇ تاغ سايىسىدە بولغان. بۇ تاغنى ۋەيران قىلىپ،  تۈركلەرنىڭ دۆلىتىنى ئاجىزلاشتۇرايلى». شۇنىڭدىن كېيىن خىتتاي ئەلچىلىرى: ئۇيغۇر قاغان سىز بىزنىڭ بىر مەلىكە بىلەن توي قىلدىڭىز، بىزمۇ سىزدىن ياردەم سورايمىز. قۇتلۇق تاغنىڭ تاشلىرى دۆلىتىڭىزدە ئىشلىتىلمەيدۇ،«بىز بۇنى قىممەتكە ئىگە قىلايلى» دېدى. ئۇلار بۇ مەسىلىدە قاغان بىلەن بىرلىككە كەلدى. ئۇ تاشلارنى خىتايغا ئېلىپ بارماقچى بولدى،  ئەمما تاشلار ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مىدىرلىتىش ئىمكانسىز ئىدى. بۇ سەۋەپتىن  ئۇلار تاشلارغا ئوت قويۇپ پارتىلىتىپ، تاشلارغا كىسلاتا قۇيدى. تاشلار كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈپ، يۈكلىنىپ خىتايغا توشۇلدى.

تاشلار ئېلىپ كېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،  بارلىق ھايۋانلار ۋە قۇشلار «كۆچ،  كۆچ» دەپ توۋلاشقا باشلىدى. يۇلۇن تېكىنمۇ ئون بەش كۈن ئىچىدە قازا قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ھۆكۈمرانلار كەينى-كەينىدىن قازا قىلدى. شۇڭا،  ئۇيغۇرلار تۇرپانغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. تۇرپاننىڭ يەنە بىر ئىسمى «قوچو» ئىدى. ئۇلار يەنە بەش بالىق رايونىغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلدى».

بىز ئۇنىڭغا تارىخىي نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، تۆرىلىش ۋە كۆچۈش داستانىدىكى ۋەقەلەر ۋە ئورۇنلار بەزى ھەقىقەتلەر بىلەن ئىنتايىن ماس كەلگەچكە بۇ داستانلاردىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلار كونا تۈرك دىنىدىن كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچە بۇددا دىنى ۋە مانى دىنى ئەقىدىسىگە كىرگەن. پەقەت،  مانىزىمغا كىرىشتىن ئىلگىرى بۇددا دىنىنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بۇ دىندىن تەسىرلەنگەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلار 762-يىلدىن كېيىن مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك،  8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا،  خىتايدا ئوتتۇرغا چىققان «ئەن لۇشەن» ئىسىملىك ئىددىيە قوزغىلىشى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتتە تۈركىيە قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلغان بۆگۈ قاغان بۇ يەردە مانى ئېتىقاد سىستېمىسىنى ئۆگەنگەن.  تۆت مانى راھىبىنى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇ تۆت راھىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مانى دىنىنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئەلۋەتتە، 8-ئەسىردە تۈركلەرنىڭ مانى ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىشى ئىتىقادى مەسىلە بولۇپلا قالماي،  بۇنىڭ سىياسىي تەرىپىمۇ بار ئىدى. ئۇيغۇرلار مانىلارنى خىتايدىن قوغداش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىق قۇردى (گۆمەچ: 95-116 ؛ گۆمەچ 2011: 191-196). قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  بۇددىزم ۋە مانى دىنى دەۋرىدە،  تۈركلەر ھەمىشە بىر ئىلاھقا ئىشىنىشنى توختاتمىدى. بىز بۇنىڭ ئەڭ تېپىك مىساللىرىنى كۆك تۈرك يېزىقىدىكى كىتابلاردىن كۆرەلەيمىز.

مانى يازمىللىرىدىن چۈشىنىلگىنىدەك، بۇ دىن بۆگۈ قاغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوردا دىنى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ كۆپ ساندىكى تۈركلەرنى ئۆزىگە قارىتالمىغان. بۇ دىننىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ چۈنكى ئىجادىي ھالدا بىر ئىلاھقا ئىشەنگەن تۈركلەرگە ئىككى ئىلاھ تەقدىم قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بىرى يورۇقلۇققا (ياكى نۇر دائىرىسىگە)،  يەنە بىرى قاراڭغۇلۇققا (ياكى رەزىللىككە) ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە،  ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرگەن،  ئەڭ يېقىن دوستى ئات بولغان ۋە ئائىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەمىشە ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان كىشىگە يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق تەڭرىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىدۇرۇش بىر مۈشكۈل ۋەزىپە ئىدى. ئىككىلىنىش ئىچدە قالغان تۈركلەر بۇ دىندىن ھەم بۆگۈ قاغاندىن قورقاتتى.

مانى دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى مانى (3-ئەسىر) نىڭ سۆزىگە قارىغاندا كائىناتتا ئىككى خىل قارشى پرىنسىپ بار: بۇلار ياخشىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇر، يامانلىقنى سۈپەتلەيدىغان قاراڭغۇلۇقتۇر. ئىنسانلارنىڭ ناچار ئىشلاردىن پاكلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئىمكانقەدەر ماددى تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە زىت: ئۆلۈم ۋە ھايات، ساغلاملىق ۋە كېسەللىك، بايلىق ۋە نامراتلىق، مەۋجۇتلۇق ۋە يوقلۇق، كېچە-كۈندۈز قاتارلىقلار.

يەنە كېلىپ، مانى دىنىغا ئىشىنىش كىشىلەرنى ئىككى قىسىمغا ئايرىيدۇ: بىرىنچىسى سەرخىللار، يەنى بۇ ئەقىدىنىڭ دىنىي خادىملىرى، ئىككىنچىسى ئاڭلىغۇچىلار، ئۇلار موناستىر سىرتىدىكى كىشىلەر. ئۇلاردىن سورالغان نەرسە ناھايىتى قىزىقارلىق. مەسىلەن، ئۇلار سەدىقە قىلغاندا ئاق كۆڭۈل ۋە كەڭ قورساق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى نورمال بولىدۇ (ماكېرراس 1990: 329 ؛ باتۇر 2004: 45 ؛ كۆمەچ 2011: 13-17). بەلكىم بۇ ئەھۋال نۇرغۇن پەلسەپە ۋە تەبىئىي دىنلارغا ئوخشاش دىنىي خادىملارغا ماس كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەقىدىنىڭ بەزى شەكىللىرىنىڭ تۈركلەرنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى، ئەمما ھېچكىم روھانىي ئەمىر بولغان قاغانغا قارشى تۇرالمايدۇ. مانى دىنىغا ئاساسلانغاندا، ھەممە ئادەم پەقەت بىر كۈندە كەچتە تاماق يېيىشى، سۇغا ھۆرمەت قىلىشى، ۋە سۈتنى قالايمىقان ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. مانى دىنىدا سېرىق ماي يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەتتا مانى مەزھىپىدىكى ئۇلۇغ پوپلار بىر قانچە يىل ئۆز ئورنىدىن كۆچمىگەن دېيىلگەن. كىچىكلىرى ھەر ۋاقىت ئايلىنىپ يۈرەتتى. مانى دىنىنىڭ يەتتە كىتابى بار، بىرى پارسچە، ئالتە پارچە سۈرىيەچە. تۈركلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆگىنىشى ۋە يادلىشىنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مانى ئېتىقادى سودىگەر ۋە شەھەرلىكلەر دىنى ئىدى، تۈركلەر بولسا كۆچمەن ئىدى. شۇڭلاشقا، مانى ئەقىدىسىنىڭ جەڭچىلەرنىڭ روھىنى يۇمشاتقانلىقىمۇ ئەمەلىيەت ئىدى، بەزى ئىسلامى مەنبەلەردە مانى دىنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەنلىكى بىكار ئەمەس.

ئوردۇبالىقتا مانىنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنىمۇ بار ئىدى. قارابالگاسۇن خارابىلىكىدە ئۇنىڭ قالدۇقلىرى يەنىلا مەۋجۇتتۇر. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قوغدالغان لامائىزىم ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلغان (جۇتېن 1978: 22 ؛ دوگان 2015: 450-451). بۇددىزم، مانى دىنى، خىرىستىيان نېستورىيان دىنى، لاما دىنى، ئىسلام دىنى ۋە تۈركلەرنىڭ مىللىي دىنى كۆك تەڭرى ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا بەرپا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

تۈركلەر مانى ئەقىدىسىگە ئەگەشكەندىن كېيىن، ئاينى جىسىم سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويدى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىرى كۈچىنى ئايدىن ئالدى دەپ قارالدى. شۇنداق قىلىپ، تۈرك قەغانلىرىنىڭ ئۈنىۋانىنىڭ بېشىغا بىر ئاي سۆزى قوشۇلدى. 735.يىلى بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى ياساتقان، بىلگە قاغان خاتىرە قەبرىستانلىقى ئەتراپىدىكى بالباللارنىڭ بىرىدە قۇياش ۋە ئاي تامغىسىنىڭ كۆرىلىشى بىكار ئەمەستۇر. ئاي بىلەن قۇياش، كۆچۈش ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئامىلدۇر. قۇياش ھەر كۈنى دۇنيانى يورۇتۇپ، ئىللىتىپ، جانلىقلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان نەرسە بولغىنىدەك، ئاي كۆچمەنلەرنىڭ كېچىلىرىنى يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان جانلىقتۇر. شۇڭلاشقا، مانى ئېتىقادى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاسترونومىيەلىك تەرەپلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى (ئېسىن 1978: 125-134 ؛ ئوگېل 1971: 280 ؛ ئېسىن 1972: 313-329 ؛ گۈنگور 1990: 40-41). بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىدىكى ئاساسىي جەمئىيەتشۇناسلىق چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن بىللە، ئاينىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدىكى ئورنى خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تۇتىشىدۇ. خىتاي مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈرك-ھۇنلار تولۇن ئاي جەريانىدا دۈشمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئاي كىچىكلەشكە باشلىغاندا چېكىنگەن (ئالفولدى 1943: 517). بۇنىڭدا بەلكىم ئاي نۇرىدىن پايدىلىنىشنى ئويلاشقان بولۇشى كېرەك.

ئۇيغۇرلار بىناكارلىق ساھەسىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇردى. بۇ ئەسەرلەردە، تۈرك چىدىرى ۋە ئارمىيە ئەنئەنىسى كونا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي بىناكارلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. ئۇلانغان ۋە ئالتۇندىن ياسالغان ياغاچتىن باشقا، لاي خىش ۋە تاش، ئويۇلغان ساپال بۇيۇملار ۋە سىرلانغان خىش ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرلارئورخۇن قىرغاقلىرى ۋە ئوردۇ بالىقتىكى چېغىدا خىتاينىڭ تېخنىكىسىنى بىلەتتى. ئارخولوگىيەلىك قالدۇقلار ۋە تېكىستلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار قۇرغان قۇرۇلۇشلار: بالىق (سېپىللىك شەھەر ياكى قەلئە)، ئارمىيە بالىق ياكى ئارمىيە سارىيى (ئىچىدە ھۆكۈمران قەلئەسى بار سېپىللىق شەھەر)، كەنت (پارىسچە شەھەر مەنىسى بار بولغان كەنتنىڭ بالىق بىلەن بولغان پەرقى ئېنىق ئەمەس)، ئۇلۇش (يېزا)، كۆدۈش (خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن سېلىنغان دىنىي جاي)، بۇركان-ئورۇن (بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى)، ئېدىز-ئۆي (مۇنار بۇتخانىسى)، ستۇپا (بۇددا دىنى مەقبەرىسى)، كالىك (ئېگىز ساراي).

ئىلگىرى بايبالىق ۋە ئوردۇبالىق قاتارلىق شەھەرلەرنى قۇرغان ئۇيغۇرلار، ئۆتۈكەن قاغانلىرى يىمىرىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن جايلارغا تارقالغان ۋە بىر يۈرۈش ئولتۇراق رايونلارنى ئاچقان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى قۇرۇلغان، بەزىلىرى يېڭى قۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش بالىق، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەرنى ساناپ چىقالايمىز.

ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىسالى تام رەسىملىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بۇرۇنقى تۈركلەرگە ئوخشاش، كەندىر رەختلەرگە چاپلانغان لاك بوياق رەسىملىرى، پىلاستىر بىلەن يېپىلغان ياغاچتىن ياسالغان موم بوياق رەسىملىرى، قەغەز ۋە يىپەك رەختتىن ياسالغان سەنئەت بۇيۇملىرى، كەندىرگە رەسىم سىزىش، كىتاب مىنياتۈرلىرى ۋە ياغاچ بېسىش سەنئىتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. پەقەت، ئۇيغۇرلارنىڭ تام رەسىملىرى ئادەتتە مانى ۋە بۇددا دىنى تېكىستلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مىنياتۈرلەر ۋە رەسىملەر، تۇنجى بىلىنگەن پارس كىچىكلىتىلگەن رەسىملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار ئوچۇق رەڭلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ كۆك ۋە قىزىل رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاللىشىدۇر. 8-ۋە 9-ئەسىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرىدىن تېپىلغان بۇددىست ۋە مانى تام رەسىملىرى ۋە كىچىك رەسىملەر تۈرك رەسىملىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مىسالىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراسىم كىيىمىدىكى بېشىكى ئۇچلۇق قوڭغۇراقلىرى، گۈل تەقدىم قىلىدىغان خانىم-قىزلار، خىزمەتچىلەر ۋە مۇزىكانتلار بىلەن تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ موللىقى ۋە ھەيۋەتلىكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ تۇرپان خارابىلىكىدە تاملىرى رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن نۇرغۇن بۇتخانىلار بار. تۇرپاندىن تېپىلغان خۇرۇم پارچىلارنىڭ كۈنىمىزدىكى كىگىز (güderi) رەختكە ئوخشاش نەپىس ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى(نۇر 1979: 359-360 ؛ نۇر 1980: 131 ؛ گۆمەچ: 215-217). ئۇيغۇرلار دەۋرىدىكى كىچىكلىتىلگەن رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى مانىچە كىتابلىرىنىڭ مۇقاۋىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ رەسىملەر قىسمەن دىنىي ۋە قىسمەن دۇنياۋى كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.

قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئۇيغۇرلاردا  ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ۋاڭ يەن دې قاتارلىق باش ئەلچىلەر بىلەن بىر قاتار مەنبەلەر ئۇلارنىڭ ئەقىللىق ۋە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى، ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە مەرمەر قاتارلىق مېتاللاردىن قورال، زىبۇزىننەت ۋە كۈندىلىك خىزمەت قوراللىرىنى ياسىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئۇيغۇر ئۇستاملىرىنىڭ، بەلۋاغ، جابدۇق، كاگنار، ياغاچتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى، ئوقيا، قىلىچ، پىچاق ۋە ئېگەر ئۈستىدىكى بېزەكلەر ئارخولوگىيە تەتقىقاتىدا بايقالغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ بىرىدۇر. كۇلالچىلىق سەنئىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، تۇرپان ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 2003-يىلى بىلگە قاغان خاتىرە قەبرىستانلىقىدا قېزىش جەريانىدا تېپىلغان نەقىشلىك ساپال بۇيۇملار ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ قارالغان (بايتۇر 1927: 621-623 ؛ سەيرانى 2000: 187-192 ؛ گۆمەچ ؛ 2003: 20 ؛ گۆمەچ: 2003 ؛ 217).

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈركىستانغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەر بۇ يەردە مۇزىكىنىڭمۇ تەرەققىي قىلغانلىقىغا شاھىت بولدى. ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم داڭلىق خىتاي مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مۇزىكا تەربىيىسى ئېلىپ، نۇرغۇن تۈرك چالغۇلىرىنى خىتايغا ئېلىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىز خىتايچە مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرگە مەنسۇپ بولغان ئايەت شەكلىدە خاتىرىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بىز ھەتتا بىر شېئىردا خىتاي ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشتە ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشقا مايىللىقنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز. بەزى دەۋرلەردە، خىتاي سارايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كىيىنىش مودا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر قاغانلىرى ۋە تېكىنلىرىگە جۈپ بولۇپ كەلگەن خىتاي مەلىكىلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

ئادەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىدە بەش خىل ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى ئېيتىلغان، يەنى گاندارا، توخار، كۆك تۈرك، كونا ۋە يېڭى ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدۇر. باشتا، نورمال ئادەمچىلىك چوڭلۇقتىكى ھەيكەللەر ئاستا-ئاستا ئون مېتىردىن ئاشىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ھەيكەللەرگە تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ باشلىنىشى كۆك تۈركلەرنىڭ بالبال ھەيكەللىرىنى ئاساس قىلغان. قىزىلدا تېپىلغان ھەيكەل، مۆرىسىگە يۈك ئېلىپ تۇرغان شەكىلدە، 47 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئېگىز پلاستېر ھەيكەل 8-ۋە 9-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ مىسالى كۇچا، خوتەن ۋە ئاقتېرەك قاتارلىق شەھەرلەردە تېپىلغان.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا: تارىختا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت باشقۇرۇش سېستىمىسىغا ئىگە بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە تەرەققىياتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار تۈرك تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولماقتا.

مەنبە: https://akademiye.org/tr/?p=5235     Uygur Türklerinin destanları ve kültürü

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top