• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرى ۋە ئۇيغۇر قاغان نەسەبىدىكى بەزى مەسىلىلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرى ۋە ئۇيغۇر قاغان نەسەبىدىكى بەزى مەسىلىلەر

پىروفېسسور سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: دىلنۇر ئەنۋەر

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇرلار، ھون ۋە كۆك تۈركلەردىن كېيىن مەلۇم بىر ۋاقىتقىچە تۈرك دۆلەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئەسناسىدا تۈركلەر مەدەنىيەت جەھەتتىن خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۈرۈك تارىخىدا يېزىق، مىمارچىلىق، ھەيكەل، رەسىم، ئەدەبىيات قاتارلىق سەنئەت ساھەسىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچقان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بېرى تۈركلەرنىڭ يۇرتى بولۇپ كەلگەن ئۆتۈكەننى قوغدىيالماي ياتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغانلىقى تۈرك تارىخىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە سەۋەپ بولغان.

ئۇيغۇر قاغانلىقى، توققۇز ئۇيغۇر بويلىرىدىن ياغلىقار ئائىلىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى  779 – يىلىغىچە يەنى 30 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگە ئۆرنەك قىلىنغاندەك، ئەدىز بويىدىن بىر كىشىنىڭ  ھوقوق تۇتقانلىقى دېيىلسىمۇ، توققۇز ئۇيغۇر ئائىلىسى ئارىسىدا ئەدىز دىگەن ئىسىمنى ئۇچراتمايمىز. شۇ سەۋەپتىن بۇ پىكىرگە گۇمانىي نەزەردە قارايمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر قاغان ئائىلىسى

ئەسەرنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقا بىر چۈشەنچە بىرىشنى لايىق تاپتۇق. بىلگىنىمىزدەك ھونلارنىڭ داۋامى بولغان كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇر تۈركلىرىدەك مەلۇم بىر مەزگىل تۈرك دۆلىتى ۋە مىللىتىنىنىڭ ھاكىمىيەت تىزگىنىنى قولىدا تۇتقان. ئۇلار، تۈرك دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىدا تۇتقان مەزگىللەردە، تۈرك مەدەنىيىتىدە ھەقىقەتەن زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى.  ئەدەبىيات، رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، مىمارلىق، يېزىقچىلىق قاتارلىق تۈرلەردىكى ئۇتۇقلىرى  تۈرك تارىخىدا ئۆزگىچە يەر ئالىغان. بۇ نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ تۈرك تارىخدىكى تۆھپىلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بەزى قىلغان ئىشلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە ھەر خىل مۇنازىرىلەر مەۋجۇتتۇر. بۇ مۇنازىرىلەر بولسا، ئۇلارنىڭ كۆك تەڭرى ئىتىقادىنى تاشلاپ، بۇددىزىم ۋە مانىي دىنلىرىغا ئىتىقاد قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىدى. تارىخى تۈرك يۇرتى بولغان ئۆتۈكەننى ساقلاپ قالالماي، بۇ يەرلەرنىڭ ياتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولدى ۋە تۈرك تارىخىنىڭ ئېقىشىنى ئۆزگەرتتى.

تۈركچە بەلگىلەرگە قارىغىنىمىزدا، ئۇيغۇر ئېتنىك ئىسمىنى تۇنجى بولۇپ 8-ئەسىردە تاشلارغا ئويۇلغان ئورخۇن ئابىدىلىرى يەنە بىر ئاتىلىشى بىلەن كۆك تۈرك كىتاپلىرىدا 716-يىلىدىكى ۋەقەلەر ئەسناسىدا، ئۇيغۇر ئىلتەبىرنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇچرىتىمىز.  716-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئىلتەبىر ئېھتىمال، تۈ-چىيەخ-چىنىڭ (تۆكۈچى/جەڭچى/جەڭ قىلغان) ئوغلى ئىل تەبەر ۋۇ – تى – ۋۇ (ئۆتۈك/ ئوتۇك/ مۆكۈنگەن) ئىدى. كۆك تۈركچە مەنبەلەردە ۋە خىتاي يىللىقلىرىدا بۇ تارىخقىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر پائالىيەتلىرى ئۇچرىمايدۇ. بىراق كاپگان قاغاننىڭ ئۆلىمى سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئوغلى ئىنى ئىل قاغان بىلەن ئىل تەرىشنىڭ بالىلىرى ئارىسىدا تەخىت تالىشىش ئۇرىشىغا ئارلاشقانلىقى ياكى بۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولغانلىقى بىلىنمەكتە.

بىلگىنىمىزدەك تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمدارلىرىدىن كاپگاننىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن، ئوغلى بۆگۆنى (فۇجۇ/پوچۇ/بەلكى بۆكەي)”ئىنى ئىل قاغان”دەپ  ئاتىغان. پەقەت ئەنئەنىگە ئاساسەن، ئىل تەرىشنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرسىنىڭ تەخىتكە چىقىشى كىرەك ئىدى. بۇ سەۋەپتىن كۆل تىگىن ۋە بىلگە، ئىنى ئىل قاغاننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىتىراپ قىلماي، ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. بۇ كۈرەش ئەسناسىدا، جەسۇر كۆل تېگىن جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ئىنى ئىل قاغان بىلەن بىرلىكتە كاپگاننىڭ پۈتۈن بالىلىرىنى ۋە ئادەملىرىنى يوقىتىشى قاغانلىقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ خىتاي مەنبەلىرىدە ئۈنۋانى “مو-چىھ-لىيەن”شەكلىدە كۆچۈرۈپ كىلىنگەن ۋە تۈركلەر ئارىسىدا “كىچىك شاد” دەپ خاتىرلەنگەن، كۆك تۈرك يازمىلىرىدا بولسا لەقىمى”بىلگە” دىيىلگەن ئاكىسىنى قاغانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار، يۇقىردىكىلەردە توختالغىنىمىزدەك بىلگە ۋە كۆل تىگىن بىلەن ئىنى ئىل قاغان ئارىسىدىكى ھوقوق كۆرشىنى پۇرسەت بىلگەن ئىسيەنچىلار يامۇ بۇ جىدەلدە تەرەپلەرگە بۆلۈندى. نەتىجىدە ئۇلار چوڭ بىر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، خىتايغا ياكى مەملىكەتنىڭ شەرقىگە قىچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بىلگە قاغان بۇ توغۇرلۇق يازمىدا: “سەلەنگەندە تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا قاغان كىسىلىنىڭ ئۆيىنى – باركىنى ئۇيەردە بۇزدۇم… ئۇيغۇر ئىل تەبەرى يۈزگىچە ئەسكەر بىلەن شەرققە قىچىپ كەتتى” .مەغلۇپ بولغان ئۇيغۇر بىگىنىڭ ئورنىغىمۇ ئۇردىسىنىڭ غەربىدىكى لىياڭ-چودا ئۆلگىنى قەيت قىلىنغان ۋەلىئەھدى چىڭ تىسۇڭ (چىنتان/دۇرۇست/جەم قىلغان) چىقتى. بۇنىڭدىن كىيىن كۆك تۈركلەر كۈچلەنگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئىسيانى بولمىغان.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا كىتاپلاردىمۇ ئۇيغۇر ئىسمىگە بىرلەشتۈرىمىز. بۇ يەردە ئۇيغۇر نامىنىڭ مەنىسى ياكى ئېتىمولوگىيەسىدە تۇرمايمىز. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئائىلىنىڭ فامىلىسىنىڭ چۈشەنچىسى ھەققىدە ئويلاشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلايمىز. بۇ ھەقتە بولۇپمۇ قارابالغۇسۇن يازمىسى بىزگە موھىم بولغان يولنى كۆرسىتىدۇ.بۇ ئۇچۇرنىڭ خىتايچە بىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئائىلىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكى تىلغا ئىلىنغان، پەقەت بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئايرىم ئايرىم بىرىلمىگەن. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ ۋە جامىئۇت – تەۋارىخنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن توققۇز ئائىلە شۇ شەكىلدە سانىيالايمىز: 1. ياغلاقار 2. خۇتۇكە 3. تولوۋۇ 4. موكەخسىچى 5. ئاۋۇت 6. كوسار 7. خۇۋاسۇ 8. يۈھۋۇكە. 9 خىسى يەھۋۇ

مەسىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاسارلار موھىم بىر رايونغا ئىگە بولۇپ، كۆك تۈرك قاغانلىقى يىقىلغاندا ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان.راشىدەدىن ئوغۇز نامىسى ۋە يازغۇچى ئوغلى سەلچۇق نامىسىدە ئۈچ ئوق قولىدىن، تاگ خان ئوغلى شەكلىدە كۆرۈنگەن ئەمىرلەرمۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىھتىمال 24 ئوغۇز بويى ئىچىگە كىردى.

بۇلارنىڭ لىدىرلىكىنى بولسا ياغلاقار ئائىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ سۇلالىنىڭ ئىسمى “ياغلاقار”- ياما پىلى بىلەن ياكى “ياگى”، يەنى دۈشمەن دىگەن مەنە بىلەن ئالاقىلىق بىر سۆزمۇ، ياكى بولمىسا قەدىمكى تۈرك ئىتىقادىدىن ئىلىنغانمۇ – يالىماق (ماختىماق) دىگەن پىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئاتالغۇمۇ، بۇ ھەقتە كەسكىن بىر ھۆكۈم چىقىرشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ خۇسۇسنى بىرئاز ئادىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدىمكى تۈرك تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چۈشەندۈرۈش بىرىمىز. قەدىمكى تۈرك ئىتىقادىدا قانلىق قۇربانلىقلاردىن باشقا بىر يەنە تىنچ بىرىلگەن قۇربانلىقلارمۇ بار. چېچى، يالما (دەرەخلەر ياكى قامۇن دۇمبىقىغا باغلانغان لاتىلار)، ئوتقا ياغ تاشلاش، تەكتىنىڭ ئاغزىلىرىنى ياغلاش ۋە قىمىز سىپىش قاتارلىق ياغلاش ئىشىنى قىلغان بولىشى مۇمكىن. بىلىشىمىزچە، تۈرك ئىسىم قوياش ئەنئەنىسىدە كىشىلەرنىڭ ياكى ئائىلەدىكىلەرنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرى كىيىنچىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇنۋانلىرى ياكى فامىلىسى ھالىتىگە كەلگەن.

نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا بۇ توققۇز ئۇيغۇر بويىنىڭ ئىسىملىرى بىر بۆلىكى تۈركچە ئەمەس. ئەمما بىزنىڭ چۈشەنچىمىز بۇيىنچە ھەممىسى تۈركچە. مەسىلەن، توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىسىنى بايان قىلغان خىتايچە ۋە خوتەن يازمىلىرىدىكى كۆچۈرمىلەردىن چۈشىنىۋالالايمىز. بۇمۇ ناھايىتى نورمالدۇر. چۈنكى تۈركلەرنى بايان قىلغان بۇ چەتئەل مەنبەلىرى تۈركچە ئىسىملارنى ئۆزنىڭ تەلەپپۇزىنى سىڭدۈرۈپ ئەسلى ئىسىمنى بۇزۇپ سۆزلىگەچكە، بەزى  ئىچىدىن چىقىشقا تىگىشلىك بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

تارىخى بىر قاتار ھادىسە ۋە تەرەققىياتلاردىن كىيىن 779-يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىدا بىر قالايمىقانچىلىق بولغان. ئۇ ۋاقىتتا سوئود مەنبەلىك بىر مۇنچە كىشى ۋە تونۇشۇشلار، بۆگۈ قاغاننىڭ (759-779) كاللىسىنى قايدۇرۇپ ۋە ئۇنى خىتاينى بىسىپ ئىلىش ئۈچۈن مەجبۇرلايدۇ. ئەمما بۇ ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى مىللى كۈچنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان باقان تونگا باگا تاركان ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان. “ت” ئەڭ چوڭ دۆلەت، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىزگە ھازىرچە باشقىچە يامان نىيىتى يوق. ئۆتكەن يىل بىز “ت، ئاي-يۈەنگە كىردۇق، ئون مىڭلارچە ئات ۋە قوي ئولجا ئالدۇق. ئەمما مەملىكىتىمىزگە قايتقىچە يارىلىرىمىز سەۋەپلىك ئازاپ چەكتۇق. ئەگەر خىتايغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا مۇۋەپپەق بولمىساق بۇ قېتىم قانداق قايتىمىز؟” دەيدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قولغا كەلتۈرگەنلىرىنىڭمۇ، نەتىجىسى مەجھۇل تەشەببۇسلار سەۋەبى بىلەن يوققا چىقىشىنى خالىمايدۇ. ئەمما قاغان بۇلارنى ئاڭلىمىدى. توڭ باغا تارخان، تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن قارشىلىق قوزغاپ بۈگۈ قاغاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يېقىن تۇققانلىرىنى، ئادەملىرىنى ئۇنىڭ خىتايغا قارشى كۈشكۈرتكەن سوئادلۇلىرىنى ۋە 2000 كىشىنى يوقاتتى.

مانتىكانىڭ ئويىچە خىتايدەك بىر دۆلەتنى پەتى قىلىش پايدىلىق بىر ئىش ئەمەس ئىدى. ھونلار چاغىندىن بىرى نۇرغۇن قېتىم تۈركلەر بۇ ئىمكانىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەمما خىتاي ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىھتىياجىنى قامدىغان دۆلەت بولغاچقا، بۇندىن كىيىنكى ھاياتى ئۈچۈن يەنە زۆرۈرىيىتى بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا دائىم دىگۈدەك سوئالارنىڭ تۈرك دۆلىتى ئىچىدىكى بۇ ئاغدۇرۇشنى كۆز ئالدىدا بولغىنىنى ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەرەپتىن كۈچلۈك بولغانلىقى ھىساپلانسىمۇ، بىزگە نىسپەتەن بۇ توغرا بولمايدۇ. تۈرك دۆلىتى ھەم ئۇيغۇرلار چاغىندا، ھەم ئۇلاردىن بۇرۇنقى سوئادلار ۋە ئۇلارغا ئوخشىغان خەلىقلەرنى بەلكى تىجارەت قابىلىيىتى ۋە كۆپ تىللىق بولىشى سەۋەپلىك، بولۇپمۇ تاشقى ئىشلاردا كۆپ قوللاندى. دۆلەت مەسىلىلىرىگە يۇقىردىكى ئۆرنەكتە كۆرگىنىمىزدەك ئۇدۇللا ئارلاشقان ۋاختى بولسا دەرس بولدى.

بۈگۈ قاغان زامانىدا نۇرغۇن سىياسىي ۋەقە پەيدا قىلدى. بۇلارنىڭ ئەڭ موھىم بىلگىنى خىتايغا قىلىندىغان سەپەرلەر ئىدى. بىراق ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتقان تەرەققىيات ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنە، ئۆرپ ئادەت ۋە ياشاش شەكلىدىكى موھىم ئۆزگىرىشلەر ئىدى. خىتايلار بىلەن تىجارىتىنى كۈچەيتكىنىدىن بىرى نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئىگە بولغىنىدەك دەبدەبىگە كۆندى.قاغان ئۆزىنى خەلقتىن ئايرىپ، ئوردىلاردا ئولتۇرۇشقا باشلىدى. ئالتۇن، كۆمۈش ۋە باشقا جاۋاھىراتلار كۆزىنى قاماشتۇردى. ئۆز كۈچىنىڭ مەنبەسى ئۆز خەلقىنىڭ ھۆكۈمدارى، ئۇلارنى تۆۋەن كۆرەتتى. دادىسىنىڭ نەسىھەتىنى ئۇنۇتتى.ھال بۇكى بۆرۈكەن خەلققە ئەھمىيەت بىرىش، كۆچمەنلىككە خاتىمە بىرىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى. بۇ ئەسنادا ئات ئۈستىدە جەڭ قىلغان، گىزى كەلسە پادىلارنىڭ كەينىدىن قوغلىغان ئاياللار گىرىم قىلىشقا، گۈزەل كىيىنىشكە تىرىشتى. شۇڭا پۈتۈن ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتقاندا، ئۇيغۇر تەختىگە ياغلاقار ئائىلىسىنىڭ سىرتىدىن بولغان تونگا باگا تاركان چىقتى. بەلكى بۇ ھادىسە، بىزنىڭ تونگا فامىلىلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرگىنىمىز ئارسىلانلار ئائىلىسىنىڭ تارىختا تۇنجى بولۇپ تەختكە چىقىشىدۇر.

ئۇنىڭدىن كىيىن 789-يىلىدا تونگا باگا تاركانمۇ ئۆلىدۇ، ئورنىغا بولسا ئوغلى كۈلۈگ بىلگە چىقىدۇ. بۇمۇ بىر يىلغا يىقىن تەختكە ئولتۇرغاندىن كىيىن 790-يىلىدا قىرىندىشى تەرىپىدىن ئۆرىۋىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلىن بۇ يىللاردا خىتاي مەنبەلىرىدە ۋە تۈركچە ئۇچۇرلاردا باش پىلانغا چىققان موھىم بىر شەخىسنى كۆرەلەيمىز. ئۇ بولسىمۇ باش قوماندان بولغان ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگەدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى بولىۋاتقاندا ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگە تىبەت قوزغىلىڭىنى بىسىقتۇرۇش سەپىرىدە ئىدى. ئۇ يۇرتقا قايتىشتىن بۇرۇن قۇماندانلىرىنى، خەلقنى كۈشكۈرتۈپ تەخت پاسىبانىنى ئۆلتۈرۈپ 790-يىلى كۈلۈگ بىلگىنىڭ ئوغلىنى تەخىتكە چىقاردى. قارا بۆلگىسۇ يازمىلىرىدا ئۈنۋانى “قۇتلۇق بىلگە” ئاتالغان ۋە ئا چور قاغان دەپ ئىلىنغان بۇ ھۆكۈمدارنىڭ زامانىدا دۆلەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادىمى ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگە ئۆلدى. بۇنىڭ بىلەن چوڭ بىر ھوقوققا ئىرىشكىنىگە قارىماي، بىزگە تۈرك تارىخىدە دائىم دىگۈدەك ۋەزىرلەرنىڭ تەختنى تارتىۋىلىش ئويۇنلىرى تۈگەپ ، دۆلەتكە ساداقىتىنى كۆرسىتىپ قاغىنىنى قوللىغان.ھەتتا مەنبەلەردىن چۈشەندۈرۈلىشىچە ئۆزىنىڭ ماللىرىنى قول ئاستىدىكى ئادەملىرىگە تارقىتىپ تەڭ بەھرىمان بولغان. 1857-يىلى ئا چور يازمىسى، بىزنىڭ تەسۋىرلىگىنىمىزدەك ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگىگە قارىتىلغان بولۇپ، يازمىدا،”ھىساپسىز مال مۈلۈك بار، مەملىكىتى ئۈچۈن زىرىكىمەستىن ئىشلەش، بەگلەرنىڭ ئىسىل پەزىلىتى. ” دەپ بايان قىلىنغان.

ياش تۇرۇپلا ۋاپات بولغان ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگە (795) قۇتلۇق بىلگە ئۆزىدىن كىيىن بىر ئىز باسار بەلگىلىمىگەن. بۇ سەۋەپتىن قىسقا مۇددەت ئۇيغۇر دۆلىتىدە تەخت ئۇرشى يۈز بەردى. شۇڭا بۇ باسقۇچتا بىر قاتار تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ئۇرنىغا ئەدىز قەبىلىسىدىن ۋە تۆرىلىرىدىن بىرى بولغان قۇتلۇقنىڭ چىققىنىنى دىيىشىدۇ. بۇ قاغاننىڭ ياغلاقار ئائىلىسىدىن بولمىغىنى بىلەن تونگا باگا قاغاننىڭ نەۋرىسى، ھەمدە ئالدىنقى قاغاننىڭمۇ ئەۋلادى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. شۇ سەۋەپتىن قۇتلۇق قاغاننىڭمۇ ئا-شاھ-تەلەنىڭ نەسلىدىن بولۇش ئىھتىمالى چوڭ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە بولغاندا خىتايچە ئىسپاتلاردا قۇتلۇقنىڭ قەبىلىسى دىگەن سۆزنى خىسىئەخ-تىئەخ، ئەدىز دەپ تەرجىمە قىلىدۇ، ئەمما بۇ كۆچۈرۈلمىنىڭ ئەدىزنىڭ قارشىلىقى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھىچ بىر دەلىل يوق. ئەمەلىيەتتە خىتايچە كۆچۈرۈلمىلەردە ئا-شاھ-تەلەھ بىلەن خىسىئەخ-تىئەخنىڭ ئىككىنجى ئۇقۇلۇشى بىر بىرىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، قارابالغاسۇ يازمىلىرىدا، خىتاي مەنبەلىرىنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ بىر “تىگىن” ئىكەنلىكى يىزىلغان. “ئالىپ بىلگە قاغان تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈن تىگىنلەر ئىچىدە ئەڭ ياشقا چوڭى ئىدى. ئومومىي ۋالىيلار، ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىرلەر، ئوردا قوماندانلىرى ۋە پۈتۈن مەمۇرىي ئەمەلدارلار شۇنداق ئىلتىماس قىلاتتى: كۆك قاغان ھوقوق تۇتقان مەزگىللەردە نۇرغۇن ۋەزىركلەر بار ئىدى، ھازىر ئالىپ قاغان مەملىكەتنى باشقۇرغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە. دېڭىزدەك چۇڭقۇر، تاغدەك ئېگىز بىر قەلبى بار.ۋەتەن چوڭ بىر پۈتۈنلۈكتۇر. شۇ سەۋەپتىن قائىدە نىزاملار يارقىن بولىشى كىرەك.”دەيدۇ. بۇ سۆزلەردىن چىقىۋاتقان بىر قىممەت نەتىجىسىگە قارىغاندا، قاغاننىڭ پۈتۈن ئىقتىدارغا ئىگە بولىشىغا قارىماي، ياخشى بىر باشقۇرۇشقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئادەت ۋە قانۇنى ھۆكۈملەرگە بۇيسۇنىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلەنمەكتە. ئەمما بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭدا «تىگىن» سۆزىنىڭ قوللىنىلغانلىقى، بۇمۇ ئۆلگەن قاغان ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلار بىلەن يىقىن تۇققان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىل ئۆگەسىنىڭ ھۆكۈمدار بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار توغرا ئەمەس. بىراق بىر ھەقىقەت شۇكى تونگا باگا دىن كىيىن دۆلەت ئىشلىرىدا ياغلاقارلارنىڭ سۆزلىرى ئانچە ئىتىبارغا ئىلىنمىغان.

بۇنىڭدىن كىيىن 805- يىلى ئۇيغۇر قاغانى قۇتلۇقنىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن قاغانلىق تەختىگە ئالىپ قۇلۇق بىلگە قاغان چىقتى. 808-يىلىغىچە ھوقوق تۇتقان بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئورنىغا ئالىپ بىلگە قاغان ئۆتتى. 821-يىلى ئۇمۇ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك بىلگە قاغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمدارى بولدى، ئۇ ئۆز ئوغلى مەشرۇ يابگۇنى بۇيرىقىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ۋەلىئەھدىلىكتىن قالدۇردى. 824-يىلى ئۇيغۇر قاغانى كۈچلۈك بىلگە ئۆلدى. ئارقىدىن قېرىندىشى كاسار تىگىن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى بولدى.

بۇ يەردە كاسار تىگىننىڭ ئىسمى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. تارىخىي ماتېرياللارغا قارىغاندا، تونگا باگا قاغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ياغلاقار ئائىلىسى بۇرۇنقى ئورنىنى يوقىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىككىنجى ئورۇنغا چۈشىدۇ. كاسار تىگىننىڭ ئىسمىدىن شۇنۇ چۈشىنىۋالالايمىزكى، بىرىنجىسى، ئاكىسى كۈچلۈك بىلگە ۋە ئۆزى توققۇز ئۇيغۇر بويلىرىدىن كاسارلارغا مەنسۇپ. ئىككىنجسى، كۈچلۈك بىلگە قېرىنداشلاردىن بىرىنى كاسارلارغا ئەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن قېرىندىشىمۇ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بىراق كاسار تىگىندىن كىيىن ھوقوقنى قولىغا ئالغان خۇ تىگىننىڭمۇ خۇلاردىن بىرى بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەندۇر.بۇنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ بىرىنجى قاراشنىڭ توغررلۇق نىسپىتى يۇقىرى. بىلگىنىمىزدەك ئۇيغۇر دەۋرى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالە 2 ۋە تارخىن يازمىلىرىدىمۇ كاسار ئىسمى تېپىلىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەختىگە توققۇز ئۇيغۇر بويىنىڭ ھەر قاندىغىنىڭ ئولتۇرۇش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

نەتىجىدە 832-يىلى، كاسار قاغان بىر ئىچكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئورنىغا خۇ تىگىن چىققان بولسىمۇ بۇ يىللارغا ئائىت ئېنىق مەلۇماتلار يوق. خۇ قاغانمۇ يۈز بەرگەن بۇ ئىچكى مالىمانچىلىقلار سەۋەبىدىن يا ئۆز بەگلىرىنىڭ خىيانىتى بىلەن ئۆلگەن ياكى ئۆلىۋىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق خىتايچە مەلۇماتلاردا بۇ تېمىدا بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بايان قىلىنغان ئوخشاش ھادىسىدە ھەم خۇ ھەمدە كاسار قاغاننىڭ ئىسمى بار. بۇ ھەقتە بىزنى شۈبھىلەندۈرىدىغان مەلۇمات مەۋجۇت.

بارلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن مەسىلىنى قىسقىچە خۇلاسىلىسەك؛ ئۇيغۇرلار ئەمەلدارلىرىدىن ئان-يۈن خو ۋە چائى- تىس ئاۋ تىگىنلەر خۇ (كۈن / كۈرەبىر) قاغاننى تەخىتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان. خۇ (كۈن / كۈرەبىر) قاغان بۇلارنىڭ سۈيقەستىنى بالدۇر بىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلتۈردى. بۇ ئىش 10-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا يېزىلغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان مىران يازمىلىرىدىن ئىسمىنىڭ كۈرەبىر ئۇرۇنگۇ سانغۇن دەپ قەيت قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنغان ۋە بۇ ئەسنادا ئۆز ئوردىسىدا يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان ئەمەلدارلاردىن كۈرەبىر قاتتىق خاپا بولغان. ئۇ شاۋ تولاردىنىڭ ياردىمى بىلەن، سارايغا بىسىپ كىرىپ، خۇ قاغاننى يەڭگەن بولىشى مۇمكىن. يۇقىردىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇيغۇر قاغانى بۇ ۋاقىتتا يا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن. تەختتە 2-كاسار تىگىن ئولتۇرغۇزۇلدى. ئۇنىڭ خىتاي يىللىقلىرىدىكى ئۈنۋان مەسىلىسىنىڭمۇ بىراز قالايمىقان بولغىنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۇق.

بىراق تەلەيسىزلىكىدىن كۈرەبەرنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا بىر داڭلىق قوماندانى كۈلۈگ باگا سانغۇن يۈز بەرگەن ئىشلارغا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن، ھەتتا چائى-تىس ئاۋ تىگىن بىلەن ئان يۈن خونىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىدىن قاتتىق خاپا بولغانلىقتىن قىرغىزلارنىڭ يېنىغا باردى. ئۆزى ئۇلاردىن مىڭلارچە لەشكىرىنى باشلاپ ئۇيغۇر پايتەختىگە يۈرۈش قىلغان. رەقىپلىرىنى يېڭىپ 840 – يىلى 2 – كاسار قاغان بىلەن كۈرەبىر ئۈرۈنگۈر سانغۇننى ئۆلتۈردى.

بۇ تارىختىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىممۇ ئۆزىنى ئوڭشىيالىغانلىقىنى سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئاسىيانىڭ ئوخشىمىغان بۆلگىلىرىگە تارقىلىپ ئۇ يەردە يەرلەشتى. ئۇلار ئىككى ئانا بۆلگىگە يەرلەشكەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى گەنسۇ يەنە بىرى تۇرپان.

ئاخىردا شۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىز: ئۇيغۇر قاغانلىقى توققۇز ئۇيغۇر بويىدىن ياغلاقار ئائىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلار 779 – يىلىغىچە يەنى 30 يىل دەۋر سۈرگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا دائىم دىگۈدەك ئىل ئۆگەسى ئىنانچۇ بىلگە ئۈلگە بولغىنىدەك ئەدىز بويىدىن بىرسىنىڭ ھوقوقى تۇتقىنى سۆزلەنسىمۇ، بۇرۇنقى توققۇز ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىچىدە ئەدىز ئىسمىنى تاپالمايمىز. بۇ سەۋەپتىن يۇقىردىكى پىكىرگە شۈبھى بىلەن قارايمىز. قىسقىسى، بۆگۆنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن كىيىن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پەرقلىق ئائىلىلەر ئارىسىدا يۈرگۈزۈلگەنلىكى، شۇ سەۋەپتىن ئاسيادا كۆك تۈركلەرنىڭ قۇرغان ۋە تەرققىي قىلدۇرغان ئابرويىنى داۋام قىلدۇرالماي، ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

مەنبە: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان دوكلات

UYGURLARIN ESKİ DÖNEMLERİ VE UYGUR KAGAN SOYUNUN PROBLEMLERİ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top