• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى خوجىلار دەۋرى ۋە ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى خوجىلار دەۋرى ۋە ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى

دوتسېنت ئادەم ئۆگەر

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: دىلنۇر ئەنۋەر

تەھرىرلىگۈچى: ئالىمجان زاھىر

قىسقىچە مەزمۇنى: خوجىلار دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا موھىم بىر ئورۇن تۇتىدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى جەريانىدا باشلانغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا دىن – سىياسەت مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىغان سىياسىي تالاش تارتىشلار خوجىلار دەۋرىگە كەلگەندە يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بايانلىرىمىزدا تۇنجى بولۇپ خوجىلارنىڭ مەنبەسى، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا كىلىپ ئولتىراقلاشقانلىقىغا، سىياسىي ۋەقەلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغانلىقلىرىغا ۋە تەسىر دائىرىسى زورايغان ھالغا كەلگىنىگە ئالاقىدار مەلۇماتلار بىرىلىدۇ. ئارقىدىن خوجىلار دەۋرى، ئاپپاق خوجىنىڭ قالماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھوقوقنى قولىغا ئىلىشى بىلەن بىرلىكتە شۇ رايوندىكى ياركەنت خاندانلىقىنىڭ ئاغدۇرىلىشى ۋە خوجىلارنىڭ تەسىرى بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىنىڭ قالماقلارنىڭ قولىغا ئۆتىشى، ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ خوجىلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشلىرى ۋە ھوقوق تالىشىش كۆرشى نەتىجىسىدە ئۇ رايونلارغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كىرىگەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بولسا خوجىلار دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە “تەزكىرەئىي ئاپپاق خوجا” ناملىق يازما ھەققىدە مەلۇمات بىرىلىدۇ.

كىرىش سۆز

840- يىلى ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كىيىن قەشقەر ۋە ئەتراپىدا  قاراخانلىلار ئاندىن  موڭغۇللار ۋە تىمۇرلار    دەۋرى باشلاندى. 1514-يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ رايوندا سەئىدىيە خاندانلىقى قۇرۇلدى. ياركەنت خاندانلىقى ۋە قەشقەر خانلىقى دەپمۇ ئاتالغان سەئىدىيە خاندانلىقى چىن تۈركىستانى دەپ ئاتالغان رايوندا  قۇرۇلغان. تارىختا بۇ يەر شەرقىي تۈركىستان، كىچىك بۇخارا، قەشقەرىيە ۋە ئالتە شەھەر (ئاقسۇ، ئۈچ تۇرپان، خوتەن، قەشقەر، يەكەن ۋە كۇچا) قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان.  بۇ رايون ئۇنىڭدىن  باشقا يەنە تارىم  ۋادىسى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ رايوندا 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان خانلىق، دۆلەتنى قۇرغان سەئىد خان (1514-1533) نىڭ نامى بىلەن  ئاتالغان.

قەشقەر تارىختىن بۇيان تىجارەتنىڭ مۇھىم بىر كۆۋرۈك نۇقتىسى  ياكى شۇ زاماندىكى تىجارەت مەركىزى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بولۇپمۇ، 5 -6 – ئەسىرلەردە ئاسيادىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تىجارەت تورى قۇرۇلغان بولۇپ ۋە قەشقەر بۇ تىجارەتنىڭ موھىم نوقتىلىرىدىن  بىرى بولغان. 9-ئەسىردە تەرەققىي قىلغان ۋەقەلەر نەتىجىسىدە بولسا تۈرك ھاكىمىيەت مەركىزى غەرپكە يۈزلەنگەن ۋە قەشقەر ھەم سىياسىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن موھىم بىر تۈرك مەركىزى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان. بۇ مەزگىلدە خەلق ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش باشلانغان ۋە بۇ دىن ئوتتۇرا  مەزگىلگە كەلگەندە قەشقەرنىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكىدىن بىرىگە ئايلانغان. 13-ئەسىردىن باشلاپ قەشقەرنىڭ تىجارەت ئالاھىدىلىكى تىخىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ بۇ ھال  يىقىنقى زامانلارغا قەدەر داۋاملاشقان. (Tuğ 2004: 22)

1. خوجىلار ۋە نەسەبلىرى

8 -، 9- ئەسىرلەردە قەشقەر خەلقى ئىسلامىيەتنى يېڭى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئىسلامىيەتنى يېڭى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان رايونلاردىكى كىشىلەر ئىسلامىيەت ئەرەبىستاندىن تارقالغانلىقى ئۈچۈن ھىجاز رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۈستۈن كۆرەتتى. دىنى ئەسلى مەنبەسىدىن ئۆگىنىش مەخسىتىدە مەككىدىن ياكى شۇ ئەتراپتىكى رايونلاردىن بىر ئۇستازنى تەكلىپ قىلغان. ئەمما بۇ دىن ئۆگىتىدىغانلارنىڭ كىلىپ كەلمىگىنى توغرىسىدا  ئىنىق مەلۇمات يوق. بۇ رايونغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر خەلقنى ئەتراپىغا توپلاش ۋە ئۆزىگە تەرەپدار تىپىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بۇ رايون خەلقىگە “سەئىد” كۆرسىتىپ تونۇتۇش ئىھتىمالى چوڭدۇر. (Tuğ 2004: 59)

خوجىلار ۋە ئولارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئالتە شەھەردە سوپىزىمنىڭ تارقىلشىدا موھىم رول بار. خوجا نەسەبىدىن  كەلگەنلەر كىچىك ۋاختىدىن تارتىپلا “غوجام” ۋە “خانىم بۈۋى”دەپ ئاتالغان (Baba 2010: 10). خوجا سۆزى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئاقسۇغا كىلىپ يەرلەشكەن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن ئىمتىيازلىق سىنىپقا بىرىلگەن نامدۇر. خوجىلارنىڭ مەنبەسى ۋە ئائىلە نەسەپنامىسى توغرىسىدا نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۈت. خوجىلار ۋە ئىزباسارلىرىنىڭ  قارىشىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادى تاكى قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ. بۇنى كەۋسەر سۈرىسى بىلەن خەلققە چۈشەندۈرگەن. كەۋسەر سۈرىسىدە “1-بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. 2-سەنمۇ رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇ ۋە قۇربانلىق قىل! 3- ھەقىقەتەن سىنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام-نىشانى قالمايدۇ.”

خوجىلار پەيغەمبەرگە بولغان باغلىنىشىغا قارىغاندا سەئىدلەر، خان ۋە مۇقەددەس بولۇشتەك ئۈچ شەكىلدە ناملار بىلەن ئاتالغان. سەئىدلەر ھەزىرتى ئوسمان ۋە ھەزىرتى ئەلىنىڭ ئەۋلادىنى؛  خوجىلار ھەزىرتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى؛ مۇقەددەسلەر ھەزىرتى ھەسەن ۋە ھۈسەيىن ئەۋلادىدىن كەلگەنلەر؛ ھەتتا خوتەندە ھەزىرتى ئەلى بىلەن فاتىمەنىڭ ئەۋلادلىرىنى “سەئىد”، ھەزىرتى ئەلىنىڭ باشقا ئاياللىرىدىن بولغان بالىلىرىنى بولسا “غوجام / خوجا” دەپ ئاتىغان.

خوجىلارنىڭ نەسەپنامىسى ۋە ئائىلە شەجەرىسى تەرىقەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ناخشىبەندە تەرىقىتىنىڭ مۇرتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. مۇھەممەد سادىق قەشقىرىنىڭ يازغان تەزكىرە ئەزىزاندا خوجىلارنىڭ نەسەپنامىسى مۇنداق تېزىلغان:

  1. مۇھەممەد پەيغەمبەر
  2. تۆتۈنجى خەلىپە ئەلى
  3. ئىمام ھەسەن
  4. ئىمام زەينەل ئابىدىن
  5. ئىمام مۇھەممەد بەكىر
  6. ئىمام جافەر سادىق
  7. ئىمام مۇسا قاسىم
  8. ئىمام مۇسا رىزا
  9. ئىمام مۇھەممەد تاكى
  10. ئىمام مۇھەممەد ناكى
  11. ئىمام ھەسەن ئەسقەرى
  12. سەيد تالىپ
  13. سەيد ئابدۇللا
  14. مىر ئابدۇللا
  15. سەيد ئەھمەت
  16. شاھ ھەسەن
  17. شاھ ھۈسىيىن
  18. خوجا مىر جالالىدىن
  19. سەيد بۇرھانىدىن قىلىچ
  20. سەيد بۇرھانىدىن خان
  21. سەيد جالالىدىن
  22. مەھدۇم ئەزەم

ئەركىن ئەكرەمنىڭ “شەرقىي تۈركىستاندا سوپى خوجىلار” ناملىق ماقالسىدە خىتاي مەنبەلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا خوجىلارنىڭ نەسەپنامىسى مۇنداق:

  1. ئابۇ قاسىم، پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوڭ ئوغلى
  2. ئىبراھىم
  3. تايىپ، پەيغەمبەرنىڭ تۆتىنجى ئوغلى
  4. ئەلى ئەسقەر، ئىمام ھۈسىيىننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
  5. ئىمام مۇھەممەد بەكرى، زەينەل ئابىدىننىڭ ئوغلى
  6. ئىمام جاپپار، مۇھەممەد بەكرىنىڭ ئوغلى
  7. ئىمام مۇسەي قاسىم، جەفەرى سادىقنىڭ ئوغلى
  8. ئىمام ئەلى مۇسەي رىزا، ئىمام مۇسەي قاسىمنىڭ ئوغلى
  9. سەيد تالىپ ئىمام ئەلى مۇسەي رىزا نىڭ ئوغلى
  10. سەيد ئابدۇللا، سەيد تالىپنىڭ ئوغلى
  11. سەيد ئابزىل، سەيد ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى
  12. ئابدۇللا، سەيد ئابزىلنىڭ ئوغلى
  13. سەيد ئەھمەت، ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى
  14. سەيد مۇھەممەد، سەيد ئەھمەتنىڭ ئوغلى
  15. سەييىد، سەيد مۇھەممەدنىڭ چوڭ ئوغلى
  16. شاھ ھۈسەيىن، شاھ ھەسەننىڭ ئوغلى، ئۇمۇ سەيد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى
  17. سەيد جالالىدىن، شاھ ھۈسىيىننىڭ ئوغلى
  18. ئابدۇللا، ھەيد جەلەلىدىننىڭ ئوغلى
  19. سەيد بۇرھانىدىن، سەيد كامالىدىننىڭ ئوغلى
  20. مىر دىۋانە، سەيد بۇرھانىدىننىڭ ئوغلى
  21. ئابزىل، مىر دىۋانىنىڭ چوڭ ئوغلى
  22. سەيد كامال، سەيد مەھمۇتنىڭ چوڭ ئوغلى
  23. سەيد جالالىدىن، سەيد بۇرھانىدىننىڭ ئوغلى
  24. مەھدۇم ئەزەم، سەيد جالالىدىننىڭ چوڭ ئوغلى

شىۋىتسىيەدە لۇند ئۈنۋىرسىتىتى گۈننار جاررىڭ كولەكسىيونۇ پىراففىسورى 22 دە خاتىرلەنگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان “تەزكىرەئىي سەيد ئاپپاق خوجا” ناملىق يازمىدا بولسا خوجىلارنىڭ نەسەپنامىسى مۇنداق تېزىلغان:

  1. ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
  2. ھەزىرتى ئەلى
  3. ئىمام ھۈسىيىن كەربالادا شېھىد بولغان
  4. ئىمام زەينۇل ئابدىم
  5. ئىمام مۇھەممەد باقى
  6. ئىمام جەففار سادىق
  7. سەيد ئىمام مۇسا قازىم
  8. سەيد ئىمام مۇھەممەد ئەلى مۇسا ئەر روزى
  9. ئىمام مۇھەممەد ناكى
  10. سەيد ئىمام مۇھەممەد ھەسەنۇل ئەقسار
  11. سەيد ئابدۇللا
  12. سەيد ئاندۇللا ئافزال
  13. شاھ ھۈسىيىن
  14. شاھ ھەسەن
  15. سەيد جامالادىن
  16. سەيدكامالىدىن
  17. سەيد بۇرھانىدىن
  18. سەيد مىر مۇھەممەد دىۋانە
  19. سەيد قىلىچ بۇرھانىدىن
  20. سەيد جالالىدىن
  21. سەيد ئەھمەت خوجا

خوجىلار ئالدى بىلەن چاغاتاي تۇپراقلىرىغا، كىيىن قەشقەر تەرەپلەرگە كەتكەن. بۇ يەرلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆلەنگەن. بۇ قۇدا باجىلىق ئارقىلىق  خانلار خوجىلارنىڭ  نوپۇزىدىن  پايدىلىنىشنى، خوجىلار بولسا ئۆزلىرىگە قانۇنى نوپۇز تىكلىۋىلىشنى كۆزلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئالتە شەھەر رايونىدا دىنىي ۋە سىياسىي ئاساسىي كۈچلەر بىرلىشىپ كۈچ بىرلىكى ھاسىل بولغان. بۇ قۇدا باجىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ خوجىلار ئاسىلمىلاتسىيە ئىلىپ بارغان. ئۇندىن كىيىن بۇلار قازاق، تۈركمەن ۋە قاراقالپاقلارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا رايون ئىسمى بولۇپ كۆرۈلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بىرىلگەن نەسەپنامە ئاساسى جەھەتتىن ناھشىبەندى تەرىقەتىنىڭ شەجەرىسىدۇر. يۇقىرىدا بىرىلگەن شەجەرىلەرمۇ بىر بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ. بۇ شەجەرىلەرنىڭ بىر بىرىدىن پەرقلىق بولىشى بولسا بۆلگىدە خوجىلار ئۆز تەسىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نەسەپنامىلەرنى كىيىن تەييارلىغانلىقلىرىنىڭ بىر ئىشارىتىدۇر. بۇ نەسەپنامىلەر بىلەن خوجىلار ئۇ دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بەرگەن ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ خانلار خەلق ئالدىدىكى نوپۇزىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان. بۇ مەقسەت بىلەن خوجىلار تەرىپىدىن تارىخى شەخىس سۈپىتىدە نەسەپنامىنى ئوتتۇرغا چىقارغان. يۇقىردىكى ئوخشىمىغان مەنبەلەردە يەر ئالغان نەسەپنامىلەردىكى پەرقلەرنىڭ ئەڭ موھىم سەۋەبى بولسا سۆزلۈك ئەنئەنىسىدە شەكىللەنگەن ۋە پەرقلىق زاماندا خاتىرلىگەنلەرنىڭ بۇ نەسەپنامىنى يازغان رايون ۋە خاتىرە قالدۇرغانلارنىڭ كىملىكى ۋە مەقسىدى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

2. خوجىلارنىڭ دەۋرى      

تارىخى مەنبەلەردە خوجىلارنىڭ قەشقەر رايونىغا كىلىپ يەرلىشىشى مەختۇم ئەزەمدىن باشلىنىدۇ. مەختۇم ئەزەمدىن بۇرۇنمۇ ھەر تۈرلۈك زامانلاردا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن بۇ بۇ رايونغا ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە تەبەئى تابىنلار كەلگەن. ئىلمىي ئەسەرلەردە بولسا ساھابىلەرنىڭ بۇ بۆلگىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە ھىچ مەلۇمات يوق. مەخدۇم ئەزەم بۇ مەزگىلدە بۇخارادا مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەنلەردىن بىرسى ئىدى. مەختۇم ئەزەمنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.  موڭغۇلىستان خانلىرىنىڭ ئەمىرى ئەلى خان دەۋرىدە تەخمىنەن 1412-، 1413 – يىللىرىدا بۇخارادىن قەشقەر رايونىغا ھىجرەت قىلغان. مەختۇم ئەزەمنىڭ بۇ رايونغا كىلىشى 15 – ئەسىرنىڭ تۇنجى چارىكىگە تەڭ كەلگىنى ئۈچۈن مەھمەت ئاتىف ھىجرىيە 815-يىلى (مىلادى 1412-1413) دەپ خاتىرلەنگەن.

ئىكلىل قۇرباننىڭ 1603-يىلىدا يېزىلغان “تەزكىرەئىي مەخدۇم ئەزەم ۋە خوجا ئىسھاق ۋەلى” ناملىق يازمىدىن چىققان مەلۇماتقا قارىغاندا مەختۇم ئەزەمنىڭ تۆت ئايالى بار ئىدى. تۇنجى ئايالىدىن مۇھەممەد ئىمىن ئىشان كالان، خوجا دوستۇ، خوجا باۋۇدۇن ۋە خوجا ئابدىخالىق قاتارلىق تۆت ئوغلى ۋە قىزى بار ئىدى. ئىككىنجى ئايالى بىبى مەلىكىدىن خوجا مۇھەممەد ۋە خوجا سۇلتان ئىبراھىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئۈچىنجى ئايالى بىبىچە قەشقىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادى ئىدى. خوجا ئىسھاق ۋەلى بۇ ئايالىدىن بولغان بالا ئىدى.

مەختۇم ئەزەم قەشقەر رايونىغا كەلگەندىن كىيىن پۈتۈن ئولتۇراق يەرلەرنى ئايلىنىپ چىققان. بارغان شەھەرلىرىدىكى خەلق ئۇنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشقان. نەخشىبەندە تەرىقەتىنىڭ ئىككىنجى پىرى ھىساپلىنىدىغان ئۇبەيدۇللاھ ئاھرارنىڭ ئەڭ موھىم خەلىپىلىرىدىن بولغان مەۋلانە مۇھەممەد قادىنىڭ مۇرتى بولغان مەختۇم ئەزەمنىڭ دادىسى جامالىدىننىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا مەدىنە سەئىدلەرنىڭ نەسەبىدىن كىلىدۇ.

ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سەئىدخان زامانىدا سەمەرقەنتتە خوجا ئەھرارنىڭ مۇرتى بولغان مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەرگە كەلدى. ئابدىراشىتخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن خوجا مۇھەممەد بۇزرىكىۋار ياركەنت خاندانلىقىغا كەلدى. سۇلتان سۇتۇق بۇغرا خاننىڭ مازىرى قويۇلغان ئاتۇش شەھرىدە يەتتە يىل شەيىخ بولدى. مەختۇم ئەزەمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يىڭى كىلىشى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئىككىنجى خانى سۇلتان ئابدۇراشىت خان دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ. سۇلتان ئابدۇراشىت خان بۇ ناخشىبەندە شەيىخكە مۇرت بولىدۇ. مۇھەممەد سۇلتان ياركەنت خانلىقى تەختىگە ئولتۇرۇپ 8 يىلدىن كىيىن ماۋەرەئۇننەھىر بۆلگىسىدىن خوجا ئىسھاق ۋەلى كىلىدى. مۇھەممەد خان ئۇنىڭغا مۇرت بولغان. ئىسھاق ۋەلى خوجا يەكەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇدا 12 يىل تەرىقەتتىن دەرس بەرگەن. تەسىردىكى شەھەرلەردە ئىسلامىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن ئىنسانغا تەرىقەتچىلىكنى ئۈگىتكەندىن كىيىن سەمەرقەنتكە قايتقان. ھەتتا مۇھەممەت سۇلتان بەزى دۆلەت ئىشلىرىنى ئونىڭ بىلەن كىڭەشكەن. قىرغىزلار سەپەرگە چىقماقچى بولسا، خوجا مۇھەممەدتىن ئەۋلىيالارنىڭ روھىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تىلەشكە ئىلتىجا قىلاتتى. بۇمۇ خوجىلارنىڭ يۈزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىچىپ بىرىدۇ.

خوجا ئىسھاق ۋەلى شەرقىي تۈركىستاندىن كىتىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى رايۇنلارغا ئۆزىنىڭ ئىزباسار خەلىپىسىنى تەيىنلەپ قويىدۇ. شەھەرلەردە ۋەزىپىلەرنىڭ تارقىلىشى مۇنداق بولغان: قەشقەردە ئۈشتۈر خەلىپە، يېڭىساردا خوجا قاسىم خەلىپە، خوتەندە ئىبنى يۈسۈپ خەلىپە، دۆلەتنىڭ پەيتەختى بولغان يەكەندە ئۆز ئورنىغا شادى پادىشانى قويغان. ئىسھاق ۋەلى خوجا كۈدبەتتىن (خوجا شادى) ۋە خوجا شاھباز ۋەلى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولغان. تەزكىرەئىي مەختۇم ئەزەمدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يەكەندە قويغان خەلىپە ئۆز ئوغلى ئىدى. يەكەن خانلىقىدا “ئىشانچىلىق” بارغانچە تەرەپدار بولۇپ، بۇنى بىلىمسىز خەلققە تارقىلىپ كۈنسىرى كۈچەيدى. خانلىق ئۈچۈن بۇ ئەھۋال خەتەرلىك ھالغا كىلىپ قالغان. خوجىلار ئابدۇراشىت خاننىڭ كونتىروللىقىدىن چىقىپ، خان بۇ كۈچلۈك دىنى پائالىيەتنى زورلۇق كۈچى بىلەن باش ئەگدۈرگىلى بولمايدىغىنىنى ھىس قىلغان. بۇلارغا ئىھتىيات بىلەن جىددى مۇئامىلە قىلىپ تەدبىر قوللىنىپ ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالغان. بۇنداق ۋەقەلەر زورلۇق كۈچى بىلەن جىمىقتۇرۇلمىىغان تەقدىردە ئەكسىچە تەسىرى بىرىش ئىھتىمالىي تىخىمۇ يۇقىرى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن خەتەرگە ئۇچراش نىسبىتىمۇ ئىشىپ بارغان.

خوجىلار شەرقىي تۈركىستاندا دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بەلگىلىك بىر يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئامىللار سەۋەپلىك ئىككى گورۇپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. باي مىرزا ھايىتنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئىككىگە بۆلىنىش مەختۇم ئەزەم ۋاپاتىدىن كىيىن ئوتتۇرغا چىققان. مەختۇم ئەزەمنىڭ بالىلىرى ئىككى پەرقلىق گورۇپقا ئايرىلغان: ئىشان كالان،”ئىشقىيە” تەرىقىتىنىڭ؛ خوجا ئىسھاق ۋەلى بولسا “ئىسھاقىيە” تەرىقاتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋەسىلە بولغان. مەختۇم ئەزەمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مەنسۇپ بولغان تەرىقەتىنىڭ پەرقىدىن ياكى مەۋجۈت تەرىقەتنىڭ ئىچىدىكى مەسىلەدە بىرلىككە كىلەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن “ئاق تاغلىق” ۋە “قارا تاغلىق” دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

ئىشان كالان نەسەبىدىن بولغان ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ باشلامچىسى مۇھەممەد يۈسۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن يولۋاس (1667-1670) دەۋرىدە، خاننىڭ قوللىشى بىلەن مەملىكەتتە تەسىر دائىرسىنى كىڭەيتكەن، بىراق كىيىن ھۆكۈمدار ئىسمايىل خان (1670-1680) زامانىدا بۇ نوپۇز يوقالغان. ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ ئورنىنى ئىسھاق ۋەلى نەسەبىدىن بولغان قارا تاغلىق خوجىلار ئىلىپ خانلىقتا كۈندىن كۈنگە زورايغان. ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ باشلامچىسى ئاپپاق خوجا بولسا مەملىكەتنى تەرك ئىتىپ باشتا كەشمىرگە كىيىن تىبەتكە بارغان. بۇ يەردە جۇڭغار خانى غالداننىڭ يىنىغا بىرىپ يېڭى ھوقوق تۇتقان بۇ كىشىگە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشخال قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەن. ئۇنىڭمۇ يول باشلىشى بىلەن غالدان 1680-يىلى 120,000 كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ سەئىدىيە خاندانلىقىنى ئىشخال قىلغان، بىراق ھوقوقنى ئاپپاق خوجىغا بەرگەن. بۇنىڭدىن كىيىن 16 يىل (1696-يىلىغىچە) سەئىدىيە خاندانلىقى جۇڭغارلارغا تەۋە بولۇپ ھاكىمىيەت سۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا ئاپپاق خوجا دەۋرىدە “خوجىلار” نىڭ ئاستىدا ۋالى، ھاكىملار بار ئىدى. پۈتۈن ھوقوق قالماقلارنىڭ قولىدا بولۇپ دۆلەت ئىشلىرى ئۇلارنىڭ  يوليورۇقى بىلەن ئىلىپ بىرىلاتتى. خوجىلار كۆرنۈشتە ھوقوقنى قولىغا ئالغاندەك كۆرۈنسىمۇ يەكەن خاندانلىقى زامانىدىكى نوپۇزى ئۇ زامانلاردا يوق بولغان ئىدى. ئۇلار قالماقلارنىڭ ۋەسىلىسى بىلەن تۇرىۋاتقان ئىدى. قالماق خۇنتەيجى ئۇلارنىڭ بالىلىرى ياكى تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ قىلىشتىن مۇداپىيە كۆرەش ئۈچۈن قوللىناتتى. ئاپپاق خوجا ۋە شەھەرلەرگە تەيىنلەنگەن ھاكىملارنىڭ ھوقوق يۈرگۈزگىدەك ئەمەلىي كۈچى يوق ئىدى. ئۇلار قالماقلارنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق بولغان. يەكەن خانلىقى مەزگىلىدە ھىچ بولمىغاندا خانلارغا ئۆز تەلەپلىرىنى قويالايدىغان پۇرسەتلىرى بار ئىدى.

ئاپپاق خوجا ۋە ئوغلى ئىسيان كۆتۈرگەن، ھەتتا ئىككى يىلغىچە ھوقوقنى قولىدا تۇتقان. ئەپسۇس باشقا بىر ئىسيان سەۋەپلىك ئۇلار تۈگەشكەن ئىدى. بىر تەرەپتىن جۇڭغارلار خانلىقىدا ھاكىمىيەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشىشى، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك كۈچلەرنىڭ تەسىرىنىڭ ئىشىشى، بىر تەرەپتىن مەركىزى ئىقتىدارىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا يىغىشقا كىرىشىشى، ئاخىرى پۈتۈن تەرەپلەر ئۈچۈن چوڭ يوقىتىشقا يول ئىچىپ قوراللىق قارشىلىقلار ھالىگە ئەكەلگەن. 1696 – يىلى جۇڭغارلار تەرەپتىن  خانلىققا ئىلىپ بىرىلغان ھۇجۇم، قىرغىزلارنىڭ  تەسىرىنى يوقاتقاندەك سەئىدىيە خانلىقىنىمۇ ئاخىرلاشتۇردى. بۇ رايونغا ھاكىم بولۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا بىر كۈچ خىتاينىڭ چىڭ خاندانلىقىنىڭ 1697-يىلىدا جۇڭغارلار تەرپىدىن مەغلۇپ قىلنىشى جوڭغارلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى يىلتىزىنى تىخىمۇ چىڭىقتىۋەتتى (Çelik 2012: 67). كىيىنكى مەزگىللەردە جۇڭغارلار تارىم ۋادىسىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. رايوننى  تەبىيلا ئۆلكە قاتارىدا ئىدارە قىلىشقا باشلىدى. يەرلىك ھۆكۈمرانلار ۋە تەسىر كۈچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئوغۇللىرىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىلىدە گۆرۈگە تۇتۇپ، ھەم بۇ رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى كونتىرولىغا ئالغان، ھەم باج سىلىق يىغىشقا باشلىغان. جۇڭغار ھاكىمىيىتىگە قارشى دائىم دىگۈدەك مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر، بولۇپمۇ جۇڭغار خانى غالداننىڭ 1745-يىلىدا ئۆلىشىگە ئەگىشىپ جۇڭغار خانلىقىدا باش كۆتۈرگەن تەخت تالىشىش جۇڭغارلارنىڭ كۈچىنى تۈگەتكىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە ئەھمىيەت بىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئىسيان كۆتۈرگەن يەرلىك ھوقۇقدارلار دائىم خىتاينىڭمۇ ياردىمىنى تەلەپ قىلىپ تۇرغان، ھەتتا بەزىلىرى چىن خاندانلىقىغا ئىتائەتلىرىنى بىلدۈرگەن. يەرلىك ھوقوقدارلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى ھەركەتلەندۈردى ۋە 1755-يىلىدىن باشلاپ جۇڭغارلارغا قارشى ئەسكىرى ھەركەتلەر تەرتىپكە باشلىغان ۋە 1762-يىلىغا كەلگەندە بولسا چىن خاندانلىقى رەسمى ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي ۋالىلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلان قىلغان (Çelik 20102: 67)..

3. خوجىلار دەۋرىنىڭ ئىغزاكى ۋە يېزىق مەدەنىيىتىنىدە ئىپادىلىنىشى

خوجىلار دەۋرىنىڭ سىياسىي،دىنى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى ھەم خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىدا ھەم يېزىق ئەدەبىياتىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ دىنى تەلىم تەربىيەسى ئۆزىدىن كىيىنكى دەۋىرلەردىمۇ داۋام قىلغان. ھەتتتا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاپپاق خوجىنىڭ ھاياتى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر تارقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇنداق:

“ئاپپاق خوجا دەۋرىگە كەلگەندە، كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشى ئۈچۈن نىمە قىلىشى كىرەكلىكىنى توغرىسىدا كۆرسەتمە بىرىشى ئۈچۈن بۇ زاتنىڭ ھوزۇرىغا كەپتۇ. ئاپپاق خوجا چۇڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن: ‘بۇ ھەقتە مەن ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئويلىنىۋاتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ناھايىتى ياخشى ئىشارەت كەلدى. بۇنى ئەمدى خەلققە سۆزلەيدىغان ۋاقىت كەلدى. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا دۇئا چېچى قويۇش قائىدىسىدۇ. دۇئا دىمەك، يالۋۇرماق دىمەك.  بۇ ئاللاھتىن تىلەپ تۇرۇپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نىشانى سۈپىتىدە، ئوغۇل بالىنىڭ بىشىنىڭ ئارقا قىسمىدىن ّدۇئا چېچى ّ قويۇپ، بۇنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ بىر ئۆرۈم قىلىش دىمەكتۇر. ئۇنى يەتتە ياشقا كىرگەندە مۇراسىم بىلەن كىسىش كىرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىلار بالدۇر ئۆلۈشتىن قۇتۇلىدۇ.’ دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر: ‘دۇئا چېچىنى قانداق مۇراسىم بىلەن كىملەر بىلەن كىسىمىز؟’ دەپ سوراپتۇ. ئاپپاق خوجا ‘يادۇ’ دىكى دادا – بالا­  مازىرىدا كىشىلەرگە نەزرە بىرىلگەن قازانلارغا ئوتۇن كەسكەن، ئوت ياققان، كىر يۇيۇپ سۇ توشىغان، كىچە كۈندۈز دەم ئالماي ئىشلىگەن، ساۋاپ ئىشلارنى قىلغان، گۇناھى بولمىغان ئاللاھقا يىقىن كىشىلەردۇر. بۇ ئىخلاسلىق مۇسۇلمانلار، ئىمانى كامىل ئىنسانلاردۇر. ئۇلار دۇئا چېچىنى كىسىشكە ئەڭ مۇۋاپىق كىشىلەردۇر. سىلەر، دۇئا چېچى قويۇلغان بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە بىر ھايۋان ياكى قوي، كالا تاپاممىغانلار توخۇ، سېغىزخان ئىلىپ دانلىق زىرائەت، تۇز ۋە ئوتۇن ئىلىپ ھەزرەتكە بىرىپ ئۇ يەردە ئىشلىگەنلەرگە سەدىقە بىرىپ، ئۇلارغا تىلەكلىرىڭلارنى دەڭلار.ئۇلار بۇنى جايىدا ئادا قىلىپ سىلەرنى ۋە ئاللاھنى رازى قىلىدۇ.’ دەپتۇ. ئوغۇل بالىلاردا  دۇئا چېچى ئۆستۈرۈپ تىلەك تىلەش ۋە يەتتە ياشقا كىرگەندە ئاپپاق خوجىغا خىزمەت قىلغان ئىشچىلارغا كەستۈرۈش ئادىتى مۇشۇنداق پەيدا بولغان. (Öger 2008: 536)”

ئاپپاق خوجا دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت بولسا قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە قوغان يېزىسىدا “چۈجە باش” دەيدىغان يېزىنىڭ بۇ نام بىلەن ئاتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: “ئاپپاق خوجا دەۋرىدە ئىسفائاندىن ‘پەرزوك’ ئىسىملىك بىر دەرۋىش كىيمىنى تۈرۈپ ھازىرقى قوغان يېزىسىنىڭ بىر كەنتىگە كىلىپ ئولتىراقلىشىپتۇ. بۇ كىشى تىبابەت ئىلىمىنى ياخشى بىلىدىغان، قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىسلەرنى ياخشى بىلىدىغان، سىھىرلەردىن خەۋەردار بىرمىش. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن خەلقنى بىكارغا داۋالاپتۇ ۋە  پەتىۋا بىرىپ، يالغاندىن چۈش كۆرۈپ ئۇنىڭغا تەبىر بىرىش ۋە يالغاندىن كارامەت كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن خەلق ئارىسدا “ئەۋلىيا” بولۇپ تونۇلۇشقا باشلاپتۇ. بۇ كىشىگە پەقەتلا ئادەتتىكى خەلق ئەمەس، ئاپپاق خوجىنىڭ مۇرتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قول بىرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاپپاق خوجا ناھايىتى ئىچى پۇشۇپتۇ. ئۇنى پەقەتلا قوغلاپ چىقىرىۋىتىشكە كۈچى يەتمىگەچ، ھۆكىمەتكە ئېيتىپ ئۇنى قوغلاش مەخسىتىدە ئۇلارنى شىرىك بىلەن ئەيىپلەپ خان سارىيىغا چىقىپتۇ. يولۋاسخان بىرمۇنچە ئەسكەر بىلەن پەرزوكنىڭ ياشاۋاتقان يىرىگە بىرپتۇ، ئۇنى ۋە بىر قانچە مۇرتىنى تۇتۇپ “قارا قوۋۇق” دىگەن زىندانغا تاشلاپتۇ. قالغانلارنى بولسا تارقىتىۋىتىپتۇ. پەرزوك پاكار، بىشى كىچىك ۋە پىت كۆز،  قاڭشىرى ئىگىز، سەت بىر مەخلۇقمىش. ئاپپاق خوجىنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ‘چۆجە باش جادى’ دەپ لەقەم قويۇپتۇ. كىيىن كىشىلەر پەرزۇك ياشىغان بۇ يەرنى ‘چۆجە باش’ دەپ ئاتىشىپتۇ.

خوجىلار دەۋرىدە ئاپپاق خوجا (1678) ھوقوق تۇتۇشنى باشلايدۇ ۋە  1759-يىلى ئالتە شەھەرنىڭ خىتايغا تەۋە بولىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا بۇ دەۋىر “خوجىلار دەۋرى ئەدەبىياتى” دىيىلىدۇ. بۇ دەۋىردىكى تارىخى ۋە سىياسىي ۋەقەلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاپپاق خوجا ۋە ئىز باسارلىرى ، ئۆزلىرىنى “ئۇلۇغ/ ئۇلۇغ ئەۋلىيا”، “كارامەت ئىگىسى/ ساھىبى” كۆرسىتىپ خەلققە دىنى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن پۈتۈن بىر ھۆكۈمرانلىق قۇرغان. خوجىلار دەۋرىدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە كىرزىسلار، دەۋىرنىڭ ئەدەبىياتىغا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ھالدا چىكىندۈرگەن. بۇ دەۋىردە پىشقان كىلاسسىك ئەدەبىي شائىرلىرىدىن خارابىتى (1638-1730)، كىسسۇرى (1717-1827) دەۋىرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى شېئىرلىرىدە ئۇدۇل سۆزلىگەن كىشىلەردۇر (Abdulla, Mehmut 2001: 62).

يەنە بۇ دەۋىردە ياشىغان خىركاتى (1634-1724)، سالاھى (18.ئەسىر)، ئىسمائىل مەخسۇم قاتارلىق شائىرلار بولسا دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن. (Abdulla, Mehmut 2001: 62)

4. تەزكىرەئىي سەيد ئاپپاق خوجا

بۇ يازما شىۋىسيەدە لۇند ئۈنۋىرسىتىتىدىكى گۈننار جاررىڭ يىشىپ ساقلىغان بويۇملار prov.22 دە ساقلانغان. ئەسەرنى ئسۋەچ مىسيونىرى گۈننار ھەرمانسون يەكەندىن تاپقان. 62 بەتلىك ئەسەر ھىجرىيە 1347 / مىلادىيە 1929 – يىلى يىزىلغان.

خوجىلارنىڭ نەسەپنامىسى بىلەن باشلانغان ئەسەر، مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، ئىشان كالام، خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا، سەيد جالالىدۇننىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇماتلار بىرىلگەن. ئارقىدىن ئاپپاق خوجانىڭ تۇغۇلىشى ۋە چوڭ بولشى، تەختتىكى ھاياتى، قەشقەرگە كىلىشى،يەكەنگە بىرىشى قاتارلىق ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر تەپسىلى  چۈشەندۈرۈلگەن. ئەسەرنىڭ ھەر بۆلۈمىدە سۆزلەنگەن خوجا ھەققىدىكى مەزمۇنلار شۇ خوجىنىڭ ئۆلىمى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن” قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن”ئايىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئاپپاق خوجىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرقى دەۋرىرلەردە ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ مۇھىم  تېما بولغان. ئابدىۋەلى ئەلى 2-كىتاپتىكى “ئاپپاق خوجا” ناملىق تارىخى رومانىنى يازغان (ss. 588) ھەمدە بۇ ئەسەرنى 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان.

خۇلاسە

ئۇيغۇرلار تارىخى جەرياندا ئوخشىمىغان دىن ۋە مەدەنىيەت دائىرىسى ئىچىگە كىرگەن. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە دىنى ئىناۋىتى بىلەن سىياسىي ئىناۋىتى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغىنى ۋە بەزى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا “خوجىلار دەۋرى” دەپ تونۇلغان دەۋىر ھەم سىياسىي ھەم ئىجتىمائىي نۇقتىدىن جەمىئىيەتكە چۇڭقۇر تەسىر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىزلىرىنى بۈگۈنىمىزدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. خوجىلار دەۋرىدە ھەم دىنى ھەم سىياسىي كىملىكى بىلەن ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭغا باشلىنىشلىق بولغان ئاپپاق خوجا ھەققىدە خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن چۈشەنچىلەر بار. چاغاتاي تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىياتىدىمۇ ئورۇن تۇتقان. خوجىلار دەۋرىنى چۈشەنمەكچى بولغاندا ئاپپاق خوجا دەۋرىنى تىخىمۇ ياخشى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەرنى تولۇق مۇكەممەل تەتقىق قىلىش كىرەك.

مەنبە: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان دوكلات

Uygurların Siyasi ve Kültürel Tarihinde Hocalar Dönemi ve Afak Hoca Tezkiresi

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top