• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » سىياسىي پائالىيەتچى ۋە نامايىش

سىياسىي پائالىيەتچى ۋە نامايىش

ئېرشاد مىرزامان

سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلىرى بولىدۇ. بۇ ئىچىدە زوراۋانلىق ۋە تىنىچلىق يوللىرى بىلەن سىياسىي پروگراممىلاردا نىشانلانغان مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بۇ ۋاسىتىلار ئىچىدىكى ئاساسلىق تۈرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. روسىيە ۋە خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ  بىر تۈرى بولغان-قوراللىق كۆرەش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نىشانلانغان سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ھىندىستاندا موھەندەس گەندى، ئامېرىكىدا مارتىن لۇتىر كىڭ ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا نېلسون ماندىلالار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي گۇرۇھلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ زوراۋانسىز ۋاسىتە-تىنچلىق  يولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ

سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆزلىگەن سىياسىي نىشانلىرىغا يەتكەنلىكى زوراۋانسىز ۋاسىتىنىڭ تىپىك مىساللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زاماندا سىياسىي جەھەتتىن غەلبە قازىنىشىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللىرىنىڭ بىرى تىنىچلىق يولى بىلەن سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ تىنىچلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈكلىرىدىن بىرى بولسا تىنىچ نامايىش ئۆتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تىنىچ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ يەتمەكچى بولغان سىياسىي مۇددىئالىرىنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت دائىرلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېز، ئۈنۈملۈك، ئىخچام، تېجەشلىك ۋە تەسىرلىك رەۋىشدە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تارتىپ تا ئادەتتىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى سىياسىي پائالىيەتچى (ئاكتىۋىست) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىس ۋە باش كاتىپ قاتارلىق ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشى، پەقەت بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، ھەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ۋەزىپىلەر ئۇلارنىڭ سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىش قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلىرىدە سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش سالاھىيىتىدىن خالى قىلالمايدۇ.

سالاھىيەت ئۇقۇمى نىسپىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، مۇئەييەن بىر شەرت-شارائىتنىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرىگە ئۆچرايدۇ. مەسىلەن: بىرەر سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل خادىمى مەزكۈر سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ سالاھىيىتى رەئىس ياكى باش كاتىپ بولغان بولسا، ئەگەر بۇ مەسئۇل خادىم نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بولسا، ئۇنىڭ سالاھىيىتى نامايىشچى، ئەگەر بۇ مەسئۇل خادىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولسا، ئۇنىڭ سالاھىيىتى تەنھەرىكەتچى بولىدۇ.

گەپنىڭ خۇلاسىىسى شۇكى، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئادەتتە بارلىق سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي پائالىيەتچىلەر دەپ قارىلىدۇ.

2020-يىلى دېكابىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top