• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشىدا كۆزدە تۇتقان ئامىللىرى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشىدا كۆزدە تۇتقان ئامىللىرى

تارىم توغراق

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق كومپارتىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئىمپېرىيىسىدە ئۆزى تۈزگەن «خىتاي دۆلىتى» نى بىرخىل ئىدېئولوگىيىلىك-فېئودال خىتاي كوممونىستىك ئىدېئولوگىيىسى، بىر خىل مىللەتلىك-فېئودال خىتاي مىللىتى، بىر خىل مەدەنىيەتلىك-فېئودال خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئاتالمىش «ئۇلۇغۋار پىلانى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ پىلاننىڭ ئاساسىي قىسىمى بولغان مۇستەملىكىسى–شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى-بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي كىملىكلىرىنى يوقىتىشتىن باشلىدى. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا بۇنداق جىددى، كەسكىن ۋە ۋەھشىلەرچە تۇتۇش قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىي ئىگەللەپ ئېلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللارغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن.

مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن مۇددەت يۈرگۈزگەن ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى خاتا مىللىي سىياسىتى بۇ جايدا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتاي مىللىتى ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈسىز مىللىي دۈشمەنلىك ھىسياتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىغە تۇتقان پوزىتسىيىسى پۈتكۈل خىتاي مىللىتى بۇيىچە ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان بۇ خىل دۆشمەنلىك كۆز قارىشىنى پەللىگە چىقاردى. خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مىللىي زىددىيەت (ئۆچمەنلىك) ئۇرۇمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئامېرىكادىكى بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن ئۆز زىيارەت ماقالىسىدا يازغاندەك «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر ھاڭ بارلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك «كاللىسى ئاددىي ۋە ئاسانلا رادىكال ئىدىيەلەرگە ئىشىنىپ كېتىدىغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزدا پېنسىيىگە چىققان 69 ياشلىق سەي فامىلىلىك بىر خىتاي كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىكمۇ ھېسداشلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ سۆزلەشكەن ھەممە خىتايلار يۇقىرىدىكى سەي فامىلىلىك خىتايغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى «سادىق ئەمەس» دەپ قارايدىكەن».

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى خىتاي مىللىتى بىلەن يەرلىك مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مىللىي زىددىيەت ھەمدە بۇ زىددىيەتلەر ۋەجىدىن سادىر بولغان مىللىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلشغا قۇربى يەتمەي، مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتىگە توختىماي شىكايەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە بۇ ھەققىدە چارە- تەدبىرلەرنى كۆرسەتكەن .

مىللىي زۇلۇمغا قارىتا قارشىلىقلارنىڭ پەيدا بولىشى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالىيەت قىلغاندىن تارتىپ باشتىن ئاخىر يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىشتىن ئىبارەت باش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكى تۈپەيلى بۇ رايوندا سىياسىي باستۇرۇش، ئادالەتسىزلىك، مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇش كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىللىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشتى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىدە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل ۋاسىتلار بىلەن بۇ خىل ئادالەتسىزلىك، مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىشلىرى كۈنسىرى كۈچەيدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىشلەرگە قارىتا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرى بولغان ھاكىمىيەت كۈچى-قوراللىق باستۇرۇش ۋاستىسىنى قوللىنىپ كەلدى. خىتاي دائىرلىرى بۇ بىر قاتار مىللىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارە-تەدبىرلىرىنى زادىلا ئويلاشمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئاخىرى بېرىپ قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچىلىقسۇيەر ئۇيغۇر خەلقىگە يات بولغان ناتوغرا يول-رادىكاللىق ۋە زوراۋانلىق يوللىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشلىقلىرىنى ئىپادىلىشىكە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ» دا سادىر بولغان ئانچە-مۇنچە «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، مۇستەملىكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا ئەزەلدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى يوقىتىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلاننى تېز سۈرئەتتە تاماملاشنى قارار قىلىپ، ھازىرقى زاماندا مسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى روياپقا چىقاردى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللاردىن كېيىن خىتايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلى «ئىسلاھات ۋە ئىچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق چەكلىمىلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاجايىپ بىر گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ گۈللىنىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى ۋە مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىنىڭ شەكىللىنىشى، ئسلام ئېتىقادچىلىقنىڭ ئومۇمىيۇزلىك نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەرلىك، چىداملىق ۋە ئىلىم-مەرىپەتپەرۋەرلىكدىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شىجائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىستېداتلىق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسدە ئۇيغۇر مىللىتىدە ئاجايىپ بىر مىللىي گۈللىنىش ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ گۈللىنىشنىڭ نەتىجىسىدە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە دۇنياۋى سەۋىيىدىكى دوكتور تاشپۇلات تېيىپ، دوكتور خالمۇرات غۇپۇر، دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە دوكتور رىشاد ئابباس قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئابدۇكېرىم راخمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، دوكتور راھىلە داۋۇت قاتارلىق ئۆز مىللىتىنىڭ ئېتنوگرافىيىسى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، تىل-يېزىقى، مەدىنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتىنىى پۇختا بىلىدىغان، دۇنياۋى سەۋىيىدىكى نادىر ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئاجايىپ بىر «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى» نى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى مۇكەممەللەشتى ۋە تاكامماللاشتى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلارنى يازدى. سەنئەت ۋە تەنھەرىكەت ساھەسىدە ناخشىچى ئابدۇرىھىم ھېمىت ۋە سەنۇبەر تۇرسۇن، كومېدىيەچى ئادىرېھىم ئابلىز، پۇتبول چولپانى ئىرفان ھېزىم قاتارلىق ئاتاقلىق سەنئەتچى ۋە تەنھەركەتچىلەر مەيدانغا كەلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيىسى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، تىل-يېزىقى، مەدىنىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ رەتلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ياكى يەشمىسى بىلەن نەشر قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت سەرخىل كىتابلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە نەشر قىلىنىشى، «شىنجاڭ» نىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تەزكىرىلىرىنىڭ يېزىلىشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق-ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا دائىر نۇرغۇن ماقالىلار ۋە كىتاپلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى، ھەر خىل ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ نەشىر قىلىنىشى قاتارلىق خىزمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى تونۇپ يېتىشىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىدى.
«ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي سۇدا- سانائىتىمۇ تەرەققى قىلدى. ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىنىڭ نىسپىي ھالدا تەرەققى قىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول بولدى.

قىسقىسى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرى ئۆز مىللىتى-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى ۋە بىر مىللەتنىڭ ماھىيەتلىك ئامىللىرى-تارىخى، تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەن بولسا، بۇ قېتىمقى «ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى» نى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنى گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال سىزىقلار بۇيىچە چۈشەندى، تەلتۆكۈس ئويغاندى، مىللىي ئىڭى كۆچەيدى، گەۋدىلەندى ۋە مىللىي ئۇيغىنىش شەكىللەندى. لېكىن، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىدە شەكىللەنگەن بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان بىر خىل تەھدىت ۋە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ تونىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى ۋە مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىنىڭ شەكىللىنىشى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى خىتايدا «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي ئىگىلىككە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە خانىۋەيران بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مىللىي ئىگىلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيە تەبىقىسى قايتا تىكلىنىشكە باشلىدى.

بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى تېز تەرەققى قىلدى. مىللىي سودا- سانائەتچىلەر سودا ۋە سانائەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە قويۇق مىللىي تۈسىنى ئالغان شىركەتلەرنى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىۋاستە باشقۇرىدىغان يەرلىك شىركەتلەر، زاۋۇت-كارخانىلار ، چوڭ سودا دۇكانلار، مېھمانخانا ۋە رېستورانلار بارلىققا كەلدى.

چېگرا سودىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مىللىيلارنىڭ چەت ئەللەر بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئورتا ئاسىيادىكى تۈرك رېسپۇپلىكىلارغا بېرىپ بىۋاسىتە سودا قىلىش ياكى شىركەتلىرى بىلەن ئۆزئارا سودا قىلىش ئىمىكانىيەتلىرى بارلىققا كېلىشى بىلەن چەتئەللەر بىلەن سودا قىلىدىغان بىر تۈركۈم مىللىي شىركەتلەر قۇرۇلدى. بۇ شىركەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي ئىگىلىكنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە مىللىي ئىگىلىكنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئويناش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلۇشىغا تۆرتلىك رول ئوينىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىك ۋە مىللىي سودا-سانائەتىنىڭ راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ مىللىي سودا-سانائەتچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىمۇ شەكىللەندى. مىللىي ئىگىلىكنىڭ پەيدا بولىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسىقا ئاساس سالدى. بۇ ئىقتىسادىي ئاساس ئۆز نۆۋېتىدە ئۇيغۇر مىللىي ئۈسىقۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قايتا ئويغىنىشغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قويۇق تۈس ئېلىشىغا ھەمدەمدە بولدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى، راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارالىشىشى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىنىڭ قايتا پەيدا بولىشى خىتاي كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى زور بىر ۋەسۋەسىگە چۆشۈرۈپ قويدى. چۈنكى بۇ مىللىي ئىگىلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئەسلىدىلا خىتايلارنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۆزگىچە پەرقىلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق (كىملىك) ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى ۋە روشەنلەشتۈردى. بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرىنى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئوڭۇشلۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ئۇچۈن زور توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولغان بارماقتا سانىغۇدەك «تېررورلىق ۋەقە» لىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەرقى تۈركىستانلىق تۈركلەرنى بىر توقماق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇزۇن يىللارغا سۇزۇلىدىغان «ئاسسىمىلياتسىيە ۋەزىپە» سىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئېڭنىڭ كۈچىيىشى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» نىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيە تەبىقىسىنىڭ قايتا شەكىللىنىشىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىدە 2-قېتىملىق مىللىي ئويغىنىش بارلىققا كەلدى. بۇ مىللىي ئويغىنىش 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلىنىپ تا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزۇن بىر تارىخى دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى. گەرچە بۇ دەۋر جەريانىدا بۇ مىللىي ئويغىنىش خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق چەكلىمىرىگە ئۆچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت روھىنى ئەڭ يوقىرى سەۋىيىگە كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە ئىدراكىي تونۇش يۈكسەك دەرىجىگە يەتتى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى بۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىكدىن ئىبارەت مىللىي ئويغىنىشىنىڭ پەيدا بولىشىنى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆزىگە بولغان بىر تەھدىت دەپ چۈشەندى. بۇ مىللىي ئويغىنىش خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەرۋاھلىرى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئانچە-مۇنچە «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس ئانا زېمىندىن يوقىتىشنى قەستلىدى.

ئسلام ئېتىقادچىلىقنىڭ ئومۇمىيۈزلىك نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشى

گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل دىنلارغا قاريتا قاتتىق چەكلىمىلىرى ۋە باستۇرۇشلىرى مەۋجۇت بولسمۇ، لېكىن خىتايدا «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ۋە «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلەر ئېتىقاد قىلىدىغان ئسلام دىنى 70 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئاجايىپ بىر «گۈللىنىش دەۋرى» نى باشتىن كەچۈردى. مۇسۇلمان كىشلەرنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى كەڭ دائىرىدە قانات يايدى ۋە ئومۇملاشتى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلۋەتتە بەھرىمان بولىدىغان كىشلىك ھوقۇقى ئىدى.

ھەشەمەتلىك مەسچىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپلەپ مەسچىتلەر سېلىندى. ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىغۇچىلار زور دەرىجىدە كۆپەيدى، ئەمەلىي ئىبادەتچىلەر كۆپەيدى، مەسىچىتلەر جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدىغان ياشلار بىلەن تولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئوتتۇرا ياشلار ۋە ياشانغان كىشلەرنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولىشى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. كىچىك بالىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ روھى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش باشلاندى. ھەر خىل ئىسلامىي مۇراسىملار كەڭ- كۆشەدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئسلام دىنىغا ئائىت كىتابلار كەڭ تۈردە نەشر قىلىندى. ئىسلام دىنىي بۇيۇملىرى بازارلاردا كەڭ كۆلەمدە سېتىلدى. مۇسۇلمانچىلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەۋج ئالدى. قىسمەن يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دىنىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە يات بولغان باشقا ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام مەدىنىيىتىدىكى بەزى دىنىي ئادەتلىرى ۋە دىنىي تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوشۋېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن چەكلەپ كەلگەن دىنىي ئىشلار-ئىسلام دىنىنىڭ ياشلار ئارىسىدا نىسبەتەن كەڭ تارقىلىشى، نورمال ئىسلام ئېتىقادچىلىق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال ئېتىقادچىلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىسلامىي بۇيۇملارنىڭ نىسبەتەن كەڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستاندا مىللىيلار ئارسىدا بىر مەزگىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كۆرۈلمىگەن، ئۇلار بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھەققانىي، نورمال قويۇق ئىسلام تۈسى شەكىللەندى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى بىلەن زىت بولغان ئىسلام دىنى ئىدىېولوگىيىسىنىڭ «شىنجاڭ» دا مۇنداق بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالدا كەڭ رەۋىشتە راۋاجلىنىشى ۋە كۈچلىنىشى خوددى فالوڭگوڭغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا بولۇپمۇ «شىنجاڭ» دا مەۋجۇت بولىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان بىر خىل تەھدىت كۈچ دەپ ھىساپلاپ خىتايدا بولۇپمۇ «شىنجاڭ» دا سادىر بولغان قىسمەن «تېررورلوق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، «ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى»، «ئۇيغۇرلار تېررورلۇقىنىڭ ماكانى» دېگەن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خىتايدا ئىسلام دىنى ۋە «شىنجاڭ» دا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش نېيىتىگە كېلىپ، 21-ئەسىردە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رۇياپقا چىقاردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ خەلقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى تارىخىدىن بۇيان چىڭ ئىمپېرىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلگەن.
مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى مۇستەملىكە قىلىۋالغان زىمىنلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەڭگۈلۈك زېمىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.

يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، ئۆزلىرىنى تەلتۆكۈس تونۇپ يېتىشى ۋە زامانىۋېلىشى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ تېخىمۇ كۆچلۈك بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللىنىشى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستاندا يەرلەشتۈرۈشىگە چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق كىشلەر تەرىپىدىن سادىر بولغان ئانچە-مۇنچە «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى»، «ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى» ۋە «شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېررورلۇقنىڭ قارا بۇلۇتلىرى قاپلاپ كەتتى» قىلىپ كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلۋېتىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل ئىشقا قول سالدى.

قىسىقىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇپراق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكى كۈندە تېز سۈرئەتتە يوقاتمىسا، ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە بۇ مۇستەملىكىسدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان بۇ ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قول سالدى.

2019-يىلى دېكابىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top