• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق شەرت-شارائىت ۋە ئامىللار

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق شەرت-شارائىت ۋە ئامىللار

تارىم توغراق

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكى گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ يەھۇدىيلەرگە قاراتقان ۋەھشىيانە قىرغىچىلىق جىنايىتىنى «يەنە قايتا تەكرارلانمىسۇن» دېگەن بولسىمۇ، ئارىدىن 70 يىل ئۆتەر-ئۆتمەي بۇ خىل ئىنسانيەتكە قارشى جىنايەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قەبىھ ۋە دەھشەتلىك تۈردە يۈرگۈزۈلۈشكە باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق شەرت-شارائىت ۋە ئامىللارمۇ مەۋجۇت. تۆۋەندە بۇ شەرت-شارائىت ۋە ئامىللار ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىشى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» سادىر بولغاندىن كېيىنكى دۇنيادا شەكىللەنگەن خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» نى «خەلقئارالىق تېررورلۇق تېزىملىكى» گە كىرگۈزگەنلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا پەقەت مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئاز ساندىكى بىر قانچە ئادەملەرنىڭ مەسىلىنى توغرا ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمەي، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچىلىقسۇيەر ئەنئەنىسى ۋە ئىرادىسىگە يات بولغان ناتوغرا يولنى تاللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشىغا بەرگەن جاۋابىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، 1949-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى يەرلىك مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك رەزىل پىلانىنىڭ يىرتقۇچلۇق ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارلاپ، دۆلەت دىكتاتورىسىنىڭ كۈچى-تۈرمە ۋە جازالىرى لاگېرى قاتارلىق ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى بىر يولىلا قىرىپ تۈگىتىشنى قارار قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولماسلىقى

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچلىقدىن ئىبارەت مۇنداق ئىنسانيەتكە قارشى رەزىل ئىشقا قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىشىدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەپ شۇندىن ئىبارەتكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولىدىغان مۇستەقىل دۆلىتى بولماسلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە ئەينى زاماندا ئېيتقاندەك «مىللەتنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى ئۆز قولىدا بولمايدىكەن، قويچىسى يوق بىر پادا قويغا ئوخشاش يىرتقۇچ بۆرىلەرگە يەم بولۇپ، ئاخىرى ئىنقىزارغا ئۇچراپ يوقىلىدۇ.» (ئېلىخان تۆرە ساغۇنى: «تۈركىستان قايغۇسى»(1) دىن، 2007-يىل نەشرى) 1949-يىلدىن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بۇ يىرتقۇچ بۆرىلەرگە يەم بولماسلىقى پەقەت ۋاقىت مەسلىسىلا ئىدى، خالاس.

گەرچە ئۇيغۇر خەلقى 1944-، 1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا ھەر قايسي يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىللە مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ قانلىق جەڭلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئازاتلىقى ۋە ھۈرلۈكىنى قولغا كەلتۇرۇپ مۇستەقىل دۆلەت قورغان بولسىمۇ، بۇ جۇمھۇرىيەت 1945-يىلى فېۋرالدىكى خەلقئارالىق سىياسىي سودا-يالتا يىغىنىدا ئىتتىپاقداش ئۈچ دۆلەت-سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىللارنىڭ بىر تەرەپتىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تۈپتىن زىت بولغان «يالتا كېلشىمى» نى ئىمزالىشى تۈپەيلى ستالىنىڭ قولى بىلەن ئۈنجۈقتۈرۋېتىلدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىللىققا ئۇچرىشىدا تاشقى ئامىل جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت نۆۋەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى بولغاچقا، بۇ ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ب د ت دا مەخسۇس يىغىن چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «ئۇيغۇر مەسلىسى» نى ھەل قىلىش مەجبۇرىيتى بار.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىق سالاھىيىتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىق سالاھىيىتى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قول سېلىشىگە جۈرئەت قىلىشىدىكى بىر ئامىل. ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيە پۈتۈنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانلىقتىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئادەتتە ھەر قانداق ئىشتا «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە تارتىدۇ.». بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارىتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيىسى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا قۇدرەت تېپىشى بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ھەمتاۋاق قىلىۋالغانلىقى

خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تېپىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا شۇغۇللىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماددى ئاساسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ھەمتاۋاق قىلۋالغانلىقى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىللىككە جۈرئەت قىلىشىدىكى يەنە بىر ئامىل.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا خوجا بولۇش، خەلقئارادا بازار تېپىش ۋە ئۆزىگە بېسىم بولىۋاتقان «ئېشىنچا نوپۇسى» ئۈچۇن زىمىن تەييارلاشتىن ئىبارەت شۇم نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» دىن ئىبارەت دۇنياۋى خاراكتېردىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بىكارغا قۇرۇلۇش قىلىپ بېرىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەقسىز پۇل بېرىش ياكى تۆۋەن ئۆسۈمدە قەرىز پۇل بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن بىر مۇنچە دۆلەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن گەپ- سۆز قىلىدىغان قىلىۋالدى. بۇنىڭ روشەن ئىپادىسى 2018-يىل 6-يانۋاردا جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى» دا ئوچۇق-ئاشكارە كۆرۈلدى. خىتاي بىلەن ھەمتاۋاق بولىۋالغان دۆلەتلەر «شىنجاڭ» دىكى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغاندەك، ھېچ نەرسىدىن خەۋىرى يوقتەك، بەز يېگەن مۈشۈكتەك، لام-جىم دېمەي، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرۇۋالدى. ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىدۇ، دېىيىشپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن دۇمباق چالدى.

كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىپ بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قانچە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ پەيدا بولىشى

1990-يىللاردىكى دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى چوڭ ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشىنسى بولغان غەربىي تۈركىستاندا تۈركلىرىنىڭ بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ بەرپا بولىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ چوڭ ۋەھىمىگە سېلىپ بىئارام قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇ رايونلارغا بولغان كونتۇرۇلىقنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ باردى. ئاخىرى كېلىپ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتمىسا، كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ تۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى.

بەزى دۆلەتلەر ۋە بەزى خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشلىكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىگە يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى

بەزى دۆلەتلەر ۋە بەزى خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشلىكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسلىسىگە يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
«ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىست ۋە مۇتەخەسسىس نىتىن كوكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، 2008-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خىتاينىڭ ئەركىنلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن.

2008‏-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن «ئولىمپىك خىتايدا ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن بۇ نارازىلىققا سەل قارالغان. نىتىن كوكانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاممىۋى گۇرۇھلار، ئاخبارات ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى كېڭەيتمەيلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مۇسابىقە: «تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن دەۋر بۆلگۈچ نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ، ئۇلارغا خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە باستۇرۇشنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندەك سىگنال بەردى» دېگەن.

خالىد بەيدون تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ماقالىدە «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر رايونىغا پەرۋاسىز قارىغانلىقى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق ب د ت بۇ مەسىلىنى سەھنىگە تاشلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.»

دۇنيادا ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زاماندىكى مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى 1949- يىلى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئالىپتېكىن قاتارلىق بىر قانچە كىشىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى بىلەن باشلانغان. بۇ زاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلىرى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.

ھازىر چەتئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش قوشۇنى زورايدى، مۇستەقىللىق ھەرىكتى ئۇلغايدى. بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان زور مۇستەقىللىق قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي سىياسىي پائالىيەت ۋە ھەركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاننى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارالىشىپ كېتىشىدىن ئەۋۋەل شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك قوۋملىرىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىبارەت رەزىل نىيىتىگە كەلگەن. نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قوۋملىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ تونىلىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى

گەرچە ئۇيغۇرلار تارىخى ئۇزۇن، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە؛ تارىختا كۆكتۈرك خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى (قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى)، قاراخانىيلار دۆلىتى ۋە سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قورغان قەدىمىي بىر مىللەت بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا يېڭى سۇ يولى قاتنىشىنىڭ ئېچىلىشى تۈپەيلى ئاسيا كىندىكىدىكى ئىپەك يولىنىڭ خاراپلىشى بىلەن ئاسىيانىڭ مەركىزىدە-شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائەتىنىڭ نەزىرىدىن يىراق بولۇپ قالدى. «بىر نەچچە ئەسىر جىمجىتلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن 17-ئەسىردىن باشلاپ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكە زېمىنىنى كېڭەيتىش رىقابىتى كەسكىنلىششتەك چوڭ ۋەزىيەت ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان كىشلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارى ۋە نەزىرىنى يېڭىباشتىن جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوخشاش بولمىغان، دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئېكسپېدىتسىيىچى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىزمەتلىرى» (شىۋېتسىيە، نىلىس ئامبوت: «كارۋان»، 2012-يىل نەشرى) ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار دۇنياغا قايتىدىن تونۇلۇشقا باشلاندى.

ھازىرقى كۈندە دۇنيادا كۆپلىگەن مەملىكەتلەردىكى كىشلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىملىرى بولسىمۇ، يىتەرلىك ئەمەس. تا ھازىرغىچە بىر مۇنچىلىغان مەملىكەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ساۋادى يوق دېيەرلىك. ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ دېگەندەك ساۋادى يوق. شۇڭلاشقىمۇ بۇ يىل 6-يانۋاردا جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بەزى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يىتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولمىغاچقا سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تۆنىلىش دەرىجىسىنىمۇ ئويلاشقان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا تونىلىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنى بىلىپ بولغىچە ئۇلارنى يوق قىلۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن.

ساختا تەشۋىقاتقا تايىنىش

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلغاندىن باشلاپ، خەلقئارالىق تەرغىپ- تەشۋىقاتقا تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق، زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيەسىنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۇرك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپلا قالماستىن، يەنە «شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر» دېگەندەك ئاق تاشلىق كىتاپ قاتارلىق مەخسۇس تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى دۇنيا مىىقياسىدا تارقىتىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باياشات ياشاۋاتىدۇ» دەپ جار سېلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىگە قەرزگە بوغۇلغان «تەخسىچى دۆلەتلەر» دىن «ئېكسكۇرسىيە ئۆمەك» لىرىنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئالدىن ياساپ قويغان «قايتا تەربىيىلەش مەركەز» لىرىنى «تاماشا» قىلدۇردى. تەخسىچى «ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر» نىڭ كۆپچىلىكى خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئشىنىپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات جەھەتتىكى بۇ ساختاپەزلىكىنى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئېچىپ تاشلاش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق ھەر قايسى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ خىل مۇدھىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ قىلىشىدا يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلىنغان تەرەپلەردىن ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولماسلىقى. ئۇيغۇرلارنىڭ 1944-يىلدا قورۇلغان مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك ئىرقىي قوتۇلۇپ چىقىشىدا بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ بولماسلىقتەك مەجبۇرىيىتى بار.

2019-يىلى ئاپرېل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top