• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ 1934-يىلىدىكى ئۆلۈم خەۋىرى

مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ 1934-يىلىدىكى ئۆلۈم خەۋىرى

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما  خىتاينىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان «تىيانشان ئايلىق ژورنىلى» (天山月刊) نىڭ 1934-يىلى 15-دېكابىر كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «قايغۇلۇق خەۋەر» ناملىق قىسىمىغا ئاساسەن تەييارلانغان. مەزكۇر ژورنالدا مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مەرھۇمنىڭ «ئوقۇدى ئاشتى» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەسىلى نۇسخىسى بېرىلگەن. تىيانشان ئايلىق ژورنىلى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، 1934-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان مەزكۇر ژورنال خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا بولۇپ، خىتايچە قىسىمىدا شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتايغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە قىسىمىدا بولسا ۋەتەننىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر ئىسمى «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» بولغان مەزكۇر ژورنال ئىلگىرى «چېگرا رايون ئاۋازى» (边铎) نامى بىلەن ئالتە سان چىقىرىلغان بولۇپ، 30-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگە. 


قايغۇلۇق خەۋەر

تۈركىيەدىن ئالغان بىر مەكتۇبتا ئىستانبۇلدىكى مۇھەممەدئەلى ئەپەندى ئۆتكەن يىلى تۈركىستانغا كەتكەن ئىدى, ئاڭلىغىنىمىزغا كۆرە تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاپات بولغان ئىمىش دەپ يازالار (يازىدۇ).

مۇھەممەدئەلى ئەپەندى ئىلگىرى ئارتۇشتا (ئاتۇشتا) ئەھمەت كامال تەرىپىدىن ئېچىلغان مەكتەپتە تەھسىل كۆرگەن. مىللەتنىڭ كۆرگەن زۇلۇملىرىدىن باغىرلىرى ئېزىلگەن ئۈمىدلىك ۋە زەكى (ئەقىللىق) بىر قەردەشىمىز (قېرىندىشىمىز) ئىدى. ئۆز قەردەشلىرىنىڭ كەچىردىگى (كەچۈرگەن) كۈنلىرىگە ۋە ئازابىنە (ئازابىغا) تاقەت قىلالماي روسىيە ئارقالى (ئارقىلىق) تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان ئىدى. كۈتمىگەندە بۇ خەۋەر كېلىپ چىقتى. ئەگەردە بۇ خەۋەر راست بولغان تەقدىردە، تۈركىستان ئۆزىنىڭ ئىجتىھاتلى (ئىجتىھاتلىق) بىر خادىمىدىن ئايرىلدى دېمەك. بىز ئاللادىن بۇ ئۇلۇغ شېھىدىمىزگە مەغفىرەتلەر تىلەيمىز. ئائىلىسىگە قايغۇلى (قايغۇلۇق) تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز. ھەمدە بۇ مەرھۇمنىڭ مىللەت ئىستىقبالى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئېيتقان شېئىرىنى تۆۋەندە يازىمىز:

* * *

ئوقۇدى، ئارتدى بىزلەردىن كافىر، ئەي مۇسۇلمانلار،

كۆرگەچ كافىرنىڭ ئىجتىھادلىرىن، قاينايدۇ قانلار.

ئاچ كۆزۈڭ، ئۇيقۇدىن غەفلەت ئىچىدە ئۇخلىغان جانلار،

ياشىسۇن يېتىملەر، شادلانسۇن جۈملە* ئىنسانلار.

ياشاب ئۆتمىش بابالارىمىز غەفلەت ئىچىندە،

يادكار قالغان يوق بىر نۇقتە ھېكمەت ئانلاردىن بىزگە.

زىكرى قىلىنغان داھى ھەقىقەت قۇرئان ئىچىندە

ئوقۇيمىز، بىلمەيمىز، لىسانى ئەرەب مۈشكۈل تىل بىزگە.

ئۆيرەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار

ساتقانلار دۇنياغا ئەخلاقلىرىنى بىزنىڭ زالىملار.

رىشۋەت بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلار،

باشىدا داشار، قولىدا تەسبىھ، ھارامدىن تائام ئاشارلار**.

ھاۋادا قۇش يەڭلىغ*** جەۋلان قىلارلار غەيرى مىللەتلەر،

قالدۇق بىز يۈزمىڭ گەز ئانلاردىن تۆۋەن، ئويلا ئۈممەتلەر.

مۇۋەييەسىز ئولدىلار كافىرگە بارچە ھېكمەتلەر،

ئەمەلگە قارشى بەردى سۈبھان شانۇ-شەۋكەتلەر.

چىقمىدى بىزلەردىن ئەنۋەر، قەدىرلى يولنى كۆرسەتكەنلەر،

كىم بىلسە پۇل بېرىپ، بىزلەرگە ئادەت ئانى ئۆلتۈرتكەن.

مەرھۇم داموللا ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر،

گۇناھى قايسى ئاق، قايسى قارا، ھەقنى ئۆرگەتكەن.

كاشىغەردە يېتىملەر ھاممام ئارتىندا كۈلدە ياتارلار،

تەربىيەسىز نە ئىشلەسۇن، ھوشۇق ئويناپ نەشە تارتارلار.

زاھىدلار بۇنلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن دىنىن ساتارلار،

ئويلا زاكات كىملەرنىڭ ھەققى؟ كىملەر ئاشارلار؟

ئەيىب ئەتمەڭ بىزلەرنى، ئەيلەدۈك ئەشئار**** ئىلىمگە لايىق،

شەرئىيگە قايبىرى بىزىم ئەشئارنىڭ كەلمەس مۇۋافىق.

ياشىسۇن يىگىتلەر، مەھۋەت***** ئولسۇنلار بارچە مۇنافىق،

يازۇپ كۈيگە سالغۇچى مۇھەممەدئەلى لەقەبى****** تەۋفىق! ..

* * *

ئىزاھات:

* جۈملە: ھەممە، بارچە

** ئاشالار-ئاشاماق: يەيدۇ-يېيىش

*** يەڭلىغ: كەبى، ئوخشاش

**** ئەشئار: شېئىر

***** مەھۋەت: يوقۇلۇش، ئۆچۈرۈلۈش

****** لەقەب: لەقەم، تەخەللۇس


مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top