You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 1947-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى

1947-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى

جاڭ جىجۇڭ غۇلجا ئايردرومىدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1946-يىلى ئاۋغۇست

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە نەشىردىن چىققان «تۇرمۇش ژورنىلى» (生活杂志)نىڭ 1947-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان «شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى» (新疆内幕) ناملىق ماقالە ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر ماقالىدە «بەيتىك ۋەقەسى»نى چۆرىدىگەن ئاساستا نويابىر مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە بىر خىتاي مىللەتچى زىيالىيسىنىڭ تەھلىلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بىتىمدىن كېيىكى غۇلجا ۋە غۇلجا ۋەزىيىتى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قوللانغان سىياسىي تاكتىكالىرى، مەسئۇد سابىرى ئەپەندىنىڭ رەئىس قىلىپ تەيىنلىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، 25-فېۋرال ۋەقەسى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەسلى ماقالىدە بىر تەرەپلىمە قاراشلار خېلى كۆپ، خاتا ئۇچۇرلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇنداقلا قۇيۇق خىتاي مىللەتچىلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي نەزەر بىلەن ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 


شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى

شى مۇ (洗木)

بەيتىك (北塔山)نىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىدەك جىددىي سىگنال ھەربىر خىتاينى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. يېرىم ئايدىن بۇيان خەلق پۈتۈن دىققىتىنى يىراقتىكى شىمالىي شىنجاڭغا تىكتى. لېكىن ئۆتمۈشتە شىنجاڭ ۋەزىيىتى بىلەن تولىمۇ ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھۆكۈمەت تەرەپتىن چېگرادىكى كۈچلۈك خوشنىمىزغا تاقابىل تۇرۇش، ئار-نۇمۇسنى ئىچىگە يۇتۇپ، كۆڭۈلدىكى سۆزنى قىلالماسلىق سەۋەبىدىن شىنجاڭ بىر سىر بولۇپ قالدى. شىنجاڭنىڭ سوۋېت ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسى بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۆمۈر پەردىسىنىڭ توسالغۇسى بىلەن ھەتتا سىر ھالىتىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئالغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇلىيە ئارمىيەسى سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن ئېلىمىز چېگرا سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 600 چاقىرىم ئىچكىرىدىكى بەيتىككە يېتىپ كەلدى. ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى موڭغۇلىيە ئارمىيەسى قانداق قىلىپ بىر قانچە كۈن ئىچىدە 600 چاقىرىم ئىچكىرىلەپ كىرەلىسۇن؟ لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق تاجاۋۇزنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. ئۆتمۈشتە موڭغۇلىيە ئاللىبۇرۇن چېگرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ تاجاۋۇزنى باشلاپ بولغان! ھۆكۈمەت بولسا بۇنىڭغا مەخپىي ھالدا سۈكۈت قىلىپ، خەۋەرنى ئاشكارىلىماي، سىرتتىكىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەي قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق ۋەقە پارتىلىشى بىلەن ھازىرقىدەك ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سان-سېپىرلار ئاشكارىلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەلەم ئىگىسى ئاۋۋال تارىخىي ۋەقەلەردىن سۆز باشلاي:

1-مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالتاي

مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىلى) تاشقىي موڭغۇلىيە روسىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئالتايغا تاجاۋۇز قىلدى. ئەينى چاغدا روسىيە ئېلىمىز بىلەن بېيجىڭدا سۈلھى ئۈچۈن سۆھبەتكە ئولتۇرغان بولۇپ، روسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ھۆكۈمىتىمىزگە ۋە يەرلىك دائىرىلەرگە:”خىتاي ھەرگىزمۇ ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ھالقىپ ئۆتسە بولمايدۇ، ئەگەر ھۆرمەتلىك دۆلىتىڭلار قازاقىستان، ئالتاي ۋە سارسۈمبە قاتارلىق جايلارغا ئەسكەر يۆتكىسە، دۆلىتىمىزنىڭ قوشۇن چىقىرىپ بېسىۋېلىشىدىن ساقلىنىش تەس” دەپ ئۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا روسىيە قۇبدا ئايمىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا بەشمىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، تاشقىي موڭغۇلىيەگە ھەمدەمدە بولغان. ئەينى چاغدا ھۆكۈمىتىمىز ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تۇتۇپ، تەبىئىي ھالدا تالاي خورلۇقلارنى تارتقان.

ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئەسلىدە بىۋاستە بېيجىڭغا قارايدىغان بولۇپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىپ ئىدارە قىلىناتتى. ئەينى چاغدا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ دۇدۇ(都督)سى ياڭ زىڭشىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇقارىقى ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلەشتۈرۈپ مۇداپىئە قىلىش ھەققىدە ئالتە ماددىلىق تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ۋە بۇ ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭ ئۆلكىسى تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئالتاي رايونى (阿尔泰) «ئالتاي ۋىلايىتى» (阿山道) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ئىلى ۋە چۆچەك بولسا «ئىلى ۋىلايىتى» (伊犁道)  قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئالتاي رايونىنىڭ خىتاي تۇپرىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قارام دۆلىتى بولغان موڭغۇلىيەنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىش جەريانىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

2-سوۋېت ۋە موڭغۇلىيەنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىش جەريانى

مىنگونىڭ 22-يىلى (1933-يىلى) تاشقىي موڭغۇلىيە شىنجاڭنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، چېگرادىن بۆسۈپ كىرىپ بۇرچىن ناھىيەسىنى بېسىۋالدى. مىنگونىڭ 24-يىلى (1935-يىلى) ئالتاي ۋىلايىتى مەمۇرىي ئەمەلدارى باش كاتىپنى تاشقىي موڭغۇلىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە ئەۋەتكەن ۋە «ئالتاي تېغىنىڭ غول ئومۇرتقىسىنى چېگرا ئايرىش سىزىقى قىلىپ بېكىتىش، سۇ ئېقىنى شىنجاڭغا قاراپ ئاققان قىسىملارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا تەۋە، قۇبداغا قاراپ ئاققان جايلار تاشقىي موڭغۇلىيەگە تەۋە بولۇش»نى قارار قىلغان ئىدى. كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، تاشقىي موڭغۇلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بۇرچىن ناھىيەسى تېخىچە كېلىشىم بويىچە قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن. 25-يىلى (1936-يىلى)نىڭ قىش مەزگىلىدە يەنە مۇرەسسە قىلىشقا ئۇرۇنغان بولساقمۇ، تاشقىي موڭغۇلىيە ۋەكىلى ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. مىنگونىڭ 27-يىلى (1938-يىلى) ئىيۇندا تاشقىي موڭغۇلىيەنىڭ قۇبدا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى مۇبۇتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قاراباتۇرچىق ۋە ئېرىڭچى قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىمىزنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. چىڭگىل دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى گو يوڭلۇڭ شەخسەن ئۆزى چېگراغا بېرىپ، تاشقىي موڭغۇلىيە چېگرا باشقۇرغۇچىسى سېرىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. قارشى تەرەپ مۇتەھەملىك قىلىپ «مۇبۇتۇ، ئېرىڭچى، قارچىقاتۇ، قاراباتۇرچىق قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى تاشقىي موڭغۇلىيە چېگراسى ئىچىدىكى زىمىنلار» دېگەن. گو يوڭلۇڭ نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ «قۇبدا ۋە ئالتايدىكى چېگرا بۇرۇنقى كېلىشىم بويىچە شىمالدا ئۇلان داۋان، شەرقىي شىمالدا مېنكەيخەيرگىن قارلىق تېغى بولۇپ، ئالتاي تېغىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى چېگرا ئايرىش سىزىقى قىلىنغان ئىدى. تاشقىي موڭغۇلىيە بۇرچىن ناھىيەسىنى بېسىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمەيلا قالماي، يەنە چاغان دەرياسى ئەتراپىغىچە بېسىپ كىردى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ دوستانە بىر قوشنا دۆلەتنىڭ تۇتىدىغان يولى ئەمەس» دېگەن. تاشقىي موڭغۇلىيە چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارى گەپ تېپىپ بېرەلمەي، يەنىلا زورلۇق كۈچى بىلەن بۇ جايلارنى بېىسپ ئېلىشنى داۋام قىلىپ، يەرلىكلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى كەينىگە سوزۇپ كەلگەن.

ئوسمان ئىسلام ۋە موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى چويبالسان

ئۇندىن كېيىن، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلاپ، سوۋېت زىمىنىنىڭ ئۆزى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ۋە شەرققە كۆز قۇلاق بولۇشقا چولىسى تەگمىگەن. ئەمما سوۋېت ئۇسسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاستىرتتىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىدىن گۇمان قىلىشى، ئۆچلىشىشىنى پىلانلاپ، يەنە قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا سوۋېتنىڭ تىغ ئۇچى يەنە قايتىدىن شىنجاڭغا تىكىلدى ۋە 1936-يىلى ئالتايدىكى قازاق قەبىلە ئاقساقىلى بولغان ئوسماننى توپىلاڭ كۆتەرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا تاشقىي موڭغۇلىيە بىز تەرەپنىڭ توپىلاڭنى تىنجىتقۇچى قىسىملىرىنىڭ «چېگرادىن ئۆتۈشى»نى چەكلىگەن. ئەينى چاغدا بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىز پەقەتلا چىڭگىلنىڭ دابۇسۇن دېگەن جايىدا ھەرىكەت قىلىش بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، تاشقىي موڭغۇلىيە 1938-يىلى بېسىپ كىرگەن چاغدىكى مۇبۇتۇ قاتارلىق جايلاردىن يەنە يۈز چاقىرىمدىن ئارتۇق جەبۇبقا جايلاشقان ئىدى. بۇرچىندىكى چېگرا سىزىقىدىن بولسا 200 چاقىرىمدىن ئارتۇق يىراقلاپ كەتكەن ئىدى.

1944-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭدىكى كىرىزىس سۇ يۈزىگە تېخىمۇ ئېنىق چىقىشقا باشلىدى. ئېلىمىزنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ۋە ئەڭ مۈشكۈل باسقۇچقا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى بىز كىرىزىسقا پاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا كەڭ كۇشادە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. مارت ئېيىنىڭ باشلىرى قىزىل بەشۋار بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن سوۋېت ئايروپىلانلىرى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قىسىملىرىمىزنىڭ قارارگاھىنى چارلىدى. 11-مارتقا كەلگەندە قىزىل بەشۋار بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن تۈركۈملىگەن ئايروپىلانلار ئۇچۇپ كېلىپ بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى بومباردىمان قىلىش توختىمىدى. قازاق توپىلاڭچى قىسىملىرى، موڭغۇلىيە ئەسكەرلىرى ۋە سوۋېت ئوفېتسىرلىرى ئىچكرىلەپ بېسىپ كىرىپ، قارلىق تاغدا يىگانە قالغان چېگرا ساقلاش ئۈچىنچى كورپۇسى قىسىملىرىمىزدىكى بارلىق ئەسكەرلەر قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

شۇ قېتىملىق تاجاۋۇز مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋۇ زېشىياڭ نارازىلىق بىلدۈرگەن. لېكىن سوۋېت تەرەپنىڭ جاۋابى بۇ قېتىم تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ بەيتىك ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتى بىلەن ئوخشاش بولغان بولۇپ، ئەكسچە بىزنى پىلانلىق ھالدا ئېغۋاگەرلىك قىلدى دەپ ئەيبلىگەن. ئاپرېلنىڭ باشلىرى بولسا تاسىس ئاگېنتلىقى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ « خىتاي تاشقىي موڭغۇلىيە چېگراسىدا ھەربىي ھەرىكەت قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تاشقىي موڭغۇلىيە ئارىسىدا ئورتاق مۇداپىئە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار بولغاچقا، ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېگەن. ئېلىمىز ئەينى چاغدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ قايغۇسىدا قالغان، كۈچلۈك خوشنىمىزغا ئاشكارە قارشى چىقىشقا پېتىنالمىغان ۋە ئاچچىقىنى، نومۇسىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى. كېيىن بولسا، مەشھۇر غۇلجا ۋەقەسى شۇ يىلى نويابىردا يۈز بەردى.

3-غۇلجا ۋەقەسى

غۇلجا ۋەقەسى 1944-يىلى 7-نويابىر باشلىنىپ، 1945-يىلى يانۋارغىچە ئارىلىقتا غۇلجا قولدىن كەتتى، ئىيۇل ئېيىدا تارباغاتايمۇ پۈتۈنلەي قولدىن كەتتى. سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ بېشىدا «مەلۇم بىر دۆلەت»نىڭ ئايروپىلانى جىڭ ۋە شىخۇنى بومباردىمان قىلدى، ۋە ماتورلاشقان قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بىلەن توختىماستىن ھۇجۇم قىلدى (بۇ قوراللار سوۋېت-گېرمان جەڭ مەيدانلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن). جىڭدا تۇرۇشلۇق بىرىنچى دېۋىزىيەمىز تارمار بولدى، شىخۇنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان يېڭى ئىككىنچى كورپۇس ئايروپىلان، ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ۋە كۆيدۈرگۈچى بومبىلار بىلەن قىلىنغان بىرلەشمە ھۇجۇمىدا جان تىكىپ كۆرەش قىلىپ، بىرمۇ كىشى ئامان قالمىغان. شىخۇ شەھىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولغان.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شىتابى ئالدىدا پوست تۇرۇۋاتقان مىللىي ئارمىيە ئوفېتسىرى،1946

دەل بۇ چاغدا مەملىكىتىمىز ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىرلەشمە غەلبىسىنى قۇتلاۋاتقان بولۇپ، ئىككىنچى بىر «18-سېنتەبىر ۋەقەسى» (九一八事变) نىڭ ھېچ شەپىسىز ھالدا باشلانغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى! 12-سېنتەبىر كۈنى گېنىرال جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان قورچاق ھاكىمىيەت «شەرقىي تۈركىستان (جۇمھۇرىيىتى)» بىلەن بىر قانچە ئاي سۆھبەتلىشىپ، 11 ماددىلىق تېنچلىق بىتىمىنى ئىمزالىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسلىرىنىڭ كونترولى ئاستىغا كىردى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئېغۋالىرىنىڭ بىر قىسىمى خالاس. سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى ئۆزىنىڭ سۈيقەستلىرىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىغىنى يوق. بۇلارنى يېزىش ئۈچۈن مىڭ خەتمۇ ئازلىق قىلسىمۇ، تىلغا ئېلىنغان بۇ نۇقتىلاردىن باشقىلىرىنى پەرەز قىلالايمىز. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نىيىتى يامان بولۇپ، خۇددى ياپونىيە شەرقىي شىمالغا ئالا نىيەتتە بولغانلىقى بىلەن ھېچ پەرقى يوق. بۇ جايدا مەن ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئىشنى ئەسكە سېلىپ ئۆتمەكچى: سوۋېت ئىتتىپاقى 1940-يىلى نەشىر قىلغان خەرىتىدە ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىنى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە تاشقىي موڭغۇلىيە تەۋەسىگە كىرگۈزگەن، چېگرا سىزىقى بەيتىك تېغى ۋە قاناس كۆلىگە يەتكەن بولۇپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن زىمىن دائىرىسى نەچچە ئونمىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بىزنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىمىز بولسا بۇنىڭغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان. ئەنگىلىيە نەشىر قىلغان خەرىتىلەردىن بىر قىسىمىمۇ بۇ خەرىتىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان. دېمەك، بۇ قېتىم موسكۋانىڭ چېگرا مەسىلىسىدە بۇنچىلىك شىلتىڭ ئېتىشى ۋەتەنداشلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك. تۆۋەندە بەيتىك ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:

4- بەيتىك ۋەقەسى (北塔山事件)نىڭ سەۋەبى

بەيتىكنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىر يانار تاغنىڭ پارتىلاش ئېغىزىغا ئوخشاش بولۇپ، قايناپ تۇرغان لاۋالار نېمە ئۈچۈن مۇشۇ جايدا پارتىلاپ چىقتى؟ بۇ جايدا ئىككى كىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك: بۇلاردىن بىرىنچىسى ئالتاي ۋالىيسى ئوسمان، يەنە بىرى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئەخمەتجان.

ئوسمان دېگەن بۇ كىشىنى مەن ئالدىنقى بۆلۈملەردە ئازراق تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇندىن بۇرۇن ئالتايدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق توپىلاڭغا ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ سوۋېت ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ تۇرۇپ، شىڭ شىسەي قىسىملىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئوسمان جاڭ جىجۇڭنىڭ چاقىرىقىغا ئەگىشىپ، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، سوۋېت ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىشىغا ئەمدى يول قويماي، ئەمدى ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان جانئالتاي قاتارلىقلار گومىنداڭ ئوفېتسېرى بىلەن ئالتايدا

لېكىن شۇنىڭ بىلەن ئوسمان سوۋېت خوجايىنلىرىنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرۈپ قويۇپ، سارسۈمبىدە پۇت تىرەپ تۇرالماس ھالغا كېلىپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغان دەلىلقان باش كۆتۈرۈپ، ئۇنى بەيتىككە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. ئوسمان بۇ جەريانلارنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلغان. لېكىن گېنىرال جاڭ جىجۇڭ بۇ دىلونى مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان. ئەخمەتجان بىلەن ئوسمان رەقىبلەردىن بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئوسمانمۇ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان. ئۇ قازاق مىللىتىدىن بولغان، ئاددىي خەلق ئىچىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مانا ھازىر بىر مىللەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تۈركۈمى بولسا سوۋېت تەرىپىدىن پايدىلىنىلدى. ئوسمان بۇنىڭغا غەزەبلەندى ۋە جار سالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ھىمايە قىلىنغان ئەخمەتجان بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوسمانغا زەربە بەردى- موڭغۇلىيە قوشۇنلىرىنى باشلاپ كىردى.

ئەمدى ئەخمەتجانغا كەلسەك، ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ غۇلجا ۋەقەسىدە «شەرقىي تۈركىستان» غا ۋەكالىتەن گېنىرال جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، جاڭ جىجۇڭ رەئىس بولغاندا بۇ كىشى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. شىجاڭدا ئەخمەتجان نامى چىققان ھىلىگەر بولۇپ، غۇلجا ۋەقەسى جەريانىدا ئۇ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن قەھرىمان دەپ قارالغان. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئۇ مۇنداق بىر سۈيقەستنى پىلانلاۋاتىدۇ. يەنى مۇئاۋىن رەئىسلىك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇنغا بارماي ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامغا قاتنىشىپ، خەلق سايلىغان رەئىس بولۇپ، ئاندىن بىر ئۆرۈلۈپلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولماقچى. شۇنداقلا ھازىرقى تاشقىي موڭغۇلىيەگە ئوخشاش، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بولسا تاڭنۇ ئۇرىئانخاي (ھازىر روسىيە فېدىراتسىيەسىگە تەۋە تۇۋا ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى)غا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ.

ئوسماننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئەخمەتجاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكتىن خەلق سايلىغان ئۆلكە رەئىسلىكىگە ئۆتۈشىدىكى بىر چوڭ توسالغۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئوسماننىڭ كۈچلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت بولسا ئەخمەتجاننىڭ بۇ سۈيقەستىگە قارشى مەسئۇدنى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ بېكىتتى. مەسئۇد بىر شىنجاڭلىق بولۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر پېشقەدەم. ئۇ ناھايىتى زور چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئەگەر ئۇ رەئىس بولسا كەلگۈسىدىكى ئۆلكە رەئىسلىك سايلىمىدا ئەخمەتجاننىڭ سايلىنىشىدا ئۈمىد يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇد رەئىس قىلىپ بېكىتىلگەندە ئەخمەتجان قارشى تۇرغان ۋە «ئەگەر مەسئۇد رەئىس بولسا شىنجاڭدا قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش قىيىن»دەپ تەھدىت سالغان.

مانا مۇشۇنداق رەئىس ئالماشقان پەيتتە، ئەخمەتجان چەتئەللىك ئەبلەخلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سۈيقەستنىڭ ئوسماننى يوقىتىشتىن ئىبارەت بىرىنچى قەدىمىنى ئالدى ۋە بەيتىكتىكى قوراللىق توقۇنۇش باشلاندى! «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېگەن گەپ بار. ۋەھالەنكى ئۇچقۇننى چىقارغۇچىلارنىڭ ئاللىبۇرۇن سۈيقەستى تەييارلىنىپ بولغان ئىكەن. شۇڭا شىمالىي شىنجاڭدىكى جىددىي سىگنال ھەرگىزمۇ ئاددىيغىنە چېگرا توقۇنۇشى ئەمەس بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ئەمەلىيەتتە «18-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن قېلىشمايدۇ!

بەيتىك ۋەقەسى جەريانىدا خىتاي قولغا چۈشۈرگەن موڭغۇلىيە ئارمىيەسى جەڭچىلىرىگە تەۋە بۇيۇملار

5-«ھەقىقەت» (گېزىتى) نىڭ قوش ئۆلچىمى

سوۋېت ۋە موڭغۇلىيە قوشۇنلىرى بەيتىككە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان چاغدا سوۋېتنىڭ «ھەقىقەت» گېزىتى (真理报) شاڭخەيدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە مەخسۇس تېلىگراممىنى باسقان بولۇپ، بەيتىك ۋەقەسىگە ئائىت مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئېغۋاسى ئىكەنلىكى، مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ بولسا ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى، شۇنداقلا پاكستوننىڭ باش قوماندان مارشال ئېزىنخاۋىرنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن شۇنداق قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن ئەقلى بار كىشى كۈلۈپلا قويىدۇ. لېكىن سوۋېتنىڭ بۇ خىلدىكى گۆدەكلەرچە خەۋەرنى بېسىشى ۋە شەرمەندىلەرچە قوش ئۆلچەم قوللىنىشىدا چوڭقۇر مەنا بار، ئەلۋەتتە. بۇ جايدا مەن سوۋېت ۋە ئامېرىكانىڭ شىنجاڭدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى (باش كونسۇل ئەمەس بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا پەقەت بىرلا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى بار) پاكىستون ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرى ئىچىدە تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان بىر شەخس. ئۇنىڭ دادىسى خىتايغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن مىسسىئونېر بولۇپ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەنلا ھازىرقى دىپلوماتىيە خادىمىلىق ئورنىغا چىقىپ قالغان. ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. پۈتۈن كونسۇلخانىدا پەقەت پاكىستون ئەر-ئايال، بىر خىتاي مالاي ۋە تېخى بۇ يىل ئەۋەتىلگەن ياردەمچى قوشۇلۇپ جەمئىي تۆت كىشى بار بولۇپ، بۇلاردىن ئۈچى ئامېرىكالىق، بىرى خىتاي.

بۇ يىل باھاردا پاكىستون غۇلجىغا بارغان بولۇپ، ئالتاينىمۇ كۆرۈپ كېلىشنى ئويلىغان ئىكەن. ئەمما سوۋېتنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمى ئۇنىڭغا «ئۇياققا ئۇلىشىدىغان تاشيول يوق، بارسىڭىز بولمايدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن پاكىستون ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. لېكىن ئۈرۈمچى ۋە ئالتاي ئارىسىدىكى تاشيولدا ئۇ سوۋېتنىڭ جىپ ماشىنىلىرىنىڭ كېلىپ-كېتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. شۇنىسى ئېنىقكى، سوۋېت ئۇنىڭ بېرىشىغا يول قويمىغان.

ئەمدى سوۋېتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلخانىسىغا نەزەر سالساق، خىزمەتچى خادىملار سانى 140 قا يېقىن، كۆلىمى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، نەنجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆلىمى ئازراقلا چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە سوۋېتنىڭ كونسۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتى ھەرقانداق ۋاقتتا ئۇلار تەرىپىدىن دىققەت قىلىنىپ تۇرىدۇ. بارلىق ئىستىخباراتلارنىڭ ھەممىسى توپلىنىپ، موسكۋاغا يوللىنىپ تۇرىدۇ.

6- شەرقىي تۈركىستان (جۇمھۇرىيىتى) نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دېگەن بۇ نام غۇلجا ۋەقەسى مەزگىلىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ئەسلىدە غۇلجا ۋەقەسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى! غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ھېلىقى قەھرىمانى ئەخمەتجانمۇ ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا « شىنجاڭ خەلقى ھازىر ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشتى. بۇرۇنقى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان نامى ئەمدى مەۋجۈت ئەمەس. ئەگەر ھازىرمۇ بىرلىرى بۇ نام بىلەن چاقىرىق قىلىپ، سىياسىي ھەرىكەت قىلسا، ئۇ خەلقنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېگەن ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئۈرۈمچىگە كىرىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق بولۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قايتا تەشكىللەنگەن كېيىن غۇلجا، ئالتاي ۋە تارباغاتايدا يەنىلا داۋاملىق ئېسىلغان ۋە ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىدىمۇ بۇ بايراق بايقالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچىدىكى تۈرلۈك ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ ھەرقاندىقىدا سوۋېت ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ، مەيدىسىگە ئاي-يۇلتۇزلۇق مېدال ئاسقان ۋە مىستىن ياسالغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كاكارلار تاقىغان، ئېسىۋالغان تاپانچىسىنىڭ ياغاچ غىلاپىدىمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق بەلگە بولغان كىشىلەر ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن بولۇپ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش كېرەك بولاتتى. بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرمامدۇ؟

ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان جاڭ جىجۇڭ غۇلجاغا كەلگەن مەزگىلدە خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىقى تەڭ ئېسىلغان ھۆكۈمەت بىناسىدىن بىر كۆرۈنۈش،1946

1946-يىلى 28-ئاۋغۇست كۈنى رەئىس جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىدىن غۇلجاغا بېرىپ زىيارەت قىلغاندا كىشىلەرگە بۇ زىمىنلارنىڭ خىتاي تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن سەپەردىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئاتايىتەن كۆپ ساندا «كۆك ئاسمان، ئاق قوياش» (青天白日) دۆلەت بايرىقى ياساتقان ئىدى. لېكىن جاڭ جىجۇڭ غۇلجاغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئايردرومدىن تاكى ۋالىي مەھكىمىسىگىچە يولدا پەقەت ئىككى پارچە دۆلەت بايرىقىنى كۆرگەن. بۇلاردىن بىرى ئۇنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەندىلا كۆرەلىشى ئۈچۈن ئايردرومنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا ئېسىلغان. يەنە بىرى بولسا ئۇ بارىدىغان ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا ئېسىلغان. بۇ ئىككى بايراق ئېسىلغان جايلارغىمۇ يانمۇ يان قىلىپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق ئېسىلغان. بۇنى كۆرگەن جاڭ جىجۇڭ ئەلۋەتتە ئېچىلالمىغان ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرگەن ۋە « خىتايلار ئېسىشقا پېتىنالمايدۇ، باشقا مىللەتلەر ئاسمايدۇ» دېگەن جاۋابنى ئالغان.

بۇنىڭدىنمۇ ئوسال ئەھۋاللار ھەم يۈز بەرگەن. شۇ قېتىم گېنىرال جاڭ جىجۇڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا ئېسىلغان لوزۇنكىغا «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالىمىز» دەپ يېزىلغان بولۇپ، جاڭ جىجۇڭنى ھەتتا رەئىس دەپمۇ ئاتىمىغان. بۇ شىنجاڭنىڭ تېنچلىقىغا قىلىنغان چوڭ بىر ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر خەلقى رەئىس جاڭ جىجۇڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئۇيغۇر كادىرلارغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسى جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىرىغا رەھمەت ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ئولتۇرالماي قالغان !

غۇلجادا خىتاي ئەرلىرى ئاساسەن ئۆلتۈرۈلگەن. قېرى-چۆرە، ئاياللار ۋە بالىلار جاڭ جىجۇڭغا ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئۆتۈنگەن ۋە «ھۆكۈمەت زادى بىزگە ئىگە بولامدۇ يوق؟» دەپ سورىغان. كېين جاڭ جىجۇڭ ماشىنا ئەۋەتىپ نەچچە ئون كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ئەمما بۇ جايدىكى خىتايلار بۇنچىلىكلا ئەمەستە؟ بۇ كىشىلەر چارىسىز بولۇپ، ۋەتەنگە خەير-خوش دېيىشكە مەجبۇر. سوۋېت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، ئۆز ھاياتلىرىنى داۋام قىلىشى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنىدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئەمەسمۇ! مانا بۇلار مەۋجۇت ئەمەسلىكى جاكارلىنىپ بولغان شەرقىي تۈركىستان (جۇمھۇرىيىتى)نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى!

7- فېۋرالدىكى چوڭ قان تۆكۈلۈش

بۇ يىل (1947-يىلى) فېۋرال ئېيىدا گېنىرال جاڭ جىجۇڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇيرۇققا بىنائەن پايتەختكە قايتتى. ئويلىمىغان يەردىن تېنچلىق سۆھبىتى ئەسلىگە كەلمەيلا قالماي، ئەكسچە شىنجاڭدا قان تۆكۈلۈشتەك پاجىئە يۈز بەردى. 21-فېۋرال ئۈرۈمچىدە چوڭ ئىسيان يۈز بەردى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولسا: بىر ئۇيغۇر شوپۇر جيۇۋچۈەندە ئوتسىنىپ ئولتۇرغاندا ماي باكى پارتىلاپ كېتىپ قازا قىلغان ۋە ئۇيغۇرلار جەسەتنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئونمىڭغا يېقىن كىشى توپلىنىپ، نەنلىياڭ (南梁 قوش كۆۋرۈك) تىن يولغا چىقىپ، يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلىغانچە تاشيول ئىدارىسىنى قورشىۋالغان. يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىپ كېتىشكە ماقۇل بولغان. توپلانغان ئامما ئۇ جايدىن يېنىپلا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى قورشىۋالغان ۋە 38 ماددىلىق «ئۇلتىماتۇم» تاپشۇرغان ۋە 72 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر جاۋاب بەرمىسە قوراللىق كۈچ قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئون پولك قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنى قىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى جار سالغان. بۇ نامايىش ئون سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىكى زاتلار بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بوش-چىڭلىقىنى چېكىپ بېقىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. نامايىش جەريانىدا سوۋېت كونسۇلخانىسى لىققىدە قورال-ياراق، ئوق-دورا بېسىلغان ئونغا يېقىن يۈك ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ، توپىلاڭچى ئاممىغا ياردەم بېرىشكە تەييارلىنىپ تۇرغان. ئەمما بۇ 38 ماددا ئىچىدە بىر قانچە ماددا ھەقىقەتەنمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تۆۋەندە قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتىمىز:

ئەخمەتجان قاسىمى

1- ئاز دېگەندىمۇ %70 كىشى يەرلىك خەلقتىن (ئۇيغۇرلاردىن) بولۇشى كېرەك.

2- مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئارمىيەسى ئىچكىرىگە قايتىپ كەتسۇن.

3- ۋالىي قادۋان ئالماشتۇرۇلسۇن (ۋالىي قادۋان قازاق بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەزاسى).

4-جەنۇبىي شىنجاڭدا باج يىغىلمىسۇن.

5- ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشقا بولمايدۇ، ئۇيغۇرلارنى غايىپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

6- بانكىلار ئۇيغۇرلارغا قەرز بەرسۇن.

7- ساقچى ئىدارىسى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنسۇن.

يۇقىرىقى قىسقا ئۆرنەكنى كۆرگەندىن كېيىنلا بۇ تەلەپلەرنىڭ مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىش مۇمكىن. 23-فېۋرال كۈنى قازاقلار ۋە تۇڭگانلار بىرلىشىپ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇندى. سەككىزمىڭغا يېقىن كىشى ئونغا يېقىن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نامايىش ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، سوۋېت غالچىسى ئەخمەتجانغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈچ كۆرسىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا خىتايلارنىڭ قېنى ھېلىھەم قىززىق ئىكەنلىكى، ئۇرۇشتىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

25-فېۋرال كۈنى خىتايلاردىن ئونمىڭغا يېقىن كىشى تېخىمۇ چوڭ مۇراجەتلەردە بولۇنۇپ، سەككىز ماددىلىق تەلەپنامەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى دەستىدىن تېنچ ياشىيالمايۋاتقانلىقى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قوغدىشى كېرەكلىكى، تېنچلىق بىتىمىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇيغۇر توپىلاڭچىلار ئوق چىقاردى ۋە خىتايلاردىن بەش كىشى ئۆلدى. نامايىشچىلار قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن تۆت كىشى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن توقۇنۇش باشلىنىپ كەتتى. توقۇنۇشنىڭ ئورنى دەل ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە بولۇپ، ئۆلۈش يارىلىنىش ئېغىر بولدى. ئۇيغۇرلارنى ئوق چىقىرىشقا بۇيرىغان ئەخمەتجان بولسا بۇ چاغدا قورقۇپ سىرتقا چىقىشقا پېتىنالمىدى. ئاخىرى ئۇ ئامالسىزلىقتىن «سۆيۈملۈك خىتاي قېرىنداشلار، مەن ئەخمەتجان سىلەرنىڭ جان ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دېگەن مەزمۇندا ئىمزالىق بۇيرۇق چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق توقۇنۇش تىنجىغان بولدى. بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار بىرئاز زىيان تارتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخمەتجان بۇ ئىشقا ئىچىدە غۇم ساقلىغان ۋە پەيت كەلگەندە ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ كەلگەن.

8- خەتەر ئىچىدىكى شىنجاڭ

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تۈرلۈك ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئېلان قىلالمايدىغان ئىشلار بولۇپ، مىللەت ھايات-ماماتلىق پەيتكە كېلىپ قالغان چاغدا، پېقىر قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا ئەمدى تاقەت قىلالمىدىم. سوۋېت ۋە موڭغۇلىيەنىڭ بۇ قېتىم بەيتىككە تاجاۋۇز قىلىشى ئەسلى پۈتۈن ئالتاي رايونىنى كونترول قىلىشنى ۋە بۇنى پۈتۈن شىنجاڭنى يۈتۈۋېلىشكە كۆۋرۈك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر بىز يەنىلا بىخەستىلىك قىلىپ سەللا يول قويساق، كەلگۈسىدىكى ئىككىنچى قەدەملىك تاجاۋۇز پىلانى شەرققە قاراپ كېڭىيىپ گۇچۇڭنى ئېلىپ، ئاندىن قۇمۇلغا بۆسۈپ كىرىپ، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنى ئۈچۈپ تاشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭنى يالغۇز ھالغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتكە يەتكەندە شىنجاڭدىكى ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملار ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزسە بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھېزى بولۇشىمىزغا ۋە ساقلىنىشىمىزغا تېگىشلىك!

سوۋېتنىڭ شىنجاڭغا كۆز تىكىشى ۋە ئۇنى يۈتۈۋېلىش غالجىر نىيىتى ھەرگىزمۇ تۈگىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئەمدى قاراپ تۇرماسلىقىنى، يول قويماسلىقىنى، زىمىن پۈتۈنلىكىمىزنى ساقلىشىنى ۋە پۈتۈن مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ، خەلققە تاجاۋۇزچىلارنىڭ قارا نىيىتىنى بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز!

مىنگونىڭ 36-يىلى (1947-يىلى) 25-ئىيۇن

مەنبە: «تۇرمۇش ژورنىلى» (生活杂志) نىڭ 1947-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى. 


مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر كۆرۈنۈش:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top