• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 12: ئۇيغۇر مۇقاملارىغا باغلانغان مۇھەببەت

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 12: ئۇيغۇر مۇقاملارىغا باغلانغان مۇھەببەت

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون ئىككىنجى باب: ئۇيغۇر مۇقاملارىغا باغلانغان مۇھەببەت

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىر خەزىنە،
مۇجەسسەم قوينىدا ئۈچيۈز ئالتمىش ئاھاڭ.
مەزمۇندار تەكىستى تەپەككۇر جەۋھەرى،
شۇڭا قايىل تۈم تۈرك ئەلى ھەتتا جاھان.

(“كاشغارىيە سەلكىنلەرى” 28-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل.)

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ناممۇقام مارشى

«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى-دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنەسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلەرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيەتى، ئىستەك-خاھىشلارى، تارىخىي رىئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كەلىپ چىققان مۇھەببەت-نەپرەتلەرى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق خىلمۇخىل شەكىللەرى بىلەن ئىپادەلەنگەن. مۇزىكالىق ئىپادە جەھەتتە، لەرىكا بىلەن ئەپىكا، نەغمە بىلەن نەزمە گارمونىيەلىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. مۇنداق مۇزىكا ئەسەرى دۇنيا مىللەتلەرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ‹شەرق مۇزىكا مەدەنىيەتىدىكى مۆئجىزە› دەپ تەئرىپلەنمەكتە.» «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلەر ۋە تەكىستلەردىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە بۆلۈنىدۇ»، « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر شىئىرىيەتىنىڭ مۇزىكالىق ئىپادەسىدۇر. مۇقاملار ئاجايىپ چوڭقۇر مەئنەلىك، باي مەزمۇنلۇق، رەڭمۇرەڭ تۈسلۈك، بەدىئىي پاساھەتلىك، يەڭگىل ھەم ئەيتىشقا ئەپلىك كلاسسىك شىئىرلار (ئاساسەن غەزەللەر)، بەيت-قوشاقلار بىلەن جانلانىدۇ. ھەر بىر مۇقامنىڭ ئىككىنجى قىسمى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ئەپىكالىق داستانلار بىلەن تەخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرىپ، تىڭشاغۇچىلارغا پەلسەپەۋى ۋە دىداكتىكالىق تەكستلەر ئارقالىق، يەنەمۇ تەئسىرچان ئەستىتىكالىق ھوزۇر باغىشلايدۇ.

مەشرەب قىسمىدىكى كۈيلەر كۆپىنچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئومۇملاشقان بەيت-قوشاقلار ۋە بۇلارغا ماس كەلىدىغان كلاسسىك شىئىرلار بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ-دە، تىڭشاغۇچىلار ئۆزلەرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ناخشا-ئۇسۇللار قاينامىغا شۇڭغۇيدۇ»، «بىزگىچە يەتىپ كەلگەن تەكىستلەر، يەنى مۇقام پەشىۋاسى-ئون ئىككى مۇقامنى ئۆز بوۋاسىدىن ئۆگرەنگەن ئەنئەنە بويىچە زامانىمىزغا يەتكۈزگەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇن باغلاغان تەكىستلەر زامان ۋە سورۇنلارنىڭ تاللاشىدىن ئۆتكەن ئاساسىي مەنبەدۇر. بۇ تەكىستلەرنىڭ مەزمۇنى مۇزىكا مەزمۇنىغا، تەكىستلەرنىڭ قۇرۇلماسى مۇزىكا قۇرۇلماسىغا، شىئىرىي ۋەزىنلەرى كۈيلەر ۋەزنىگە ئۇيغۇن كەلىدۇ»، «ئون ئىككى مۇقام 16-ئەسىردە رەتلەنگەن چاغدا، مۇقام كۈيلەرى شۇ زامانغىچە ئۆتكەن كلاسسىكلارنىڭ شىئىرلارىغا ياكى خەلق داستانلارىغا باغلانغان بولۇشى تەبىئىي» (تۆمۈر داۋامەت: ئون ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»، «كىرىش سۆز» قىسمى، 1997-يىل جۇڭگو قامۇس نەشىرىياتى نەشىرى).

دانە-دانە مەرۋايىتتەك قىلىپ بەرىلگەن يۇقىرىقى تەئبىرلەردىن مەئلۇمكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى مىلادىيە 16-ئەسىردە رەتلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلەرى بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى قەلەمگە ئالغان يازىق-چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدۇر. بۇ زۆرۈر چۈشەنچە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دۇنيا بويىچە قوغدالىدىغان مۇھىم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلارى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى ۋە مەزكۇر يازىق بىلەن خاتىرەلەنگەن تىل ـــ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگرەنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىزگە نەق قىممەت ۋە زۆرۈرىيەت بىلەن تونۇتىدۇ.

ئۇنداقتا، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەگەن زادى نەمە؟ «ئەڭ ئانىق گەپ بىلەن ئەيتقاندا، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى› دەمەك ‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تىلى› دەمەكتۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى شۇ قەدەر سىھىرلىك ۋە شۇ قەدەر جازىبدار قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكتە تەڭداشى يوق ئۈچيۈز ئالتمىش ئاھاڭدىن باشقا، ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارغا خۇددى ‹ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز› كەبى ياراشقان، ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگەمەس ھاياتىي كۈچى ئارقالىق، ئۇ يارقىن ئاھاڭلارنى تەخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە جىلۋەلەندۈرگەن بىباھا ئۇيغۇر تىلىدۇر» (قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»، 66-بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2004-يىل نەشىرى، بەيجىڭ)

مەن مۇشۇ چۈشەنچە ئاساسىدا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەر قىسمى» دەپ ھىسابلاش لازىم، دەپ قارايمەن. ئەمدى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرى ئىكەن، مەزكۇر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئايرىم كىتاب قىلىنىپ، ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرىمىزدە، دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلۇشى لازىم بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

مۇشۇ تونۇش ئاساسىدا، مەن ئون سەككىز يىل سەرپ قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موزىيلاردىن، قوليازما ئەسەرلەرنى ساقلاش ۋە رەتلەش مەركەزلەرىدىن ئۆز قولۇم بىلەن كۆچۈرۈپ ئالىپ (فوتو كوپىيە قىلىپ ئەرمەس!)، توپلاغان ئەسلىي قوليازما تەكىستلەر ئاساسىدا، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلەرىدىن-ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005-يىل 5-ئاي نەشىرى، بەيجىڭ) ناملىق بىر كىتاب ھازىرلاپ نەشىر قىلدۇردۇم.

مەن مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ترانسكرىپسىيەلىك (ئوقۇلغۇلۇق) تەكىستلەرىنى ۋە تەكىست يەشىملەرىنى، ئالدى بىلەن، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىم باش تەھرىرلىكىدە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، 1997-يىلى جۇڭگو قامۇس نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ئون ئۈچ توملۇق دەستۇر ئەسەر «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دىن كۆچۈرۈپ ئالدىم.
ئەمما، تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىم باش تەھرىرلىكىدە نەشىر قىلنغان “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى” ناملىق كىتابتىكى ترانسكرىپسىيە ۋە يەشىملەرنى مەن ئۆز كىتابىمغا ئۆلۈك ھالدا، نەمە بولسا شۇنى ئۆز پەتىچە كۆچۈرۈپ ئالمادىم، ئەسلا!

مەن “ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى” ناملىق كىتابىمغا ئالدى بىلەن، ئۆزەم ئون سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ توپلاغان قوليازما تەكىستلەرنى ئەينەن بەردىم؛ ئاندىن ئۇنى تۆمۈر داۋامەتنىڭ “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى” ماۋزۇلۇق كىتابىدىكى ئوقۇلغۇ تەكىستلەرى بىلەن بىرمۇبىر سالىشتۇرۇپ چىقتىم؛ بۇ جەرياندا، ئون ئۈچ توملۇق كىتابتىكى ئوقۇلغۇسى (ترانسكرىپسىيەسى) خاتا بولۇپ قالغان تەكىستلەرنى مەن توپلاغان ئەسلىي قوليازما تەكىستلەرى ئاساسىدا، بىرمۇبىر توغرالادىم؛ ئۇقۇمى خاتا بولۇپ قالغانلارىنى بىردىن-بىردىن تۈزەتتىم؛ ئاندىن، ئۆگرەنىش ۋە تەتقىقاتقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بەيت ۋە كۇپلىت باشىغا تەرتىپ سان بىلەن رەقەملەپ چىقتىم؛ (بۇرۇن نەشىرگە تەييارلاغانلار ئۇقۇمىنى ئۇقالماغانلىقتىن) يەشىمى بەرىلمەگەن تەكىستلەرنىڭ يەشىملەرىنى مەن يەشىپ، تولۇقلاپ بەردىم. قەيەردە، نەمە ئۈچۈن ۋە قانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىمنى ياكى تولۇقلاش قىلغانلىقىمنى كىتابىمنىڭ ئاخىرىغا بەرىلگەن بىر يۈز ئالتمىش تۆرت بەتلىك «سالىشتۇرما تەتقىقات» (ئوبدان بىر ئايرىم كىتاب بولىدىغان ئەسەر) قىسمىدا، ئىلمىي ئاساسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلاپ كۆرسەتتىم.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يازىلغان ئەسلىي يازىلىشى، لاتىنچە ھەرپلىك ترانسكرىپسىيەسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئوقۇلغۇسى، ھازىرقى ئۇيغۇرچە تەرجىمەسى، شىئىرىي ۋەزىن ئايرىماسى ۋە سالىشتۇرما تەتقىقات بۆلۈمى بولۇپ، جەمئىي ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئالدى بىلەن، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدا ئوقۇيدىغان ئاساسىي پەن ھەم ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارىنىڭ «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسى» ئۈچۈن دەرسلىك قىلىش مۇددىئاسىدا ھازىرلانغان بۇ كىتاب نەشىردىن چىققاندىن بۇيان، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاپىرىنلىق يۈكسەك باھاسى ۋە قىزغىن خەرىدارلىقىغا ئەرىشتى.

ئىشىنىمەنكى، “ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» ناملىق بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىدىغان خادىملارغا، تىلشۇناسلارغا، تەكىستشۇناسلارغا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئىپتىخارلانىپ ئاڭلايدىغان كەڭ خەلق ئامماسىغا ئۆز نۆۋەتىدە تەگىشلىك بەھرە بەرىدۇ، ئەلۋەتتە.

مەن بۇ كىتابنى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدا ئوقۇيدىغان ئاساسىي پەن سىنىپى ئوقۇغۇچىلارىغا دەرس قىلىپ سۆزلەش جەريانىدا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ نام-ئىسىملەرىنى مىسرالاشتۇرۇپ ۋە ئاھاڭلىق نەزملەشتۈرۈپ چىقتىم ۋە بۇنى «ناممۇقام مارشى» دەپ ئاتادىم. تەكىستى تۆۋەندىكىچە:

ناممۇقام مارشى

راك، چەببەيات، سەگاھ، چەھارگاھ،
پەنجگاھ، ئۆزھال، ئەجەم، ئوششاق؛
بايات، نەۋا، مۇشاۋەرەك، ئىراق،
ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق.

نەقرات:
مۇقاملار مارشىمىز، مۇقامدۇر بايراق،
مۇقامدار ئۇيغۇرنىڭ ئىقبالى پارلاق!

بۇ «ناممۇقام مارشى» نى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى 2002-يىللىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارىغا تۇنجى بولۇپ ئۆگرەتتىم. نەق ئەھمىيەتى ۋە ئۈنۈمى شۇ بولدىكى، ئوقۇغۇچىلار قانچە قاتىملار قايتالاپ دەپ-ئەيتىپ بەرسەڭمۇ، ھەر قايسى مۇقام ناملارىنىڭ تەرتىپىنى ئەينەن تەكرارلاپ بەرەلمەيدىغان، ھەمىشە ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان نۇقساندىن قۇتۇلدى. خۇددى ئەلىپبە ناخشاسى ھەرپ ناملارىنى ۋە تەرتىپىنى يادلاۋالىشقا ياردەم بەرگەندەك، مەزكۇر «ناممۇقام مارشى» ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ناملارىنى ئەزەلدىن مۇقىم بولغان رەت تەرتىپىنى بۇزماغان ھالدا، يادقا ئەيتىپ بەرەلەيدىغان قىلدى. كەيىن، شىنجياڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئاتاقلىق ئۇستاز ناخشاچى ئايشەگۈل مۇھەممەد خانىم مەزكۇر مەن ئاھاڭغا سالغان ناخشانى بەش سىزىقلىق نوتاغا ئالىپ، نوتالاشتۇرۇپ بەردى ۋە بۇ ناخشا نوتاسى “شىنجاڭ سەنئەتى” ژۇرنالىنىڭ 2007-يىللىق 1–سان مۇقاۋاسىدا، دۇنياغا ئەلان قىلىندىلەر.
«ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى يارقىن مۇزىكا ئاھاڭى بىلەن گۈزەل تىل تەكىستىنىڭ بىر گەۋدەگە مۇجەسسەم بولۇشى، كلاسسىك يازما ئەدەبىيات بىلەن خەلق ئەل ئىچى ئەدەبىياتىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىر نادىر مەدەنىيەت بىناسى؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈگەمەس-پۈتمەس مەئنەۋىيەت خەزىنەسى، مىللەتنى رىقابەت دەڭىزىدا دولقۇن يارىپ ئالغا ئىلگىرەلەشكە ئۈندەيدىغان مىللىي مارشى ۋە ھايات ناخشاسىدۇر.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئاڭلاش، مۇقام تەكىستلەرىنى ئوقۇش، تەكىستلەرنىڭ مەزمۇنىغا چۆكۈش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش بولسا، ھەممەمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى، ئەلۋەتتە» (قاراڭ: «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى»، 848-بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2005-يىل نەشىرى، بەيجىڭ).

شەك يوقكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى مەڭگۈ ئوقۇلىدۇ؛ ناممۇقام ناخشاسى بولسا، ئۇنىڭغا ئەبەدىي جۆرە بولغان ھالدا، ئەۋلادلارىمىزغا شانلىق مۇقاملارىمىزنىڭ نامىنى رەتلىك-رەتىملىق يادلاتىپ تۇرىدۇ!

سەمىمىي ئوبزۇر قىلسام، مەنىڭ بۇ ناممۇقام مارشىم خەلى داڭقلىق. مەن تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئوقۇشۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2002-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىمغا قايتىپ، تەكرار ئىشقا چۈشكەنىمدىن تارتىپ، تاكى 2017-يىل كۈز ماۋسۇمىدا، (2015-يىلى) ئارامغا چىقىپ بولغانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرس سۆزلەشىمنى پۈتۈنلەي توختاتىۋەتكىچە بولغان ئون بەش يىل جەريانىدا، ئۆزەم باش ناخشاچى بولۇپ ئوقۇدۇم بۇ مارشنى. مەنىڭ “چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى” ئاتالىدىغان مەجبۇرىي دەرسىم (必修课) ۋە “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى” ئىسىملىك ئىختىيارى تاللاش (选修课) دەرسىمنى ئاڭلاغان بالىلارنىڭ ھەممەسىگە ئۆگرەتەتتىم. ئارىلاپ-ئارىلاپ، دەرس باشلاشتىن بۇرۇن بالىلار بىلەن تەڭ ئاۋازىمىزنى بولۇشىغا قويۇۋەتىپ ئوقۇپ، دەرس بىنالارىنى ناخشا ساداسى بىلەن كۆمۈۋەتەتتۇق. ئۇندىن باشقا، كوللىكتىپ پائالىيەت، يىغىن-مەجلىس بولغان چاغدا، مارش قىلىپ ئوقۇيتتۇق. ھەتتا، 2008-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىبەتى بىلەن، قەشقەر ئوپالغا زىيارەتكە بارغان ۋاقتىمىزدا، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدا قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى كوللىكتىپ ئوقۇپ، شۇ يەردىكى زىيارەتچى ئاممانىڭ قىزغىن ئالقىشىنى قازانغانىدۇق.

ئادەتتە، ياخشى يازىلىپ-ئوقۇلغان داڭق ناخشالار دەگەن بىر دەۋر- بىر زاماننىڭ سىمۇۋۇل ساداسى بولۇپ، كىشىلەر ئاراسىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ھەمراھ ياشايدۇ. قىسمەت، “چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى” ۋە “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى” ئاتلىق دەرسلەر دىموكراتىك ئىسلاھات دەۋرىدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە، مەن ئاچقان ئالاھىدە دەرسلەر (特色课) بولغان بولسا، مەزكۇر “ناممۇقام مارشى” ۋە مەن شۇ چاغلاردا، ئارقا-ئارقادىن ئىجاد قىلىپ ئوقۇغۇچى شاگىرتلارىمغا ئۆگرەتىپ ئومۇملاشتۇرغان “چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى مارشى ” ۋە “ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مارشى” قاتارلىقلار ئاشۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئەنجۈمەن دەۋرىنى ئەسلەتىدىغان بىزنىڭ مىللىي ناخشالارىمىز ۋە غۇرۇر مارشلارىمىز ئىدى.

ھەقىقەتەن ئەستلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلەرنى قىلغانكەنمىز شۇ چاغلار. ئاشۇ 2002-يىلىدىن كەيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارىم قايسىبىر زامانلار ۋە ئاللىقانداق بىر يەرلەردە ئۇچراپ قالسا، “ئۇ سۆزلەگەن دەرسلەرىڭىزنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ بولدۇق، مۇئەللىم، بىراق، سىز بىلەن بىللە توۋلاغان ئاشۇ <ناممۇقام مارشى> قاتارلىق ناخشالار ئىختىيارسىز ھالدا ئەسىمىزگە كەلىپ قالىپ، بەزىدە لەۋەن ئاۋازلارىمىز بىلەن، تەكرارلاپ ئوقۇپ قالىمىز” دەيىشسە، قەۋەتلا خوشھال بولۇپ قالىمەن. شۇنداق، ناخشامىز قەرىمايدۇ-دە!

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات

ئالاھۇتەئالا ماڭا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مۇھەببەتىنى تازا يەتىپ ئاشقۇدەك بەرىپتۇكەن ياخشى، ئۇيغۇر مۇقام تەكىستلەرىنىڭ ئاشۇ بۈيۈك مۇقامشۇناسلىق ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىيسىي قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بىلەن پۈتۈلگەن شەكلىنى زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى قىلىپ ئىشلەگەن ” ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى” ماۋزۇلۇق كىتابنى نەشىر قىلدۇرغانىمدىن كەيىن، توختاپ قالمادىم. قانداقتۇر بىر روھ مەنى غەيرەتلەتلەندۈرگەندەك قىلاتتى؛ قانداقتۇر بىر كۈچ مەنى داۋاملىق ئىلگەرەلەشكە تۈرتكۈچ بولىۋاتقاندەك قىلاتتى؛ “بىلسەڭ بۇ پۇرسەت بەكمۇ غەنىيمەت!” كىمدۇر پىچىرلاغاندەك قىلاتتى قۇلاق تۈۋىمدە.
“ئىيشرەبۇ: يا ئەييۇھەل ئەتشان دەپ كەلدى نىدا” (ئى، چاڭقاپ كەتكەنلەر! قانغۇدەك ئىچىۋالىڭلار، دەگەن سادا كەلدى)، شۇندىن كەيىن يەنە تۆرت يىل ئىجتىھاد قىلىپ، 2009-يىلى “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات” ناملىق ئون ئالتە باسما تاۋاق توققۇز يۈز يىگىرمە بەتلىك بىر دىۋە ئەسەر نەشىر قىلدۇردۇم. مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى نەشىرىياتى بۇ ئەسەرنى دۆلەتلىك كىتاب باشقۇرۇش باش ئىدارەسىگە تەستىقلاتىش ئۈچۈن يوللاغاندا، يۇقىرىدىن بۇ كىتابنىڭ تىماتىك ئەھمىيەتى ۋە مەزمۇن قىممەتى ئەلىيۇلئەلا باھالانىپ، شۇ يىللىق فرانكفورد دۇنيا كىتابلار كۆرگەزمە پەستىۋالىغا قويۇلۇش شەرەپىنى قازانغان بولدى. شۇ شاراپەت بىلەن، كىتابىمغا ئىنگلىزچە مۇندەرىجە ۋە مەزمۇن تونۇشتۇرما ھازىرلاشىمنى تەلەپ قىلدى. دەگەنلەرىنى قىلدۇق.

بۇ كىتاب ھەر بىر مۇقام بىر باب جەمئىي ئون ئىككى بابلىق ئەسەر بولدى. ھەر بىر بابتا، بىر مۇقامنىڭ ئوقۇلغۇلۇق تەكىستى ۋە يەشىمى، ئۇنىڭ تەكىست ئالاھىدەلىكى، تەكىستنىڭ يەشىمى ئۈستىدە تەلقىنلىق مۇلاھىزە بولۇپ ئۈچ پاراگراپلىق مەزمۇن شەرھلەندى. تەكىستنىڭ ئالاھىدەلكى دەگەندە، ئومۇمىيەتلىك ئالاھىدەلىك، خاس ئالاھىدەلىك دەگەن بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ، ئومۇمىيەتلىك ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بويىچە تەھلىل قىلىندى. مۇقام تەكىست يەشىملەرى ئۈستىدە تەلقىنلىق مۇلاھىزە دەگەندە، مەنىڭ بەرگەن يەشىمىم بىلەن تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىمنىڭ ئون ئۈچ توملۇق كىتابىدىكى يەشىملەر ئىلىم ئۆلچەمى بويىچە سالىشتۇرۇلۇپ، يەتەرسىزلىكلەر، نۇقسانلار ئۈستىدە ئىلمىي مۇنازىرە ۋە سەمىمىي مۇزاكىرەلەر قىلىندى؛ يەشىملەردە كۆرۈلگەن ئىۋەن، خاتالىقلار ئىلمىي زاكونلار ئاساسىدا تۈزەتىلدى ۋە ئەسلىي قوليازما تەكىستلەر ئاساسىدا توغرالاندى.

بۇ ئەسەردە، شىئىرى جۈملەلەرگەمۇ گرامماتىك تەھلىل يۈرگۈزۈش لازىملىقى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيەتى توغرولۇق نەزەرىيەۋى ياڭى پىكىر ئوتتۇراغا قويۇلۇپ، ئەمەلىي مىساللار بىلەن نىسبەتەن تەپسىلىي شەرھلەندى.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى لۇغەتى

گەرچە كىچىك بولسامۇ، تۇنجى “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى لۇغەتى” نى تۈزۈش ماڭا مۇكاپات بولدى. بىر يۈز ئالتمىش بەتلىك بۇ كىچىك لۇغەت ئاشۇ “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات” ناملىق كىتابىمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىپ بەرىلدى.
ئەسلىدە، “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى”نىڭ ئورىگىنالىنى پۈتتۈرگەن ۋە نەشىرىياتلارغا نەشىر قىدۇرۇش تىلەكنامەسى يوللاپ، ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. تەستىق ئالالماي قالدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى، كەيىنكى چاغلاردا، مەملىكەتتىكى دىموكراتىك ئىسلاھاتنىڭ دەرۋازالارى بارغانسارى كىچىكلەپ، ھەتتا بارا-بارا تاقالىپ قالىشقا باشلادى. خۇسۇسەن كوھنا تىل-يازىققا ئائىت تەتقىقات ئەسەرلەرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى قاتمۇقات تەستىقلاش پاسىللارى بىلەن قورشاۋەتىلدى.

بىراق، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇنىڭ تەكىستلەرى ھەقىقەتەنمۇ مىسلى يوق بۈيۈك خەزىينە. ئۇنى ئوقۇش، ئۇنى ئۆگرەنىش ۋە ئۇنى ئەۋلادلارغا ئۆگرەتىش سىلەر-بىزنىڭ بۈيۈك مىللىي بۇرچىمىز، تۇغقانلار. ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ۋە زۆرۈر ئەمگەكلەر ئۈچۈن، رىغبەتىمىز ۋە دىققەتىمىز ھەمىشە ئويغاق بولغاي.

دەرسىمنى تاللاساڭلار، ھەر ئىككى سائەتتە بىر مۇقام ئوقۇپ بەرەي

بۈيۈك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىيسىي مومامىزدىن كەيىن، تەتقىقات ۋە ئىجرائات مەيدانىدا، ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقى بايراقىنى ئىگىز كۆتۈرگەن داڭقلىق ئالىم ئىسمەتۇللاھ نىئمەتۇللاھ مۆئجىزىينىڭ يازىشىچە، ئۇيغۇر چۆلئىراق مۇقامىنى ھەج سەپەرىگە چىققان ئۇيغۇر كاندىدات ھاجىملار ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كەتىۋەتىپ ئىجاد قىلغان ۋە ئىراق چۆلىنى چاڭ كەلتۈرۈپ ياڭراتقان بولغاچ، “چۆلى ئىراق، يەئنى ئىراق چۆلى مۇقامى”دەپ ئاتالغان ئىكەن. (قاراڭ: “تەۋارىخى مۇسىيقىييۇن”، قوليازما، 13-بەت. مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1982-يىل نەشىرى، بەيجىڭ)
نەمە دەمەكچىسەن دەسەڭلەر، قارىنداشلارىم، مەنىڭ تەتقىقاتىمچە، كۈنۈمىزدە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى نەغمە ۋە نەزمەسىگە بولغان مىللىي مۇھەببەت ئۇ مەيدانغا كەلگەن ۋە تازا قىيامىغا يەتىپ ئومۇملاشقان ئاشۇ قەدىم چاغلارغا قارىغاندا، نىسبەتەن سۇسلاشىپ قالىۋاتقان ئىپادەلەرمۇ ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ قالىدۇ.

ھىكايەت. 2007-يىلى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە، تۇنجى بولۇپ “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى ” ناملىق بىر دەرس تەسىس قىلىپ، ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپرانتلارىغا مەجبۇرىي دەرس، ئاساسىي پەن ئوقۇغۇچىلارىغا بولسا، ئىختىيارى تاللاما دەرسى قىلدۇق. ئاسپرانتلارنىڭ دەرسى شۇ قەدەر قىزىپ كەتتى. ھەتتا، ئاسپرانت بولماغان بالىلارمۇ كىرىپ، سىرتتىن ئاڭلاپ، سىنىپلارىمىز لىق-لىق بولۇپ كەتتى. ئەمما ئاساسىي پەن ئوقۇغۇچىلارى ئۈچۈن ئاچقان مەزكۇر دەرسىمىز خەرىدارسىز بولۇپ قالدى.
مەكتەپ تۈزۈمى بويىچە، تاللاما دەرسلەرنى تاللاغانلارنىڭ سانى ئون بەشكە يەتمەسە، دەرسنى ئاچماسلىق بەلگەلەمەسى بار ئىدى. ئون بەش ساننى توشقۇزالماي، خەلى ھەرەج چەكتۇق. “دەرسىمنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئى ئەۋلادلار” دەپ سىنىپ-سىنىپلارغا كىرىپ، ئەلان قىلدىم. “دوسكاغا چىقارماساڭىز، تاللايمىز” دەدى، “تامام” دەدىم؛ “سوئال سوراماساڭىز، تاللايلى” دەگەنلەرگەمۇ “مائقۇل” دەدىم؛ ھەتتا، “دەرس ئاخىرلاشقاندا، ئىمتىھان ئالماي، كۇتۇبخانالاردا ماتىرىيال كۆرگەچ ئولتۇرۇپ ئىشلەپ كەلىدىغان تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇنىڭغا نەتىجە بەرسەڭىز، ئاندىن تاللايمىز” دەگەنلەرگەمۇ “ئەۋەت” دەدىم. شۇنداق قىلساممۇ، يەنە ئۈچ-بەش ئادەم كەم تۇرىدۇ.

ئىلاج بولماي، “ھەر قاتىملىق دەرستە، مەن سىلەرگە بىر مۇقام ئوقۇپ بەرەي” دەپ ۋەئدە قىلىپ يۈرۈپ، ئون بەش ساننى ئاران تولدۇرۇپ، ئاچتىم ئۇ دەرسنى. ھەممە ۋەئدەلەرنى ئورۇنلاپ، پۈتۈن يۈرەك باغرىمىز بىلەن سۆزلەسەكمۇ، ئاران ئۈچ ماۋسۇم داۋاملاشتۇرالاپتۇق. ئاخىرىدا، ساننى تولدۇرالماغانلىقىمىزدىن، تاقالىپ قالدى، ۋاي، دەرىخا!

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى نەۋائىي بوۋامىزنىڭ بىر-بىرىدىن گۈزەل غەزەللەرى؛ تەكىستلەرنىڭ “داستان” ۋە “مەشرەب” قىسىملارىدا بەرىلگەن “يۈسۈف ۋە ئەھمەد داستانى”، “غەرىب ۋە سەنەم داستانى” قاتارلىق ئەجدادلارىمىز نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، يۈرەكتىن يۈرەككە، ئاغىزدىن ئاغىزغا كۆچۈرۈپ، ئەتىۋارلاپ ئوقۇپ، ساقلاپ كەلگەن گۆھەردەك مىسرالار ئىكەنلىكى ئاسماندىكى قۇياشتەك روشەن ئىش. ھالبۇكى، خەلى بىر بۆلەك ياشلارىمىز ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا (مەيلى كۈي-ئاھاڭ، مەيلى تەكىستلەرىگە بولسۇن) نەمەشقا شۇ قەدەر ئامراق ئەرمەس؟

ھىكايەت: بىر ھەيتنىڭ ئىككىنجى كۈنى، شەنبە، قوزا چۈشى مەزگىلى ئىدى. ئىشخانامدا، نەشىرىيات تەرەپىدىن قايتا كونترول قىلىش تەلەپى بىلەن قايتۇرىۋەتكەن “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات” ناملىق كىتابىمنىڭ تونۇشتۇرما ۋە مۇندەرىجە قىسمىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمەسىنى كوررىكتورلاپ ئولتۇراتتىم ئۆزەم بىلەن ئۆزەم. 2007-يىللىق ئاسپرانت شاگىرتلارىمدىن بىرەيلەن ئالدىراپ كىرىپ كەلدى:
-چىڭخۇا ئۇنىۋەرسىتىتى بىلەن بەيجىڭ ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇۋاتقان دوكتورانتلاردىن تۆرتەيلەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى ھەيتلايمىز، دەپ كەتىۋاتىپتۇكەن،- دەدى ئوقۇغۇچۇم سالاملاشىپ بولغاندىن كەيىن،- ئەرتەگەن ئىشخاناڭىز تەرەپكە كەلىۋاتقانىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا قاراپ باقاي ۋە ۋاقتىڭىز بارمۇدۇ، سوراپ باقاي دەپ چىقىۋىدىم.
-فاتىھەچىلەرگە سەل قاراساق بولماس،- دەدىممەن جاۋابەن،- گەرچە بىزنىڭ بۇ يەردە ھەيت كۈنىمىز بىرلا كۈن بولغاچ، تۈنۈگۈنلا ئاياغلاشقان بولسامۇ. ئۇلار قەيەردە؟
-مۇشۇ بىنانىڭ ئالدىدا قالدى.
-ئەجەب ياخشى كەپتۇ بۇ دوكتورانتلار،- دەدىممەن سائەتىمگە بىر قاراۋەتكەندىن كەيىن،- قاراڭ، شاگىرت، ھازىر سائەت ئون بىر بولۇپتۇ. ئۇ دوكتورانت قارىنداشلارنى ئىشخانامغا باشلاپ چىقساڭىز، مەن ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا ئىسىم شەرىپلەرىمىزنى سوراشىپ، تونۇشۇپ بولغىچە، بىرەيلەن ماۋۇ ئىنگلىزچە مۇندەرىجەلەرنى بىر كۆرۈۋەتسە. بىلىسىز مەنىڭ ئىنگلىزچەم يوق. شۇڭا، باشقالار قىلىپ بەرگەن تەرجىمە بىلەن نەشىرىيات ئەۋەتكەن سىگنال نۇسخانى لۇغەتكە قاراپ، كوررىكتورلايمەن دەپ مىسىلداپ ئولتۇراتتىم. ئۇلار ئوقۇغۇچى بالىلار بولغاندىكىن، ماۋۇ ئىشخانامنىمۇ بىر كۆرسە، ئىنگلىزچە بىلگەن ئادەم ئۈچۈن ئەيتقاندا، جىق كەتسە ئون مىنۇت كەتەر، بىر كۆرۈۋەتسە بۇنى، قانداق دەيسىز؟
-مائقۇل، مۇئەللىم،- دەدى ئوقۇغۇچۇم،- ئۇنداقتا مەن ئۇلارنى باشلاپ چىقاي.

ئوقۇغۇچۇم چىقىپ كەتتى. مەن ئىشخانامدىكى ئورۇندۇقلارنى مىھمانلارنىڭ چۆرىدەپ ئولتۇرۇشىغا ئەپلىك قىلىپ تىزىپ، خىزمەت ئۈستەلىمنىڭ ئۈستلەرىنى سۈرتۈپ، ئۇيان بۇيانلارنى تۈزەگەچ، كۈتۈپ تۇردۇم. بەش مىنۇت ئۆتتى، ھىچكىم كىرمەيدۇ. بوپتۇ، مەن مىھمانلارنىڭ ئالدىلارىغا ئۆزەم چىقاي بولماسا، دەپ ئون تۆرت قەۋەتلىك بىنادىن تۆۋەنگە چۈشتۈم. دەل بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىۋاتسام، ھەلىقى شاگىرتىم بىلەن دوقۇرۇشتۇق:
-مىھمانلار قەنى؟
-كەتتى.
-كەتتى؟ ئاشۇ كەتىۋاتقانلار شۇمۇ؟،-دەدىممەن، مەكتەپ دەرۋازەسى تەرەپكە قاراپ كەتىۋاتقان پاكار، ۋىجىك تۆرت ئوغۇل بالانى كۆرسەتىپ تۇرۇپ.
-ھەئە، شۇلار ئىدى.
مەن دەرھال ئۇلارنى چاقىرىپ توختاتىۋالماق ئۈچۈن، ئىككى قولۇمنى كارناي قىلىپ، توۋلاي دەۋاتسام، ئوقۇغۇچۇم جىددىي ئاھاڭدا:
-بولدىلا مۇئەللىم،- دەدى مەنى توسۇپ،- مەن سىز دەگەن گەپلەرنىڭ ھەممەسىنى ئەيتتىم. بىراق، ئۇلار…
-نەمە بولدى؟
-“ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات” دەگەن ياڭى كىتابىنىڭ سىگنال نۇسخاسىنى كوررىكتورلاۋاتىپتۇكەن ئۇستاز،- دەيىشىمگەلا، بىرسى قوپۇپ:
-قانداق ئادەم ئۇ، ھەيتتا ئۆيىدە پە:تەچىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، ئىشخاناسىغا كىرىۋالغانى نەمەسى؟،-دەسە،- يەنە بىرسى تۇرۇپ:
-بىز ئۇ ئادەمنىڭ ئىشخاناسىنى كۆرگەلى كەلمەگەن، قانداقراق ئۆي تۇتتى، كۆرۈپ باقايلى دەگەنتۇق!
-ئون ئىككى مۇقام دەسە، ئۇيقۇم كەلىپ كەتىدۇ مەنىڭ، ھەممەسى قوي مە:رىگەندەك بىر خىللا ئاھاڭدا، سوزۇپ-تارتىپ ئوقۇيدىغان بىر ناخشالارغۇ ئۇ.
-مەنىڭمۇ پەقەت خوشۇم يوق!
-بولدىلا، يۈرۈڭلار، كەتەيلى!،- دەيىشىپ، كەتتى ئۇلار، قاراڭ. مەن ئاۋۇ ئارۋاق سەل ئىگىزرەك بىرسىنى تونۇيتتىم. يانغا چاقىرىپ، “ھەي، ئۇنداق قىلماڭلار، مەن مۇئەللىمگە نەمە دەيمەن ئەمدى؟” دەدىم بولماسا.
“خەيرىيەت” دەدىممەن، نەمەدۇر ئەسىمگە كەلگەندەك بولۇپ: “سىزنىڭ يۇرتىڭىزدامۇ «ئاكام ئۆينى ياخشى تۇتىدۇ. دادام ئۆي تۇتتى. دەۋەرەمسىلەر؟» دەپ سورادىم يانىمدىكى ئوقۇغۇچۇمدىن.
-ھەئە،- خاتىرجەم جاۋاب بەردى ئۇ.

مەن ئويلانىپ قالدىم: ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدەلا نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلەتىلىشى غەيرىلەشىپ كەتىدىكەن. بىزنىڭ يۇرتتا ھىچقاچان ئەر كىشىنى “ئۆي تۇتتى” دەمەيدۇ. ئۆي دەگەننى خوتۇن كىشى تۇتىدۇ، ئەر كىشى باقىدۇ. بۇلار بىزدەك كوھنا، كونسىرۋاتىپ ئادەملەر ئىشلەتىدىغان سۆزلەر بولۇپ قالدىمۇ، بىردەمدە؟

“ماڭا ناندىن بىر تال بەرىڭ”، “ئونىنجى قەۋەتكە كەلدۇق” دەگەنگە ئوخشاش ياڭى تەرمىن، ئاتالمىش تەرەققىياتلىق ئاتاشلار بىزگە بەكلا غەلىتە ئاڭلانىدۇ.

ھەممەدىن تولا، ھەلىقى بەيجىڭ ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇيدىغان ئەۋلاد دوكتورانتلارنىڭ “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىلەن مۇتلەق خوشۇمىز يوق” دەگەنى قاچانمۇ يادىمدىن چىقىپ كەتەر، ئەمدى–ھە؟

2020-يىل 21-دىكابىر، سان ديەگو.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top