You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

«مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 4-، 7- 10- ، 11-ئايلار ۋە 2020-يىلى 1-ئايدا يەتتە قېتىم مەخسۇس ئوخشىمىغان 15 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 75 ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ يەتتە قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، تاراتقۇ، تەشۋىقات، خەلقئارا ۋەزىيەت، مىللىي كۆرەش يوللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى. 

بۇ قېتىمقى «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئالدىنقى قېتىملىق «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ ئەڭ جەۋھەر تېمىلىرى دەرس قىلىپ سۆزلىنىدۇ. دەرستىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار خالىغان سوئاللارنى سورىسا بولىدۇ.

بۇ كۇرسقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.

كۇرس ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 1-چىسلا جۈمە كۈنى بىلەن 1-ئاينىڭ 2-ۋە 3-كۈنى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دىن 18:30 غىچە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: دەرس ئۈچ كۈن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلىنىپ ئوخشاش ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ. قاتناشقۇچى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئۈچ كۈن تولۇق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ، تىزىملاتماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ نوقتىنى ئويلۇشۇپ تىزىملىتىشىنى سورايمىز.

بۇ قېتىملىق كۇرسقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

«مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىلتىماس قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29–كۈنى

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
كۇرس توردىن يېپىق ئېلىپ شەكىلدە بېرىلىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 30–كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 20:00 گىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uyghuracademy@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئالاقە تېلىفۇنى:00905306677851 (ۋوتىسئاپ)

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:

بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
1) ئۇيغۇرچە ئىسىم–فامىلىسى
2) ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى
3) ئوقۇغان كەسپى
4) ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئاكادېمىك ئۇنۋانى
5) تۇرىۋاتقان دۆلىتى ۋە شەھىرى
6) ئالاقە تېلىفۇنى
7) ئالاقە ئېلخېتى

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىدىن بەزى خاتىرە رەسىملەر:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top