You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » سۈيقەست ۋە سېھىرنىڭ رېژىسسورلىقىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) نىڭ كەلگۈسىگە نەزەر

سۈيقەست ۋە سېھىرنىڭ رېژىسسورلىقىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) نىڭ كەلگۈسىگە نەزەر

سۈيقەست ۋە سېھىرنىڭ رېژىسسورلىقىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) نىڭ كەلگۈسىگە نەزەر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما خىتايدا نەشىر قىلىنغان «كۈزىتىش» (观察) ژورنىلىنىڭ 1947-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى نەشىر قىلىنغان 2-جىلد 17-سانىغا بېسىلغان شۇ ناملىق ماقالەگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر يازما 1947-يىلى، يەنى «شىنجاڭ» ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماقالە ئاپتورىنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلمىغان بولۇپ، پەقەت مەزكۇر ژورنالنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتى مەۋقەسىدە تۇرۇپ، خىتاي سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە تەكلىپ بېرىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە يېزىلغانلىقى ئېنىق بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي نەزەر بىلەن ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


سۈيقەست ۋە سېھىرنىڭ رېژىسسورلىقىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر

ژورنالىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى (كۈزىتىش ژورنىلى ئۈرۈمچى شۆبىسى)

شىنجاڭ «ئۈرۈمچى 25-فېۋرال ۋەقەسى» دىن كېيىن، كۆرۈنۈشتە تېنچ ھالەتكە كىرگەندەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا دولقۇنسىمان ھالەتتە كېڭەيدى. تۆۋەندە يېزىلغانلىرى دەل مۇشۇ دولقۇنسىمان تەسىرنىڭ ئېنىق ئىپادىلىرىدىن ئىبارەت.

بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ سۆزلىرى

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى

(1947-يىلى) 12-ماي كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىدا «سۈيقەست ۋە سېھىرنىڭ رېژىسسورلىقىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر» ناملىق ئوقۇرمەندىن كەلگەن خەت بېسىلدى. ئاپتور ئەنۋەر ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بولۇپ، خەت ئەسلى ئۇيغۇرچە يېزىلغان ۋە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا ئەۋەتىلگەن. ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتى بېسىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خىتايچە نۇسخىسىغا ئەۋەتكەن. خەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «سىلەرگە كۆپچىلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي بىردەك پىكرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش»دېيىلگەن ئىدى. ئۇ «بۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيان چاتاق تولا چىقىدىغان شىنجاڭنى يەنە قارا بۇلۇت قاپلىدى. قارايامغۇر كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ…بىز شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەۋاتىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە ئۇلاپلا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ بايانلىرى ھەققىدە گەپ ئېچىپ «بۇ گېزىتتە ئەكسىيەتچىلىكككە ياتمايدىغان بىرمۇ خەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتا بىرەر جۈملىسىمۇ ھەقىقەت ئەمەس. ھۆكۈمەت تېنچلىقنى قوغدايمىز دېسە، ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە تېنچلىققا زىيان سالىدىغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت خەلقچىللىق (دېموكراتىيە) نى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دېسە، ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە خەلقچىللىققا قارشى ھاۋا شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ…ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئېيتايلى، ئۇ بەئەينى پانىي ئالەمدىكى دوزاخنىڭ ئۆزى، لېكىن ئۇلار ئۇنى خەلقچىللىقنىڭ جەننىتى قىلىپ پەردازلاۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىق دېسە، ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە سىرتقا ھەيۋە قىلىپ، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى سوۋېت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى «ئۇچقۇن گېزىتى» قىلىپ چىقىمىز دېگەن. ئۇلار بۇ ئۇچقۇندىن پايدىلىنىپ يالقۇن ياسىماقچى.بۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيانقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھېچ شەكسىز مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە» دېگەن. ئاخىرىدا ئۇ ئاز بىر قىسىم توپىلاڭچىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى دەستەك ۋە ئارقا تېرەك قىلىپ، ھۆكۈمەتنى قورقۇتۇش ۋە خەلقنى ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت سۈيقەست ۋە سېھىرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەنكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئۇسۇلىدا نۇرغۇن خاتالىق بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭچە بولغاندا شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشقا سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە «…بىز دېگەن خىتايلىق، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز مۇختارىيەت، ئالىي مۇختارىيەت. دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، باراۋەر ھالدا تېگىشلىك بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇش. ئەگەر بۇ مەقسەت ئىشقا ئاشىدىكەن بىز قانائەت قىلىمىز» دېگەن. ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق ئويلايدىغانلار مۇتلەق كۆپچىلىك. لېكىن ئۇلار توپىلاڭچىلارنىڭ «خىتاينىڭ ئىتى»، «خىتاينىڭ قويرۇقى» دەپ مەسخىرە قىلىشى، قورقۇتۇشى، ھاقارەت قىلىشى ھەتتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈشىدىن قورقۇپ، قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمان بولالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئاۋازى تولىمۇ ئاجىز بولماقتا. مەسىلەن، ئەگەر بىز ئۆتكەن يىلى (1946-يىلى) 1-ئىيۇل ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، تېنچىلىق بىتىمى ۋە سىياسىي پروگراممىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان بولساق، بىر قەدەر ئادىل بولغان ئۇيغۇر زاتلارنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىپ، سۆزلەش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا تەشكىللىگەن بولساق، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھازىرقىدەك قالايمىقان بولمىغان بولاتتى. لېكىن پۇرسەت ئۆتۈپ كەتتى! ئەنۋەر ئابدۇللا ئەپەندىدەك ئۇيغۇر ياشلارنىڭ جاسارىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئامانلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ (بۇ كىشى ماقالىنى ئەۋەتىپ ئىككىنچى كۈنى لەنجۇغا كەتكەن).

نەنلىياڭدا (قوشكۆۋرۈكتە) خوجانىياز (ھاجى) ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئاممىۋىي دەپنە مۇراسىمى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى خوجانىيازھاجى

(1947-يىلى) 16-ئىيۇن كۈنى سەھەر سائەت 10 دا ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن بولۇپ ئۈچمىڭدەك كىشى مۇئاۋىن رەئىس بورھان (شەھىدى) نىڭ يېتەكچىلىكىدە سابىق مۇئاۋىن رەئىس خوجانىياز (ھاجى) نىڭ ئاممىۋىي دەپنە مۇراسىمى ۋە نامىزى نەنلىياڭغا (قوشكۆۋرۈككە) يېقىن بولغان باخۇلىياڭدا (سەككىز تۈتۈندە) ئۆتكۈزۈلدى. قوشۇمچە ئۆلكە رەئىسى جاڭ جىجۇڭ بۇ مۇراسىم ئۈچۈن ئالاھىدە بەش مىليون دوللار شىجاڭ پۇلى ئاجراتتى. خوجانىياز (ھاجى) مىنگونىڭ 19-يىلى (1930-يىلى) قۇمۇلدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، گەنسۇدىكى ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى بىلەن كۆمەكلىشىپ، بىر يول سۈر-توقاي قىلىپ، مىنگونىڭ 22-يىلى (1933-يىلى) 12-نويابىر كۈنى كاشىغەردە «شەرقىي تۈركىستان (ئىسلام) جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ، 30 ماددىلىق ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، خىتايلارنى تارمار قىلىش ئارقىلىق خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئون خىتايدىن توققۇزى ئۇنىڭ چومىقى ئاستىدا ئۆلگەن. كېيىن ئۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن يامانلىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇنجى قېتىم نامايەن بولغان «شەرقىي تۈركىستان (ئىسلام) جۇمھۇرىيىتى» قىسقا ئۆمۈر سۈرۈپ، غۇلىغان ئىدى. شىڭ شىسەي خوجانىياز (ھاجى) نىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ماجۇڭيىڭنى باستۇرۇپ، ئۇنى مۇئاۋىن رەئىسلىك بىلەن قايمۇقتۇرۇپ، ئاخىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. (1947-يىلى) 16-ئىيۇن كۈنى باخۇلىياڭ (سەككىز تۈتۈن) ئەتراپى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەتراپ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن. ئاز ساندىكى خىتايلار ئۆي ئىچىگە بىكىنىپ، سىرتقا چىقمىغان. ماتەم مۇراسىمىدا باشقۇرغۇچى ئۆز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىرىنى قەتلى قىلغان ئۆتمۈشتىكى زۇلمەتلىك مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاچچىق بىلەن سۆككەن. ھەيۋەتلىك دىنىي مۇراسىمدا كىشىلەر ئەسلىمىلەرگە چۆككەن. ھازىرقى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ھېلىھەم ئەينى چاغدا خوجانىياز (ھاجى) بىلەن خىزمەتداش بولغان مۇھىم كىشىلەر بار بولۇپ، ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، تارىخ يەنىلا كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.

ئىككى ياشلار ئەترىتى

بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىقى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى ياشلار مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن باغلىنىشلىق. شىڭ شىسەينىڭ 12 يىللىق ھاكىمىيىتى جەريانىدا «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نىڭ تەربىيەسى نەتىجىسىدە شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئىدىيەسى ئاللىبۇرۇن ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئالدىدا كەتتى. بىر مەزگىللىك «ياشانغانلار ھاكىمىيىتى» نى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ياشلاردىكى غەم-قايغۇ ۋە بۇرۇقتۇرمىلىق بارا-بارا ئېغىرلاشتى. غۇلجا ۋەقەسىنىڭ پارتىلىشى بۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىر شىنجاڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى سەيپىدىن (ئەزىزى) دەل بۇ ۋەقە جەريانىدىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى. ھازىرقى ھەربىي-سىياسىي ھوقۇقلار ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ياشلار تەشكىلاتىنىڭ قولىدا. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭنى باشقۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ياشلار مەسىلىسىگە ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قانچە قېتىملاپ ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ياشلارنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) نى «سەنمىنجۇيى (ئۈچ مەسلەك) ياشلار ئەترىتى» نىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇشقا تەشكىللىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى گېنىرال سۇڭ شىليەن «ئەگەر بىز شىنجاڭنىڭ ياشلىرىنى قولىمىزدا چىڭ تۇتالىساق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىيالىساق، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدە ئۈمىد بار» دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە شىنجاڭلىق ھەر مىللەت ياشلىرى بىلەن پىكىرلەشكەن ۋە ھەمكارلىشىشقا تىرىشقان ئىدى. ھازىر بولسا سىياسىي ۋەزىيەت پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ھېچنەرسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ياشلار مەسىلىسىگە كەلسەك، ۋەزىيەت يەنىلا ئوخشاش. غۇلجا تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىكى ياش ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا ۋە جەمئىيەتتە تەڭرىنىڭ ئەركىسىدەك يۈرمەكتە. سۆھبەت يىغىنىدا ھۆكۈمەتنى تىللىغان ياكى يازما يېزىپ ئۆتكۈر سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىكى كىشى شۇ زامان چاقىرتىلىدۇ ياكى غايىپ بولىدۇ. ئادەتتە بىرئاز مۆتىدىل تۇرغان ياشلار، قارشى تەرەپنىڭ تىل-ھاقارىتى، مازاق قىلىشى سەۋەبىدىن ئاللىبۇرۇن ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالدى. ئاۋاز چىقىرىپلا قالسا ئۇنى نەس باسقىنى شۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇرۇن مۆتىدىل تۇرغان كىشىلەرمۇ ھازىر ئاكتىپلىشىپ كەتتى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىجرائاتلىرى خۇددى ياشلارنى جېدەل چىقىرىشقا كۈشكۈرتىۋاتقاندەكلا قىلاتتى.

ئېسىمىزدە قېلىشىچە خەمىت ئىسىملىك بىر ئۆزبېك ياش بار بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ھەربىي مەكتەپنىڭ ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيەلەيدىغان كوماندىرى ئىدى ۋە دىنىي ۋە مىللىي ھېس تۇيغۇلىرى تولىمۇ سۇس ئىدى. غۇلجا تەرەپنىڭ ياشلار تەشكىلاتى ئۇنىڭغا قارىتا تۆھمەت ۋە سىياسىي ھۇجۇملارنى باشلىدى. بۇ ۋاقت دەل ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە تەرجىمان بولۇپ، ئەمدى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن چېغىغا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سىنىپدىشى ئىبراھىم تۇردىنىڭ ئۆزىدىن قابىلىيەتلىك ئەمەس تۇرۇپمۇ، «خانتەڭرى نەشىرىياتى»نىڭ باشلىقى بولغانلىقى ۋە بىر قانچە پارچە مىللىي ھېسى قۇيۇق ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جەنۇبىي شىنجاڭدىن قايتىپ كېلىشى بىلەنلا رەئىسنىڭ ھال سورىشى ۋە مۇكاپاتى (ئۆلكىلىك تىجارەت بانكىسىنىڭ بەش مىليون دوللارلىق چېكى) غا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن خەمىت بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا «تېنچلىق سىياسىتى داۋانچىڭ (شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چېگراسى) دىن ئۆتمىدى» دېگەن تېمىدا شىددەتلىك بىر نۇتۇق سۆزلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە ھۇجۇم قىلغان ۋە غۇلجا تەرەپكە «ئۆزگىرىپ كەتكەن» لىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىر خەمىت شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا كاتىپ بولدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى بەلگىسى

ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) رەھبەرلىكىدىكى ياشلار تەشكىلاتىغا كەلسەك، بۇ يىل (1947-يىلى) فېۋرالدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىپ، ھازىر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە ۋە ئىجابىي باھاسىغا سازاۋەت بولدى. لېكىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىدىلوگىيەسىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە زىيادە ئېغىر بېسىقلىقى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇشى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى خالىغانچە ئەركىن-ئازادە ھالدا ئاكتىپ خىزمەت قىلالمايدۇ. غەم-قايغۇغا پاتقان، چۈشكۈنلەشكەن ۋە ئارىسالدىلىقتا قالغان شىنجاڭ ياشلىرى بۇ تەشكىلاتنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ. غۇلجا تەرەپنىڭ ياشلار تەشكىلاتى بولسا ئاللىبۇرۇن غەلبەسېرى ئىلگىرلەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئىلى، ئالتاي ، تارباغاتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتتە شۆبە ئورگانلىرىنى ئورنىتىپلا قالماي، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلى تەرەپكە بەرگەن راسخوتىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا پۇل ۋە ئادەملەرنى توپ توپى بىلەن ئەۋەتمەكتە. بۇ يىل باش باھاردا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالار سانى 300 مىڭغا يەتتى. ئاپرېل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى» سەيدۇللا (سەيپۇللايېۋ) ئۆلكە رەئىسدىن شىنجاڭنىڭ بارچە جايلىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» نى رەسمىي قۇرۇشقا تەستىق سورىغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋاقتلىق نىزامنامىسى جەمئىي ئالتە باب، 54 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىككىنچى ماددىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا ياشىغۇچى بارلىق ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا خەلقچىل روھنى يېتىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن ۋە ئىلغار بىلىم-ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشتەك ئەڭ ئالىي نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ» دېيىلگەن. بەشىنچى ماددىسىدا «ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ، بۈيۈك نويابىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى ساقلاش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېيىلگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامى قاتتىق بولۇپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيەگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. مەركىزىي ئورگىنىدا تۈرلۈك كومىتېتلار مەۋجۈت بولۇپ، يەرلىك شۆبىلىرى ۋە ئەترەتلىرى بار. مەزكۇر ھۈججەت ھەققىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبى ليۇۋ مىڭچۈن  19-ئاپرېل كۈنى سەيپىدىن (ئەزىزى) گە خەت يېزىپ، تۆت نۇقتىنى قاتتىپ تەنقىد قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش-قىلماسلىقنىڭ كارى چاغلىق بولۇپ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولدى. ئۇلار پەقەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان، خالاس.

رەڭگى ئۆزگەرگەن شىنجاڭ خەرىتىسى

ئوزاقى يىلى (1945-يىلى) غۇلجا ئارمىيەسى (شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى) ماناسقا يېتىپ كېلىپ، دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن ماناس دەرياسى ئارقىلىپ ئايرىلىپ، تىركىشىپ تۇرغان چاغدا، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى جىددىي ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى. يېقىندا دۆلەت ئارمىيەسى ماناستا بىر پارچە 1:2000000 ماسشىتابلىق خەرىتەنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۈستىگە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ يېزىلغان، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلىق، يېشىل رەڭلىك بۇ خەرىتەدە ھازىرقى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش بويىچە ئون ئۆلكە ئايرىلغان بولۇپ، پايتەخت يەنىلا ئۈرۈمچى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى، تاشقىي موڭغۇلىيە، خىتاي ۋە تىبەت بولسا تۆت قوشنا مەملىكەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل رەڭدە، تاشقىي موڭغۇلىيە قارا رەڭدە بويالغان بولۇپ، خىتاي ۋە تىبەتكە رەڭ بېرىلمىگەن. ھازىرقى شىنجاڭ دائىرەلىرى بۇ خەرىتەنى كۆرسە قانداق ھېسىياتتا بولاركىنتاڭ؟

جاڭ جىجۇڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشى

تەڭرىتاغلىرى شىنجاڭنى مەركىزىدىن ئىككىگە بۆلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، ئىككىسى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتى جەھەتتىن پۈتۈنلەي پەرقلىق. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، تاغ-ئىدىر ۋە يايلاقلار كۆپ، كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول. ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ سانى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ ۋە ئاز ساندا خىتاي، موڭغۇل ۋە مانجۇلارمۇ بار. خەلقئارالىق قاتناش بىر قەدەر قولايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى بىر قەدەر ئىلغار ۋە قۇيۇق ياۋروپاچە تۈسكە ئىگە. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ ئىسسىق، ئاساسەن قۇملۇق ئىچىدىكى بوستانلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. نوپۇسىنىڭ %90 دىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. سىرتقا نىسبەتەن قاتناش تولىمۇ قولايسىز بولۇپ، كىشىلىرى كونسېرۋاتىپ، دىنىي كەيپىيات قۇيۇق.

غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ جەمئىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ شىمالىي شىنجاڭنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىكى ئاساسلىق بازا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ھاكىمىيەت ئۈچۈن جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىشمۇ ئاساسلىق دىققەت مەركىزى بولۇپ قالدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئالاھىدە بولۇۋالغان گۇرۇھ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىتايلار ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ناھىيە ھاكىمىنى خەلق سايلاشنى تەلەپ قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توققۇز مەمۇرىي رايوندىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچىگە ئۇيغۇر ھاكىم تەيىنلەنگەندىن كېيىن، خىتايلار جەنۇبىي شىنجاڭدا سىياسىيدىن ئاساسەن چېكىنىپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار جەنۇبتا تۇرۇشلۇق دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپ، ھەربىيلەرنىڭ ئۇلارنىڭ خەلقچىل سىياسىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «دۆلەت ئارمىيەسى شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بولۇپمۇ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ۋە دائىرىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم كۈچلۈك بولدى. ئاقسۇ ۋالىيسى (ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئابدۇلئەزىز مەخسۇم) جاڭ جىجۇڭنىڭ ئالدىدا ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ، ھەربىيلەرنىڭ سىياسەتكە قول تىقىشىدەك رېئاللىقنى قاتتىق سۆكتى. (ئاقسۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) قىشتا ئىلى تەرەپنىڭ قوراللىق كۈچلىرى مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ، ئونسۇ ناھىيەسىنى ئىگەللەپ، ئاقسۇنى ئىككى ئايغا يېقىن قورشىۋالغان ئىدى. پولكوۋنىك جاۋ خەنچى (赵汉奇) ئاز ساندىكى ئامما بىلەن ئارقىغا چېكىنمەي جان تىكىپ قوغداپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى). جاڭ جىجۇڭ ئۇلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدىن خېلىلا تەسىرلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جاي جايلاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملارنىڭ يەرلىكنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشقان ئىدى. جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇ قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشىمۇ بۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەس.

ئەخمەتجان قاسىمى ۋە جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار ئاقسۇدا، 1947-يىلى

جاڭ جىجۇڭ بۇ يىل (1947-يىلى) 16-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن جەنۇبقا ماڭغاندا مەسئۇد (سابىرى)، ئەخمەتجان (قاسىمى)، ۋاڭ زىڭشەن، ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن)،  چۈي ۋۇ، ئالاھىدە ۋەكىل ليۇۋ زىروڭ قاتارلىق ئونغا يېقىن كىشى بىرگە سەپەر قىلغان ئىدى. بۇ قېتىملىقى ئاقسۇ، قەشقەردىن ئۆتۈپ، يەكەن، خوتەن، قاراشەھەر ۋە كۇچا قاتارلىق جايلارغا قىلىنغان ئۈچ ھەپتىلىك بىر زىيارەت بولۇپ، بۇ ئاي (ماي) نىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشتى. جاڭ جىجۇڭنىڭ ئاقسۇ زىيارىتى بەكمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى. سۆھبەت يىغىنىدا بىرەيلەن ئاشكارە ھالدا زالىم سىياسەتكە قارشى تۇرۇش، جايلاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملار بىلەن خەلقنىڭ ھەمكارلىقى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، كەيپىيات ناھايىتى دوستانە ئىدى ۋە زوراۋان ئۇنسۇرلا تولىمۇ ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەخمەتجان (قاسىمى) ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن «بۇ جايدىكى سىياسىي خىزمەتلەر ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەندەك قىلىدۇ. سىلەر قورقۇپلا قالماي مەنمۇ نېمە قىلارىمنى بىلمىدىم» دېگەن. جاڭ جىجۇڭ قەشقەرگە كەلگەندە بولسا ۋەزىيەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. قەشقەرگە كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن خەلق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بىر ئۇيغۇر مۇراسىمدىكى نۇتۇقىدا جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتاپ، ئەخمەتجاننى مۇئاۋىن رەئىس دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا تېنچىلىق بىتىمىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ، دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى، قەشقەردە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى قۇرۇشنى ۋە چېگرانى يەرلىك خەلق ئۆزلىرى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. جاڭ جىجۇڭ ئۆز ئىسمىنىڭ بىۋاستە ئاتالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىش بىلەن بىرگە قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ يولسىزلىقىنى سۆكۈپ كەتتى. زوراۋان ئۇنسۇرلار قايىل بولمىدى. 6-ماي كۈنى جاڭ جىجۇڭ خوتەندىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندە كەچ سائەت 10 لار بولغان بولۇپ، ئالتە مىڭغا يېقىن ئامما ۋالىي مەھكىمىسى (جاڭ جىجۇڭ چۈشكەن قونالغۇ)نى قورشىۋېلىپ، ئۇلار ئالدىنقى قېتىم قويغان تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى. جاڭ جىجۇڭ چۈي ۋۇنى ئەخمەتجان (قاسىمى) نى نەسىھەت قىلىپ ئاممىنى تارقىتىۋېتىشىنى ئىلتىماس قىلغۇزغان. بۇ چاغدا ئەخمەتجان (قاسىمى) سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، جاڭ جىجۇڭ تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىقلا ئاممىنى تارقىتالىغان. سەھەر سائەت ئىككىدە بولسا ئامما يەنە پەيدا بولغان، جاڭ جىجۇڭنىڭ كارى بولمىغان. سائەت تۆتتە ئەخمەتجان (قاسىمى) تۇرالغۇغا قايتىپ كەلگەن ۋە يىغىلغان ئاممىغا «ھازىرچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ھاجەت يوق، ئازراق ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن» دېگەن. ئەتىسى سەھەردە جاڭ جىجۇڭ ۋالىي مەھكىمىسىدىن ئەينى چاغدا بەنچاۋ  قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى جايلاشقان قەشقەر يېڭىشەھەر سېپىلىغا، يەنى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئىچىگە يۆتكەلگەن (بۇ جاي قەشقەر كوناشەھەردىن توققۇز چاقىرىم كېلىدىغان خىتاي شەھىرى بولۇپ، شەھەردە خىتايلار ئەڭ كۆپ، شەھەر سېپىلى بار). 8-كۈنى ۋەكىللەر قەشقەردىن ئايرىلىپ، شىمالغا قاراپ ئۇچتى. 13-كۈنى جاڭ جىجۇڭ بۇ قېتىملىق كۆزدىن كەچۈرۈشتىن تەسىراتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاساسلىق مەزمۇنى خەلقنىڭ دۆلەتنى ھىمايە قىلىشتا ناھايىتى قىزغىنلىقى، سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە قاتناش مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ تەخىرسىزلىكى، ھەربىيلەرنىڭ ئىنتىزامىدا زور ئىلگىرلەش بولغانلىقى ۋە خەلق بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى قاتارلىقلاردىن سۆيۈنگەنلىكى ئىدى. تەھلىلچىلەر جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ناھايىتى سەمەرەلىك بولغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ۋە خىزمەت ئىستىلىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈچ ئېھتىماللىق

ئوڭدىن سولغا: ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، جاڭ جىجۇڭ، مەسئۇد سابىرى بايقوزى، 1947-يىلى ماي، قەشقەر

ئۆتكەن يىلى (1946-يىلى) 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئىدى. جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن، مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈچ خىل يولىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى: بىرىنچىسى، شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولۇش، ئاساسىي قانۇن يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن بەلكىم مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلگەن بىر ئۆلكە بولۇپ قېلىش؛ ئىككىنچىسى، خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان دۆلەتنى قۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى، خىتايدىن ئايرىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ، بىر سوۋېت ئىتتىپاقداش رېسپوبلىكىسى بولۇش. جاڭ جىجۇڭ يەنە مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا شىنجاڭنىڭ سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقى ۋە مۇمكىن ئەمەسلىكى، پەقەت بىرىنچى يولنىڭلا ئەڭ پارلاق ۋە بەختىيار توغرا يول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشىدىن قارىغاندا بۇ ئۈچ خىل ئېھتىماللىقتىن ھالقىغان باشقا مۇمكىنلىكلەر يوق ئىدى. ھازىر جىددىي تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلار بولسا مۇختارىيەت ھوقۇقىغا ئېرىشىش ۋە خىتايدىن ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كېتىشتنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىككى گۇرۇھ بولۇپ، گەرچە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشنى تەرغىپ قىلىدىغانلارمۇ كۆپ بولسىمۇ، يۇقارىقى ئىككى گۇرۇھقا تەڭ كېلەلمەيدۇ ۋە ھېچ بولمىسا قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇستەقىل بولۇش پىلانى يوق. (غۇلجا تەرەپ گەرچە مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى دېيىلسىمۇ، ئۇلار كۆڭلىنىڭ چوڭقۇرلىرىدا باشقىلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشنى ئويلايدۇ. كىمنىڭ قوينىغا ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ھاجەتسىز).

«كۈزىتىش ژورنىلى»غا بېسىلغان «تام ئارقىسىدىكى ئاۋاز»ناملىق ھەجۋىي رەسىم. ئۈچ كىچىك بالىنىڭ مايكالىرىغا خىتايچە «تەيۋەن، شىنجاڭ، تىبەت» دېگەن خەتلەر، ئاۋاز نوتالىرىنىڭ ئاستىغا «مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

ھەقىقەتەن مۇستەقىل بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە بولغان تەسىرى ئېنىق ئەمەس. مۇسبەتمۇ؟ مەنپىيمۇ؟ پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى گۇرۇھنىڭ (مۇختارىيەت ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە باشقا دۆلەتكە قوشۇلۇشنى تەرغىب قىلغۇچىلار) قوللىنىۋاتقان چارىلىرىنىڭ ئاقىلانە ياكى ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مۇختارىيەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، تەركىبى بىردەك، كۆپىنچە كىشىلىرى يېشى چوڭراق كونسېرۋاتىپلار بولۇپ، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ئارىلىقتا ئۈستۈنلۈكنى ساقلىيالىشى مۇمكىن. لېكىن دۆلەت مۇداپىئەسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىسا ۋە خىتاي يەنىلا مۇشۇنداق كونا ۋە ئارقىدا قالغان ھالەتتە قالسا، ياشانغانلار كېتىپ، بۇ گۇرۇھقا يېڭى نەسىلنىڭ يېتىشىپ كېلەلمەسلىكىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ! خىتاي خەلقىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسگە نىسبەتەن تۈرلۈك قاراشلىرى مەۋجۈت بولۇپ، بىرلىرى مىللىي كۆز قاراش خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ كۆرسەتمىسىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. بەزىلەر سىرتنىڭ قايمۇقتۇرۇشى مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇساپىدىن كۈچلۈك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا جەمئىيەتتىكى ئىچكى زىدىيەتلەر (سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، ئىدىيەۋىي ۋە ياشلارنىڭ زىدىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاشقىي زىدىيەتتىن ئېغىر دەپ قارايدۇ. ئىككى مۇھىم ئامىلدىن، يەنى جەمئىيەتنىڭ ئۆزىدىكى زىدىيەتلەر ھەل قىلىنمىغانلىقى ۋە سوۋېتنىڭ قىلچە يول قويمىغانلىقىدىن، خىتايلار پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقسا، قارا رەڭدە بويالغان دۆلەت (موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ) ئاخىرىغىچە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ مەسىلىسى خەلقئارالىق، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار بىرىكىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە بولۇپ، بىر ئامىلدىلا چىڭ تۇرۇش بىلەن مەسىلىنىڭ نېگىزىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس.

ئەمما ھازىرقىدەك ئوچۇق سىياسىي ۋەزىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىۋاتقان ۋە مىللىي ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ھېسىداشلىقىغا ئېرىشەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن مىللىي ئامىلنىڭ مۇھىملىقى بارا-بارا سۇسلىشى مۇمكىن. خەلقئارالىق ئامىل بولسا ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيەسىنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. لېكىن خەلقئارالىق ئامىل مەسىلەنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، مەسىلەنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى ئەمەس. چۈنكى قوشنا دۆلەت ھەرگىزمۇ بىزگە زور كۈچ قوللىنىپ تاقابىل تۇرمايدۇ. ئەمدى جەمئىيەت ئىچىدىكى سىياسىي (سىياسىي ھوقۇق ۋە مائارىپ ھوقۇقىنىڭ تىركىشىشى)، ئىقتىسادىي (زىمىن ۋە بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ناھايىتى نازۇك بىر ئىش)، دىنىي (ئاخۇنلارنىڭ چىرىكلىشىشى)، ئىدىيەۋىي (سوتسىيالىزىم ۋە فىئودال كۈچلەرنىڭ قارشىلىشىشى) ۋە ياشلار مەسىلىسى (ئاخۇنلار بىلەن قارشىلىشىش ۋە ئاياللارنىڭ ئازاتلىقى) قاتارلىق زىدىيەتلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاساسلىق قىيىن مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا ۋە مۇناسىۋەتلەر تەڭپۇڭلاشسا، سىرتتىن ھەر قانچە قىزىقتۇرۇشلار كەلسىمۇ كارى چاغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن: مىللىي مەسىلەنى ھەددىدىن زىيادە ئويلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنىلا قول سېلىپ مەسىلەنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چوقۇم دىپلوماتىيەدىكى توسقۇنلۇقتىن ساقلىنىش ۋە جەمئىيەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىشنى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت قىلىش كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى يەنىلا بىزدە، خىتاينىڭ ئامال-چارەسى بار يوقلۇقى، بىزنىڭ ئىش قىلىشقا نىيىتىمىزنىڭ بار يوقلۇقىدا. سۈيقەست ۋە سېھىر كۆزگە چېلىققۇدەك ۋەزىيەت يارىتالمايدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئۈمىدۋارلىق ياكى ئۈمىدسىزلىك ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق.

(1947-يىلى) 14-ماي

مەنبە: «كۈزىتىش» (观察) ژورنىلىنىڭ 1947-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى نەشىر قىلىنغان 2-جىلد 17-سانى


مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئىچكەن جاللات جاۋ خەنچى (赵汉奇) نىڭ سۈرىتى

جاللات جاۋ خەنچى (赵汉奇) نىڭ شەنشى ئۆلكىسى نىڭۋۇ (宁武)شەھىرىدە يېقىندا تىكلەنگەن ھەيكىلى. ھەيكەل ئاستىدىكى ئىزاھاتتا شۇنداق يېزىلغان:

«جاۋ خەنچى نىڭۋۇلۇق، ۋەتەنپەرۋەر گېنىرال. 1945-يىلى ئاۋغۇستتا دۆلەت ئارمىيەسى يېڭى ئاتلىق 2- دىۋىزىيەسى 5-پولكىنىڭ پولك كوماندېرى بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنى قوغدىغان. ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان ئىدى. جاۋ خەنچى ئاقسۇ شەھىرىنى قوغداش قوماندانى بولۇپ تەيىنلىنىپ، پۈتۈن پولكتىكى 600 كىشىنى باشلاپ قارشى تەرەپنىڭ 3000 غا يېقىن ئادىمى بىلەن نەچچە ئايلاپ قانلىق جەڭ قىلىپ، ئاقسۇنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۆھپە كۆرسەتكەن. شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە،جاۋ خەنچى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن كوماندىرلاردىن بىرى ئىدى».

مەزكۇر ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن پارچەلەر:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top