You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » پائالىيەتچىلىرىمىزگە ۋە تەشكىلاتلىرىمىزغا تەكلىپ

پائالىيەتچىلىرىمىزگە ۋە تەشكىلاتلىرىمىزغا تەكلىپ

دوختور مەمەت ئېمىن

سالام قېرىنداشلار، مەن پىسخىكا نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئازراق تەكلىپ ۋە تەۋسىيە بىرىپ ئۆتمەكچى. توغرا بولغان تەرەپلەر بولسا، ھەممىڭلارنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ۋەتەندىكى ۋەزىيەت كۆپۈنچىمىزگە ئايان بولسىمۇ، بىراق تۇرسۇنئاي زىئاۋۇدۇننىڭ كەچۈرمىشى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ھەممىمىز ئېغىر دەرىجىدە خورلۇق ھېس قىلدۇق؛ يۈرەكلىرىمىز پارەم پارچە بولدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم ئىنساننىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغاندا، كۆڭلى جايىدا بولمىغاندا، ياكى پىسخىكاسى بۇزۇلغاندا توغرا تەپەككۇر قىلالمايدۇ ۋە ئاسان خاتالىق سادىر قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى دەل شۇ بىزنىڭ ساغلام روھىمىزنى ۋە توغرا تەپەككۇرىمىزنى ۋەيران قىلىپ، بىزنىڭ بىرلىكتە ھەركەت قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ كۈچىمىزنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇش؛ بىزنى روھىي ئاسارەت ئاستىغا ئىلىش.

مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدا، بۇ 4 يىللىق قىرغىنچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى، يالغۇز ھازىر مەلۇم بولغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا پەيدا قىلغان قورقۇش، ۋەھىمە، ئەندىشە قىلىش، غەزەپلىنىش، شۇنداقلا چارەسىزلىكتىن كېلىپ چىققان ئۈمۈتسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساندا پىسخىكا بىنورماللىقى ۋە روھىي ئاسارەت پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. روھىي ئاسارەت، قورال كۈچى بىلەن قىرىپ تۈگىتەلمىگەن بىر مىللەتنى يوق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

گەرچە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز بۇ 4 يىلدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئويغانغان بولسىمۇ، ئىشەنچسىزلىك ۋە ئۈمۈتسىزلىك سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە چۈشكۈنلىشىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى «بىز نېمە قىلساق بېكار» دەپ قاراپ، سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلارمۇ خىلى بار. گەپنىڭ قىسقىسى خەلقىمىز ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكراق روھىي قوللاشقا، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىشىشقا ۋە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەركەت ئىلىپ بېرىشقا مۇھتاج. ھەرقانداق ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى چەكلىك بولىدۇ؛ لېكىن كۆپلىگەن ئىنسان بىرلىكتە ھەركەت قىلالىسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى باشقىچە بولىدۇ.

خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان پاجىئەلەر، خەلقىمىز ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشمىگۈچە، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولمىغىچە ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ؛ زۇلۇم پەقەت بىر خىل شەكلىدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر يوق بولسا كېرەك. بىراق شۇ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قانداق قولىمىزغا ئالىمىز دېگەندە، ھەر خىل ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار. شۇنىسى ئېنىقكى بۇ نۇقتىدا، ھېچكىم قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈم بېرىدىغان بىرەر يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بىز كۆز قاراشتىكى بەزى پەرق ۋە ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىرلىك سەپ قۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەك.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:

1. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى خەلققە سۇنماي تۇرۇپ، ئەمىلى نەتىجىلەرنى خەلق ئالدىغا قويماي تۇرۇپ، باشقا شەخىس، باشقا تەشكىلات ۋە ئۇلار قىلغان ئىشلارنى ئىنكار قىلىشنى توختىتىشىمىز كېرەك.

ئەپسۇس، بىز بىر ئىش قىلماي جىم ئولتۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ھە دىسەك بىر ئىش قىلىۋاتقانلارغا باھا بىرىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىۋاتىمىز. ھىچ بىرىمىز تۇغۇلۇشتىنلا سىياسەتچى ۋە دېپلومات بولۇپ تۇغۇلمىغان. بىرىمىز قىلغان ئىش يەنە بىرىمىزگە، بىر تەشكىلات قىلغان ئىش يەنە بىر تەشكىلاتقا يارىماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر باشقىلار قىلىۋاتقان ئىش داۋاغا زىيانلىقلا بولمىسا، باشقىلارغا باھا بىرىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىز باشلامچى بولۇپ، باشقىلارغا قويغان تەلەپنى ئۆزىمىزگە قويۇپ، باشقىلار ياخشى قىلالمىغان ئىشنى، ئۆزىمىز تېخىمۇ ياخشى قىلساق بولىدۇ. خەلقنى ھەركەتكە كەلتۈتۈشتە ئەڭ موھىم بولغىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يىتەكلەش.

2. ھەرقانداق تەنقىت ۋە تەكلىپ سەمىمى بولۇش، دەۋانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇش كېرەك.

3. مەۋجۇت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچىمىز يەتمىسە، ھىچ بولمىغاندا مەسىلە پەيدا قىلماسلىقىمىز ياكى مەۋجۇت مەسىلىنى تېخمىمۇ مۈرەككەپ قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.

4. خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان سۆزلەرنى تارقاتماسلىقىمىز كېرەك.

ئىشەنچ ۋە ئۈمىت بىزنى روھىي جەھەتتە ساغلام تۇتۇپ، توغرا تەپەككۇر قىلىشىمىزغا كاپالەت قىلىشتا بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر بىز ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىمىزنى يوقاتساق، باشقا نەرسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top