You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ قىسقىچە ھاياتى

سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئاپتورى: سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئوسمانىلارنىڭ ئاناتولىيەدىكى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ كۈچىيىشىگە ئاساسسالغان، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم شەھەر ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ، ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا بەش ئەسىر مۇھىمرول ئالغان غايەت زور ئىمپىرىيىگە ئاساس سالغان داڭلىق ھۆكۈمداردۇر. ئۇ ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ شەرەپكە ئېرىشەلمىگەن ئۇمەييەلەر، ئابباسىيلار، سالجۇقىلار، مەملۇكىلار، ئىلخانىلار قاتارلىق خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن ئىناۋىتى كۆپ ھالقىپ كەتكەن. ئۇندىن سىرت، ئۇنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە سالغان ۋەھىمىسى بەكلا كۈچلۈك بولغان. شۇڭا ئۇ ۋاپات بولغاندا ياۋروپادىكى چوڭ چېركاۋلار ھەممىسى قوڭغۇراق چېلىپ تەنتەنە قىلىشقان.

ئۇنداقتا ئوسمانىلار جەمەتى كىملەر؟ ئۇلار ئاناتولىيەگە قاچان، نېمە ئۈچۈن كۆچۈپ كەلگەن؟ چوڭ كۆچۈشتىن سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ دەۋرىگىچە بولغان 230 يىلدا ئاناتولىيە ۋە غەربىي ئاسىيادا قانداق ۋەقەلەر يۈزبەرگەن؟

گەپنى يەنىلا بۇخارا قەتلىئامىدىن باشلايلى

چىڭگىزخان 1221 – يىلى فېۋرالدا بۇخارادا چوڭ قەتلىئام پەيدا قىلىپ، شەھەرنى تولۇق ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ھازىرقى تۈركمەن ۋە قارا قالپاقلار ياشايدىغان جايلاردىكى بىر قىسىم تۈركمەن قەبىلىلىرى غەرپكە كۆچۈپ چىڭگىزخاننىڭ تەھلىكىسىدىن قۇتۇلدى. شۇ قاتاردا تۈركمەنلەرنىڭ قايى قەبىلىسىمۇ بار ئىدى. بۇ چاغدا ئاناتولىيەدە ئالائىددىن كەيقۇبات (1220 – 1237 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ 1237 – يىلى زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى بىلەنلا، ئاناتولىيە سالجۇقلىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. 1242 – يىلدىكى داڭلىق كۆسەداغ ئۇرۇشىدا موڭغۇللار ئۇلارنى قارام خانلىققا ئايلاندۇرۇۋالدى.

ئوسمانىلار جەمەتىنىڭ بوۋىسى ئەرتوغرۇل تاكى 1282 – يىلى ئۆلگىچە ھىلاكۇ قۇرغان موڭغۇل ئىلخانىلارغا قاراشلىق قورچاق سالجۇقىلار خانلىقىغا ساداقەتمەن بولۇپ ئۆتكەن. ئوغلى ئوسمانمۇ 1299 – يىلغىچە مەزكۇر بېقىندى خانلىققا ساداقەتمەن بولۇپ ئۆتكەن. 1299 – يىلى 27 – يانۋار جۈمە غازى ئوسمان قەبىلىسىنىڭ بايرىقى بىلەن ئىلخانىلار بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئوسمانىلارنىڭ يېڭى بايرىقىنى ئاسقان. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قورچاق بوپ قالغان بېقىندى ئاناتولىيە سالجۇقلىرى خانلىقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغىنى ئىدى.

گەرچە ئوسمان بەگ ۋە ئوغلى ئورخانلار مۇستەقىل بەگلىك سۈپىتىدە راۋاجلانغان بولسىمۇ، بىراق ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمنى قولغا كىرگۈزۈش بەيازىدخان يىلدىرىم دەۋرىدە ئاران نېسىپ بولغان. بەختكە قارشى نەچچە يىل ئۆتمەيلا 1402 – يىلى يازدا ئەمىر تۆمۈر بەيازىدخاننى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، 28 – ئىيۇل ئۇنى ئەنقەرەدىكى جەڭگاھتىن بىراقلا پايتەختى سەمەرقەندكە ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاناتولىيەنىڭ تولۇق قولغا كېلىشى پەقەت 1478 – يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىم قولىدا 1514 – يىلى كۈزدە ئىشقا ئاشقان. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا قۇرغان دۆلەت ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى سەلتەنەتلىك ۋە قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يەنىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئەرەتنا دۆلىتى ئوسمانىلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە پەيدىنپەي ئاناتولىيەدە ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا ئالاھىدە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن دۆلەتتۇر.

قانخور ھىلاگۇخان 1255 – يىلى قۇرۇپ چىققان ئىلخانىلار خانلىقىنى، جۈملىدىن ھىلاگۇغا قارام بولغان ئاناتولىيە سالجۇقلىرى دۆلىتىنى ئۇيغۇر سانغۇن ۋە قوماندان «ئەراتنا بەگ» 1334 – يىلى يوق قىلىپ، ئۆزى ئاناتولىيەدە «ئەراتنا ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك ئىلخانىلارخانى ئەبۇ سەئىد باھادىرخان باستۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا 1335 – يىلى 1 – دېكابىر ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەردار ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى تۈرك – ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان مەشھۇر سۇلتان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1352 – يىلى قەيسەرىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلىتى 1381 – يىلغىچە داۋام قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوسمانىلار 1390 – يىللىرى ئاندىن پەيدىنپەي ھازىرقى ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنى تەسىرىگە كىرگۈزىدۇ. بىراق ئون يىل ئۆتمەيلا بۇ جايلارنى ئەمىر تۆمۈر ئىگىلەيدۇ.

1402 – يىلى ئەمىر تۆمۈر بىر مەزگىل يوق قىلغان ئوسمانىلار 1420 – يىلى ئاران ئەسلىگە كېلىدۇ. ئوسمانىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن سۇلتان بەيازىدخان ئوغلى مۇھەممەد چەلەبى 1421 – يىلى 26 – ماي ۋاپات بولغان. دادىسى بەيازىد 1402 – 28-ئىيۇل ئەمىر تۆمۈرگە ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. گەرچە ئوسمانىلار تىرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاناتولىيەنى تاكى 1472 – يىلغىچە قولىغا ئالالمايدۇ. ئەمما شۇ يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئاق قويچىلار شاھى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ئاناتولىيەنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاناتولىيەنىڭ ھەممە قىسمىنى 1514 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتىكى چالدىران ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىمخان ساففاۋىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئاندىن قولىغا ئالىدۇ. ئوسمانىلارنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ھەقىقىي سەلتەنەتلىك دەۋرى ئەنە شۇ ياۋۇز سۇلتان دەۋرىدىن باشلىنىدۇ.

سۇلتان مۇھەممەدنىڭ دادىسى ئىككىنچى مۇرادخان بوۋىسى بەيازىدخان ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئەمىر تۆمۈر قولىدا يېڭىلىپ سەمەرقەندكە ئېلىپ كېتىلگەن يىلى (1402) تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد چەلەبى مىڭ تەستە بىر مەزگىل يوقىلىپ ۋە پارچىلىنىپ كەتكەن ئوسمان خانلىقىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوغلى مۇرادقا دۆلەتنى تاپشۇرغان. مۇرادخان 1421 – يىلدىن 1451 – يىلغىچە ساق 30 يىل دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، 1451 – يىلى 3 – فېۋرال ۋاپات بولغان. شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغان 19 ياشلىق ئوغلى مۇھەممەدخان ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپلا 1453 – يىلى 29 – ماي يەكشەنبە سەھەر ھازىرقى ئىستانبۇل شەھىرىنى فەتھى قىلىپ، 1050 يىللىق شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى مۇنقەرز قىلغان. شۇنداق قىلىپ، 1451 – يىلى 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئىككىنچى قېتىم ئوسمانىلارغا سۇلتان بولغان مۇھەممەد ئىككىنچى مىلادى 1453 – يىلى 29 – ماي يەكشەنبە كۈنى ھەر خىل تۈرك قەۋملىرىدىن تەشكىللەنگەن زەربىدار قوشۇن 1050 يىللىق تارىخقا ئىگە جاھانگىر دۆلەت شەرقىي رىم يەنى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى (395 – 1453) نى يوقىتىپ، قاراخانىلار ۋە سالجۇقىلاردىن كېيىن تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەلتەنەتلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى.

1. سۈرەتتە: سۇلتان مۇھەممەد ئىككىنچىنىڭ كونستانتىنوپولغا كىرىشى. فاستو زونارو (1854 – 1929) سىزغان رەسىم

ئوسمان ئوغۇللىرىدىن «فاتىھ سۇلتان» دەپ ھۆرمەت تاپقان مەزكۇر پادىشاھ 1432 – يىلى 29 – مارت تۇغۇلغان. 1453 – يىلى 29 – ماي شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى مۇنقەرز قىلغان.

ترابزون ئىمپېراتورى داۋىد ترابزوننى 1461-يىلى 15-ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمۇدقا تەسلىم قىلدى. ترابزون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسى تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى ۋە 1204-يىلى كونستانتىنوپولدا كاتولىكلاتىن ئىمپېرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ ۋە چەمبەرچاس باغلانغان. ئۇ ۋاقىتتا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئايرىلغان. ترابزون ئىمپېرىيىسىمۇ ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

مۇھەممەد فاتىھ 1432 – يىلى 29-مارت ئەدىرنەدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىنتايىن جەسۇر ۋە باتۇر ئەسكەر ئىدى. ئۇ سۇلتان مۇراد ئىككىنچىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى خۇما خاتۇن ئىدى. ئۇ بويى ئېگىز ، كۈچلۈك ۋە مۇسكۇللۇق ئادەم ئىدى. مەھمەت ئىككىنچى دۆلەت ئەربابى ۋە ھەربىي رەھبەر ئىدى. ئۇ يەنە ئەدەبىيات، گۈزەل سەنئەت ۋە ئەنئەنىۋى بىناكارلىققا قىزىققان. ئۇنى داڭلىق ئالىم ئاق شەمسىددىن تەربىيلىگەن. مەھمەت يەتتە چوڭ تىلنى راۋان سۆزلىيەلەيتتى. ئۇ يەنە پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەنگە قىزىققان. ئۇ مەشھۇر ئاسترونوم ئەلى قۇشچىنى ئىستانبۇلدىكى رەسەتخانىغا تەكلىپ قىلغان.

ۋەتىنىمىزدىكى ھەممە ئەسەرلەردە مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلۈمى ئالدىدا مىرزا ئەلى قۇشچىنى يېتەرلىك مال – دۇنيا ۋە قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكىلا تىلغا ئېلىنغان. ئۇنداقتا ئەلى قۇشچىنىڭ ئاخىرقى ھاياتى قانداق بولغان؟

ئەلى قۇشچى 1449 – يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆز ئوغلى ئابلىتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھېراتقا كەتكەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن تەبرىزگە كېلىپ، يېڭى باش كۆتۈرگەن ئاق قويچىلار خانى ئۇزۇن ھەسەننىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەن. ئۇزۇن ھەسەن 1469 – يىلى قاراباغدا يۇنۇسخاننىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ئۇلۇغبەگنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ئەبۇ سەئىدخاننى ئۆلتۈرۈپ، تەسىرىنى غەربىي ئىرانغىچە كېڭەيتكەن. ئاندىن ئاناتولىيەنىڭ شەرقىگە كېڭىيىشكە باشلىغاندا، ئوسمانىلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھ ئۇزۇن ھەسەننى ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ترابزون بىلەن ۋاننى ئۆزىگە قوشقان. ئەلى قۇشچى 1472 – يىلى سۇلتان مۇھەممەد تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئاخىرقى ئىككى يىلىنى ئوسمانىلارنىڭ ئاسترونومىيە ۋە كالېندارچىلىق ئىشلىرىنى سىلجىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەلى قۇشچى 1474 – يىلى 16 – دېكابىر ۋاپات بولغان. ئۇزۇن ھەسەن 1478 – يىلى 7 – يانۋار ، سۇلتان مۇھەممەد 1481 – يىلى 3 – ماي، بابۇرشاھ ۋە سەئىدخاننىڭ بوۋىسى يۇنۇسخان 1487 – يىلى 8 – ئىيۇندا تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.

1477 – يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئۇزۇن ھەسەننى ئاخىرقى قېتىم يەنە مەغلۇپ قىلىپ، شەرقىي ئاناتولىيەنى قايتا ئىگىلىگەن. 1481 – يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا، 3 – ماي يول ئۈستىدە قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 1470 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر ئاماسىيادا تۇغۇلغان نەۋرىسى ياۋۇز سېلىم 1512 – يىلى 22 – ئاپرىل يۇۋاش دادىسى بەيازىتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ سۇلتان بولغان.

1448 – يىلى 3 – دېكابىر مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئوغلى بايەزىدخان 2 تۇغۇلغان. ئۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەتخان (1432 – 1481) نىڭ بىردىنبىر ئىز باسار ئوغلى بولۇپ، دادىسى ۋە بوۋىسىغا قارىغاندا بەكلا يۇۋاش ۋە باغرى يۇمشاق دىندار كىشى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ دەۋرىدە ئاساسەن قۇرۇقلۇقتا چوڭ ئۇرۇشلار بولمىغان. دېڭىزدا بەزى ئۇتۇقلۇق ئۇرۇشلار بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسپانىيەدە ئىرقىي قىرغىنغا دۇچار بولغان مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار كۆپلەپ كۆچۈرۈلۈپ ئىستانبۇلغا يەرلەشتۈرۈلگەن.

بىراق 1501 – يىلى تەبرىزنى مەركەز قىلغان ساففاۋىلار سۇلالىسى (1501 – 1736) باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، شاھ ئىسمائىل مەزكۇر بەيازىدخاننى بوزەك قىلىپ، ئىراق ۋە شەرقىي ئاناتولىيەنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن. ئارقىدىنلا شاھ ئىسمائىل 1510 – يىلى 4 – دېكابىر مەرۋىدە مەنمەنچى ئۆزبەك شاھى مۇھەممەد شايبانىخاننى ئۆلتۈرۈپ، ئىران ۋە خۇراساننى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋالغان. شاھ ئىسمائىل يەنە 1511 – يىلى بابۇر شاھقا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ سەمەرقەندنى قايتا ئىگىلىشىگە ياردەم بەرگەن. بىراق 1513 – يىلدىكى داڭلىق غازداۋان ئۇرۇشىدا شاھ ئىسمائىل ياردەمگە ئەۋەتكەن 60 مىڭ ئەسكەر شايبانىخاننىڭ ئىز باسارى ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان. ئاقىۋەت، بابۇر شاھ سەمەرقەندنى تاشلاپ كابۇلغا چېكىنگەن. ئۇنىڭ يۇرتى ئەنجاننى قوغداۋاتقان نەۋرە ئىنىسى سەئىدخانمۇ پەرغانىنى تاشلاپ قەشقەرگە چېكىنىپ، 1514 – يىلى 24 – ئاۋغۇست يەكەندە سەئىدىيە خانلىقى (1514 – 1684) نى قۇرۇپ چىققان. دەل شۇ مىنۇتلاردا بەيازىدخاننى 1512 – يىلى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققان ئوغلى ياۋۇز سېلىم چالدىران ئۇرۇشىدا شاھ ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىراق، كۇردىستان، شەرقىي ئاناتولىيە، گرۇزىيە ۋە ئەرمەنىيە تەۋەسىنى ئىگىلەپ، تاكى تەبرىزگىچە قىستاپ كەلگەن.

ئوسمانىلار سۇلتانى ياۋۇز سېلىمخان 1520 – يىلى كۈزدە، سافاۋىلار شاھى شاھ ئىسمائىل 1524 – يىلى باھاردا، موغۇل ئىمپىراتورى بابۇر شاھ 1530 – يىلى قىشتا، سەئىدىيە خانلىقى سۇلتانى سەئىدخان 1533 – يىلى يازدا ۋاپات بولغان.

شۇنداق قىلىپ، ياۋۇز سېلىمخان شەرقتە 1514 – يىلى 23 – 24 – ئاۋغۇست كۈنلىرى چالدىران ئۇرۇشىدا سافاۋىلار ھۆكۈمدارى شاھ ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىراق، كۇردىستان ھەتتا ئەزەربەيجانغىچە بولغان جايلارنى قولغا ئالغان. سەئىدىيە خانلىقىمۇ دەل شۇ ئۇرۇش بولۇۋاتقان مىنۇتلاردا يەكەندە قۇرۇلغان. غەرپتە 1516 – يىلى مەرەج دابىقتا مەملۇكىلارنى يېڭىپ، 1517 – يىلى باھاردا 267 يىللىق مەملۇكىلار (1250 – 1517) نى مۇنقەرز قىلىپ، ئوسمانىلار خانلىقىنى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپاغا سوزۇلغان غايەت زور ئىمپىرىيىگە ئايلاندۇرغان.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى

2. بۈيۈك بېرىتانىيە ئىنسكلوپىدىيىسى

3. تۈرك – ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى

4. ئۇيغۇر يىلنامىسى

5. ئىلخانىلار تارىخى

6. تارىخى رەشىدى

7. ۋېكىپېدىيە

2021 – يىلى 4 – فېۋرال، پەيشەنبە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top