You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » 5- ئىز باسار خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

5- ئىز باسار خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

682 – يىلى 2 – نويابىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆت ئىز باسار خەلىپىسى بىلەن بىر قاتارغا تىزىلىپ «5 – ئادىل خەلىپە» دەپ شۆھرەت تاپقان ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز تۇغۇلغان. ئۇ ئەسلىدە ئۇمەييەلەر خان جەمەتى ئىچىدىكى ئەڭ پاك ۋە دىيانەتلىك كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى لەيلا خانىم ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئوغلىنى ئەينى چاغدا مەلۇم كېچىسى ئاۋام – پۇخرانىڭ ھالىغا يېتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان كېچىلىك زىيارىتىدە سەمىمىيلىكىدىن سۆيۈنگەن ۋە زېرەكلىكىگە دىققىتى چۈشكەن سەمىمىي سۈت ساتقۇچى قىزچاق بىلەن ئۆيلەپ قويغانىدى.

مەزكۇر كىشى ئەسلىدە 717 – يىلى 22 – سېنتەبىر ۋاپات بولغان خەلىپە سۇلايمان ئىبنى ئابدىمىلىك (674 – 717) نىڭ ۋەلىئەھدىسى ۋە ئىز باسارى ئىدى. ئۈچ يىلغىمۇ توشمايدىغان قىسقىغىنە مۇددەتتە، ئۈچ قىتئەگە سوزۇلغان غايەت زور خەلىپىلىك تەۋەسىدە بىرمۇ چىرىك ۋە خىيانەتچى ئەمەلدارنى قويماي تازىلاپ، ئارقىدىنلا ھەججاجدەك كاللا كېسەر زالىم ھەربىي قوماندانلارنى ئىشتىن بوشىتىپ ھەپسىگە ئالغان. شۇنداق قىلىپ خەلىپە ئۆمەر ئەرەبلەرنىڭ تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇنۋېرسال گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتقان.

تولىمۇ ئەپسۇس، خان جەمەتى ئەزالىرى ھەشەمەتتىن خالىي قاتتىقچىلىق ھاياتىغا زادىلا كۆنەلمەي، خەلىپىنىڭ خىزمەتكارىنى مىڭ ئاقچا ئالتۇنغا سېتىۋېلىپ، خەلىپە سىرتقا زىيارەتكە چىققاندا ئەپلىك ۋە خىلۋەت بىر جايدا ئىچىملىكىگە ئۆتكۈر زەھەر سېلىپ قەستلىۋەتكەن. ئۆزىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى سەزگەن خەلىپە ئۆمەر خىزمەتكارىنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قۇل يىغلاپ تۇرۇپ، مىڭ دىنار ۋە ئازات قىلىنىش شەرتى بىلەن قەستلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنى دارغا ئېسىشنىڭ ئورنىغا، خەلىپە خەزىنىدىن مىڭ دىنار ئاچىقتۇرۇپ، ئۇنى ئازات قىلغان. ئاندىن ئۇنىڭغا «ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرگە كەت!» دەپ تاپىلاپ يولغا سالغان. ئاقىۋەت 20 كۈندەك جان تالىشىپ قىينالغان خەلىپە ئۆمەر 720 – يىلى 4 – فېۋرال جان ئۈزگەن. ئورنىغا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەلىپە سۇلايماننىڭ ئىنىسى يەزىد خەلىپە بولغان. ئۇمۇ 724 – يىلى ئاغرىپ قازا قىلغاندىن كېيىن، ئورنىغا ئۇنىڭ قېرىندىشى ھىشام چىققان. ھىشام دەۋرى (724 – 743) دە ئۇمەييەلەر سۇلالىسى (661 – 750) تارىختىكى ئەڭ گۈللەنگەن ۋە كۈچەيگەن باسقۇچقا كىرگەن. ئۇنىڭ ئەلچىلىرى *** ئۆتۈكەندىكى كۆكتۈرك قاغانىنىڭ چېدىرلىق ئوردىسىغا قەدەر كەلگەن. ئەسكەرلىرى غەرپتە پارىژنىڭ جەنۇبىغا 80 كېلومېتىر قالغۇچە قىستاپ كەلگەن ***. ئۇ مەركىزىي ئاسىيادا قارا تۈركەشلەردىن كېلىپ چىققان سۇلۇ قاغان (715 – 738 – يىللىرى تۈركەش قاغانى بولغان) بىلەن كۆپ سوقۇشۇپ يېڭەلمەي، نۇرغۇن پۇل بەدىلىگە ئۇنى مۇسۇلمان بولۇشقا ئۈندىگەن. بىراق سۇلۇ قاغان رەت قىلغان. سۇلۇ قاغان سېرىق تۈركەشلەر تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ قازاقىلغاندا، ھىشام دەرھال شۈكۈر سەجدىسى قىلىپ، ئەشەددىي رەقىبىدىن قۇتۇلغىنىغا شۈكۈر قىلغان.

مەشھۇر قوماندان ئابدۇراھمان 732 – يىلى 21 – ئۆكتەبىر جەڭدە قازا قىلغان ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا تۈرك قاغانى بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسى كۆلتېكىن (685 – 732) ئاغرىپ قازا قىلغانىدى . بىلگە قاغانمۇ 734 – يىلى قازا قىلىپ كەتكەن. نەتىجىدە تاڭ سۇلالىسى قايتا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، كۆپلىگەن قارام ئەللەرنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ، تۈرك قاغانلىقىنى قايتا يىمىرىپ تاشلىغان.

غەربىي تۈرك قاغانى سۇلۇ قاغانمۇ 738 – يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، تاڭ سۇلالسى توققۇز يىلئارىنى بۇزۇش ھىلىسى ئىشلىتىپ، غەربىي تۈركلەرنى تولۇق پارچىلاپ بولغاندىن كېيىن، 747 – يىلدىن باشلاپ گاۋ شەنزى (707 – 756) نى ئەۋەتىپ، بىپايان غەربىي تۈرك يۇرتلىرىنى بېسىۋېلىشقا باشلىغان.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركلەر زېمىنىدا قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرۇلۇپ، دانا كۆل بىلگە قادىرخان 744 – يىلى «ئۇيغۇر خاقانلىقى» نى ئېلان قىلىپ، 745 – يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئۈزۈل – كېسىل ئاخىرلاشتۇرغان. دەل شۇ يىلى ئۇمەييەلەر تەختىنى مەرۋان ئىگىلەپ، ئەڭ ئاخىرقى خەلىپە بوپقالغان.

شۇنداق قىلىپ كۈچۈك خەلىپە ھىشام ئىبنى ئابدىمىلىك ئۆلگەندىن كېيىن، يەتتە يىل ئۇدا سىياسىي ۋەزىيىتى قاتتىق داۋالغۇپ كەتكەن ئۇمەييەلەر سۇلالىسى 750 – يىلى 25 – يانۋار بىراقلا ئاغدۇرۇلۇپ، تۈركلەرنىڭ تەسىرى ۋە ھىمايىسى ئاستىدىكى مەشھۇر ئابباسىيلار سۇلالىسى (750 – 1258) قۇرۇلغان***.

تۈرك – ئىسلام دۇنياسىغا زادى نېمە بولدى؟

مىلادى 719 – يىلى ئادىل خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز تارىخقا يېزىلغۇدەك مۇنۇ پەرمانى بىلەن ھازىرقى تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قاراپ باقساقلا، دۇنيادا ھەقىقىي لاياقەتلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىنمۇ شەك قىلماي تۇرالمايمىز:

«قارلىق تاغلارغا بۇغدايلارنى چېچىڭلار! ئەگەر بىزنىڭ تەۋەلىكتىكى قۇشلار دان ئىزدەپ شەرقىي رىم تەۋەسىگە كىرسە، رۇملار خەلقىگە* مانا كۆردۈڭلارمۇ؟ مۇسۇلمانلار ئېلىدىكى قۇشلارمۇ دۆلىتىمىزگە كېلىپ، جېنىنى باقىدۇ ..* دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ، خەلقىنى ھەق دىندىن سەسكەندۈرۈپ توسۇپ قويىدۇ».

ھەلەب ۋە ھومۇس ۋالىيلىرىغا بۇيرۇق!

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، 719 – يىل ئاخىرى (قىش)

دەمەشىق

(يەنى ھەر جەھەتتە خوشنا ئەللەرگە ناچار تەسىر بەرمەسلىك ۋە ئىسلامنىڭ شەنىگە قىلچىلىك داغ چۈشۈرۈش ۋەقارىلاشقا سەۋەپ بوپقالماسلىق ئۈچۈن شۇنچىلىك يىراقنى كۆرۈپ ئىنچىكە تەدبىر ئالالىغان. ئەمما بۈگۈن ئىسلام نامىدىن قىلىنىۋاتقان ناچارلىقلار، جىنايەتلەر ۋە قالاقلىقلار باشقىلارنى بۇ دىندىن سوۋۇتماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشىغا قاراپ، باشقا ئىنسانلار ھەقدىندىن شۇنچە سەسكىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ۋابالى كىمگە بولار؟).

مەزكۇر خەلىپە ئۆمەر ئانا تەرەپتىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ «سۈت ساتقۇچى كېلىنى» دىن تۇغۇلغان لەيلا خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، لەيلا خانىم كېيىنچە ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىكى ئابدۇلئەزىزگە ياتلىق بولغان. ئابدۇلئەزىز ئۇمەييەلەرنىڭ داڭلىق خەلىپىسى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، پەۋقۇلئادە خەلقسۆيەر ۋە ئادالەتپەرۋەر كىشى ئىدى. شۇڭا سۇلايمان ئابدۇلمەلىك (715 – 718- يىللاردىكى خەلىپە) (زالىم ۋە قانخورقۇتەيبە ۋە ئۇنىڭ باشلىقى قان ئىچەر ھەججاج زالىم تەرەپدارلىرىنى يوقاتقان خەلىپە) ئۆلۈش ئالدىدا، ھاكىمىيەتنى قېرىنداشلىرىغا ئەمەس، بەلكى «ئىككىنچى ئادىل ئۆمەر فارۇق» دەپ ئاتالغان جىيەنى ئۆمەرگە ھاۋالە قىلغان. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز 717 – يىلدىن 720 – يىلى 4 – فېۋرال زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگىچە بولغان ئىككى يېرىم يىل ئىچىدىلا غەرپتە ئىسپانىيەدىن شەرقتە غەربىي تۈركىستانغىچە سوزۇلغان غايەت زور دۆلەت تەۋەسىدە زاكات قوبۇل قىلىدىغان ئادەم قويمىغان. دۆلەت خەزىنىسى توشۇپ كەتكەندە، بارلىق تويلۇق ۋە باشقا چىقىملارنى خەزىنىدىن چىقىرىپ، بارلىق بويىغا يەتكەن ئوغۇل – قىزلارنى ئۆيلەپ قويۇپ، تارىختا ئىككىنچى قېتىم كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھمىيەتلىك ئۈلگە كۆرسىتىپ، قىسقىلا ئىككى يېرىم يىللىق ئادالەتلىك ۋە پاراۋانلىق دەۋرنى يارىتىپ، بىمەھەل ۋاپات بولغانىدى.

بىر قىسىم ۋەقەلەر ۋە ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:

1. خەلىپە ھىشامنىڭ بىلگە قاغانغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇسۇلمان بولۇشقا ئۈندىشى

خەلىپە ھىشام دەسلەپكى دەۋرىدىلا يىراق ئۆتۈكەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىلگە قاغان بىلەن ئىنىسى كۆلتېكىن نىمۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغان. بىراق ئاكا – ئۇكا ھۆكۈمران بۇ تەكلىپنى سىلىق رەت قىلغان. ئەلچىلەر 731 – يىل ئاخىرى ئۆتۈكەندىن قايتىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسى كۆلتېكىن 732 – يىلى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قازا قىلغان. بۇ ئازاپقا چىدىمىغان بىلگە قاغانمۇ 734 – يىلى ۋاپات بولغان. نەتىجىدە كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىق تېز سۈرئەتتە يىمىرىلىپ، 744 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئەڭ ئاخىرقى كۆكتۈرك قاغانى ئۆزمىش قاغاننى يوقىتىپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە تەۋەسىنى تەسەررۇپىغا ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلار شۇ يىلدىن بېرىتاكى 840 – يىلغىچە شىمالىي ئاسىيا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ يېگانە خوجىسىغا ئايلاندى.

2. غازى ئابدۇراھمان غافىقىي

732 – يىلى 21 – ئۆكتەبىر جەڭگاھتا شېھىت بولغان ئابدۇراھمان غافىقى ئەسلىدە مىلادى 670 – يىللىرى شىمالىي ئافرىقىنى ئۇمەييەلەر سۇلالىسىغا قوشقان داڭلىق ساھابە ئۇقبە ئىبنى نافى (622 – 683) نىڭ ئوغلىئەبۇ ئۇبەيدە ئوغلى ھەبىبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ 10 – بوۋىسى فىھرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبى بىلەن تۇتىشاتتى. ئابدۇراھمان جەڭدە شېھىت بولۇپ، كارل مارتېل شىمالغا، مۇسۇلمانلار جەنۇپقا چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ، ئۆز تەۋەسىنى ئىدارە قىلغان.

3. شېھىتلەر گۈلىستانى ئۇرۇشى

ئۇمەييەلەر قوشۇنى 732 ـ يىلى ئىسپانىيىدىن ھالقىپ، فرانسىيىگە يۈرۈش قىلغان. پارىژغا يېقىنلاپ قالغاندا، كارلمارتېل زور قوشۇن بىلەن يېتىپ كېلىپ، شىددەتلىك جەڭ بولۇپ، مۇسۇلمانلار قوماندانى ئابدۇراھمان شېھىت بولۇپ، قوشۇن مەغلۇپ بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شېھىت بوپكەتكەن مۇسۇلمانلار كۆپ بولغاچقا بۇ جەڭگاھ «شېھىتلەر بوستانلىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ جەڭ 732 ـ يىلى 10 ـ ئۆكتەبىر يۈزبەرگەن. مۇسۇلمانلاردىن 20 مىڭ ئەسكەر، فرانكلاردىن 15 مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان.

غەرپ تارىخشۇناسلىرى بۇ ئۇرۇشنى ياۋروپادا خرىستىئان دىنىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان مۇھىم ئۇرۇش دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي يۈرۈشى بوپقالغان. بۇ مۇھىم ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى چېگرا بولۇپ قالغان. كارل مارتېلمۇ غايەت زور غەنىمەتكە قانائەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق قوغلىماستىن ئۆز دۆلىتىگە چېكىنىپ كەتكەن.

4. ئابباسىيلار سۇلالىسى خەلىپىلىكى

ئابباسىيلار ئىنقىلابى مىلادىيە 747-يىلى خۇراساندىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەرەب ئۇمەييەلەر خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەبۇلئابباس ساففاھ مىلادىيە 749-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ھەتتا ئۇمەييە ھاكىمىيىتى شامدا ئاغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىراقتىكى داڭلىق كۇفە مەسچىتىدە خەلىپە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

ئىككى ئايدىن كېيىن، يەنى 750 – يىلى 25 – يانۋار ھەر ئىككى قوشۇن بۈيۈك زاب دەرياسى قىرغىقىدا (ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىدا) ئۇچراشتى. ئۇرۇشتا ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانى ئۇمەييەلەرنىڭ ئەڭ سەرخىل 120 مىڭ ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئۇمەييە ھۆكۈمدارى مەرۋان ئىككىنچى مەغلۇب بولۇپ، قوشۇنى ئابباسىيلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مەرۋان II نىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى غەرپكە قېچىش ئىدى.

ئۇ سۈرىيە ئارقىلىق جەنۇبقا كۆچۈپ، قىلچە پاناھلىق تاپالماي مىسىرغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ تاشلاپ كەتكەن سۈرىيەنىڭ يېزا -بازارلىرى «ئابباسىيلار» غا بوي سۇندى، پەقەت دەمەشىقلا قارشىلىق كۆرسەتتى. مىسىردىكى بۇسىردا، مارۋان ئاخىرى قالغان كىچىك قوللىغۇچىلىرى بىلەن تۇتۇلۇپ، 750-يىلى 06-ئاۋغۇستتا ئۆلتۈرۈلگەن، بېشى ئەبۇل ئابباسقا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.

750 – يىلى 25 – يانۋاردىكى مەزكۇر ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش ئابباسىيلارنىڭ ئىراقتىكى ۋە غەرپتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسا، 751 – يىلى 27 – ئىيۇلدىكى تالاس ئۇرۇشى مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى زورايتقان. تولىمۇ ئەپسۇس، ئاكىسى ساففاھ ئورنىغا چىققان مەنسۇر دۆلەت ئاتىسى ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ كېتىۋاتقان ئىناۋىتىدىن قورقۇپ، سۇيقەست بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابباسىيلارنىڭ قىرىق يىللىق داۋالغۇش دەۋرى باشلانغان.

5. ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ۋە تالاس ئۇرۇشى

مىلادى 747 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، غەربىي تۈرك قاغانلىقى ۋە ئەرەب ئۇمەييەلەر خەلىپىلىكىدە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تۆت مۇھىم ھادىسە يۈز بەردى. ئالدى بىلەن ئۆتۈكەندە كۆل بىلگە قادىرخان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئوغلى «بايانچۇر قاغان (747 – 759)» چىقتى. فېۋرالدا خۇراساندا تۈرك قانلىق ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانى ئۇمەييەلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ، 750 – يىلى يانۋاردا 89 يىللىق ئەرەب ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى قۇرغۇچىتۆھپىكار بوپقالدى.

ئاپرىلدا گاۋ شەنزى ئەسكەر باشلاپ چىقىپ، تۇرپان – قۇمۇل، تارىم ۋادىسىنى قانغا بوياپ، 750 – يىلغىچە ئالتايدىن تالاسقىچە، بالقاشتىن تاشكەنتكىچە، كەڭسۇدىن كەشمىرگىچە بولغان بىپايان غەربىي تۈرك زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان.

ئەندۇلۇستا (ھازىرقى ئىسپانىيە) مۇسۇلمان ئاۋام مەرھۇم ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى يۈسۈپ ئابدۇراھماننى (711 – يىلى تۇغۇلغان. 747 – يىلى فېۋرالدا ئەندۇلۇس ھۆكۈمدارى بولغان. 759 – يىلى قازا قىلغان. ئۇ بايانچۇر قاغان بىلەن تەڭ تەختكە چىقىپ، تەڭ ۋاپات بولغان) نى ئەمىر قىلىپ سايلىغان. كېيىنچە ئۇنىڭ ئەۋلادى ئابدۇراھمان ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇخان بىلەن بىللە غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، پولشا – گېرمان چېگرىسى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا قەدەر بارغان.

750 – يىلى بايانچۇر قاغان ئەسلىدىكى سابىق شەرقىي تۈرك قاغانلىقىغا قاراشلىق بارلىق ئەللەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، قارلۇقلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، غەربىي تۈرك ئەللىرىنىڭ بىر قىسمىنى بېقىندۇرغان. دەل شۇ يىلى گاۋ شەنزى تاشكەنت شاھىنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ، ھېساپسىز بايلىقلارنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ قەتلىئام مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئابباسىيلار بىلەن يېقىنىلىشىپ، يۈز يىللىق ئەرەب / تۈرك دۈشمەنلىكىنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. تاشكەنت شاھزادىسى باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ئابباسىيلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى ئەبۇ مۇسلىمغا بەيئەت قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان. ئۇلارنى ھىمايە قىلىش قوشۇنى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، گاۋشەنزى 751 – يىلى 70 مىڭ مۇنتىزىم خىتاي – تىبەت ئەسكىرى ۋە 30 مىڭدەك قارلۇق ياللانما ئەسكىرى بىلەن تالاسنى قورشىۋالغان.

ئەبۇ مۇسلىم قابىل سەركەردىسى زىيادنى سەر خىل قوشۇن بىلەن ئەۋەتىپ، 27 – ئىيۇلدىن 4 – ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلغان «تالاس ئۇرۇشى» دا تاڭ سۇلالىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى تەڭرىتاغلىرىغا قەدەر قوغلىۋەتكەن. ئارقىدىنلا تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىدىكى بىر نەچچە خانلىقىمىز تاڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى سەددىچىندىن كىرگۈزۈۋەتكەن. 756 – يىلى ئۆڭلۈك – سۆيگۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنى بىر مەزگىل ئاغدۇرغان. ئۇيغۇر قاغانلىقى تەلەپكە بىنائەن ئەسكەر چىقىرىپ، بۈيۈك تاڭ خانلىقىنى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان بايانچۇر قاغانغا ئەل بولغان قارلۇقلار ئالتايدىن ئېشىپ، ئىلى ئارقىلىق ئىسسىق كۆل بويلىرىغا قېچىپ كېلىپ، شۇ يىلى «قارلۇق خانلىقى» نى تىكلىگەن. ئوغۇزلارمۇ كاسپى دېڭىزىدا «ئوغۇز يابغۇلۇقى» نى قۇرغان. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىمىغان. بەلكى 2 – 3 – دەرىجىلىك مەنسەپ نامى بولغان «يابغۇ» نامىنى قوللانغان.

نەقىل مەنبەسى:

1. ئىسلام ئىنىسكلوپىدىيىسى

2. تۈرك ئىنسىكلوپىدىيىسى

3. ئۇيغۇر يىلنامىسى

4. ئەرەبلەرنىڭ ئۈچ قىتئەدىكى غازات تارىخى

2021 – يىلى 4 – فېۋرال، پەيشەنبە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top