You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » سادىر پالۋاندىن غۇلجا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قەدەر ئىككى ئەسىرلىك قىسمەتلىرىمىز

سادىر پالۋاندىن غۇلجا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قەدەر ئىككى ئەسىرلىك قىسمەتلىرىمىز

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

«قىلىچنىڭ دەستىسىنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىغانلار ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ».

1. ئىمام شامىل ۋە كاۋكاز خەلقىنىڭ چاررۇسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى ھەرىكىتى بىلەن سادىر پالۋان ۋە قەيسەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ – ئورۇس ئىتتىپاقىغا قارشى كۈرەشلىرىدىكى بەزى نازۇك بايانلار

«سادىر دەپ ئېتىم يامان، 15 ياشتا ئاتالغان. دەسلەپتە تۇتۇلغاندا قۇمۇل خانغا پالانغان.» – سادىر پالۋان (1798 – 1871)

«ئىشغال قىلىنغان ۋەتەننى سۈلھى بىلەن قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى تالقانلاپ قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ.» – ئىمام شامىل (1797 – 1871)

1871 – يىلى 4 – فېۋرال كاۋكازلىق داڭلىق دىنىي پېشۋا، چاررۇسىيەنىڭ كاۋكازغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كاۋكازلىقلارنى قوراللىق كۈرەشتە يېتەكلىگەن 3 – ئىمام، مىللىي قەھرىمان ۋە دىنىي ئالىم ئىمام شامىل ۋاپات بولغان. (ئىمام مۇھەممەد شامىل پۈتكۈل كاۋكاز خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، 1835 – يىلدىن 1859 – يىلغىچە چاررۇسىيىنىڭ كاۋكازغا تاجاۋۇز قىلغان ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان. 35 يىل ئۇرۇش قىلغان. 25 يىل باش قوماندان بولۇپ، ئورۇسلارنى ئۇتۇقلۇق توسۇپ قالغان.

1856 – يىلى قىرىم ئۇرۇشىدىن كېيىن، يېڭى چار پادىشاھ كافكازغا 150 مىڭ كىشىلىك زامانىۋىي رۇس ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، كاۋكازغا قايتا تاجاۋۇز قىلغان. ئىمام شامىل ئاددىي قوراللار بىلەن زامانىۋى ۋە مۇنتىزىم زور كۆلەملىك رۇس قوشۇنىنى 4 يىل بىر قەدەممۇ ئالدىغا ماڭغىلى قويماي توسۇۋالغان. رۇسلار 1859 – يىلى ھىيلە ئىشلىتىپ، ئىمامنى ئەسىر ئالغان. چار پادىشاھ بۇ كىشىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدى. چار پادىشاھ ئىمامنى ساق ئون يىل يېنىدا نەزەربەند قىلغان. 1869 – يىلى چار پادىشاھ قەھرىمان ئىمامدىن قانداق تەلىپى بارلىقىنى سورىغاندا، ئىمام ئاخىرقى ئۆمرۈمنى پەيغەمبىرىمىز يېنىدا ئۆتكۈزسەم دېگەن. نەتىجىدە چارپادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپ قويغان. ئىستانبۇلدا سۇلتان ئابدۇلئەزىزخاننىڭ بىۋاستە كۈتۈۋېلىشى ۋە كاتتا مۇراسىمىغا مۇيەسسەر بولغان ئىمام ئىستانبۇلدا ئۇزاق تۇرمايلا 1870 – يىلى مەدىنىگە قاراپ يول ئالغان. ئون ئايدىن كېيىن 1871 – يىلى 4 – فېۋرال مەدىنىدە ۋاپات بولۇپ، بەقى بوستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلغان).

 

ئىمام شامىلنىڭ ۋاپاتىنى 5 – فېۋرال بىلەن قوشۇپ ئەسلىشىمىزدە چوڭقۇر تارىخىي باغلىنىش بار. ئىمام مەنسۇردىن ئىمام شامىلغىچە بولغان ئۈچ ئەۋلاد ئىمام چاررۇسىيەنى ساق يۈز يىل كاۋكازدا خورىتىپ، نەچچە ئون تۈمەن ئورۇس ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىستىلا قىلىنىشىنى ساق بىر ئەسىر كەينىگە سۈرگەن. ئەمما قوقان، بۇخارا ۋە خىۋە خانلىرى، قاچار خانلىقى ۋە ئوسمانىلار سۇلتانلىقى ئىمام شامىلغا ياردەم بەرمىگەچكە، ئورۇسلار 1864 – يىلى پۈتۈن كاۋكازىيەنى تولۇق تىزگىنلەپ «كاۋكاز ئەسكىرى ۋالىيلىقى» نى قۇرۇپ چىققان. ئاندىن 1865 – يىلدىن 1875 – يىلغىچە مەركىزىي ئاسىيادىكى قوقان، خىۋە، بۇخارا ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپلا، 1877 – يىلى ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، كاۋكازدىن ھالقىپ شەرقتىكى گرۇزىيە ۋە ئەرمەنىيە تەۋەلىرىنى ھەمدە قارس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. ھەتتا بەدۆلەتنى يوقىتىشتا زوزۇڭتاڭنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى. ئىمام شامىلنى تاشلاپ قويغاننىڭ بەدىلى ئېغىر بولدى. كاۋكازىيەنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۈز يىلدا ئاران بويسۇندۇرغان ئورۇسلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىنى ئون يىلدىلا يۇتۇۋالدى. 1867 – يىلى «تۈركىستان ئەسكىرى ۋالىيلىقى» قۇرۇلدى. 1870 – يىلى «ئىلى سۇلتانلىقى مەسىلىسى» ئافغانىستان مەسىلىسى بىلەن باغلىنىپ، ئىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئافغانىستان ساقلىنىپ قالدى.

1871 – يىلى 4 – فېۋرال ئىمام شامىل ۋاپات بولغان. شۇ يىلى 4 – ئىيۇل غۇلجا شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ سۇلتان ئوبۇلئەلاخان تەسلىم بولغان. چار پادىشاھ ئەلاخاننىمۇ ئون يىل نەزەربەند قىلىپ، ئاندىن ھەر ھالدا ۋەتىنىگە قايتىپ ۋاپات بولۇشىغا يول قويغان. ئۇ «تېرەك بۇزرۇكۋار» غا دەپنە قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئىلى سۇلتانلىقى يۇتۇۋېلىنغان. سادىر پالۋان ئاسارەتنىڭ ئەلىمىدىن 1871 – يىلى 14 – ئاۋغۇست دەرت يۇتۇپ قازا قىلغان. 1881 – يىلى فېۋرالدا مەركىزىي ئاسىيانى بۆلۈشىدىغان مەينەت «پېتىربۇرگ كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئىلى تۇپرىقى چار رۇسىيەگە تەۋە دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، ھازىرقى قالدۇق ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتىنىمىز مانجۇرلارغا قايتىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. 1996 – يىلى «چېچېنىيە مەسىلىسى» ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن باغلىنىپ، چېچېنلەر باتۇرلۇق بىلەن ئورۇسلارنى ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇپ قىلىپ ئويۇننى بۇزۇپ، 1997 – يىلى 5 – يانۋار ئورۇسلارنى ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇرلىغان. بۇ ۋەقەدىن چۆچۈپ كەتكەن باندىت خىتايلار ئالدىراپ قول سېلىپ، دەل بىر ئاي كېيىن ئۇلۇغ رامىزاندا غۇلجىنى قانغا بويىغان. چېچەنلەر رامىزاندىن بۇرۇن ئورۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، فېۋرالدا «قوش بايرام» قىلغان. ئەمما سۇيقەستلەر تورى ئىچىدىكى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئۇيغۇر خەلقى سوغۇقى جاندىن ئۆتىدىغان فېۋرالنى روزا ھېيت بىلەن ئەمەس، بەلكى «قوش ماتەم» بىلەن كۈتۈۋالغان.

2. ئورۇسلارنى ھەيران ۋە ھەۋەستە قويغان ئۈچ گىگانت باھادىر ئەزىمەت

ئەينى ۋاقىتتا رۇمېلى – بالقان، ئۇرال – كاۋكاز ۋە ئىلى – ئالتاي تۇپراقلىرىدا مەيدانغا چىققان ئۈچ داڭلىق قەھرىمان چار پادىشاھ ۋە چار رۇسىيە گېنىراللىرىنىڭ قايىللىقى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار غەرپتىن شەرققە قاراپ ئوسمانىلار گېنىرالى غازى ئوسمان پاشا، كاۋكاز بۈركۈتى ئىمام شامىل ۋە ئىلى يولۋىسى سادىر پالۋانلار ئىدى. تارىخىي تەرتىپ بويىچە ئالغاندا ئىمام شامىل 1859 – يىلى ھېچقانداق قورال – ياراقلىرى قالمىغان ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ھالەتتە توزاققا چۈشۈپ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن گېنىراللاردىن چار پادىشاھقىچە ئىمامغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەن. چار پادىشاھ ئاخىرىدا ئىمامنى ئەسىرلىكتىن ئازات قىلىپ، ئىستانبۇلغا يولغا سېلىپ قويغان. سادىر پالۋان 15 يېشىدىن باشلاپ ئىلىدا مانجۇلارنىڭ ۋەتىنىمىزنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ھەربىي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى «ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى» كۈچلىرىگە قارشى ئىنقىلابنى باشلاپ، 1867 – يىلى ياۋۇز مانجۇلارنىڭ بىر ئەسىرلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن گىگانت شەخس بولۇپ، 50 يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلىپ، يۈز يىللىق ئىشغالچى مەنچىڭ مۇستەملىكىسىنى تولۇق يوق قىلغان.

بىراق پالۋان ياشىنىپ قالغاچقا ئارىدا ئۈچ يىلغا يېقىن يۇرتىدا ئارام ئالغان. 1870 – يىلى چار رۇسىيە ئىلى سۇلتانلىقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاچقا، ياشانغان پالۋان ئوغۇللىرى بىلەن قايتا جەڭگاھقا بېرىپ، سەردار توقىلەك پالۋان بىلەن كەتمەننى مۇداپىئە قىلغان. ئورۇسلار ئۇ جايدىن پەقەتلا بۆسۈپ ئۆتەلمەي، ئايلىنىپ ئۆتۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلغان. ئاخىرىدا قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان سادىر پالۋان ئەلاخاننىڭ قورال تاشلاپ تارقىلىپ كېتىش بۇيرۇقىنى ئامالسىز ئىجرا قىلىپ، شۇنچە ئېغىر يارىدار تۇرۇپمۇ، ئورۇسلارنىڭ شاھانە مەپىسىگە ئولتۇرۇپ قايتىشنى رەت قىلىپ، يىگىتلىرى بىلەن پىيادە قايتىپ كەلگەن. 1877 – 1878 – يىللىرى بالقاندىكى بۇلغارىيەنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان غازى ئوسمان پاشا چار رۇسىيە ئارمىيىسىنى ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئاز ساندىكى قورالسىز ۋە تەمىناتسىز قالاق قوشۇنى بىلەن ئىلغار ۋە زامانىۋىي يىرتقۇچ چار پادىشاھ ئارمىيىسىنى ئەللىك نەچچە كۈن توسۇپ قېلىپ، پايتەخت ئىستانبۇلنى ئىشغالىيەتتىن، ئوسمانىلارنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالغان. ئاخىرىدا بۇيرۇق بويىچە قورال تاشلاپ، چار رۇسىيە گېنىراللىرىنىڭ ئىلتىپاتلىرىنى رەت قىلىپ، پىيادە ھالدا ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ شۇ قېتىمقى تۆھپىسى ئارقىلىق، ئوسمانىلارنى يىمىرىلىشتىن ساقلاپ قالغاندىن سىرت، 1878 – يىلى يازدا ئېچىلغان بېرلىن يىغىنىدا بىسماركنىڭ ئوسمانىلارنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇ ۋەجىدىن ئوسمان ئىمپېرىيىسى يەنە يېرىم ئەسىر ئۆمۈر كۆرەلىگەن. ئۇ ۋاپات بولغاندا ئارزۇسى بويىچە فاتىھ سۇلتان مازىرىغا دەپنە قىلىنغان. ئىمام شامىل مەدىنىدە، سادىر پالۋان ئۆز يۇرتىدا دەپنە قىلىنغان.

1881 – يىلى 24 – فېۋرالدىكى «پېتىربۇرگ كېلىشىمى»، 1945 – يىلى 14 – فېۋرالدىكى «يالتا كېلىشىمى»، 1996 – يىلى 26 – ئاپرىلدىكى «شاڭخەي كېلىشىمى» پەقەت تارىخنىڭ سىرلىق باغلىنىشلىرىدىن بىر تامچە خالاس! تالاي سىرلار بىزنى ئەسىرلەردىن بېرى زارىقىپ كۈتمەكتە. بىز ھەققىمىزنى تەلەپ قىلىشقا تەييارمۇ؟

3. سادىر پالۋان روھىنى چىللاش: ئۇيغۇر ئاياللىرى «ئەر!» دەپ يىغلايدۇ

ﺋﺎﻟﯟﺍﯕﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ،

ﻳﺎﻳﻰ ﻗﺎﻣﭽﯩﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺑﯘ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ،

ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

بىز نۆۋەتتە سادىر پالۋان روھىغا ئەڭ مۇھتاج كۈنلەردە تۇرۇۋاتىمىز. بوۋىمىز سادىر پالۋاندەك بىر ئىمپىرىيەنى ئەللىك يىل ھالسىرىتىپ زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن تەڭداشسىز باھادىر ئەزىمەتنىڭ يوقلۇقى، غېنى باتۇردەك قارام ۋە تەلۋە باتۇرلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلى بۈگۈنكىدەك باش كۆتۈرۈپ يۈرگۈسىز ئار – نومۇسلۇق كۈنگە قالدۇق. 4 – فېۋرال دۇنياۋى تاراتقۇلاردا تارقالغان خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشلىرى بىلەن 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ دەرت – ئەلىمى تەڭ قوشۇلۇپ، بىزنى تېخىمۇ ئاچچىق ئازاپقا دۇچار قىلدى.

ئۇنداقتا بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھازىرقى رېئاللىقىمىز، ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىز ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىز نېمە؟ بۇنى پەقەت تۆۋەندىكى ئىككى مىسال ئارقىلىقلا ئىشارەتلەپ ئۆتۈپ كېتىمىز. ئالدى بىلەن ئارزۇ – ئىستەكتىن كېلەيلى. ئاندىن رېئاللىقىمىزنى ۋە ھازىرقى ئەرلىك كىرېزىسنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بىر قىزنىڭ ئەسلىمىسىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، تېزدىن ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشكە، ئەرلىك روھىمىز ۋە قەھرىمانلىق ئەقىدىمىزنى قايتاتىرىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىمىز.

(1) دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ بۈگۈن

70 يىللىق تارتۇق تارىخقا،

بەردى بەك كۆپ جاراھەت-يارا.

ھەممە يېرى ئىنجىققا تولغان،

دۇنيا: -«ئەر!» دەپ يىغلايدۇ؛ قارا.

* * *

چېگرالىرى بۇزۇلغان تامام،

پىتنە-پاسات بەرمىدى ئارام.

بىر-بىرىدىن قارامدۇر خانلار،

خىيالىدا يوقتۇر ھېچ ئاۋام.

* * *

ھەر بىر دۆلەت شاھمات تاختىسى،

شاھماتچىنىڭ يوقتۇر ياخشىسى.

تېرۇرلۇقتا بەسلىشەر بىردەك،

بىر- بىرىنىڭ بوپ يالاقچىسى.

* * *

پىچىكىدۇر بىچارە پۇقرا،

دېيەلمەيدۇ-بۇ خاتا، توغرا.

بىلەلمەيدۇ ئورنىنى ھەتتا،

تىكىلگەچ ئۇ، قىماردا دورغا.

* * *

ھەق ئورنىدا تىكلەنگەچ باتىل،

نەپسى شەيتان تەڭداشسىز قاتىل.

ئۇتالمايدۇ دەۋاگەر سوتتا،

قازى كالان بولغاچقا جاھىل.

* * *

سەھنىسىدە ئايال-بالىلار،

تەڭ ئېڭرايدۇ ياۋاش ئاتىلار.

دەسسەلسىمۇ ئاچا-سىڭلىسى،

تەۋرىمەيدۇ ئەمما ئاكىلار.

* * *

ھەرئۆينىڭ بار تۇشلۇق مورىسى،

ئايرىم دۆلەت-ھەر بوسۇغىسى.

ئالەمنى سۇ باسسا چاتاق يوق،

ھۆل بولغۇچە ياتقان ئوردىسى.

* * *

ياماق سالغان چاپاندەك دۇنيا،

قان كېچىدۇ، تەلۋە-بىپەرۋا.

سۆكۈلمەكتە بەزى تېكىشلەر،

كور بىخىيدا سەكرەيدۇ ئەرۋاھ.

* * *

كەلسىمۇ گەر دىۋەيلەپ خەتەر،

چىقالمايدۇ توپلىشىپ ئەرلەر.

نېمە لەنەت ئوقۇۋاتقاندۇ؟

ئەرلىرىگە تەلمۈرگەن يەرلەر.

* * *

يەتتە قىتئە ئېڭرايدۇ تىنماي،

ئوكيانلاردا قىيان توختىماي،

كۈندۈز-كېچە، كۈن-ئاي ئۇخلىماي،

-«ئەر!» دەپ، يىغلار ئەرلەر ھېيىقماي.

* * *

ئافرىقىدا ئاچلىق ئۆلتۈرسە،

ئامېرىكىدا توقلۇق ئۆلتۈرەر.

ئاسىيادا مۇزلىغان ئەركلىك،

ياۋروپادا چوقۇم كۆيدۈرەر.

* * *

ئەرەبلەرنىڭ گېلىدا پوخاق،

بوپ تۇرسىمۇ پەلەستىن، بىراق.

مەزھەپ، ھوقۇق، مەنپەئەت غېمىدە،

ھۇجۇم قىلدى كۈۋەتكە ئىراق.

* * *

مىللەتچىلىك دەۋاسى بىلەن،

خەلىپىنى يىقىتقان ۋەتەن.

بولۇپ كەتتى يىگىرمە نەچچە،

يوقالمىدى دۇنيادىن ئەجەم.

* * *

دىن ۋە مىللەت، ئىنسانلىقنى قوي!

ئەركەكلىكتىن سۆزلەيلى بىردەم.

ئۆلتۈرۈلدى سانسىز بىگۇناھ

دۇنيا بۈگۈن ئەرلەرنىڭ ئىكەن.

* * *

ئىنسانپەرۋەر دەۋاسى بىلەن

ئىنسانلارنى قىرغان كىم ئىكەن؟

ئىسرائىللەر بىر بەڭۋاش-لۈكچەك،

باشقىلارنىڭ بىر نېمىسى كەم!

* * *

ئوتتۇرا شەرىق دۇنيا كۆزىدە،

ئېغىز-قۇلاق ئۇنىڭ سۆزىدە.

مىيدىئالار لومپا ئەينەكتە،

تىمىسقىلار كۈندۈز-كېچىدە.

* * *

قىل تەۋرىسە بولىدۇ ئاشكار،

تارقىلىدۇ ئالەمگە تەكرار.

يىغىسى چىڭ ئۇششۇق بالىدەك،

ئوتتۇرا شەرىق توۋلايدۇ ۋار-ۋار.

* * *

بەزى يەرلەر ئاجايىپ تىمتاس،

قاتلانسىمۇ چىقارمايدۇ قاس.

ئېمىزگىسى كەتسىمۇ تېشىلىپ،

سۈكۈتىگە قىلىدۇ ئىخلاس.

* * *

يوق ئەمەس كۆپ، بەستى كېلىشكەن،

ئاتىلار ھەم ئاكىلارمۇ ھەم.

داستىخاندا بەسلەشكەن بىلەن،

ئەل ئىشىدا ئەركەكلىگى كەم.

* * *

بەزى يەردە پۇرۇخ ۋە تۈتۈن،

بەزى يەردە ئاڭ بۇزۇق پۈتۈن.

تولا توۋلاپ بوغۇلسىمۇ ئۈن،

دۇنيا: -«ئەر!» دەپ يىغلايدۇ بۈگۈن.

* * *

يەتتە قىتئە ئېڭرايدۇ تىنماي،

ئوكيانلاردا قىيان توختىماي.

كۈندۈز-كېچە، كۈن-ئاي ئۇخلىماي،

«ئەر!» دەپ، يىغلار ئەرلەر ھېيىقماي.

* * *

«ئەر!» دەپ، يىغلار قىزلارمۇ تىنماي،

«ئەر!» دەپ، يىغلار دۇنيا چىدىماي.

* * *

ئەھمەد قەشقەرىي

2009‏-يىلى 13‏-يانۋار گوللاندىيە

(2) ۋىجدانسىز مۇرەسسەچىلىك

بولۇۋاتقان ۋىجدانسىزلىق ۋە مەيدانسىزلىققا قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن، كۆڭلۈم قاتتىق بۇزۇلغان بولسىمۇ، بەك ھەيران قالمىدىم. بۇ خىل ئاچچىققا مەنمۇ ئىككى قېتىم دۇچار بولغان. بىرىنجىسى ئون يىلنىڭ ئالدىدا، شۇنچە جامائەت ئالدىدا، بىر نومۇسسىز ئەبلەخ بىر سائەت مىللىتىمىزنى ھاقارەت قىلغان، “شەرقى تۈركىستان” دەڭ دېگىنىم ئۈچۈن، مېنى ۋە بارلىق سىياسى ئاكتىپلارنى “ئاقماس سىياسى پاراڭ بىلەن تىجارىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش” بىلەن ئەيىپلەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز تىل بىلەن ھاقارەتلىگەن، “دۇنيادا نەدىمۇ تۈركىستان دەپ بىر يەر بار؟ خەرىتىدە شىنجاڭ دەپ يەر بار، ئىسمى شىنجاڭ، جوڭگونىڭ يېرى” دەپ كاكىرىسا، ئولتۇرغان 20 ئۇيغۇر ئەردىن بۇ ئىپلاسنىڭ گېلىنى سىقىپ، قوڭىغا تېپىپ، شۇ ئۇيغۇر سورۇنىدىن ھەيدەپ چىقىدىغان بىر ئەركەك چىقمىغان. ئولتۇرغان شۇ ئەرلەرنىڭ 90 پىرسەنتى سىياسى پاناھچىلار ئىدى، مەن ۋە بىر – ئىككىمىز تېخى ئوقۇغۇچى ئىدۇق. شۇ كۈنى ئازراق گۇمپا ئۆگىنىپ قويمىغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلغان ئىدىم. ئون يىل ئۆتكەندىن كېېين بولسا، دەۋادىن تىجارەت پۇرسىتى كۆرگەن بۇ ئەبگاھ ئۆزىنى كۈرەشچى دەپ بىر تونۇشتۇرسا، دەۋا نەمۇنىلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا ھەتتا بىر مەزگىل تازا تونۇشتۇرۇلغان. موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە دەپ، يېتەرلىك پايدا چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يوقاپ كەتتى. جامائەتمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك، باشقا ئىشقا، باشقا ئادەملەرگە ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى. مانا بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خاراب ھالىمىز.

بۇلتۇرمۇ بىر ۋاتىساپ توپىدا بەش-ئالتە ئەر بىرلىشىپ، ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر رايونىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ۋە يېڭى تور بېتىمىزگە ۋاقىتلىق كۆچۈرۈپ ئەكىلىنگەن تېكىستتىكى “چىن تۈركىستانى” سۆزىنى قىزىل بوياپ، مېنى 72 سائەت مەخسۇس تارتىپ چىقىرىپ پىپەن (سازايى) قىلسا، ماڭا ئارتمىغان جىنايىتى، مەن بىلمەيدىغان گۇناھلارنى كەشىپ قىلسا، ئۇلارغا لىللا گەپ قىلىپ، تاناۋىنى تارتىدىغان تۈزۈك ئادەم چىقمىغان. ھەتتا مېنىڭ بىر يىل يول مېڭىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فىرانسۇز ۋەتەنداشلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىنىممۇ بىر جىنايەتكە ئايلانغان. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سودا مۇئامىلىسى ۋە خېرىدارى خىتايلار بىلەنلا بولاتتى. جامائىتىمىزنىڭ بىر قىسمى قارشىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن توپتىن چىقىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىرقىسمى ماڭا ئايرىم خەت يېزىپ قوللىشىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئوچۇق-ئاشكارا ئۇلارغا مېنى قوغداپ گەپ قىلالىغان تۈزۈك ئىنسان بولمىغان. مەن نەق مەيدانلىقى بار دەپ ھېچ ئويلاپ باقمىغان ئىككى – ئۈچ ئاددىي ئادەم رەددىيە بەرگەن. مانا بۇ بىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىمىز.

بۇ بىزدىكى ئومۇمىي ئەھۋال. بىزدىكى مۇرەسسەچىلىك ئېڭىغا يوشۇرۇنۇۋالغان لاتىلىق. مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەشتىن قورقۇش، “ھېچكىمگە يامان بولماسلىق” بۇ ئومۇمىي پىرىنسىپقا ئايلانغان. بۇ خىل پوزىتسىيە بىلەن ۋاقتى كەلگەندە، ئادەملىرىمىز كۆرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن كاپالەتكە ئىگە بولسىلا، بىزنى خىتاينىڭ ئالدىدا قۇربان قىلىۋېتىپ، يەنە ھاياتىنى داۋام قىلالايدۇ. شۇڭا بۇ خىل “ۋىجدانسىز مۇرەسسەچىلىك” ئۆزگىرىشى كېرەك. بولمىسا، ئالدىدا ماڭىدىغان، ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان ئادەم قالمايدۇ. (بۇ بىر ئابزاسنى ئوبدان ئويلىنىپ، ئەجەللىك ئاجىزلىق ۋە شەرمەندىلىككە خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك).

– دىلنۇر رەيھان، 2020 – يىلى 15 – يانۋار، فىرانسىيە

ئاخىرىدا مەرھۇم سادىر پالۋان ۋە ئىمام شامىل ۋاپاتىنىڭ 150 يىللىقىنى، شۇنداقلا غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 24 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بارلىق نامسىز قەھرىمانلىرىمىزنى كۈچلۈك قايغۇ – ھەسرەت ۋە يۈكسەك ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز! ئۇلۇغ ئاللاھ ئانا ۋەتەندە شېھىت بولغانلارغا يۈكسەك مەرتىۋە، چەتئەلدە ھاياتقالغانلارغا ئار – نومۇسنى يۇيۇش پۇرسىتى ئاتا قىلسۇن! سادىر پالۋان روھى ئارقىلىق قۇل مىجەزىمىزنى ئوڭشاپ، شۇم قىلىقلىرىمىزدىن پاكلىسۇن!

2020 – يىلى 5 – فېۋرال، قايغۇلۇق چارشەنبە

2021 – يىلى 5 – فېۋرال. ماتەملىك جۈمە.

ئەسكەرتىش: تەكرار تۈزىتىپ ۋە بېيىتىپ تەييارلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top