You Are Here: Home » ئانا تىل » ئەلىشىر نەۋائى ھەققىدە ئەسلەتمە

ئەلىشىر نەۋائى ھەققىدە ئەسلەتمە

سايرام ئوغلانى

ئىلاۋە: ئەلىشىر نەۋائى «ئۇيغۇر – تۈرك ئەدەبىياتنىڭ چىڭگىزخانى» دۇر.

«مەن تۈرك ئەدەبىياتى بايرىقىنى تىكلەش ئارقىلىقلا بارچە تۈرك قەۋملىرىنى بىر مىللەت قىلالىدىم. گەرچە مەن ئەسكىرى بار ھەربىي قوماندان بولمىساممۇ، بىراق دىۋانىم ئارقىلىقلا تەبرىزدىن سەددىچىنگىچە بولغان بىپايان تۇران زېمىنىنى قەلەم بىلەنلا بويسۇندۇردۇم».

– مىر ئەلىشىر نەۋائى ئىبنى غىياسىددىن (1441 – 2 – 9 / 1501 – 1 – 3)

قاراخانىلار ۋە قارا رەڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەسلىتىپ تۇرغان نەۋائى

قارا رەڭنى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان. 15-ئەسىردىكى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «سەببەئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) داستانىدا:

قارا رەڭ ئېلگە تاجۇ تەرەكتۇر،

كىم قارا رەڭ ئىچرەدۇر مۇبارەكدۇر.

يەنى قارا رەڭ ئەلنىڭ بېشىغا تاج ھەم تىرەكتۇر، كىم قارا رەڭ ئىچىدە بولسا مۇبارەكتۇر، دېگەن مىسرالارنىڭ بارلىقى مەلۇم. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ شان-شەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قارا چۈشەنچىسى كېيىنكى چاغلاردا تامامەن باشقا مەنالارنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، نەۋائىيغا ئوخشاش ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەدىر قىممىتىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن يەنىلا ئەسلى خاسىيىتى بىلەن ياد ئېتىلىپ تۇرۇلغان.

1. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئۇلۇغ شائىر، ئالىم، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەلىشىر نەۋائىي (1441 – 1501) ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا ئۆز ئانا تىلىدەكلا سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يازغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىنى شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى» بىلەن يازغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە «خەمسە» سى ۋە غەزەللىرىدىن باشقا، تىل – ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ۋە باشقا تېمىلارغا دائىر «مەجلىسۇن – نەفائىس» («گۈزەللەر مەجلىسى»)، «مۇھاكىمەتۇل – لۇغەتەين» («ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە»)، «مەنتىقۇت – تەير» («قۇشلار تىلى») قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى مىلادى 1441– يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بۈگۈن ئەلىشىر نەۋائىي ۋاپاتىنىڭ 500 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىز شۇ مۇناسىۋەتتە دۇنياغا زور تەسىر قوزغىغان شېئىرىيەت ئالىمىنىڭ يېگانە ساھىبى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ھازىرغىچە ئەۋلادلارغا ئىجىل ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بىزگە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان بۈيۈك ئەسەرلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنىنى سۆيۈنۈپ تونۇشتۇرماقچىمىز.

ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى تېمۇرىيىلار سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئوبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى. تارىخىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىننى «ئۇ ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دەپ پۈتۈلگەن.

ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500 مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ، شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھېچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس. نەۋائىي ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، «تارىخىي رەشىدىي» دە ئېنىق قىلىپ «مىر ئەلىشىرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن تۇرۇر. ئاتاسىنى كىچىككىنە باخشى ئاتار ئەردىلەر» دېيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر نەۋائىينى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.

ئەلىشىر 12–13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيەسىدە بولغان. 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلىشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىب قىران ھۈسەيىن باھادىرخان، 1469–يىلى ھىراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505–يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىر مۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456–يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457–يىلى بابۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن. نەۋائىي مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى، ئەرەب ۋە شەرق ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. جۈملىدىن ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نىزامى گەنجىۋى، خۇسراۋ دېھلەۋى، ئاتايى، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ، پارس ۋە تۈركىي تىللاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. شۇڭلاشقا ئۇ «زۇللىسانەين» (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئىرلىرىغا «نەۋائىي» (ناۋا قىلغۇچى)، پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا «فانى» (ۋاقىتلىق، يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە) دەپ تەخەللۇس قويغان.

ئەلىشىر نەۋائى «خەمسە» چىلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، «خەمسە» پېشۋالىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئەڭ بۇرۇن خەمسەنى ئانا تىلى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، خەمسەنىڭ ئىلگىرى پەقەتلا مەيدانغا كەلمىگەن ئەڭ يېڭى تىپىنى ياراتقان. شائىرنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ئىچىدە، «خەمسە نەۋائىي» ناملىق يىرىك ئەسىرى، خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە قويۇلغان ياقۇتتەك ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دۇنياسىنى چاقنىتىپ، جاھان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى جۇلالاندۇرغان.

ئەلىشىر نەۋائى 15-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ھەممىدىن بەك كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق شائىر مۇتەپەككۇر ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆمرىدە تۈرلۈك تېمىلاردىكى شېئىر-نەزمىلەرنى، تەرجىمىھال ۋە ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىن 30 نەچچىنى يېزىپ چىقىپ، ئەۋلادلارغا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇردى ھەمدە خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ تەسىر پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ شېئىر-نەزمىلىرى شۇ دەۋردىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى قاماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتىكى يۈكسەك غايىنى مەدھىيەلىدى.

ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاھالەتچىلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىپ ئادىمىيىلىكنى ئازاد قىلىشنىڭ يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مىرزا ئۇلۇغبەگنى دەھرى دەپ تۆھمەت قىلىپ ئۆلتۈرگەن قارا نىيەت دىنىي پىرقىلەر ۋە ئازغۇن دىنىي كىشىلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغان ئەقلىيە سۆزلىرى ھازىرغىچە ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇنىڭ تەسىرلىك شېئىر-مىسرالىرى ھازىرغىچە مۇقام تېكىستى قىلىنىپ ئېيتىلماقتا. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىتتىپاقلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئىنسانپەرۋەرلىك، غەمخورلۇق، تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بەدىئىيلىك جەھەتتە، ئۇيغۇر شېئىرىيەتچىلىكىنىڭ بەدىئىي تۈسى گەۋدىلىنىپ، مىللەت، رايون، دىنىي ئېتىقاد ھالقىغان ئىستېتىك قاراش ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ئىلمى، تىلشۇناسلىق، ئېتىكا ۋە پەلسەپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قامۇس بولۇپ، دەۋر ئەھمىيىتىگە ھەم مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بولدى.

ئەلىشىر نەۋائى گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ، *** ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501-يىلى 1–ئاينىڭ 3–كۈنى 60 يېشىدا ھىراتتا ۋاپات بولغان.

2 . ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەت

تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈردىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋلادلىرى داۋاملىق مەركىزىي ئاسىيانىڭ خوجىلىقىنى تالاشتى. ئاقىۋەت ھەر ئىككى تەرەپ ئاجىزلاپ، دەشتى قىپچاقتىن باستۇرۇپ كەلگەن ئۆزبېكلەرگە ئورۇن بوشىتىپ، ماۋرائۇننەھىر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاساسلىق كۈچىنى تارىم ۋادىسى ۋە ھىندىستانغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ جەرياندا ئۇلار شايبانىخانغا قارشى يېڭى قۇرۇلغان سافاۋىلار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى.

سافاۋىلار خانلىقى ئەسلى مىلادى 1501 – يىلى ئەسلىدە ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن كېلىپ چىققان سوپىزىم پېشۋاسى شەيخ سافاۋىنىڭ 5 – ئەۋلادى شاھ ئىسمائىل تەرىپىدىن تەبرىزدە قۇرۇلغان شىئە مەزھىپىدىكى ئەزەربەيجان تۈركلىرى قۇرغان سەلتەنەتلىك خانلىقتۇر.

1502 – يىلى شىئە مەزھىپى رەسمىي دۆلەت مەزھىپى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇ دەسلەپكى بەش يىلدا ئىران، ئىراق، كۇردىستان، ئەزەربەيجان ۋە شەرقىي ئاناتولىيەگە بەگ بولۇۋاتقان ئاق قويچىلار ۋە قارا قويچىلارنى يوقىتىپ، تەسىرىنى غەرپتە ئوسمانلى زېمىنىغىچە، شەرقتە تۆمۈرىيلەر دۆلىتىگىچە كېڭەيتكەن. يۇنۇسخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان مەھمۇدنى ئالداپ سەمەرقەندنى ئالغان شايبانىخان، 1507 – يىلى ھېراتنى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋاملىق غەرپكە كېڭىيىپ، شاھ ئىسمائىل بىلەن توقۇنۇشقان. مۇشۇ شايبانىخاننىڭ كاساپىتى تۈپەيلى ئەلىشىر نەۋائىي ئاخىرقى ئارزۇسى بولغان ھەج ئىستىكىنى قاندۇرالماي  ھېراتتا 1501 – يىلى ۋاپات بولغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ھۈسەيىن بايقارامۇ ۋاپات بولدى. شايبانىخان بۇ پۇرسەتتە خۇراساننى يۇتۇۋېلىپلا قالماي، ئىران تەۋەسىگە كىرىپ سافاۋىلار بىلەن تىركەشتى.

3. چاغاتايلار ۋە تۆمۈرىيلەرنىڭ يىمىرىلىپ، سەئىدىيەلەر ۋە بابۇرىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى

بۇخارا ۋىلايىتى ئەسلىدە تۆمۈرىلەر (1370 – 1501) سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ ، تۆمۈرىلەر ئاجىزلىشىپ كەتكەندە تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مەھمۇدخان شايبانىخاننى ئەۋەتىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى 1499 – يىلى قولىغا ئالغان. ئەمما شايبانىخان ماۋرائۇننەھىرنى قولىغا ئېلىپلا، مەھمۇدخاندىن يۈز ئۆرۈپ شايبانىلار خانلىقى (1499 – 1599) نى قۇرۇۋالغان. كېيىنچە ئۇ كۈچىيىپ، مەھمۇدخان ۋە ئىنىسى تۇرپان خانى سۇلتان ئەھمەدخانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تاشكەنت ۋە ئەنجاننىمۇ تارتىۋالغان. يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى بابۇر ئافغانىستانغا، جىيەنى سەئىدخان نارىن تاغلىرىغا قېچىشقا مەجبۇربولغان. ئەلىشىر نەۋائى 1500 – يىلى ھەجگە بارماقچى بولغاندا، ئاۋام شايبانىخاننىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرغان. نەۋائى 1501 – يىلى فېۋرالدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شايبانىخان ئاچكۆزلۈك بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خۇراساندىكى تۆمۈر ئەۋلادى ھۈسەيىن بايقارا ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبەسىرى ئىلگىرىلەپ ئىرانغا كىرگەن. ئەمما ئۇ 1510 – يىلى 2 – دېكابىر مەرۋىدە سافاۋىلار (1501 – 1736) خانى شاھ ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

نەتىجىدە بابۇر شاھ بىلەن سەئىدخان ئۇنىڭ ياردىمىدە شايبانىخاننىڭ قالدۇقلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت ۋە ئەنجاننى قولغا ئالغان. بابۇر شاھ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى، سەئىدخان ئەنجان بىلەن تاشكەنتنى ساقلىغان. ئەمما 1513 – يىلدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا شايبانىلار غەلىبە قىلىپ، تۇغلۇق تۆمۈر ۋە ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادلىرىنى قايتا قوغلاپ چىقارغان. بۇ چاغدا شاھ ئىسمائىل ئوسمانىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىراقتا ئەسكەر توپلاۋاتاتتى. شۇڭا سافاۋىلار بۇ قېتىم ئۇ ياردەم بېرەلمىگەن. نەتىجىدە بابۇر شاھ قايتا كابۇلغا چېكىنگەن. سەئىدخان قەشقەرگە چېكىنىپ، 1466 – يىلى تارىم ۋادىسىنى مەرھۇم تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋالغان ئەمىر مىرزا ئابابەكرىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1514 – يىلى 24 – ئاۋغۇست سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. دەل شۇ كۈنى ياۋۇز سېلىمخان شاھ ئىسمائىلنى چالدىران ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلغان.

ئارقىدىن ياۋۇز سېلىم مەملۇكىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 1517 – يىلى فېۋرالدا مىسىرنى ئىگىلەپ، خەلىپىلىكنى ئوسمانىلارغا تەۋە قىلغان. بابۇر شاھمۇ ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى ئىگىلەپ، 1515 – يىلدىن 1525 – يىلغىچە ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ، دېھلى سۇلتانى ئىبراھىم لودىنىڭ 200 مىڭ ئەسكىرىنى 40 مىڭ ئەسكەر بىلەنلا تارمار قىلىپ، 1526 – يىلى 12 – ماي موغۇل ئىمپىرىيىسى (1526 – 1858) نى قۇرۇپ چىققان.

4. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە

چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ بەرپاچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان مىر ئەلىشىر نەۋايى (1501-1441) ھەر خىل ژانىردا 30 دىن ئارتۇق چاغاتاي تۈركىي تىلىدىكى ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە تىل ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇندىكى ئەسەرلىرىدىن بىرنەچچىسى بار. مەن بۇ يەردە «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»، «مىزانۇل ئەۋزان»، «مەجالىسۇن نەفائىس» ۋە «نەسايىمۇلمۇھەببە» قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كەلتۈرەلەيمىز.

«مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) (1499-يىل)

شائىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان بۇ ئەسىرىدە ئىككى تىل، يەنى پارس تىلى بىلەن تۈرك تىلىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ، تۈرك تىلى بىلەن بەدىئىي ئەسەر يارىتىش ئىمكانىيىتىنى ئالغا سۈرگەن. بۇنىڭدا نەۋايى تۈرك تىل-ئەدەبىياتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:

ھاكىمىيەت ئەرەب ۋە سارت سۇلتانلىرىدىن تۈرك خانلىرىغا ئۆتكەندىن كېيىن ھۇلاگۇخان، سۇلتان ساھىبقىران تۆمۈر كوراگان دەۋرلىرىدىن تۆمۈر كوراگاننىڭ ئوغلى ۋە ئىز باسارى شاھرۇخ سۇلتان دەۋرىنىڭ ئاخىرغىچە سەككاكى، ھەيدەر خارەزىمى، ئاتايى، مۇقىمى، يەقىنى، ئەمىرى، گادايى قاتارلىق تۈركىي تىلىدا يازىدىغان شائىرلار مەيدانغا كەلدى. بىراق مەۋلانە لۇتفىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان پارسىيگوي شائىرلار بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان شائىرلار چىقمىدى. لۇتفىنىڭ ئەدىبلەر قېشىدا ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان بىر قانچە باشلانما بېيىتلىرى بار.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان سەككاكى ۋە باشقا تۈرك تىلى شائىرلىرى نەۋائىدىن بۇرۇنقى «ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋر» چاغاتاي تۈرك تىلى شائىرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ھالبۇكى ئۇشبۇ باياندىن قارىغاندا، نەۋايى مەلۇم مەنىدە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بىلسىمۇ، ئۇلارغا بەرگەن باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، نەۋايىنىڭ بۇ سۆزلىرى كىشىنى، ئۇ چاغاتاي تۈرك تىلىدىن بۇرۇنقى تۈرك تىل-ئەدەبىياتىنى بىلىپ كەتمەمدۇ ياكى بىلسىمۇ يۇقىرىدىكىدەك ناھايىتى تۆۋەن باھا بېرىشكە توغرا كېلىپقالامدۇ؟ دېگەندەك ئويغا سېلىپ قويىدۇ.

«مىزانۇل ئەۋزان» (1492)

تۈركىي خەلقلەر ئىسلاملاشقاندىن كېيىن پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئەجەم شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر تۈركىي شېئىرىيەتتە كەڭ قوللىنىلغان. «مىزانۇل ئەۋزان» مۇ ئارۇز ھەققىدىكى ۋەزىن رىسالىسىدۇر. نەۋايى مەزكۇر رىسالىنىڭ باش قىسمىدا بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسەتنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەجەم شېئىرىيىتى بىلەن تۈرك شېئىرىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ، تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:

«چۈن تۈركى ئەلفازى بىلە كىم نەزم ۋاقىئى بولۇپتۇر، ئاڭا زابىتائى ۋە قانۇنى يوق ئىكەن دۇرۇر. ئول فەن راۋاجى ئۈچۈن كىشى ئارۇز فەننىدە كىتابى يا رىسالەئى بىتمەيدۇر». [مىزانۇل ئەۋزان، 61]

نەۋايى ئوخشاش تەشەببۇس بىلەن باشقا جايلاردىكى ۋەزىن بىلەن شېئىر يازمايدىغان شائىرلارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك يازىدۇ.

مۇلايىم تابىلىغلار ھەر بەھر ئۇ ۋەزندە قاپىيە ماتتفاقا نەزم ئەيتۇر ئەرمىشلەر ۋە ئارۇز قائىدە ئۇ زابىستاسىدىن بىۋاقىف ئەرمىشلەر. [مىزانۇل ئەھزان. 20]

(تۈركىي تىلدا شېئىر پۈتىدىغانلار) شېئىر تالانتى بارلار قانداقلا ۋەزىندە بولسا مۇۋاپىق شېئىرلىرىدا نەزم پۈتەركەن، ئارۇز قائىدە ۋە قانۇنىيەتلىرىدىن بىۋاقىف ئېرۇرلار.

«مەجالىسۇن نەفائىس» (1491)

بۇ ئەسەر چاغاتاي تۈركىي تىلىدا پۈتۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى شائىرلارنىڭ تەزكىرىسى بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىراق ئاپتۇر دىباچىدە قىسقىچە بايان قىلغىنىدەك، بۇ ئەسەر زامانداش شائىرلار بىلەن چاغداش ئەدىبەلەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قالدۇرۇش زۆرۈرىيىتىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بولغاچقا، مۇقەررەر ھالدا قەدىمكى دەۋرلەردىكى ۋە ياكى قەدىمكى ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار كەمچىلدۇر. شۇنداقتىمۇ نەۋايى تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋر چاغاتاي تۈركىي شائىرلىرى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بار. مەسىلەن، مەۋلانە ئاتايى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قەيد قىلىنغان:

ئۆز زامانىدا شېئىرى ئاتراك ئاراسىدا كۆپ شۇھرەت تۇتتى. قافىيەسىدە ئەيبغىناسى بار، ئەمما مەۋلانە كۆپتۈركانە ئەيتۇر ئەردى، قافىيە ئېھتىياتىغا مۇقەيياد ئەمەس ئەردى.

شۇنىسى روشەنكى، بۇ يەردىكى «تۈركانە» دېگەن سۆز ئەجەم شېئىرىيىتى دېگەنگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئۇقۇمدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ۋەزىن ۋە قاپىيەگە مۇناسىۋەتلىك پارس ئارۇزىنىڭ قائىدىلىرىگە توغرا ئەگەشمىگىنى «تۈركانە» ئىدى. نەۋايى ئاتايىنىڭ شېئىرلىرىگە دەل شۇنداق باھا بەرگەن. بۇنى «مىزانۇل ئەۋزان» دىكى بايانبىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، نەۋايىنىڭ تۈرك شېئىرىيىتىگە بولغان مەيدانىنىڭ ئەجەم شېئىرىيىتىنىڭ ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى مۇھىم تەنقىد ئاساسى قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. باشتاكۆرۈپ ئۆتكەن «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دىمۇ تۈركىگوي شائىرلارغا خېلى تۆۋەن باھالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئەجەم شېئىرىيىتىنىڭ ئۆلچىمىگە توغرا رىئايە قىلغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

«نەسايىمۇلمۇھەببە» (1495-1496)

مەزكۇر ئەسەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تۈرك تىلىدا يېزىلغان دېداكتىك داستان ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ ئاپتۇرى ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مۇھىم بايانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ۋە ئانىڭ تىلى تۈرك ئەلفازى بىلە ماۋا ئىز ئۇ ناسە ئىھقا گويا ئەرمىش، بەلكى ئاق سەر تۈرك ئۇلۇسىدا ھېكمەتۇنۇقتىلارى شائى دۇر ۋە نەزم تەرىقى بىلە ئايتۇر ئەرمىش.

1444-يىلى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى زىيالىلىرىنىڭ مەزكۇر ئەسەر بىلەن ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنى تونۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بىراق يۇقىرىدىكى باياندا كونكرېت ئەسەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان، بايانمۇ قىسقا، ۋاسىتىلىك خاراكتېرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر بايان ئارقىلىق «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نى رەتلەنگەن ئەسەر سۈپىتىدە نەۋايىنىڭ بىۋاسىتە بىلىدىغانلىقىغا ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن 15- ئەسىردىكى كىشلەر ئارىسىدا، يەنى ئوردا ۋە خەلق ئارىسىدا ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ھېكمەتلىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.

بەدايىئول-بىدايە

تىل ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرۈلگەن يۇقىرىقى بايانلاردىن سىرت، نەۋايىنىڭ تۇنجى دىۋانى «بەديىئۇل-بىدايە» نىڭ دىباچىسىنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ دىباچىدە نەۋايى دىۋاننى تۈزىگۈچى شائىر سۈپىتىدە ئاۋال پارس شائىرلىرىدىن ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋى، ھافىز، جامىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

ۋە ئۇيغۇر ئىبارەتىنىڭ فۇساھەسىدىن ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغاسىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفىرەھىماھۇللاھكىم بىرىنىڭ شېرىن ئەبياتى ئىشتىھارى تۈركىستاندا بىغايەت ۋە بىرىنىڭ لەتىف غەزالىيات ىئىنتىشارى ئىراق ۋە خۇراساندا بىنىھايەت دۇرۇر، دىۋانلارى ئارادا بولغاي.

بۇ يەردىكى سەككاكى بىلەن لۇتفى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە تىلغا ئېلىنغان چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ ئاۋالقىكىلاسسىك دەۋرىگە مەنسۇب شائىرلاردۇر. بۇنىڭ بىر قىسمى چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋرى شائىرلىرى بىلەن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلايدىغانلىقى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتماقتا. بىراق بۇ يەردىكى «ئۇيغۇر، تۈرك» دېگەن ئىبارە نەۋايى ئەسەرلىرىدە تەڭ نىسبەتتە تولائۇچرايدۇ.

ئەجەم شۇئاراسى ۋە فۇرس فۇساھاسى (مىزانۇل ئەۋزان)

ئەجەم شائىرلىرى ۋە فارس ناتىقلىرى

فارس سېھر-سازلار ۋە پەھلەۋى ئەپسانە-پەردازلار (مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين)

پارس سېھىرگەرلىرى ۋە پەھلەۋى قىسسەچىلىرى

تۈرك تىلىدا…موڭغۇل ئۇسلۇبى بىلە

ۋاھالەنكى، يۇقىرىقى نەقىللەردىن ئۇيغۇر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياكى نەۋايىنىڭ بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر بىلەن باغلاش مەقسىتىدە قوللانغانلىقىنى بىلىش ناھايىتى تەس. يەنە بىر تەرەپتىن «مەجالىسۇننەفائىس» دا تىلغا ئېلىنغان شائىر سەككاكى بىلەن لۇتفىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان خاتىرىلەر كۆرگىلى بولمايدۇ. نەتىجە شۇكى، بېرىلگەن مىساللاردىن ياكى نەۋايى قەلىمىدىن ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋر چاغاتاي تۈرك شائىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە قانداقتۇر بىرەر مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان خاتىرلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

قوشۇمچە بىر قىسىم سەر خىل مەزمۇنلار:

1 . ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئانا تىل ھەققىدە

ئانا تىل ھەققىدە قەترىلەر

تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ،

يانغان ئەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.

يارالمىش قىسسىسى پۈتۈلگەن چاغدا،

تەۋرىگەن قەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.

شۇنىڭغا ئوخشاش قەترىلەر قاتارىدا بۇ مىسرالارمۇ جۇلالىنىپ تۇراتتى.

ئالەمنىڭ ھېكمىتى پۈتۈلگەن تىلغا،

مەن ئۇيغۇر تىلىمنى قويىمەن يانداش.

سىنادا مۇراجىئەت قىلغاندا مۇسا،

بوۋام نەپەسلىرى بولغان زامانداش.

2. ئەلىشىر نەۋائىي ۋە غايىۋى ئاشىقلىق

ئىشىقنىڭ دەردىنى پەقەت غايىۋى ئاشىق بولالىغانلارلا ھېس قىلالايدۇ. غايىۋى ئاشىق بولۇپ باققانلار، بولۇپمۇ شۇلار ئىچىدىكى غۇرۇرى كۈچلۈكلەرلا ھەزرىتى مىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ نېمىشقا سەۋرىناز گۈلىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، نەۋائىي ئاشىق بولغان قىزغا پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارامۇ ئاشىق بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال نەۋائىينى قاتتىق تەڭقىسلىقتا قالدۇرغان. چۈنكى بىرسى ئۆزىنىڭ چىن سۆيگىنى ۋە مەشۇقى، يەنە بىرى كىچىكىدىن بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇپ، بىللە چوڭ بولغان قەدىناس بۇرادىرى ھۈسەيىن بايقارا ئىدى. ھالقىلىق پەيتتە، قىز نەۋائىيغا ئۈمۈد باغلاپ تۇرغان پەيتتە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا قالغان نەۋائىي ھۈسەيىن بايقاراغا قىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتالمىغان. ئاقىۋەت قىز نەۋائىيغا «ھاقارەت» تەرىقىسىدە بىر ئېغىز گەپ قىلغان. غۇرۇرلۇق نەۋائىي بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆمۈر بويى ھېچكىمگە ئاشىق بولمىغان ۋە ھېچكىم بىلەن نىكاھلانمىغان. ئەكسىچە قىزغا بولغان سۆيگۈسىنى غايىۋانە داۋام قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنداق تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زادىلا يىرىكلىشىپ قالمىغان.

يۇقىرىقى نۇقتا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھەققىدىكى سىرنى ئېچىپ بەرسە، نەۋائىينىڭ بىرلا ۋاقىتتا «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاشىق ۋە ئەڭ چوڭ بويتاق مۆتىۋەر» ئىكەنلىكىنى ئەقىدە – ئېتىقاد نۇقتىسىدىن چۈشەنگەندە، ئادەم ئادەتتە ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەردىن زەربە يەپ كۆڭلى سۇۋۇپ كەتكەندە، ياكى باشقىلارنىڭ ناتوغرا مۇئامىلىسىدىن كۆڭلى زەخمە يېگەندە بىردىنبىر راھەت ۋە ئارامنى خۇداغا ئاشىق بولۇش ۋە خۇدانى داۋاملىق ئەسلەش بىلەنلا تاپالايدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام سوپىزىمى مۇھىتىدا تېخىمۇ شۇنداق. نەۋائىينىڭ غايىۋى ئاشىقلىقى ۋە ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

3. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدىن ئارىيە

بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،
قۇيۇندەك ھەر زەمان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان.
نى ئەندۇھ مەلالىمغا بەلىيەت دەشتىدەك غايەت،
نە سەۋداۋۇ جۇنۇنۇمغا مەلامەت بەھرىدەك بايان.

* * *
تۈنۈم دەيجۇر، ئۈزۈم رەنجۇر، ئىچىم غەمناكۇ، باغرىم چاك،
تىلىم لالۇ، تېنىم بىھال، ئىشىم ئەفغان، سىرىشكىم قان.
زەئىپۇ دەردۇ غەم پىشە نەھىپۇ مېھنەت ئەندىشە،
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان قەتىلى، خەنجەرى ھىجران.

* * *
پىغانىمدىن پەلەك غەمكىن سىرىشكىمدىن جەھان رەنگىن،
نە دەردىم ئوتىغا تەسكىن، نە ھەجرىم دەردىغە دەرمان.
باشىم غەم تاشىدىن پارە، تەنىم ھەجىر ئوقىدىن يارە،
كۆڭۈل بۇ پارەغە چارە تاپارغا تاپمايىن ئىمكان.

* * *
كۆزۈم نەملىك، بويۇم خەملىك ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىك،
نى ھەمدەملىك، نى مەھرەملىك، تاپىپ بۇ مېھنەتى پىنھان.
ھەم ئەھۋالى تەباھىمدىن، ھەم ئاھى سۈبھىگاھىمدىن،
ھەم ئوتلۇغ دۇدى ئاھىمدىن قارارىپ كۈلبەئى ئەھران.

* * *
نەۋايى بولسا مېھنەت كۆپ ئىچە كۆر جامى ئىشرەت كۆپ،
نېچە بولسا سەئۇبەت كۆپ بۇلۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان.

تىل ھەققىدە

كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپى تىلدۇر،

ۋە ئول خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر.

دۇردانىلەر دېگەن سۆزنى ئەپسانە بىل،

جاھان دېڭىزىدا سۆزنى دۇردانە بىل.

* * *

ئىنساننى سۆز ئەيلىدى جۇدا ھايۋاندىن،

بەلكىم گۆھىرى شەرىفراق يوق ئاندىن.

ئەلىشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 580 يىللىق قۇتلۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top