You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » يېڭى سوغۇق ئۇرۇش ھەققىدە

يېڭى سوغۇق ئۇرۇش ھەققىدە

سودا ئۇرۇشى ۋە پۇل ئۇرۇشى (يېڭى سوغۇق ئۇرۇش) ھەققىدە

سايرام ئوغلانى

كىرىش سۆز

بۈگۈن 15-يانۋار چارشەنبە. يەنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۇنجى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزگە سودا ئۇرۇشى شەكلىدە كۆرۈنۈپ كەلگەن «پۇل ئۇرۇشى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى خوپ كۆردۇق.

كۆك ئەرۋاھ.

2020-يىلى 15-يانۋار.

1. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى

1778- 1785- 1792-يىللىرى قايتا-قايتا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلىپ، ئومۇملىشىپ كېتەلمىگەن ئامېرىكا دوللىرى 1861-يىلىدا ئامېرىكا جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاخىرى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر پۇلىغا ئايلاندى. ئەمما بۇ پۇل شۇندىن كېيىن ئابراھام لىنكولن، جون كېننىدى قاتارلىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. چۈنكى بىرى دوللارنىڭ دۆلەت ئىلكىدە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە بىرى پۇلنى ھۆكۈمەت بېسىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا دوللىرى 1919-يىلى رەسمىي ھالدا روسچېلد جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئامېرىكىدا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نامىدا بىر بانكا قۇرۇلۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنى شۇ بانكا ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن بېسىپ بېرىشكە باشلىغان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاننى ئاز دەپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادىكى باي دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا 1944-يىلى 44 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئاسانلا ھەر قانداق ھېساۋاتنى مۇقۇم ۋە ئىشەنچىلىك بولغان ئامېرىكا دوللىرى بىلەن قىلىشقا قايىل قىلغان. شۇندىن بېرى ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇن بىلەن باغلانغان بىردىنبىر پۇلغا ئايلىنىپ، ھەر 35$ دولار بىر ئۇنسىيە ئالتۇنغا باراۋەر بولغان. يەنى ئامېرىكا ھەر 35$ دوللارنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئۇنسىيە ئالتۇن پەيدا قىلىشى كېرەك ئىدى. ئامېرىكا تاكى 1964-يىلغىچە بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغاچقا دوللارنىڭ مۇقۇم بولۇشى ھەر ھالدا يىگىرمە يىلدەك داۋام قىلىپ، نوپۇزى كۈچەيگەن.

1965-يىلغا كەلگەندە ئامېرىكا ۋېيتنام ئۇرۇشى باشلاپ، غايەت زور ھەربىي چىقىمنى قامداش ئۈچۈن دوللارنى قالايمىقان بېسىپ تارقىتىپ، پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى بۇنچىۋالا زور ئالتۇننى بۇلاپ كېلىشنىڭ ئورنى بولمىغاچقا، ئامېرىكا كېچە-كۈندۈز دوللار بېسىش ئارقىلىق چىقىمنى قامدىغان. بۇ خاتا قارار شۇ يىلىلا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاقىۋەت دېگول تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ گېلىنى سىققان. ئۇ 1966-يىلى ئامېرىكىدىن فرانسىيە بانكىلىرىدىكى بارلىق دوللارنى قولغا ئېلىپ، ئالتۇن قايتۇرۇش تەلىپى قويغان. ئەمما ئامېرىكا تاكى 1971-يىلغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان. شۇ يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئامېرىكا «ئالتۇن دوللار» دەۋرىنىڭ تۈپتىن ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيادا داۋالغۇش بولۇپ، ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن. ھەتتا نېكسون سايلىنىش ئالدىدا سايلام خىراجىتى تەلەپ قىلىپ تەيۋەندە جاڭ كەيشىدىن پۇل ئالالماي، قىزىل خىتايدىن پۇل ئېلىپ سايلىنىپ، 1969-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو ھۇجۇمى قىلىپ يوقىتىشقا ئاز قالغان خىتاينى قۇتقۇزۇۋالغان. بۇ تەدبىرنى ئىشقا ئاشۇرغىنى دەل روسچېلد جەمەتىنىڭ غالچىسى ۋە ھازىرقى سەمرىگەن خىتاينىڭ نىجاتكارى ھېنرى كېسسىنگىر ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدىكى «جونبولتۇن» بولۇپ، خىتاينىڭ تاكتىكىسى بويىچە ئاجىز ئامېرىكىنى ئاجىز خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، كۈچلۈك سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشقا قايىل قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ تەلىيىگە 1973-يىلى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلاپ، مىسىر ئىسرائىلىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، 1967-يىلى قولدىن بېرىپ قويغان سىنا يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىپ، داۋاملىق پەلەستىنگە قاراپ يۈرۈش قىلغان. دەل شۇ چاغدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى قاھىرە ئاسمىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ يۈرۈپ، مىسىرنى ئۇرۇش توختاتقۇزغان. بۇ جەرياندا سەئۇدى پادىشاھى فايسال ئىزچىل بارلىق ئەرەب ئەللىرىنى ئىسرائىلىيەنى قوللىغان غەرپ ئەللىرىگە نېفىت ساتماسلىق چاقىرىقى بىلەن مىسىرنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس سالغان. مانا شۇ كېسسىنگىر 1973-يىلى شۇ سەۋەپ بىلەن سەئۇدىنى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكا دوللىرىنى قايتا پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇلى قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشكەن.

شۇ قېتىمقى ئۇتۇقلۇق سۆھبەت ئارقىلىق، تەلەپلىرى قاندۇرۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان بارلىق نېفىت ساتقۇچى دۆلەتلەر( ئوپىك)نى نېفىتنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېساپلاپ سېتىشقا قايىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالتۇندىن ئايرىلىپ قالغان دوللار نېفىت بىلەن باغلىنىپ، «نېفىت دوللىرى» دەۋرى باشلانغان.

1985-يىلى ئامېرىكا تەرەپ سەئۇدى شاھىغا بېسىم قىلىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇدا ئون ھەسسە قاتلاپ زورايتىپ، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت بىلەن پۇل تېپىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپلا 1991-يىلى ئۇنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان.

2. «نېفىت دوللار ئۇچرىغان ھەر خىل خىرىسلار»

1990-يىلى سادام كۇۋەيتنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئىراق دىنارىنىڭ قىممىتى ئېشىپ، 2002-يىلغا كەلگەندەبىر دىنار ئىككى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەڭلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باھانە تېپىپ، 2003-يىلى ئىراققا ھۇجۇم قىلىپ، ئىراقنىڭ نېفىتى ۋە بارلىق ئالتۇنلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، «نېفىت دوللار»نىڭ داۋاملىق دۇنيانى تىزگىنلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ياراتقان.

ئەمما 2001-يىلى باشلانغان ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن 2003-يىلى باشلانغان ئىراق ئۇرۇشى سوزۇلۇپ كېتىپ، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم دوللارنى تازىلىق قەغىزى ئورنىدا كېچە-كۈندۈز بېسىپ چىقىرىپ يۈرۈپ، 2008-يىلى پۈتۈن دۇنيادا يەر شارى خارەكتېرلىق ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شۇ يىلقى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋەيران قىلمىغان ۋە تەسىر قىلمىغان بىرمۇ دۆلەت قالمىغان. ھەيران قالارلىقى، پەقەت خىتايلا ئىشىكنى چىڭ تاقاپ، ئۆز ئىچىدىكى بىر مىليارد ئادەم بازىرىغا تايىنىپ، ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، بۇ قېتىمقى دۇنياۋى كىرىزىسنىڭ ئانچە چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. 2005-يىلدىكى ئەنجان قىرغىنچىلىقى، 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، 2010-يىلدىكى ئوش قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر نەسىللىك ئۆزبېكلەرنى قىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي، رۇسىيە ۋە بەش ئوتتۇرائاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلاپ، خىتايلار 2011-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى ھەم ئىسلام تېررورلۇقىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئون يىللىقىدا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ، ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى ئاسىياغا، يەنى غەربىي تىنچ ئوكيانغا قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن، قاقۋاش ئوباماغا تەكلىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ياردەمنى قىلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋالغان.

3. خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئاخىرقى قېتىم ئالداپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى تۈپتىن يوقىتىش سۇيقەستىنىڭ تەييارلىقىنى باشلىشى

ئامېرىكا 2011-يىلى 11-ماي بىن لادېننى ئۆلتۈرۈپ، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيە دەرھال شۇ يىلى باھاردا ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىدە پارتلىغان «ئەرەب باھارى» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممە يەردە قورال تارقىتىپ، ئوتتۇرا شەرقنى يۈز يىلدىن بېرى كۆرۈلمىگەن مالىمانچىلىققا دۇچار قىلىپ، «نېفىت دوللىرى»نى سىقىپ چىقارماقچى بولغان. بۇ ئارقىلىق ھەم ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ئوتتۇرا شەرقتە تۇتۇپ تۇرۇش، ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، بىراقلا ئۇنى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان ئوتتۇرا شەرقنى بۆلۈشمەكچى بولغان. لېكىن ئەرەبلەر تازا كۆڭۈلدىكىدەك ماسلىشىپ بولالمىغاچقا، پۇتىن باشقىچە پىلان تۈزۈپ بۇ مەقسەتكە ئاساس سالغان. پۇتىن ئۆزى بىر قوللۇق ئويۇن ئويناش ئارقىلىق، 2011-يىلدىن بېرى پەسىيىپ قالغان شىمالىي كاۋكازدا بىردىنلا «جىھاد ۋە ھىجرەت» تەشۋىقاتى قوزغاپ، ئەسلىدە دۆلىتىدىن ئايرىلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن گۇمانلىق ياشلارغىمۇ پاسپورت بېجىرىپ بېرىپ، ھەر قايسى رايونلاردىكى كاۋكاز ياشلىرىنى ئۆزىلىرى ئاللى بۇرۇن تەييارلاپ قويغان سۈرىيەدىكى بىر قىسىم سەھنىگە بىر قوللۇق جايلاشتۇرغان. بۇنى كۆرگەن نادان ياشلار كېيىنچە ئۆزلىكىدىن بۇ جايلارغا سەلدەك ئاققان.

خۇجىنتاۋنىڭ دەۋرىدە بۇنداق ئويۇننى تازا قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2011-يىلدىن بېرى تۇيۇقسىزلا تاشقى دۇنيا بىلەن ۋەتىنىمىزنى توسالغۇسىز ئېنتىرنېت تورى بىلەن تەمىنلەپ بېرىپ، ئۈرۈمچى قەتلىئام پاجىئەسىدىن بۇيان روھىي دۇنياسى ئېغىر زەخمىلەنگەن خەلقىمىزنىڭ بەس-بەستە «ئىنتېرنېت بىلەن كۆپلەپ ئۇچۇر ئىگىلەش»، «ئەقلىفون بىلەن ئىسلاملىشىش» دولقۇنى قوزغىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىغان. ھەتتا گوگۇلدىن باشلاپ، ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ھەر خىل بومبا ياساش ۋە ھەر خىل قورال چۇۋۇش، ئىشلىتىش ۋىدىئولىرىمۇ كەڭ تارقالغان.

شۇ يىلى 18-ئىيۇل خوتەن شەھىرىدە بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە 31-ئىيۇل قەشقەر شەھىرىدە زەنجرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

نەتىجىدە 2013-يىلى ئەتىيازدا تەختكە چىققان شى جىن پىڭ نېمە سەۋەپتىن پۇتىن ئوينىغان ئويۇننىڭ كاۋكاز ياشلىرىدەك تولۇق ئۇتۇق قازانماي، ئەكسىچە ۋەتىنىمىزدىكى قارشىلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ، تەتۈر تەسىر قوزغىغىنىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىدىن يىغىنچاق خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

بىرى، تورنى ئېچىۋەتكەن بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەر خىل ھىلە-مىكىرلەردىن توسۇپ تۇرىدىغان دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ نوپۇزىنىڭ غالىپ كېلىشى ۋە ھىجرەت بىلەن جىھاد تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشقا سەل قارالغانلىقى، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنىڭ قىيىن بولۇشى.

دوكلاتنى ئاڭلاپ چىققان شى جىن پىڭ ئۆزى بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىپ، ئالدى بىلەن خىتاي ھامان كارغا كېلىدۇ دەپ تۈرمىدە ساقلاپ كەلگەن بىر قىسىم دىنىي ۋەزچىلەرنى ھەم كېلىپ چىقىشى نامەلۇم بولغان ناتونۇش ئۇيغۇر سەييارە دەۋەتچىلەرنى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا توسالغۇسىز ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش ۋە كۆز يۇمۇۋېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. نەتىجىدە بۇ تەدبىر ئاخىرى ئۈنۈم بېرىدۇ. زورتۈركۈمدىكى ياشلار ئارىسىدا، ھەتتا خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئىلغار پەننىي بىلىمخۇمار ياشلار ئارىسىدىمۇ ھىجرەت ۋە جىھاد تەشۋىقاتى زور تەسىر قوزغايدۇ. بۇ داغدۇغا مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا چېگرىسى، بولۇپمۇ يۈننەن بىلەن ۋېيتنام چېگرىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىدۇ. بەزىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ ئادەم تۇتۇپ، رەزىل قىلمىشىنىڭ پاش بوپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ. چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ بۇنى خۇدانىڭ مۆجىزىسى دەپ قاراپ، ۋەتەندىكى تونۇش بىلىشلىرىگە خەۋەر قىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە خىتايغا نوپۇس يۆتكەپ، پاسپورت بېجىرىپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش دولقۇنى كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ سۇيقەستنى سېزىپ قالغان ھوشيار ئۆلىمالار يەنىلا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، بىر مەزگىل بۇ داغدۇغىنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما خىتايلار 2013-يىلى 26-ئىيۇن لۈكچۈندە، 2013-يىلى 28-ئىيۇن خوتەندە بىر مەسچىت ئۇيغۇر ئاھالىسىنى قېرى-ياش دېمەي ئېتىپ قىرىپ تاشلىغان خىتايلار ئاخىرى خەلقىمىز ئىچىدە ياشلارنىڭ قايتىدىن ھىجرەت قىلش ۋە جىھاد قىلىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارشى ھېسسىياتىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشتا غەلىبە قىلىدۇ. شۇندىن كېيىنلا ھىجرەتتىن ۋە جىھادتىن توسقان ئۆلىمالارنىڭ كەينىدىن «خائىن، مۇناپىق، خىتايلارنىڭ غالچىسى، ۋەتەنپەرۋەر موللىلار» دېگەندەك ھاقارەتلەر كەڭ تارقىلىپ، ياشلارنىڭ بىردەك ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى راۋاققا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە دىنىي بايراقلار ياشلارغا تېخىمۇ مەدەت بولىدۇ.

2014-يىلى 3-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىنىمۇ چېگرا سىرتىدىكى قوراللىقلار دەرھال ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ خەۋەرلەر يەنىلا بىمالال تور ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلارنى غىدىقلايدۇ. بىر ئايدىن كېيىن ئاپرىلدا شى جىن پىڭ قەشقەردە «قاتتىق زەربە بېرىش» دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېيتىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىگىلا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بومبا پارتلايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ياشلار ھاياجانلىنىپ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

2014-يىلى 14-ماي ئۈرۈمچىدە ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول تۇرۇش خەلقئارالىق چوڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ. 20-ماي خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەك، بۇ توغرىلىق «بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىدا ئۇزۇن ۋەز ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار زور بالا-قازانىڭ ئالدىدىكى شەپىسى ئىدى خالاس.

2014-يىلى 22-ماي ئۈرۈمچى قىزىلتاغ ئەتىگەنلىك بازىرىدا ماشىنا بومبا پارتلايدۇ. بالا-قازا ئەنە شۇكۈندىن باشلىنىدۇ. 27-ماي خىتاي كومپارتىيىسى جىددىي يىغىن ئېچىپ، 28-مايدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدەئىككى يىللىق «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» قوزغايدۇ.

ياشلار تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىدۇ. تېلفون ۋە باشقا بارماق دېسكىلاردىكى مەزمۇنلاردىن بىر-بىرلەپ ھېساپ ئېلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارى ھىجرەت قىلمىغانلار قورقۇپ، مەجبۇرىىي ھىجرەت قىلىدۇ. ھەتتا پاسپورت يوق تۇرۇپمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. تۇنجى بولۇپ، يۇقىرىقى سىياسىي سۇيقەست ۋە رەزىل ئويۇننى بايقاپ قالغان، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرى تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ھەر خىل پەس ۋە يولسىز قىلمىشلارنى كۆپلەپ سادىر قىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي قىممەت قارىشىنى قەستەن دەپسەندە قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە زورلايدۇ. شۇ ئارقىلىق 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى دوللار بەلۋېغى» پىلانى ئۈچۈن «ئۇيغۇرسىز شىنجاڭ بەرپا قىلىش قەدىمى»نى تېزلىتىدۇ.

ئويلىمىغان يەردىن ھېچقانداق بىر كۈچ ئالدىن قوماندانلىق قىلمىغان شارائىت ئاستىدا ئۆز پاراسىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلىپ، چېكىدىن ئاشقا ئۆكتەملىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن كونا ئاستانە يەكەن خەلقى خۇددى 1684-1759-يىللىرى غالدان ۋە چيەنلۇڭ قولىدا قاتتىق قىرىلغاندىنمۇ بەتتەر ھالدا 2014-يىلى 28-ئىيۇل زامانىۋى قوراللار زەربىسىدە ئۈچ كەنت بىلەن قوشۇلۇپ ئون نەچچە مىڭ ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىن غايىپ بولدى. ۋەقەدىن ئاران بىر ھەپتە ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى بىز گېزىت باش ماقالە ئېلان قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخبارات ۋەتەشۋىقات ئۇرۇشىدا خىتاي تەرەپ غەلىبە قىلدى» دەپ ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقارغانىدى. ئۇ چاغدا چەتئەلدە پەقەت يىگەن ئىچكەننىڭ، ساياھەتلەر ۋە ئەرزىمەس ئىشلار، ھەتتا پەرداز ۋە گىرىم قىلىش ھەققىدىكى ئېلانلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ قارىلىشىغا قارشى ئاخبارات ۋە تەشۋىقات قارشىلىقى خىتاينىڭ قارىلاشلىرى ئالدىدا 0.9%كىمۇ يەتمەي قالغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇ كۈنى يەكەن ئېلىشقۇدا قىرىلغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ناھەق ئاققان بىر تامچە قېنىدا مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەسسىسى بار ئىدى. ھازىرمۇ «ۋەتەندىكى ئېقىۋاتقان قانلىرىمىزغا كىم ئىگە بولىدۇ؟».

جاۋابى ئوخشاش، يەنىلا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئىگە بولىدۇ. بىز تۆھپىكار بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە گۇناھىمىزنى يۇيۇش تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك! ئۆتكەن 33 يىلدا، بولۇپمۇ يېقىنقى 3 يىلدا خەلقىمىزنى پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ قويۇپ، يەنىلا مۇغەمبەرلىك بىلەن كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى قان پۇراپ تۇرىدىغان ھاكىمىيەت تەختىگە چىقىشنى نىشان قىلغان ۋە ھەرىكەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى خەلقىمىز قانۇن چىقىرىپ، ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قالدۇرۇش كېرەك! چۈنكى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش تۇيغۇسى بىلەن خەلقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ۋەتىنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزدەنمەي، تېخىچە «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ» دەپ نومۇسسىزلىق بىلەن خىجىل بولماستىن، يەنە تالاي خەلقىمىزنىڭ قانلىرىنىڭ بىھۇدە ئېقىشىغا قاراپ تۇرۇپ، كېيىنچە پۇرسەتپەرەسلىك ۋە نەيرەڭۋازلىق بىلەن تەييارغا ھەييار بولۇش قەستىدە بولغان ۋاپاسىز ۋە ئىپلاس كىشىدىن خەلقىمىزگە ھەرگىز ۋاپا ۋە ياخشىلىق كەلمەس! ھازىر ھەر كىمنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئەسلى ئەپتى-بەشىرىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كۈنى. ھازىر يوق بولغان قۇرۇق مەنسەپلەر، پۇللار ۋە نام-ئاتاقلارنى تالىشىپ ئالەمنى بېشىغا كىيىپ شەرمەندە بولغان بىچارىلەرنىڭ كېلەچەكتە قولىغا ھوقۇق، پۇل ۋە قورال چىققاندا نېمىلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟

مانا يۇقىرىقىلار خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ «نېفىت دوللار» دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، «نېفىت يۈەن» دەۋرى يارىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي تەتبىقلاشقا باشلىغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكىمۇ قەددىمىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىدى. ئۇنداقتا مەزكۇر مۇقەددىمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى قانداق بولغان؟

ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىختىيارىي ھىجرەت قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئالدى بىلەن ئىشىكنى تاقاپ قاتتىق ئۇرۇپ-سوقۇپ، ئارقىدىن ئىشىكنى بىراقلا ئېچىۋەتمەكچى بولغان. شۇندىلا ھېچكىم ئالدى-كەينگىگە قارىمايلا ئۇدۇل چەتئەلگە قاراپ قاچاتتى. بۇ پىلان ئويلىغاندىن بەكرەك ئۈنۈم بەرگەن. 2014-يىلى 28-مايدىن تاكى 2015-يىلى 22-مايغىچە ئۇدا بىر يىل داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىشلەر ۋە قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشلار يالغۇز دىنىي زاتلار ۋە دىنىي ياشلارنى قورقۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. خىتايغا ئوڭ كەلگەن يېرى، پۇتىن 2011-يىلدىن 2013-يىلغىچە سۈرىيەگە جايلاشتۇرۇپ بولغان كاۋكازىيە قوراللىقلىرى، ياۋروپا قوراللىقلىرى ۋە ئەرەب-ئىسلام جۇغراپىيىسىدىن يىغىلغان قوراللىقلار قوشۇلۇپ، موساد ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تۈرمىدىن بوشاتقان ئەبۇ بەكىر باغدادى باشچىلىقىدا 2014-يىلى 6-ئىيۇن جۈمە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل جامەسىدە «ئىسلام دۆلىتى خەلىپىلىكى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ چاغدا ۋەتىنىمىزدە قاتتىق زەربە بېرىش باشلانغىلى تېخى ئەمدىلا ئون كۈن بولغان بولسىمۇ تور شۇ قەدەر قويۇۋېتىلگەن ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قوللانغان «نۇر تورى»مۇ بۇ خەۋەرنى شۇ كۈنىلا قورقماي تارقىتىپ ئۈلگۈرگەن. شۇنداق قىلىپ ھەم ئىختىيارى ھەم مەجبۇرىي ھىجرەت قىلىش ئىستىكى بىراقلا پۈتۈن ۋەتەندە ئەۋج ئالغان. نەتىجىدە 2015-يىلى مايدا، ئىلى، قاراماي ۋە چۆچەكتە پاسپورت بېجىرىش چەكلىمىسىنى يوق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاكتىپ بېجىرىش قىزغىنلىقى ئەسلى مۆلچەرلەنگەن ئۈنۈمدىن ئېشىپ كەتكەن. 2015-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن تاكى ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئۈچ ئاي تارىم ۋادىسىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەندىمۇ پاسپورت بېجىرىش چەكلىمىسى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەلقىمىز بەئەينى تۈرمىدىن چىقققاندەك خۇشال كەيپىياتتا سەلدەك ساقچىخانلارغا ئېقىپ، نەچچە كۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ پاسپورت بېجىرىۋالغان. گەرچە ساقچىلار بۇ سىياسەتنىڭ كەم دېگەندە بىر يىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاۋامغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «بۈگۈن بىلەن ئەتىسىگە ئىشەنچ قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان خەلقىمىز» بۈگۈن ئېلىۋالغان ئەۋزەپ دەپ قاراپ، ئائىلە بويىچە تولۇق پاسپورت ئالغان. دەرۋەقە بۇ خىل كۆرۈلۈپ باقىغان سىياسەت دەل بىر يىل داۋام قىلغان. ئەڭ ئاخىرقى پاسپورتلار 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى خەلقىمىزنىڭ قوللىرىغا تېگىپ بولغان. ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈم چەتئەلگە كۆچۈش دولقۇنىمۇ شۇ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان.

بۇ قېتىمقى سىناقتا بىر قىسىم مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ، پايدىسىدىن زىيىنى تولا بولغان تالاي بۇزغۇنچىلارمۇ تەڭ قۇتۇلۇپ قالغان. يامان بولغىنى بۇ قېتىمقى پاسپورتتا چەتكە چىققانلاردا ئاساسلىقى «كەتمەننى تاشلاپلا ئەركىن دۇنياغا چىقىپ قالغانلار» مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەچكە ئۇلار يىغىلىپ قالغان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى ۋە ئوبرازىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. ياخشى يېرى خىتايلار ئارزۇ قىلغاندەك ھەممە ئادەم ئۇدۇل سۈرىيەگە بارماستىن ئەكسىچە كۆڭلىگە پۈككىنى بويىچە يا ئەرەب دۆلەتلىرىدە دىن ئوقۇغىلى يا ياۋروپا ئەللىرىدە پەن ئوقۇغىلى يېتىپ كەلگەن. قالغان ئوقۇش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ لايىقىدا تىرىكچىلىكىنى قىلغان. ھەر ھالدا «يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھىلىسى»نى كۈچىمەيلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان خىتايلار شۇ يىلى سېنتەبىردە ۋەتىنىمىزگە يۆتكەپ كەلگەن غالجىر ئىتى چېن چۇەنگو ئارقىلىق پاسپورتلارنى تېز سۈرئەتتە يىغىۋېلىشنى باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا 30-ئۆكتە بىر كۈنىدىن بۇرۇن قايتىپ كېلىش، ئۇنداق قىلمىسا، ھەم پاسپورتى ئىناۋەتسىز ھەم قارا نوپۇس قىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ تارقاتقان. بىر تۈركۈم ساددا خەلق دەل ۋاختىدا قايتىپ كەتكەن. مىسىردىكى خىتاي تەرەپمۇ 10-ئۆكتەبىر مىسىردا ئوقۇۋاتقانلارغا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى توختاتقان. بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىيەتتە 2016-يىلى 15- ئىيۇل تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە بىر ئاي كېيىنكى رۇس-تۈرك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىقلارنى سالامەت مەنزىلگە يەتكۈزۈش ئىشى ۋە «قوغۇنلۇقنىڭ يولى» دەل تۈركىيەدە ئىدى. ئالدى بىلەن ئورۇسلار تورنى يىغىشقا باشلاپ، 2011-يىلدىن 2015-يىلغىچە سۈرىيەگە توپلىغان كاۋكازلىقلارغا 2015-يىلى 30-سېنتەبىردىن باشلاپ ئوت ئاچقان. خىتايمۇ ساق بىر يىل ئۆتۈپ 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست جاڭچۈنشەننى يۆتكەپ كېتىپ، 30-سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تورنى يىغىشقا باشلىغان. ئەمما تۈركىيەدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن «قوغۇنلۇق يولى» تاكى 2018-يىلى سايلامغىچە ئوچۇق پېتى تۇرغان. گەرچە 2018-يىلى يانۋاردىكى «ئافرىن ھەرىكىتى»دىن كېيىن چېگرالار قاتتىق چىڭىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە يەنىلا بىرئاماللار بىلەن ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان ئىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىغان. شۇنداق قىلىپ خىتاينىڭ «يىپەك يولى بەلۋېغى»نىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تۇنجى باسقۇچلۇق پىلان ئۇتۇقلۇق تاماملانغان.

4. خىتاي بۇ باسقۇچتا كۆزلىگەن نىشان نېمە؟

ئەقىللىق پۇتىن گەرچە 1999-يىلى ئاۋغۇستتا باشلىغان 2-چېچېن ئۇرۇشىنى 2009-يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن سەل بۇرۇن(ئاپرىلدا) ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كاۋكازدىكى يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان قىساسچىلار ۋە يوشۇرۇنۇۋالغان مىللىي-دىنىي مۇستەقىلچىلەر ئۇنىڭ ئارامىنى قاچۇرغانىدى. ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدە يوقاتسا، يەنە كېيىنچە بېشىغا بالا بولىدىغان يېڭى ئىنتىقامچىلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتەتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى قەيەردە قىرىپ تۈگىتىش كېرەك!؟؟ چوقۇم رۇسىيە سىرتىدا قىرىش كېرەك. بۇنداق پۇرسەت ئەپسۇس ئۇ چاغلاردا ھېچيەردە يوق ئىدى. پۇتىن 2010-يىلى مانا شۇلارنى قانۇنلۇق يوقىتىشقا باھانە تاپالماي جىلە بولۇپ تۇرغاندا، 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە بىردىنلا «ئەرەب باھارى» پارتلىدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر پۇتىن «ئەرەب باھارىنى ئەرەب زاۋالى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى. پۇتىننىڭ بىۋاستە يول قويۇشى ۋە كۆز يۇمۇشى بىلەن شىمالىي كاۋكازدا جىھاتقا تەرغىپ قىلىش ساداسى 2012-يىلى بىردىنلا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. شۇ يىلدىن تاكى 2015-يىلى ئاۋغۇستقىچە ساق ئۈچ يىل ئۆمۈر بويى يۇرتىدىن ئايرىلىش چەكلەنگەن كىشىلەرمۇ پاسپورت بېجىرىپلا ئۇدۇل سۈرىيەگە كەلدى. ھەتتا ئاز ساندىكى رۇسىيە ئىستىخبارات كۈچلىرى سۈرىيەگە بېرىپ كېلىپ، كاۋكازدا داۋاملىق چاقىرىق ئېلىپ باردى. نەتىجىدە 2015-يىلى 30-سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان بىر ھادىسە يۈز بەردى. ئۇ دەل شۇ كۈنى پۇتىننىڭ سۈرىيەگەتەكلىپ بويىچە كىرىپ، تېررورچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بېرىدىغانلىق بايانى ئىدى. شۇ كۈنى رۇسىيە ھاۋائارمىيىسى كاۋكازلىقلار زىچ ئورۇنلاشقان ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى.

ئەزەلدىن بىزنى قەستلەشتە رۇسلاردىن ئۆگىنىپ كەلگەن باندىتلار دەل شۇ 2015-يىلى ئاۋغۇستتا، يەنىرۇسلار پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى توختاتقان زامانلا ۋەتەندە پاسپورت بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىق تاراتقۇلار ۋە ئالاقە ۋاستىلىرى 2011-يىلدىن باشلاپ كەڭ قويۇپ بېرىلگەن. 2012-2013-يىللار بولسا جىھات تەرغىباتى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. گەرچە ۋەتىنىمىزدە 2014-يىلى قاتتىق زەربە بېرىش باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ئاچچىق ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ بىر قېتىملىق «قەستەن چەتئەلگە قوغلاش ھەرىكىتى ئىدى». بۇ قوغلاش ئارقىلىق كەم دېگەندە بىر چالما بىلەن بەش سېمىز پاختەك سوققىلى بولاتتى. مەنچە ئۇلار ھازىرغىچە ئۈچ پاختەك سوقۇپ بولدى. قالغان ئىككى پاختەكنىمۇ سوقۇپ بولاي دېدى.

پاسپورت قويۇپ بېرىلىشى بىلەنلا يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتكەن خەلقىمىز ئەركىن دۇنياغا سەلدەك يامرىدى. خۇددى چىۋىن نىجاسەتكە، ھەسەل ھەرىسى گۈلگە قونغاندەك ھەر كىم ئۆزى نىشانلىغان جايلارغا باردى. بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ نەگىچە تەرەققىي قىلالىغانلىقىنى بىلگەن باندىتلار ھەر خىل چارىلەر ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئىش كۆرمىگەن ياشلارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇسۇلمان سىياقلىق سىرلىق ئادەملەرنىڭ ۋاستىسىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە توغرىلاپ بەش مىڭ دوللارغا ئېرىشسە، چېگراغا ئاپىرىپ قويغانلار ھەم مەلۇم مىقداردا ھارام پۇلغا ئېرىشكەن. شۇنداق قىلىپ «ئادەم سودىسى» تازا قىزىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا ۋەتىنىمىزدە جىددىي ئۆزگىرىش باشلىنىپ، سېنتەبىردىن باشلاپ پاسپورتلار يىغىلىشقا باشلىغان. بېجىرىپ قويۇپ چەتئەلگە چىقمىغانلارنى «نېمىشقا چىقمىدىڭ؟ نېمىگە بېجىردىڭ؟» دەپ قىينىسا، بېجىرمىگەنلەرنى «نېمىشقا بېجىرمىدىڭ؟ نېمەمەقسىتىڭ بار؟» دەپ قىستاققا ئېلىشنى باشلىغان. 2017-يىلى لاگىرلار ئىشقا كىرىشىپ، ئالدى بىلەن ساھەلەر بويىچە، ئارقىدىن ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشلار باشلانغان. سۈرىيەگە جەلپ قىلىش ئويۇنىغا كىرمەي ئوتتۇرا شەرقتە دىن ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئۈچ ئاي پىتنە-پاسات ۋە تەھدىتلەر بىلەنمۇ قاچۇرالمىغان باندىتلار قاتتىق ئۇسۇل ئىشلىتىپ، مىسىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمىنىڭ قولى بىلەن مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، باشقا نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئۇتۇقلۇق قاچۇرغان. بىچارە ئۇيغۇرلار خۇددى خىتاي ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك پەرەز بىلەن ھەر تەرەپتىن تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن. ئەپسۇس، ئۇ يەردە ئويۇننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئۇلار زادىلا بىلمەيتتى.

بۇ قاچۇرۇش خۇددى 1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كارۋىنىنى قاچۇرۇش بىلەن 1959-يىلى دالايلامانى قاچۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە بولغان. يەنى شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى سەركىنى قورشاپ بولغان باندىتلار ماۋنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكىچە يوشۇرۇنۇپ سۈكۈتتە تۇرغان. مەلۇم ساندىكى غوللۇق كىشىلەر چېگرىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، يالغاندىن ئازراق قوغلاپ، بەزى كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، ئارقىدىن پۇشايمان قىلغان ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىپ قايتىپ كېتىشكەن.

سەيپىدىن ئەسلىمىسىدە يازغان ماۋنىڭ مۇنۇ دانا سۆزى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ: «قاچسا قاچسۇن، توسماسلىق كېرەك».

1949-يىلى 19-سېنتەبىردىن كېيىن ماۋ سەيپىدىننىڭ ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ: « قاچىدىغانلار كەتسە كەتسۇن، كېيىن سىلەرگە سالىدىغان ئاۋارىچىلىق ئازىيىدۇ. چەتتە بىزنى تىللىغانلار بىر نەچچە مىڭ بولسا، يەنە بىر نەچچە يۈزى قوشۇلىدۇ خالاس. ھېچ گەپ يوق». 1949-يىلى 20-سېنتەبىر.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار 18-سېتەبىر ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، 20-سېنتەبىر بۈگۈر يېڭىساردا ئىككى كۈن ئارام ئېلىپ، 22-سېنتەبىر داۋاملىق يولغا چىققان. ئەمما 26-سېنتەبىر كومپارتىيەگە تەسلىم بولغان گومىنداڭ باندىتلىرى ئۇلارنى كۇچاردىن باشلاپلا تولۇق نازارەت قىلىشقا باشلىغان. بىراق ماۋ ئۇلارنىڭ تۇرۇپ قالغىنىدىن قېچىپ كەتكىنى ئەۋزەل دەپ قارىغان. ئارىدىن 66 يىل ئۆتۈپ، چەتئەلگە چىقىۋالغىنىدىن قەۋەتچە خۇش بولۇپ ئولتۇرغان ئەڭ كالۋا ئۇيغۇرغا قارىغاندا، ئۇلارنى ئۇستىلىق بىلەن قاچۇرۋېتىپ ئۇتۇق قازانغان قۇۋ باندىتلارنىڭ خۇشاللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى.

سەيپىدىن ئەسلەپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ كۈنى ماۋغا تون ۋە تۇماق كىيدۈردۈم». چىنى تۈركىستانچىلار 1949-يىلى 22-سېنتەبىر بۈگۈردە بىر كۈن قونۇپ، چىڭگىزخان داموللامنى ئېلىپ، چېگراغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ.

چېگرادا جاۋشىگۇاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئەمما تاۋسىيۆنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن بىرىنچى تۈركۈم ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەرنى باندىتلار تۇتۇپ قالىدۇ. نەتىجىدەچىڭگىزخان داموللام باشلىق بۇ مۇھاجىرلار 1950-يىلى باش ئەتىيازدا ئوسمان باتۇرلار بىلەن بىللە ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ تاشلىنىدۇ.

5. خىتاينىڭ «نېفىت يۈەن» ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنى تىزگىنلەش ئىستىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى قوزغىشى

قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى ئامېرىكىنى ئۇدا ئالتە قېتىم ئالدى يالىدى(تېخى دۆلەت قۇرماستىلا بىر قېتىم قاتتىق ئالدىۋەتكەن ئىدى). شۇڭلاشقا خىتايلار ئۈلۈشكۈن «ئامېرىكىلىقلار خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالدى. ماۋ سىتالىننى گۇمران قىلدى» دەپ ماختانغان بولسا، تۈنۈگۈن «ئامېرىكىلىقلار سوۋېتنى پارچىلاپ خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ ماختاندى. بۈگۈن « ئامېرىكىلىقلار خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالدى. شى جىن پىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى گۇمران قىلدى!» دەپ ماختانماقتا. ئەمدى ئەتىكى شوئارى «ئامېرىكىلىقلار يوقىلىشقا مەھكۇم! ئۇلار تارىختىكى ئەڭ ئەشەددىي ئۆكتەم ۋە زوراۋان دۆلەت!» بولغاندىلا ئاندىن ئامېرىكا چۆچۈپ ھوشىنى تاپتى.

2016-يىلى نويابىردا لىڭتاسما كۆسەي بىراك ئوبامانىڭ ئورنىغا چىققان سودىگەر دوللار تۇراپ، ئىنچىگە ھېساپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئۇدا 323 مىليارد زىيان تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2017-يىلى 5-ئاپرىلدىن 2017-يىلى 11-نويابىرغىچە بارلىق رەزىل جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمغان خىتايغا تۇتقان بىپەرۋا ھالىتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ 2018-يىلى مارتتا سودائۇرۇشى باشلىدى. ئاندىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، شۇ يىلى 12-ئىيۇن خانويدا كىم بودەك بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ۋاستىچىلىق رولىغا خاتىمە بەردى. ئاندىن كېيىن 16-ئىيۇل كېسسىنگىرنى بىللە ئېلىپ، بىزگە خوشنا ھېلىنىسكىدە(فىنلاندىيە پايتەختى) گورباچېۋنى باشلاپ كەلگەن پۇتىن بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىدا ئورۇسلارنىڭ بىتەرەپ مەيدانىنى قولغا كەلتۈردى. ھەتتا 2019-يىلى 8-ئىيۇن بىر قېتىمدىلا خىتايدىن 60 مىليارد دوللار يۇلۇپ ئالغان ۋىلادىمىر پۇتىن شى جىن پىڭ نىڭ كۆزئالدىدىلا قىلچە يۈز قىلماستىن مۇخبىرنىڭ سودا ئۇرۇشى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: « ئىككى يولۋاس سوقۇشسا، ئەقىللىق مايمۇن بىر ياندا بانان يېگەچ تاماشا كۆرىدۇ!». خىتايلارمۇ بوش كەلمەي، تالىبان، كىم بودەك، ئىران ۋە باشقا ئۇششاق تېررورچى غالچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكىنى داۋاملىق ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي كورىيە پاتقىقىدا تۇتۇپ تۇرماقچى بولدى. ئەمما دوللار تۇراپ دوللارغا كەلگەندە قىلچە ۋاستە تاللىماستىن 2018-يىلدىكى قاتتىق قول مەيدانىنى ساقلاپ قالغاچ، خىتاي باندىتلىرىنىڭ يارىسىنى تاتىلاشقا باشلىدى.

2018-يىلى ئاۋغۇستتا ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگىرلىرى مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ب د ت دا كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھەر ھالدا شەرمەندە بولدى. 2019-يىلى خىتاي بار كۈچى ئويۇن ئوينىغانتى، ئىيۇندا خوڭكوڭ خەلقى قوزغىلىپ كەتتى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ جانلىنىپ كەتتى. دوللار تۇراپ 14-ئاۋغۇست بىردىنلا ئۇيغۇر قىزى ئەلنىگار ئېلتەبىرنى «خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى» قىلىپ تەيىنلەپ خىتايغا بىر تەستەك سالدى.

سېنتەبىردە كىم بودەكنى قايتا ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۆكتەبىردە باغدادىنى ئۆلتۈرۈپ، سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى پەسكويغا چۈشۈردى.

نويابىردا باندىت ھەفتەرنى چېكىندۈرۈپ، لىۋىيەدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسكويغا چۈشۈردى. دېكابىرنىڭ بېشىدا ناتو ئەللىرى يىغىنىدا خىتاينى تۇنجى قېتىم ئوچۇق ھالدا ئەڭ چوڭ خەۋپ قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مۇداپىئە چىقىمىنى ئىككى قاتلاشنى تەشەببۇس قىلدى.

دېكابىرنىڭ ئاخىرى سودا سۆھبىتىنى توڭلىتىپ قويدى. 2020-يىلى 3-يانۋار گېنىرال قاسىم سۇلايمانىنى ئۆلتۈرۈپ، ھەم ئىراننىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، ھەم خىتاينىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قويدى. ئاخىرى خىتاي تەسلىم بولدى. نەچچە كۈن ئۆتۈپ، خىتاي سودا ۋازارىتى بايانات بېرىپ، 2018-يىلى سودىدا ئامېرىكىدىن 323 مىليارد پۇل ئۇتۇۋالغانلىقى، ئەمما سودا ئۇرۇشى سەۋەپلىك 2019-يىلى 296 مىليارد زىيان تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇندىلا ئامېرىكا خىتاينى «پۇلىنىڭ قىممىتىنى سۈنئىي كونترول قىلىدىغان ئەللەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىپ تاشلىدى. دوللار تۇراپنىڭ ئاغزى پېچەتلەنگەن بولسىمۇ، مۇئاۋىن پىرىزىدېنت بىلەن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋاملىق خىتايغا قارشى باياناتلارنى بېرىپ تۇرماقتا. 2020-يىلى 15-يانۋار دونالد ترامپ تۇنجى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. شۇ يىلى ئىيۇندا ئۇيغۇر قانۇنى ماقۇللاندى. 2021-يىلى 19-يانۋار ئامېرىكا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى ئېتىراپ قىلدى. ئەھۋال مۇشۇ پېتى داۋام قىلسا، خىتايجىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن.

6. ئىككىنچى سوۋېت بوپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى قىرىۋېتىپ خاتىرجەم ئامېرىكىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلىش ئىستراتېگىيىسى

خۇلاسە قىلغاندا، ئەينى ۋاقىتتا دەل مۇشۇ ئامېرىكا قوزغىغان تۇنجى سوغۇق ئۇرۇش سوۋېت بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىپ خەلقىمىزنى قۇل قىلىشى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى يوقىتىشى بىلەن باشلانغان بولسا، ھازىرمۇ يەنە شۇ ئامېرىكا قوزغىغان ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش خەلقىمىزنىڭ تۈپتىن قىرىپ تاشلىنىش خەۋپىنى كۈچەيتىپ قويۇۋاتىدۇ. چۈنكى سوغۇق ئۇرۇش دېگەن خەخنىڭ يۇرتلىرىدا ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ. بىۋاستە ئۇرۇشۇش يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما بۇنداق ئۇرۇش ئاخىرىغا چىققۇچە خەلقىمىزنىڭ نەسلى قۇرۇپ بولىدۇ. خىتايلارمۇ شۇڭا سوغۇق ئۇرۇشنى تاللايدۇكى، ھەرگىزمۇ بىۋاستە ئۇرۇشنى تاللىمايدۇ. ئەمما بۇ ئېھتىماللىق مەۋجۇت بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى تۈپتىن يوقىتىپ، ھەم ئارقا سەپتىن چاتاق چىقىشىدىن، ھەم غەرپتىكى بىردىنبىر ھاياتلىق ئېنىرگىيە يولىدىن مەھرۇم قېلىپ بىراقلا ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.

(يەنى خىتاي باندىتلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىمپىرىيە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋەسىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى تۈپتىن يوقىتىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. تولىمۇ ئەپسۇس، نادان يېتەكچىلەر ۋە كالۋا كىشىلەر بۇنى يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئىش، «ئۆزىمىزنىڭ شورى» دەپ خەلقىمىزنى ئالدىماقتا ۋە بۇ پاجىئەنى ئۇلۇغ خۇداغا ئىتتىرىپ قويماقتا).

شۇڭا ئامېرىكا ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن بولسىمۇ خىتايغا قايتا ئالدىنىپ قالماسلىقى، شۇنداقلا ھەر ئىككى قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىقى، يۈز يىللىق كوممۇنىزىم ۋاباسىنىڭ ئەڭ قاتتىق ھەم ئەڭ ئۇزاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالغان خەلقىمىزدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىقىنى ھەربىي جەھەتتىن بىۋاستە قوللىشى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ۋەتىنىمىزدىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مىللىي چوڭ قىرغىنچىلىق»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «مەدەنىيەتقىرغىنچىلىقى» ۋە باشقا ئاتالغۇمۇ تېپىلمايدىغان «پىچاقسىز قان چىقارماي بوغۇزلاش جىنايەتلىرى»نى تۈپتىن توختىتىشى كېرەك!

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەمدى ئاخىرقى چېكى ئېنىق بولمىغان ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈشى ،ھەر قانداق بىز ئۈچۈن پايدىلىق قانۇنلۇق ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك جىددىي ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك! دېگەن گەپنى قايتا دەۋەرگەننىڭ پايدىسى يوق! بىرلا ئېغىز گەپ «ئاۋۇ خەلق بىزنىڭ! ئاۋۇ ۋەتەن بىزنىڭ! ئەمدى نۆۋەتمۇ بىزنىڭ! يوقالسۇن جاھالەت ۋە جاھىللار گۇرۇھى! ياشىسۇن ئەزىز ئۇيغۇرخەلقى ۋە ئادالەت گۇرۇھى!».

گەپ تامام ۋەسسالام!

كۆك ئەرۋاھ

قوشۇمچە مەزمۇن:

(1): «1938- 1945-يىللاردىكى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى»

1910-يىلى ياپونىيە كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئىگىلەپ، مانجۇرىيەگە كۆز تىكىشكە باشلىغان. 1928-يىلى جاڭ كەيشى نەنجىڭدا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ، «جۇڭخا مىنگو»نى قۇردى. ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى قوللىدى. بىراق خىتايلار زادىلا قەددىنى كۆتۈرەلمىگەچكە، چاققان چىققان ياپونىيە 1931-يىلى كورىيەدىن مانجۇرىيىگە بېسىپ كىردى. سىتالىننىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. 1932-يىلى 3-مارتتا مانجۇرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1937-يىلى 7-ئىيۇل ياپونىيە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1938-يىلى گېرمانىيە چاقماق تېزلىكىدە ئاۋستىرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى ئىگىلەپ، پولشا بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. سىتالىن ھەم شەرقتىن ھەم غەرپتىن پۇراۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشى ھىدىنى سېزىپ قالغاچقا، ئۇرۇش ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرى دەرھال پۈتۈن سوۋېت دائىرىسىدە 1936-يىلدىن 1939-يىلغىچە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئارمىيىدىن پارتىيىگىچە، كادىرلاردىن ئاۋامغىچە مىليونلىغان سەرخىللارنى ئۆلتۈرۋەتتى. 1938-يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ سىتالىن فىنلاندىيىگە ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ كېلىشىم تۈزمەكچى بولدى. بىراق نەتىجە چىقىرالمىدى. 1939-يىلى 23-ئاۋغۇست موسكۋادا «سوۋېت-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. گېرمانىيە كېلىشىم بويىچە 1939-يىلى 1-سىنتەبىر پولشاغا غەرپتىن ھۇجۇم قىلدى. سىتالىن 17-سىنتەبىر شەرقتىن ھۇجۇم قىلىپ پولشانى مۇنقەرز قىلدى. 1939-يىلى 9-ئۆكتەبىر 1938-يىلى ئاپرىلدىكى سۆھبەتنى قايتا قوزغاتتى. بىراق يەنىلا نەتىجە چىقمىدى.

14-ئۆكتە بىر سىتالىن فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ھانكو پورتىنى ئىجارە ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق بولغاندا گېرمانىيىنىڭ سوۋېتنى فىنلاندىيە قولتۇقىدا قورشاۋغا ئېلىشى مۇمكىن بولمايتتى. ئۇندىن باشقا سىتالىن 2750 كۋادرات كىلومېتىر فىنلاندىيە زېمىنىنى 5527 كۇۋادرات كېلومېتىر سوۋېت زېمىنىغا تېگىشىپ، لېنىنگراتقا 30 كىلومېتىرلا كېلىدىغان كارىلىيە رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، گېرمانىيىدىنمۇ داپىئەلەنمەكچى بولغان. بىراق فىنلاندىيە يەنە رەت قىلغاچقا، سىتالىن 28-نويابىر ئەسلىدىكى 1932-يىلى ئىمزالانغان «سوۋېت-فىنلاندىيە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى»نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، 30-نويابىر ھېچبىر تەييارلىقسىز ھالدا «قىشلىق ئۇرۇش»نى باشلىغان. نەتىجىدە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئەكس تەسىرى تېزلا كۆرۈلگەن. 1940-يىلى 13-مارتقىچە داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا سىتالىن 320 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلغان. 5570 ئەسكىرى ئەسىرگەچۈشكەن. 3543 تانكىسى پاچاقلاپ تاشلانغان. 515 ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. فىنلاندىيىدىن بولسا 26 مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان. مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن. 43 مىڭ ئەسكەر يارىلانغان. 30 تانكا ۋە 62 ئايروپىلان زىيان تارتقان. مىڭدەك ئاۋام بومباردىماندا قازا قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق سىتالىننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلەپ، 1939-يىلى 14-دېكابىر سوۋېتنى ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، فىنلاندىيىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

ماننېر ھېيىمنىڭ قوماندانلىقىدا فىنلاندىيە خەلقى ئاز كۈچ بىلەنلا سىتالىغا يۇقىرىقىدەك ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن. شۇڭلاشقا ۋەتەندە خىتايلار ئىزچىل بۇ قىشلىق ئۇرۇشنى يوشۇرۇپ كەلدى. ۋەتەندىكى خىتايلار تۈزگەن دۇنيا تارىخىغا بۇ ئۇرۇش كىرگۈزۈلمىگەنىدى. بەزى مەنبەلەردە بۇ ۋاقىتتا موسكۋا ئەمگەكچىلەر ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىمۇ بۇ قېتىمقى قىشلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر يارىلىنىپ، 1940-يىلى ئەتىيازدا كاۋكازدا داۋالىنىپ ساقايغان. ئوق تېگىپ كەتكەن كۆزى سەل قىسىق دېيىلىدۇ.

1940-يىلى 13-مارت ئۇرۇش توختاپ، سىتالىن فىنلاندىيىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى 11%زېمىنىغىلا ئېرىشكەن. ئەمما خەلقئاردىكى ئابرۇيى ۋە ھەيۋىسى يەر بىلەن يەكسان بولغان. «قىشلىق ئۇرۇشتىكى قاتتىق مەغلۇبىيەت قىزىل ئارمىيىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».

سىتالىن ئەمدى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، ياپونىيە بىلەنمۇ تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىرىدى. نەتىجىدە 1941-يىلى 13-ئاپرىل موسكۋادا «سوۋېت ياپونىيە بىتەرەپلىك ۋە تېنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

سىتالىن 1931-يىلى ياپونلار مانجۇرىيىگە كىرگەندىلا يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىغانىدى.

ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغاندا 1941-يىلى 22-ئىيۇن يېرىم كېچىدە گېتلىر 3 مىليون قۇدرەتلىك ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئۈچ سەپ بويىچە سوۋېتقا بېسىپ كىردى. ھەر قايسى سەپ قوشۇنلىرى يىل ئاخىرىغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا لېنىنگراد، موسكۋا ۋە كېيىۋغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە 1941-يىلى 7-دېكابىر ھاۋايدىكى پئورل-خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنى دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى.

شۇنىڭ بىلەن سىتالىنغا پۇرسەت كەلدى. 1942-يىلدىن 1945-يىلى 9-ماي گېرمانىيە مەغلۇپ بولغىچە، روزۋېلىت، چېرچىل ۋە سىتالىن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى تۈزۈپ، دۇنيانى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشتى.

ۋەتىنىمىز گەرچە ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق بولسىمۇ، بىراق 1941-1943-يىللاردىكى ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ، سىتالىننىڭ رازىلىقى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى، جاللات شېڭنىڭ ئارتىسلىقى بىلەن گومىنداڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 1944-1945-يىللىرى جاڭ كەيشىدىن مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرالمىغان سىتالىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا 2-جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشىغا يول قويدى.

1945-يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنىنىڭ روھى بويىچە سىتالىن «گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدەياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقى» توغرىلىق ۋەدە بەردى. بىراق جاڭ كەيشى، 9-ماي بېرلىن ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ سىتالىننىڭ موڭغۇلىيە، يىراق شەرق ۋەمانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتى توغرىلىق ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە، 2-ئايدىن بېرى جەڭگە كىرگىلى قويمىغان ئۇيغۇرلارغا 6-ئايدا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى ئىككى ئاي ئىچىدىلا شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئازات قىلدى. جەنۇپتا ئاقسۇ ئازات بولاي دېدى.

1945-يىلى 12-ئاپرىل روزۋېلىت ۋاپات بولۇپ، ترۇمېن ئورنىغا چىققان. 9-ماي سىتالىن بېرلىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن 22-ماي «كوممۇنىزىم خەتىرىگە قارشى پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن روزۋېلىت ۋاختىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئىتتىپاقلىقى يىمىرىلىشكە باشلىغان. ئىيۇلدا ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىنى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن يىراق شەرققە ئەسكەر توپلاۋاتقان سىتالىننى ئاگاھلاندۇرغان. 6-ئاۋغۇست خروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان.

سىتالىن 7-ئاۋغۇست «1941-يىلى 13-ئاپرىلدىكى سوۋېت-ياپون تېنچلىق كېلىشمى»نى بىكارقىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 8-ئاۋغۇست يەنە بىر ئاتوم بومبىسى ناگاساكىغا چۈشكەن. سىتالىن ترۇمېننىڭ تەكرار ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، «يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن، شۇكۈنىلا مانجۇرىيىنى قورشاۋغا ئالغان ئىككى يېرىم مىليون ئەسكىرىگە بۇيرۇق بەرگەن. قىزىل ئارمىيە 9-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئالتە كۈن ئىچىدىلا پۈتكۈل مانجۇرىيىنى ئىشغال قىلىپ، بىر يېرىم مىليون كىشىلىك كانتون ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 14-ئاۋغۇست ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. سىتالىن شۇ كۈنىلا موسكۋادا «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، جاڭكەيشىنى تېزرەك ئىپادە بىلدرۈشكە زورلاش ئۈچۈن، مىللىي ئارمىيىنى تاكى 9-سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە بېرىشىغا سۈكۈت قىلغان.

ئۈرۈمچىدىكى جۇشاۋلىياڭ 11-سېنتەبىر چۇڭچىڭغا ئۇدا ئۈچ قېتىم جىددىي مەكتۇپ يوللاپ: «ئەھۋال بەكلاخەتەرلىك! ئۇلار 120 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرلىسىلا ئۈرۈمچى قولدىن كېتىدۇ! ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇشقا 120 كىلومېتىرلا قالدى. مەن ئاز ساندىكى ئەسكەرلىرىم بىلەن دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش يولىنى تۇتتۇم! ئالىيلىرى تېزدىن چارىسىنى قىلىپ، ياردەم قىلغايلا!» دېگەن.

ئاخىرى جاڭ كەيشى سىتالىندىن ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە سىتالىن پالىنوف ئارقىلىق مىللىي ئارمىيەنى ماناس دەريا بويىدا توختىتپ قويغان. 15-ئۆكتەبىردىن 1946-يىلى ئىيۇنغىچە سوزۇلغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق، 1-ئىيۇل «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» قۇرۇلغان. ئون كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ھەتتا ئەلىخان تۆرەمگە مېدال ئېلان قىلىنغان. بىراق غۇلجىدا، ئەلىخان تۆرەم 13-ئىيۇل مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە زىس ماشىنا بىلەن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى. بۇئىشلارنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللەر تېخى بىلمەيتتى. 1947-يىلى 25-فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى بىتچىت بولدى. بىراق ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.

چۈنكى جاڭ كەيشى ترۇمېننىڭ قوللىشىدا 1946-يىلى 6-ئايدا كومپارتىيىگە ھۇجۇم باشلىغانىدى. ترۇمېننىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە كوممۇنىزىمغا، سوۋېتقا قارشى ھەرىكەتلىرى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى تېخىمۇ تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى.

1946-يىلغىچە نىسبەتەن سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيىتىمىز 1948-يىلى ئەسلىدە سىتالىن مانجۇرىيەدە قالدۇرۇپ كەتكەن قوراللار ئارقىلىق گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، كۈنسىرى جەنۇپقا قاراپ يۈرۈشقىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ سەۋەبىدىن 1949-يىلى سېنتەبىردە قايتا قۇربانلىق قىلىنىپ، 70 يىللىق قىزىلقى يامەتنى باشلىدى.

«فرانكىلىن روزۋېلىتنىڭ ۋاپاتى ۋە ھاررىي ترۇمېننىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگەكۆرسەتكەن تەسىرى»

توغرىلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك «دەۋاگەر يۇۋاش بولسا، قازى مۇتەھەم بولىدۇ!»، «بىزمۇ قۇياش ئاستىدىكى زېمىندىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئادەمدەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!»

(2): «ئامېرىكا باشلىق ناتو دۆلەتلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇراجىئەت»

2019-يىلى 4-ئاپرىل

(ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدېنتى مايك پېنىسنىڭ 3-ئاپرىلدىكى چاقىرىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس)

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مايك پېنىس «بۇندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ كۈنسىرى يۈكسىلىۋاتقان مۇستەبىت خىتاي» ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقداشلارنىڭ بۇنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.

ش ئا ئە ت، يەنى «ناتو» 1949-يىلى 4-ئاپرىل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگتون شەھىرىدە «سىتالىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزىم لاگىرىغا قارشى دېموكراتىك ئەللەر ۋە ئەركىن كاپىتالىستىك تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان».

1950-يىلدىكى كورىيە ئۇرۇشى، 1960-يىللاردىكى ۋېيتنام ئۇرۇشى، 1979-1989-يىللاردىكى ئافغانىستان ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق، 1991-يىلى كوممۇنىزىم لاگىرىنىڭ ئاتامانى سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولدى. 1999-يىلى ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىنىسى يۇگۇسلاۋىيە «ناتو باشلىغان كوسوۋۇ ئۇرۇشى» نەتىجىسىدە ھالاك بولدى.

2000-يىلى ئاسىيادىكى كوممۇنىزىمنىڭ مەھشەر كۈنى يېقىنلاشتى. تولىمۇ ئەپسۇس، 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسى تۈپەيلى «جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان مۇستەبىت قىزىل خىتاي بىر دومىلاپلا دېموكراتىيە ۋە تىنىچلىقنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇۋالدى. ئۇنىڭغا شىلتىلغان شەمشەر ئايلىنىپ كېلىپ بىچارە ئۇيغۇرنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى».

1989-يىلدىكى ۋەھشىيلىككە كۆز يۇمغان، 1969 -يىلدىن باشلاپ دۈشمىنىنى ئۆز قولى بىلەن سەمرىتىپ تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا ئۇزاق بولغاندا 50 يىل، ئەڭ ئاز دېگەندە 30 يىلدىن كېيىن ئەقلىنى تېپىپ، ئاخىرى 2019-يىلى 3-ئاپرىل ھەقىقىي خەتەرلىك رەقىبىنى توغرا بېكىتىپ، تەھدىتكە قارشى تەدبىر تۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ناۋادا ناتو 1991-يىلى تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىپ، «سوۋېت يىقىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى» دەپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ، رۇسلارنىڭ 1992-يىلدىن 2012 -يىلغىچە شىمالىي كاۋكاز رايونىدا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلمىغان بولسا، رۇسلار 2014-يىلى مارتتا قىرىمنى يۇتۇۋېلىپ، 2015-يىلدىن باشلاپ سۈرىيەدە بىھۇدە قان تۆكەلمەس ئىدى. ناتومۇ رۇسلارنىڭ ئالدىدا بۈگۈنكىدەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان، ئوشۇق باش ئاغرىقى تېپىۋالمىغان بولاتتى.

بالقاندىكى سېربلارمۇ 1991-يىلدىن 1999-يىلغىچە بوشناق قاتارلىق مۇسۇلمانلار ۋە سىلاۋىيان بولمىغانمىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بالقاندا مىللىي زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، پاجىئە پەيدا قىلالماس ئىدى. 1990-يىلدىن 2000-يىلغىچە خىتايلار ۋەتىنىمىزدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك نامىدا مىليونلىغان مەسۇم ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلالمىغان، 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت نامىدا مىليونلىغان ئېتىقادلىق ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەردە يوقىتىپ تاشلىمىغان، 2011-يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ روھلىنىپ، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچ «مىللىي بۆلگۈچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەر» قالپاقلىرىنى ئىشلىتىپ، 30 نەچچە مىليون ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان 40 نەچچە مىليون ئۇيغۇرىستان ئاھالىسىنى خۇددى 1941-1945-يىللىرىدىكى گېرمانىيە يەھۇدى مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلغاندەك «مىللەت سۈپىتىدە تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن خەلقىمىزنى ئىككى مىليون كۋادرات كىلومېترلىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قاماپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزنى پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا ئايلاندۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلالماس ئىدى».

(3): ئامېرىكا ۋە ناتو تارىخىي خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك

1999-يىلى چېچىنىيە گېنىرالى شامىل باسايېۋ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ناۋادا بۈگۈن رۇسلارنىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ، ۋاختىدا قەبىھ جىنايەتلىرىدىن توختاتمىساڭلار، ئەتەھەممىڭلارنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ» دېگەنىدى. كېينچە راسلا شۇنداق بولدى، شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، شۇنداق بولماقچى.

مەنمۇ 2019-يىلى 4-ئاپرىل ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ناتونىتېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن: «ناۋادا ياۋۇز، ئالدامچى، نومۇسسىز، يۈزى قېلىن، قۇۋ ۋە تاش يۈرەك مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ تېنچلىق ئەلچىسى، پەرشتە سۈپەت ئۇيغۇر مىللىتىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، 50 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرىستان ئاھالىسىگە قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى زورلاپ توختاتماي يەنە سۈكۈت قىلساڭلار، ئەتە خىتايلار يالغۇز ئامېرىكا ياكى ناتو ئەزالىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ! ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىلەر!».

كۆك ئەرۋاھنىڭ «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى پىلانى — خىتاينىڭ مارشال پىلانى» ۋە «ئەزىز ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە بىچارە ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىنىڭ تۇنجى قۇربانى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ، رۇخسىتى بىلەن يوللاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top