You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 14: ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلاردىن ئاكا-ئۇكا نورۇزلارغىچە

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 14: ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلاردىن ئاكا-ئۇكا نورۇزلارغىچە

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون تۆرتىنجى باب: ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلاردىن ئاكا-ئۇكا نورۇزلارغىچە

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يۈز يىل بۇرۇن ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار،
پەننىى مەكتەپ ئاچقان باشلاپ ئىكىساقتا.
يۈز يىل كەيىن ئاكا-ئۇكا نورۇزلارمۇ،
ئىزىن باسقان ئەجدادلارنىڭ مائارىپتا.
-خاتىرەمدىن.

شۇنداق، ئانا يۇرت دەگەننى يازساڭ-يازساڭ تۈگەمەيدۇ؛ چۈنكى، ئۇ سەنى تۇغقان، پەپىلەپ ئۆستۈرگەن ۋە چوڭ قىلغان زاكا دىيار؛ قايسىبىرسىنى تەئرىپلەپ بولالايسەنكى ئىنسانلارىنىڭ؛ چۈنكى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممەسى ساڭا ئۆز، جىمىسى ساڭا دوست-يار؛ قايسى بىر مەنزىرەنى كۆرۈپ تويۇپ ۋە زەرىكىپ (زارىقىپ) قالىسەنكىن-تاڭ، چۈنكى، ئۇ يەردىكى ياڭى قۇرۇلۇشلار ساڭا ياڭىلىق بولسا، قەدىمىي ئىزلار ساڭا ئەسلىڭنى ئەسلەتىپ، كۈچۈڭگە كۈچ ئۇلار، گويا جانىڭغا جان قاتار!

2014-يىلى، مەن بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە داۋاملىق ئىشلەۋاتقان ۋاقتىم. ياز بولدى، يازلىق تەئتىلنى ئانا يۇرتتا ئۆتكۈزۈش نىسىپ بولدى ۋە ئەھمىيەتلىك سەرگۈزەشتەلەر خاتىرەم بەتلەرىنى زىننەتلەپلا كەلدى.

تەسادىپى ئۇچراشىش ۋە ئەھمىيەتلىك زىيارەت

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئونلاردا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىغا چىقتىم. ئالدى بىلەن، نەشىر قىلىنغۇسى توپلامىم «ھىجرەت ۋە نۇسرەت» نى تەھرىرلەۋاتقان مەسئۇل مۇھەررىر، ئاتاقلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنى ئىشخاناسىدا، زىيارەت قىلماقچى بولدۇم.

خانىمنىڭ ئىشخانا ئىشىكى غۇۋا ئوچۇق ئىكەن. ئىجازەتتىن كەيىن كىرىپ، ئاپتورلارغا خاس تەۋازۇ ۋە ئىھتىيات بىلەن، مەسئۇل مۇھەررىر خانىمغا سالام قىلدىم. چىمەنگۈل خانىممۇ مەسئۇل مۇھەررىرلەرگە خاس سالاپەت ۋە ھەيۋەت بىلەن سالامىمنى ئىلىك ئالدى ۋە ئۆزىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى كرسلوغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئەدەب بىلەن ئولتۇردۇم. ئەمما شۇئان، مەزكۇر ساپادا ئولتۇرۇپ، مەن كىرىشتىن بۇرۇن چىمەنگۈل خانىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئولتۇرغان 40 ياشلار چاماسىدىكى ئوتتۇرا بوي، ئۇستىخانلىق بىر ئەركەك ئورنىدىن چاچراپ دەگۈدەك تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، ماڭا ئەگىلىپ سالام قىلدى:

– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇئەللىم!
– ئەلەيكۇم سالام!
ھەر ھالدا مەنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان بىر قارىنداشىمىز بولسا كەرەك دەپ ئويلاپ، ئادەتتىكىچە جاۋابەن سالام قايتۇردۇم ۋە چىمەنگۈل خانىمغا يۈزلەنىپ تۇرۇپ، تىنچلىق سوراپ، كەلىش مەقسەتىمنى بايان قىلىۋاتسام، ھەلىقى ئەركەك يەنە شۇ سالام تۇرۇقىدا تۇرۇپ، ھاياجانلىق ئاۋازدا گەپىمنى بۆلدى:
– ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم، سىز مەنى تونۇدىڭىزمۇ؟

قەرى ئادەمنى قىينايدىغان، تەڭلىكتە قويىدىغان ۋە ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان سوئال ئىدى بۇ. «تونۇمادىم» دەسەڭ، قارشى تەرەپ جەزمەن خوشھال بولمايدۇ؛ «تونۇيمەن» دەي دەسەڭ، راستىنلا خاتىرەڭدە يوق. خەلىلا ئوڭايسىزلانغان ھالدا، خىجىللىق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم:
-سىز قەۋەتلا تونۇش بىر ئۇيغۇر قارىنداشىم، ئەمما قاچان ۋە قەيەردە تونۇشقانلىقىم دەرھال ئەسىمگە كەلمەدى، كەچۈرۈڭ…
-مەن 91 – يىللىق سىنىپتىكى ئابدۇرەھىم ئابلا (ئابدۇللاھ)! ھە، ئەمدىغۇ ئەسىڭىزگە كەلگەندۇ، سىز بىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىمىز، دەرستىن سىرتقى ئىلمىي پائالىيەت يەتەكچىمىز ئىدىڭىز، شۇنداق ئەرمەسمۇ؟

بىز شۇنداق دەيىشىپ، ياڭىباشتىن تونۇشتۇق. ئالدىمدا تۇرغان بۇ ھاياجانلىق ئوتتۇرا ياش ئىنسان 1991-يىلى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە بەش يىل ئوقۇپ، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىمىز ئىكەن. ئون سەككىز يىلدىن بۇيان، ھىچبىر يەردە ئۇچراشىپمۇ قالماپتۇق. ئۆز زامانىسىدىكى يۇمران بوز يىگىت ئەمدىلىكتە قاتقان بىر ئەر كىشىگە ئايلانىپتۇ. شۇڭا دەرھال تونۇيالماغانلىقىممۇ ھەقلىق ئىش بولۇپ چىقتى. ئەمما، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۈستۈن ئارتۇش (ئارتۇچ) لۇق ئىكەنلىكى ئەسىمگە كەلدى-دە، دەرھال سورادىم:
-ھازىر سىز قەيەردە، نەمە خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىسىز؟

ئۈستۈن ئارتۇش ئىكىساق كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىۋاتىمەن،- ئۇ خاتىرجەم جاۋاب بەردى.
-نەمە؟ ئىكىساق مەكتەپىدە، يەنى ئاشۇ مەشھۇر مۇسابايىۋلار قۇرغان ھۈسەينىيە مەكتەپىدەمۇ؟،- ئەمدى، ھاياجانلانىش نۆۋەتى ماڭا كەلدى بولغاي، ۋارقىراپ دەگۈدەك سورادىم.
-دەل شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە.
-ئۇنداقتا، بۇ ساپادا سەن ئولتۇر، مەن ئالدىڭدا ئۆرە تۇراي،- دەدىممەن ئارتۇشلۇقلارغا خاس تەلەپپۇز ۋە سەمىمىي كۆڭلۈم بىلەن،- چۈنكى سەن مەندىنمۇ مۆھتەرەم پروفەسسور ئىكەنسەن ئەرمەسمۇ؟
-ۋاي-ۋۇي، مەنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بازار قىلىۋەتتىڭلارغۇ مەنىڭ بۇ ئىشخانامنى؟

چىمەنگۈل خانىمنىڭ ئەسكەرتمەسى بولماسا، قاچانغىچە «سەن ئولتۇر، مەن تۇراي» دەيىشەتتۇقكىن-تاڭ. ئەيتاۋۇر، بىزنىڭ تەسادىپى ئۇچراشىشىمىز، ئون سەككىز يىلنىڭ ئالدى-كەينى ۋە شۇنىڭدىن كەيىن باشتىن كەچۈرگەنلەرىمىز ئىككىمىزنىڭ مىڭە ھۈجەيرەلەرىمىزنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىزنى ياڭى بىر تۇرمۇش مەنزىرەسى بىلەن مۇكاپاتلاپ، ھەيران-ھەسلىكتە قالدۇرغانلىقى راست ئىدى.
تەسادىپى ئۇچراشىش بىر خەيرلىك قارار بىلەن نەتىجەلەندى: بىز ئەرتە چۈشتىن كەيىن، ئىكىساق مەكتەپىنى ئەكىسكۇرسىيە قىلغاچ، نەق مەيداندا داۋاملىق مۇڭداشىدىغان بولدۇق.

ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتەپىدە ئىككى سائەت

8-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كەيىن، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3:30 دە، مەنزىلگاھىمىزغا يەتىپ كەلدۇق. مەكتەپنىڭ شەرققە قاراتىپ ئاچىلغان قوش قاناتلىق پولات دەرۋازاسىنىڭ كىرىشتە سول تەرەپ يان تامى ئۈستىگە «ئۈستۈن ئارتۇش ئىكىساق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپى» دەگەن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ۋىۋىسكا مىقلانغان ئىدى. تەئتىل ۋاقتى بولغاچ، خەۋەرلەشىش ئۆيىدە گۈلباھار ئىسىملىك بىر ياش ھەم گۈزەل خانىم نۆبەتچى ئىكەن، بىزگە ئىشىك ئاچىپ بەرىپ: «مەرھابا، خۇش كەلىپسىزلەر!» دەدى.

دەرۋازىدىن كىرىشكىلا ئىككى تەرەپى مىۋەلىك-مىۋەسىز دەرەخلەر بىلەن ئورالغان خەلى كەڭ بىر مەيدان. مەيداننىڭ دەل ئوتتۇراسىدا ئىگىز قىزىل سۇپالىق قوش ھەيكەل؛ ھەيكەلدە باۋۇدۇن مۇسابايىۋ بىلەن ھۈسەن مۇسابايىۋ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئىلىم-مەئرىپەت مەشئەلىنى بىرلىكتە كۆتۈرۈپ، يىراققا تىكىلگەن ھالدا ئالغا كەتىۋاتقان ئوبرازى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. بۇ ھەيكەلنى گەزىت-ژۇرنال ۋە كىتابلاردا تالاي قاتىم كۆرگەن بولساممۇ، ئۇ زاتلار مۇندىن بىر يۈز يىگىرمە نەچچە يىللار بۇرۇن قۇرغان ھۈسەينىيە مەكتەپى (يەنى ئىكىساق مەكتەپىنىڭ ئەسلىي) دە كۆرۈش مەنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلاندۇرماقتا ئىدى.

مەزكۇر ھەيكەلنى مەركەز ۋە ئوق قىلىپ، تۆرت تەرەپكە قاراتىپ ئالىنغان ۋە يۇمران كۆچەت-دەرەخلەر بىلەن كوچا قىلىنغان يوللار سىزنى ياقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپى ئوچاقى بولغان، ئاتاقلىق مەئرىپەتپەرۋەر زاتلار ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلاردىن تارتىپ، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئەمىن ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى سەيفۇددىن ئەزىزىي قاتارلىقلارغىچە بولغان بىر تۈركۈم تۆھپەكار ئەجدادلارنىڭ قەدەم ئىزى قالغان بۇ مەكتەپنىڭ قوينىنى سەير قىلدۇرىدىكەن. شۇنداقلا، شۇ تاپتا بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك نەپەر ياش بۇغۇننى تەربىيەلەۋاتقان زامانىۋى مۇئەسسىسەلىك بۇ ئىكىساق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ ھەر قايسى ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش بىنالارىغا ئالىپ بارىدىكەن. بىز ئالدى بىلەن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 3-قەۋەتىدىكى «ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتەپى مۇزىيى» نى ئەكىسكۇرسىيە قىلدۇق:

«چەتئەللەرنىڭ مائارىپ ئىشلەرىدىن تەئسىرلەنگەن باۋۇدۇن مۇسابايىۋ (1851-1928) ئاكاسى ھۈسەن مۇسابايىۋ (1884-1926)نى كاشغەردە ياڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشىشقا كۆندۈردى. شۇنداق قىلىپ، مەزكۇر ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلار شەخسىي دارامەتىدىن ئىقتىساد ئاجراتىپ، ئارتۇش ئىكىساقتا ياڭى مائارىپ مەكتەپى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا، تۇنجى ياڭى زامانىۋى مەكتەپكە ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپ مىلادىيە 1883-يىلى كۈزدە رەسمىي ئوقۇش باشلادى. باۋۇدۇن باينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ، كەيىنچە ئاكاسى ھۈسەن ھاجىنىڭ نامى بىلەن «ھۈسەينىيە مەكتەپى» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئىكىساقتا قۇرۇلغان بۇ ياڭى پەن مائارىپ مەكتەپى ئەڭ دەسلەپ ئۈچ سىنىپتىن تەشكىل قىلىندى. سىنىپلارى كەڭ دەرىزەلىك، دوسكا، پارتا قاتارلىق جاھازىلارى مۇكەممەل، سىنىپلارنىڭ ئىچ-تاشى ئاقارتىلغان، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياتاقخانا ۋە ھاممام (تاشمۇنچا) قاتارلىق ئەسلىھەلەر بىنا قىلىنغان؛ مەكتەپ ئەتراپى ئورمانلاشتۇرۇلغان…» مۇزىينىڭ چۈشەندۈرۈش تاختاسىغا شۇنداق يازىلغان ئىدى.

قاراسام، بىر قەۋەتنىڭ تەخمىنەن 120 كۋادرات مەتىر كەلەر ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى بىر زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ مۇزىي گەرچە خەلىلا ئىخچام ۋە كىچىك بولسامۇ، ئۆزىنىڭ مەزمۇندارلىقى ۋە رەتلىك، كۆركەملىكى بىلەن مەنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىۋالدى.
تۈرلۈك زامان ۋە مەزمۇن دائىرەسى بويىچە، ئايرىم بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن، ھەر بىر مۇھىم مەزمۇن ئايرىم سۈرەت ياكى ئۆزگەچە ماددىي بۇيۇم بىلەن ئىسپات-دەلىللەپ كۆرسەتىلگەن بۇ مۇزىينى كەم دەگەندەمۇ ئۈچ قاتىم تەكرار ئايلانىپ كۆردۈم، بەئزى نادىر مەزمۇنلارنى خاتىرەلەدىم، سۈرەتكە ئالدىم.

مەن ئۆمرۈمدە، بىر نەپەر بىلىك ئالغۇچى ۋە ئىلىم قازغۇچى سالاھىيەتى بىلەن، ئۈرۈمچى، بەيجىڭ، باغداد، قاھىرە، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق مەشھۇر ۋە دۇنياۋى چوڭ شەھەرلەردە، تالاي مۇزىيلارنى ئەكىسكۇرسىيە قىلغان بولدۇم. دەرۋەقە، ھەر تۈر قوغۇننىڭ تەئمى باشقاچە بولغاندەك، ھەر شەھەر، ھەر دۆلەت مۇزىيلارىنىڭ ئىنسانغا بەرىدىغان تەئسىرى ۋە تەئلىمى باشقاچە ۋە ئۆزگەچە بولىدۇ، ئەلبەتتە. بۇ يەردە، دىلىمنىڭ ئەڭ ئىچكىرى قاتلامىدىكى ساپ سەمىمىيەتىم بىلەن دەسەم، بۈگۈن كۆرگەن «ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتەپى مۇزىيى» ئاتلىق بۇ مۇزىينىڭ ماڭا بەرگەن تەئسىرىنى قىممەت تارازاسى بىلەن لىللاھ ئۆلچەگەندە، ھەممەنى باسىپ چۈشىدىغان دەرىجەدە ۋەزنىلىك، ھەممەدىن كۈچلۈك، ھەممەدىن ئەمەلىي ۋە نەق بولدى.

مۇزىينى ئەكىسكۇرسىيە قىلىش ماڭا باشقا مۇزىيلارنى كۆرگەن چاغدىكىدەك سەير-تاماشا ھىسسىياتى ئەرمەس، بەلكى ئىپتىخارلىق، ھاياجان ۋە تەقەززالىق بىلەن ئۆگرەنىش، جىددىيەت بىلەن ئىشلەشكە ئالدىراش تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. چۈنكى، بۇ مۇزىينىڭ مەنىڭ كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلغانى ئەپسانەگە ئايلانىپ كەتكەن ئۇزاق ئۆتمۈش ئەرمەس، بەلكى مۇندىن ناھايەتى يۈز قانچە يىللار بۇرۇنقى ئەڭ ياقىن ئۆتمۈش ئىدى؛ بۇ مۇزىينىڭ ماڭا كۆرسەتكەنى باشقا قەۋم، ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ ئەرمەس، بەلكى دەل ئۆز ئەجدادىمنىڭ ماڭغان يولى، ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلار باش بولغان بىر تۈركۈم قارىنداشلارىمنىڭ خەلقنى خۇراپاتلىقتىن قول ئۈزۈپ، ئىلىم-پەن ئۆگرەنىشكە يەتەكلەپ، ئۆز خەلقىنى دۇنيادىكى باشقا ئىرق ۋە باشقا ئەقىدەدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاشلا، ئۆز غۇرۇرىنى قوغداغان ھالدا ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان كۈچى، تىرىشچانلىقى ۋە ئارزۇسى ئىپادەلەنگەن ھايات سەرگۈزەشتەسى ئىدى. بۇ مۇزىينىڭ ماڭا مول پاكىتلار بىلەن دەلىللەپ تۇرۇپ ئۆگرەتكەنى بولسا، ھالال ئەمگەك، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان تىرىشچانلىق جەزمەن چىچەكلەيدۇ ۋە مىۋە بەرىدۇ؛ ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن، خەلقنىڭ غۇرۇرلۇق ياشاشى ۋە ھەقلىق ھالاۋەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىنسان مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە ۋە ۋىجدانىي ئەمگەكلەر ئەمەلىيەتىدە مەڭگۈ ياشايدۇ، دەگەن ھەقىقەت ئىدى!

سائەت بەش يارىم-ئالتەلەردە، ئىكىساق مەكتەپىدىكى زىيارەتىمىزنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قەشقەر شەھىرىگە قايتىش يولىغا چىقتۇق.
-مۇشۇ يەردىن قەشقەر ھەيتگاھقا ئوتتۇز بەش مىنۇت كەتىدۇ،- دەدى شوپۇر ئىنىم،- بىردەم مۈگىدەۋالسالامۇ بولىدۇ، بىر ئاز چارچاپ قالدىلاغۇ دەيمەن.

نەدىكى چارچاش، نەدىكى ئۇيقۇ ئىكەن ئۇ مۈگىدەۋالغۇدەك؟! شۇ تاپتا، ھەلىلا كۆرگەن ئىكىساق مەكتەپى مۇزىيى نامايەن قىلغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلار ئاچقان مەئرىپەتچىلىك يولى ۋە ئۇ يولنى بويلاپ بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا ماڭغان مەئرىپەتپەرۋەر ئەجدادلار گويا ئۆلۈمسىز ئوبرازلار تىزىقى بولۇپ، مىڭەمدە ئەكس ئەتمەكتە ئىدى.

ماشىنا نورمال تىزلىك بىلەن ئالغا كەتىۋاتىدۇ. توساتتىن كۆز ئالدىمدا، بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ ئەجدادلار ئاچقان ۋە ماڭغان مەئرىپەتپەرۋەرلىك يولىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان غايەلىك ئەۋلادلارنىڭ سەرخىلى ئاكا-ئۇكا نورۇزلارنىڭ نەۋقىران سىيماسى گەۋدەلەنىپ، مەنى شۇ ئان ياڭىدىن ياڭى بىر ھاياجان كەڭلىكىگە باشلادى گويا!

مۇئەللىم شىركەتى نامايەن قىلغان مەئرىپەت

بۇ يىل (2014-يىل) 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەكتەپنىڭ ئىجازەتى بىلەن، ئۈرۈمچىدە ئاچىلغۇسى «ئۇيغۇرچە ۋەسىقەلەر ۋە ئاتالغۇلار تەتقىقاتى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشىش ئۈچۈن كەلىپ، چۈشتىن كەيىن، ئۈرۈمچى ۋاقتى تۆرتلەردە، يىغىن رىياسەتى كۆرسەتكەن ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈكتىكى «خەلقئارا سودا سارايى» مىھمانخاناسىغا كىرىپ، 9-قەۋەت 10-ياتاققا ئورۇنلاشتىم. كەچتە، مىھمانساراي يانىدىكى «لەززەت تائاملارى»دا، يىگىرمە كويغا بىر قاچا قورداقلىق لەغمەن يەدىم. ئاندىن، ياتاققا قايتىپ، يۇيۇندۇم. بەيجىڭنىڭ مەزكۇر ئىيۇن ئايىدىكى ئىچ سىققۇچ دەمىق ھاۋاسىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئۈرۈمچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا راھەت نەپەسلەنىپ، ئەجەب تاتلىق ئۇخلادىم.
19-ئىيۇن، پەنجشەنبە كۈنى، ئەرتەگەن سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى توققۇز يارىم بولغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلاشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارىنىڭ بىرى بولغان “چوڭ بازار”نىڭ زامانىۋى چوڭ يىغىن زالىدا، ئانا يۇرت «مۇئەللىم» ئەلىكترون پەن تەخنىكا چەكلىك شىركەتى بىلەن شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلارى تەتقىقات بازاسى ھەمكارلاشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرچە ۋەسىقەلەر ۋە ئاتالغۇلار تەتقىقاتى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغالىق ئاچىلدى.

بۇ – ئەخمەتجان نورۇز لىدەرلىكىدىكى ئانا يۇرت “مۇئەللىم” ئەلىكترون پەن تەخنىكا چەكلىك شىركەتى بۇلتۇر (يەئنى 2013-يىل) 6-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجياڭ ئۇنۋەرسىتىتى فلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلاشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشى تەتقىقاتى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دىن كەيىن تەشكىللەگەن يەنە بىر مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم-مەئرىپەت نامايەندەلەرى كۆرەكى ئىدى.

19-، 20-ئىيۇن ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىندا، ئالدى بىلەن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلارىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تىل-يازىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىدىغان ئۇستازلار، ئۇيغۇر تەرجىمەچىلىكى، ئۇيغۇر كومپيوتىرچىلىقى بىلەن شۇغۇللانىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلەرىنىڭ ياقىندىن بۇيان، ئۇيغۇرچە ۋەسىقە تەتقىقاتى ۋە ئاتالغۇناشلىق ئىلمى بويىچە قىلغان ياڭى-ياڭى ئەمگەكلەرىنى ئىلىم سورۇنىغا دوكلات قىلدى، شۇ قاتاردا، ئەخمەتجان نورۇزنىڭ ئۆزىنىڭ «مۇئەللىم» شىركەتى ۋە ئۇنىڭ قارماقىدىكى «مۇئەللىم» تەتقىقات بۆلۈمى نامىدىن چوڭ يىغىنغا بەرگەن دوكلاتى ھەممەدىن نەق ۋە ۋەزنىلىك ئىدى:

«… 2013- يىلى 7 – ئايدا شىركەتىمىزنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى «بىلىگ پەد» بازارغا سالىندى. قاتتىق دىتال جەھەتتە بۇ مەھسۇلاتقا 8 دىيۇملۇق سەزىمچان ئىكران، 16 گىگابايتلىق ئىچكى ساقلاغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئاندرويىد 4.0 لىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلات سىستەمىسى قوللانىلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، سىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئاچۇق شەكىلدىكى توردا ئۆگرەنىش سۇپاسى بولۇپ، ئەقىل-ھىسسىيات يەتەكچى نەزەرىيەسى، ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن؛ ئەلا سۈپەتلىك، نوپۇزلۇق مائارىپ بايلىقلارى، قوللانىشچان ئەپلەر، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ماتىماتىكا، ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەندىن بۆلەك، سىن دەرسخانا، تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللارى، يانداشما مەشىق قاتارلىق دەرس ماتىرىياللارىدىن باشقا يەنە سەككىز تىلنىڭ كۆپ يۆنەلىشلىك لۇغەتلەرى، كەسپىي لۇغەت ۋە پەن لۇغەتلەرى بولۇپ 100 خىلغا ياقىن لۇغەت كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەھسۇلات ھەر قايسى قاتلام، تۈرلۈك ساھەگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

2014-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئاندرويىد سىستەمىىسىنىڭ 4.3 نەشىرى قوللانىلغان، كۆپ خىل تىللىق ئارا يۈز ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئىشلەتىلگەن، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سىستەمىلىق، كۆپ تىللىق “مۇئەللىم” لۇغەتلەرى كەينى-كەينىدىن بازارغا سالىندى. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر خەلق چۆچەك-مەسەل ئەپلەرى كىرگۈزۈلگەن، قاتتىق دىتال جەھەتتە قوش يادرولۇق مەركەزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتىلگەن، ئىكران چوڭلۇقى 4.3 دىيۇمدىن 5.5 دىيۇمغىچە بولغان تۆرت خىل نۇسخالىق «مۇئەللىم» ئەقلىيفونلارى بازارغا سالىندى.

2014-يىلى شىركەتىمىز تۈزۈپ چىققان ئۇيغۇر خەلق چۆچەك-مەسەللەرى، دۇنياۋى چۆچەك-مەسەللەرىنىڭ تۆرت خىل ئەپى، پەشقەدەم تەرجىمان توختى تىللا ھاجى تۈركچەدىن تەرجىمە قىلغان “ھازىرقى بالالار كارامەت” ناملىق ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق ئەپى ئالما ئەپ بازارىدا ئەلان قىلىنىپ، شىركەتىمىزنىڭ ئالما سىستەمىسىدىكى ئەپ ئاچىشىنىڭ باشلانىشى بولۇپ قالدى. 2014-يىلى، بىرىنجى ئەۋلاد بىلىگ پەدنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتال ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىككىنجى ئەۋلاد بىلىگپەد بازارغا سالىندى.

شىركەتىمىز باشقۇرۇش تۈزۈلمەسىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئىلغار كارخانا مەدەنىيەتى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە، تەشكىلىي جەھەتتە يۇمشاق دىتال ئاچىش بۆلۈمى، ماتىرىيال تۈزۈش-تەھرىرلەش بۆلۈمى، ئەلان-ستراتىگىيە بۆلۈمى، ساتىش بۆلۈمى، ساتىشتىن كەيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىقلانى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى ساپالىق، يۇقىرى ھاياتىي كۈچكە ئىگە خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىشلەتىشكە ئەھمىيەت بەرىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلارىدىكى بىلىملىك، تەجرىبەلىك، ئىقتىدارلىق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ، تەتقىقات، ئىشلەپچىقارىش، ساتىش، مۇلازىمەت، كارخانا مەدەنىيەتى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى خىزمەتلەرنى يەنەمۇ ئىلگىرى سۈردۇق. نۆۋەتتە، شىركەتتە مۇقىم ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچى 30 نەپەر بولۇپ، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكىلەر %80 دىن ئاشۇرۇلدى؛ شىركەت ھەر قايسى جايلاردىكى ساتىش مۇلازىمەت مەركەزىدىكى خادىملارنى ھەر يىلى يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقارىپ تەربىيەلەپ، ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئاممانى بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلارىنى ساتىۋالغاندىن كەيىنمۇ ياخشى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيەتىگە ئىگە قىلدۇق.

شىركەت قۇرۇلغاندىن بەرى ئىزچىل ھالدا ئىشەنچلىك ماركا ياراتىش خىزمەتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرىپ، «مۇئەللىم» ماركاسى ئاستىدا «تىلچى»، «تەرجىمان»، «ئايبىلىگ»، «پەرۋاز»، «بىلگەك»، «بىلىگ پەد» قاتارلىق خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان، ئۆز مەدەنىيەتىمىزگە ياقىن بولغان قوشۇمچە ماركا ۋە مەھسۇلات ناملارىنى ياراتىپ، مەھسۇلاتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇردۇق.

شىركەت يەنە 2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخاناسى بىلەن بىرلەشمە تىجارەت ھەمكارلىقى ئورناتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلارىدىكى ئوتتۇزدىن ئارتۇق شىنخۇا كىتابخاناسىدا مەخسۇس بازار سۇپاسى تەسىس قىلىپ، شىنخۇا كىتابخاناسىدىكى يىللىق ساتىش سومماسىنى بىر مىليون يۈەندىن ئاشۇردۇق. نۆۋەتتە، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كەڭەيتىش يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنىۋاتىمىز.

2012 – يىلى يانۋاردا، شىركەتىمىز شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى ۋە شىنجياڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىدىكى تىلشۇناس ۋە دوكتورلارنى تەكلىپ قىلىپ، «مۇئەللىم» شىركەتى تەتقىقات بۆلۈمىنى قۇرۇپ چىقتۇق. «مۇئەللىم» شىركەتىنىڭ بۇ تەتقىقات بۆلۈمىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتى مائارىپ، تىل-يازىق تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئورۇنلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتىپ، ئۇلارنىڭ نازارەتىنى قوبۇل قىلىپ، مائارىپ بايلىقلارىدىن ئورتاق پايدالانىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «مۇئەللىم» ماركاسىدىكى ئەلىكترونلۇق مائارىپ مەھسۇلاتلارىنىڭ تەتقىقات، ئىشلەپچىقارىش خىزمەتىنى تەخىمۇ سىستەمىلەشتۈرۈپ، مەھسۇلات يۇمشاق ماتىرىيالىنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرالىقى ۋە ئىقتىدارىنى يەنەمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىركەتىمىزدىكى «مۇئەللىم» تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ يەتەكچىلىكىدە، خەنزۇ تىلىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى، ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئىنگلىز تىلى دەرسلىك كىتابلارىنى تەرجىمە قىلىش، ئەلىكترون ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنى قالىپلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل-يازىق، ئوقۇ-ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي يىغىن ۋە پائالىيەتلەرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق مول ئەمەلىي نەتىجەلەرنى ياراتتۇق. شۇ تاپتا، «مۇئەللىم» تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدە شىركەتىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرى جۇش ئۇرۇپ ئالغا باسماقتا. ئالايلۇق، 2012-يىلى 4-ئايدا ياڭىدىن قۇرۇلغان تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتى سۈپەتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يازىق كومىتىتى بىلەن ھەمكارلاشىپ، ياڭى ئاتالغۇلارنى قالىپلاشتۇرۇش، ئۇزۇن بىرىكمە ئاتالغۇلارنى قىسقارتىپ، ئىخچام سۆز-ئاتالغۇلار قىلىپ قوللانىش خىزمەتىگەمۇ زور كۈچ قوشۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق مائارىپ ئەلىكترونلۇق مەھسۇلاتىغا دائىر ياڭى ئاتالغۇنى قالىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمەتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاغان بولدۇق.»

يىغىن ئەھلى ئەخمەتجان نورۇزنىڭ دوكلاتىنى ئىپتىخارلىق، ھەيران-ھەسلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق مۇجەسسەملەشكەن يۈكسەك ئىشتىياق بىلەن بەرىلىپ ئاڭلادۇق. مەزكۇر مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە مەجلىسىنىڭ چوڭ يىغىندا سۆزلەش كۈنتەرتىپى ئاياغلاشقاندىن كەيىن، گۇرۇپپالارغا بۆلۈنۈپ، مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىشلارىمۇ بەھرىلىك ۋە ئەمەلىي نەتىجەلىك ئۆتكەن بولدى.

مۇئەللىملەر ئۆيىدىن چىققان شىركەت لىدەرى

21- ئىيۇن، شەنبە. ئىچكىرى ئۆلكەلەردىن كەلىپ يىغىنغا قاتناشقان بىر نەچچەمىز «مۇئەللىم» شىركەتىدىكىلەر بىلەن بىللە، ئۈرۈمچىنىڭ يانىدىكى ئەرەن تاغ (نەنسەن)دە، دالا زىيارەتى قىلدۇق: كۆپ-كۆك ئوت-چۆپلەر بىلەن پۈركەنگەن پەلەككە تاقاشقان تاغ باغرىدا ئىستىراھەت قىلىپ، ساپ ھاۋادا راھەت-راھەت نەپەسلەندۇق، قاراغايزارلىقلار ئاراسىدىكى سۈزۈك تاغ سۈيى ئويناقلاپ ئاقىپ تۇرغان ئۆستەڭ بويلارىدا بىر-بىرىمىزگە كىچىك بالالاردەك سۇ چاچىشىپ ئوينادۇق؛ ئون نەچچە مەتىر ئىگىزدىن چۈشىدىغان شارقاراتمانى سەير قىلدۇق. مەن مۇشۇنداق ئازادە ۋە كەڭ-كۇشادە بىر مۇھىتتا، ئەخمەتجان نورۇز ۋە ئۇنىڭ قول-قانات قارىنداشلارى بىلەن سىرداشىش ۋە ياقىندىن تونۇشۇش پۇرسەتىگە ئەرىشتىم:

-سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، مەن ئەسلىدە تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستودىنتمۇ ئەمەسمەن،- سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز كەچمىشىدىن ساۋات بەرىشكە باشلادى شىركەت لىدەرى ئەخمەتجان نورۇز،- مەن 1976-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلدۇم. 1990-يىلدىن 1993-يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى شىنجياڭ ئاشلىق مەكتەپىدە، ئاشلىق-ماي پىريۇم كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كەيىن، 1994-يىلدىن 2000-يىلغىچە، قەشقەر شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارەسىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ، ئاشلىق-ماي پىريۇم قىلىش، ساقلاش، ساتىش ۋە ئىشخانا كاتىباتلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدىم. 2000-يىلنىڭ باشلارىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ئىدارە- كارخانالارىدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولدى. مەن مۇشۇ چاغدا، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش، تىجارەت قىلىش ئارزۇسىدا، ئىدارەدىكى خىزمەتىمدىن ئىستىپا بەردىم. ئاندىن، شۇ چاغدىكى ئۆز قىزىقىشىم ئاساسىدا، 2000-يىلى 5-ئايلاردا، قەشقەر شەھىرىدە بىر كومپيوتىر مۇلازىمەت ئورنى ئاچتىم.

– ئوقۇغان كەسپىڭىز ئاساسىدا، ئاشلىق-ماي مۇلازىمەت ئورنى ئاچماي، قانداق بولۇپ كومپيوتىر مۇلازىمەت ئورنى ئاچىپ قالدىڭىز؟- قىزىقىپ سورادىم.
– ئىنسان شۇنداق بىر تاللاش دوقمۇشىغا كەلىپ قالغاندا، تەبىئىي ھالدا ئەڭ ئالدى بىلەن، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشنى تاللايدىغان گەپ ئىكەن ئابدۇرەئوپ ئاكا،- دەدى ئەخمەتجان كۈلۈپ تۇرۇپ،- مەن ئوتتۇرا تەخنىكوم ئاشلىق مەكتەپىدە ئوقۇغاندا، ھەممەدىن بەكرەك كومپيوتىر دەرسىنى، ئاندىن شۇ كومپيوتىر ئىشلەتىشنى ياخشى ئۆگرەنىۋالىشىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان خەنزۇ تىل-يازىقىنى بەكرەك قىزىقىپ ئۆگرەندىم.

شۇ چاغلاردا، ھەپتەدە پەقەت ئىككى سائەتلىك، ئۇنىڭ بىر سائەتى نەزەرىيە، بىر سائەتى ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ ئۆتۈلىدىغان بىر كومپيوتىر ئۆگرەنىش دەرسىمىز بولىدىغان. مەكتەپنىڭ كومپيوتىر ئۆيىمۇ بىز يىگىرمە-ئوتتۇز كومپيوتىر ھەۋەسكارلارى بىلەن ھەمىشە لىپمۇلىق تولۇپ كەتەتتى. بىز مەزكۇر ئۆيدە نۆۋەتلەشىپ DOS مەشغۇلات سىستەمىسىدىكى بۇيرۇقلارنى بەس-بەستە ئۆگرەنەتتۇق.

راستىنى ئەيتقاندا، كەيىنچە مەنىڭ كومپيوتىر، ئەلىكترون مەھسۇلاتلارى ساھەسىدە ئىشلەش ئىستەكىم ئاشۇ ئوتتۇرا تەخنىكۇم ئوقۇش مەزگىلىمدە شەكىللەنگەن دەيەلەيمەن. 1996-يىلى ئۆزەم بىر دانە كومپيوتىر ساتىۋالدىم. بۇ مەنىڭ كومپيوتىردا خەت يازىش ۋە داۋاملىق خەنزۇ تىلى ئۆگرەنىشىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئارالىقتا، كومپيوتىرىم بۇزۇلۇپ قالىپ، ئۇنى رىمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كومپيوتىر ئۇستالارىنى ئىزدەدىم ۋە شۇ جەرياندا، ئۇنى رىمونت قىلىش مەشغۇلاتلارىغا زەڭ (زەھن) سالىپ دىققەت قىلدىم. كەيىن، ئۆزەم مۇناسىۋەتلىك كومپيوتىر سىستەمىلەرىنى ئىزدەپ تاپىپ، كومپيوتىرىمغا ئۆزۈم قايتا قاچالادىم. مۇشۇنداق ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا، كومپيوتىر قاتتىق-يۇمشاق دىتاللارىغا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگرەنىۋالدىم. قەشقەر شەھىرىدە ئاچىلغان بىر قانچە كومپيوتىر ئۆگرەتىش كۇرسلارىغا قاتناشىپ، تەخنىك-ئۇستالارنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ يەتەكچىلىكىدە مەشغۇلات قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى پىششىقلاپ ئۆگرەنگەن بولدۇم.

ئۆگرەنىش باشلاغان يول ماڭغانسارى داغدام ئاچىلىدۇ

شۇنداق قىلىپ، 2000-يىلىغا كەلگەندە، ئۆيدىكىلەر، قارىنداشلارىم ۋە دوستلارىمنىڭ ياردەمى بىلەن توپلانغان ئەللىك مىڭ يۇەن مەبلەغ بىلەن، ئۆزۈمنىڭ كومپيوتىر مۇلازىمەت ئورنىنى ئاچتىم. شۇ چاغدا، دۇكانىم كىچىك، كومپيوتىر بىلىمىم يەتەرسىز بولسامۇ، كومپيوتىر قاتتىق-يۇمشاق دىتاللارىنى ساتىش، بەت لايىھەلەش، كوپىيەلەپ باسىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم قازاندىم. 2003-يىل 4-ئايدا، ئۆزۈمنىڭ كومپيوتىر جەھەتتىكى بىلىمىمنى تولۇقلاش، كومپيوتىر مۇلازىمەت ئورنۇمنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇشۇ ساھەدە بىر بەھرىلىك ئۈنۈم قازانىش مۇددىئاسىدا مەركەز شەھەر ئۈرۈمچىگە كەلدىم.
– ئۈرۈمچىگە كەلىپ تەرەققىي قىلىش ئويى ھەقىقەتەنمۇ بىر دادىل ئىزدەنىش بولغانىكەن شۇ چاغدا، شۇنداقمۇ؟،- لوقما سالدىم مەن ئەخمەتجان سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە.

– توغرا مۇلاھىزە قىلدىڭىز ئابدۇرەئوپ ئاكا،- دەدى ئۇ پىكىرىمنى تەستىقلاپ،- ئۈرۈمچى نەمەلا دەگەن بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە پەن-مەدەنىيەت مەركەزى. كارخاناچىلىق بويىچە ئۆگرەنىش، تەرەققىي قىلىش ئىمكانلارى تۆۋەندىكى باشقا شەھەر-ناھىيەلەردىن ھەقىقەتەن كەڭ ۋە كۆپرەك بولىدىكەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كەيىن، ئۆز ئالدىمغا ئىگەلىك تىكلەش ئىرادەم تەخىمۇ كۈچەيىپ، كۆز يەتكۈزەلەيدىغان تەرەققىيات ئۇپۇقۇم بىراقلا كەڭەيگەندەك بولدى. نەتىجەدە، قارىنداشلارىم ۋە مەسلەكداش دوستلارىم بىلەن بىللە شەنجىن، گۇاڭجو، جۇڭسەن، شاڭخەي، بەيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بارىپ، ئەلىكترون مەھسۇلاتلارى بىلەن تونۇشتۇق، تەتقىق قىلدۇق، ئاز بولماغان ئەلىكترون مەھسۇلاتلارى شىركەتلەرى بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. شۇ جەرياندا، ئۇيغۇر تىل-يازىقىمىزنى ئەلىكترونلۇق مەھسۇلاتلاردا قوللانىش ۋە ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئەلىكترون مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارىش يوللارى ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدەندۇق.
مۇشۇنداق ئۈچ-تۆرت يىل ئىزچىل مۇشەققەتلىك ئىزدەنىش، تەتقىق قىلىش، كەتەرلىك ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ھازىرلىقلارنى تەييارلاش ئاساسىدا، ئاخىرى 2007-يىلى، شۇبۇ «<مۇئەللىم> ئەلىكترون پەن-تەخنىكا چەكلىك شىركەتى» نى قۇرۇپ چىقتۇق.

ئەجداد قالدۇرغان ئەنگۈشتەر ئۇدۇم

-سىز «قارىنداشلىرىمنىڭ ياردەمىدە» دەگەن سۆزنى بىر قانچە قاتىم تەكرارلادىڭىز. مۇشۇ ھەقتە بىر ئاز ئەسكەرتمە بەرسەڭىز قانداق؟،- ئۆتۈنۈپ سورادىم تونۇشتۇرما مۇشۇ يەرگە كەلگەندە.
-سەمىمىيەت بىلەن دەسەم، مەن ھەلىقىدەك تىجارەت ئاڭى ئاشىپ-تاشىپ تۇرىدىغان، چوڭ يۈرەك، قارام ئادەملەر قاتارىغا كىرمەسەم كەرەك، ئابدۇرەئوپ ئاكا،- دەدى ئەخمەتجان نورۇز ۋە سەل-پەل تۇرىۋالغاندىن كەيىن، تولامۇ ئەستايىدىل بىر خىل تەلەپپۇز بىلەن سۆزىدە داۋام قىلدى:

– مەنىڭ داداممۇ ئوقۇتقۇچى، ئاناممۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ، دەپتەر -قەلەم، كىتاپ-ژۇرنالنىڭ ئاراسىدا، ئاتا-ئانامنىڭ «كىتاب ئوقۇش، مەئرىپەتلىك ئادەم بولۇش» باش مەزمۇن قىلىنغان تەئلىم-تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولغان بىر ئادەممەن. گەزى كەلىپ، «<مۇئەللىم> ئەلىكترونلۇق پەن-تەخنىكا چەكلىك شىركەتى» ئاتالغان مۇشۇ مەبلەغ-سەرمايەسى جىق بولماسامۇ، تەئسىر دائىرەسى ۋە ئىناۋەتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بىر شىركەتنى قۇرۇپ، ئۇنى توغرا يۆنەلىش ۋە بولۇشلۇق يولدا ماڭدۇرالاشىم ئاتا-ئانام، ئائىلەم ۋە قارىنداشلارىمنىڭ دەرقەمتە بولۇپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارىپ ياردەم قىلغانلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجەسى، خالاس!

قارىنداش ئۇكام نۇركامىل نورۇز، شىنجياڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتى تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر شىركەتىمىزنىڭ ئەلانچىلىق ۋە تور بۆلۈمىگە مەسئۇل مۇئاۋىن دەرىكتورى؛ ئۇكام نۇرئەلى نورۇز قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپى خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر شىركەتنىڭ تەربىيەلەش بۆلۈمى مەسئۇلى؛ ئاكام نۇرمۇھەممەد نورۇز شىنجياڭ گۈزەل سەنئەت مەكتەپىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدالانىپ شىركەتنىڭ گۈزەل سەنئەتكە ئائىت خىزمەتلەرىنى قىلىدۇ؛ ئاكام توختى نورۇز، قەشقەر ئىشچىلار دوختۇرخاناسىدا دوختۇر، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدالانىپ، شىركەتنىڭ قەشقەردىكى ساتىش ئىشلارىغا يەتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. مەزكۇر ئاكا-ئۇكالارىم مەن باش دەرىكتور ئەخمەتجان نورۇزنىڭ ئىش-ئەمگەكتە تەڭ كۆيۈپ، تەڭ پىشىدىغان ھەمراھلارىم، پىكىر-تەدبىردە تەڭ ئويلاپ، تەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان غەمگۇزارلارىمدۇر. ھالبۇكى، قارىنداشلارىمنىڭ بۇ خىل مىننەتسىز ياردەمى ۋە دەرقەمتەلىكى «مۇئەللىم» شىركەتىمىزنىڭ مەيدانغا كەلىشى، بۈگۈنكى تەرەققىيات پەللەسىنى ھاسىل قىلىشى ۋە كەلگۈسىگە قاراپ ئىشەنچىلىك مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشىنى كاپالەت ئاساسى بىلەن تەئمىنلەپ تۇرىۋاتقان ئەڭ زور كۈچ ئۇيۇشماسىدۇر…

كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار

سۆھبەتلەشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەنىڭ تەپەككۇر قۇشۇم يەنە ئاشۇ مۇندىن بىر يۈز يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلارنىڭ مۇبارەك روھلارى تامان پەرۋاز قىلىپ كەتتى.

ئۇيغۇردا: «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار» دەگەن ئاتا سۆزى بار. ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇردا، ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول باركى، بۇ — بىزنىڭ ئەڭ ۋەزنىلىك مىللىي دەسمايەمىز؛ بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاداققىي ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ مەنبەيىمىزدۇر، مەنىڭچە.

ئەمسەچۇ، قاراڭ! ئۆز زامانىسىدا، قىتئەلەر ئارالاپ سودا-تىجارەت قىلىپ، ئۆز ئىھتىياجىدىن ئاشقۇدەك پۇل-بايلىق توپلاغان ئۇكا باھاۋۇددىن مۇسابايىۋ ئۆز قارىنداش ئاكاسى ھۈسەن مۇسابايىۋغا تەكلىپ بەرىپ، مەبلەغلەرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر پەننىي مائارىپى ئۈچۈن سەرپ قىلىش كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئاكا ھۈسەن مۇسابايىۋ بولسا، «مەن ئاكا تۇرۇپ، ئۇكام يەتىلەگەن يولغا ماڭامدىمەن؟» دەمەي (بەلكى ھىچ ئىككىلەنمەيلا)، ئۇكاسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاكاسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئەڭ مۇھىمى بىر قورساقتىن چىققانلىق تەڭداشسىز روھىي قوللاشىغا ئەرىشكەن ئۇكا باھاۋۇددىن مۇسابايىۋ ئۆزى قۇرغان مەكتەپنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئەرمەس، بەلكى ئۆزىنى قوللاغان قان-قارىنداش ئاكاسىنىڭ ئىسمى بىلەن «ھۈسەينىيە مەكتەپى» دەپ ئاتايدۇ. قان-قارىنداشلارنىڭ بىر-بىرىنى ھىچ تەمەسىز قوللاشىنىڭ ھاسىلاتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، مەزكۇر «ھۈسەينىيە مەكتەپى»، يەنى بۈگۈنكى «ئىكىساق مەكتەپى» بىر يۈز يىگىرمە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر مائارىپ-مەئرىپەتچىلىك ساھەسىدىكى ئەڭ نۇرلۇق چىراق بولۇپ كەلمەكتە!

ئەمدى، سالىشتۇرۇپ قارايلى: دۇنيا تارىخى 21-ئەسىرگە كىرىپ كەلگەندە، ئەخمەتجان نورۇز ئاشۇ بۈيۈك مەئرىپەتپەرۋەر ئەجدادلاردىن ئۇدۇم ئالغان تىرىشچان كۆڭۈل ۋە ئىجادچان روھ بىلەن، ئۇيغۇر تىل-يازىقى قاتتىق دىتال قىلىنغان بىر شىركەت قۇرۇش پىكىرىنى ئوتتۇراغا قويىدۇ، قالغان تۆرت ئاكا-ئۇكا نورۇزلار ئالدى-ئارقاسىغا قارىماي، ئەخمەتجاننى قەتئىي قوللايدۇ؛ نەتىجەدە، بەش ئاكا-ئۇكا نورۇز بەجايىكى گىگانت قولنىڭ بەش پەنجەسىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇچراغان قىيىنچىلىقلارنى «سەنى يەڭىشكە مەنىڭ پىدا بارلىقىم، يەڭسەملا سەنى بولۇرسەن مەنىڭ بايلىقىم» دەپ، رازىي-رىزالىق بىلەن قارشى ئالىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ؛ ئاخىرىدا، بىر شىركەت قۇرۇپ، ئۇنى قەدىردان ئاتا ئانالارىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپى بىلەن «مۇئەللىم» دەپ ئاتايدۇ!

ھە، بۇ يەرگە كەلگەندە، مەنمۇ، مەنىڭ بۇ خاتىرەمنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەرىممۇ چۈشەندۇقكى، ئانا يۇرت «مۇئەللىم» ئەلىكترون پەن-تەخنىكا چەكلىك شىركەتى خەلقىمىزنىڭ مائارىپ-مەئرىپەتچىلىك ئىشلەرى ئۈچۈن ئۆزلەرىنى ئاتاغان ئاكا-ئۇكا نورۇزلارنىڭ ئەقىل-ئىدراك ۋە پىكىر -نىيەت بىرلىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنكى، مۇنداق خالىس نىيەتلىك قارىنداشلارنى قوللاش ۋە ئۇلاردىن ئۆگرەنىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىمىزدۇر، ئەلبەتتە!

2014-يىل، 10- سىنتەبىر، بەيجىڭ.
2021-يىل، 7-فەۋرال، سان ديەگو.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top