You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » بابۇر شاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

بابۇر شاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەھمەد سۇلۇق

بابۇر شاھ تەۋەللۇتىنىڭ 538 يىللىق خاتىرە كۈنىنى (14-فېۋرال) قىزغىن قۇتلۇقلايمىز!

زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر شاھ 1483-يىلى 14-فېۋرال ئەنجان شەھىرىدە پەرغانە ھاكىمى ئۆمەر شەيخ مىرزا ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن. ئانىسى قۇتلۇق نىگار خېنىم بىلەن سۇلتان سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەدخانلار ھەممىسى يۇنۇسخاننىڭ بالىلىرى ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى سۇلتان يۇنۇسخان 15-ئەسىردە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى مىرزا مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەم ئالىم ھەم سۇلتان دەپ قارىلىدۇ.

1. بابۇرشاھنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئاساسلىق سەرگۈزەشتىلىرى

ئىمپىراتور زەھىررىدىن مۇھەممەد بابۇر شاھ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر «تارىخى رەشىدى» نىڭ يازغۇچىسى مىرزە ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە (چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەخمەتخان، مىزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خوپنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇس خاننىڭ ئەۋلاتلىرى) بولغان، ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن ئۇلۇغ «بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىمپىراتۇر، ئىمانى كامىل مۇسۇلمان سەركەردە، دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يىزىپ چىققان پادىشاھ زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر 1483-يىلى 14-فېۋرال ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ فەرغانە ۋىلايىتىدىكى مەشھۇر ئورۇن (ئەنجان) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن .

13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تۈركلىشىپ كەتكەن تۆمۈرلەڭ بۇرايۇنلاردىمۇ ئارمىيە تەشكىللەپ «تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى» نى قۇردى. بابۇر تۇمۇرلەڭنىڭ 6-نەۋرىسى ئىدى. دېمەك بابۇر شاھ ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈرگە، ئانا تەرەپتىن تۇغلۇق تۆمۈرخانغا تۇتىشاتتى.

بابۇر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ بۇۋىسى ئاقساق تۆمۈر بولۇپ، ئۇ تارىختا ئەمىر تۆمۈر، تۆمۈرلەڭ ۋە ساھىبقىران دېگەندەك ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان.

بىلىمگە ھىرىسمەن، كىتاپخۇمار بابۇر 1506-يىلى ھۈسەيىن بايقارا ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرگەچ ھىراتقا بىرىپ خۇراسان مىرزىلىرى بىلەن شايبانىخانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، لىكىن بۇ ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. 1510-يىلى 4-دېكابىر شايبانىخان مەرۋىدە شاھ ئىسمائىل قولىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1511-يىلى بابۇر شاھ سافاۋىلار ھۆكۈمدارى ئىسمائىل شاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارا، سەمەرقەند، تاشكەنت قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئۆزبىكلەرنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك 1513-يىل كابۇلغا چىكىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئانا زىمىندىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن بابۇر چۆچەكلەردىكىدەك بايلىقلارغا تولۇپ تاشقان ھىندىستاننى ئېلىشقا بەل باغلايدۇ ۋە ھىندىستانغا يۇرۇش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەنجاپقا تۆت قىتىم ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ شەرت-شارائىتى بابۇر ئۈچۈن تولىمۇ قولاي ئىدى. دىھلى ھۆكۈمدارى ئىبراھىم لودى تولىمۇ قاتتىق قول بولۇپ ئەمەلدارلىرىنى ئۆزىگە قارشى قىلىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پىيىغا چۈشكەن ئىدى. پەنجاپنىڭ قۇدرەتلىك ھاكىمى دەۋلەتخان لودىي ۋە سۇلتاننىڭ نەۋرە تۇققىنى ئەلەمخانلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن بابۇر 1525-يىلى ھىندىستانغا بەشىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ساتقۇن چىقىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بابۇر ئالدى بىلەن شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دەۋلەتخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ (كۆپ ئۆتمەي ئۆلىدۇ) پەنجاپ بابۇر ئۈچۈن قولاي ئولجىغا ئايلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ بابۇر يېڭى دېھلىغا قاراپ بە ھەيۋەت يۈرۈش قىلىدۇ.

2. دېھلىغا يۈرۈش ۋە ئىمپىرىيە قۇرۇش

بابۇرشاھنىڭ نەسەبى-بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈر. ئۇ ئەمىر تۆمۈر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1369-يىلدىن 1405-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇ قۇرغان سۇلالىمۇ 1501-يىلغىچە داۋاملاشقان. ئاندىن كېيىن تاكى 1599-يىلغىچە دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى قۇرغان شايبانىلار خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن. 1710-يىلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادىدىن شاھرۇخ بەگ قايتا باش كۆتۈرۈپ، قوقان خانلىقىنى قۇرغان.

1494-يىلى ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەمدىلا 11 ياشقا كىرىپ تۆت ئاي ئاشقان بابۇر پەرغانە رايۇنىغا پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە بابۇر بابۇرنامىنىڭ دەسلەپكى قۇرلىرىدا مۇنداق گۇۋاھلىق بىرىدۇ: «سەرۋەرى كائىناتنىڭ شاپائىتى ۋە چاھار يارى باسە پالارنىڭ ھىممىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ بىشىدا تارىخ سەككىز يۈز توقسەن توققۇزدا(يەنى مىلادى 1494-يىلى ئىيۇندا) پەرغانە ۋىلايىتىدە ئون ئىككى ياشتا پادىشاھ بولدۇم». بۇ ۋاقىت دەل پارچىلانغان تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنىڭ مىرزىلىرى ئۆزلىرى ئىگەللەپ تۇرغان زىمىنلاردا ئۆزلىرىنى پادىشاھ دەپ ئىلان قىلىپ، ئۆز-ئارا زىمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان، شۇنداقلا چاغاتاي نەسلىدىن بولغان خانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىمىن كېڭەيتىۋاتقان، يەنەبىر تەرەپتىن بولسا ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۈندىن-كۈنگە زورۇيۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بۇ بىپايان زىمىنلارغاچاڭ سىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى.

كىچىكىدىنلا ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر، بىلىمگە ھىرىسمەن، كىتاپخۇمار، سۆزگە ئۇستا بابۇر تەخىتكەچىقىشى بىلەنلا پەرغانە ۋىلايىتىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ 1501-يىلى پەرغانىدىن ئاتلىنىپ سەمەرقەندنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ لىكىن كىيىنكى قىتىملىق جەڭدە ياردەمسىز قىلىپ شەيبانىخاننىڭ كۇچلۇك ھۇجۇمىغا تەڭ كىلەلمەي بۇ رايۇندىن چىكىنىپ 1504-يىلى كابول (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى) ۋە غەزنىنى ئىشخال قىلدى. كابولنى ئىشغال قىلغان چاغدا 20 ياشقا كىرگەن تۇرقىدىن باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش شاھزادە بابۇر كابۇلنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ قوشۇنىنى بارغانسىرى زورايتتى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىنىغا قانداق ھۆكۇمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنى قانداق كىڭەيتىش توغرىسىدا چوت سوقۇشقا باشلايدۇ.

1526-يىلى ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئاران 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن پەنپەتتە ئىبراھىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى (ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق جەڭ پىللىرى بار) بىلەن جەڭ قىلىدۇ. مانا مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەسكەر ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بابۇر ئاۋال پەنپەت قەلئەسىنى ئىگەللەپ ئەسكەرلىرىنى قەلئە يىنىدىكى خەندەكلەرگە ۋە ئورمانلىققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بولسا ئېغىر توپ بىكىتىلگەن 700 گە يىقىن ھارۋا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئىبراھىم لەشكەرلىرى ۋە پىللىرى ھەممىنى يوق قىلىۋىتىدىغان ئەلپازى بىلەن قۇيۇندەك ھۇجۇمغا ئېتىلىپ كېلىشى بىلەن بابۇر 700 توپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سىلىپ ئوق ئۈزۈدۇ. جەڭ مەيدانى ئىستۈتەكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ. ئىبراھىمنىڭ مىڭدىن ئوشۇق پىلى ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇشۇپ تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ. شۇۋاقىتتا بابۇرنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە قورشىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل قاتتىق جەڭدىن كىيىن ئالدى كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىبراھىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى بىتچىت بولىدۇ، ئىبراھىممۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلىدۇ. 1529-يىلىدىكى بىرقانچە قىتىملىق جەڭدىن كىيىن پۇتۇن ھىندىستان (ھازىرقى پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ شىمالىنى ئۆزئىدارىسى ئاستىغا ئالىدۇ. 1526-يىلى دىھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەردە 10-ماي ئۆز نامىغا خۈتبە ئوقۇتۇشى بىلەن بۇ كەڭ زىمىندا 1761-يىلىغىچە سەلتەنەتلىك، 1858-يىلغىچە سىمۋوللۇق ھۆكۈم سۈرۈپ تارىختا «بابۇرىيلەر سۇلالىسى» دەپ ئاتالغان ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

لېكىن بابۇرنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش خىيالىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ. نۇرغۇن ۋەزىرلەر ۋە سەركەردىلەر بابۇرغا: «ھىندىستاندا يا ياخشى ئات، كۆندۈرۈلگەن ئىت بولمىسا، يا ئۈزۈم، قوغۇن، يۇمشاق نان يا سۈزۈك بۇلاق، كەڭ يايلاق بولمىسا بۇ يەردە تۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟» دىيىشىدۇ. چۇنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ يايلاقلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان تۈركلەر ۋە ئافغان، پارىسلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ھىندىستانغا ماكانلىشىپ قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، شەھەر يىزىلار ناھايىتى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىدى.

«ھىندىستاندا بىپايان كەڭ زىمىن ۋە ئەسىرلەر بويى توپلانغان بايلىق بار. بولۇپمۇ مىڭلىغان-ئۇنمىڭلىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بار» دىدى بابۇر،-بىز مۇشۇ كىشىلەرگە تايىنىپ باي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن ھال-كۈنىمىزمۇ يۇرتىمىزدىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.» ئۇ شۇنداق دەپ پۇتۇن قوشۇندىكى سەركەردە ئەسكەرلەرگە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى. ئاندىن كېتىشنى خالايدىغانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ قېلىشنى خالايدىغان بىلەن ئىشلەۋەردى. ئۇنىڭ سىياسىتىنى قول ئاستىدىكىلەر ئاخىرى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بابۇرىيلار سۇلالىسى ھىدىستاندا تىزلا مۇستەھكەملەندى. ئۇنىڭ نەۋرىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرگە كەلگەندە بابۇرىيلار سۇلالىسى ئومۇمى يۈزلۈك روناق تاپىدۇ ئىمپىرىيىنىڭ تىرىتورىيىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ.

3. بابۇرشاھنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە

بابۇر 1530-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۇنى ھىندىستاندا 48 يىشىدا ۋاپات بولىدۇ. بابۇرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا «ھۇمايۇننامە» مۇنداق تەپسىلاتلار بار. 1530-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا بابۇر لاھۇردا بولىدۇ. قايتىشىدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدا شىكار باھانىسى بىلەن ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ئەگرەگە قايتىپ كەلگەندە تەخىت ۋارىسى ھۇمايۇننىڭ سەمبىھەلدە ئېغىر كىسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ھەققىدە خەۋەر كىلىدۇ. ھۇمايۇننى دەريا بىلەن ئەگرە شەھىرىگە ئېلىپ كىلىدۇ. بابۇر تىۋىپلارنىڭ داۋالاشلىرى كار قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «ھۇمايۇننىڭ ئورنىغا مىنىڭ جېنىمنى ئال» دەپ ئاللاغا چىن قەلبىدىن مۇناجەت قىلىدۇ. يىقىنلىرىنىڭ «كوھىنۇر» ناملىق ئالماسنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ھۇمايۇن ياتقان تەختىراۋاننى ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ: «مەنكى بابۇر جىسمى جانىمنى ھۇمايۇنغا بەخشەندە قىلدىم» دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلايدۇ. گۈلبەدەن بىگىمنىڭ يىزىشىچە، شۇ كۈندىن تارتىپ ھۇمايۇننىڭ كىسىلى ياخشىلىنىشقا باشلاپ، بابۇرنىڭ مىجەزى بۇزۇلىدۇ. بابۇر شۇ ياتقىنىچە ئىككى ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ۋە 1530-يىلى 26-دېكابىر 48 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

4. بابۇرنىڭ تەخىت ۋارىسى، ئوغلى ئىمپىراتۇر نەسىردىن ھۇمايۇن ۋە نەۋرىسى ئەكبەر شاھ

ھۇمايۇن شاھ بابۇر شاھنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى، ئۇ 1508-يىلى 17-مارت كابۇلدا تۇغۇلغان. 1556-يىلى 27-يانۋار دېھلىدا ۋاپات بولغان. ئۇ 1530-يىلى 27-دېكابىردىن تاكى 1540-يىلغىچە مۇتلەق ھۆكۈمران، 1540-يىلدىن 1555-يىلغىچە سەرگەردان ۋە قاچاق ھۆكۈمران بولۇپ، ئاخىرقى بىر يىل يەنىلا مۇتلەق ھىندىستان ھۆكۈمرانى بولغان. ئۇ بابۇر شاھ تەرىپىدىن ھىندىستاندا قۇرۇلغان مەشھۇر تۈرك بابۇر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمدارى ۋە «ئەكبەر شاھ» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر بولسا تۆمۈرلەڭنىڭ نەسلىدىن كەلگەن بابۇر شاھنىڭ نەۋرىسى؛ ھۇمايۇن شاھنىڭ ئوغلىدۇر. ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامىدە بانۇدۇر.

ئەكبەر شاھ 1542-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى لاھورنىڭ ئۆمەركوت بازىرىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى 1556-يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقەدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 14 ياش بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن دادىسىنىڭ ئورنىغا ئىمپېراتور بولىدۇ. ئۇ كىچىك يېشىدىن تارتىپلا دادىسىنىڭ يېنىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. ھۇمايۇن شاھ 1555-يىلى سەرخەندنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئافغانىستان ھۆكۈمدارى ئىسكەندەر شاھ چوڭ قوشۇن تەشكىللەپ قەلئەنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سەرخەندكە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان ھۇمايۇن شاھ ئۆزىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئوغلى ئەكبەر شاھنى قوشۇنىغا باش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئەكبەر شاھ ئىسكەندەر شاھنى مەغلۇپ قىلىپ، 13 يېشىدىلا تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەكبەر شاھقا «غازى» دېگەن نام بېرىلىدۇ. ئۇ شۇ يىلى يېنىدا «ئاتا بەگ» بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بايرام خان بىلەن بىرلىكتە پەنجاپنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. دادىسى ھۇمايۇن شاھ 1556-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 14 يېشىدا تەختكە ئولتۇرىدۇ.

ئەكبەر شاھ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى يەتتە يىل بويىچە ئۇرۇش بىلەن ۋاقتى ئۆتىدۇ. ئۇ تەختكە چىقىپ تۇنجى بولۇپ، دېھلى بىلەن ئاگرا ئارىسىدىكى جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدۇ. 1567-يىلى راجپۇتلارنىڭ قەلئەسى چىتور ۋە ئەجمىرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئارقىدىن گۈجەراتقا يۈرۈش قىلىپ، مۇستەقىل ئەھمەت ئاباد سۇلتانلىقىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە بۇ دۆلەتنى داڭلىق بىر ئۆلكىگە ئايلاندۇرىدۇ. گانج ۋادىسى ئىمپېراتورلۇق چېگرالىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئورىسسا، كابۇل، كەشمىر، سىند ۋە قەندىھار قاتارلىقجايلار قولغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئەكبەر شاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا دىنىي ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە غەلىتە ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ ھىند ئەنئەنىسىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادىل بولغان سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرىدۇ. باج يىغىشتا ئادالەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھىندى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىلىرىگە ئاساسەن سوتلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ. بىناكارلار، ئالىملار، شائىرلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە رەسساملار بىر يەرگە توپلانغان سەنئەت مەركىزىي قۇرىدۇ. تۈرك-ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ كۆركەم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سېلىنىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئۇ 1579-يىلى ئۆزىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى دەپ ئېلان قىلىدۇ.

5. شاھ ھۇمايۇن مەقبەرىسى

موغۇل خانلىقىنىڭ پادىشاھى ھۇمايۇننىڭ مەقبەرىسى ھىندىستان 2-قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى باغچىلاشقان مەقبەرە بولۇپ، موغۇللارنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئىشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. بۇ مەقبەرە ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، پارسلارنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىدە ياسالغان، ئېگىزلىكى 47 مېتىر كېلىدۇ. قوش قۇببىسىمان ئۆگزىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتىنى ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئىچكى قىسىمى ئۆڭكۈر شەكلىدە لاھىيەلەنگەن. مەقبەرىنىڭ سىرتى قىزىل رەڭلىك قۇم تاشلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئاق رەڭلىك قۇببە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مەقبەرىنى سېلىشقا 8 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان.

بابۇر ئىمپىرىيىسى تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ فېئوداللىق مەدىنىيىتى تۈرك ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ بېيىيدۇ ۋە يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ. بۇ تەسىر تىل، ئەدەبىيات، بىناكارلىق، رەسساملىق ۋە مۇزىكا جەھەتتىلا ئەمەس، ھىندى خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى ھىندى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتار تۈگمىلىك چاپان ۋە پاقالچىكىگە يىپىشىپ تۇرىدىغان تار پۇشقاقلىق ئىشتان قاتارلىق مېھمانلىق كىيىملىرى ھىندىستاندەك ئىسسىق بەلۋاغنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولماستىن بەلكىم بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىملىرىگە تەقلىت قىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەن.

6. بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان «بابۇر مەسچىتى» 1528-يىلىبىنا قىلىنغان بولۇپ، 1992-يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 2019-يىلى 9-نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن «موغۇل ئىمپېرىيىسى» مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ. بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان. چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋەئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى.

جانىم ئۆزگە يارى ۋاپادار تاپمىدىم،

كۆڭلۈمدىن ئۆزگە مەھرام ئەسرار تاپمىدىم.

جانىمدەك ئۆزگە جاننى دىلەفگار كۆرمىدىم،

كۆڭلۈم كىبى كۆڭۈلنى گىرىبدار تاپمىدىم.

* * *

ئۈزرۈك كۆزىگە تاكى كۆڭۈل بولدى مۇپتالا،

ھەرگىز بۇ تەلۋىنى يەنە خۇشيار تاپمىدىم.

ناچار فۇرقەتى بىلەن ھاي ئېيتمىسام، نىتاي،

چىن ۋەسلىگە ئۆزۈمنى سازاۋەر تاپمىدىم.

* * *

بارە-بارەي ئىشىكىگە بۇ نۆۋەت، ئەي كۆڭۈل،

نىچەكى بېرىپ ئىشىكىگە، بار تاپمىدىم.

بابۇر، ئۆزۈڭنى ئۈگۈتۈپ كۆر، يارسىزكى، مەن،

ئىزدەپ جاھاننى، مۇنچە قىلىپ، يار تاپمىدىم.

* * *

زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر

قوشۇمچە:

14-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ «ﺑﺎﺑﯘﺭ-2» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭەدنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ, ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭەد ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺩەل ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺯەربە بېرەلەيدۇ.

مىلادى 1526-يىلىدىن 1858-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. خانلىق خەرىتىسى (كۆك بويالغان زېمىن، 2 مىليۇن 700 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر).

بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات

1. چاغاتاي خانلىقى

چىڭگىزخان 1224-يىلى موڭغۇلىيەگە قايتىش ئالدىدا ھازىرقى مەركىزىي ئاسىيادىكى بارلىق بوستانلىق جايلارنى 2-ئوغلى چاغاتايغا، قىپچاق دالاسى ۋە جەنۇبىي رۇسىيەدىكى بارلىق يايلاق رايونلىرىنى چوڭ ئوغلى جۇچىغا بۆلۈپ بەردى. چاغاتاي قىسقا مەزگىل ھازىرقى سەمەرقەندنى پايتەخت قىلدى. بىراق ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسىۋە شەھەر مۇھىتىغا زادىلا ماسلىشالمىغان چاغاتايخان پايتەختنى ھازىرقى ئالمالىق خارابىسىگە كۆچۈرۈپ، يايلىق مۇھىتى تەل بولغان ئىلى ۋادىسىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ قۇرغان خانلىق كېيىنچە چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالدى. بىراق 1313-يىلى چاغاتاي خان جەمەتى ئارىسىدا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىش ۋە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىش ھەققىدە ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، ئېسەن بۇقاخان يايلاق ۋە كۆچمەنلىك ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرغان. ئۇنىڭ ئىنىسى كېپەكخان شەھەرلىشىشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ سەمەرقەندتتە تەختكە چىققان. شۇنداق قىلىپ بىر پۈتۈن چاغاتاى خانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ ئىككى خانلىقنىڭ تەۋەلىكى بۇرۇنقى شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىيلار تەۋەسى ئاساسىدا ئايرىلغان ئىدى. كېيىنچە تۇغلۇق تۆمۈرخان قىسقا مۇددەت ئىككى خانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ دەۋران سۈردى. ئەمما غەلىبە مېۋىسى ئەمىر تۆمۈر تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. شۇنداقتىمۇ خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمى يەنىلا 1514-يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

2. تۇغلۇق تۆمۈرخان

تۇغلۇق تارىخىمىزدا ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئىسلام دىنىنى ۋەتىنىمىزدە ئومۇملاشتۇرغان پادىشاھ بولۇپ، 1332-يىلى تۇغۇلغان. 1347-يىلى چاغاتاي خانلىقىدىكى تۆت چوڭ ئۇلۇس بەگنىڭ ئاتامانى ئەمىر كەبىر بولاجى تەرىپىدىن ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىنىپ، 1348-يىلى كۈزدە تەختكەچىقىرىلغان. 1351-يىلى پايتەختنى ئالمالىققا كۆچۈرگەن. 1353-يىلى ئومۇميۈزلۈك دىنىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات قوزغاپ، بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقىنى بىرلەشتۈرۈشكە بەل باغلىغان. 1355-يىلى ئىدىقۇتنى تىجىتقان.

1360- 1362-يىللىرى ئۇدا ئىككى قېتىم غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىدىكى بۆلگۈنچى قەبىلىلەردىن بارلاس، جالايىر ۋە سۇلدۇز قەبىلىسىنى تىز پۈكتۈرۈپ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 1364-يىلى يازدا رامىزاندا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.

3. ئەمىر تۆمۈر

ئەمىر تۆمۈر ئەسلىدە بارلاس قەبىلىسىنىڭ قەبىلە باشلىقى مۇھەممەد تاراغاينىڭ ئوغلى بولۇپ، 1336-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ 1360-يىلى باشقىلاردەك قېچىپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆزى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىتائەت بىلدۈرگەن. كېيىنچە تۇغلۇق تۆمۈرخان 26 ياشلىق تۆمۈرنى ئۆزىنىڭ گۆدەك ئوغلى ئىلياس خوجا ئوغلانغا ئاتابەگ قىلىپ قويغان. بىراق تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر ئاسترتتىن ئاۋامنى ئىلياس خوجىغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، ئۇنى 1365-يىلى غۇلجىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئاندىن 1369-يىلغىچە بارلىق رەقىپلىرىنى يوقىتىپ، ھازىرقى سەمەرقەندتتە تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنى قۇرغان. 1366-يىلدىن 1388-يىلغىچە دۇغلات قەبىلىسىنىڭ نائىب ئۇلۇس بېگى مەشھۇر ئەمىر قەمەرىدىن ئەمىر تۆمۈرنى 22 يىل ھالسىرىتىپ يۈرۈپ ۋەتىنىمىزنى ئىشغالىيەتتىن ساقلاپ قالغان. بىراق ئەمىر قەمەرىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەمىر تۆمۈر بىردىنلا كېڭەيمىچىلىكنى باشلاپ، دېھلىدىن قەشقەرگىچە، باغداتتىن تالاسقىچە، دەمەشىقتىن دەشتىقىپ چاققىچە، ھەتتا ئاناتولىيەدىن كاۋكازغىچە بولغان پۈتۈن جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيادىكى تۈركلەر ھاكىمىيەتلىرىنى يوقىتىپ، ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئەپسۇس، ئەڭ ئاخىرقى خىتاي يۈرۈشىگە 800 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئاتلانغان ۋاختىدا 1405-يىلى 18-فېۋرال ئەجەل كېلىپ، ئوترار شەھىرىدە قازا قىلغان.

سافاۋىلار خانىدانلىقى(1501- 1736) ۋە شاھ ئىسمائىل

سافاۋىلار خانلىقى ئەسلى مىلادى 1501-يىلى ئەسلىدە ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن كېلىپ چىققان سوپىزىم پېشۋاسى شەيخ سافاۋىنىڭ 5-ئەۋلادى شاھ ئىسمائىل تەرىپىدىن تەبرىزدە قۇرۇلغان شىئە مەزھىپىدىكى ئەزەربەيجان تۈركلىرى قۇرغان سەلتەنەتلىك خانلىق.

1502-يىلى شىئە مەزھىپى رەسمىي دۆلەت مەزھىپى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇ دەسلەپكى بەش يىلدا ئىران، ئىراق، كۇردىستان، ئەزەربەيجان ۋە شەرقىي ئاناتولىيەگە بەگ بولۇۋاتقان ئاق قويچىلار ۋە قارا قويچىلارنى يوقىتىپ، تەسىرىنى غەرپتە ئوسمانلى زېمىنىغىچە، شەرقتە تۆمۈرىيلەر دۆلىتىگىچە كېڭەيتكەن. يۇنۇسخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان مەھمۇدنى ئالداپ سەمەرقەندنى ئالغان شايبانىخان، 1507-يىلى ھېراتنى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋاملىق غەرپكە كېڭىيىپ، شاھ ئىسمائىل بىلەن توقۇنۇشقان. مۇشۇ شايبانىخاننىڭ كاساپىتى تۈپەيلى ئەلىشىر نەۋائىي ئاخىرقى ئارزۇسى بولغان ھەج ئىستىكىنى قاندۇرالماي، ھېراتتا 1501-يىلى ۋاپات بولغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ھۈسەيىن بايقارامۇ ۋاپات بولدى. شايبانىخان بۇ پۇرسەتتە خۇراساننى يۇتۇۋېلىپلا قالماي، ئىران تەۋەسىگە كىرىپ سافاۋىلار بىلەن تىركەشتى.

نەتىجىدە شايبانىخاننىڭ ئۈچ يىللىق ھەر خىل پاراكەندىچىلىكلىرىدىن كېيىن 1510-يىلى شاھ ئىسمائىل ھىلە ئىشلىتىپ، مەرۋىدە شايبانىخاننى ئۆلتۈرگەن. ئاندىن تۆمۈرىلەرنىڭ قانۇنى ۋارىسى بابۇر شاھقا ياردەم بېرىپ، ماۋارائۇننەھىردىكى شايبانىخان ئەۋلادلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، سەمەرقەندنى بابۇر شاھقا بەرگەن. بىراق ئۇ 1514-يىلى 24-ئاۋغۇست چالدىران ئۇرۇشىدا ياۋۇز سېلىمدىن يېڭىلىپ قالغاچقا، دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشاپ، ھىمايىسىز بابۇر شاھنى ئافغانىستانغا قوغلىغان. پەرغانىنى ساقلاۋاتقان سەئىد خانمۇ ئامالسىز ئۇ يەرنى تاشلاپ بېرىپ، قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ، مىرزا ئابابەكرىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يىلى 24-ئاۋغۇست يەكەندە قۇدرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بابۇر شاھمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۈمۈد ئۈزۈپ، 1526-يىلى 10-ماي ھىندىستاندا بۈيۈك موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. شاھ ئىسمائىل بۇ ئارىدا 1524-يىلى 23-ماي قازا قىلغان. شۇنداق قىلىپ، بابۇر شاھ ۋە شاھ ئىسمائىل ئىتتىپاقى «چالدىران ئۇرۇشى» ۋە «غازداۋان ئۇرۇشى» ئارقىلىق يىمىرىلىپ، قەشقەرگە ۋە كابۇلغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىككى نەۋرە بىر تۇغقانلار تارىختىكى ئەڭ ئاخىرقى سەلتەنەتلىك ئىككى دۆلەتنى قۇرۇپ تارىخىي تۆھپە ياراتقان.

پايدىلانمىلار ۋە نەقىل مەنبەلىرى:

«بابۇرنامە»، «چەتئەل تارىخىغا ئائىت ھىكايىلەر» ۋە «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر» قاتارلىق ئەسەرلەر

2021 – يىلى 14 – فېۋرال، قۇتلۇق يەكشەنبە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top