You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەمىر تۆمۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەمىر تۆمۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

كىرىش سۆز

موڭغۇللارنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىياغا بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلدى، كىيىنكى قايتا قۇرۇشتىن كىيىن ياخشىلىنىشقا باشلىدى. يۈەن ئىمپىرىيىسى 14-ئەسىرگە كىرگەندىن كىيىن ئىچكى نىزا سەۋەپلىك ئاجىزلاشقا باشلىدى ھەم ئۆزلۈكىدىن گۇمران بولۇپ پارچىلاندى. چاغاتاي خانلىقىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس بولۇپ، بۆلۈنۈش ۋە ئاجىزلاش ۋەزىىيىتى ئالدىدا پەقەت يېڭى ھۆكۈمراننىڭ مەيدانغا كېلىپ تۈزىشىنى ساقلاشقا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي خارەزىمنىڭ ئاقساقىلى ئەمىر تۆمۈر ھەرىكەتكە كەلدى، ئۇ قەھرىمان ۋە جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن جاھانغا پاتماي قالدى، 1370-يىلى چاغاتاي خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ قايتىدىن تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنى قۇردى.

ئەمىر تۆمۈر بولسا چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنجى ئەلاد نەۋرىسى، ئاتىسى موڭغۇل چاغاتاي خان جەمەتىنىڭ تۆتمىڭ تۈتۈننىڭ بىرى تارغاي، ئانىسى بولسا چېڭگىزخاننىڭ بىۋاستە ئۇرۇق ئەۋلادى، خوتۇنى غەربى چاغاتايخانى قازانخاننىڭ قىزى. ئەمىر تۆمۈر جەمەتى بولسا بارلاس قەبىلىسىدىن، نىلون موڭغۇل قەۋمىگە تەۋە ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە قىرىق يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى. ھەتتا 500 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرمەسلىككە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا «قايتا ھاياتى كۈچى ئەسلىگە كەلگەن چاغدا دۇنيانى قورقۇنچ باسىدۇ» دەپ ئۇيۇلغان.

باتۇر جەڭگە ماھىر ئەمىر تۆمۈرنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنى جاھاننى زىل-زىلىگە سالدى. ئۇ ئالدى بىلەن قوشنىسى ئىلىخانىيلار دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئافغانىستاننى ئىشغال قىلدى. يەنە خارەزىمدىن ئەسكەر چىقىرىپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ بىر مۇنچە زىمىنىنى ئىگەللىدى. كاۋكازغا ئىچكىرىلەپ كىردى. ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلدى، كۈنسىرى كېڭىيىۋاتقان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق قەدىمى ئەگە دېڭىزىغا يېتىپ باردى. چىڭگىزخاندىن كىيىن سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان بىر ئىمپىرىيىنى قۇردى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۆت ئەتراپقا كېڭىيىپ، زىمىنى پارس، شىمالىي ھىندىستان ۋە روسىيەدىن ھالقىدى، ھەم سەمەرقەندكىچە بولغان يولنى تۇتاشتۇرۇلۇپ، كىيىنچە ئالتۇن يولى دەپ تەرىپلەندى. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنىڭ سودىسى ۋە ئوردا مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەپ ياشنىدى. مىڭ سۇلالىسى تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىپ، تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسى بىلەن شىمالى يۈەن سۇلالسىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئەمىر تۆمۈر ئەكىسچە مىڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنى ئىككى قېتىم تۇتۇپ قالدى ھەم مىڭ سۇلالىسى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى خورلىدى. (1395-يىلى مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى خوڭۋۇ خان فۇئەن، گوجى باشچىلىقىدا 1500 كىشىلىك ناھايىتى چوڭ كۆلەمدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنى زىيارەت قىلغاندا تۇتۇپ قېلىنغان. 1397-يىلى مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى چېن دېۋىن تۇتۇپ قېلىنغان). ئىمپىراتور ئەمىر تۆمۈر خىتاينى بويسۇندۇرۇپ، موڭغول ئىمپىرىيىسىنىڭ ھەممە زىمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىدى. 1405-يىلى ئىمپىراتور ئەمىر تۆمۈر خىتاينى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن تارتىش سەپىرىدە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ سەمەرقەندكە دەپنە قىلىندى. تۆۋەندىكى مىس رەڭلىك سۈرەت بولسا سوۋىت ئالىملىرى ئەمىر تۆمۈرنىڭ باش سۆڭىكىگە ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەمىر تۆمۈرنىڭ يۈز قىسىمىدۇر.

1405-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەمىر تۆمۈر (تېمۇر) ئىبنى تاراغاي بارلاس ۋاپات بولدى. ئۇ 1336-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سەمەرقەندكە قاراشلىق كېش، يەنى شەھرى سەبىزدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تاراغاي بارلاسنىڭ ئوغلىدۇر. بىراق ئۇ چىڭگىزخاننىڭ نەسلىدىن بولمىغاچقا، رەسمىي ھالدا «خان ياكى سۇلتان» ئۇنۋانىنى قوللىنالمايتتى. قوللانسا خەلق بويسۇنمايتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ھەمىشە پەقەت ئەمىر (ۋەزىر، بەگ، ياردەمچى رەھبەر) دەپ ئاتالغان. ھەر ھالدا، 1370-يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەسلى بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۆمۈر گۈرخان (Tāmūr Gurkānī) دېگەن نامغا ئېرىشكەن. گۇرخان موڭغۇلچە كۈرۇگېن ياكى خورگېننىڭ ئۆزى بولۇپ، كېيىنچە «خاننىڭ كۈيئوغلى» مەنىسىدىكى پارسچە «كوراگان» ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە دۇنياۋى نوپۇزلۇق تارىخچىلار بىر قەدەر تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ئەڭ نېگىزلىك يەرلىرى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن ئىبارەت:

«… ئەمىر ساھىبقىران ھىجىرىيە 807 – يىلى يىگىرمە ئۈچىنچى جۇمادىيەل ئەۋۋال (1404-يىلى 27-نويابىر) دا ئاساسلىق قوشۇنلىرىنى خىتايغا يۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلدى. ئۇ ئاقسۇلات رايونىدىكى ئوتراردا توختاپ، يىگىرمە سەككىز كۈن تۇرغان. ئۇ ئەمىرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاشكەنتكە ئەۋەتىپ، ئۇيەردە قىشنى ئۆتكۈزدى ۋە ئاتلىرىنى بوردىدى. شۇنداق قىلىپ ھەربىي گازارمىدا ئەمىر شەيخ كەبىر، ئەمىرشاھمالىك ۋە ئەمىر خوجا يۈسۈپنىڭ باشقا ھېچكىم قالمىغان نازۇك بىر پەيتتە «ئەزرائىل» كەلدى. نەتىجىدە ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر جۇمادىيەل ئاخىرنىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى پەيشەنبە (1404-يىلى 25-دېكابىر) ئاقسۇلاتتىن ئوترارغا قاراپ يولغا چىقتى. دۈشەنبە، يەتتىنچى رەجەپ (1405-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى)، ئۇ ئوترار شەھىرىدە توختاپ، ئۇ يەردە ساغلام ۋە تېتىك ھالدا قىرىق كۈن تۇرغان. شاباننىڭ تۆتىنچى كۈنى پەيشەنبە (1405-يىلى 5-فېۋرال) ئۇ قوشۇننى ھەر تۈرلۈك ئويۇنلاردىن، جۈملىدىن شاھمات ئويناشتىن چەكلىگەن. بۇچاغدا ھاۋا شۇنچىلىك قاتتىق سوۋۇپ كەتتىكى، بارچە قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى بىردىنلا چۈشۈپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەندى. قوشۇننىڭ ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىقىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 70 ياشقا يېقىنلاپ قالغان ئەمىر تۆمۈر يېلىڭ كىيىملەر بىلەنلا قاتتىق سوغۇق ئۇرۇپ تۇرىدىغان گازارما مەيدانىدا ساتىراچنى چاقىرىپ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت چاچ – ساقاللىرىنى ياساتقان. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنداق بىمەھەل قاراملىق ئەمىر تۆمۈرنى تۇيۇقسىز ئۇ ئالەمگە چىللاپ كەتكەن.

ئاقىۋەت ئەمىر ساھىبقىراننىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ ئاشۇ ئوترار شەھىرىدە مۇقەددەس شاباننىڭ 19 – كۈنى (1405-يىلى 18 – فېۋرال ياكى 19-فېۋرال) ۋاپات بولدى. شۇنداق قىلىپ، ھاياتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئاساسەن ئۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن جاھانگىر ئەمىر تۆمۈر مانا مۇشۇنداق بىتەلەي ۋاپات بولغان …».

ئەمىر تۆمۈرنىڭ ياشلىق دەۋرى ئۇنى ئالاھىدە كۆتۈرۈپ ۋە ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنى ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىشتىن 22 يىل توسۇپ قالغان تەڭداشسىز مىللىي قەھرىمانىمىز ئەمىر قەمەرىددىن بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ ئۈچ جاھانگىرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئايرىم تېمىلار بىلەن بايان قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر يازما بەكلا ئۇزىراپ كەتكەنلىكتىن ئەمىر تۆمۈر ھەققىدىكى باشلانغۇچ مەلۇماتلار بۇ تېمىدا بېرىلمىدى. بۇ يازمىدا ئاساسلىقى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئالتۇن ئوردا، ئوسمانىلار ۋە بىزنىڭخانلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇرۇشلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.

1. ساھىبقىران دەپ ئاتىلىشىنىڭ سىرى

ساھىبقىران دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايمىز، ئەمما بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

«ساھىبقىران» دېگەن بۇ سۆزنى ئەمىر تۆمۈر دەۋرىدىن باشلاپ تىلشۇناسلار، ئەدەبىياتچىلار، تارىخچىلار بىلەن ئاسترونومچىلار، تىجارەتچىلەر بىلەن سىياسەتچىلەر، دىندارلار بىلەن مۇنەججىملەر ھەر خىل تەبىر بېرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ چىقىش قىلغان نۇقتىسى ئوخشىمىغاچقا، بەرگەن ئىزاھلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ كەلدى.

ئۇنداقتا ھەر قانداق ئاتالغۇغا تەبىر بېرىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە سۆز يىلتىزى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. «ساھىبقىران» دېگەن بىرىكمە سۆز ئەسلىدە «دوست، ھەمراھ» ۋە « يېقىن، جىپسىلاشقان» دېگەن مەنىدىكى ئىككى دانە ئەرەبچە سۆزدىن تۈزۈلگەن بىرىكمە سۆز بولۇپ، ئىككىيەككە سۆز قوشۇلۇپ، بىر يېڭى سۆزنى ھاسىل قىلغان.

مەزكۇر ئاتالغۇ تارىخ كىتاپلىرىدا تۇنجى قېتىم ئەمىر تۆمۈرنى سۈپەتلەش بىلەن كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىپ، كېيىنچە پەقەت شۇنىڭدەك باتۇر ۋە جاھانگىر كىشىلەرگىلا ئىشلىتىلىدىغان خاس سۈپەتكە ئايلانغان. بىراق بۇ ئاتالغۇغا سازاۋەر بولغانلار ئىنتايىن چەكلىك ئىدى.

مۇنەججىملەرنىڭ قارىشىچە، زۇھەل بىلەن مۇشتەرى (يۇپېتىر بىلەن ساتۇرن) يۇلتۇزى ئەمىر تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى ئەۋلادى شاھ جاھان تۇغۇلغاندا تارىختىكى ئەڭ يېقىن ھالەتكە كەلگەن. بىراق بۇ ئىككى سەييارە يۇلتۇز 1623 – يىلدىن بېرى بۇنچىلىك يېقىنلىشىپ باقمىغان. شۇڭا «ساھىبقىران» ئاتالغۇسى بۇ ئىككى ھۆكۈمدارنىڭ خاس سۈپىتىگە ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇشۇ ئىككى يۇلتۇز ئۆز ئارا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا دۇنياغا كەلگەن ئىكەن.

2020 – يىلى 21 – دېكابىر دۈشەنبە بۇ ئىككى سەييارە 400 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆز ئارا يېقىلىنشىدىغان بولۇپ، زامانىۋى ئاسترونوملار ۋە كونا مۇنەججىملەر يەنە بىر قېتىملىق «ساھىبقىران» نىڭ تۇغۇلىشى، ياكى غايەت زور بالا – قازا بولغان يەجۇج – مەجۇجلەرنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىش دەۋرىنىڭ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا چوڭ يەر تەۋرەش، غايەت زور كەلكۈن ۋە توپان بالاسى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ زېمىنغا چۈشۈشىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.

لېكىن ئىسلام ئېتىقادى بويىچە، ئەتە نېمە بولىدىغىنى غەيپكە ئالاقىدار ئىش بولۇپ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇنداقلا قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى بىلەن دەججال ۋە مەسىھنىڭ قاچان كېلىشىنىمۇ خۇدادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

بەزى ئەرەبچە بىلمەيدىغان ئەدەبىياتچىلار ۋە زىيالىيلار بۇ ئاتالغۇنى پارسچىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ، «ساھىبقىران: يېتىكلىك ئىگىسى. ئەسلى: ساھىبى قىران (پاچب قران)» دېگەن. بۇ خېلىلا ئاجىز قاراش. چۈنكى يۇقىرىقى ئىككى سۆزدىن شۇ ئوچۇق چىقىپ تۇرۇپتىكى، ھەر ئىككى سۆز ئەسلىدە ساپ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، كېيىنچە بىزدە ئۆزلىشىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى زورلاپ پارسچە بىلەن باغلاشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتى يوق.

2. ئەمىر تۆمۈر بىلەن توختامىشخان ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ خۇلاسىسى

(1) توختامىشخاننىڭ موسكۋانى تىنجىتىشى

توختامىشخان ئەسلىدە ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن تەخىتكە چىققان بولۇپ، كېيىنچە ئۇلارنىڭمۇ ناسىۋەتلىرى يامانلىشىپ كېتىپ، ئەشەددىي رەقىپلەرگە ئايلانغان. شۇڭلاشقا تۆمۈرلەڭ ئەڭ ئەشەددىي رەقىبى ئەمىر قەمەرىددىندىن خالاس بولغاندىن كېيىنلا، توختامىشخاننى تاكى يىراق شىمالىي قۇتۇپقىچە ئىز قوغلاپ دېگۈدەك يوقاتقان.

تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى خىزىر خوجا بىلەن بىللە ئەمىر تۆمۈرگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن ئالتۇن ئوردا ھۆكۈمدارى توختامىشخان 1382 – يىلى موسكۋاغا قوشۇن تارتىپ، 1380 – يىلى 21 – سېنتەبىردىكى غەلىبىسىدىن پايدىلىنىپ ھەر تەرەپتە پاراكەندىچىلىك تېرىپ، سېلىق تاپشۇرۇشنى رەر قىلغان ئورۇس كېنەزى دېمىترىنى تۇتقىلى كەلگەن. 23 – ئاۋغۇست موسكۋانى ئالغان توختامىشخان ھەيۋىسىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، 26 – ئاۋغۇست بارچە ئورۇس كېنەزلىرىنى قايتىدىن ئىشقا قويۇپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن.

(2) ئىلىبالىق – ئالتۇن ئوردا ئىتتىپاقى ۋە چەۋلەك ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەت

1382 – يىلى موسكۋانى تىز پۈكتۈرگەن ئاق ئوردا (ئېرتىشتىن ئۇرالغىچە بولغان ئالتۇن ئوردا زېمىنى) خانى توختامىشخان غەلىبەسېرى ئىلگىرىلەپ كۆك ئوردا (ئۇرالنىڭ غەربىدىكى ئالتۇن ئوردا زېمىنى) زېمىنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئېرتىشتىن قىرىمغىچە بولغان بىپايان ئالتۇن ئوردا زېمىنلىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1385- يىلى توختامىش قوشۇنى تەبرىزنى ئىشغال قىلدى ۋە بۇخاراغىچە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ساھىبقىران تىمۇر قوشۇن تەشكىللەپ توختامىشنى مەغلۇب قىلدى. ئامالسىز قالغان توختامىشخان دەرھال خىزىر خوجاخان بىلەن ئەمىر تۆمۈرگە قارشى ھەربىي ئىتتپاق تۈزدى.

تولىمۇ ئەپسۇس، توختامىشخان ئەمىر قەمەرىدىن بىلەن بىللە ئەمىر تۆمۈرگە قارشى ئېلىپ بارغان 1387 – يىلدىكى چەۋلەك ئۇرۇشىدا ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويۇپ مەغلۇپ بولغان. ئەمىر تۆمۈر ئالدى بىلەن ئەمىر قەمەرىددىننى قوغلاپ تاكى ھازىرقى كۈنەس – كورلا پاسىلىدىكى يۇلتۇز يايلاقلىرىغىچە كەلگەن. ئۇنىڭ ئوغلىمۇ قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان. 1388 – يىلى ئەمىر قەمەرىددىن ئۆلۈپ، ئالتۇن ئوردا خانى توختامىش خاننىڭ قايتىدىن ئەسكەر يىغىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئەمىر تۆمۈر دەرھال تەڭرىتاغلىرىنى تاشلاپ، شىمالدىكى بارلىق ئۇيغۇر شەھەر- كەنتلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىپ، سەمەرقەندكە قايتىپ كەتكەن.

ئاندىن 1389 – يىلى ساق 20 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى توكۇر ۋە ئاقساق قىلىپ قويغان دۈشمىنىنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، قەلب يارىسىغا (دۈشمەنلىرى ئۇنى تۆمۈرلەڭ – يەنى ئاقساق تۆمۈر دەپ مەسخىرە قىلاتتى) مەلھەم قىلغاندىن كېيىنلا، 1390 – يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئورۇس خانى توختامىشخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئالتۇن ئوردىنى خاراپ قىلدى. نەتىجىدە ئورۇسلار قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇندىن كېيىنكى بەش ئەسىرلىك ئورۇس تارىخى ھەممىگە مەلۇملۇق.

3. ئىلىبالىق – ئالتۇن ئوردا ئىتتىپاقىدىن ئەمىر تۆمۈردىن كېيىنكى ۋەزىيەتكىچە بولغان مۇرەككەپ جەريانلار

1385 – يىلى 18 – سېنتەبىر ئوسمانىلار سۇلتان مۇراد 1 نىڭ دەۋرىدە ھازىرقى ئالبانىيەنىڭ جەنۇبىدا سېربلارنى مەغلۇپ قىلغان. 1389 – يىلى ئىيۇندا سۇلتان ئۆزى ئۇرۇشقا باشچىلىق قىلىپ، بىرىنچى كوسوۋۇ ئۇرۇشىدا سېربىيەنى مۇنقەرز قىلىپ، سېرب شاھى لازارنى ئۆلتۈرگەن. بىراق سۇلتانمۇ 15 – ئىيۇن جەڭگاھتا شېھىت بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى بايەزىد 1 سۇلتان بولغاندىن كېيىن، 1391 – يىلى بۇلغارىيەنى ئالغان. 1394 – يىلى ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، بالقاننى ئىگىلىگەن.

بۇ چاغلاردا ۋەتىنىمىزدە خىزىر خوجا بىلەن ئەمىر قەمىردىن بىرلىشىپ، ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشخان بىلەن ئەمىر تۆمۈرگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن، توختامىشخانمۇ 1382 – يىلى ئاۋغۇستتا ئورۇسلارنى تىنجىتىپ كۈچىيىۋاتقان ۋاختى ئىدى. شۇڭا ئوسمانىلار ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھۇجۇمىدىن بىر مەزگىل ئامان قالغان. بىراق ئەمىر تۆمۈر 1387 – يىلدىكى چەۋلەك ئۇرۇشىدا ئىلىبالىق – ئالتۇن ئوردا ئىتتىپاقىنى بۇزۇپ، 1388 – يىلىئەمىر قەمەرىددىننى يوقاتقاندىن كېيىنلا، ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، 1389 – يىلى 20 يىل بۇرۇن ئۆزىنى ئاقساق قىلىپ قويغان ئاقساقالنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 1390 – يىلدىن باشلاپ ئۇدا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ھىندىستان، ئىران، ئىراق، ھەتتا ئالتۇن ئوردىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئاخىرىدا غەربىي ئىسلام دۇنياسىدىكى مەملۇكىلار بىلەن ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېچىپ، بىرىنى ھەيۋە بىلەن، يەنە بىرىنى ئۇرۇش بىلەن يوقاتقان. 1402 – يىلى 28 – ئىيۇل ئەمىر تۆمۈر ئەنقەرە ئۇرۇشىدا «گۈلدۈرماما – يىلدىرىم» دەپ ئاتالغان، ھەيۋىسى ياۋروپاغا پۇر كەتكەن بايەزىدخان ئەمىر تۆمۈر قولىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن.

ئوسمانلى سۇلتانى يىلدىرىم بەيازىت 1403 – يىلى مارتتا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان. ئەمىر تۆمۈرمۇ خىتايغا يۈرۈش قىلىش يولىدا 1405 – يىلى 19 – فېۋرالدا ئوترار شەھىرىدە قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پامىردىن ئىزمىرغىچە، تالاستىن بومبايغىچە، كاۋكازدىن يەمەنگىچە سوزۇلغان ئىمپىرىيىسى چاك – چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن. ئوسمانىلارمۇ 1422 – يىلى قايتا تىرىلىپ، ئاندىن كۈنسىرى ئەسلىگە كېلىپ، 1453 – يىلى ئىستانبۇلنى ئېلىپ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى (395 – 1453) گە خاتىمە بەرگەن.

4. ئەنقەرە ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلارنىڭ ۋاقىتلىق مۇنقەرز بولۇشى

(1) ئەمىر تۆمۈرنىڭ سۇلتان بىرىنچى بايەزىدكە دوستلۇق ئىزھار قىلىشى

تارىخىي ۋەسىقىلەر ۋە ئۇچۇرلاردىن ئاز تولا خەۋىرى بار كىشىلەرگە شۇ مەلۇمكى، ئەمىر تۆمۈر ئۆكتەملىك بىلەن ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئاچقىنى يوق. ئەكسىچە قېچىپ بارغان رەقىبى قارا يۈسۈپنى قايتۇرۇپ بېرىشنىلا تەلەپ قىلىپ، بايەزىدخان بىلەن قۇدا – باجا بولماقچى بولغان. بىراق ياش بايازىدخان ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى مەنسىتمىگەننى ئاز دەپ، يەنە ئۇنى تولىمۇ يولسىز ئۇسۇل بىلەن جەڭگە چىللىغان. ئۇ مەكتۇپتا مۇنداق يازغان: «ئەگەر كىم ئەنقەرە ئۇرۇشىغا كەلمىسە، شۇنىڭ خوتۇنلىرى تالاق بولىدۇ». بۇ گەپ قېرى ئەمىر تۆمۈرگە بەكلا ھار كەلگەن. ئاقىۋەت 1402 – يىلى 28 – ئىيۇل ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ياش بايەزىدخاننى ئەسىر ئېلىپ، سەمەرقەندكە ئېلىپ كەتكەن. ياش ئوسمانىلار سۇلتانىمۇ ئۆزى تىللا قۇيدۇرماقچى بولغان سەمەرقەندكە خار ھالدا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن. شۇڭا ھاقارەت ھېس قىلىپ، 1403 – يىلى باھاردا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.

(2) ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ دەڭسىيەلىسەڭ جەڭدە يېڭىلمەيسەن، ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىرچاغلا.

ئەنقەرە ئۇرۇشى ھەققىدە

ئۇيغۇر سانغۇن ۋە قوماندان «ئەراتنا بەگ» 1335 – يىلى ئىلخانىلارنىڭ ئاناتولىيەدىكى 93 يىللىق سەلتەنىتىنى يوق قىلىپ، ئۆزى ئاناتولىيەدە «ئەراتنا ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەردار ئاناتولىيە تارىخىدا سالجۇقىلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى تۈرك – ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان مەشھۇر سۇلتان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1352 – يىلى قەيسەرىيەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلىتى 1381 – يىلغىچە داۋام قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوسمانىلار پەيدىنپەي ئاناتولىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنى تەسىرىگە كىرگۈزىدۇ. بەختكە قارشى، كېيىنچە يىلدىرىم سۇلتان بايەزىدخان ئىنتايىن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى ھاقارەتلەپ مەكتۇپ يېزىپ، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ.

بايەزىدخان ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئەمىر تۆمۈرنى يېڭىشكە شۇ قەدەر ئىشەنچ قىلغان ئىدىكى، ئۇرۇشتىن بۇرۇنلا «سەمەرقەندتە تەڭگە – تىللالىرىمنى قۇيىمەن (يەنى ئۆز تەسىرىمگە ئالىمەن) دەپ قەسەم قىلغان. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۆزى ئېچىنىشلىق يېڭىلگەن.

«ئەنقەرەدىكى ئۇرۇشقا كىم كەلمىسە شۇنىڭ خوتۇنلىرى تالاق!» دەپ يېزىلغان ئاخىرقى مەكتۇپ 66 ياشلىق ئەمىر تۆمۈرنى يىراققا يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 1402 – يىلى 28 – ئىيۇل ئەنقەرە ئۇرۇشى بايازىدخاننىڭ ئەسىرگە چۈشۈشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1394 – 1396 – يىللىرى ياۋروپاغا ۋەھىمە سالغان بايەزىدخان خار ھالدا سەمەرقەندكە ئەسىر سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇنداق ھادىسە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ ھادىسە تۈپەيلى ئوسمانىلار 20 يىلدەك دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ. ياۋروپامۇ ئازراق ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالىدۇ. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىمۇ ئۆمرىنى يەنە ئەللىك يىل ئۇزارتىۋالىدۇ.

1389 – يىلى 15 – ئىيۇن بىرىنچى كوسوۋۇ ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان ئوسمانىلار سۇلتانى بىرىنچى مۇ رادخانئورنىغا سۇلتان بولغان ئوغلى بىرىنچى بەيازىد، دۈشمەنگە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان قان – قېرىندىشى ياقۇبنى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن چاقىرىتىپ كېلىپ، چېدىردا بوغۇپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەيازىد ئوسمانلى تارىخىدا سەلتەنەت تالىشىدۇ دەپ، قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن تۇنجى پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئەمىر ياقۇبنىڭ بىر قىسىم تەرەپدارلىرى بىلەن ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن ئانادولۇ بەگلىكلىرىنىڭ يىلدىرىم بەيازىدقا قارشى تۇرۇشلىرىغا سەۋەب بولىدۇ. بەيازىدمۇ 1402 – يىلى 28 – ئىيۇل ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئەمىر تۆمۈردىن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، 1403 – يىلى 23 – مارت سەمەرقەندتە ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئاچچىقى ۋە مەزكۇر جىنايىتىنىڭ ۋابالى ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

(3) ئاخىرىغىچە چىدىيالىغانلارلا غەلىبە قىلالايدۇ

پىسخىكا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى رەقىبىنى ۋە ئۆزىنى ياخشى بىلىشتۇر. ئىككىنچى قەدىمى، بېسىم ۋە قايىل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق قارشى تەرەپتە پىسخىكىلىق بۇزۇلۇش پەيدا قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە يىلدىرىم بايەزىد ۋە ئەمىر تۆمۈرگە كەلتۈرۈلگەن بىر ئۆرنەكلىك ۋە قايىل قىلارلىق مىسال بار: ئۇرۇشتىن كېيىن ئىككى خاقان بىرلىكتە چاي ئىچكەچ نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىتا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

يىلدىرىم بايازىد:

– بىزنىڭ ئەسكىرىي كۈچلىرىمىز باراۋەر تۇرسا، سىز قانداق قىلىپ غەلىبە قىلالىدىڭىز؟

بۇنىڭغا جاۋابەن ئەمىر تۆمۈر بىر بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: – ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ بارمىقىنى چىشلەيلى، دەيدۇ. بىر ئازدىن كېيىن يىلدىرىم ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي «ئاھ» دېگىنىدە، ئەمىر تۆمۈر دەرھال ئۇنىڭ بارمىقىنى قويۇۋېتىدۇ ۋە «يەنە بىرئاز بەرداشلىق بەرگەن بولسىڭىز مەن يېڭىلەتتىم» دەيدۇ.

1. سۈرەتتە: ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن بايەزىدخاننى يوقلاپ كېلىشى

5. ساھىبقىراننىڭ ئارمان بىلەن قازا قىلىشى

مىلادىيە 1404-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئەمىر تۈمۈر ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان چىن مەملىكىتىنى ئېلىش نىيىتىدە سەمەرقەندتىن چىقتى. دەسلەپ ئاقسۇلاتقا كېلىپ بىر ئايچە مەنزىل قۇردى. كىيىن ئۇ يەردىن قوزغۇلۇپ، ئۈچ ھەپتە يول يۈرۈپ ئوترارغا يەتتى. ساراي مۈلۈك خانىم ئەمىر بىلەن بىرگە ئىدى. ئەمىر تۈمۈر ئوتراردا بىر ئايدىن كۆپرەك تۇردى.ساھىبقىران نەدە بولسا سەلتەنەت تەختى شۇ يەرگە كۆچەتتى. شۇ يىلى شەئبان ئېيىنىڭ بېشىدا نەۋكەرلەرگە يېقىنراق تۇرۇپ، تەييارگەرلىككە نازارەتچىلىك قىلىش مەقستىدە ئەمىر تۈمۈر شەھەردىن چىقىپ قارارگاھىدا چېدىر تىكتى. گەرچە قىش تېخىچە ئەۋجىدە بولسىمۇ ئۇ باھارنىڭ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان نەۋكەرلىرىگە: «باھارغا ئاز قالدى، تېزدىن قوزغىلىمىز» دىگەن تۇيغۇنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى. ئەمما ئۇ چېدىر تىكىپ چىققان كۈندىن ھەپتە ئۆتمەي يەنە قاتتىق قار ياغدى.

قاردىن پەقەت بىر كۈن ئالدىدا ياشانغان ساھىپقىراننىڭ قىران يىگىتلىكىدە كەچكەن جەڭلىرىنىڭ بىرىدە شىكەستىلەنگەن پۇتى سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى. بۇمۇ يەنىلا قاتتىق قاردىن دېرەك بېرەتتى. بۇ قار ئۇدا ئۈچكۈن ياغدى. پۈتۈن چۆل – جەزىرە، باغۇ – بوستان قارغا كۆمۈلدى. قار تىنغان كۈندىن باشلاپ قاتتىق قار سوغۇقى كۈچەيدى.

قار تىنغان كۈندىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەمىر تۈمۈرگە قالماقلار باش كۆتۈردى، دىگەن خەۋەر يەتتى. ساھىپقىران بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «سەپەرگە چىقىلسۇن!» دەپ پەرمان بەردى. ئەمما كۆز ئالدىدىكى جەڭدىن كۆرە راھەت – پاراغىتىنى ئويلىغان ئايرىم ئەمىرلەر قېلىن قار ۋە قاتتىق سوغۇقتا يول يۈرۈش مۈشكۈل، سەپەرنى كېچىكتۈرۈش مەقبۇل ئىشتۇر، دىگەن مەسلىھەتلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتى. بۇ گەپلەر ساھىبقىرانغا ياقمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەتچى ئەمىرلەرگە قارشى ھالدا، قار ۋە سوغۇقنى پىسەنتىگە ئالماسلىق روھىنى كۆرسىتىش ۋە لەشكىرىي گۇرۇھنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە قارارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۇرس قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ساتراشقا چېچىنى ئالدۇردى. مانا مۇشۇ ئويلانمايلا قىلىنغان تاسادىپىي ئىش سەۋەبلىك بولدىمۇ، كەچكە يېقىن ساھىبقىراننىڭ كۆزلىرى ياشلىنىپ، ئاۋازى بۇغۇلۇپ قالدى. قىزىتمىسى كۆتۈرۈلۈپ، بىر نەچچە كۈن داۋامىدا گېلىدىن بىرچىشلەم نان، بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمىدى. ئون كۈنلەرچە ۋاقىت ئۆتۈپ ھۆكۈمدارنى قىززىتىپ ئوت قىلغان، ئازابلىغاندەرت ئۈستىگە يەنە باشقا بىر دەرت قۇشۇلدى. ئۇ بولسىمۇ: «مۇبادا تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بۇلۇپ قالسا، مەندىن كېيىن سەلتەنەتنىڭ تەختىنى كىم ئىگىلىشى مۇمكىن؟» دىگەن سوراق دەردى ئىدى.

جاھاننىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئىلكىگە ئېلىپ، يېرىمىنى ۋەھىمىگە سالغان جاھانگىر قايتا ئورنىدىن تۇرالماسلىقىنى ئالدىن توغرا پەملەپ، تەقدىرگە تەن بېرىپ ئەڭ سادىق ئەمىرلىرىنى ھۇزۇرىغا چاقىردى ۋە گەپنى سوزۇپ ئولتۇرماي ئۆزىدىن كېيىن ئەڭ ئامراق نەۋرىسى پىر مۇھەممەد جاھانگىرنىڭ سەلتەنەت ئىگىسى بولۇشى ھەققىدىكى ئاخىرقى ئەمرىنى ئېلان قىلدى، ئەمىرلىرىگە بۇ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى بىجىرىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ قەسەم ئىچۈردى. ئەمىر تۆمۈر كوراگان 1405-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىلمەي ياتقان ساھىبقىران بىردەم كۆزىنى ئېچىپ چېدىرنىڭ تورۇسىدىكى تۈڭلۈكتىن قاپقارا كەتكەن پەلەككە تىكىلپ قارىدى: «بۇ نىمە كاراممەتدۇر؟» دەپ پىچىرلىدى-دە، جېنى چىقىپ تىنىقى ئۈزۈلدى. جاھانگىرنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇق قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆز قاپىقىنى ئاستا باسقان تىۋىپ مەۋلانا فەزلۇللاھ تەبرىزى قورقۇپ كەتتى (ساھىبقىراننىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياش ئادەمنىڭ قولىنى كۆيدۈردىغاندەك دەرىجىدە قىزىق ئىدى). ئەمىر تۆمۈرنىڭ جەسىدى شەئبان ئېيىنىڭ 22-كۈنى (23-فېۋرال) مەرھۇم شاھزادە مۇھەممەد سۇلتاننىڭ دەھمەسىگە دەپنە قىلىندى. ئەمما ساھىبقىراننىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالماي قالدى. مىلادىيە 1405-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سەمەرقەند تەختىگە مىرانشاھنىڭ ئوغلى، يەنى باشقا بىر نەۋرىسى – خېلىل سۇلتان ئولتۇردى.

خۇرشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە «ساھىبقىران نەبىرسى» كىتابىدىن پارچە (تەرجىمە مەنبە: مىراس ژورنىلى)

6. ئەمىر تۆمۈر باغلىرى

ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر ھاياتىدا 14 باغ بىنا قىلغان بولۇپ 15- باغنى ساھىبقىراننىڭ كەنجى ئوغلى ئۇلۇغبەگ مىرزىنىڭ ئاتىسى شاھرۇخ مىرزىمۇ ئەمىر تۆمۈرگە ئەگىشىپ بىر باغ بىنا قىپتۇ. باغ پۈتۈپ، ئاتىسى بىلەن ئوغلىنىڭ شەرىپىگە ئاشۇ يېشىل باغنىڭ بىر بۇلۇڭىدا زىياپەت بېرىپ مەجلىس تۈزۈپتۇ. زىياپەتتىن كېيىن شاھرۇخ مىرزا ئاتىسىدىن: – پەدەرى بۇزرۈكۋار، مېنىڭ بۇ بېغىم ھەققىدە نېمە دەيسىز، سىزگە ياقتىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئەمىر تۆمۈر شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:

– ئەي كۆزۈمنىڭ نۇرى، ئوغلۇم، سېنىڭ بېغىڭ ناھايىتىمۇ زىبالىق ۋە دىل كۇشا باغ بوپتۇ، ئەمما دۆلىتى، بايلىقى بار ھەر بىر كىشى مۇنداق باغنى بەرپا قىلالايدۇ. لېكىن دۇنيادا شۇنداق تەڭداشسىز ئىككى باغ مەۋجۇتتۇركى، ئۇلارنىڭ بىرى سىنى بەرپا قىلىشقا سەنمۇ، مەنمۇ ئىنتىلىشىمىز لازىم. ئەمما، ئىككىنچىسىنى بەرپا قىلىشقا يالغۇز ئۇلۇغبەگ مىرزىلا مۇيەسسەر بولغۇسىدۇر.

شاھرۇخ مىرزا:

– بىرىنچى باغ قانداق باغ؟ – دەپ سورىغانىكەن، ساھىبقىران جاۋاب بېرىپتۇ:

– ئۇ باغ ئالىملار، پازىللار، شائىرلار، دانىشمەنلەر ۋە باشقا ئەخلاقلىق، تەربىيەتلىك ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ سۆھبىتىدۇر. شۇ ئۇلۇغ زاتلاردىن تەربىيەت ئېلىپ ياخشى ۋە ئىبرەتلىك ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش بۇ باغنىڭ دەرىخى بولۇپ، مېۋىسى – ياخشى نامغا ئىگە بولۇشتۇر.

شاھرۇخ مىرزا:

– ئۇلۇغبەك بەرپا قىلىشقا قادىر ئىككىنچى باغ قانداق باغ؟ – دەپ سورىغانىكەن، ئەمىر تۆمۈر مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:

– سەلتەنىتىمىزنىڭ گۆھىرى بولغان ئۇلۇغبەگ بەرپا قىلىدىغان باغنىڭ نامى ئىلىم – مەرىپەت بېغىدۇر، تەپەككۈر بېغىدۇر. بۇ باغنىڭ دەرەخلىرى كىتاب، مېۋىلىرى ھىكمەتلەردۇر. قەلەم ۋە ئەقىل يادىكارلىقى ئۆلمەستۇر، ئەبەدىيدۇر. مەنمۇ، سەنمۇ بىر كۈنلەر كېلىپ بىر ئۇچۇم تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىمىز، لېكىن ئۇلۇغبەگ ياراتقان ئىلىم كىتابلىرى ئەبەدىل ئەبەد ئادەملەرگە ھەمنەپەس بولۇپ قالىدۇ. ئەي كۆزۈمنىڭ يورۇقى، ئوغلۇم، يادىڭدا بولسۇنكى، كىتاب يارىتىش، ئۆلمەس ئىلىملەرنى مۇجەسسەم قىلغان كىتابلارنى يارىتىش – ئەقىل – ئىدراك ۋە ئىلمۇ دانىشنىڭ ئاساسى. ھاياتنى ئۆگەتكۈچى تەربىيەچىدۇر!

(خۇرشىد دەۋراننىڭ “ساھىبقىران نەۋرىسى” ناملىق كىتابى ئاساسىدا تەييارلانغان). تەرجىمە مەنبە: بۇلاق ژۇرنىلى 2012-يىل 1- سان

7. ئەمىر تۆمۈرنىڭ ۋەسىيىتى ۋە قارغىشى

ئەمىر تۆمۈر (تۆمۈرلەڭ – يەنى ئاقساق تۆمۈر) دىن ۋەسىيەت ۋە نەسىھەت

«ئەمەلىي تەجرىبىلىرىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھاكىمىيەت نە دىن نە قانۇنغا تايانسا بولمايدۇ. ھاكىمىيەت ھېچبىر ۋاقىت دىن ۋە قانۇنغا تايىنىپ ئۇزاق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر سەن ئەركىنلىكىم ۋە سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتمىسۇن دېسەڭ، قىلىچىڭنى بېلىڭدە چىڭ ساقلا!». تولىمۇ ئەپسۇس، ماكياۋېللىيچە ئېيتىلغان بۇ ۋەسىيەت ئەمىر تۆمۈر قۇرۇپ چىققان بە ھەيۋەت دۆلەتنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭلا ئېلىپ كەتتى. ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكىتلىگەن ھۆكۈمدارلىق يولى بىلەن قاراخانىلار 150 يىل ئارتۇق دەۋران سۈرگەن بولسا، نىزامۇل مۈلك تۈزگەن سىياسەتنامە ئارقىلىق سالجۇقىلار 100 يىل ئارتۇق پۇت تىرەپ تۇرالىدى. تۆمۈرىلەر بولسا پەقەت ھازىرقى ئۆزبېكىستان ۋە خۇراسان تەۋەسىدىلا 100 يىللا پۇت تىرەپ تۇرالىدى.

ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەپسۇنى دۇنيادىكى داڭلىق قارغىشلارنىڭ بىرى. سەمەرقەند مەسجىدىكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ قارامتۇل يېشىل رەڭلىك قاشتېشى قەبرە ياپقۇچى 1740-يىلى مىلتارىسىت نادىر شاھ تەرىپىدىن ئىرانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىگەن، قەبرە ياپقۇچى بۇزۇۋېتىلگەندىن كىيىن بىرمۇنچە بەختسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا ھاياتى – بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلگەن. دىنى ئالىملارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قاشتېشى قەبرە ياپقۇچىنى ئەسلى جايىغا قويغاندىن كىيىن ئۇلار خەتەردىن قۇتۇلغان.

1941-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، سىتالىن سانكىت-پېتىربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋالىدۇ. خەتتە سىتالىندىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەترىتىنىڭ سەمەرقەندكە بېرىپ ئەمىر تۆمۈرنىڭ گۆرىنى قېزىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان، بۇ خەت دەرھال سىتالىننىڭ يۈكسەك دەرجىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان ھەم ئاكادىمىيە ئەترىتىنى سەمەرقەندكە ئەۋەتكەن. (روسىيەلىك داڭلىق تارىخشۇناس بورىسئىلى زاروينىڭ قارىشىچە: سىتالىننىڭ ئەسلى ئىسمى يۈسۈپ جۇگاشۋىلىي گارسىيا بولۇپ، «سىتالىن» ۋە «تۆمۈر» سۆزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا روسچە ۋە موڭغۇلچە تۆمۈر دېگەن مەنىدە بولۇپ، سىتالىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «تۆمۈر» گە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمىر تۆمۈردەك قەھرىمانغا تېخىمۇ ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن ئىدى).

بىراق قېزىش جەريانىدا غەلىتە ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرغان، مەسلەن، تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىدىن چاتاق چىقىش، ئەترەتتىكىلەرنىڭ كوللىكتىپ بېشى ئاغرىش قاتارلىقلار. «سوۋېتلىقلار ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسىنى ئاچقۇدەك! بۇ قارغىش ئېلىپ كېلىدۇ!» دېگەندەك سۆز-چۆچەك بازارلارغا ۋە سەمەرقەندكە پۇر كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەتقىقات ئەترىتى ئىشنىڭ سىرىنى بايقىدى، ھەم قېزىشنى توختاتماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاللىبۇرۇن ئۈلگۈرەلمىدى، چۈنكى بۇ ئىش ئاللىبۇرۇن سىتالىننىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەم نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى. ئاخىرى 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىنسانشۇناس ئالىمى مېخائىل گىراسىموۋ ئالتە يۈز يىلدىن بۇيان توپا بېسىپ كەتكەن يەر ئاستى تاش ئىشىكنى ئاچتى ھەم ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبېكنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى بايقىدى.

سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ئەمىر تۆمۈرنىڭ جەسىتى ئالدىدا، تەتقىقاتچىلار ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۇستخانلىرىنىڭ چوڭلۇقىغا ھەيران قالغان ھەم ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېگىزلىكى 1.90 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشتى.

ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسى تېشىدىكى ئەپسۇن «تاش ياپقۇنى ئاچقان ھەرقانداق ئادەم ئۇرۇش ئالۋاستىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ». ئەمىر تۆمۈرنىڭ گۆر ياپقۇ تېشى ئېچىلىپ ئىككىنجى كۈنى سەھەردە، 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گېتلىر شىددەتلىك بارباروسا پىلانىنى ئىجرا قىلىپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلدى. سوۋىت ئىتتىپاقى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئىنتايىن زور چىقىم تارتتى. مېخائىل گىراسىموۋ ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزى گېنىرال ژۇكۇفنى ئىزدەپ ئىشنىڭ ھەممە تەپسىلاتىنى بايان قىلدى، گېنىرال ژۇكۇف دەرھال بۇ ئەھۋالنى سىتالىنغا دوكلات قىلدى. گېتلىردىن قورقۇپ كەتكەن سىتالىن 1942-يىلى7-ئاينىڭ 16- كۈنى (سىتالىنگىراد ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى كۈنى) بۇيرۇق قىلىپ ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئايروپىلانغا سېلىپ موسكوۋا ئاسمىنى ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ (روسلار ھەمىشە ئۇرۇشتىن ئاۋال ئىلاھلىرىنىڭ رەسىمىنى موسكوۋادا ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى تىلەيىتتى)، ئاندىن ئەمىر تۆمۈرنى قايتىدىن دەپنە قىلىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ گېرمانىيىلىكلەر مەغلۇپ بولۇشقا باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق تەسلىم بولدى.

خاتىمە

غەربىي قاراخانىلار سۇلتانلىرى، ئەمىر تۆمۈر، بابۇرشاھ قاتارلىقلارنى ھازىر ئۆزبېك دەپ قاراش ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە بەكلا خاتا ۋە ئىلمىيلىكى بولمىغان كەمتۈك قاراشتۇر. ئۆزبېك نامى تارىختا تۇنجى قېتىم 1312 – يىلدىن 1341- يىلغىچە ئالتۇن ئوردا خانى بولغان ئۆزبېكخاندىن كەلگەن. ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى قەبىلىلەر كېيىنچە دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ سەردارى مۇھەممەد شايبانى 1499 – يىلى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مەھمۇدخاننى ئالداپ، قوشۇن ئارىيەتكە ئېلىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستاننى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋالغان. شۇڭلاشقا بابۇرشاھ بابۇرنامىدە ئوچۇق قىلىپ: «سەمەرقەند – بۇخارا، تاشكەنت – ئەنجان ئەسلىدە ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئاتا مىراس زېمىن ئىدى. ياغى ئۆزبېك كېلىپ ئىستىلا قىلدى» دېگەن. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنى ئۆزبېك دەپ ئاتىغانلار دەل بابۇر شاھنىڭ دۈشمەنلىرى دېگەنلىك. قىزىق يېرى بۇدەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى تېزلا يەرلىك ئاۋامغا سىڭىشىپ كەتكەن. خۇددى ھازىرقى تۈركىيە تۈرك نامى بىلەن ئاتالغىنى بىلەن ھەقىقىي تۈركلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى تۆۋەن بولسىمۇ تۈركىيە دەپ ئاتىلىۋەرگىنىدەك، ھازىرقى ئۆزبېكىستانمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغىلى تېخى يۈز يىلمۇ بولغىنى يوق. ئۇندىن بۇرۇن تەڭرىتاغ ۋە پامىرنىڭ غەربىدىكىلەر ئەنجانلىق، شەرقىدىكىلەر قەشقەرلىك دەپلا ئاتىلاتتى. ئۇنداقتا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەسلى يىلتىزى بولۇش ئېھتىمالى بار كىم بار؟ ئەلۋەتتە مۇشۇ مەركىزىي ئاسىيا بوستانلىقلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇيغۇر مىللىتىلا مەركىزىي ئاسىيادىكى دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان بوستانلىق خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادىدۇر.

تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى سۇلتان يۇنۇسخان ئۈچ قىزىنى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۈچ ئوغلىغا ياتلىق قىلىپ، ئۇلۇغ بوۋىسى ئارزۇ قىلغان بىرلىكنى قان تۆكمەيلا ئەمەلگە ئاشۇرغان. بىراق ئارىدىن 33 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يۇنۇسخاننىڭ كالتا پەم ئوغلى مەھمۇدخان خانلىقنىڭ شەرقىدىكى تارىم ۋادىسىنى مىرزا ئابابەكرىگە، غەربىدىكى پەرغانە ۋادىسىنى دەشتى قىپچاقلىق ئۆزبېكلەر سەردارى شايبانىخانغا تارتقۇزۇپ قويغان. ئاقىۋەت تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ھېساپلانغان سۇلتان سەئىدخان بىلەن بابۇر شاھلار تەڭلا چېكىنىپ، بىرى تارىم ۋادىسىدا سەئىدىيە خانلىقىنى، يەنە بىرى ھىندىستاندا بابۇرىلار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. چىڭگىزخان خارەزمشاھلىقىنى يوق قىلغاندا، مەركىزىي ئاسىيادا ئۇيغۇرلىشىش ھادىسسىلىرى يۇقىرىپەللىگە كۆتۈرۈلگەن. دېمەك ئەمىر تۆمۈرمۇ خۇددى چاغاتايخان ئەۋلادلىرىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇلدەپ قارالسا تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولىدۇ.

يېقىندىن بېرى ئەمىر تۆمۈرنى قازاقلار نەسەپ جەھەتتىن قازاقلارغا تېخىمۇ يېقىن دەپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى. ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، ئۇيغۇر خەلقىدە شۇنچىلىك كۆپ داڭلىق شەخسلەر بار بولۇپ، ئۇلاردىن مەيلى قانچىلىك كىشىلەرنى خوشنا خەقلەر خالىغانچە تارتىۋالسىمۇ قىلچىلىك مىراسلىرىمىز كەملەپ قالمايدۇ. دەل ئەكسىچە ئۇلار بېقىۋالغان بىر نەچچە تارىخىي شەخسنى بىز قايتۇرۇۋالساق، ئۇلارنىڭ پەخىرلەنگىدەك بىرمۇ مەشھۇر ئادىمى قالماي قالىدۇ. بۇلارنى ئۆلگۈر ئىسلام كەرىموفنىڭ «ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق!»، «كىمكى نەۋائىينى ئۇيغۇر دەيدىكەن ئۆزبېكىستان تۇپرىقىدىن چىقىپ كەتسۇن!» دەپ بىلجىرلاشلىرى تولۇقى بىلەن ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت. ئۆزبېكلەر ھامان بىر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا تارىخ قايتىدىن توغرا يېزىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاچچىق بولغان تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلماي بولمايدۇ. مىلادى 636 – 839 – يىللىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆزبېك مىللىتى تۈگۈل، ئۆزبېك ئاتالغۇسىمۇ مەۋجۇت بولمىغان. 850 – 1350 – يىللىرىدىكى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىمۇ بۇ ھالەت شۇ پېتى داۋام قىلغان. پەقەت تارىم ۋادىسىدىكى مەركىزىي قاراخانلىق بىلەن سۇرخان دەريا ۋادىسىدىكى غەربىي قاراخانلىق 1042 – يىلى بۆلۈنگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ھازىرقى زاماندىكى ئۆزبېكىستان تەۋەسى ئازراق ياتسىراش ۋە يېڭى مىللەت بارلىققا كېلىش دەۋرىگە قەدەم قويغان.

قاراخانىلار يىمىرىلىپ، موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇرلار تەڭ جاھان سورىغان 1212 – 1515 – يىللاردا خارەزىم ۋە خۇراساندا ئۇيغۇرلىشىش دولقۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ئاخىرىدا شايبانىلار ئىگىلەپ تۇرغان 1515 – 1599 – يىللار ھەر قايسى خانلىقلارنىڭ يېغىلىق دەۋرى بولغان 1600 – 1850 – يىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاررۇسىيە ۋە سوۋېت دەۋرىدىلا ئاندىن ئۆزبېك مىللىتى رەسمىي شەكىللەنگەن. شۇڭلاشقا ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى 1515 – يىلدىن بۇرۇنقى شەخسلىرىمىز ۋە سەلتەنەتلىرىمىزنى باشقا ھېچكىمگە نىسبەت بەرگىلى بولمايدۇ.

بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:

1. ئورۇس

موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى كۆپىنچە موڭغۇلچە ۋە تۈركچە تارىخى ئەسەرلەردە روسلار ئورۇس دەپ خاتىرلەنگەنىدى. مەسىلەن، تۆمۈر تۈزۈكلىرىدە ئەمىر تۆمۈر ئۆز ئاغزى بىلەن ئالتۇن ئوردا ھۆكۈمدارى توختامىشخاننى «ئورۇس خانى توختامىش» دەپ يازدۇرغان. بۇ خىل ئاتاش تاكى مۇشۇ ئەسىرگىچە خەلقىمىز ئارىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى.

2. تۇغلۇق تۆمۈرخان

تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەسلىدە شەرقىي چاغاتاي خانى ئىككىنچى ئېسەن بۇقاخاننىڭ بىردىن بىر ئوغلى بولۇپ، 1330 – يىلى دادىسى ۋاپات بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن تۇغۇلغان. ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى يىمىرىلىش خەۋپىگە دۇچار بولاي دېگەندە بۇرۇنقى بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقىدىكى تۆت چوڭ ئۇلۇسبەگنىڭ ئاقساقىلى ئەمىر كەبىر بولاجى دۇغلات 17 ياشلىق تۇغلۇق تۆمۈرنى يىراقتىكى دوختەۋى قەبىلىسىدىن تاپتۇرۇپ كېلىپ، 1347 – يىلى ئاقسۇدا خان قىلىپ تىكلىگەن. 1351 – يىلى ئىككى خانلىقنى قايتا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن پايتەختنى ھازىرقى قورغاسقا كۆچۈرۈپ، ئالمالىقنى قايتا ئاۋات قىلغان تۇغلۇق تۆمۈرخان 1360 – يىلى تۇنجى قېتىم غەرپكە يۈرۈش قىلىپ غەربىي چاغاتاي خانلىقىنى قۇرۇۋالغان باشباشتاق كۈچلەرنى تىز پۈكتۈرۈپ، 24 ياشلىق ئەمىر تۆمۈرنى گۆدەك ئوغلى ئىلياسخانغا ئاتا بەگ قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ھازىرقى غەربىي تۈركىستان تەۋەسىنى تۇتقۇزغان. بىراق ئەمىر تۆمۈر 1363 – يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولۇپ، ئافغانىستان تەرەكە قېچىپ كەتكەن. بەختكە قارشى تۇغلۇق تۆمۈرخان 1364 – يىلى رامىزانغا تۇيۇقسىز قازا قىلغان. ئەمىر قەمەرىددىن ئىسيان كۆتۈرۈپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادىدىن 18 ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان. بۇكۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ئەمىر تۆمۈرگە ھۆكۈمدار بولۇش پۇرسىتى ئاتا قىلغان. ئۇ ئىلياسخاننى قەستەن ئالمالىققا قاچۇرۇپ، ئۇنىمۇ ئوخشاشلا ئەمىر قەمەرىدددىن قولىدا ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئاندىن «تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باش كۆتۈرمەكچى بولغان. راس دېگەندەك ئەمىر قەمەرىددىن ئەمىر تۆمۈرنىڭ مەركىزىي ئاسىيانى ئىلكىگە ئېلىشى ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

3. ئوترار شەھىرى ۋە قىسمەتلىرى

ئوترار شەھىرى بۇرۇنقى فاراب شەھىرى خارابىسىدا قەد كۆتۈرگەن ئاۋات شەھەر بولۇپ، بۇرۇنقى فاراب شەھىرى ئەسلىدە قاراخانىلارغا قاراشلىق بولۇپ، 893 – يىلى بۇخارا ئەمىرى ئىسمائىل ئەھمەد تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم خانىۋەيران قىلىنىپ، 1140 – يىلى قاراخىتايلار تەرىپىدىن خاراب قىلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان ئوترار شەھىرى كېيىنچە 1220 – يىلى شەرقتىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن چىڭگىزخان تەرىپىدىن تولۇق خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ھازىرقى سىر داريا ۋادىسىدىكى چىمكەنتكە يېقىن بولۇپ، چىمكەنت 1864 – يىلدىن بۇرۇن قوقان خانلىقىغا قاراشلىق شەھەر ئىدى. قوقان خانلىقى مۇشۇ شەھەر ئارقىلىق جەنۇبىيقازاقىستاننى باشقۇراتتى. 1865 – يىلى ئورۇسلار چىمكەنتنى ئېلىپ بىر يىل بولمايلا تاشكەنتنىمۇ ئىگىلەپ، قوقان خانلىقىنى جەنۇبىي قازاقىستاندىن مەھرۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى 1867 – يىلى سىر دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىغا قوشۇۋالغان. چار رۇسىيە يىمىرىلىپ چۈشكەندىن كېيىن، تاشكەنت شەھىرى ھازىرقى ئۆزبېكىستانغا، چىمكەنت شەھىرى ھازىرقى قازاقىستانغا ئايرىپ بېرىلگەن. ئوترار خارابىسى بۇرۇنقى تالاس رايونىغا تەسىس قىلىنغان جامبۇل تەۋەسىگە تەقسىم قىلىنغان. بۇ خىل ھالەت ھازىرغىچە ئىزچىل ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئاخىرقى سۈرەتتە: رۇسىيە ئېتنوگرافىيە ئالىمى مىخائىل گىراسىموف جاھانگىر تۆمۈرلەڭنىڭ باش سۆڭىكىگە ئاساسەن ياساپ چىققان تۆمۈرلەڭ پورترېتى

پايدىلانغان ۋە سېلىشتۇرۇلغان مەنبەلەر:

ئەللامە راشىددىن: «جامىئۇت تەۋارىخ»

ئەمىر تۆمۈر: « تۆمۈر تۈزۈكلىرى»

زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر: «بابۇرنامە »

مەۋلانە شەرىپىدىن ئەلى يازدى: «زەپەرنامە»

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان: «تارىخى رەشىدى»

موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدى»

ۋ.ۋ.بارتولد : «ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى»

نامەلۇم ئوردا تارىخچىسى: «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»

داۋىد مورگان: «موڭغۇللار»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top