You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئىراندىكى مىڭ يىللىق سەلتەنەتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشى

ئىراندىكى مىڭ يىللىق سەلتەنەتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئىران يېقىنقى مىڭ يىلدا ئىزچىل ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەسەررۇپىدا بولغان

تارىخچىلار ئىراننىڭ 921 – يىلدىن 1925 – يىلغىچە تۈركلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەتتا 1037 – يىلى ئىراننىڭ شەرقىدىكى خۇراساندا باش كۆتۈرگەن سالجۇقىلارنىڭ ھازىرقى ئىران تەۋەسىگە جايلاشقان «مەرۋە»، «قۇم» ، «رەي» ، «ئىسپاھان»، «كېرمان» ۋە «ھامادان» قاتارلىق جايلىرىنى مەركەز قىلىپ، كېيىنكى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئىراننى ئانا ۋەتەنگە ئايلاندۇرغانلىقى ئوچۇق ھەقىقەت. زەرىفنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، ئەگەر زەرىف 1812 – يىلدىكى گۈلستان كېلىشىمىنى ئىمزالىغان قاچار سۇلالىسى (1796 – 1925) نى ئىراننىڭ قانۇنىي ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ھازىرقى ئىراننىڭ ئەسلىدە ئەزەربەيجانغا قاراشلىق ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى مەيلى يىراقتىكى سامانىلار، غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىلار بولسۇن ياكى يېقىندىكى ئىلخانىلار (1255 – 1355)، قاراقويچىلار (1350 – 1488)، ئاق قويچىلار (1355 – 1469)، تۆمۈرىلەر (1370 – 1501)، سافاۋىلار (1501 – 1736) ياكى قاچارلار (1796 – 1925) بولسۇن ھەممىسىلا ئۇيغۇر – تۈرك نەسىللىك قانداش قەۋملەر قۇرغان خانلىقلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

1. سافاۋىلار خانلىقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىران – تۇران ئۇرۇشى

سافاۋىلار خانلىقى مىلادى 1501 – يىلى ئەسلىدە ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن كېلىپ چىققان سوپىزىم پېشۋاسى شەيخ سافاۋىنىڭ 5 – ئەۋلادى شاھ ئىسمائىل تەرىپىدىن تەبرىزدە قۇرۇلغان شىئە مەزھىپىدىكى ئەزەربەيجان تۈركلىرى قۇرغان سەلتەنەتلىك خانلىق.

1502 – يىلى شىئە مەزھىپى رەسمىي دۆلەت مەزھىپى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇ دەسلەپكى بەش يىلدا ئىران، ئىراق، كۇردىستان، ئەزەربەيجان ۋە شەرقىي ئاناتولىيەگە بەگ بولۇۋاتقان ئاق قويچىلار ۋە قارا قويچىلارنى يوقىتىپ، تەسىرىنى غەرپتە ئوسمانلى زېمىنىغىچە، شەرقتە تۆمۈرىيلەر دۆلىتىگىچە كېڭەيتكەن. سۇلتان مەھمۇدنى ئالداپ سەمەرقەندنى ئالغان شايبانىخان 1507 – يىلى ھېراتنى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋاملىق غەرپكە كېڭىيىپ شاھ ئىسمائىل بىلەن توقۇنۇشقان.

نەتىجىدە 1510 – يىلى دېكابىردا شاھ ئىسمائىل ھىلە ئىشلىتىپ، 4 – دېكابىر ھازىرقى مەرۋىدە شايبانىخاننى ئۆلتۈرگەن. ئاندىن تۆمۈرىلەرنىڭ ۋارىسى بابۇر شاھقا ياردەم بېرىپ، ھازىرقى ماۋارائۇننەھردىكى شايبانىخان ئەۋلادلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، سەمەرقەندنى بابۇر شاھقا بەرگەن. بىراق ئۇ 1514 – يىلى 24 – ئاۋغۇست چالدىران ئۇرۇشىدا ياۋۇز سېلىمدىن يېڭىلىپ قالغاچقا، دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشاپ، ھىمايىسىز بابۇر شاھنى ئافغانىستانغا قوغلىغان. پەرغانىنى ساقلاۋاتقان سەئىدخانمۇ ئامالسىز ئۇ يەرنى تاشلاپ بېرىپ، قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ، مىرزا ئابابەكرىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يىلى 24 – ئاۋغۇست سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بابۇر شاھمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۈمۈد ئۈزۈپ، 1526 – يىلى 12 – ماي ھىندىستاندا بۈيۈك موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. شاھ ئىسمائىل بۇ ئارىدا 1524 – يىلى 23 – ماي قازا قىلغان.

بابۇر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ بۇۋىسى ئاقساق تۆمۈر

نەسەبى – بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈر. ئۇ ئەمىر تۆمۈر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمىر تۆمۈر 1369 – يىلدىن 1405 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇ قۇرغان سۇلالىمۇ 1501 – يىلغىچە داۋاملاشقان.

سەئىدخاننىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان. نەسەبى — سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان، ئۇنىڭ ئاتىسى يۇنۇسخان، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان ئۇۋەيسخان، ئۇنىڭ ئاتىسى شەمئىي جاھانخان، ئۇنىڭ ئاتىسى خىزىر خوجاخان ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ساھىبقىران تۇغلۇق تۆمۈرخان.

شۇنداق قىلىپ، يىراق تارىختىكى ماننۇچېھىر ۋە تۇر قوزغاپ، تۇرنىڭ جەسۇر نەۋرىسى ئالپ ئەرتۇڭا قاغان نەۋرۇزنى تىرىك تۇتۇپ خاتىمە بەرگەن ئىران – تۇران ئۇرۇشى كېيىنچە ئۆزى تۈركلەردىن بولسىمۇ، ياش ئوسمانىلار ۋە تۆمۈرىلەردىن تۆر تالىشىش ئۈچۈن شىئە مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغان سافاۋىلار تەرىپىدىن ئەۋجىگە چىقىرىلىپ، 1925 – يىلى پارس پاشا رىزاخان پەھلىۋىنىڭ رەسمىي ھالدا پېرسىيە نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتىپ، مىڭ يىللىق ئۇيغۇر – تۈرك سەلتەنىتىنى پارس سەلتەنىتىگە تىكلىشى بىلەن تولۇق ئاخىرلاشقان بولدى.

2. ئۇيغۇرلاردىكى ۋاپاغا ۋاپا قىلىش روھى ۋە ساداقەت

ئەبۇلغازى باھادىرخان «تۈرك شەجەرىسى» ناملىق قىممەتلىك تارىخىي ئەسىرىدە ئالتۇن ئوردا خانى ئەبۇلخەيرىنىڭ نەۋرىسى شايبانىخاننىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، يېڭى خوجايىنى بۇرقا (بۈرگە ، بېركە) سۇلتانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى تىرىك تۇتماقچى بولغاندا، سۇلتان بۇرقاخاننىڭ ئەڭ يېقىن نەۋكىرى ئۇيغۇرمانىش سۇلتاننىڭ كىيىمى ۋە ئېتىنى چاپتۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنى مەن «بۇرقاخان» دەپ جاكارلاپ شايبانىخاننى ئازدۇرۇپ، بۇرقا سۇلتاننى قاچۇرۇۋەتكەن. شايبانىخان ئۇنى تىرىك تۇتۇپ سوراق قىلغاندا، «سەن مانىش تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆزۈڭنى مەن بۇرقاخان دەپ ھالاكەتكە دۇچار قىلىسەن؟» دېگەندە، ئۇيغۇر يىگىت: «بىزدە تۇز ھەققى دەيدىغان نەرسە بار. بۇرقاخان بىلەن ئۇزۇن يىل ھالاۋەتتە بىللە بولدۇم. ئەمدى ئۇنى جاپادا تاشلاپ قويۇپ كەتسەم تۇزكور بولىمەن. ھامان بىر ئۆلۈم» دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شايبانىخان قايىللىق بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۈپ، تارتۇقلاپ يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويغان. مەزكۇر ئەسەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. (ئوخشاش ئەھۋال 1203 – يىلى چىڭگىزخان نايمانلارنى يوق قىلغاندا كۆرۈلگەن. ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭانىڭ ساداقىتىدىن تەسىرلەنگەن تۆمۈرچىن ئۇنى دۆلەت ئۇستازى قىلىپ، يېزىق ئىجاد قىلدۇرغان).

3. ئۆزبېك ئاتالغۇسى ۋە غەربىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئۆزبېكلىشىپ كېتىشى

ھەممىگە مەلۇمكى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئەمىر تۆمۈرنىڭ تاجاۋۇزلىرى ۋە توختامىشخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىردىنلا ئاجىزلىشىپ كەتتى. 1312 – 1341 – يىللاردىكى ئۆزبېكخان قولغا كەلتۈرگەن سەلتەنەت تۈپەيلى «ئۆزبېكلەر» دەپ ئاتالغان ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسلىرى 1456 – يىلى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتتى. چۈنكى ئەڭ ئاخىرقى سەلتەنەتلىك خان ئەبۇلخەيرىخان 1450 – يىلى ئارال كۆلىنىڭ شىمالىدىكى سىغاناق شەھىرىدە قالماقلار تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالدى. بۇ ئەھۋال پارچىلىنىشنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ قاتتىق قول ھۆكۈمرانلىقىغا چىدىمىغان قازاق ئۇرۇقلىرى ئاكا – ئۇكا قازاق شاھزادىلىرى بىلەن بىللە دەشتى قىپچاقتىن يەتتە سۇغا كۆچۈپ كېلىپ، شەرقىي چاغاتاي خانى ئېسان بۇقا خاندىن پاناھلىق تىلىگەن. خان ئۇلارغا بالقاش ۋادىسى بىلەن يەتتە سۇنى ئايرىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىنچە ئېسان بۇقاخان ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئاكىسى يۇنۇسخان ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ قوللىشىدا 1462 – يىلى شەرقىي چاغاتاي خانى بولغان. يۇنۇسخاننىڭ قوللىشىدا 1465 – يىلى يەتتە سۇدا تۇنجى قازاق خانلىقى قۇرۇلغان. بۇ خانلىق كېيىنچە قاسىمخان ۋاختىدا يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى سەئىدخان بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بىرلىكتە ماۋارائۇنننەھىرنى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ۋە يۇنۇسخان ئوغلى مەھمۇدخاندىن تارتىۋالغان دەشتى قىپچاق شايبانىخان ئۆزبېكلىرىگە قارشى تۇرغان.

يۇقىرىدا ئىسمى چىققان شايبانىخان بۇرقا سۇلتاننى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولغاچقا، تاشكەنتكە كېلىپ، يۇنۇسخان ئوغلى مەھمۇدخاندىن پاناھلىق تىلىگەن. قازاق خانى قاسىمخان ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئوغلىنى شايبانىدىن تەكرار – تەكرار ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق نادان مەھمۇدخان قۇلاق سالماي، شايبانىخاننى باش قوماندان قىلىپ، ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنى ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىپ، سەلتەنىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. ئەمما شايبانىخان سەمەرقەندكە كىرىپلا يۈز ئۆرۈپ، 1498 – يىلى ئۆزىنى مۇھەممەد شايبانىخان (شاھىبېكخان) دەپ ئاتاپ، مەھمۇدخانغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. مەھمۇدخان دەرھال ئۇكىسى سۇلتان ئەھمەدخاندىن ياردەم تەلەپ قىلغان. سۇلتان ئەھمەدخان 1491 – يىلى مىڭ سۇلالىسىنى سەددىچىن سېپىلى ئىچىگە قوغلىۋېتىپ، سېپىلغىچە بولغان بارلىق تارىخىي زېمىملىرىنى قايتۇرۇۋالغان. ئوغلى سەئىدخان دەل ئاشۇ زەپەر جەريانىدا تۇغۇلغان. 1395 – يىلى ئۇلارنىڭ ئەجدادى خىزىر خوجا خىتايغا ۋە قالماقلارغا قارشى باشلىغان ئۇرۇش، سۇلتان ئەھمەدخان زامانىدا تولۇق غەلىبە قىلىپ، 1495 – يىلى خىتايلار سەددىچىننى تاقىۋېلىپ بېكىنىۋالغان. سۇلتان ئەھمەد قالماقلارنى تاكى ھازىرقى ئۇلانباتۇرغىچە قوغلىۋېتىپ قايتىپ كەلگەن. ئۇ قالماقلارنى ئۈزۈل – كېسىل يوقاتماقچى بولغاندا، پەمسىز ئاكىسىنىڭ پەريادى يېتىپ كەلگەن. شۇڭا دەرھال كىچىك ئوغلى سەئىد بىلەن خېلىنى ئېلىپ، چوڭ ئوغلى مەنسۇرنى تۇرپاندا سۇلتان قىلىپ قويۇپ، شايبانىخانغا ئۇرۇش ئاچقان. ئەمما نانقېپى ئاكىسى ئۇرۇشتا خاتا قوماندانلىق قىلىپ، ئىككىسى ئەسىرگە چۈشكەن.

شايبانىخان بۇرۇنقى خوجايىنىدىن كۆپلىگەن جايلارنى بۆلۈۋېلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بەرگەن. سۇلتان ئەھمەدخان ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بولمىغاچقا، بۇ ھاقارەتكە چىدىماي دەرت يۇتۇپ، 1502 – يىلى ئاقسۇدا جان ئۈزگەن. نانقېپى مەھمۇدخان بەش يىلدىن كېيىن شايبانخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. سەئىدخان مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قېلىپ، نەۋرە ئاكىسى بابۇر شاھ بىلەن بىللە شايبانىخانغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە شايبانىخان 1510 – يىلى 4 – دېكابىر مەرۋىدە سافاۋىلار شاھى ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بابۇر شاھ سەمەرقەندنى، سەئىدخان ئەنجاننى ئۆزبېكلەردىن قايتۇرۇۋالغان. بىراق بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۆزبېكلەر قايتىدىن كۈچلىنىپ، بابۇر شاھنى كابۇلغا، سەئىدخاننى قەشقەرگە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. 1514 – يىلى غەرپتىكى ئوسمانىلار سۇلتانى ياۋۇز سېلىم ئەسكەر باشلاپ ئاناتولىيەنى قولىغا ئېلىپ، 23 – ئاۋغۇست چالدىران ئۇرۇشىدا شاھ ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، شەرقىي ئاناتولىيە، ئىراق ، غەربىي ئىران ۋە ئەزەربەيجاننى ئالغان. 24 – ئاۋغۇست سەئىدخان يەكەندە سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. 1520 – يىلى ياۋۇز سېلىم ئۆلۈپ ئوغلى سۇلتان سۇلايمان چىققان. بابۇرشاھمۇ 1526 – يىلى 12 – ماي موغۇل ئىمپىريىسىنى قۇرغان. شۇنداق قىلىپ، ئاسىيادىكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنى ئىككى قوشماق تۇققان ئىمپىرىيە (سەئىدىيە – بابۇرىيە) بىلەن ئوسمانىلار يېگانە سورىغان. 1758 – يىلى ئېنگىلىزلار موغۇل ئىمپىيىرىسىنى يۇتۇۋېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1759 – يىلى مانجۇرلار سەئىدىيە تۇپراقلىرىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئوسمانىلار يېگانە كۈچكە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەركىزىي ئاسىيا خانلىقلىرى ئوسمانىلارنى مەنسىتمىگەن ئىدى.

سۈرەتتە: ئۆزبېكىستاننى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى قولىدىن تارتىۋېلىپ، شايبانىلار خانلىقى (1498 – 1599) نى قۇرغان مۇھەممەد شايبانىخان . ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ئابدۇللاخان بولۇپ، ئۇ سەئىدىيە خانلىقىغا قوزغىغان ئۇرۇشتا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈشى بىلەنلا دۆلىتى قايتىدىن ئەمر تۆمۈر ئەۋلادلىرىغا ئۆتكەن. ئۆزبېك نامىمۇ يوق بولغان. ئەمما ئورۇسلار دەۋرىدە قايتىدىن تىرىلدۈرۈلۈپ، شۇ نام بېرىلگەن. ئەينى چاغدا ئۆزبېك دېگەن نام دۆلەت قۇرۇش شەرتىگە توشمىغاندا (250 مىڭ نوپۇسى بولۇشى كېرەك) پەرغانىدىكى ئۈچ مىليوندەك ئۇيغۇر «ئۆزبېك» دەپ تىزىملىنىپ، ئۆزبېكسىتان دۆلىتى قۇرۇلغان. شۇڭا قورقماي، قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرى ئۆزبېكىستان دۆلىتىنى قۇرغۇچى تۆھپىكارلار دەپ جاكارلىساق بولىۋېرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇنداق «خەخنىڭ تايىقىنى يەيدىغان، ۋاپا قىلغانلاردىن جاپاغا ئۇچرايدىغان ساددا ۋە يۇۋاش خەلق».

4 . ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىدددىن ئەرەتنا ۋە ئوغۇز ئورخاندىن سافاۋى شاھى ئىسمائىل ۋە ياۋۇز سېلىمغىچە بولغان ئىككى ئەسىر جەرياندىكى ۋەقەلەر

1326 – يىلى 6 – ئاپرىل غازى ئوسماننىڭ ئوغلى ئورخان بۇرسا شەھىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، پايتەختنى سۆگۈتتىن بۇرساغا كۆچۈرگەن. ئورخان ئوسماننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئوسمان بۇرسانى ئېلىش ئىستىكىدە كۆپ كۈچىگەن بولسىمۇ، سالامەتلىكى ياخشى بولماي، ئۇنى 1324 – يىلى ئورنىغا ھۆكۈمدار قىلغان. ئۆزى بۇرسا قولغا كېلىشتىن سەل ئىلگىرى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئورخان بۇرسانى ئالغاندىن كېيىن، تېزلا مەرمەرە دېڭىزى ساھىللىرىنى ئىگىلەپ، 1359 – يىلى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ياۋروپا تەرەپكە ئۆتۈپ، شەرقىي تراكىيەنى ئىگەللەشكە باشلىغان. 1362 – يىلى ئورخان ئۆلۈپ، ئورنىغا پادىشاھ بولغان ئوغلى مۇراد 1 (يىلدىرىم بەيازىدنىڭ دادىسى) 1362 – يىلى پايتەختنى ئاسىيادىكى بۇرسادىن ياۋروپادىكى ئەدىرنەگە كۆچۈرگەن. بەلكىم ئوسمانىلارنىڭ ئاسىيادىن ياۋروپا تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېتىشى 1328 – يىلدىن بېرى ئاناتولىيەدە سالجۇقىلاردىن كېيىنكى تۇنجى تۈرك دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇر سەردار ئالائىددىن ئەرەتنا سۇلتاننىڭ بېسىمىدىن بولسا كېرەك. ئۇ تاكى 1352 – يىلى ۋابا كېسىلى بىلەن قەيسەرىيىدە ۋاپات بولغىچە 25 يىل ئاناتولىيەنىڭ يەككە ھۆكۈمدارى ئىدى. ئورخان بىلەن ئىككىسى تەڭ دەۋردە ياشىغان زامانداشلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 1380 – يىلى سۇلتان ئالائىددىننىڭ ئەۋلادلىرى ئاناتولىيەنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئون نەچچە بەگلىك كىچىك ئاسىيانى بۆلۈشۈۋالىدۇ. ئاندىن ئەمىر تۆمۈر ئەسكەر تارتىپ كېلىپ، سۇلتان مۇرادنىڭ قابىل ئوغلى يىلدىرىم بەيازىدنى 1402 – يىلى 28 – ئىيۇل ئەنقەرەدە قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئاناتولىيەنى ئىگىلەپ، ئوسمانىلارنى بىر مەزگىل خەرىتىدىن تولۇق ئۆچۈرۈپ يوق قىلىۋېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ 1380 – يىللاردىكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئالتۇن ئوردا بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى چاغاتاي خانلىقىغا قاراتقان خورىتىش ئۇرۇشلىرى شەرقتە خىتاي مىڭ خانلىقى بىلەن غەرپتە ئورۇس خانلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. ئوسمانىلارنىڭ ياش ھەم ھاكاۋۇر سۇلتانىمۇ ئەمىر تۆمۈر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ، دۆلىتى مۇنقەرز بولىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. 1450 – يىللىرى تۆمۈرئەۋلادىدىن ئەبۇ سەئىدخان قۇدرەت تاپىدۇ. 1460 – يىللىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرىدىن يۇنۇسخان كۈچلىنىدۇ. 1470 – يىللىرى ئوسمان بەگ ئەۋلادىدىن مۇھەممەدخان (فاتىھ) ئوسمانلى دۆلىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. يامان يېرى بۇچاغلاردا ئالتۇن ئوردا خاراپلىشىدۇ. 1482 – يىلى ئورۇسلار ئاخىرى ئالتۇن ئوردىنىڭ ئىز باسارى بولغان قازان تاتار خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ باش كۆتۈرۈۋالىدۇ. 1547 – يىلى تۇنجى چار پادىشاھلىقىنى قۇرۇۋالىدۇ. رۇسلار 1552 – يىلى ئۆكتەبىردە قازاننى، 1558 – يىلى يازدا ئاستراخاننى يۇتۇۋالىدۇ. ئوسمانىلار سۇلتانى سۇلايمانخان ئورۇسلارنى تارمار قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئامراق ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم خاتۇن سۇلتاننى سافاۋىلار ۋە بالقان ئەللىرىگە ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرۈپ، ئورۇسلار ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە كۆرسىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن سۇلتان سۇلايمان شەرقتە سافاۋىلار، غەرپتە ئۇششاق ياۋروپا خانلىقلىرى بىلەن تولا ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ، ئورۇسلارنى تىنجىتىش پۇرسىتى ئۆتۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە سۇلتان سۇلايمان تۈركلەر ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك رەقىپكە ئايلانغان ئورۇسلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا 1566 – يىلى 7 – سېنتەبىر ۋېنگرىيەدە قازا قىلىدۇ. گەرچە ئوسمانىلار 1571 – يىلى قىرىم قاغانىنىڭ كۈچلۈك ياردىمى بىلەن موسكۋاغىچە ئۇتۇقلۇق جەڭ قىلىپ، شۇ يىلى 24 – ماي شەھەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئورۇسلارنى پۈتۈنلەي تىز پۈكتۈرۈشكە سەل قارىغان. ھەتتا قىرىم قاغانلىقى 1711 – يىلى بۈيۈك پېتىرنى شىمالىي كاۋكازدا تىرىك تۇتۇۋېلىپ، ئورۇسلارنى ئۈزۈل – كېسىل يوق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى قىرىم قاغانلىقىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىماي، پېتىرنى قويۇپ بېرىشكە كۆندۈرگەن. پېتىرمۇ موسكۋانى تاشلاپ، تېخىمۇ يىراقتىكى بالتىق دېڭىزى بويىغا پايتەختىنى كۆچۈرۈپ، پېتىربۇرگنى بىنا قىلىپ، تاتارلاردىن مۇداپىئە كۆرگەن.

1402 – يىلى تۆمۈرلەڭ بىر مەزگىل يوق قىلغان ئوسمانىلار 1422 – يىلى ئاران ئەسلىگە كېلىدۇ. ئوسمانىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن سۇلتان بەيازىدخان ئوغلى مۇھەممەد چەلەبى 1421 – يىلى 26 – ماي ۋاپات بولغان. دادىسى بەيازىد 1402 – 28-ئىيۇل ئەمىر تۆمۈرگە ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. گەرچە ئوسمانىلار تىرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاناتولىيەنى تاكى 1474 – يىلغىچە قولىغا ئالالمايدۇ. ئەمما شۇ يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئاق قويچىلار شاھى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ئاناتولىيەنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاناتولىيەنىڭ ھەممە قىسمىنى 1514 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتىكى چالدىران ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىمخان ساففاۋىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئاندىن قولىغا ئالىدۇ. ئوسمانىلارنىڭ ئاسىيادىكى ھەقىقىي سەلتەنەتلىك دەۋرى ئەنە شۇ ياۋۇز سۇلتان دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. ئۇندىن بۇرۇن يۇقىرىقى ئوسمانىلارنى مەركىزىي ئاسىيا خانلىقلىرى پەقەتلا مەنسىتمەيتتى. پەقەت 1758 – يىلدىن كېيىنلا، ئاندىن ئوسمانىلارغا ھۆرمەت نەزىرىدە قاراشقا مەجبۇر بولغان.

1451 – يىلى 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئىككىنچى قېتىم ئوسمانىلارغا سۇلتان بولغان مۇھەممەد ئىككىنچى مىلادى 1453 – يىلى 29 – ماي يەكشەنبە كۈنى ھەر خىل تۈرك قەۋملىرىدىن تەشكىللەنگەن زەربىدار قوشۇن 1050 يىللىق تارىخقا ئىگە جاھانگىر دۆلەت شەرقىي رىم يەنى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى (395 – 1453) نى يوقىتىپ، قاراخانىلار ۋە سالجۇقىلاردىن كېيىن تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەلتەنەتلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئوسمان ئوغۇللىرىدىن «فاتىھ سۇلتان» دەپ ھۆرمەت تاپقان مەزكۇر پادىشاھ (1432 – يىلى 30 – مارت تۇغۇلغان. 1453 – يىلى 29 – ماي شەرقىيرىم ئىمپىرىيىسىنى مۇنقەرز قىلغان. 1474 – يىلى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ، ئاناتولىيەنى قايتا ئىگىلىگەن). 1481 – يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا، 3 – ماي يول ئۈستىدە قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 1470 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر ئاماسىيادا تۇغۇلغان نەۋرىسى ياۋۇز سېلىم 1512 – يىلى 22 – ئاپرىل يۇۋاش دادىسى بەيازىدنى تەختتىن چۈشۈرۈپ سۇلتان بولغان. ئۇ شەرقتە 1514 – يىلى 23 – 24 – ئاۋغۇست كۈنلىرى چالدىران ئۇرۇشىدا سافاۋىلار ھۆكۈمدارى شاھ ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىراق، كۇردىستان ھەتتا ئەزەربەيجانغىچە بولغان جايلارنى قولغا ئالغان. سەئىدىيە خانلىقىمۇ دەل شۇ ئۇرۇش بولۇۋاتقان مىنۇتلاردا يەكەندە قۇرۇلغان. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەت غەرپتە 1516 – يىلى مەرەج دابىقتا مەملۇكىلارنى يېڭىپ، 1517 – يىلى باھاردا 267 يىللىق مەملۇكىلار (1250 – 1517) نى مۇنقەرز قىلىپ، ئوسمانىلار خانلىقىنى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپاغا سوزۇلغان غايەت زور ئىمپىرىيىگە ئايلاندۇرغان.

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەت 1520 – يىلى 22 – سېنتەبىر ۋاپات بولغاندا، 1494 – يىلى 6 – نويابىر ترابزوندا تۇغۇلغان بىردىنبىر ئىزباسارى سۇلايمان سۇلتان بولغان. سۇلتان سۇلايمان 1520 – يىلى 6 – نويابىر رەسمىي تەختكە چىقىپ پادىشاھ بولۇپلا قالماي يەنە ئوسمانىلارنىڭ سۇلتانلىرى ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم «مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى» يەنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى دەپ ئاتالغان. بۇ نامنى دادىسى ياۋۇز سۇلتان سېلىم مىسىردىكى كېيىنكى ئابباسىيلار خەلىپىسىنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرىشكەن. كېيىنچە بۇ نام تاكى 1922 – يىلى 6 – نويابىر ۋاھدەتتىن سۇلتان بىكار قىلىنغىچە داۋام قىلغان.

سۇلتان سۇلايماننىڭ قانچىلىك سەلتەنەتلىك بىر سۇلتان بولغىنىنى، ئوسمانىلارنىڭ مىلادى 16 – ئەسىردە قانچىلىك كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بولغىنىنى بۇ يەردە دەپ يۈرمەيمىز. چۈنكى ئۇ چاغدا يالغۇز سۇلتان سۇلايمان ۋە دادىسى ياۋۇز سېلىم ئاساس سالغان ئوسمانىلارلا ئەمەس، بەلكى يىراق شەرقتە نۇرخاچ قولىدا يېڭىدىن بىرلىككە كېلىۋاتقان كونا جۇرجىتلار، موڭغۇل دالىسىدا قۇدرەت تاپقان ئالتانخانلار ۋە قالماقلار، ئوتتۇرا ئاسىيادا سەئىدخان ۋە ئوغلى ئابدۇرېشىتخان تەرىپىدىن كۈچلۈك ئەلگە ئايلانغان سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندا ھۇمايۇن ۋە ئوغلى ئەكبەر شاھ سەلتەنەت سۈرۈۋاتقان قوشمىقى موغۇل ئىمپىرىيىسى، ماۋەرائۇننەھردىكى ئۆزبېك شەيبانىلار، ئىران ۋە ئەزەربەيجاندىكى قىزىل باش سافاۋىلار تارىختىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە گۈللەنگەن دەۋرىدە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا تارىخچىلىرى 16 – ئەسىرنى «تۈرك ئەسىرى» دەپ ئاتىغانىدى. ئوسمانىلارنىڭ ئەڭ پارلاق سەلتەنەتلىك دەۋرى مىلادى 1566 – يىلى 7 – سېنتەبىر سۇلتان سۇلايماننىڭ ھەربىي يۈرۈش ئۈستىدە ۋېنگىرىيەدە ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

1550 – يىلى 21 – مارت، ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن پېرسىيە ساففاۋىلار ئىمپىرىيىسى (1501 – 1736) ئوتتۇرىسىدا «ئىستانبۇل كېلىشىمى» ئىمزالانغان. تۇنجى ساففاۋى شاھى قىزىل باش ئىسمائىل 1510 – يىلى 4 – دېكابىردا مەرۋىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمدارى مۇھەممەد شايبانىخاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەھدىت سالغان. نەتىجىدە شاھزادە ياۋۇز سېلىم يۇمشاق قول دادىسى 2 – بەيازىتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۆزى 1512 – يىلى سۇلتان بولۇپ، ئىككى يىل تەييارلىق قىلىپ، 1514 – يىلى 23 – ئاۋغۇست «چالدىران ئۇرۇشى» دا شاھ ئىسمائىلنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى تەبرىزگىچە قىستاپ بارغان. بىراق ئەسكەرلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، يەنىمۇ يىراققا ئىلگىرلەشكە قارشى چىققان بولغاچقا، سافاۋىلارنى يوقىتىش پۇرسىتى قولدىن كەتكەن. ئاقىۋەت بۇ ئىككى دۆلەت 200 يىلغا يېقىن ئۆز ئارا ئۇرۇشقىلىپ، ھەر ئىككىسى ئېغىر كۈچ خورىتىپ، ئاقىۋەت شىمالدىن بېسىپ كەلگەن چاررۇسىيە بىلەن جەنۇپتىن قىستاپ كەلگەن بۈيۈك بېرىتانىيىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

5. قىزىل باش ئىسمائىل شاھنىڭ جاسارىتى ۋە رەھىمسىزلىكى نەدىن كەلگەن؟

ئىسمائىل شاھنىڭ شۇنچە جاسارەتلىك ۋە رەھىمسىز بولۇشى ئائىلە قىسمەتلىرى ۋە ھاياتى بويى ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى جۇنەيد قاراقويچىلار تەرىپىدىن 1460 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. دادىسى ھەيدەر ئاققويچىلارنىڭ خانى ئۇزۇن ھەسەننىڭ ئىزباسارى تەرىپىدىن 1488 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ چاغدا ئىسمائىل تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا توشاي دېگەنىدى. ئۇ 1487 – يىلى 17 – ئىيۇل تۇغۇلغان. 1491 – يىلى ئازات قىلىنىپ، ئۈچ يىل تەربىيلىنىپ، 1494 – يىلدىن باشلاپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان. ئالتە يىلدىن كېيىن دۆلەت قۇرۇپ، ئىراندىكى 2 – قېتىملىق شىئە دۆلىتىگە ئاساس سالغان. (تۇنجى شىئە دۆلىتى سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا يوقاتقان ئىلخانىلارخانلىقى ئىدى). بۇ دۆلەت 1736 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر ئافشارلاردىن كېلىپ چىققان نادىر شاھنىڭ تاج كىيىشى بىلەن مۇنقەرز بولغان.

6. شاھ ئىسمائىلنىڭ ئانا ۋەتەننىڭ بىر چىمدىم توپىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

مەن بۈگۈندىن باشلاپ شاھ ئىسمائىلنى يامان كۆرمەيمەن. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى، شۇنداقلا شايبانىخانغا قارشى بابۇر شاھقا بەرگەن ھەربىي ياردەملىرىنى مەندىن بەكرەك بىلىدىغان باشقا بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بىر ئادەمنى مەلۇم نۇقتىدىن يامان، يەنە مەلۇم نۇقتىدىن ياخشى دەپ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا ھېچكىم ھەر جەھەتتىن تولۇق ياخشى بولالمايدۇ. شاھ ئىسمائىل تۇغۇلماستىلا، بوۋىسى ۋە دادىسى ئاق قويچىلار ۋە قارا قويچىلار خانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھەتتا شاھ ئىسمائىل ئۆزىمۇ دۈشمەننىڭ قولىدا دۇنياغا كەلگەن. پۈتۈن ئۇرۇق – جەمەتى قىرىپ تاشلانغان يېگانە بوۋاق ھازىرقى تەبرىزنى مەركەز قىلىپ، غەرپتە ئوسمانىلار، شەرقتە ئۆزبەك شايبانىلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا ئۆزەڭگەسوقۇشتۇرالايدىغان بىر كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىققان. بۇ دۆلەت شۇنچە ئېغىر شارائىتلاردىمۇ يەنىلايىمىرىلمەي، 235 يىل دەۋران سۈرگەن. ئۇنىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر سۆزلىرىدىنلا «ۋەتەن»، «دۆلەت» ۋە «تۇپراق» نىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، پۈتۈن دۇنيا ۋەتەنسىزلىكنىڭ، دۆلەتسىزلىكنىڭ، بولۇپمۇ ۋەتەن ۋە دۆلەت، يۇرت ۋە تۇپراق ئېڭى بولمىغانلارنىڭ دەردىنى بىلمەكچى بولسا بىزگە قاراپ بىلىۋالسۇن …

خاتىمە:

1925 – يىلى 25 – ماي رىزا پاشا تاج كىيىپ، 130 يىل سەلتەنەت سۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى قاچارلارنى ئاغدۇرۇپ، پەھلىۋى خانلىقىنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 921 – يىلى قاراخانىلار سامانىلارغا ياردەملىشىپ مالىمان خۇراساننى تىنجىتقاندىن بېرى ساق مىڭ يىل بىزنىڭ قولدا بولغان ئىران قولدىن كەتتى.

1926 – يىلى 22 – ئاپرىل رىزاخان پەھلىۋى ، مۇستاپا كامال، ئامانۇللاھ قاتارلىق رەھبەرلەر ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، «ئۈچ تەرەپلىمە ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېلىشىمى» گە ئىمزا قويغان. ھەر ئۈچ دۆلەت ئورتاق ھالدا شىمالدا سوۋېت ئىتتىپاقى، جەنۇپتا ئەنگلىيەنىڭ غايەت زور تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن. بۇنى سىتالىننىڭ تېھران يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستاننى رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بۆلۈشۈۋېلىش تەكلىپى» دىن ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

2021 – يىلى 5 – فېۋرال، ماتەملىك جۈمە

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى

2 . ئوسمانلى سۇلتانلىرى شەجەرىسى

3 . ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى

4 . تارىخىي رەشىدى

5. تارىخىي ھەمىدى

6. تەلفىقۇل ئەخبار

7. شەرقىي چاغاتاي خانلىرى

8. ئەمىر تۆمۈردىن كېيىنكى ماۋرائۇننەھر

9. ئەزەربەيجان تارىخى

10. ئاق قويۇنلار ۋە قارا قويۇنلار سۇلالىسى

11. ئوتتۇرا ئاسىيا تېزىسلىرى

12. بابۇرنامە

13. تارىختىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز

14. سامانىلار ۋە قاراخانىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار

15. شەجەرەئى تۈرك

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top