You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئىراننىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان جەنۇبىي ئەزەربەيجان

ئىراننىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان جەنۇبىي ئەزەربەيجان

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيخۇن بايراموف 2020-يىلى 9 – دېكابىر پەيشەنبە تېھراندا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى رەسمىي زىيارەت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

يىغىن جەريانىدا، ئىككى مىنىستىر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ 10-نويابىردىكى ئۈچ تەرەپ (رۇسىيە – ئەرمەنىيە – ئەزەربەيجان) باياناتىغا ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغانىدى.

مىنىستىر بايراموف قارشى تەرەپكە 25% ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان 44 كۈنلۈك مىللىي ئۇرۇش ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى سۇنغانىدى.

مىنىستىر زارىف ئىشغال قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن ئىككى تەرەپ يېقىن خوشنىدارچىلىقنى ئاساس قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي تېخىمۇ قىلدۇرۇش ھەققىدە كېلىشكەندىن سىرت، باشقا ئورتاق قىزىقىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانىدى. ئارىدىن 48 سائەت ئۆتمەيلا زارىف باكۇغا، بولۇپمۇ باكۇدىكى ئەردوغانغا قاتتىق رەددىيە بىلدۈردى.

ئۇنداقتا ئەردوغان باكۇدا ئېيتقان قايسى سۆز ئىراننىڭ غەزىپىنى قوزغىدى؟

1. ئىراننىڭ ئارامى بۇزۇلدىمۇ؟

زارىف ئەردوغاننىڭ ئارەس دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئىراندىن «بۆلۈۋېلىش» ھەققىدىكى بايانلىرىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئەيىپلىدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەزەربەيجان ھەققىدە ھېچكىمنىڭ «سۆزلەش ھەققى» يوقلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ تىۋىتتىردا ئارەس دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئىران بىلەن ئايرىش ھەققىدىكى باياناتىغا رەددىيە بەردى.

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتكەن بەزى ۋەقەلەر ۋە بايانلارغا باھا بەردى ۋە رەددىيە قايتۇردى.

زەرىف بۇ ئەھۋالنى ئىراننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىش ئىستىكىدە ئۇستىلىق بىلەن گەپ ئوينىتىپ، ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە مۇنداق دەپ يازدى: «ئەردوغانغا ئۆزىنىڭ باكۇدا خاتا ئوقۇغان شېئىرىدا ئىراننىڭ شىمالىدىكى ئارەس رايونى بىلەن ئىراننىڭ ئەسلى بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى ئايرىلماس گەۋدىنىڭ مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى».

بىراق زەرىف قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ گەپ ئوينىتىۋاتقان بىلەن پۈتۈن دۇنيا تارىخچىلىرى ئىراننىڭ 921 – يىلدىن 1925 – يىلغىچە تۈركلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەتتا 1037 – يىلى ئىراننىڭ شەرقىدىكى خۇراساندا باش كۆتۈرگەن سالجۇقىلارنىڭ ھازىرقى ئىران تەۋەسىگە جايلاشقان «مەرۋە»، «قۇم»، «رەي»، «ئىسپاھان»، «كېرمان» ۋە «ھامادان» قاتارلىق جايلىرىنى مەركەز قىلىپ، كېيىنكى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئىراننى ئانا ۋەتەنگە ئايلاندۇرغانلىقى ئوچۇق ھەقىقەت. زەرىفنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، ئەگەر زەرىف 1812 – يىلدىكى گۈلستان كېلىشىمىنى ئىمزالىغان قاچار سۇلالىسى (1796 – 1925) نى ئىراننىڭ قانۇنىي ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ھازىرقى ئىراننىڭ ئەسلىدە ئەزەربەيجانغا قاراشلىق ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى مەيلى يىراقتىكى سامانىلار، غەزنەۋىلەر، سالجۇقىلار بولسۇن ياكى يېقىندىكى ئىلخانىلار (1255 – 1355)، سافاۋىلار (1501 – 1736) ياكى قاچارلار بولسۇن، ھەممىسىلا ئۇيغۇر – تۈرك قانداش قەۋملەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

پەيشەنبە كۈنى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمەنىيەنىڭ قاراباغنى ئىشغال قىلىشى ئاخىرلاشقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ ھەربىي پاراتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇنى زىيارەت قىلغانىدى.

ئەردوغان يۇقىرىقى باياناتىنى كۆز ئالدىدىكى 2783 تۈرك ئالاھىدە ئەسكىرى ۋە ئوخشاش كۆلەمدىكى ئەزەربەيجان ئەسكىرى جەمئىي 5566 ئەسكەرگە قارىتىپ ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ باياناتى توردا تارقالغاندىن كېيىن، جۈمەلىك ئۇيقۇسى بۇزۇلغان تېھران دەرھال قاتتىق رەددىيە قايتۇردى. ئۇنداقتا ئىران نېمىشقا ئۆز تەۋەسىدىكى جەنۇبىي ئەزەربەيجان رايونى مەسىلىسىگە بۇنچە سەزگۈر قارايدۇ؟

2. ئىراندىكى تۈرك سەلتەنىتىنىڭ يىمىرىلىشى

1914 – يىلى 28 – ئىيۇل 1 – دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. كۈزدە ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا كىرگىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ئافغانىستانغا ئىران ئارقىلىق 50 مىڭ تال مىلتىق، نەچچە مىڭ پېلىموت ئەۋەتىپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوسمانلى سۇلتانىمۇ تەلەپ ئەۋەتتى. ئەمما ئەنگلىيە «ئۇرۇشتىن كېيىن سىلەرگە مۇستەقىللىق بېرىمىز!» دەپ ئالداپ، ئافغان ھۆكۈمىتىنى بىتەرەپ تۇرغۇزۇپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكەپ كەتتى. 1918 – يىلى 11 – نويابىر ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. پايتەخت ئىستانبۇل ئىشغال قىلىندى. ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. ھەبىبۇللاخان ئەنگلىيەنىڭ گېپىدە تۇرمىغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۆزئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، 1919 – يىلى شىكارغا چىققان يېرىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

1919 – يىلى ۋېرسال شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇلۇپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. 1921 – يىلى ئافغانىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ. 1923 – يىلى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان لوزان كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئازاتلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تۈركىيەمۇ كېلىشىم بويىچە 1924 – يىلى 3 – مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. نەتىجىدە ھىندىستاندا 1924 – يىلى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق ۋە قارشىلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھال ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاقىۋەت 1925 – يىلى ئەنگلىيە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن تۇراننىڭ قوشمىقى ئىراننى قايتىدىن پارسلارغا تۇتقۇزىدۇ. 1925 – يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي خانلىق قاچار ئىمپىرىيىسى (1796 – 1925) ئاغدۇرۇلۇپ، رىزاخان پەھلىۋى شاھ بولىدۇ.

1878 – يىلى 15 – مارت رىزاخان پەھلىۋى مازانداراندا تۇغۇلغان. كېيىنچە ھەربىيلىك مەنسىپى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، 1923 – يىلى 28 – ئۆكتەبىردىن 1925 – يىلى 1 – نويابىرغىچە قاچار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ئاندىن شۇ يىلى 12 – دېكابىر ئەھمەد شاھ قاچارنى ئاغدۇرۇپ، 15 – دېكابىردىن 1941 – يىلى 16 – سېنتەبىر چېرچىل بىلەن سىتالىن قولىدا ئاغدۇرۇلغىچە ئىراندا سەلتەنەت سۈرگەن.

ئىككى جاھانگىر 25 – ئاۋغۇست تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، ئۇنى ئاغدۇرغانىدى. شۇ قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشتە تۇتقۇن قىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقىغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1926 – يىلى 24 – ئاپرىل تاج كىيگەن بۇ سەلتەنەتلىك شاھ يىراق ئافرىقىدا 1944 – يىلى 26 – ئىيۇل 66 يېشىدا قازا قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلىمۇ 61 يېشىدا يىراق قاھىرەدە 1980 – يىلى 27 – ئىيۇل قازا قىلدى.

1934 – يىلى 27 – دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى «ئىران» غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان. تۆت كۈندىن كېيىن 1935 ـ يىلى 1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن «تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى «ئاتا تۈرك» نامى بېرىلگەن. مۇستاپا كامال پاشا 1 – دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى. دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 – يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

پارس گېنىرال رىزاخان گەرچە ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىدا 1935 – يىلى نامىنى «ئىران» غا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ ھەددىدىن زىيادە بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، ئاخىرى 1941 – يىلى گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ. بۇ بالا شاھ 1946 – يىلدىن 1979 – يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1979 – يىلى ھازىرقى قارا سەللىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.

ئەنگلىيەمۇ ھىندىستاننى 962 – يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھىندىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. 1947 – يىلى جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستان، كەشمىر، پاكىستان، بېرما ۋە بېنگالدىن ئىبارەت نەچچە دۆلەت شەكىللىنىدۇ.

3. تاشقى كاۋكازدىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى

1918 – يىلى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقاندا، 30 – مارتتىن 1 – ئاپرىلغا قەدەر ئۈچ كۈن ئىچىدە پەقەت باكۇدىلا 12 مىڭ ئەزەربەيجانلار، ئەرمەن سوۋېت باندىتكۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 31 – مارت پاجىئە ئەڭ ئېغىر بولغاچقا، ئۇلار بۇ كۈننى «ئەشەددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دەپ بېكىتىپ ھازىرغىچە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

1955 – يىلى 6 – مارت ئەزەربەيجاننىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇھەممەد ئىمىن رەسۇلزادە ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان. رەسۇلزادە 1884 – يىلى 31 – يانۋاردا ئەسلىدە چاررۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى باكۇدا تۇغۇلغان. چاررۇسىيە 1812 ـ يىلى «گۈلىستان شەرتنامىسى»نئارقىلىق ئەزەربەيجاننى پېرسىيە قاچار سۇلالىسى (1796 ـ 1925) دىن تارتىۋالغان ئىدى. ئۇ دەسلەپكى 33 يىللىق ھاياتىنى ئانا ۋەتىنى ئەزەربەيجاننى ئازات قىلىش ئىستىكىدە مەخپىي خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. 1917 – يىلى چاررۇسىيە ھالاك بولۇپ، بىردىنلا پۈتۈن رۇسىيە تەۋەسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. ئاندىن 1917 – يىلى 7 – نويابىر ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى 1918 – يىلى 22 – فېۋرال قوقان مۇختارىياتىنى يوقىتىپ، 1918 – يىلى 26 – مارتتىن 29 – مارتقىچە باكۇدا مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىپ، 30 مىڭدىن ئوشۇق ئەزەرىلەرنى ئۆلتۈرگەن. جۈملىدىن قىزىل ئارمىيە شۇ يىلى 19 – مايدا ئالمۇتادىن تاكى قورغاسقىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ، 50 مىڭدەك ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلاپ «ئاتۇ پاجىئەسى» نى پەيدا قىلغان. نەتىجىدە 1918 يىلى 28 ـ مايدا رەسۇلزادە تىفلىستا ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى دېموكراتىك دۆلەت «ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ، تۇنجى پىرىزدېنت بولغان. بىراق باكۇ قاتارلىق مۇھىم، ئاساسلىق شەھەرلەر بولشېۋىكلار ۋە ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا، رەسۇلزادە ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان.

ھەربىيە نازىرى (ئۇرۇش ۋەزىرى) مەرھۇم ئەنۋەر پاشا (1881 ـ 1922) ئۆز قېرىندىشى نۇرى پاشا (1881 ـ1949) نى دەرھال «كافكاز ئىسلام ئوردۇسى» نى قۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن. نۇرى پاشا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلدا تېزدىن بىر ئاي ئىچىدە جەڭگىۋار قىسىم تەشكىللەپ، ئەنۋەر پاشانىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ يىلى ئاپرىل ئاخىرىدا كۇردىستاندىن كاۋكازغا يۈرۈش قىلغان. 23 ـ مايدا گەنجىنى ئىگىلەپ، ئۈچ ئايلىق جاپالىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى 1918 – يىلى 13 – سېنتەبىردە باكۇنى قولغا ئېلىپ، غەلبىسىرى ئىلگىرىلەپ داغىستاننى ئازات قىلغان. پۈتكۈل شىمالىي كاۋكازنى ئازات قىلىش كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىر ھالقىلىق پەيتتە، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە مارشالى قوماندانلىق قىلىۋاتقان لىۋاندىكى ئاساسلىق سەر خىل قوشۇنى 1917 ـ يىلى 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، توختىماي شىمالغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئەنگلىيە ـ فرانسىيە ـ ئەرەب بىرلەشم ەئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىدمونت لېنبىي تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارىسىدا 30 ـ ئۆكتەبىر 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنى توختىتىدىغان شەرتنامە ئىمزالانغان. گېرمان ئىمپىرىيىسىمۇ 11 ـ نويابىر شەرتنامىگە قول قويغان. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۇرۇش توختىغان.

رەسۇلزادە نۇرى پاشاغا داستىخان سېلىپ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلھەتلەشكەن. كېلىشىم بويىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسى سەككىز سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق قوشۇنىنى شەرتسىز چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلغان.

1918 ـ يىلى 12 ـ نويابىر ئەنگلىيە ئىستانبۇلغا قوشۇن كىرگۈزۈپ ئىشغال قىلىشنى باشلىغان. 14 ـ نويابىر كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا موسۇلنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان تالات پاشا، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالار ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بىراق ئەنۋەر پاشا «غەرپتە ئوسمان تۈركئوغۇز دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغان گۇناھىنى، شەرقتە ئۇيغۇر ـ تۇران دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق يۇيۇش» قارارىغا كېلىپ، شەرققە يول ئالغان. لېنىن ئەنۋەر پاشانىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ كاۋكاز، قىرىم، تۈركىستان ۋە سىبىرىيەلەردىكى تۈركىي ۋە ئىسلامىي خەلقلەرنى سىلىق يوللار ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندۇرماقچى بولغان. ئەنۋەر پاشا تەكلىپ بويىچە 1919 ـ يىلى ئەتىيازدا ئەزەربەيجانغا كېلىپ «باكۇ شەرق مىللەتلىرى كېڭىشى» گە قاتناشقان. ئۇ لېنىننىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەرگە «بىر ئورتاق مەپكۇرە ئاساسىدا بۈيۈك تۇران دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ، تاجاۋۇزچى رۇسلارنى ئۇرالنىڭ شەرقىگە (يەنى ياۋروپا قىتئەسىگە) قوغلىۋېتىش» توغرىلىق نەسىھەت قىلىپ، مەخپىي يوليورۇق بەرگەن. ئۇنىڭ تەكلىپى 1918 ـ يىلى فېۋرال ئېيىدىن تاكى 1919 ـ يىلى فېۋرالغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا قاتتىق قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز ۋە كاۋكازلىقلارنى قىزىقتۇرغان. ئورۇسلار جامال پاشانى ئافغانىستاندا ئەنگلىيەگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيەدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنۋەر پاشا ئورۇسلارنىڭ كوزىرى بولۇشنى خالىماي، ئارقاسەپنى پۇختىلاش ئۈچۈن بۇخارا خانلىقىغا كەتكەن. باشقا مىللەتلەر ۋە بەگلىكلەر ۋەكىللىرىمۇ يۇرتىغا قايتىپ، قىزىل رۇس بولشېۋىكلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ «يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بېرىپ، بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرگەنلىكى» نى ھېس قىلغان لېنىن ئالدى بىلەن ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جامال پاشانى گىرۇزىيەدىكى تىفلىستا ئەرمەن خادىملىرى ئارقىلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئەنۋەر پاشانى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش يولىنى تۇتقان. ئۇنىڭ 1 ـ نىشانى ئەزەربەيجان بولغان. چۈنكى باكۇ نېفىتلىكى رۇسىيە سانائىتى ۋە مەۋجۇدىيىتىنىڭ جان تومۇرى ئىدى. جىددىي تەييارلىقلار ئارقىلىق 1920 ـ يىلى ئەتىيازدا ھۇجۇم قوزغاپ، 27 ـ ئاپرىل باكۇنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولۇپ، رەسۇلزادە قولغا ئېلىنغان.

3. جەنۇبىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى

ئەزەربەيجانلار تۈركىي تىللىق مىللەت بولۇپ، كاۋكاز رايونىدا ياشايدۇ. 18-ئەسىردە روسىيە بىلەن ئىران ئۇرۇش قىلىشقا باشلىغان، 1822-يىلى ئىككى بىرلىكتە دۆلەت ئىمزالىغان «تۈركمەن شەھەر كېلىشىمى» گە ئاساسەن ئىران ئەزەربەيجانلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم رايونلارنى روسىيەگە بۆلۈپ بەرگەن. دىمەك بىر مىللەت ئىككى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.

1783 – يىلى ئايال پادىشاھ يېكاتېرىنا قىرىمنى يۇتۇۋالدى. ئۇرۇش يەنە باشلىنىپ كەتتى. ئورۇسلار يەنە غەلىبە قىلدى. 1784 – يىلى 6 – يانۋار كېلىشىم تۈزۈلدى. بىراق 1787 – 1789 – يىللىرى يەنە ئۇرۇش باشلىنىپ، ئورۇسلار ئۇدا غەلىبە قىلىپ، ئوسمانىلارنى قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىدىن قوغلاپ چىقاردى. 1810 – يىلى ئورۇسلار كاۋكاز تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، باكۇ ۋە تىبلىسنى ئىشغال قىلدى. 1828 – يىلى قاچارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈن تاشقىي كاۋكازنى يۇتۇۋالدى. ئاندىن 1848 – يىلغىچە ئورۇسلار قازاقلارنى باستۇرۇش بىلەن بەنت بولۇپ يېڭى ئۇرۇش قوزغىيالمىدى. 1849 – 1851 – يىللىرى ياۋروپا باھارىنى باستۇرۇپ بەردى. 1853 – يىلى قىرىم ئۇرۇشى باشلىنىپ، تەلىيى كاج كەلگەن ئورۇسلار 1856 – يىلى تەسلىم بولدى. بىراق بۇنىڭ بەدىلىگە كاۋكاز خەلقلىرىنى ۋە مەركىزىي ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋالدى. 1864 – يىلى يۈز يىللىق كاۋكاز ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

1827 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر ئەسلىدە ھازىرقى ئەزەربەيجانغا قاراشلىق يېرىۋان شەھىرى چاررۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. كېيىن بۇ يەرگە كۆپلەپ ئەرمەنلەر كۆچۈرۈلگەن. ھازىر بۇ شەھەر ئەرمەنىيە پايتەختى بولۇپ قالغان. كۆچمەن كۆچۈرۈپ مۇستەملىكە قىلىش ئەڭ خەتەرلىك مۇستەملىكە شەكلى بولۇپ، رۇسلار شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تاتارلارنى ئۆز ۋەتىنىدە مۇساپىر قىلىپ قويغانىدى. بۈگۈن خىتاي باندىتلار بۇ ئۇسۇلنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ «خەلقىمىزنى ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇن» غا ئايلاندۇرۇپ قويدى .

روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ رايوندا ئەزەربەيجان سوتسىيالىستىك ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1918 – يىلى 22 – فېۋرال قوقان مۇختارىياتى قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن قورال كۈچى بىلەن يوق قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەنپەرۋەر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى بۇخارا خانلىقىغا توپلىنىپ، 50 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيە بەرپا قىلىپ، بۇخارا – ئافغان چېگرىسىدىكى رۇس ئەسكەرلىرىنى قىرىپ تاشلايدۇ. لېنىن دەرھال بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىككى يىل بىخۇتلاشتۇرىدۇ. شۇ ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيىتىنى پۇختىلىۋالىدۇ. 1920 – يىلى ئاپرىلدا باكۇنى ئىشغال قىلىپ، يېڭى ئەزەربەيجان دۆلىتى سوۋېت ئىتىپاقىغا قايتا قوشۇۋىلىنغان. شۇندىن كېيىنلا لېنىن تۆت ئاي ئۇدا جىددى تەييارلىق قىلىپ، شۇ يىلى 26 – ئاۋغۇست ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن بۇخاراغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، 2 – سېنتەبىر ئىشغال قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىران تەرەپتە ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەزەربەيجانلار بولۇپ، بۇلار ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرخىل سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە يېرىم پارسلاشقان ئەزەربەيجانلارغا ئايلىنىپ قالغان.

ھەممىگە مەلۇمكى، 1941 – يىلى گېتلىر ئىرانغا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، چېرچىل بىلەن سىتالىننىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ئىران شاھى زىراخان پەھلىۋىنى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشقا كۆندۈرگەن. رىزاخانمۇ سىتالىننىڭ شەرقىي ياۋروپادا ئەجەللىك مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرۈپ، بۇرۇنقى چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان. بىراق گېرمانىيەنىڭ ئىراندىكى ئىستىخبارات تورى دەل يۇقىرىدىكى 16 ياشلىق ئورۇس قىزى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. ئۇ دەرھال موسكۋاغا تېلېگرامما يوللىغان. سىتالىن كەسكىن قارار چىقارغان.

1941 – يىلى 23 – ئاۋغۇست سىتالىن بىلەن چېرچىل تۇيۇقسىز تېھراندا پەيدا بولۇپ، ئالاھىدە قىسىم ئۇرۇش ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، 26 – ئاۋغۇست رىزاخاننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلىپ، ئورنىغا ئۇنىڭ غەرپتە تەربىيلەنگەن ئوغلى مۇھەممەد رىزانى ئىران شاھى قىلدى. بۇ ئىشلار چاقماق تېزلىكىدە پۈتتۈرۈلگەچكە، گېتلىر ئۇلارنى قەستلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق 1943 – يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىلىرى تېھران يىغىنى ئۈچۈن ئىرانغا كەلگەن سىتالىننى قەستلەش پىلانى تۈزگەن.

بۇ جەرياندا گېتلىر سىتالىن بىلەن چېرچىلنى تەڭلا قەستلەش ھەرىكىتى قوزغىدى. بىراق يۇقىرىدىكى ئورۇس قىزى يەنىلا سىتالىننى بۇ قېتىمقى سۇيقەستتىن ساقلاپ قالدى. چېرچىلغا قارىتىلغان پىلانمۇ شۇ تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمىدى.

سىتالىن ئىراندىن ئۆچ ئېلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، «بىخەتەرلىك باھانىسى» بىلەن تېھران يىغىنىدىن كېيىنلا 1943 – يىلى دېكابىردا ئىراننىڭ غەربىدىكى تەبرىزنى مەزكەر قىلغان ئەزەربەيجان ئالاھىدە ئۆلكىسىدە ئەسكەر تۇرغۇزدى. چېرچىل بىلەن روزۋېلت فاشستلارغا قارشى بىرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، نائىلاج سۈكۈت قىلدى. بۇ جايدىكى خەلقلەرمۇ سىتالىننىڭ قوللىشىدا 1944 – يىلى خۇددى بىزنىڭ 2 – جۇمھۇرىيەتكە ئوخشاش بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقتى. ئەپسۇس، 1945 – يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سىتالىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا كۇرېل تاقىم ئاراللىرى ۋە ساخالىن ئارىلىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە مانجۇرىيە، موڭغۇلىيەنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە ۋەتىنىمىز، كاۋكازىيە ۋە قىرىمنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە ئىراندىكى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىن ۋاز كەچتى. ئاقىۋەت 1946 – يىلى 11 – نويابىر ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا مۇھەممەد رىزاخاننىڭ ئەسكەرلىرى تەبرىزگە كىردى. دۆلەت رەھبەرلىرى دارغا ئېسىلىپ، مىللىي ئارمىيىسى تارقىتىۋېتىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى گومىنداڭمۇ 15 مىڭ ئەسكىرىنى 100 مىڭغا كۆپەيتىۋالغاندىن سىرت، سىتالىن ياپوندىن قايتۇرۇپ ئالغان مانجۇرىيەنى بىر پاي ئوق ئاتمايلا ئۆتكۈزۈۋالدى. ئەكسىچە مىللىي ئارمىيىمىز 50 مىڭ كىشىدىن بىردىنلا 15 مىڭغا قىسقارتىلدى. كېيىنكى ئىشلار ھەممىمىزگە مەلۇملۇق.

ئىشقىلىپ ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، 1941 – يىلى ئەتىيازدا رىزاخان گېتلىر بىلەن بىرلىشىپ، باكۇ نېفىتلىكى ۋە كاۋكاز رايونىنى ئىشغال قىلىپ، سوۋېتنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغان. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن سىتالىن دەرھال چېرچىل بىلەن ئۇشتۇمتۇت تېھرانغا يېتىپ كېلىپ، رىزاخاننى قورال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ، ئورنىغا ياۋروپادا ئوقۇغان ئوغلى مۇھەممەد رىزاخان (1941 ـ 1979) نى ئىران شاھى قىلىپ تىكلىگەن. 1979 ـ يىلى فېۋرالدا ھۇمەينى ئۇنى ئۆرىۋېتىپ ھازىرقى ئاتالمىش ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

1941-يىلى ئاۋغۇستتا ئىراندا رىزا شاھ تەختتىن چۈشتى. 1942 – يىلى 28 – ئىيۇل گېرمانىيە روستوۋ ۋە شىمالىي كاۋكازنى ئىشغال قىلىپ، باكۇ نېفىتلىكىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. سوۋېت ئىتىپاقى رەھبىرى سىتالىن شۇ ھامان ھەربىي ئىستىراتىگىيەنى باھانە قىلىپ ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمال رايونلىرىغا قوشۇن كىرگۈزۈپ، تەبرىزنى مەركەز قىلىپ سەئىد جامال پىشۋارىنىڭ رەھبەرلىكىدە «ئەزەربەيجان خەلق ھۆكۈمىتى» دىگەن بىر ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ سىتالىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر بېقىندى ھۆكۈمەت ئىدى. (تۈپ ماھىيەتتىن خۇددى بىزنىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئوخشايتتى). سىتالىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق گېتلىرنىڭ كاۋكازغا ئەۋەتكەن ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىران زېمىندا بۇنداق بىر قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. سىتالىن 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىگە قارشى تۇرۇشتا ئامېركا بىلەن بولغان ئىتىپاقداشلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئىران زىمىنىدىن قوشۇن چېكىندۈردى. 1946-يىلى 11-ئاينىڭ11-كۈنى ئىران ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا ئاخىرى تەبرىزگە قوشۇن كىرگۈزۈپ قولدىن كەتكەن ھەممە زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. سەئىد جامال پىشۋارى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى ئەزەربەيجان دۆلىتى مۇنقەرز بولدى. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ تەقدىرى ئەزەربەيجانلىقلاردىنمۇ ئېچىنىشلىق بولدى.

4. مۇستەقىل ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى

1991 – يىلى 19 – ئۆكتەبىر ئەزەربەيجان رەسمىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ھال خوشنا چېچىنىيەنىڭمۇ 29 – ئۆكتەبىر پارلامېنت يىغىنىدا مۇستەقىل چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، 2 – نويابىر پېرىزدېنتنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شىمالىي كاۋكازدا بىر مەيدان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى خېلىلا جانلاندۇرۇۋەتكەن. ئارخىپلاردىكى ۋەسىقىلەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەزەربەيجان ئەسلىدە 1918 – يىلى 28 – ماي قۇرۇلۇپ، 1920 – يىلى 28 – ئاپرىل قىزىل ئارمىيە قولىدا يىقىتىلغان ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ۋە داۋامى ئىكەن. بۇ دۆلەت ئاۋۋال ھەيدەر ئەلىيېۋ، كېيىنچە ئوغلى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ قولىدا داۋام قىلماقتا.

ئەزەربەيجان دىنىي جەھەتتتىن ئىران بىلەن ئوخشاش بىر مەزھەپتە بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتە دەل ئەكسىچە تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بەكلا يېقىن. 1992 – يىلى ئاپرىلدا ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەزەربەيجان ھازىر ئىسرائىلىيەدىن قورال سېتىۋالىدىغان ئۈچىنچى چوڭ كۈچتۇر. 2017 – يىلى ئىمپورت قىلغان قورال – ياراقلارلا 137 مىليون دوللارغا يەتكەن.

5. مىللىي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىنى قوغداش ئۈچۈن دىننى سۇيئېستىمال قىلىش

(1) قاراباغ ئۇرۇشىدا پاش بولۇپ قالغان مىللىي خەۋپسىزلىك مەسىلىسى

ئىران شىئە مەزھىپىنىڭ نائىب مەھدىسى، ئالىي داھىي ئەلى خامىنىي تۇنجى قاراباغ ئۇرۇشى (1992 – 1994) ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «ئەگەر تۈنۈگۈن بىز قاراباغدا ئەرمەنىيەنى قوللىمىغان بولساق، بۈگۈن تۈرك بايرىقى تەبرىزدە لەپىلدىگەن بولاتتى!». پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئاراپاتمۇ قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «بىز ئېزىلگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسىرلەر بويى ئېزىلىپ كەلگەن ئەرمەن قېرىنداشلىرىمىز تەرەپتە تۇرىمىز!». بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قوللايدىغان تۈركىيە رەئىسى ئەردوغان نەخ گەپنى قىلىپ شۇنداق دېگەن: «مەن پەقەت خەلقىمنىڭ ۋە دۆلىتىمنىڭ مەنپەئەتى قەيەردە بولسا شۇنى ئىككىلەنمەي قىلىمەن! قايسى تەرەپتە مىللىي مەنپەئەتىمىز كاپالەتكە ئىگە بولسا مەن شۇ تەرەپتە ئورۇن ئالىمەن!». دەرۋەقە تۈنۈگۈن پۇتىن بىلەن ئامېرىكىغا قارشى سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەردوغان بۈگۈن ئىدلىپ مەسىلىسىدە مىللىي مەنپەئەتى بىردەك بولغان غەرپ بىلەن بىر سەپتە پۇتىنغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا مىللىي مەنپەئەتىگە زىيان سالغان غەرپ ۋە بىر قىسىم ئەرەبلەرگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. لىۋىيەدىمۇ شۇ.

ئەمما يۇقىرىقى سىياسىيونلۇق بۇ تۆت ئۈممەتچى ياكى ئۈممەتچى تونىغا ئورۇنىۋالغان يولباشچىلارنىڭ ئازراقمۇ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدە مىليونلىغان ئەقىللىق ئاۋام – خەق بار. خامىنىي قارىماققا بىر دىنىي مەزھەپنىڭ پېشۋاسىدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ پارس مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى دىنىي مەزھىپىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىدىغان ئەخمەق ئەمەس. چۈنكى ئۇ شىئەلەرنىڭ لېدىرى بولۇشتىن بەكرەك، دۇنيادىكى بارچە پارس خەلقىنىڭ مەنىۋى داھىيسى. مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ئىراندا دىنىي زاتلارمۇ ھاكىمىيەت ئورنىتالىغان. ئىراننىڭ دۆلەت ئەمىنلىكى ۋە مىللىي خەۋپسىزلىكى ھەر ۋاقىت ئۆزى بىلەن بىر مەزھەپتىكى ئەزەربەيجاننى قوللاش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دۈشمىنى خىرىستىئان ئەرمەنىلەرنى قوللاش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

غەلىتە يېرى بىزدەك تېخىچە دۇنيانىڭ رەپتارىنى چۈشەنمەي، ۋەتەندە خەلقىمىزنى قۇل قىلىپ تاشلاپ بېرىپ، خوتۇن – قىزلىرىنى ياۋنىڭ ۋە تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئاياغ – ئاستى قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ، مىللىي ۋە دىنىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۈشمەننى قويۇپ، گول ۋە نادان قالدۇق خەلقنى چەتئەلدە كولدۇرلىتىپ ئەخمەق قىلىدىغان ۋە ئەمەلىي ئىش يوق گەپ بىلەن ئالدايدىغان بىر توپلۇمنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ، مەنسىتمەيدۇ. يۇقىرىقىدەك مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئەزىمەتلەر بىزدىن چىقمامدۇ؟ ياكى يەنىلا كېچىكىپ چىقىپ، پايدىسى يەتمەمدۇ؟ بۇلارغا يەنىلا ئاۋام ئۆزى جاۋاپ تېپىۋالسۇن!

(2) قاراباغ پاجىئەسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەبەدىي ساۋاق بولۇشى كېرەك

بىر قىسىم تۈرك – ئىسلام ئەللىرى 70 يىلدىن بېرى سۇيئىستىمال قىلىپ كەلگەن پەلەستىن مەسىلىسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى بارچە ئارتىسلارنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغان بولسا، 2020- يىلى 27 – سېنتەبىر يەكشەنبە باشلانغان قاراباغ ئۇرۇشى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى ئالداپ كەلگەن يەنە بىر ئارتىسنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلىدى. كۆپىنچە كىشىلەر پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇقەددەس دىنىي مەسىلە دەپ قاراپ كەلگەن بولسا، نەچچە يىلدىن بېرى ئەسلى مەسىلىنىڭ پەقەت ئەرەب بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەسىلىسى سەۋىيىسىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەلۋەتتە بۇ ئوچۇق ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىھۇدە ۋە ناھەق ئاققان قانلىرى بەدىلىگە ئاندىن ئاشكارا بولدى.

ئىزچىل نۇتۇقلىرىدا «ئىسرائىلىيەنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك!» دەپ لاپ ئۇرۇپ بىر مەھەل ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭى قەھرىمانىغا ئايلانغان ئەھمەد نىجاد 2008 – يىلى موللاق ئاتقاندىن كېيىن، 2009 – يىلى 29 – يانۋار ئۇنىڭ ئورنىنى ئەردوغان باستى. شۇ كۈنكى نۇتۇقتا ئەردوغان «بىر مىنۇت!» دەپ يىغىن كۈنتەرتىپىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ نامى ئەرەب دۇنياسىغا پۇر كەتتى. يەنە شۇ يىلى 7 – ئىيۇل ئەردوغان ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بىردىنبىر دۇنياۋى لىدېر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ مەنىۋىي قەھرىمانىغا ئايلاندى. بىراق ئارىدىن ئون يىل ئۆتمەيلا، ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ساختا ئالىيجاناپلىقى ۋە يالغان قەھرىمانلىق نىقابىنى تولۇق يىرتىپ تاشلىدى.

ھازىرقىدەك كىچىك بىر كەنتكە ئايلىنىپ قالغان تاشقى دۇنيامۇ ئاستا – ئاستا ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشقا باشلىدى. تۈركىيە ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان دىنىي قېرىداشلىق روھى ۋە مىللىي قېرىنداشلىق رىشتىسى بىر مەھەل پەلەستىن مەسىلىسى ئارقىلىق چوڭ ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر ھالدا مەۋجۇتلۇقى كاپالەتكە ئىگە ۋە نىسبەتەن ئەركىن بولغان پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ياردەمنىڭ ۋە ھەق گەپنىڭ 1% ئىمۇ ئۇيغۇر پاجىئەسى ئۈچۈن سەرپ قىلىنماسلىقى، ئەكسىچە شەرمەندىلەرچە سۈكۈت قىلىش، ھەتتا ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قانلىرىغا شېرىك بولۇشنى تاللاش قاتارلىق ئاچچىق رېئاللىق تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى كوزىر قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە غەربىي ئىسلام دۇنياسىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىستىكىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ، كاززاپلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى. ئىرانمۇ تۇنجى قېتىملىق قاراباغ ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساختا دىنىي نىقابىنى يىرتىپ تاشلىدى. بۇ ھازىرقى ئالىي داھىي خامەنەيىنىڭ يېقىنقى مەشھۇر سۆزىلا تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top