You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 15: نىل دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 15: نىل دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون بەشىنجى باب: نىل دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى 

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

كەلىپ بويىدىن تارىم دەرياسى،

زىيارەتىدە خوپ نىل دەرياسى؛

ئەنجۈمەن قۇرغان ئۇنىڭ بويىدا،

بىر توپ ياش ئۇيغۇر ئىلىم سەۋداسى.

-خاتىرەمدىن.

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەر

مەن دۆلەتلىك مائارىپ كومىتىتىنىڭ ئىجازەتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرىشى بىلەن، 1996 – يىلى 10 – ئاينىڭ 6 –كۈنىدىن باشلاپ، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتى قاھىرە ئونىۋەرسىتىتىنىڭ پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئىسلام دىينى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا بىر يىل ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم.

مۇشۇ جەرياندا، ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان بىر بۆلەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم، مۇڭداشتىم. بىلدىمكى، ئۇلارنىڭ ھەممەسى ئۆزلەرى يول تاپىپ، داۋان ئاشىپ، دەريا كەچىپ، قىتئە ئاتلاپ مىسىرغا كەلىپ، پۈتۈنلەي ئۆزلەرىنىڭ شەخسىي خىراجەتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئەزھەرىي (ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى) لەر ئىكەن. ئۇلار يالغۇز ئىسلام دىنى بىلىملەرىنىلا ئەرمەس، بەلكى يەنە تارىخ، قانۇن، پەلسەپە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆگرەنىدىكەن. بىرىنجى قاراشتالا، ئادەمگە ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، كۈندەلىك تۇرمۇشى رەتىملىق ئەمما خەلىلا جىددى كۆرۈنىدۇ. قويۇق ئارالاشىشلار ئارقالىق، ھاسىل قىلغان بىۋاسىتە تەئسىراتىم بىلەن ئۇلار ھەققىدە باشقالاردىن ئاڭلاغانلارىم ئارقالىق ھاسىل قىلغان ۋاسىتەلىق تەئسىراتلارىم ياخشى تىلەكلىك خاتىرەم بەتلەرىدە ئەھمىيەتلىك قۇرلارنى ھاسىل قىلغان بولدى. بۇ يەردە، شۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مۆئمىن قارىنداشلارىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى.

ياخشى نىيەتلىك

ياتىرقاشلار تۈگەپ، تونۇشۇش قاتلامى چوڭقۇرلاشقانسارى، ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرنىڭ مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇچراتقان يەرلىك تالىپلاردىن ئالدى بىلەن، دۇنيا قاراش جەھەتتىكى نىسبەتەن ئىلمىيلىكى، جەدىت (ياڭىلىق تەرەپدارى، ئىسلاھاتچى) لىقى ۋە جانلىقلىقى، شۇنداقلا ئۆگرەنىش مەقسەتى جەھەتتىكى كەڭ نەزەر، دۇرۇس ئارمان ۋە توغرا نىيەتلىكى بىلەن روشەن ھالدا پەرقلەنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم.

ئۇلار ئىسلام دىينى بىلىملەرىنى ئۆگرەنىشنى نوقۇل ھالدا، ئاخىرەت ئۈچۈنلا دەپ قارامايدىكەن، بەلكى ئىسلام دىينىنىڭ ئاكتىپ بىلىم جەۋھەرلەرى ئارقالىق، بۇ ئالەمدىكى رىئال ياشام، ئەمەلىي ھايات مەيدانىدا، مۆئمىنلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى دىيانەتلىك مەدەنىي تۇرمۇشى ۋە ئىلىم-پەنلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن، تۆھپەلىك خىزمەت قىلىشنىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئىش دەپ بىلىدىكەن.

– “بىز ئۇ دۇنيا ئۈچۈن ياشايمىز، ئاخىرەت ئۈچۈنلا ئىشلەيمىز” دەسەك، بەش ۋاقت نامازىمىزنى قىلىپ يۇرتىمىزدا، ئۆز ئۆيلەرىمىزدە ئىبادەت قىلىپ يۈرىۋەرسەك بولاتتى،- دەيدۇ تۆرت يىل ئوقۇپ، تەييارلىق كۇرسىغا ئائىت بولغان مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىم دەرسلەرىنى تۈگەتىپ بولۇپ، بۇ سەنە قانۇن، خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق ئاساسىي پەنلەر كۇرسى دەرسلەرىنى ئۆگرەنىشكە باشلاغان مەخمۇت ئىسىملىك ئەزھەرىي ئۆزىنىڭ ئوقۇش مۇددىئاسىنى چۈشەندۈرۈپ كەلىپ،- بىزنىڭ ئالايىتەن ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا كەلىپ ئوقۇشىمىزدىن مەقسەت بىزدىن ئىلغار بولغان مۇسۇلمان مىللەتلەردىن ئۆگرەنىش ئۈچۈندۇر. يەئنى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار زادى نەمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇش بىلەن سودا-تىجارەت قىلىشتىن باشقا ئىشقا بىرىنجىدىن بىلگەمىزيوق، بىلمەيمىز، ئىككىنجىدىن مۇتلەق رىغبەتىمىز يوق؟ بىز نەمە ئۈچۈن شۇ قەدەر روۋۇك-يالجاماس، مىسىرلىق، تۈركىيەلىك مۇسۇلمانلار بولسا، زامانىۋى پەن-تەخنىكالارنىمۇ بىلىدىغان شۇ قەدەر ئىلغار؟ بىز بۇ ئوتتۇرادىكى ئەمەلىي پەرقنىڭ سەۋەبىنى تولۇق تاپىپ چىقىشىمىز، بىزمۇ زامانىۋى مۇسۇلمان بولۇشىمىز لازىم. شۇ ئارقالىق، بۇ دۇنيالىق ھاياتىمىزنى ھەقلىق روناق تاپقۇزۇشىمىز كەرەك!

كىم بىلەن پاراڭلاشماڭ، ئۇنىڭ ھەركەلىمە، ھەر سۆزىدىن تەپچىپ تۇرغان ۋەتەنگە بولغان ساغىنىش ئوتىدىن ۋۇجۇدىڭىز ئىللىپ كەتىدۇ. «مەن مىسىرغا كەلمەستىن بۇرۇن، ۋەتەنىمنىڭ ئۇنچەۋالا سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتمەپتۇكەنمەن»، «مەن بۇ يەردە ئوقۇش جەريانىدا، زىيارەت، ئىكىسكۇرسىيەلەرگە كۆپ داخىل بولدۇم. شۇنداق چاغلاردا بىزنىڭ يۇرت، بىزنىڭ مەھەللەگە ئوخشايدىغان يەر ئۇچراپ قالسا ئىدى دەپ ئىزلەپ كەتىمەن، بىراق زادىلا ئۇچراتالمادىم»، «بىز گەرچە نىل دەرياسىنىڭ ساھىلىدا تۇرساقمۇ، ۋەتەنىمىزدىكى تارىم دەرياسى، يەركەن دەرياسى، قىزىل دەرياسى ۋە ئىلى دەريالارى كۆز ئالدىمىزدىن زادىلا كەتمەيدۇ»…

مەيلى كىمدىن سوراماڭ، گويا مەسلەھەتلەشىۋالغاندەكلا: «مەن ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ بارىپ، ۋەتەنىمنىڭ دىينىي ئىشلەرىنىڭ زامانغا ماس تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرىدۇ.

سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئۇلارنىڭ مۇنداق ياخشى ئارزۇ، توغرا نىيەتلىك بولۇشىنى ئاشۇ سۈپەت ۋە تەئرىپتە تەڭداشى يوق ئانا ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتى يەتىلدۈرگەنلىكىدە شەك يوقتۇر.

ئۇيغۇرلاردا: «ياخشى نىيەت – يارىم دۆلەت» دەيدىغان ئۇدۇم ئاتا سۆزى بار. ئىنساندا ياخشى نىيەت، مەھكەم ئەقىدە ۋە سەمىمىي ئىخلاس بولسالا، ئۇ چوقۇم مۇرادىغا يەتىدۇ. مەن چىن دىلىم بىلەن، بۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرىنىڭ ئىقبالى ئۈچۈن تىلەكداشلىق دۇئاسى قىلىمەن.

ئىنتىزامچانلىق

ئانا يۇرتتىن شۇنچە يىراقتا، ئۇرۇق – تۇغقانسىز، قەۋم – قارىنداشسىز ياشاۋاتقان بۇ بالالارنىڭ رەتتىكى تۇرمۇشى ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا بولغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، شۇنداقلا ۋەتەنداشلار ئەڭ قىزىقىدىغان بىر مەسىلە.

ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى (ئاساسەن ياڭىدىن كەلگەنلەر) تۆرتتىن – بەشتىن بولۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى شەخسلەرنىڭ ئۆيلەرىنى ئىجارىگە ئالىپ ئولتۇرىدىكەن، يەنە بىر قىسمى بولسا (كۆپىنچەسى يۇقىرى يىللىق سىنىپلاردا ئوقۇيدىغانلار)، ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىت رايونىنىڭ يانىدىكى «بوئۇ:س» دەپ ئاتالىدىغان بىر خاس، ئالىپتە ياتاق قورۇسىدا تۇرىدىكەن.

بوئۇس – مسىرنىڭ سابىق دۆلەت پرىزدىنتى مەرھۇم جەمال ئابدۇنناسىر زامانىسىدا، يەئنى 1956– يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپ بۇ يەردە، مىسىرنىڭ بىر ئالاھىدە ئەسكەرىي قوشۇنى تۇراتتىكەن. كەيىن، ناسىر پرىزدىنت بۇ قورۇنى ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك مۇسۇلمان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق قورۇسى قىلىشقا بۇيرۇپ بەرىۋەتكەنىكەن.

بوئۇستا جەمئىي ئوتتۇز ئىككى بىنا بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭدا توقساندىن ئاشقىن ئىسلام دۆلەتى ۋە رايونىدىن كەلگەن تۆرت مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل ئوقۇغۇچى ياتىپ قوپىدىكەن. بۇ يەردە كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا، پوچتاخانا، ئاشخانا، مۇنچا، رىمونتخانا، كىيىم – كەچەك يۇيۇش ۋە دەزماللاش ئورنى قاتارلىقلاردىن باشقا، ھۆسن خەت يازىشنى ئۆگرەنىش ئۆيى، تەنتەربىيە-چەنىقىش زالى قاتارلىق مەدەنىي پائالىيەت جايلارى بار ئىكەن. كۆپ دۆلەتلىك ۋە كۆپ مىللەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇش مەركەزى بولمىش بۇ جايدا، ھەممەيلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن.

– مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلى ئون يىل بولدى،- دەپ چۈشەندۈردى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى،-ئون يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر بالالارنى ئۆز ئارا ياكى باشقا بىرى بىلەن سوقۇشۇپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمادىم، ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەتىشتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇيىمىز بار. بىز ھەممەمىز قارىنداش، ئاكا – ئۇكالاردەك ئۆتىمىز.

بىر جۈمە كۈنى پۇرسەت بولۇپ، بوئۇسنى تەپسىيلىرەك زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. جۈمە نامازى ۋاقتى بولغاندا شۇ قورۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك مەسجىدتە جۈمە ئوقۇدۇق. جۈمە نامازىدىن يانغاندىن كەيىن، مەن يىگىرمە – ئوتتۇزچە كەلەر ئۇيغۇر بالالارنىڭ مەزكۇر قورۇنىڭ دەل ئوتتۇراسىغا جايلاشقان، جەمال ئابدۇنناسىرنىڭ ھەيكەلى بار كەڭ سۇپانى چۆرەدەپ، كەيىن كەلگەنلەرى بۇرۇن كەلگەنلەرى بىلەن قول ئالىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كەيىن، بىر – بىرىنىڭ دەرس ئەھۋالى، يۇرتتىن خەت كەلگەن – كەلمەگەنلىكى ۋە ھەپتەنىڭ مابەينىدە ئاڭلاغان – كۆرگەنلەرى ھەققىدە پاراڭلاشىپ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ كەلگەندىن باشقا، مىسىر قاھىرە جەمئىيەتىنىڭ جەمئىيەت ئىنتىزامىغا بويسۇنۇشتىمۇ ئىلغارلاردىن ئىكەن. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتتىكى ناشايان ئىشلارغا ئارالاشىپ قالىدىغان، سودا – تىجارەت بىلەن شۇغۇللانىپ قالىدىغان، باشقالار بىلەن ئۇرۇش – جىدەل قىلىپ قالىدىغانلار مۇتلەق چىقىپ باقماغاچ، جۇڭگونىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخاناسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن جىيا رۈي (韩佳瑞) (بالىلار بۇ كىشىنى ھۆرمەتلەپ، «مىستەر خەن» <خەن ئەپەندى> دەپ ئاتايدىكەن) تەرەپىدىن بىر قانچە نۆۋەت ئاغزاكى تەقدىرلەنىپتۇ.

– ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتىش باش مۇددىئايىمىز بولغاچ، جۇڭگو ئەلچىخاناسىدىكىلەر بىلەنمۇ نورمال بارىش-كەلىش قىلىپ تۇرىمىز، مۇئەللىم،- دەپ ئىزاھات بەردى ھەلىقى ئەھمەد ئىسىملىك ئەزھەرىي بالا،- مىستەر خەنلەر بىزگە خەلى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىڭلار بولسا، بىزگە دەڭلەر، ياردەم قىلىمىز» دەپ تۇرىدۇ. ئۆتكەندە، بىزنىڭ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەچچەيلەن “بىز خەنزۇچە ئۆگرەنەتتۇق، ھەپتەدە بىر قاتىم ئىككى سائەت ئوقۇيدىغان بىر سىنىپ ئاچىپ بەرسەڭلەر” دەپ ئىلتىماس قىلىپتۇكەن. دەرھال مائقۇل بولۇپتۇ.

پىلانلىق ھايات – مەئنەلىك ھايات. ئىنتىزاملىق تۇرمۇش ئەمەلىيەتتە ئەڭ راھەت تۇرمۇش بولىدۇ. مەن ئىنتىزامچانلىقنى، قانۇنپەۋەرلىكنى ئۆزلەرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۆگرەنىش ھاياتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم بىر كاپالەتى بىلگەن بۇ ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەر ھەقىقەتەنمۇ ياڭى بىر دەۋر دىينىي ئىلىم ساھىبلەرى بولۇش ساپاسىنى ئۆز ۋۇجۇدلارىدا يەتىشتۈرىۋاتىپتۇ، دەگەن تۇيغۇغا كەلدىم.

ئەنجۈمەن ۋە تىرىشچانلىق

ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەتىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا يول بار. ئۇ بولسامۇ، بارلىق ئەقىل – زۇكاۋەتنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگرەنىش. بۇ زاكون ئەزھەر ئونىۋەرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللاسىدا خۇددى سۈزۈك ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەن ئىكەن.

شۇڭا ئۇلار مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى مەكتەپتە، دەرسخانادامۇ ئۆگرەنىدىكەن. دەرستىن چۈشكەندىن كەيىن، ياتاق قورۇسىغا قايتىپ كەلىپ، ياتاقتامۇ ئۆگرەنىدىكەن. ھەربىر ياتاقتا دەگۈدەك بىردىن ئۆزلەرى ساتىۋالغان دوسكا باركەن. كوھنا ئوقۇغۇچىلار ياڭىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياكى مۇزاكىرە يەتەكچىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىق ئەمەلىيەتى مەنى ھەقىقەتەنمۇ تەئسىرلەندۈردى.

مەن گەرچە ھەم قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتىدا ھەم ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدا دەرس ئاڭلاپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلەرىگە قاتناشقاندىن باشقا، مىسىرغا ئۆزەم بىلەن بىللە مەملىكەتتىن ئالىپ كەلگەن ياپونىيەلىك ماگىستىر ئاسپرانتىم لىڭمۇ جيەنتەيلاڭغا ھەپتەدە سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تولامۇ ئالدىراش بولساممۇ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يازىقچىلىقى بويىچە دەرس ئاچىپ، ھەپتەدە بىر قاتىم ئىلىم سۆزلەپ بەرىشىم ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم.

نەتىجەدە، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر يازىقچىلىقى ئىلىمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشنى ئىختىيار قىلىدىغان ئوتتۇز بىر نەپەر ئوقۇغۇچىدىن بىر سىنىپ تەشكىل قىلدۇق ۋە بۇ ئۆگرەنىش سىنىپىنى «مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى <ئىلىم سورۇنى>» دەپ ئاتادۇق.

مىسىر قاھىرەنىڭ جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تۈزۈملەرى بىزنىڭ دىموكراتىزملىق ئىسلاھات دەۋرىدە كەلىۋاتقان ۋەتەنىمىزدىكى بەلگەلەمەلەردىن جىق چىڭ ئىكەن. مەكتەپلەرگە، ياتاق قورولارىغا كىرىپ چىقىشتا جەزمەن كىملىك كۆرسەتىلىدىكەن. ئىشىك-دەرۋازالاردا خاس پورما كىيگەن ئامانلىق خادىملارى كىملىكنى ئۆز قولىغا ئالىپ، دىققەت بىلەن قاراپ، تەكشۈرگەندىن كەيىن ئاندىن كىرىشكە ئىجازەت بەرىدىكەن. زىيارەتچىلەرنىڭ پەقەت بەلگەلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇزاق تۇرىۋالماسلىقى لازىم ئىكەن. دەرستىن سىرتقى چاغ ياكى دەم ئالىش كۈنلەرىدە، ياتاق ياكى سىنىپلاردا ئون-يىگىرمە ئادەم توپلاشىپ ئولتۇرۇپ قىلىنىدىغان مۇزاكىرە، مۇنازىرە ۋە ھەر قانداق يىغىن تىپىدىكى پائالىيەتلەر ئالدىن تىزىملاتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلدىن ئىجازەت ئالغاندىن كەيىن، ئاندىن قىلىنىدىكەن.

مەكتەپ سىرتىدىكى ئولتۇراق رايونلاردامۇ، ھەر قانداق بىنادا خاس ئامانلىق خادىملەرى بىنانىڭ كىرىش ئاغىزىدا يىگىرمە تۆرت سائەت ئامانلىق ساقلاپ ئولتۇرىدىكەن. ئۈچ-تۆرت ئادەم شىرىكلەشىپ ئىجارە ئالغان ئۆيلەرگە زىيارەتچىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشىمۇ ئىزىن-ئىجازەتسىز مۇتلەق بولمايدىكەن. ھەتتا، توي-تۆكۈنلەرمۇ خاس توي-مەئرەكە زاللارىدا قىلىنىدىكەن، شەخسلەرنىڭ ئۆيىدە توي زىياپەتى، خەتمە ئوقۇتۇش دەگەندەك ئامماۋى پائالىيەتلەرنى قىلىشقا مۇتلەق رۇخسەت يوق ئىكەن.

بۇ ئەھۋالدا، بىزمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يىگىرمە – ئوتتۇز كىشىلىك يىغىلىش ئورنى ئىلتىماس قىلىپ، گۈزەلچە  دوكلات سۇندۇق. ئەمما، ئۇنداق دوكلاتلارنىڭ تەستىقلانىپ چۈشۈشى ئۈچۈن ئايلار كەتىدىغان بولغاچ، بىنا ئامانلىق خادىملارى بىلەن مۇناسىۋەتى راۋان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلەرىگە نۆۋەتلەشىپ جەم بولۇپ، ئەنجۈمەنىمىزنى قىلىۋەردۇق بىسمىللاھ دەپ.

ئەنجۈمەنىمىز ئۆزىگە خاس داغدۇغا بىلەن قىزغىن باشلاندى. مەنمۇ ئەنجۈمەنداشلارنى زەرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىگە ۋە ئوخشاماغان سەۋىيەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىھتىياجى ۋە رىغبەتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، بار ئىمكانىم بىلەن تىرىشتىم. شۇ چاغلار قاھىرەدىكى ئۇنىۋەرسىتىتلەردە، ئوقۇغۇچىلار ئاراسىدا، دەرسلىك كىتابلارنى كوپىيەلەش (ئىستىنساخ 复印) تازا ئومۇملاشقان ئىكەن. كوپىيە ھەققى بەكمۇ قىممەت ئەرمەس. مەنمۇ ھەر قاتىملىق دەرسكە بەش-ئون بەتلىك ئۇزۇن-قىسقا ماقالە، جۈملە تۈزۈش، خاتا جۈملەلەرنى تۈزەتىش ئۆرنەكلەرى قاتارلىقلارنى كوپىيەلەپ كەلىمەن. ماقالە ئوقۇپ بەرىمەن. ئوقۇلغان ماقالەنىڭ يازىلىش ئۇسلۇبى بويىچە ئالاھىدەلىكىنى يەشىپ ئوچۇقلاپ بەرىمەن. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەرىنىڭ مۇئەللىملەرىنىڭ تاپشۇرۇقلارىنى ئىشلەپ يازىپ كەلگەن ماقالەلەرىنى ئوقۇتۇپ، مەزمۇن بايانى، ماقالە قۇرۇلماسى بويىچە ئۇلارغا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرىمەن. نەزەرىيە سۆزلەشنى مۇنداق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئەنجۈمەنداشلارنىڭ قىزىقىشلىق ياخشى باھاسىغا ئەرىشتى.

ئارالىقتا، شىنجياڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتى تارىخ فاكۇلتەتىدىن شۇ قاراردا مەن بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتىغا ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا كەلگەن ئابابەكرى ئابلەت مۇئەللىم ئۇيغۇر تارىخىدىن بىر نەچچە قاتىم لىكسىيە سۆزلەپ بەردى. بۇ پائالىيەتمۇ ئەنجۈمەنداشلار ئاراسىدا، ئەنجۈمەنىمىزنىڭ پائالىيەت مەزمۇنىغا ياڭى ۋە زۆرۈر مەزمۇن قوشقان بەلەن پائالىيەت باھاسىنى قازاندى.

ئەنجۈمەنىمىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەييەن ماۋزۇدا ماقالە يازىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، يازغان ماقالەلەرنى ئوتتۇرادا ئوقۇپ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە قاھىرەدىكى داڭقلىق ئاسار-ئەتىقەلەرنى ئەكىسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ قاھىرەدە ئىلىم ئالماشتۇرۇش مۇددەتىمىز توشۇپ،  ۋەتەنگە قايتىش ۋاقتى بولغىچە ئارالىقتا، جەمئىي يىگىرمە بىر مەيدان ئەنجۈمەن پائالىيەتى قىلدۇق.

بىلگەن ئادەمگە، ئىلىم ئۆگرەنىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق ھايات پائالىيەتى جۈملەسىگە كىرىدۇ. بوشاشماس تىرىشچانلىق بولسالا، ھەرقانداق قىيىن ئىلىمنىمۇ ئۆگرەنىۋالىپ، ئۇنىڭدىن نەتىجە مىۋەسىنى كۆرگەلى ۋە ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق، نۇسرەتنىڭ پەيزىنى سۈرگەلى بولىدۇ.

ئۈچ ئايلىق ئىجتىھات بىلەن ئۆگرەنىش ۋە جانلىق ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگرەتىش ئارقاسىدا، ئەسلىدىكى پەننىي مەكتەپكە كىرىپ جىق ئوقۇپ باقماغان بالالار ھازىر ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزۈش، باش قۇردىن يازىش، ئىملالىق خەت يازىش، گرامماتىك ئىلىمگە ئۇيغۇن دۇرۇس جۈملە تۈزۈش، ماقالەگە ماۋزۇ قويۇش، يازمانى ئابزاسلارغا بۆلۈش، باياننى “ماقالە مەزمۇن يادروسى← پاكىتلىق ئوچۇقلاما← مۇھاكىمە← يەكۈن” دەگەن تەرتىپ بويىچە بەرىش قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سالام خەت، دوكلات ۋە ئاددىي مەزمۇنلۇق بايان خاراكتىرلىك ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى. ئەسلىدە يازىش، ئوقۇش ساۋاتى بار، ئەمما سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان بالالار بولسا، قۇرۇلماسى جەھەتتە خەلى پۇختا، مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە، كىشىنى نىسبەتەن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى. تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشلار ئارقاسىدا، تاھىر ئابباس قاتارلىق بىر قانچە ئوقۇغۇچى مەملىكەتتە چىقىدىغان ژۇرنال «جۇڭگو مۇسۇلمانلارى» ئۈچۈن ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇشنى خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۇنجى ئەسەرى بولغان «بىز <جۇڭگو مۇسۇلمانلارى> ژۇرنالىنى سۆيۈپ ئوقۇيمىز» ماۋزۇلۇق ماقالەسىنى ژۇرنالغا ئەۋەتكەن بولدى شۇ چاغدا.

بىزنىڭ نامازخان دوستلارىمىز

مەنىڭ دۆلەتلىك مائارىپ كومىتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانىغا تەستىقلاتقان تەتقىقات ماۋزۇيۇم” زامانىۋى تەخنىكا ياشام مۇھىتىدىكى مىسىر مۇسۇلمانلارى ” (现代高科技环境下的埃及穆斯林) ئىدى. بۇ ماۋزۇنى چوڭ قىلسا، بىر نەچچە كىتاب يازسامۇ ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ. ئەمدى، كىچىك قىلسا، بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن بولدى قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ئەمما، مەنىڭ غەرەزىم ئەستايىدىل ئۆگرەنىش، مىسىردىكى مۇسۇلمانلىق تۇرمۇشىنى مەملىكەتتىكى قارىنداشلارىمنىڭ ئەمەلىيەتى بىلەن سالىشتۇرۇپ، بىر پايدالىق ۋە بولۇشلۇق يەكۇنغا ئەرىشىش ئىدى.

مۇشۇ مۇددىئادا ئىمكانىمچە تىرىشتىم. تەشكىلىي پۈتۈم بويىچە قىلىدىغان تەكشۇرۈش ۋە ئۆگرەنىش جەريانىدا، قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارى تەمىنلەگەن ماتىرىياللاردىن باشقا، بىر يىل جەريانىدا تونۇشقان تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئۆزلەرىنى مىسال قىلىپ تونۇشتۇرۇشى، شۇنداقلا بىز ئۆزلەرىمىز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز باشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن رىئال تۇرمۇش ئارقالىق، ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك بىلگەلەرگە ئەرىشكەن بولدۇق.

ئالدى بىلەن شۇنى بىلدۇقكى، كۈنۈمىزدىكى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەر قانداق كوھنا ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاشمايدىغان زامانىۋى دىموكراتىك تۈزۈملۈك دۆلەت بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيەتى ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلار لۇغەتىدىكى شەرىئەت (دىينىي بەلگەلەمەلەر) بىلەن ئەرمەس، بەلكى كۆپ پارتىيەلىك جومھۇرىيەت پارلامەنتى تەستىقلاغان قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدىكەن. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئىسلام دىينىگە ئائىت ئىشلەر بولسا، مەزكۇر پارلامەنت تەستىقلاغاندىن كەيىن، دۆلەت پرىزدىنتى باشقۇرۇشىدىكى بىر مىنىستىرلىك (باقانلىق)، يەئنى دىينىي ئىشلەر مىنستىرلىكى (دىيانەت باقانلىقى) ئارقالىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن. بىز ئەزھەرىي، يەئنى ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۆگرەنجىسى بولغان شۇ يىللاردا، مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك دەگەن زات دۆلەت پرىزدىنتى، مۇھەممەد تانتاۋىي دەگەن كىشى بولسا، دىيانەت ئىشلەرى باقانى ئىكەن.

دۆلەت كوھنا زاماندىكىدەك ئەزھەر مەدرەسەسى (ئۇنىۋەرسىتىتى) نىڭ شەيخى مەركەز قىلىنغان دىينىي ئولەمالار كومىتىتى چىقارغان شەرىئەت نىزامى بىلەن ئەرمەس بەلكى جۇمھۇرىيەت پارلامەنتى تەستىقلاغان دۆلەت قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بولغاچ، ھەممە خەلق ئەقىدە-ئىئتىقاد جەھەتتە ئەركىن، جىمى ئادەم ھۆر ئىكەن. خۇددى جۇڭگونىڭ دۆلەت قانۇنىدا: “جۇڭگودىكى ھەممە پۇقرا، پۈتكۈل ئەللىك ئالتە مىللەتنىڭ ھەممەسى ھەق-ھوقۇقتا باراۋەردۇر. ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلەرىنىڭ تىل-يازىقىنى ئىشلەتىش، ئۆز دىينىي ئىئتىقادلارىغا ئەقىدە قىلىش ئەركىنلىكىگە ساھىبتۇر” دەگەن بەلگەلەمەلەر بولغاندەك، مىسىر جۇمھۇرىيەتىنىڭ قانۇنىدامۇ “پۈتكۈل مىسىرلىقلار ھەق-ھوقۇقتا باپباراۋەردۇر. ھەممە مىسىرلىق ئۆزلەرىنىڭ دىينىي ئەقىدەسى، تۇرمۇش ئادەتى ۋە ياشام ئۇسلۇبى بويىچە ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەر قانداق پۇقرا نامايىش قىلىش، جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە ساھىبتۇر” دەگەن زامانىۋى، مەدەنىي ۋە ئاغزاكى راھەت تۈزۈملەرى بار ئىكەن.

مىسىردا مۇسۇلمانلاردىن باشقا، ئون مىليوندىن ئارتۇق خىرىستىيانىي ياشايدىكەن. “ھەممە ئادەم جەزمەن مۇسۇلمان بولۇشى، چوقۇم ناماز قىلىشى كەرەك، رامازان تۇتۇشى لازىم. رامازان ۋاقتىدا رەستۇران-ئاشخانالارنى جەزمەن تاقاش كەرەك” دەيدىغان زورلاش خاراكتىرلىك بەلگەلەمەلەر يوق ئىكەن. شۇڭا جەمئىيەتتە، چوكان-قىزلار بوستان چاچلارىنى ھەر خىل-ھەر ياڭزا ياساپ لەپىلدەتىپ، قورساقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئاچۇق قويۇپ، تولغاما ئۇسۇل ئويناپ يۈرسەمۇ بولىدىكەن؛ ياكى ئىختىيار قىلسا، ھىچبىر ئەئزاسىنىڭ ھىچبىر يەرىنى، ھەتتا بىر تال چاچىنىمۇ ئاچۇق قويماي، قارا لىباس بىلەن مەھكەم ئوراپ يۈرسەمۇ رۇخسەت ئىكەن.

يۈز مىڭدىن ئاشقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان، بىر قانچە جايدا تارماق مەكتەپلەرى بار قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ باش كامپۇسى قاھىرە شەھەرىنى نەچچە يەردىن كەسىپ ئۆتۈدىغان نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغاقىدىكى جىزا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كامپۇسنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازاسى نىل دەرياسىغا يۈزلەنىپ تۇرىدىكەن. بىز مەزكۇر كامپۇسنىڭ جەنۇبىي دەرۋازەسى بىلەن قىيپاش ئۇدۇل تۇرىدىغان ۋە ئون مىڭ ئوقۇغۇچى ياتىپ قوپىدۇ دەيىلىدىغان “ئوغۇل ستودىنتلار شەھەرى” (مەدىينەتۇت تۇللاب) دا بىر يىل تۇردۇق.

مەزكۇر ياتاقخانا شەھەرچەمىزنىڭ دەرۋازاسىدا ئادەتتە، ئەڭ كەم ئون نەپەر ئامانلىق خادەمى خۇددى چاپىش مۇسابىقەسىگە قاتناشىدىغان ئاتلار چىقىدىغان كوچا بۆلەكچەلەرىدەك كوچا-كوچاغا بۆلۈنگەن پولات ۋادەكلىك كىرىش-چىقىش ئاغىزىدا تۇرۇپ، كىملىكلەرىمىزنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدۇ. ياتاق شەھەرچەمىزدە، دەرۋازادىن كىرشتە سول تەرەپتە، ئۈچ مىڭ كىشى سىغادۇ دەيىلىدىغان كاتتا مەسجىدىمىز بار. كۆردۇقكى، بۇ مەسجىدىمىز جۈمە نامازىدا راۋرۇس تولىدۇ. يەنە بىرگە، مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئالىنىۋاتقان ئىككى – ئۈچ كۈندە، لىقمۇلىق تولىدۇ، بەئزىدە ھەتتا ئادەم پاتماي، سىرتقا سولياۋ پالاسلارنى سالىپ، ناماز قىلشقا توغرا كەلىدۇ. ئۇندىن باشقا چاغلاردا بولسا، يوغان مەسجىد بوم-بوش، كۆتىدىن يۆلەشتۈرۈپ ئاران ئىككى رەت بولغان تەخمىنەن ئىككى يۈزچە ئادەم ناماز قىلىدۇ. بىز ” بۇ داڭقى مىلادىيەدىن ئالتە مىڭ يىل بۇرۇندىن باشلانىدىغان مىسىرغا شۇنچەۋالا ئۇزاق يەردىن كەپتۇق، بولۇپتۇ، ۋەتەندىكى چاغلاردا ئوقۇيالماي قالغان نامازلارىمىز ئۈچۈن تولۇقلاما بولۇپ قالغاي ئىلاھىم” دەپ، بىز تۇرىدىغان بىناغا ناھايەتى بىر بىنا ئارالىق قويۇپ قىيپاش غەرب تەرەپىگە جايلاشقان بۇ جامى (كاتتا مەسجىد)كە دائىملىق نامازخان بولدۇق بىر يىلغىچە.  ئادەتتىكى كۈنلەردە، ناماز قىلىدىغان ئادەم شۇ قەدەر ئاز بولغاچ، بىزنىڭ ناماز قىلدۇرغۇچى ئىمامىمىز ناماز ئاياغلاشىشى ھامان شادىيانە ھالدا،  نامازخانلارنىڭ ئالدىغا كەلىپ، ھەر بىر نامازخان بىلەن قىزغىن قول ئالىشىپ كۆرۈشۈپ، “ئەيۋاللاھ!” دەپ ئۇزاتىپ قويىدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى مەملىكەتتە ۋە تۈركىيەدە كۆرگەنلەرىمىز، يەئنى  نامازدىن كەيىن، نامازخانلارنىڭ جامائەتنى ناماز قىلدۇرغان ئىمامنىڭ ئالدىغا بارىپ، بەئزىلەرنىڭ ئىمامنىڭ قولىنى سۆيۈشى ۋە يەنە بەئزەنلەرنىڭ بولسا، شۈكرانەلەر ئەيتىپ،  ئىمامنىڭ قولىنى سىلاپ كۆرۈشۈشى؛ ئىماملارنىڭ بولسا، گىدەيىپ، ھاكاۋۇر تۇرۇشلارى بىلەن سالىشتۇرۇپ قالىمىز.

بىز ئاشۇنداق قالدۇرماي ناماز قىلىپ تونۇشۇپ قالغان رەھمان ئىسىملىك بىر پەنجۋاقت نامازخان ئاغىنەمىز بار. ئۇ بىزنىڭ ياتاق بىنايىمىزنىڭ بىز تۇرىدىغان قەۋەتىدىكى خالاجاي، مۇنچا ۋە كورىدورنىڭ تازالىق ئىشلارىغا مەسئۇل. ئۆزى: “ئوتتۇز يەتتە ياشقا كىردىم، ئىككى خوتۇنۇم، يەتتە بالام بار. ئاللاھ خاھلاسا، يەنە ئىككى خوتۇن ئالىمەن تەخى” دەيدۇ. ئۇ ۋۇجۇدى ئورۇق، ئەگىز بويلۇق، باشى كۆپ ئوقۇغان دوكتورلارنىڭكىدەك ئايپاڭ، ساقال يوق، شالاڭ بۇرۇتى بار، مۇنداقلا قارىماققا قىرىق بەش-ئەللىك ياشلىق ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ. كەينى-كەينىدىن ئۇلاپ تاماكۇ چەكىدۇ. ئابابەكرى مۇئەللىم: “مەن ئۇنىڭ مۇشۇ ياتاق شەھەرچەسى دەرۋازەسىنىڭ چىقىشتا ئوڭ تەرەپىدىكى چوڭ چىلىمخانا سۇپاسىدا، چىلىم چەكىپ ئولتۇرغانىنى نەچچە قاتىم كۆردۈم. “تاماكۇ چەككەندىكىن، بۇنى چەكمەسەڭىز بولمامدۇ” دەسەم: “ھەي، ئەخى! سەن بىلمەيسەن، چىلىمنىڭ پەيزى دەگەن باشقاچە بولىدۇ، دەدى” دەيدۇ.

رەھمان ئاغىنەمىزنىڭ پىشانەسىنىڭ دەل ئوتتۇراسىدا، ئەنىقلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆپكۆك داغى بار. بىز دەسلەپتە، بىر يەرگە قاتتىق ئۈسسۈپ تاشلاپ كۆكەرتىۋالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇق. كەيىن، ئۇنداق كۆك پەشانەلىكلەرنى كۆپ كۆرگەندىن كەيىن، سوراپ بىلدۇقكى، ئۇ ناماز رۇكۇسىدا پەشانەنى قاتتىق يەرگە ئىخلاس بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق قويۇپ ناماز قىلغانلىقنىڭ، يەئنى رىيازەتلىك ئىبادەت قىلغانلىقنىڭ نەتىجەسى ۋە  بەلگە-ئىزناسى ئىكەن.

رەھمان بىزگە: “ئۇ دۇنياغا بارغاندا، مۇنكىر-نەكىرلەرنىڭ بىرىنجى قارايدىغان يەرى مۇشۇ پەشانە. پەشانەسى  ئىبادەت زىيازەتى بىلەن كۆكەرگەنلەر شەرتسىز جەننەتكە كىرىدۇ” دەپ ئىزاھات بەردى.

كەمال دەرىكتورنىڭ زاكونلارى

1997-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، رامەزاننىڭ ئالتىنجى كۈنى، چاھارشەنبە. چۈشتىن بۇرۇنقى مەشغۇلاتىمنى تۈگەتىپ، ياتاققا ياڭىلا قايتىپ كەلىپ تۇراتتىم. ئىشىك چەكىلىپ، ئۇنىڭدىن تولامۇ ئالدىراش قىياپەتلىك ئابابەكرى مۇئەللىم كىرىپ كەلدى:

-نەچچە كەلدىم ياتاقىڭىزغا، يوقكەنسىز. ئەمدى،  ماڭىۋەرەيلى بولماسا دەپ بولۇپ، ئاخىرقى قاتىم يەنە بىر قاراۋەتەي دەپ كەلىشىم ئىدى،- دەدى ئۇ ھاسىراپ-ھۆمەدەپ تۇرۇپ،- يۈرۈڭ، بىر كاتتا باينىڭ شىركەتىگە زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ قالدۇق، چاپسان بولۇڭ!

ئۇ شۇنداق دەگەنىچە، مەنىڭ رازىي-نارازىيلىقىمغا پەرۋا قىلماي، قولۇمدىن يەتىلەگەن پەتى ئالىپ ماڭدى. ياتاق شەھەرچەمىزنىڭ دەرۋازە ئالدى سول تەرەپتىكى مەيداندا ساقلاپ تۇرغان ماشىنا باركەن. ماشىناغا چىقتۇق-يۇ، يۈرۈپ كەتتۇق.

ئەسلىدە، بىز بىلەن بىر قاراردا شاڭخەيدىن كەلگەن شياۋشۈي (小徐) نىڭ ۋەتەندە تونۇشۇپ قالغان مۇشۇ قاھىرەلىك بىر تىجارەتچى تونۇشى بار ئىكەندۇق. ئالدىنقى قاتىم يوقلاپ بارغانىدا: “مەنىڭ مۇشۇنداق ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇيغۇر خىزمەتداشىم بار” دەسە، تىجارەتچى باي: “مەن جۇڭگوغا بارغاندا، ئۈرۈمچىگەمۇ بارغان، قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ئۈرۈمچىنى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمان قارىنداشلارنى. بۇدا قاتىم كەلگەندە، بىر باشلاپ كەلسەڭ ئىكەن” دەگەنىكەن. مۇشۇ ماڭىشىمىزدا، شۇ قاھىرەلىك ئەرەب دەرىكتورنىڭ شىركەتىگە بارىدىكەنمىز.

يىلانباغرى ئاقىپ، قاھىرە شەھەرىنى نەچچە يەردىن كەسىپ ئۆتىدىغان نىل دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغاقىغا جايلاشقان ئەگىز قەۋەتلىك زور بىر بىناغا كىردۇق. قاراغاندا، ئىشخانالار بىناسى (Office Building) ئوخشايدۇ. بىنانىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرەپىگە نۇرغۇن شىركەت ئىسىملەرى ۋىۋىسكالارى ئاسىۋەتىلگەن ئىدى. ئون ئۈچىنجى قەۋەتىگە چىققاندا، لەپىتتىن چىقتۇق ۋە سول قولغا بۇرۇلۇپ، “زۇبدە ئەملاك” دەگەن يوغان خەت يازىلغان ئىككى قاناتلىق بىر ئىشىكتىن كىردۇق. دەرىزەسىدىن تۆۋەندە جىمىرلاپ ئاقىپ تۇرىدىغان نىل دەرياسى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كەڭ ئالىپتە بىر ئىشخانادا، يالاڭباش، بۈدۈر چاچلىق، كاستىيۇم-بۇرۇلكا ۋە گلاستۇكلۇق پىچەت كىيىنگەن ياش دەرىكتور “مەرھابا!” دەگەنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەر بىرىمىز بىلەن: “ئىسمىم كەمال، خوش كەلىپسىز!” دەپ كۆرۈشتى ۋە ئۈستىدە بىر نەچچە كىچىك بايراقچەلەر كۆزگە تاشلانىپ تۇرىدىغان يۇمۇلاق كەڭ ئىش ئۈستەلىنىڭ ئىككى تەرەپىگە قويۇلغان ساپالارغا بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

كەمال دەرىكتور ئورتا بوي، تىپىك مىسىرلىق چىراي، ھەرىكەتلەرى چەپدەس، سۆز-جۈملەلەرنى بوڭ ئاۋاز بىلەن چاققان تەلەپپۇز قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلەرىنىڭ ئىككى قىز ۋە بىر ئوغۇلغا ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆي-مۈلۈك شىركەتىنى ئاكاسى جەمال بىلەن ھەمشىرىك تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئەيتتى. جۇڭگوغا ئىككى قاتىم زىيارەتكە بارغانلىقىنى، 1995-يىل شاڭخەيگە بارغان چاغدا شىياۋشۈي بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىنى، شۇ يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا، بىر نەچچە ئۇيغۇر كارخاناچى ۋە باشقا زىيالىلار بىلەن تونۇشقانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆز ئارالىقىدا، ئابابەكرى مۇئەللىمنى بۈدۈر چاچلارىڭىزدىن تارتىپ مىسىرلىققا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەنسىز، دەدى. مەنى بولسا، ئەرەبچەڭىز ئورتاق تەلەپپۇزلۇق ۋە گۈزەل ئىكەن، دەپ ماقتادى.

شۇ گەپلەر بولۇپ ئۆتكەندىن كەيىن، كەمال دەرىكتور سول قولىدىكى سائەتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كەيىن:

– چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، قەنى مۇشۇ يانىمىزدىكى زالغا مەرھەمەت، تاماق يەگەچ مۇڭداشايلى،- دەدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.

بىز ئابابەكرى مۇئەللىم ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراغانىمىزچە، تۇرۇپلا قالدۇق.

– ئەپەندىم بۈگۈن رامازان،- دەدىممەن، ياشتا چوڭ بولغاچ، ھىچ ئىككىلەنمەيلا،- بىزنىڭ ئاغىزىمىز سۈيەم (رامازان) بىلەن ئەتىك، كەچۈرۈڭ!

-ئەيۋاللاھ! ئەسىم قۇرۇسۇن مەنىڭ،- دەدى ئۇ بىزدىنمۇ بەك ھەيرانلىق ئالامەتىنى ئىپادەلەگەن ھالدا،  ھازىر رامازان ئايى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن-دە. بىراق، مەن تەخى سىلەرنى جۇڭگودىن كەلگەن پروفەسسورلار بولغاندىكىن رامازان تۇتمايدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن.

مەن مۇسۇلمان دۆلەتى مىسىردا  رامازان تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلار بارلىقىدىن مۇتلەق ھەيران بولمادىم. چۈنكى، 1984-1985-يىللارى ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيەتىدە، ئەرەبچە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەگەن ۋاقتىمدا، رامازان تۇتماسلىقنى ھىچبىر گۇناھ ھىسابلامايدىغان مۇسۇلمانلارنى تالاي كۆرگەن ئىدىم. بىراق، ئابابەكرى مۇئەللىم پەقەتلا ھەيران-ھەس قالغان قىياپەتتە، بىردە كەمال دەرىكتوغا بىردە ماڭا قاراپ، “قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ؟” دەگەندەك بىر خىل تاڭىرقاش تۇيغۇسىنى ئىپادەلەگەن ھالدا، قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئاخىردا، بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئويلاپ باقماغان گاڭگىراشلىق ۋەزىيەتنى يەنىلا ساھىبخان كەمال دەرىكتور تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەشتۈردى:

– قاراغاندا، بۈگۈنكى مىھماندارچىلىقىمىز ھەر ئىككى تەرەپكە ئەستلىك بولۇپ قالغۇدەك ئەھمىيەتلىك بولىدىغان بولدى،- دەدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، تولامۇ ئەستايىدىل بىر خىل ئاھاڭدا،- مەن سىلەرگە تەخىمۇ ئامراق بولدۇم شۇ تاپتا. ئۇنداق بولسا، بۇ يەردە ياخشى كىنو كاسەت (دىسكا)لەرى بار، سىلەر ئۆزەڭلەر تاللاپ، كىنو كۆرگەچ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، شياۋشۈي بىلەن ئىككىمىز كىرىپ، چۈشلۈك تاماقىمىزنى شاق-شۇق يەۋىتىپ چىقايلى.

شۇنداق قىلىپ، بىز كەمال دەرىكتور ئاچىپ كۆرسەتىپ قويغان شىكاپتىن چارلىز چاپلىن ئويناغان كومىدىيەلىك كىنودىن بىرنى تاللاپ، تەلىۋىزورغا يەرلەشتۈرۈپ، كۆرگەچ ئولتۇرۇپ تۇردۇق.

– مەنمۇ بۈگۈنكى زىيارەتىمىزنى تازا ئەھمىيەتلىك بولىدىغان بولدى، دەپ ئويلايمەن، ئابدۇرەئوپ ئاكا،- دەدى ئابابەكرى مۇئەللىم كىنو كۆرگەچ مەن بىلەن مەسلىھەتلەشىپ،- شىياۋشۈينىڭ ئەيتىشىچە، بۇ كەمال بۇرادەر ئەنگىلىيە گامبىرج ئۇنىۋەرسىتىتىدە سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە دوكتور ئۇنۋانى ئالغان، ئوچۇق پىكىرلىك، ھەر تەرەپتىن سەۋىيەلىك زىيالىيمىش. سىزنىڭ ئەرەبچەڭىز ياخشى بولغاندىكىن، ئىسلام دىينى ئەقىدەلەرى بىلەن زامانىۋىلىكنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەسىلەسى ھەققىدە، كۆپرەك سوراڭ، ھەرگىز تارتىنمايلى. بۇ بىزنىڭ كاللامىزدىكى نۇرغۇن چىگىش سوئاللارىمىزغا ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق جاۋاب بەرىدىغان ئادەمدەك قىلىدۇ.

كەمال دەرىكتورلار بىزنى بەك ساقلاتمادى، تەخمىنەن يىگىرمە مىنوتلاردا چۈشلۈك غىزاسىنى يەپ بولۇپ چىقىشتى.

– ئابدۇرەئوپ ئەپەندىم،- دەپ ماڭا سۆز ئاتتى ئۇ چىقىپلا،- سىزنى يازغۇچى، بەش-تۆرت كىتاب نەشىر قىلدۇرغان، شىئىرمۇ يازىدۇ، ھازىرمۇ ھەر كۈنى دەگۈدەك مىسىر تەئسىراتلارىنى توختاماي يازىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلادىم شياۋشۈيدىن. مالال كۆرمەسىڭىز، قاھىرەگە كەلىپ يازغان شىئىرلارىڭىزدىن بىرەر كۇپلىت ئوقۇپ بەرسەڭىز بەك مەمنۇن بولىمەن.

مەنمۇ نازىقاپ ئولتۇرماي، يازمامنىڭ باشىغا بەرگەن شىئىرىمنى ئوقۇپ بەردىم:

كەلىپ بويىدىن تارىم دەرياسى،

زىيارەتىدە خوپ نىل دەرياسى؛

ئەنجۈمەن قۇرغان ئۇنىڭ بويىدا،

بىر توپ ياش ئۇيغۇر ئىلىم سەۋداسى.

– بىز بۇ شىئىر شەكلىنى ئەرەبچە بىلەن ئوخشاش كەلىمە ئىشلەتىپ “قىتئە” دەپ ئاتايمىز،- دەپ چۈشەندۈردۈم ساھىبخانغا،- تارىم دەرياسى خۇددى سىلەرنىڭ بۇ نىل دەريايىڭلارغا ئوخشاشلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا دەرياسى. مەن بۇ قىتئە (پارچە) بىلەن، بىزنىڭ ۋەتەندىن كەلگەن ياش ئوقۇغۇچى قارىنداشلارىمنىڭ ئۆگرەنىش ھاياتىدىن بىر كۆرۈنۈشنى خاتىرەلەدىم.

-بۇراۋا ئەلەيكە (يارايسەن)!،- دەدى ئۇ باش مالتاقىنى چىقارىپ تۇرۇپ،- نە قەدەر گۈزەل!

– سىز ئۆزىڭىز ھەققىدە تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسەڭىز ئىكەن،-دەدىم مەن گەپ ماۋزۇسىنى بىزنىڭ مۇددىئايىمىز تامان بۇراپ،- سىزگە ئوخشاش مۇنداق رامازان تۇتمايدىغان، ناماز قىلمايدىغان ياشلار مىسىردا قانچەلىك سالماقنى ئىگەلەيدۇ؟ سىز بۇ خىل تۇرمۇشىڭىزنى ئىسلام ئەقىدەسىگە مۇخالىپ دەپ قارامامسىز، ئەجەبا؟

– سەمىمىيەت بىلەن دەسەم،- دەپ سۆزىنى باشلادى ئۇ ئەستايىدىل قىياپەتتە،- بىزدە، يەئنى مىسىردا، ھەتتا باشقا دىموكراتىك تۈزۈمدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرىدە، ئەنئەنىچى مۇتەئەسسىپ زىيالىيلارمۇ، مۇجەددىت (جەدىت-ياڭىلىق تەرەپدارى) زىيالىيلارمۇ بار. بىزلەر مۇجەددىت، يەئنى ياڭىلىق، زامانىۋىلىق تەرەپدارلارىغا مەنسۇپ مۇسۇلمانلارمىز. بىزنىڭ قاراشىمىزچە، مۇسۇلمانلىق تولامۇ راھەت ۋە راھەت باغىشلاغۇچى ئەقىدەدۇر. ناماز قىلمايدىغان مۇسۇلمانلار ئاشۇ جانابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن تارتىپلا بار ئىدى. ھىكايەت: بىر كۈنى جانابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئون ئىككى ۋاقىت يىگىرمە تۆرت سائەت مەسجىدتىن سىرتقا چىقمايدىغان بىر كىمسەنى كۆرسەتىپ تۇرۇپ، يانىدىكىلەردىن سورايدۇ:

– ئۇ قارداشىمىزنىڭ ئىسمى كىم؟ مەن ئۇنى ھەمىشە مۇشۇ جامىينىڭ ئىچىدەلا كۆرىمەنغۇ؟

– ئۇنىڭ ئىسمى ئەھمەد،- دەپ جاۋاب بەرىدۇ ساھابەلەردىن بىرسى،- ئۇ قارداشىمىز: “مەن ئۆمرۈمنى مۇشۇ جامىيدە ئىبادەت قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزىمەن” دەيدۇ.

– ئۇنداقتا بۇ ئەھمەد قارداشىمىزنى كىم باقىدۇ؟

– مەھمۇد ئىسىملىك بىر ناماز قىلمايدىغان ئاكاسى بار، شۇ باقىدۇ.

– ئۇنداقتا، ئەيتىپ قويۇڭلاركى، بۇ جامىيدىن چىقماس ئەھمەدتىن ئۇنىڭ ئاشۇ جامىيغا كىرمەيدىغان ئاكاسى مەھمۇد ياخشى ئىكەن،- دەپ باھالاپتۇ جانابىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.

دەمەك،- سۆزىدە داۋام ئەتتى كەمال دەرىكتور،- ناماز قىلىش مۇسۇلمانلىقنىڭ بىردىنبىر بەلگەسى ۋە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ھەممەسى ئەرمەس. “لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ” دەپ ئىيمان كەلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممەسى مۇسۇلماندۇر ۋە ھەممەسى جەننەتكە لاياقەتلىكتۇر. ئەمگەك قىلىش  ناماز قىلىشتىن ئەئلادۇر. “سالات” دەگەن سۆزنىڭ تام مەئنەسى “دۇئا قىلىش، تىلەك تىلەش، يەئنى ئاللاھتىن تىلەش” دەگەن بولىدۇ. ئەمگەك بىرلەمچى، دۇئا-تىلەك بولسا، ئىككىلەمچىدۇر. ئەمگەكسىز تىلەك خەمەكسىز پىلەككە ئوخشايدۇ. مۇسۇلمان ئىكەنمىز، جەزمەن ئەمگەك قىلىمىز، ئۆگرەنىمىز، ئەجىر قىلىمىز، ئاندىن سالات، يەئنى دۇئا-تىلەك قىلىمىز. ئاندىن ئاللاھ بىزنىڭ قىلغان ئەمگەكىمىز ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ ئىجابەت رەھمەتى بىلەن بىزنى تارتۇقلايدۇ. ھالبۇكى، ناماز قىلماسلىق ئەيىپ سانالماسلىقى، ھەرگىزمۇ مۇسۇلماننى دۇمبالايدىغان چوماق بولۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە، “مۇسۇلمان بولغان كىشى ناماز قىلماسا بولمايدۇر” دەيدىغان گەپ مۇتلەق يوقتۇر.

– سىز كىچىكلىكىڭىزدىنلا رامازان تۇتمامسىز؟، دەپ سورادى ئابابەكرى مۇئەللىم،- ھىچ بولماسا ھەيت-جۈمە نامازلارىنى قىلىدىغانسىز؟

– ئابابەكرى ئىنىم، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئەرتەگەندە بىر ۋاقىت ناماز قىلىمەن- جاۋاب بەردى كەمال دەرىكتور،- نامازدىن كەيىن ئون بەش مىنوتتىن يارىم سائەتكىچە تەنتەربىيە، بەدەن چەنىقتۇرۇش قىلىمەن. ئاندىن، مەكتەپكە ياكى ئىش-خىزمەتكە ماڭىمەن. ئانام-دادام مەنى “ناماز قىل” دەپ زورلامايدۇ. “كىتاب ئوقۇيدىغان، ئەمگەك قىلىدىغان، قارىنداشلارىڭنى سۆيىدىغان، ۋەتەنىڭگە-خەلقىڭگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى مۇسۇلمان بول”دەيدۇ. بىزدىكى ئەنئەنىچى، مۇتەئەسسىپ مۇسۇلمانلارمۇ بىز ناماز قىلمايدىغانلارنى “كاپىر” دەمەيدۇ. پەقەت “ناماز قىلمايدىغان ناچار مۇسۇلمانلار” دەيدۇ (چاقچاق قىلىپ). بىزمۇ نۆۋەتى كەلگەندە، ئۇلارنى “ئاغىزىدا ئوقۇيدىغان نامازغا توختاماي قوڭىنى يۇيىدىغان، ناماز قىلىشتىن باشقا  ھىچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان ناكار مۇسۇلمانلار” دەيمىز (چاقچاق قىلىپ). ئەھمىيەتلىك يەرى شۇكى، ئەقىدە پائالىيەتلەرىنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە كۆز قاراش ئوخشاماسلىقى بولۇشىغا قاراماي، مۇتەئەسسىپلەر بىلەن مۇجەددىتلەر ئۆز ئارا بىر-بىرىمىزنى ئىچىمىزگە سىڭدۈرەلەيمىز؛ مەنىڭ بەش ۋاقىت ناماز قىلىدىغان پەنجۋاقت ئاغىنەلەرىممۇ، ناماز قىلمايدىغان، رامازان تۇتمايدىغان دوستلارىممۇ بار، ھىچقايسىمىز بىر-بىرىمىزنى مۇتلەق كەمسىتمەيمەيمىز. كەمسۇندۇرمايمىز؛ بىر-بىرىمىزنىڭ كۆز قاراشىغا ۋە ئەمەلىي ئىپادەسىگە ھۆرمەت قىلىمىز. مانا بۇ –بىز مىسىر مۇسۇلمانلارىنىڭ كۆپ پارتىيەلىك دىموكراتىك تۈزۈم ئارقالىق، زامانىۋى تەرەققىيات يولىدا، كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ كەلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئاڭ-پىكىر مەنبەسى ۋە يەتەكچى نەزەرىيە ئاساسىدۇر!

– مەنىڭ بىر مۇنچە خىرىستىيانىي ۋە يەھۇدى بۇرادەرلەرىم بار. ئۇلارمۇ ئەھلى كىتاب. بىزنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئەمگەك قىلىش، پەن-تەخنىكا ئۆگرەنىپ ۋەتەننى، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش غايەسى جەھەتتە ئورتاق قاراشلارىمىز بار. بىز مۇجەددىت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدەمىزچە، ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقىدەلەرى جەزمەن زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشىشى لازىم. كۈندە بەش ۋاقىت مەسجىدتە ناماز قىلىش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، سىجىللىق تەلەپ قىلىدىغان پىكىر-تەپەككۇرنى بۆلىدۇ، ئۈزمەي قىلىشقا تەگىشلىك بولغان ئىلمىي تەتقىقاتنى موخو قىلىدۇ. شۇڭا ناماز قىلىش ۋاقتىنى مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئىختىيارىغا بەرىش لازىم. ھەر مۇسۇلمان ئۆز ئەھۋالىغا مۇۋاپىق بولغان چاغدا ناماز قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، مەن بوش-بىكار بولغان ۋاقىتلارىمدا، سەپەرگە چىققاندا ئايروپلاندا ياكى پويىزدا ھەمىشە ناماز قىلىمەن. قۇرئان ئوقۇيمەن، ھەدىس مۇتالىئە قىلىمەن. ئىمانىم كامىلكى، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش مۇجەددىت مۇسۇلمانلار ئۆلچەملىك ھەقىقىي مۇسۇلمانلار سانالىشقا ئەڭ ھەقلىقمىز!

كەمال دەرىكتورنىڭ بۇ چۈشەنچەلەرنى بايان قىلغان چاغدىكى ئەستايىدىللىقى، ئۇنىڭ سۆز-جۈملەلەرنى تىزىققا ئۆتكۈزۈلگەن ماغىزلاردەك دانە-دانە قىلىپ تەلەپپۇز قىلىشى، چىرايىدا تەبىئىي ئىپادەلەنگەن قەتئىي ئىرادەسى ۋە ۋۇجۇدىدىن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان يۈكسەك جاسارەتى بىزدە چوڭقۇت تەئسىر قالدۇردى.

ئارالىقتا، كەمال دەرىكتورنىڭ باشلامچىلىقىدا، سەككىز يۈزدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بۇ شىركەتنىڭ كۆزگەزمە ۋە مۇزىيخاناسىنى ئەكىسكۇرسىيە قىلدۇق. مۇزىيخانادا، شىركەتنىڭ قۇرۇلغان چاغىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان  تىجارەت كۆلەمى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرى مۇدىللار، دىئاگراممالار، سۈرەتلەر ۋە سان-سىپىرلىق يازما بايانلار بىلەن مۇپەسسەل تەسۋىرلەنگەن ئىدى.

– ئەسلىدە، سىلەرنى ئىپتارلاتىپ، ئاندىن ئۇزاتىپ قويسام ياخشى بولاتتى،- دەدى ئاخىردا كەمال دەرىكتور،-  يەنە يارىم سائەتتىن كەيىن تىجارەت ئىشى بىلەن ئىسكەندەرىيەگە ئۇچۇشۇم لازىم. ئەيىبكە بۇيرۇماغايسىزلەر. بۇدا مەن سىلەرنىڭ مەكتەپىڭلارغا ئۆزەم ئىزلەپ بارىمەن. بىز تەخى مۇڭداشىمىز. بىز يەنە مۇداشىشىمىز كەرەك. چۈنكى سىلەر-بىز ھەققىي قارىنداشلارمىز ۋە چىن ئەقىدەداشلارمىز، ئەيۋاللاھ!

قايتاشىمىزدا، مەركەزىي كوچالاردا چۈشتىن كەيىن بولىدىغان قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن قاچىپ، تۇرالغۇمىزغا شەھەر ئەتراپى يولى بىلەن قايتىشنى راۋا كۆردۇق. نەتىجەدە، قاھىرە شەھەرىنىڭ يانىدىكى كىشىلەر ئاغىزىدا “تەخمىنەن ئىككى مىليون يوقسۇل ياتىپ قوپىدۇ” دەيىلىدىغان ۋە جۇڭگونىڭ گەزىت-ژۇرناللارىدامۇ، “ئۆلۈك شەھەر” (死城) دەپ تونۇشتۇرۇلغان ھەلىقى بۇ ئۇچىدىن ئۇ ئۇچىغا كۆز يەتكۈزگىلى بولمايدىغان غايەت زور قەبرىستانلىق “قۇبۇرىستانى قاھىرە”نىڭ يانىدىن ئۆتتۇق. كۆردۇقكى، بۇ يەردە، بىزنىڭ ياتاق شەھەرچەمىزنىڭ دەرۋازىسىدەك كىملىك تەكشۈرگۈچىلەر يوق. كوچا ئاغىزلارى داغدام ئاچۇق. ئۇنىڭدىن يەكسان رەھمان ئاغىنەمىزگە ئوخشاش پەشانەسى رىيازەتتىن كۆكۈرۈپ كەتكەن ئادەملەر پەرۋاسىز ھالدا، كىرىپ- چىقىپ يۈرىشەتتى.

ماشىنامىز ئاستا سۈرئەت بىلەن ئالغا كەتىۋاتماقتا. ماشىنا ئىچى غايەت جىمجىت. نەمە دەيمىز ئەمدى؟

ئاخىردا، ئابابەكرى مۇئەللىم ئىككىمىز بۈگۈنكى بۇ زىيارەتنى بىزنىڭ مىسىرنىڭ  بۈگۈنىنى تەخىمۇ ياخشى چۈشەنىشىمىز، شۇنداقلا مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىقبالىغا كۆز يەتكۈزۈشىمىز جەھەتىدىن ئالىپ ئەيتقاندا، ھەر ھالدا پايدالىق بولدى، دەپ قارادۇق.

نىل دەرياسى بويىدا تارىم پاراڭلارى

ئۆز زامانىسىدا، جانابى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب مۆئمىنلەرگە: «ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسامۇ، بارىپ ئۆگرەنىڭلار!» (ئوتلوبۇل ئىلم ۋەلەۋ بىس سىين) دەپ خىتاب قىلغانىكەن. دەمەك، ئىلىم ئۆگرەنىش – تۈۋرۈك مەئرىپەت، ئىلىم ئۆگرەنىش –ئىنسانىي بۇرچ پەزىلەتتۇر. تىلەك شۇكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرىنىڭ ئىلىم ئىزلەپ يىراق قاھىرەگە بارىشتىنمۇ ئەرىنمەگەن بىباھا روھى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتى كەلگۈسىدە ماقۇل نەتىجەلەر بىلەن مۇناسىپ مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولغاي، ئامىن!

نىل دەرياسى ۋادەسى دۇنيا تارىخىدا ئاجايىپ جۇلالىق مەدەنىيەت ئەۋرىشكەلەرىنى ياراتقان گۆھەر زەمىنلەردىن سانالىدۇ. قاھىرە بولسا، نۇرغۇنلىغان دۇنيا دەرىجەلىك ئالىملار ئىلىم تەھسىل قىلغان، مەئرىپەت تارقاتقان ۋە ئىنسانلىق ئۆرنەك ياشاملارغا شاھىد بولغان داڭقلىق شەھەر. مەشھۇر تاتار ئالىمى، تۈركىي مىللەتتىن چىققان بۈيۈك جەدىت مۇسا جارۇللاھمۇ ئۆمۈر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەۋسۇمىنى مۇشۇ قاھىرە شەھەرىدە ياشاپ ئۆتكۈزگەن، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

پۇرسەت بولۇپ قاھىرەگە بارىپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىشكە مۇشەررەپ بولغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭ بويىدا بۈيۈك ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى ئىزلەپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقىمنى ھاياتىمدىكى ئەڭ يارقىن ياشام پائالىيەتىمدىن ھىسابلايمەن تەبىئىي. بىر يىل جەريانىدا، جاھانغا داڭقدار مىسىر مۇميا مۇزىيى ۋە ئەلئىھرام قەدىمىي قەبرىلەرى بار قاھىرە شەھەرىدىن باشقا، زامانىۋى ساياھەت شەھەرى ئىسكەندەرىيە، مەشھۇر پورت شەھەر بورسەئىيد، شۇنداقلا، سىناي يارىم ئارالى ۋە ئىسمائىلىيە قاتارلىق جايلارنى زىيارەت ۋە ئەكىسكۇرسىيە قىلدىم.

ھازىر ئويلاپ قاراسام، شۇ غەنىيمەت چاغنىڭ كۆڭلۈمدە ئۇنتۇلماس ئەستلىك بولۇپ قالغانلارىنىڭ ئەڭ باشىدا، يەنەلا ئاشۇ تارىم بويىدىن بارغان ۋە مەن بىلەن ئىلىم ئەنجۈمەنى قۇرغان ئەنجۈمەنداشلار ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پۇتبول مۇسابىقەسى قىلغانلارىمىز، ئۇلار بىلەن بىللە ئابدۇلخالىق ئۇيغۇرىينىڭ “ئويغان” شىئىرىنى ئاۋازىمىزنى بولۇشىغا قويۇۋەتىپ دىكلىماتسىيە قىلغانلارىمىز ۋە ئۇلار بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرۇشۇپ، ئانا يۇرت كاشغارىيە، تەكلىماكان، تارىم ۋادەسىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئىنشائاللاھ پارلاق ئەرتەسى ھەققىدە قىلىشقان ئارزۇلۇق تۈگۈمەس پاراڭلارىمىز قاتار بولۇپ كەلىدۇ…

1997-يىل  20-سىنتەبىر، ئارتۇش.

2021-يىل 15-فەۋرال، سان ديەگو.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top