You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتىنى كىم سىزغان؟

سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتىنى كىم سىزغان؟

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: سادىر پالۋاننىڭ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق پورترېتى ۋەتەن ئىچى سىرتىدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، سادىر پالۋاننىڭ باتۇر، قەتئىي، تىز-پۈكمەس سىماسىنى كۆز ئالدىمىزدا جانلىق نامايەن قىلىپ بەرگەن ئىدى. ھەتتا 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تارقاتقان باج ماركىلىرىدىن بىرىگە سادىر پالۋاننىڭ مەزكۇر سۈرىتى بېسىلغان ئىدى. 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشكە باشلىغان مۇھىم نەشىر بۇيۇملىرىدىن بىرى بولغان «قازاق ئېلى» ژورنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ 1945-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىرىدىن بىرىگە بېسىلغان مەزكۇر ماقالە، مەزكۇر سۈرەتنىڭ كىم تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، قايسى رەسسامنىڭ قولىدا پۈتكەنلىكى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. 


سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتى توغرۇلۇق مەلۇمات

سابىرجان شاكىرجان

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتى ئۆز ۋاقتىدا چۈشۈرۈلمىگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇ تارىخىي خاتېرەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش پىكرى مېنىڭدە بۇنىڭدىن 5-10 يىل ئىلگىرى تۇغۇلغان ئىدى. شۇندىن بېرى بىر ئاز تەشەببۇس قىلدىم. چۈنكى بۇنىڭدىن ئاۋۋالمۇ سادىرنى مەتبۇئات مەيدانىغا چىقىرىش خىزمىتىم بار ئىدى. يەنى گېزىت، توپلاملاردا بېسىلغان ماقالىلەردىن باشقا، 1931-يىلى تاشكەنتتە «سادىر قاڭرۇق» دېگەن بىر رىسالە باستۇرۇپ چىقارغان ئىدىم.

شەك يوق، سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتىنى يوقتىن بار قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال سادىرنى كۆرگەن، بولمىسا بىلگەن ئۇيغۇر قېرىلىرىغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كەلدى. بولۇپمۇ سادىرنى كۆرۈپ بىلگەن ئۇيغۇر قېرىلىرى پالۋاننى مۇنداق تەرىپ قىلىدۇ:

-سادىر ئېگىز بويلۇق، كەڭ مەيدە، يوغان باشلىق، قاتمال بەدەن، بۇغداي ئۆڭلۈك، كەڭ پېشانە، ئۆتكۈز كۆزلۈك، قاڭشا بۇرۇن، كەكە ساقال، جىددىي قىياپەتلىك بىر پالۋان ئىدى،- دەيدۇ.

سادىر پالۋان ھەققىدە كېرەكلىك مەلۇماتلارنى تولىراق ياركەنت، ئالمۇتا ھەم قىرغىزىستاندا ياشىغۇچى ئۇيغۇر قېرىلىرىدىن ئالدىم. مەسىلەن:

1- ئايشەم موماي جېلىل قىزى. توقماق شەھىرىدە تۇرىدۇ. 120 ياشتا. سادىرلار يۇرت ئالدىدا شۆھرەت تېپىپ ئاتاققا ئىگە بولۇپ يۈرگەندا ئايشەم موماي ئىككى-ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ئايشەم موماينىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا سادىر كېلىشكەن، چىرايلىق كىشى ئىكەن. «ھەر قاچان كىيىمنىڭ ياخشىسىنى كىيىدىغان، لېكىن سۆزلىگەندە بىر ئاز قاڭرۇقلايتتى» دەيتتى. مەن ئايشەم موماي بىلەن 1939-يىلىنىڭ ئاخىرىسىدا توقماق شەھىرىدە كۆرۈشتۈم. موماي شۇنچە ياشقا كەلسىمۇ تېخى تېتىك، گەپ-سۆزدىن قالغان ئەمەس.

2- مەسۈم بوۋا ھەمرا ئوغلى. بۇ كىشى سادىرغا نەۋرە ھەم كۈيئوغۇل بولىدۇ. مەسۈم بوۋا دەيدۇ:« مەن بوۋامنىڭ ئالدىدا يۈرگەندە ئون بىر، ئون ئىككى ياشلاردا ئىدىم. شۇڭلاشقا بوۋامنىڭ قىياپىتى تولۇق خاتېرەمدە». مەسۈم بوۋا 1939-يىلى ياركەنت شەھىرىدە 84 ياشتا ئىدى.

3- گۈلجىمىلەم موماي چورۇق قىزى. فرۇنزى (بىشكەك) شەھىرىدە تۇرىدۇ. سادىرنى كۆرگەن. ئۇنىڭ ناخشا-قوشاقلىرىنى يادقا بىلىدۇ. 1881-يىلى كۆچ-كۆچتە ئىلىدىن چىققان. يىلدىن يىل سۈرۈشتۈرۈپ گۈلجىمىلەم موماي 1940-يىلى ئۆزىنى «100 ياشتا مەن» دېدى.

4- سادىق بوۋا ھەسەن ئوغلى. ئالمۇتادا. ساي بويى مەھەللىسىدىن. سادىق بوۋا ياش ۋاقتىدا سادىرنى كۆپ مەرتىۋە كۆرگەن. سادىق بوۋا دەيدۇ: مەن سادىرنى ئاخىرقى قېتىم قورغاستا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا مەن ئوتتۇز ئىككى ياشلاردا ئىدىم. سادىق بوۋا 1944-يىلى 100 يېشىدا ۋاپات بولدى.

5- ئىسلام بوۋا ئۆمەر ئوغلى. ئالمۇتا ساي بويى مەھەللىسىدە تۇرىدۇ. 1940-يىلى سەكسەن ياشتا ئىدى. ئىسلام بوۋا سادىر پالۋان توغرۇلۇق خەلق مەلۇماتىغا ئىنتايىن باي.

6- خۇدابەردى نىياز ئوغلى. 1943-يىلى 80 يېشىدا ۋاپات بولدى. سادىر پالۋاننىڭ كەچۈرگەن ئۆمرىنى تولا بىلىدۇ.

7- ھىدايەت روزىباقى ئوغلى. ئالمۇتادا تۇرىدۇ. 77 ياشتا. بۇ زات سادىر پالۋان توغرۇلۇق كۆپ مەلۇماتقا ئىگە. ھىدايەت ئاخۇن ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا ئۇيغۇرچە ھەم ئەرەب، پارس تىللىرىنى ياخشى مۇتالىيە قىلالايدىغان زىيالىي ئادەم.

مۇشۇ يۇقىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىلىرىنىڭ تەرىپى بويىچە ھەم باشقا ھۆججەتلەرگە ئاساسەن سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتىنى قازاقستاننىڭ خەلق رەسسامى ئەبىلخان كاستەي ئوغلى ياساپ چىقتى. يولداش ئەبىلخان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەتى بىلەن ياخشى خەۋەردار بولۇپ، ئۆزى ياركەنتتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. سۈرەت ياسىلىپ تامام بولغاندىن كېيىن، ئەبىلخان ئىككىمىز سۈرەتنى ئۇيغۇر قېرىلىرىغا ئاپىرىپ كۆرسەتتۇق. شۇندا مەزكۇر قېرىلارنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن «بۇ سۈرەت سادىر»دەپ تەستىق قىلىشتى. خۇسۇسەن، سادىر پالۋاننى تەكرار كۆرگەن سادىق بوۋا مۇنداق دېدى:« مەن كۆرگەندە سادىرنىڭ ئۆڭى سەل قارامتۇل ئىدى. يەنە قالپىقىنىڭ بىر چېتى قىرلانغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ سۈرەت خۇددى سادىرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ ياسالغان ئىكەن» دەپ، رەسسامغا تولا تەشەككۈر قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا سۈرەتنى ياركەنتتىكىلەرگە ئەۋەتكىنىمدە ئۇ يەردىن مۇنداق مەلۇمات ئېلىندى: ياركەنتنىڭ بەزىبىر قېرىلىرى سۈرەتنى سادىرنىڭ چوڭ ئوغلى ئاللاقۇلىغا ئوخشايدۇ، دېگەن، بەزىبىرلىرى ئوتتۇرانچى ئوغلى ئىگەمقۇلىغا ئوخشايدۇ، دېگەن. سادىرنى كۆرۈپ بىلگەنلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا سادىرنىڭ مەزكۇر ئوغۇللىرى ئۆزىگە بەك ئوخشايدىكەن.

خەلق قەھرىمانى سادىر پالۋاننىڭ سۈرىتىنى تىكلەشنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت.

مەنبە: «قازاق ئېلى» ژورنىلى ئۇيغۇرچە سەھىپىسىنىڭ 1945-يىلى نويابىر-دېكابىردا چىققان 8،9-سانى


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-يىلى تارقاتقان، سادىر پالۋان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن 500 دوللارلىق باج ماركىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top