You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلارنىڭ بالقان ئۇرۇشىدا يېڭىلىۋاتقان ئوسمانلى دۆلىتىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى

ئۇيغۇرلارنىڭ بالقان ئۇرۇشىدا يېڭىلىۋاتقان ئوسمانلى دۆلىتىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى

سايرام ئوغلانى

«سابىق ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان»

‏قەشقەرىيە خەلقىنىڭ بالقان ئۇرۇشىغا پۇل ئىئانە قىلىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھېلىھەم خەلقىمىزگە ئانچە ئايدىڭ ئەمەس بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇندىن 109- يىللار بۇرۇن، ئۆزلىرى شۇنچە ئېھتىياجلىق تۇرۇپمۇ، يەنىلاجان تالىشىۋاتقان ئوسمانىلار ئىمپىرىيىسىگە غايەت زور ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئارقىلىق، بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كونا پايتەخت ئەدىرنەنى قايتۇرۇۋېلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تەسىرلىك ھېكايىسى بىلەن بۈگۈنكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندابېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىشتىن ئىبارەت شەرمەندە ۋە نومۇسلۇق ھالىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈرك خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ قايتا خەلقىمىزگە ئەسلىتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۇق.

گەپنى يەنىلا ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى چوڭ ئۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1. ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى:- تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا «تەرابلۇس غەرب ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1911 – يىلى 29 – سېنتەبىردىن 1912 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان. مۇستاپا كامال پاشا 1911 – يىلى 22 – نويابىر «تابراق ئۇرۇشى» دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 – ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ، 18 – ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ، 30 – ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 – يىلى 15 – سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن، لىۋىيە تاكى 1947 – يىلى 10 – فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 – يىلى بۇ جاينىڭ «تەرابۇلۇس غەرب» نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى «لىۋىيە» گە ئۆزگەرتكەن. لىۋىيە 1951 – يىلى 24 – دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1969 – يىلى 1 – سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ، تاكى 2011 – يىلى «ئەرەب باھارى» غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 – ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيەدە ئىككى كۈچ ھاكىمىيەت تالاشتى.

ئۇنىڭ بىرى دەل ھازىرقى باندىت خەلىپە ھەفتەر بولۇپ ، ئۇنى تۈركىيەگە قارشى بارچە ئەرەب ئەللىرى ۋە رۇسىيە قوللايتتى. يەنە بىرى تىرىپولىدىكى فايىز سەرراج ھۆكۈمىتى بولۇپ ،ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغاندىن سىرت، تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتتى. ھەفتەر 2019 – يىلى ئاپرىلدا بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، شۇ يىلى دېكابىردا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن. تېخى بىرئاي بۇرۇنلا ئۆز ئارا دېڭىز تەۋەلىكىنى تەقسىملىگەن تۈركىيە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، 2020 – يىلى 5 – يانۋار لىۋىيەگە ئەسكەر چىقاردى . كېيىنكى يېرىم يىلدا ھەفتەر ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ، سەرراج تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇ يىل ئىيۇلدىن بېرى ئەرەب ئەللىرى مىسىرنى لىۋىيەگە مۇداھىلە قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، يەنىلا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا. ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق.

2. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى:- ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى

1912- يىلىدىن 1913-يىلىغىچە ئوسمانىلارنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئوت پىلتىسى دەپ ئاتالدى.

بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بارلىق بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاجىزلاشقان ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسىئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى3- ئايدا سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېربىيە ، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلارئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئەدىرنە ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ ھەر ئىككى دۈشمەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىستانبۇل بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.

لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملى قبالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققاكىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنگورۇ بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.

7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8- ئاينىڭ 12 – كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ بۇ ئارىدا بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدا ئەدرىنەنى قايتۇرۇۋالغانىدى. ئەنۋەر پاشا بۇ زەپىرى ئارقىلىق شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ئۆستى.

ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بوسنىيەدىكى سېربلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىداتوقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق « پارتلاتقۇچى دورا» ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.

3. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى قاتتىق ئېھتىياجلىق تۇرۇپمۇ، بالقان ئۇرۇشىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇۋاتقان ئوسمانلىلارغا ياردەم قىلىشى:
ئوسمانلى-قەشقەرىيە مۇناسىۋىتى ئوسمانلىنىڭ تۈركىستان مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق سەھىپە. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى» تەشكىلاتى نەشر قىلدۇرغان «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» سەرلەۋھىلىك ئارخىپلار توپلىمىدا، ئوسمانلى بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا دائىر ئەڭ قىزىقارلىق ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، قەشقەرىيە خەلقىنىڭ 1912-1913‏-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدا پۇل توپلاپ ئوسمانلىغا ئىئانە قىلىش ۋەقەسى. ئارخىپلار توپلىمىدا بۇنىڭغا دائىر 3 ھۆججەت ئۇچرايدۇ.

ئۇنىڭ بىرى، ئوسمانلى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتى. 1913‏-يىلى 7‏-ئىيۇل، دەپ چېسلا قويۇلغان مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆججىتىدە، قەشقەرىيە ئاھالىسىنىڭ مۇسا ئىسىملىك بىر غۇلجىلىق زات ئارقىلىق ئەۋەتكەن 24 مىڭ 351 شىۋېتسارىيە فرانكىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ھېلالى ئەھمەر يەنى ئوسمانلى قىزىل ھىلال جەمئىيىتىنىڭ خەزىنىسىگە ياتقۇزۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

يەنە بىر ھۆججەت ئوسمانلى خارجىيە (تاشقى ئىشلار) مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوسمانلى خارجىيە مىنىستىرلىقى قەشقەرىيە خەلقىنىڭ پۇلى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولسا مالىيە دائىرىلىرىنىڭ دەرھال جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

3‏-ھۆججەت ئوسمانلىنىڭ سانت-پېتىربۇگدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خېتى. ئۇنىڭدا ئەلچىخانا، قەشقەرىيە خەلقى ئەۋەتكەن پۇلنىڭ جاۋابىنى ئالالمىغانلىقىنى، ئەگەر پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىنغان بولسا ئۇلارغا دەرھال خەۋىرىنى بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

ئىئانە پۇل 3 كە بۆلۈپ سېلىنغان. بىرىنچى قېتىم 7700 فرانك، 2-قېتىم 6235 فرانك، 3‏-قېتىم 10416 فرانك ئەۋەتىلگەن. جەمئىي سوممىسى 23451 فرانك بولۇپ، ھازىرقى قىممىتى تەخمىنەن 10.4 مىليون دوللارغا توغرا كېلىدۇ. ئوسمانلى ھۆججىتىدە قەيت قىلىشىچە، ئىئانە پۇل رۇسىيەنىڭ رۇسكىي ئېزياتىسكىي بانكىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى «ئىقدام» ناملىق بىر گېزىتنىڭ مەسئۇل مۇدىرى نۇرەتتىن دېگەن كىشىنىڭ نامىغا سېلىنغان.

4. تۈنۈگۈنكى ئوسمانلى ۋە بۈگۈنكى تۈركىيە
*** باياشاتلىقتىن يالاڭتۆشلۈككىچە ***

مىلادى 1453 – يىلى 29 – ماي يەكشەنبە كۈنى سۇلتان مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى ھەر خىل تۈرك قەۋملىرىدىن تەشكىللەنگەن زەربىدار قوشۇن 1050 يىللىق تارىخقا ئىگە شەرقىي رىم ، يەنى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى (395 – 1453) نى يوقىتىپ ، قاراخانىلار ۋە سالجۇقىلاردىن كېيىن تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەلتەنەتلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى . ئوسمان ئوغۇللىرىدىن « فاتىھ سۇلتان » دەپ ھۆرمەت تاپقان مەزكۇر پادىشاھ 1481 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ 1470 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر ئاماسىيادا تۇغۇلغان نەۋرىسى ياۋۇز سېلىم 1512 – يىلى 22 – ئاپرىل يۇۋاش دادىسى بايەزىتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ سۇلتان بولغان . ئۇ شەرقتە 1514 – يىلى 23 – 24 – ئاۋغۇست كۈنلىرى چالدىران ئۇرۇشىدا سافاۋىلار ھۆكۈمدارى شاھ ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىراق ، كۇردىستان ھەتتا ئەزەربەيجانغىچە بولغان جايلارنى قولغا ئالغان . سەئىدىيە خانلىقىمۇ دەل شۇ ئۇرۇش بولۇۋاتقان مىنۇتلاردا يەكەندە قۇرۇلغان . غەرپتە 1516 – يىلى مەرەج دابىقتا مەملۇكلارنى يېڭىپ، 1517 – يىلى باھاردا 267 يىللىق مەملۇكلار (1250 – 1517) نى مۇنقەرز قىلىپ ، ئوسمانلى خانلىقىنى ئاسىيا ، ئافرىقا ۋە ياۋروپاغا سوزۇلغان غايەت زور ئىمپىرىيىگە ئايلاندۇرغان.

ئۇ 1520 – يىلى 22 – سېنتەبىر ۋاپات بولغاندا، 1494 – يىلى 6 – نويابىر ترابزوندا تۇغۇلغان بىردىنبىر ئىزباسارى سۇلايمان سۇلتان بولغان.
سۇلتان سۇلايمان 1520 – يىلى 6 – نويابىر رەسمىي تەختكە چىقىپ پادىشاھ بولۇپلا قالماي يەنە ئوسمانىلارنىڭ سۇلتانلىرى ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم « مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى » يەنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى دەپ ئاتالغان. بۇ نامنى دادىسى ياۋۇز سۇلتان سېلىم مىسىردىكى كېيىنكى ئابباسىيلار خەلىپىسىنى ئىستانبۇلغا ئېلىپكەلگەندىن كېيىن ئېرىشكەن. كېيىنچە بۇ نام تاكى 1922 – يىلى 6 – نويابىر ۋاھدەتتىن سۇلتان بىكار قىلىنغىچە داۋام قىلغان.

سۇلتان سۇلايماننىڭ قانچىلىك سەلتەنەتلىك بىر سۇلتان بولغىنىنى ، ئوسمانىلارنىڭ مىلادى 16 – ئەسىردە قانچىلىك كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بولغىنىنى بۇ يەردە دەپ يۈرمەيمەن . چۈنكى ئۇ چاغدا يالغۇز سۇلتان سۇلايمانۋە دادىسى ياۋۇز سېلىم ئاساس سالغان ئوسمانىلارلا ئەمەس، بەلكى يىراق شەرقتە يېڭىدىن بىرلىككە كېلىۋاتقان جۇرجىتلار، موڭغۇل دالىسىدا قۇدرەت تاپقان ئالتانخانلار ۋە قالماقلار ، ئوتتۇرا ئاسىيادا سەئىدخان ۋە ئوغلى ئابدۇرېشىتخان تەرىپىدىن كۈچلۈك ئەلگە ئايلانغان سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندا ھۇمايۇن ۋە ئوغلى ئەكبەر شاھ سەلتەنەت سۈرۈۋاتقان قوشمىقى موغۇل ئىمپىرىيىسى ، ماۋەرائۇن نەھردىكى ئۆزبېك شەيبانىلار ، ئىران ۋە ئەزەربەيجاندىكى قىزىل باش سافاۋىلار تارىختىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە گۈللەنگەن دەۋردىدە بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيا تارىخچىلىرى 16 – ئەسىرنى « تۈرك ئەسىرى» دەپ ئاتىغانىدى . ئوسمانىلارنىڭ ئەڭ پارلاق سەلتەنەتلىك دەۋرى مىلادى 1566 – يىلى 7 – سېنتەبىر سۇلتان سۇلايماننىڭ ھەربىي يۈرۈش ئۈستىدە ۋېنگىرىيەدە ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان .

بەش يۈز يىلدىن كېيىن تارىختىن ئېلىنغان ئىنتىقام

سۇلتان سۇلايمان تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 499 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، يەنى 2019 – يىلى 6 – نويابىر (سۇلتان سۇلايمان دەل 1520 – يىلى 6 – نويابىر ئىستانبۇلدا تەختكە چىققان) كۈنى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن ئۇل سېلىنغان قاپقارا تۆمۈر يوللاردىن قوزغۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانلىرىنى يېقىلغۇ قىلىپ ، ئىچكى ئورگانلىرىنى ناشتىلىق قىلغان بىر ئەپسانىۋى پويىز تۈركىيە چېگرىسىدىن كىردى. بۇنى پويىز دېگەندىن كۆرە «تويماس قىزىل ئەجدەرھانىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپانى يالماپ يۇتۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى» دېگەن تۈزۈك …

تارىخقا مۇنۇ قۇرلار پۈتۈلگەنىكەن :
1494 – يىلى 6 – نويابىر سۇلتان سۇلايمان تۇغۇلغان.
1520 -يىلى 6 – نويابىر سۇلتان سۇلايمان ئىستانبۇلدا تەختكە چىققان.
1900 -يىلى 6 – نويابىر سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى مەنچىڭ پايتەختى خانبالىقتا مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىنى لالما ئىتنى ئۆلتۈرگەندەك قوغلاپ يۈرۈپ قىرىپ تاشلىغان.
1917 -يىلى 6 – نويابىر لېنىن ۋە بولشېۋىكلار قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىپ ، چارپادىشاھنى يىقىتقان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 7 – نويابىر پېتوگرادتا قىزىل ھۆكۈمەت قۇرغان. (بۇمۇ پالاكەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى.)
1983 -يىلى 6 – نويابىر تۇرغۇت ئۆزەلنىڭ ئانا ۋەتەن پارتىيىسى سايلامدا ئۇتۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان . «ئېسىت تۇرغۇتكا ، روھىڭىز قورۇنۇپ قالىدىغان بولدى . سىزنى ئۆلتۈرگەن يۈرەك كېسىلىمۇ دەل دۆلىتىڭىزنىڭمۇ شۇنداق قىيىن كۈنگە چۈشۈپ قېلىپ، ئەجداتلىرىنىڭ يۈزىگە قارا چۈشۈرۈشتىن ئەنسىرەپ پەيدا بولغانتىغۇ ؟»

ئەمدى مەن تارىخنىڭ سەھىپىسىگە، بولۇپمۇ پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان ئىككى كىرائۇسقا ئاتاپ بۈگۈنكى بوش بەتنى تولۇقلاپ قوياي :
2019 -يىلى 11 – ئۆكتەبىر 21 – ئەسىردىكى قىزىل ئەجدىرھانىڭ ياۋروپانى ئىستىلا قىلىشقا ماڭغان « ترويا پويىزى » سەنشى شىئەندىن قوزغۇلۇپ ، 17 – ئۆكتەبىرگىچە كەڭسۇ ، قۇمۇل ۋە بەشبالىقتىكى شېھىتلار ۋە ناھەق قىرغىن قىلىنغان خەلقىمىزنىڭ ئۇستىخانلىرىنى يانجىپ ئۆتۈپ، غۇلجىدا **مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك بەلگىمىز بولغان كۆك بايراق چۈشۈرۈلگەن 70 يىللىق ھاقارەتلىك كۈندە قورغاستىن چىقىپ، كېيىنكى 22 كۈندە جەنۇبى قازاقىستان، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق تۇران زېمىنىدىن ئىران ئارقىلىق « باكۇ – تىفلىس – قارس » تۆمۈر يولىغا كىرىپ، تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك سۇلتاننىڭ بۇندىن 500 يىلبۇرۇن ئالدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋەسىيىتىنى **ئۇنۇتقان غاپىل تۈركىيە شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان بىر پەيتتە 6 – نويابىر تۈركىيە چېگرىسىدىن كىرىپ ، شۇ كۈنى چۈشتە ئەنقەردىن داۋاملىق يۈرۈپ ، 7 – نويابىرغا ئۈلگۈرۈپ ئىستانبۇل ئارقىلىق ياۋروپا تەۋەسىگە كىرگەن.

سۇلتان سۇلايماننىڭ ئىقتىساد ۋە پۇل توغرىلىق ئەبەدىي ئۇنتۇلماس ۋەسىيىتى شۇدۇر: «بۈگۈن پارا (پۇل) ئالغانلار، ئەتە پەرمان ئالىدۇ!»

بۇ ھېكمەتلىك سۆز «ئوسمانىلار سۇلتانلىرىنىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 12 مەشھۇر سۆزى» نىڭ بىرى بولۇپ ، ئەسلى نۇسخىسىنى «ۋاي باك مىشىن» ئامبىرىدا 2017 – يىلى 7 – نويابىر كۈنى ، يەنى تۈركىيە يۇقىرىقى ھېكمەتلىك سۆزنى قايرىپ قويۇپ ياۋرو – ئاسىيا كۆۋرۈكىدە «ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆزى قۇتلۇقلاۋاتقان» نومۇسلۇق 7 – نويابىردىن ساق ئىككى يىل بۇرۇن ساقلاپ قويغانىدۇق.

ئۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرىلا «باكۇ – تىفلىس – قارس» تۆمۈر يولىنىڭ ئەسلىدە «بىر يول بىر بەلۋاغ» نىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ ئىش باشلىغاندىلا بىز ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدۇق. ئۇ چاغدا بىر تەرەپتىن ئانا ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنقىلىش تەييارلىقى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتسا، ئەركىن دۇنيادا بىزنىڭ قېرىنداش دۆلەتلىرىمىز، بولۇپمۇ 100 يىل ئىلگىرى بىز ئەڭ قىيىن شارائىتتىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن تۈركىيە دەل ئەكسىچە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈنسىرى كۈچەيتىپ، خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىۋاتاتتى. ئاقىۋەت قانداق بولدى؟ «ھالۋىنى خىتاي بىلەن تۈركىيە يېدى . قاچىسىنى تالىبان بىلەن دائىش يالىدى . ئەمما تاياق – توقمىقىنى ۋەتەندىكى خەلقىمىز يېدى.» مۇھاجىرەتتىكى بىزلەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىمىز ۋە ئورگىنال كالۋالىقىنىڭ بەدىلىنى خوتۇن – قىزلىرىمىز نومۇسى بىلەن ، بالىلىرىمىزنىڭ جانلىرى بىلەن ئېغىر ئۆتىدى . «ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئەبەدى تۇتقۇن، چەتئەلدە تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن» غا ئايلىنىپ قالدى.

دېمەك، بۈگۈن ئاقچا ئالغانلار ئەتە بۇيرۇق ئالىدىكەن . سۇلتان سۇلايماندىن ئاللاھ رازى بولسۇنكى ، بىزگە چوڭ بىر سىياسىي سىرنى ئاشكارىلاپ بەرگەندىن سىرت، ئىككى يىلدىن بۇيان باندىتلارنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى چۇقان كۆتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا 50 نەچچە تۈرك – ئىسلام دۆلىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىشى» دىكى سىرلىق تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ھەممىگە ئاشكارىلاپ بەرگەندەك بولدى. « بۈگۈن ئالتۇن ئالغانلار ئەتە بۇيرۇق ئالىدىكەن!». ئىككى تەرەپنىڭ جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى نەچچە كۈن ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ. خەلقىمىز بۇ ئىشقا سەل قارىماي، ۋاختىدا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. بولمىسا «ترويا پويىزى» پات ئارىدا ئادەم توشۇيدىغان پويىزغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر خەلقى سۇلتان سۇلايماننىڭ بۇ كەسكىن ۋەسىيىتىنى ۋە سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك!
تۈركلەر بىلگە قاغاننىڭ 1292 يىل بۇرۇنقى ۋەسىيىتىنى ئۇنۇتتى. نەتىجىدە ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ مىڭ تەستە ئاناتولىيەگە يەرلەشتى.
تۈركلەر سۇلتان سۇلتان سۇلايماننىڭ 500 يىل بۇرۇنقى ۋەسىيىتىنى ئۇنۇتتى. نەتىجىدە ئۇلارمۇ 300 يىللىق كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىڭ تەستە بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ چىقتى. ئەمما تېخى يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا، قايتا ئەسلىگە كەلگىلى 50 يىل بولماي تۇرۇپلا تۈمەن مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ يەنە خىتاينىڭ يەمچۈكىنى چىشلەپ قارماققا ئىلىندى . ئەڭ قىزىقارلىق يېرى، «تروۋا ياغاچ ئېتى» نىڭ ۋەقەلىكىنى ياخشىبىلىدىغان تۇرۇپ، باندىتلار ئەۋەتكەن 850 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، ھەر بىرى 76 كىۋادرات مېتىر ھەجىمدىكى 42 تال ۋاگون (يۈك ساندۇقى) دىن تەركىپ تاپقان غايەت زور «قىزىل ئەجدەرھا سىياقىدىكى ترويا پويىزى» نى چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى .
5. ئىرقىي قىرغىنچلىق كۈنتەرتىپى ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى:
«دوستتىن كەلگەن خىيانەت، دۈشمەندىن كەلگەن شەپقەت ئادەمنىڭ قەلبىنى يېرىۋېتىدۇ.»
– جالالىددىن رۇمى

1944 -يىلى 23 – فېۋرال ۋە 2018 – يىلى 23 – فېۋرال قانداق كۈن؟

1944 ـ يىلى 23 ـ فېۋرال ئانا ۋەتىنىدىن يىراق سىبىرىيە ۋە قازاقىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان چېچېن، ئىنگۇش خەلقلىرىنى چوڭقۇر قايغۇ بىلەن ياد ئېتىمىز! شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ئەربابلىرى ۋە لىدېرلىرىدىن بۇ قاباھەتلىك تارىختىن توپتوغرا 75 يىل كېيىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىر شەكىلدە ئىككى مىليون كۇۋادرات كىلومېتر بىپايان ۋەباياشات ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان «سۈرگۈن قىلىش باھانىسىدە ۋەتىنىدىن ئۇزاق جايلاردا جىمجىت يوق قىلىۋېتىش سۇيقەستى» گە قارشى جىددىي تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بۇنداق قاباھەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتىلىنىشىنى توسۇشقا چاقىرىمىز. ۋەزىپىمىز بەكلا مۈشكۈل. 10 مىليوندەك قاۋۇل ۋە تېمەن ئەر كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان مىللەتنىڭ غول كۈچلىرى ئۆز ۋەتىنىدىكى جازا لاگىرلىرىدا جان تالاشماقتا. بۇندىن باشقا ئالاھىدە تاللىۋېلىنغان ئىككى مىليوندەك قاۋۇل ۋە ساغلام ياشلىرىمىز 2018 – يىلى 23 – فېۋرال كوللىكتىپ ھالدا خىتتاينىڭ يىراق ئۆلكىلىرىگە مەخپىي توشۇپ كېتىلدى. ھازىرچە ئۇلارنىڭ ئاساسەن مانجۇرىيە، كەڭسۇ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى ۋەھىمىلىك تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇلار بىزنىڭ بارلىقىمىز! ئۇلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالايلى! ئۈنۈملۈك چارە تېپىپ چىقايلى! قۇدرەتلىك رەببىمىز ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!

(2) چېچىن – ئىنگۇش چوڭ سۈرگۈنى بىلەن ئۇيغۇر چوڭ سۈرگۈنىدىكى ماھىيەتلىك پەرقلەردىن بىرى

چېچىن ۋە ئىنگۇشلار ھەر ھالدا يۇرتىدىن يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىنغان. جاپالىق بولسىمۇ، ئۇلار ھەر ھالدا ئەركىن ھەرىكەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىپ بولسىمۇ روھىنى تېخىمۇ كۈچەيتەلىگەن. ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزگە ئۆز ۋەتىنى تۈرمە ۋە جەھەننەم بولدى. ئۇلار چېچىنلەردەك ئازراق ئەركىنلىكتىنمۇ مەھرۇم قىلىندى. ئاچچىقىنى چىقىراي دېسىمۇ ئامالى يوق. ئەكسىچە تۈرمىلەر ۋە جازا لاگىرلىرىدا سېستىمىلىق روھىي ۋەپىسخىك زەربىلەرگە، قاتمۇ – قات چىدىغۇسىز خورلۇقلارغا ئۇچرىماقتا. ئۇلار «مېنى ئېتىۋەت!» دەپ يالۋۇرۇپمۇ بۇ ئازاپتىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق ئادەم قىيناش ئۇسۇلى دۇنيادا پەقەت خىتاي باندىتلار ۋە كىم بودەك ھاكىمىيىتى تەۋەسىدىلا بار بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرى كىم جەمەتىنىڭ روھىي جەھەتتىكى قىيىن – قىستاقلىرىنى نەچچە ئاي تېتىپ باققاندىن كېيىنلا يېرىم ساراڭ، يېرىم ئۈسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز بەش يىلدىن بېرى كىم جەمەتىنىڭ ياۋۇزلىقىدىنمۇ ھەسسىلەپ ئېغىر بولغان خىتاي باندىتلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن – قىستاقلىرى ئىچىدە ئىڭرىماقتا. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاھۇ – زارى تاشقى دۇنياغا يېتەرلىك ئاڭلانمايۋاتىدۇ. پەلەستىنلىكلەر بۇ جەھەتتە خېلىلا تەلەيلىك. ئۇ يەردە ئېتىلغان بىر تال تاش، يېرىلغان بىر پېشانىمۇ شۇ ھامان پۈتۈن دۇنيا مېدىيالىرىنى قاپلىيالايدۇ.

ھەر ھالدا غەيرەتلىك خەلقىمىز ئۆتكەن يىلى 18 – دېكابىردا بىر نەچچە ئوت يۈرەك پەرزەنتلىرى باشلىغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتىنى خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى بىر ئۇسلۇپ ياراتتى. قىسقىلا بىر ئايدا بۇ ھەرىكەت پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كېڭەيدى.

بىر قانچە كۈن بۇرۇن كانادادىن بىر ئەمەلىي قوللاش ۋە دەستەك كەلدى. 2021 – يىلى 22 – فېۋرال، يەنى كاۋكاز چوڭ سۈرگۈنىنىڭ 76 يىللىقى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغىلى بەش يىل بولاي دېگەندە كانادا پارلامېنتى تولۇق ئاۋاز بىلەن ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى. خىتاي باندىتلارنىڭ 33 كۈندىن بېرى مايك پومپيۇنى تولا تىللاپ ۋە قارغاپ كېتىشىدەل مۇشۇنداق خەتەرلىك ئاقىۋەتتىن قورقۇشتىن كېلىپ چىققانىدى. چۈنكى مەيلى چوڭ دۆلەت، ياكى كىچىك دۆلەت بولسۇن، بىرسىدىن ئاۋاز چىقسىلا، خىتاي باندىتلار قالغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بەس – بەستە ئاۋاز چىقىرىپ، بىردىنلا جاۋاپكار ۋە جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى. مانا ئەمدى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئامېرىكىدىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى كانادادىن ۋە ياۋرۇپانىڭ مۇھىم دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان گوللاندىيەدىن سادا چىقتى. تۈركىيە تارىخىغا چوڭ بىر ئار – نومۇسلۇق داغ چۈشتى. بۇ قېتىمقى پۇرسەت يەنە ئۆتۈپ كەتتى. تۈركىيە تەرەپ پەقەت تاشقى ئىشلارمىنىستىرىنىڭ ئاغزىدىن «ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز» دەپ تېخىچە قاراپ تۇرغانلىقىنى سىلىق ئىپادىلىدى. ئىككىنچى پۇرسەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچلىقنى كېيىنكى قەدەمدە كىم ئېتىراپ قىلىدۇ؟! نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ شەرمەندە بولۇۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى ئاخىرقى پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويسا، رەئىس ئەردوغاننىڭ پەلەستىن ئارقىلىق تاپقان ئىناۋىتى، دۆلەت باھچېلىنىڭ قۇرۇق تۈركچىلىك شوئارلىرى ۋە پارتىيە قىممەت قاراشلىرى يەربىلەن يەكسان بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ تىز ۋاقىت ئىچىدە خەلقىمىزگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن. بۇ شەرمەندىلىك ۋە شەرەپسىزلىك كېيىنكى نۆۋەتلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە تارىخىنىڭ يۈزىدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس نومۇسلۇق پوزىستىيە سۈپىتىدە ئەبەدىي پۈتۈلۈپ قالىدۇ.

«ئىشلار ئاخىرلاشقاندا ئەسلەيدىغىنىمىز دۈشمەننىڭ بىزگە قىلغانلىرى ئەمەس، بەلكى دوستلارنىڭ ئىزچىلسۈكۈت قىلغىنىدۇر».

– بوسنىيە رەھبىرى ئەلى ئىزززەت بىگوۋىچ

قوشۇمچە مەزمۇنلار:

بالقان ئۇرۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن بىر قىسىم ئۈزۈندە

ياپونىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئوئىشى چىرۇ يازغان «قەشقەردىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدە شۇنداق يازغان: «1913 – يىلى ئىيۇلدا ئەدىرنەنىڭ ئەنۋەر پاشا قولىدا بۇلغارلار ئىشغالىيىتىدىن ئازات قىلىنغانلىق خەۋىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى بايرام سۈپىتىدە تەنتەنىلىك ۋەداغدۇغىلىق خاتىرىلىگەن».

1914 – يىلى يانۋاردا غۇلجىدىن مۇز داۋان ئارقىلىق ئالتە شەھەرگە زىيارەتكە كەلگەن «ئۇيغۇر بالىسى – نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوف» مۇنداق دەيدۇ: «مۇز داۋاندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، يالاڭئاياغ، كىيگىدەك كىيىمىيوق يوقسۇللار ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جېنىنى دوغا تىكىپ، مۇز داۋاندىن ئىلىغا ئاقماقتا. ئەجەبا بالقان ئۇرۇشى *ئالتە شەھەرگە قەدەر تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ ياق، چۈنكى بۇ يەردە بالقانلىقلارنىڭ تەقدىرىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بىر تەقدىر بار. ئۇ بولسىمۇ نامراتلىق. نامراتلىق بۇ ئەزىز مىللەتنىڭ ئىلىم – مەرىپەت ۋە ھۈنەر – سانائەت بىلەن قوراللىنىپ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان».

دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى ئوسمانىلارغا 10 مىليون دوللار ياردەم قىلىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى مۇز داۋاندا قاتتىق سوغۇق ۋە يوقسۇزلۇق دەستىدىن تۈركۈملەپ قىرىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئەمما بۈگۈنكى ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ۋە ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى دۇنيانىڭ ئالدىنقى 20 دۆلەت ئىچىگە كىرەلىگەن ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارچىلىك مەرتلىك ۋە جەسۇرلۇق قىلالمايۋاتماقتا.

**بالقان ئۇرۇشى

1912 – 1913 – يىللاردا ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ھەر قايسى بالقان دۆلەتلىرى ئارىسىدا بولغان ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا بالقان مۇسۇلمانلىرى كۆپ قىرغىن قىلىنىپ، ئاخىرى قالدۇق مۇسۇلمانلار كەڭ كۆلەمدە ئاناتولىيەگە كۆچۈپ كەتكەنىدى. شۇ جەرياندا يول ئازابىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن مۇزداۋاندىكى ھايات قېلىش يولىدا قاتتىق يوقسۇزلۇقتىن، سوغۇقتىن ئۆلۈك ئۇيغۇرلار سېلىشتۇرما قىلىنغان.

خۇلاسە

1919 – يىلى ئابدۇقادىر داموللام يىللار بۇرۇن خۇلاسىلەپ چىققان مۇنۇ ھەقىقەتنى ئۇيغۇر مىللىتىگە قايتا تەقدىمقىلىپ، «چۈشكۈنلۈك يولىدىن گۈللىنىش يولىغا چاقىرىق قىلىدۇ.»

«1 – ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىنىڭ مەنبەسى نېمىدۇر؟

جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر! جاھالەت ۋە نادانلىق، تەپرىقە ۋە ئىختىلاپتۇر!

2 – ئىززەت – ئابرۇي ۋە كۈچ – قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟

جاۋاپ: ئىلىم – مەرىپەت ۋە ھۈنەر – سانائەت بىلەن بولۇر!

چوڭ كاۋكاز سۈرگۈنىنىڭ 77 يىللىق خاتىرە كۈنى، چوڭ ئۇيغۇر سۈرگۈنىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنى ۋە بالقان ئۇرۇشىدا يېڭىلىۋاتقان ئوسمانىلارغا ياردەم قىلغانلىقىمىزنىڭ 109 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top