تۈرك كۈلتۈر دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكىرى مۇزىكىسى
دوكتور ھاشمەت ئالتۇنئۆلچەك
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق
تەھرىر: مىھراي ئوسمان
قىسقىچە مەزمۇنى: تۈرك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ھەربىي مۇزىكىنىڭ تۇنجى بارلىققا كېلىشى ئىسلاميەتتىن بۇرۇنقى تۈرك دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھەربىي مۇزىكىسىغا، ئىلگىرىكى تۈرك دۆلەتلىرى بولغان ھون ۋە كۆكتۈركلەرگە ئوخشاش تۇغ مۇزىكىسى دەپ ئاتالغان. تۇغ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك ھەربىي مۇزىكىنىڭ تۇنجى ئىسمىدۇر. تۇغ، بايراق ۋە دۇمباق كونا تۈرك دۆلەتلىرىدە مۇستەقىللىق ۋە ھوقۇق گۇۋاھنامىسى دەپ قارالغان، دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمىغا ئايلانغان. تۇغ گۇرۇپپىسى كېيىنكى تۈركىيە دۆلەتلىرىنى ئىلھام مەنبەسى بولۇپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ تەشكىللىش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ھەربىي مۇزىكا، بايراق، دۇمباق، خاقان.
قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار مىلادىيە 744-يىلى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورخۇن ، سېلېنگا ۋە تولا دەرياسى رايونىدا قۇرۇلغان. تۇڭ باغا تاركان دەۋرىدە خىتاينىڭ سۇيىقەستلىرى سەۋەبىدىن ئاجىزلاشقان ئۇيغۇر دۆلىتى 840-يىلى قىرغىزلار تەرىپىدىن پارچىلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كەڭسۇ رايونىدا كەڭسۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى (سېرىق ئۇيغۇرلار) قۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچە قىسىمى ئىچكى ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ، بەشبالىق ( ھازىرقى جىمسار)، تۇرپان ۋە تەڭرى تېغى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان (تۇرپان | قوچۇ) ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مۇھىم قىسىمىدا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ئۇ يەنە كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ ئىزباسارىدۇر. شۇڭلاشقا، ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن كۆپ دۆلەت قۇرغانلىقنى كۆرەلەيمىز.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى 1206-يىلى قارا خىتايلارنىڭ ، 1209-يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. موڭغۇل ئىمپېرىيەسىدە مۇھىم مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئۇيغۇرلار، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتە موڭغۇللارغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى موڭغۇللارنىڭ رەسمىي تىلى قىلغان. ئۇيغۇرلار بۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدۇ.
ئۇيغۇرلار كۆچمەنلەر تۇرمۇشىدىن ئولتۇراقلاشقان تۇرمۇشقا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئىلگىرىكى تۈرك دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش مۇزىكا سەنئىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى ، كۆك تەڭرى دىنى ۋە مانى دىنى قاتارلىق دىنىي ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلغان.
ھەربىي مۇزىكا ھونلار ، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىدە تۇغ مۇزىكىسى دەپ ئاتالغان. ئارغامچا ، بايراق ۋە دۇمباق كونا تۈرك دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىللىق ۋە ھوقۇق گۇۋاھنامىسى دەپ قارالغان. قەدىمقى تۈرك خاقان يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قوماندانلىرىغا ۋە بەگلىرىگە بەلگىلىك بىر ساندا تۇغ بېرەتتى . شۇڭلاشقا ، «ئۈچ تۇغ تۈرك قەۋمى» گە ئوخشاش ئىدىيوملارنى خىتايچە ۋە تۈركچە مەنبەلەردە دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. تۈرك قاغاندىن تۇغ ئالغان قەبىلىلەر بۇنى باشقا قوشنىلىرىغا قارىغاندا ئەۋزەللىك ۋە ئىمتىيازنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوللانغان. بۇنىڭدىن باشقا ، خاقاننىڭ تۇغنى ئەۋەتىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇشى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ خان بولۇشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. تۇغ سۆزى يەنە چالغۇ دېەەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدىغان بۇلوپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك ھەربىي مۇزىكىسىنىڭ تۇنجى ئىسمىدۇر. تۇغ گۇرۇپپىسىنىڭ ھەسسە سانى ھۆكۈمدارنىڭ كۈچىنى ئىپادىلەيتتى. باشقىچە ئېيتقاندا ، ئەگەر ھۆكۈمدار ئۈچ تۇغ ئىشلەتسە ، تۇغ گۇرۇپپىسىنىڭمۇ ئۈچ ھەسسە بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ، تۈركلەردە بۈيۈك گېنېراللارغا، ۋەزىرلەرگە، خاقاننىڭ خاتۇنلىرىغا ۋە قاغاندىن كىيىن كەلگەن يابغۇلارغىمۇ دۇمباق بىلەن بايراق بېرىلەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى خاقاننىڭكىدىن ئېشىپ كەتمەيتتى ئۇيغۇر تۇغ گۇرۇپپىسىدا دۇمباقتىن باشقا ھەر خىل پۈۋلەپ چالىدىغان ئەسۋابلىرىمۇ بار ئىدى.
تۇغ، ئۇچ قىسمىغا ئازراق ئات قۇيرۇق قىلى باغلانغان بىر نەيزىگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. تۇغ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خاقان ۋە خانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئىسلامدىن بۇرۇنقى تۇغلارنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن بۆرىنىڭ بېشى تاقىلاتتى. كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە ، تۇغلارنىڭ بېشىدا ئاناتولىيە سەلچۇقلىرىىنىڭكىگە ئوخشاش بەزىدە كۈمۈش ھىلال ئاي بار ئىدى ، بەزىدە ھېچ نەرسە يوق ئىدى.
تۇغ دېگىنىمىز ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە خاننىڭ ئالدىدا چېلىنغان ناغرا ۋە دۇمباق ، قاراۋۇل دۇمبىقى مەنىسىگە كېلىدۇ . «خان تۇغ ئۇردى»، «خان نۆۋەت دۇمبىقىنى ئۇردى.» دېگەن مىسال بىلەن تۇغقا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. تۇغ سۆزىنىڭ باشقا مەنىلىرى بارلىقىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۈگۈن بىزگە كەڭ تونۇلغان تۇغ يەنە «دىۋانى لۇغەتىت-تۈرك» تە، ئالەم «توققۇز تۇغلۇق خان، خاقان» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. تۇغنىڭ باشقا مەنىلىرىمۇ بار: توسما ياكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ تۇۋىقى.
تۈركلەرنىڭ چۈشەنچە ۋە سوتسىيال تەرتىپىدە يەتتە رەقىمىنىڭ مۇھىم بىر يېرى باردۇر ۋە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر ساندۇر. ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنقى كۆكتۈرك دۆلىتىدە قاغانغا ئائىت تۇغ گۇرۇپپىلىرى يەتتە قاتلام قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كېيىن توققۇز قاتلاملىق گۇرۇپپىغا ئۆزگەرتىلگەن، چۈنكى قەدىمقى تۈركلەردە ئاسماننىڭ توققۇز قات ئىكەنلىك ئېتىقادى كەڭ تارقالغان ئىدى.
ھاكىمىيەت دائىرىسى قانچىلىك كەڭ ياكى سالاھىيىتى قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر خاقان توققۇزدىن جىق تۇغ ئىشلىتەلمەيتتى. چۈنكى توققۇز رەقىمىنىڭ ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىق چۈشەنچىسى بار ئىدى . بۇ ئامەت ئېلىپ كېلىش چۈشەنچىسى، توققۇزنى قۇتلۇق ۋە مۇبارەك بىر سان ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن. تۇغلار «بارچىن» ئىسمى بېرىلگەن رەختتىن ياكى ئاپلىسىن رەڭگىدىكى يىپەكتىن ياسىلاتتى. بۇ رەڭلەرمۇ ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان رەڭلەر ھېساپلىناتتى. پۈتۈن بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ ھېساپلانغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگە كۆچكەن ئوغۇزلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىق سىمۋولى دۇمباق ۋە بايراق ئىشلىتىش تۆرەسى، پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە يېيىلغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن توققۇز رەقىمى، ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ كۆرۈلگەن. ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ مەخسۇس مەھتەر گۇرۇپپىسىمۇ توققۇز قاتلام ئىدى. يەنى بىر چالغۇ قانچىلىك بولسا مۇزىكىچىلار شۇنچە قاتلام ئىدى. قات سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى، پادىشاھقا مەخسۇس بولغان مۇزىكا گۇرۇپپىسى ئىدى. بۇ مۇزىكىچىلارغا، ياۋۇز سۇلتان سەلىم ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىن باشلاپ «مەھتەرانى تابلى ئالەمى ھاسسا» دەپ ئىسىم بېرىلگەن.
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈركلەردە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ۋە ئاخىرلىشىشى بىلەن خاقاننىڭ قۇرۇلتايغا كىرىش جەريانىدا دۇمباق چىلىنىپ تۇغلار تىكىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغ گۇرۇپپىسىنىڭ «تۇغ ئۇرۇشى»، بىر ئۇرۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇرۇشقا ماڭغاندا ۋە ئۇرۇشتىن قايتقاندا چېلىناتتى. بۇ تۆرە، تۈركلەرنىڭ دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ ئايرىلماس بىر بىر پارچىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ۋەقەلەر ۋە ياكى پەرقلىق ئەھۋاللاردا، دۇمباق بىلەن بىللە باشقا مۇزىكا ئەسۋابلىرىمۇ خەۋەر بېرىش ئۈچۈش ئىشلىتىلەتتى. ئىگىلىك ھوقۇق ۋە كۈچنىڭ تەمسىلى بولغان بايراق ۋە دۇمباقنىڭ قولدىن كېتىشى بولسا، ئىدارە ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.
قەدىمقى تۈركلەر ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ قارالغان بايراق بىلەن دۇمباق ئىككىسى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، تۇغ دەپ ئاتىلاتتى ۋە تۇغنىڭ چىقىرىلىپ لەپىلدىتىلىشىمۇ ئۇرۇشنىڭ خەۋەرچىسى ھېساپلىناتتى . ئۇرۇشنىڭ خەۋەرچىسى بولغان تۇغنىڭ ئېچىلىپ لەپىلدىتىلىش ئەنئەنىسى ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ بار ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتىدە ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا شەرەپلىك بايراق توپكاپى سارايىدا مەھتەر گۇرۇپپىسى ھەمراھلىقىدا كەلتۈرۈلۈپ تىكىلەتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان بولاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەتنىڭ بايرىقى ئەتراپىدا توپلىنىشى دېگەن مەنانى بىلدۈرەتتى. تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھاكىمىيەت سىمۋولى بولغان دۇمباق ۋە بايراق ئىشلىتىش ئۇسۇلى، تۈركلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسلام ئالىمىدە كەڭ تارقالغان. تۈركلەر قۇرغان ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇ كونا ئەنئەنىنى داۋام قىلدى.
11. ئەسىردە مەھمۇد قەشقەرىيمۇ تۇغنى «دۇمباق ۋە ناغرا» دېگەن . بىنىڭدىن باشقا بىر ئېنىقلىما بېرىلمىگەن ۋە باشقا مۇزىكا ئەسۋابلىرى ھەققىدىمۇ توختالمىغان. پەقەت تۇغنىڭ ئىككىنچى ۋە ئەسلى مەنىسى ، «بايراق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. چىڭگىزخانمۇ كېچە بەكچىلىرىگە بەرگەن بۇيرۇق ۋە قائىدىلەردە، خاقانلىق چېدىرى ئالدىدا تۇغلار بىلەن دۇمباقلارنىڭ قوغدىلىشىنى بۇيرۇق قىلغان. يەنى تۇغ بىلەن دۇمباق، بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغان ئىككى دۆلەت سىمۋولى ئىدى.
تۇغ سۆزىنى ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن بۇرۇنقى تۆتىنچى ئەسىردە ياشىغان، تۈرك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان ۋە خاقانلىق تىلى تۈركچە بولغان ھىئۇڭنۇ (ھۇن) دۆلىتىدە كۆرەلەيمىز. سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل مۇناسىۋەتلەر ۋەسىلىسى بىلەن خىتاي يىللىقلىرىدا ھون تىلىدا تېپىلغان «تەڭرى، قۇت، ئەسكەر، تۇغ، قىلىچ» قاتارلىق ئىپادىلەر تۈركچە سۆزلەر بولۇپ، تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۆزلىرىنى تەشكىل قىلماقتا.
سەككىزىنچى ئەسىردە يېزىلغان ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى ۋە «مويۇنچۇر» مەڭگۈ تېشىدا كۈلپۈگە ۋە تۇغ چالغۇلىرىنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان . يېزىقلاردا تىلغا ئېلىنغان «تۇغ ئەترىتى» ، «بايراق ئەترىتى» بىلەن ئوخشاش مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئوخشاش مەنبەدە، تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇغ ئەترىتىدە يەر ئالغان چالغۇلارنىڭ تۆۋەندىكىچە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز: زۇرنا، سۇناي، كاناي ياكى بۇغ (كاناي، نەفىر)، ناغرا، دۇمباق ۋە چەڭ. بۇ چالغۇلاردىن ئۇيغۇر زۇرنىسى، بۇرۇنقى زامانلاردا چوڭ ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، كىيىنكى زامانلاردا بولسا ئۆرۈك ياغىچى ۋە مىستىن ياسالغان پۈۋلەپ چالىدىغان بىر چالغۇدۇر.
خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسەن، مىلادتىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردە خىتاي بىر گېنىرال سىياسىي بىر ۋەزىپە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۇچا، بالاساغۇن قاتارلىق مۇھىم مەركەزلىرىدە ياشايدىغان تۇرك ھۆكۈمدارلارنىڭ سارايلىرىدا زىيارەت قىلغان. گېنىرال دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن تۈركلەردىن ئالغان چالغۇلار بىلەن سارايدا تۇغ ئەترىتى قۇرغان. خىتاي گېنىرالىنىڭ دۆلىتىگە ئېلىپ كەلگەن سازلار ئىچىدە «ھوۋ كيا» دەپ ئىسىم بەرگەن بوينى ئالدىغا ئىگىك ، تۈشۈك پەردىلىك، ناھايىتى گۈزەل ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋە كاناي شەكلىدە ئىكەنلىكى بۇ مەنبەدە تىلغا ئېلىنغان.
كۆكتۈركلەردە بولغىنىدەك كىيىنكى تۈرك قاغانلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ دۇمباق چېلىنغانلىقى بىلىنمەكتە. ئىبنى خالدۇن، تۈرك دۆلەتلىرىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا بىر تۇغ ۋە بايراق ئېلىپ مېڭىلىدىغانلىقىنى، بايراق سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، دۇمباق ۋە ناغرىنىڭ تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەسكىرى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاساسى چالغۇسى دۇمباق ئىدى، نۆۋەت ئەنئەنىسىمۇ دۇمباق ۋە ناغرىنىڭ چېلىنىشىدۇر. نۆۋەت ئەنئەنىسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھونلاردا بولغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. مەھمۇد قەشقەرىيمۇ ھۆكۈمدار ئالدىدا چېلىنغان ناغرا ۋە دۇمباققا «تۇغ» دېيىلىدىغانلىقىنى، «خان تۇغ ئۇردى.» ئىدىيومىنىڭ قوللىنلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ «ھۆكۈمدار نۆۋەت چالدى.» دېگەن مەنىگە كېلىدىغانلىقى ئېيتقان. ئۇيغۇر دۆلىتىدىمۇ بۇرۇنقى تۈرك دۆلەتلىرىدە بولغىنىدەك نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئەنئەنە ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ كۆرۈلمەكتىدۇر.
نەۋبەت (نۆۋەت، ناۋبا، نائۇبات) سۆزى، لۇغەتتە «دەۋر ، پۇرسەت، توپلۇم، ئاپەت» ۋە «ئەسكىرى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ چېدىرى ئالدىدا دۇمباق ئۇرۇپ چېلىنغان مۇزىكا» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. تۈرك كۈلتۈرىدە مۇھىم بىر يەرگە ئىگە بولغان نەۋبەت چۈشەنچىسى ئويغۇتۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، خەۋەر بېرىش ۋە زامان پەرقى قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسىدۇر.
قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش ۋە چوڭ مۇراسىملاردىن بۇرۇن خانلىق چېدىرى قۇرۇلاتتى، تۇغ تىكىلەتتى ۋە دۇمباق چېلىنىشقا باشلىناتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن «تۇغ ئۇرۇلدى.» ئىدىيومى «خانلىق دۇمبىقىنىڭ چېلىنىشى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر خاقانىمۇ ئۇلۇغ، تاللانغان، مۇقەددەس كىشىدۇر. ھەر كۈنى نەۋبەت چېلىنىشى، ئۇيغۇر خاقانىنىڭ مۇقەددەسلىكى، سالاملىنىشى ۋە كۈچلۈكلۈكىنىڭ نامايەندىسى قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قەدىمقى تۈركلەر، تەڭرىگە ئات قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئاتنىڭ قىللىرىنى تۇغلىرىدا ئىشلىتەتتى. بەلكى تۇغنىڭ مۇقەددەس دەپ قارىلىشىنىڭ يەنى بىر سەۋەبى بۇ بولۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار، قۇربان قىلىنغان بىر ئاتنىڭ قىللىرىنى ساقلاپ قويۇشنىڭمۇ كىشىگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. كۈنىمىزدە بۇ ئادەت داۋام قىلماقتا، ئاتنىڭ تاقىسىنى ساقلاپ قويۇش ۋە ياكى ئۆيىنىڭ بىر يېرىگە ئېسىپ قويۇشنىڭ، ئۇ ئۆيگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تۈركلەر ياشىغان پۈتۈن جايلاردا ئىزىنى قالدۇرۇپ ماڭغان، مەدەنىيەت تارقىتىش جەريانىدا ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دائىم جانلىق ۋە تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار دەۋرىدە مۇزىكا، كۆكتۈركلەر دەۋرىگە قارىغاندا ھەر تەرەپتىن تېخىمۇ بەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ ئومۇمىي خەلق ۋە شەخسىنىڭ ھاياتىدا، دىن ۋە دۆلەت مۇراسىملىرىنىڭ، بايرام، مەشرەپ ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ، كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر قىسىمى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار، تۈرك مۇزىكا مۇڭى (خەلق ناخشىسى) بىلەن ئوخشاش مەنىدە «كۆك» سۆزىنى قوللانغان.
ئالتۇن دۇمباق قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا « ئالتۇن كۆۋرۈگ» دەپ يېزىلغان. بۇ بىر سەلتەنەت ناغرىسى ۋە دۇمبىقى بولشى مۇمكىن. شامان دۇمبىقى بولسا چوڭ بىر داپ بولۇپ، بىر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا شۇنداق دېيىلگەن ؛ «…ئالتۇن دۇمباقنى، ھەركۈنى مۇشۇنداق ئۇرۇپ توقماقلاپ…» بۇ جۈملىدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتتا ئالتۇن دۇمباق چېلىنىدۇ. بۇ يەردە دۇمباقنىڭ چەمبىرىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغانلىقى ياكى ئالتۇن بىلەن قاپلانغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. دۇمباقنىڭ چېلىنىشى بولسا «نەۋبەت» بىلەن ئوخشاش دەپ تەبىر بېرىلسە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار مۇھىم ۋەقەلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالتۇن دۇمباقنى ئىشلىتەتتى. چۈنكى ئالتۇن بىلەن ياسالغان دۆلەت زۇرنالىرى ۋە ياكى دۇمباقلار قەدىمقى تۈركلەردە ، خاقاننىڭ كۈچىنى ۋە ھەيۋىسىنى تەمسىل قىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا دۇمباق قۇياشنىڭ سىمۋولى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ قارالغانلىقى ۋە دۇمباق بېرىلگەن ھۆكۈمدارنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىلەتتى. تۇغ بولسا ئەركىنلىكنىڭ تەمسىلى بولۇشتىن باشقا دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى تۆۋەنلىكنى ئايرىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى ۋە تۇتقان ئورنىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قوللىنىلغان.
چوڭ دۇمباقلار ۋە زۇرنالار ئەسىلىدە ئۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغان. تۇغلار ۋە بايراقلار بىرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئادەت خىتايدىمۇ بار ئىدى. بىر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەردە، مەنىلىك بىر تۈركچە بىلەن «ئۇتماق يىەەدمەلىك كۆۈرۈگ-ئۈگ» دېيىلىپ « بىر فەتىھ ۋە زەپەر دۇمبىقى» تىلغا ئېلىنغان. بۇ تېكىست داڭلىق بۇددا سەيياھى سۈ تاڭنىڭ سىاياھەتنامىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان. پەقەت خىتايچە ماتېرىياللاردا پەقەت دۇمباق دېگەن سۆز بار.
ئۇيغۇر تۈركلىرىدە ، «خوش جەۋەر» ۋە ياكى «زەپەر» دۇمنىقىغا «ئۇتماق يىگەدمەلىگ كۆۋرۈگ» دېيىلەتتى. قەدىمقى تۈركچىدە «ئۇتماق »، «يەڭمەك، غالىب كەلمەك» دېمەكتۇر. قۇتادغۇ بىلىگدە «ئۇتمۇش ئەر» دېيىلىدۇ . «ئۇتماق-يىگەدمەك» بىرلىكتە كەلگەن ئېدىيومدۇر. «يىگەدمەك»، ئەسلى مەنىسى بولغان ياخشىلىنىشنىڭ يېنىدا «يەڭمەك ۋە يۈكسەلمەك» دېگەن مەنەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
روگەر فىنچ ئۇيغۇر ھەربىي مۇزىكىسىدا ئىشلىتىلگەن دۇمباق چالغۇسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئۇلار كۈن ۋە كۈن ئۆتكەنچە، دۇمباق چالىدۇ، بۇ ئادەت بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.»، « ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى شەپەق چىققاندا شاھزادە كاليامكارا ئەڭ چوڭ دۇمباقنىڭ چېلىنىشنى ۋە نېمىلەر بولغانلىقىنىڭ خەۋەر قىلىنىشىنى بۇيرۇق قىلدى.» « ۋە ئالتۇن دۇمباق ھەر يېنىدىكى چىرايلىق نۇرلىرى بىلەن قۇياشتەك پارلىدى.»
تۇغ ئەترىتىدە قوللىنىلغان باشقا بىر چالغۇ قالۇن، (زۇرنا، كىيىنكى ۋاقىتلاردا سۇنايمۇ دېيىلگەن ) ئەڭ قەدىمقى پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇلاردىن بىرىدۇر. بۇ چالغۇ قەدىمقى دەۋرلەردە ۋەھشى ھايۋانلار ياكى قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسىلاتتى. قالۇن كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىستىنمۇ ياسالغان.
ئۇيغۇر تۇغ ئەترىتىنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىش، ھاياجانغا سېلىش، ئۇرۇشلاردا قارشى تەرەپنى قورقۇتۇش قاتارلىق روللىرىدىن باشقا، دۆلەت مۇراسىمى، كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ۋە خوش خەۋەرلەرنىڭ ئۇقتۇرىلىشى قاتارلىق نۆۋەت چېلىش ۋەزىپىسىمۇ باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە تۇغ ئەترىتىنىڭ نەۋبەت ئۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىۋېلىشقا بولىدۇ. تۈركلەرنىڭ خاقانلىق چۈشەنچىسى بىلەن بىرلەشكەن نۆۋەت، ھەر ۋاقىت ھۆرمەت ۋە دىققەت بىلەن تىڭشالغان. جاسارەتلىرنى دۇمباقنىڭ تىترەشلىرىدىن بىلىگەن ئاتىلىرىمىز، تاكتىكىلىرىنى دۇمباق بىلەن بىلدۈرگەن ۋە دۇمباقنى ئارمىيەنىڭ ئۈنۈملۈك بىر قورالى ئورنىدا ئىشلەتكەن.خاقان بولۇش، دۇمباققا ساھىپ بولۇش ۋە دۇمباقنىڭ ئاۋازى بىلەن دۆلىتىگە ھاكىمىيىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئوخشاش بولغان.
تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلىقىنى دۇمباق ۋە بايراق بىلەن بىلدۈرۈلۈش ئۇسۇلى، تۈركلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان. ئەسكىرى مۇزىكا ئەترىتى ئابباسىيلاردا ، خارەزىم شاھلىقلاردا، بۈيۈك سەلچۇق ئىمپېراتورلىقىدا ، ئاناتولىيە سەلچۇكلىرىدا، مەملۇكلاردا ۋە ئاناتولىيە بەگلەكلىرىدە كۆرۈلمەكتىدۇر . بۇ ئەنئەنە ئوسمانلى دۆلىتى ئىچىدە كېڭىيىپ، ئۆز ئالدىغا بىر قۇرۇلۇش سۈپىتىدە يۈز يىللارچە داۋام قىلغان. تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەتنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇش سۈپىتىدە بۇ تارىخ ئەنئەنە بۈگۈنمۇ داۋام قىلىنماقتا.
خۇلاسە
ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت تۇتىشىىنىڭ بىر بەلگىسى سۈپىتىدە تۇغ ئەترىتى، خاقاننىڭ شان شەرىپىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەرلەرنى قىزغىنلىق ئاشۇرۇپ جاسارەتلەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغ، بايراق ۋە دۇمباق قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىدە مۇستەقىللىق ۋە ھوقۇقنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان. ئەسكىرى مۇزىكا چالغۇلىرىدا بولغان دۇمباقمۇ ھەر دەۋردە مۇقەددەس دەپ قارالغان.
ئەسكىرى مۇزىكا، ئۇرۇشلاردا ئارمىيەنىڭ تەرتىپى ۋە ئىنتىزامى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋاستە بولغان. چۈنكى ئارمىيەنىڭ يولغا چىقىشى، ھەرىكىتى ،تەرتىپى ۋە ئەسكىرى تاكتىكىلىرى داۋاملىق دۇمباق چېلىنىش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. دۇمباقلارنىڭ ۋە زۇرنالارنىڭ كۆكنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشايدىغان قورقۇنچلۇق ئاۋازلار، دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش بىلەن بىرگە، تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ مىللىي تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرگەن. شۇ سەۋەپتىن، تۈركلەرنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولسا ئەسكىرى مۇزىكا جەھەتتىن كۈچلۈك بىر مىللەت بولىشىدىدۇر.
مەنبە:https://akademiye.org/tr/?p=4129 Türk Kültür Dünyasında Uygur Askerî Müziği