You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ۋە دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن – تېخنىكا مېدالى» غا ئېرىشتى

دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ۋە دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن – تېخنىكا مېدالى» غا ئېرىشتى

ئارىمىزدىن چىققان ياش ئىلىم-پەن خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەقدىرلەش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن «پەن-تېخنىكا مېدالى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2020-يىلى ئىچىدە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ھەمدە يېشى 40 تىن ئېشىپ كەتمىگەن ئۇيغۇر ياش تەتقىقاتچىلار نىشان قىلىندى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى ئارقىلىق، 2020-يىلىغىچە پەن-تەتقىقات ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، نۇقتىلىق ژورناللاردا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ياكى پاتىنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ياش پەن – تەتقىقاتچىمىزدىن دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ۋە دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن-تېخنىكا مېدالى» غا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى كومىتېتى نامىدىن دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ۋە دوكتور رۇقىيە مەتسىدىقنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئاكادېمىيە تەرىپىدىن مەنىۋىي ۋە ماددىي مۇكاپات بېرىش قارار قىلىندى. پات ئارىدا بۇ ئىككى ياش تەتقىقاتچىمىز ئىكران يۈزىدە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ ئىككى ياش تەتقىقاتچىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى كومىتېتى، 2021-يىلى 28-فېۋرال

تۆۋەندە دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ۋە دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

دوكتور ئەيساجان ئابىدىن

دوكتور ئەيساجان ئابىدىن، 37 ياش، تەتقىقات مۇتەخەسىسى. 2015-يىلىدىن بۇيان، بېلگىيە لۇۋېن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ (KU Leuven) كومپيوتېر بىخەتەرلىكى ۋە سانائەت مەخپىي-سىپىر ئىلمى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. دوكتور ئەيساجان ئابىدىننىڭ تەتقىقات دائىرىسى قوللىنىشچان مەخپىي سىفىرغا ئائىت بولۇپ، تورلاشقان ساھەلەر بىخەتەرلىكى، كىملىكنى ئىسپاتلاش، كۆپ تەرەپلىك ھېسابلاش دىگەندەك تېمىلارغا چېتىلىدۇ.

دوكتور ئەيساجان ئابىدىن باشلانغۇچ ۋە ئ‍وتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتى كورلىدا ئ‍وقۇغان. ئالىي مەكتەپنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، 2006- يىلى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى، شىۋېتسىيە چالمىرس ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىنژېنىرلىق ماتېماتىكا كەسپىنىڭ ماگېستىرانتلىقىنى تاماملىغان. ئۇ يەنە ئۆز كەسپىدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئوقۇپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا قەدەم قويىدۇ. دوكتور ئەيساجان ئابىدىن دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا شىۋىتسىيەدىكى لىنشۆپىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئۇچۇر كودلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى يۆنىلىشىنى تاللىغان بولۇپ، بىرقانچە يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە 2013-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، خەلئارادا ئېتىراپ قىلىنغان دوكتۇرلاردىن بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەيساجان ئابىدىننىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان يۈكسەك ئىشتىياقى ئۇنى بۇ نەتىجىلىرىدىن قانائەت ھېس قىلدۇرمايدۇ ۋە ئەيساجان بۇ يۈكسەك ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە، كەسىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغىچە ئىلىم تەھسىل قىلىشنى تاللايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەيساجان كەينىدىنلا چالمىرس ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆز كەسپى بويىچە بىر يىل دوكتور ئاشتىلىقتا بىلىم ئاشۇرىدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ. 2015-يىلى، دوكتور ئەيساجان ئابىدىن بېلگىيە لۇۋېن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ (KU Leuven) كومپيوتېر بىخەتەرلىكى ۋە سانائەت مەخپىي سىفىر ئىلمى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئالدى بىلەن دوكتور ئاشتىلىققا قوبۇل قىلىنىپ، كېيىن تەتقىقات مۇتەخەسىسىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ.

دوكتور ئەيساجان ئابىدىن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا، ئۆز خىزمىتىگە ئائىت 30  پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە  ئۈچ تەستىقلانغان پاتېنت ۋە بىر قانچە باھالىنىۋاتقان پاتېنتلارنى كەشپ قىلغان. ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدىن باشقا يەنە ماگىستېر ئاسپىرانتلىرىنىڭ تۆت پارچە ماقالىسىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە بىر دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەسىگە باھالىغۇچى بولغان. ئۇ ماگېستىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىش بىلەن بىرگە، دوكتورانتلارنى باھالاش كومىتىتېنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە. ئەيساجان ئابىدىن ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن يەنە، شىۋىتسىيە، بېلگىيە ۋە ئېرلاندىيەدىكى بىر قانچە شىركەتلەرنىڭ يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىغا ۋاقىتلىق مەسلىھەتچىلىك ۋە  شىۋىتسىيەدىكى بىر شىركەتنىڭ تېخنىكىلىق مەسئۇلى (CTO) قاتارلىق قوشۇمچە ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. ئەيساجان ئابىدىن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان Imec  شىركىتى  بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتلاردىن بىرى ئاچقۇچسىز كىرىش سېستىمىلىرىنىڭ (مەسىلەن، ماشىنىلارغا ئاچقۇچسىز كىرىش ۋە قوزغىتىش دېگەندەك) بىخەتەرلىكىگە ئائىت بولۇپ، ئىجات قىلغان سېستىما تۆۋەن ئېنىرگىيەلىك كۆك چىشقا (BLE) سەپلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇ تېخنىكا باشقا شىركەتلەرگىمۇ  سېتىلىپ ئۈنۈم ياراتماقتا.

دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق

دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق، 37 ياش، خېمىيە كەسپى تەتقىقاتچىسى. دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق گېرمانىيە كەمنىست تېخنىكا ئ‍ۇنىۋېرسىتېتى پولېمىر خېمىيەسى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، خوتەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار كەنتىدە ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتى كېرىيەدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2002-يىلى شىنجاڭ ئ‍ۈنىۋېرسىتېتى خېمىيە ۋە خېمىيە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ قوللىنىشچان خېمىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2007-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۆز ئىنىستىتۇتىدا ئىمتىھانسىز ماگىستېر ئاسپرانتلىقىدا ئۇقۇش سالاھىتىگە ئېرىشىپ، 2010-يىلى خېمىيە ۋە خېمىيە سانائىتى كەسپىدە ماگىستراتلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. رۇقىيە مەتسىدىق 2010-2012-يىلىغىچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مولىكۇلا بىئولوگىيەسى ۋە يەرلىك كېسەللىكلەر تەجرىبىخانىسىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق، ئۆز كەسپىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى قارار قىلىدۇ ۋە 2012-يىلى 9-ئايدا، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خېمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتور ئاسپرانتلىقىدا ئوقۇيدۇ. بىراق، ئۆزىنىڭ چەتئەلدە ئۇقۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسى بويىچە، جېجياڭدىكى ئۇقۇشىنى توختىتىپ، 2013-يىل 10-ئايدا گېرمانىيە Soft Matter Science IRTG پىروگراممىسىنىڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ فرايبورگ ئۇنىۋېرسىتېتى ماكرو مولىكۇلا خېمىيە ئىنستىتۇتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىق ئۇقۇشىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. رۇقىيە مەتسىدىقنىڭ دوكتورلۇق ئۇقۇشى جەريانىدىكى ئىجتىھادى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلىرى كەسىپداشلىرى ۋە دوكتور يىتەكچىسىنىڭ كۈچلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ جەرياندا رۇقىيە مەتسىدىق «ئامېرىكا خېمىيە جەمئىيىتى ژۇرنىلى»، «ئورگانىك خېمىيە ژۇرنىلى»، «ماتېرىيال خىمىيەسى» قاتارلىق خەلقئارادا يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئىلمىي ژۇرناللاردا 6 پارچە ۋە ھەمكارلىشىپ يازغان 5 پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىدۇ.

دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق دوكتۇرانتلىق ئۈنۋانىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، 2018-2019 يىلىغىچە ياپونىيە دۆلەتلىك  پەن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (RIKEN)  Emergent Matter پەن تەتقىقات مەركىزىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالاھىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان تەتقىقات فوندى (بىر مىليون ياپونىيە يېنى) غا ئېرىشىدۇ. دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق 2019 -يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا ۋاشىڭگىتون ئۈنىۋىرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، پىروفېسسور  Christine Luscombe نىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 2020-يىل 8-ئايدا، دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق يەنە گېرمانىيەگە قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top