You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى-16: كىتاب ئىشقى تاۋلاغان دوستلۇق

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى-16: كىتاب ئىشقى تاۋلاغان دوستلۇق

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون ئالتىنجى باب: كىتاب ئىشقى تاۋلاغان دوستلۇق

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئۇزۇن يىللىق ژۇرنالىست جەلىل تۇران،

ساھىبى نەشرىياتى تەكلىماكان؛

ئۇيغۇر كىتابچىلىقى مۈشكۈل ساھە،

ئۆكسۈتمەسلىك چۈن ئۇ بىر پىداكاران.

(“كاشغارىيە سەلكىنلەرى” 14-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

بىر ھەيت فاتىھەسىنىڭ خاسىيەتى

تەسادىپ بىر دوقمۇشتا ياكى مۇئەييەن بىر سورۇندا، ئۆز ئارا تونۇشۇپ قالىش، شۇ بىر تونۇشۇش بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ھەتتا ئۆمۈر بويى ئەسرارداش دوست بولۇپ ئۆتۈش ئىنساننى ھەمىشە ئاشۇ ئۇنتۇلماس ئۇچراشىشنىڭ ئەسلەمەسى بىلەن ئىپتىخارلاندۇرىدۇ، مەن ئابدۇلجەلىل تۇران ئەپەندى بىلەن، بىر قۇربان ھەيتنىڭ فاتىھەلەشىش سورۇنىدا، بىر كىتابنىڭ تەرجىمە ئىشى مۇناسىبەتى بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم.

ئۇ مىلادىيە 1998-يىلى، مەن قىرىق سەككىز ياشلىق ئابدۇرەئوپ پولات تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋەرسىتىتى چاغداش تۈرك لەھچەلەرى فاكۇلتەتىدە دوكتورانت، يەئنى دوكتور ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپرانت  ئوقۇغۇچى بولغان ۋاقتىم ئىدى. قۇربان ھەيتنىڭ ئىككىنجى كۈنى، ئىستانبۇل كادىكۆي (قازى كەنتى) دە ئولتۇرۇشلۇق پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىقنىڭ ئۆيىگە پە:تە (فاتىھە) ئوقۇشقا كەلدىم. پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىق ۋە گۈلزادە تەڭرىتاغلىقلار مەن مۇئەللىم بولغان بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ 1980-يىللىق قارارىدا ئوقۇغان پەشقەدەم ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى شاراپەتى بىلەن، گەپلەرىمىز تۈگەمەي، ئۇ كۈنى قونۇپ قالدىم. ئەرتەسى ئەرتەگەندىن باشلاپلا، ھەيتلىق فاتىھەچىلەرنىڭ ئاياغى ئۈزۈلمەي، ھەم مىھمان ھەم ساھىبخان ياردەمچىسى بولۇپ، داۋاملىق ئۆيدە تۇرۇشقا توغرا كەلدى. قوزا چۈشى ۋاقتى بولغاندا، ئۆيگە ئورتا بويلۇق، خۇشچىراي بىر كىشى فاتىھەلەپ كىرىپ كەلدى:

-قۇربان ھەيتىڭىزلەر مۇبارەك بولسۇن!

-ئۆزلەرىنىڭمۇ قۇتلۇق بولسۇن!

-بۇ بۇرادەرىمىزنىڭ ئىسمى جەلىل تۇران ھاجىم بولىدۇ،- دەپ تونۇشتۇردى ماڭا پەرھات ئىنىم ۋە ئارقادىنلا مەنى مىھمانغا تونۇشتۇرۇپ دەدى:  بۇ ئاكامىز بولسا، مەن سىلەگە گەپىنى قىلىپ بەرگەن ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم بولىدۇ.

-ماشاللاھ!

قەن-گىزەكلەر ۋە مول گۆش-بىزەكلەر بىلەن تولغان داستىخانغا باققاچ، مۇڭداشىپ قالدۇق.

-مەن تەخى ئۆزلەرىنى پەرھاتتىن سۈرۈشتۈرۈپ، قانداق قىلىپ كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم، مۇئەللىم،- دەدى جەلىل ھاجىم سەمىمىيەتلىك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،- مەندە، “ئەممە پارە تەپسىرى” دەپ ئاتالىدىغان، ئىلمى ئىسمى “تەفسىيرى ئانمە يەتەسەئەلۇن” دەيىلىدىغان بىر چاغاتايچە يازىلغان تەپسىر كىتابى بار ئىدى. ئەسلىدە، ئۇنى ھازىرقى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مۆھتەرەم ھاجى ياقۇپ ئاكامىزغا بەرگەن ئىدىم. بىرەر-ئىككى ئاي بولدى ھەرھالدا، بىر كۈنى ھاجى ئاكام تەلىفون قىلىپتۇ “چاغاتاي تىل-يازىقىنىڭ زاكا كەسىپ ئەھلى بولغان بىر مۇئەللىم كەلىپ قالدى تۈركىيەگە، ئىسمى ئابدۇرەئوپ پولات، بۇ كىتابنى شۇ مۇئەللىمگە تەرجىمە قىلدۇرساق” دەپ. مانا بۇ خاسىيەتلىك قۇربان ھەيتتا، مۇشۇنداق گۈزەل بىر سورۇندا سىلە بىلەن ئۇچراشىپ قالغانىمىزغا بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم.

– ئۆزلەرى بىلەن تونۇشقانىم ئۈچۈن مەنمۇ خوشالمەن ،- دەدىم جاۋابەن ۋە ھىچ ئىككىلەنمەيلا ئىپادە بىلدۈردۈم،- مەنىڭ چۈشەنچەمدە. كىتاب نەشىر قىلىش دەگەن خاسىيەتى كۆپ، جارىي ساۋاب ئىش، خىزمەتلەرى ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە، ھاجىم.

شۇ كۈنى چۈشتىن كەيىن، جەلىل ھاجىمنىڭ ئۆيىدە ھەيت فاتىھەسى قىلدىم. ئارالىقتا، ھاجىمنىڭ كىتاب نەشىرىياتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانىدىغان ئىشخاناسىنى زىيارەت قىلدىم. ئاللاھ كارامەت، نە قەدەر كۆپ كىتاب-ژۇرناللار-ھە؟! ھاجىمنىڭ بۇ  “تۇران كىتابلىقى” بىزنىڭ كافەدىرا ماتىرىيال ئۆيىمىزدىن ھىچ قالىشماغۇدەك ئىدى، ھەتتا، مەملىكەتتە چىقىدىغان مۇھىم ئۇيغۇرچە ژۇرناللارنىڭ كۆپ قىسمى تاپىلاتتى.

جەلىل ھاجىم شۇ كۈنى “ئەممە پارە تەفسىرى” ماۋزۇلۇق قوليازما كىتابنى قولۇمغا بەردى. ئارقادىن، مەنىڭ تەلەپىمگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تەپسىرشۇناسلىقى ۋە مەزكۇر قوليازما ئەسەرنىڭ ئىئتىقادلىق خەلقىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق تۇرمۇشىدىكى ئورنى ۋە رىئال قىممەتى ھەققىدە نىسبەتەن تەپسىلى چۈشەنچە بەردى. مەن شۇ چاغقىچە، لىۋانلىق بىلىم ئادەمى ئەلىي ھەسەن خەربۇتەلىي يازغان دىينىي ئىلمىي كىتاب “بەيتۇللاھنىڭ تارىخى” (تارىخۇل كەئبە)نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1994-يىل ئۈرۈمچى خەلق نەشىرىياتىنىڭ خەيرىخاھلىقى بىلەن نەشىر قىلدۇرغانىمدىن باشقا، مەخسۇس دىينشۇناسلىققا ياتىدىغان، خۇسۇسەن تەپسىرشۇناسلىققا تالىق بولغان ئەمەلىي تەرجىمە، تەتقىقات ۋە تەھقىقات ئىشلەرى بىلەن شۇغۇللانىپ باقماغانلىقىم ئۈچۈن، جەلىل ھاجىمنىڭ شۇ كۈنى بەرگەن چۈشەندۈرۈش ۋە تونۇشتۇرۇشلارى مەن ئۈچۈن تولامۇ قىممەتلىك بولغان تۇنجى دەرس بولغان ئىدى، دەپ خاتىرەلەيمەن.

مۇھەممەد زەرىف قارىھاجىم بىلەن “ئەممە پارە تەپسىرى” ئارقالىق مۇڭداشقاندا

شۇنداق قىلىپ، جەلىل تۇران ھاجىم ئەپەندى ئاتاقلىق مۇپەسسىر مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى تەرەپىدىن، ھىجرىيە 1344-يىل ماھى زۇلقەئدەنىڭ 21-كۈنى، مىلادىيە يىلى ھىسابىدا، 1926-يىل 11-ئاينىڭ 30- كۈنى روزى چاھارشەنبە، شەھىرى كاشغەردە يازىلغان “قۇرئان كەرىم ئايەتلەرىدىن ئەممە پارە تەپسىرى ” (قىسقارتىلماسى <ئەممە پارە تەپسىرى>)  ماۋزۇلۇق چاغاتاي ئۇيغۇرچە قوليازما كىتابنى چاغداش ئۇيغۇر تىل-يازىقىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، ماڭا بەردى. خوشالمەنكى، مەنىڭ ياڭى بىر ئەتىۋارلىق “مۇڭداشنامە”م بولغان بولدى.

مەن كىتابنى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭداشنامە دەپ ئاتايمەنكى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشىمەن، كىتابنى قولۇمغا ئالدىممۇ، مەن ئەمدى يالغۇز يەكانە ئادەم ئەرمەس، كىتابنىڭ ئاپتورى مەزكۇر كىتابى ئارقالىق مەن بىلەن مۇڭداشىدۇ، يازما قۇرلارى ئارقالىق، قەلەم ئىقتىدارىنى ماڭا نامايەن قىلىدۇ، ماڭا ئۆز كۆڭۈل-قارنىنى ئاچىپ كۆرسەتىدۇ، دەردىنى تۆكىدۇ، ئارمانلارىنى شەرھلەيدۇ. مەن بولسام، كۆڭلۈمگە ياققان قۇرلارىنىڭ ئاستىغا سىزىمەن، تەئسىرلەنسەم، خاتىرە يازىمەن؛ گاھ قوشۇمام تۈرۈلىدۇ، گاھ كۆڭۈلۈم ئاچىلىدۇ.

ئادەتتە، يازغۇچىمۇ شۇنداق، ئۇ قاراماققا يالغۇز ھالدا، يازىقچىلىق قىلىپ ئولتۇرغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇ قولىغا قەلەمنى ئالدىمۇ، شۇ ھامان ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم ھالەن ئورلاشىدۇ-دە، يازغۇچى شۇ ئادەملەر بىلەن قەلەم ئارقالىق مۇڭداشىدۇ، سۆھبەتلەشىدۇ.

راستىمنى دەسەم، “ئەممە پارە تەفسىرى” ناملىق مەزكۇر تەپسىر كىتابىنى تا شۇ چاغقىچە ھىچ كۆرۈپ باقماپتۇكەنمەن، مىڭ ئەپسۇس. كۆردۈم، قولۇمغا ئالدىم-يۇ، ئەسەر مەنى شۇ ھامان ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى گويا. شۇندىن كەيىن، رەتتىكى دوكتورانتلىق ئۆگرەنىش دەرسلەرىمدىن چۈشتۈممۇ، ئۇنى ئوقۇغۇم كەلىدۇ. بىر ئوقۇغىلى ئولتۇرسام، نە تاماق ۋاقتى ۋە نە ئىبادەت زامانى ئەسىمدىن كۆتۈرۈلۈپلا كەتىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە تۆرت سانتىمەتىر، كەڭلىكى 5.14 سانتىمەتىر، ھەر بەتكە يىگىرمە توققۇز قۇر خەت يازىلغان جەمئىي يەتتە يۈز ئوتتۇز بەش بەتلىك بۇ قوليازما ئەسەرنى ئارقا-ئارقادىن ئۈچ نۆۋەت ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن قولۇمغا تەئسىرات خاتىرە يازىش قەلەمىنى ئالدىم.

چوڭقۇر تەئسىراتىمچە، بۇ ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ ئىزاھلاغۇچى، چۈشەندۈرگۈچى، يەشىملىك شەرھلەگۈچى ئەسەرى ئىكەن. گەرچە بۇ ئەسەر قۇرئان كەرىمنىڭ يالغۇز ئوتتۇزىنجى پارەسىنىڭ تەپسىرى بولسامۇ، بۇ كىتابتا ئۆگرەتىلگەن بىلىك، يەئنى قۇرئان كەرىم ئايەتلەرىنى قانداق چۈشەنىش ھەققىدىكى ئىلم ھەر قانداق ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئۈچۈن، تولامۇ زۆرۈر، بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەن، دەپ قالدىم.

ئاندىن، ئاپتور مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى يالغۇز قۇرئان ئايەتلەرىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۇرىدىغان بىر مۇپەسسىرلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي تىل-ئەدەبىيات ئىلمىنى، دۆلەتشۇناسلىق ئىلمىنى، ھەتتا دۇنيا سىياسىي تۈزۈم نەزەرىيەلەرىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان كۆپ قىرلىق يەتىك ئالىم ئىكەن، دەگەن تونۇشقا كەلدىم. ئالايلۇق، ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىئتىقادلىق كەڭ خەلق ئامماسى بىلەن بولغان يەتەكلەش-يەتەكلەنىش مۇناسىبەتى چۈشەندۈرۈلگەن ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىپ كەلىپ مۇنداق يازغان:

“بۇ زاماندا، رۇسىيە پادىشاھلىقى زەمىنىدە مەيدانغا كەلگەن سوتسيالىزمچىلار گۇرۇھى ئۆزلەرىنى زەئىپ، بىچارە يوقسۇل ئىنسانلار (يەئنى پۇرۇلىتارلار) نىڭ تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ، گەرچە دىللارىدا ئۇنىڭدىن زەررەچىلىك ئىز-ئەسەر بولماسامۇ، تىللارىدا، ئاغىزىدا شۇنداق دەپ، پەقىرپەرۋەرلىكنى ئۆزلەرىگە شوئار قىلىش ئارقالىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزىنى ھەققانىيەت تەرەپدارى دەپ كۆرسەتمەكتە. مۇشۇ يول ئارقالىق، ئۆزلەرىنىڭ باتىل مەسلەكلەرىنى ھەقلىق ۋە ئادالەتلىك كۆرسەتىپ، ئۇنى پۈتكۈل يەر شارى (كۇررەئى زەمىن)غا ئىنتىشار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ۋاھالەنكى، ئۇ باتىللىقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغانلار مۇندىن ئون ئۈچ ئەسىر مۇقەددەم ئاللاھ تەرەپىدىن ۋەھى قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ نەقەدەر پەقىرپەرۋەر بولغانلىقىنى، پەقىر مىسكىن ئىنسانلار تەرەپدارى بولۇپ، ھەق تەئلىماتلار ئىنتىشار (تارقاتىش) قىلغانلىقىغا ئىنساپ نەزەرى بىلەن بىر قاراپ باقسۇن!

بۇ ھەق دىيننىڭ زەئىپ ۋە بىيچارە يوقسۇل ئىنسانلارنىڭ ھىمايەسى ۋە قوللاشى ئارقاسىدا، نەقەدەر ئادىل ھۆكۈملەر تەبلىغ قىلغانلىقىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلسۇن!

ئىسلام دىينىنىڭ زەئىپ ۋە يوقسۇللارغا بولغان تەرەپدارلىقى، قوللاشى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. ئەمما سوتسيالىزمچىلار گۇرۇھىنىڭ تۇتقان يولى بولسا، زۇلۇم، زومىگەرلىك ۋە ناھەقچىلىق ئۈستىگە بىنا قىلىنمىشتۇركى، ئەگەر بۇ گۇرۇھ ئۆز مەسلەكىنى ئىسلام تەئلىماتىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈزرە، يەئنى ئىسلام دىينىدا بۇيرۇلغان ھۆررىيەت يولىغا ماڭدۇرۇپ ئىجرا قىلسا ئىدى، بۇ ھالدا، ئۇلارنىڭ مەسلەكلەرى خۇددى ئۆزلەرى ئۈمىد قىلغاندىكىدەك جاھانشۇمۇل بولۇشى جەزمەن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ مەسلەكلەرى مۇنداق بولماي، زۇلۇم، زومىگەرلىك ۋە پۈتۈنلەي ناھەقچىلىق يولىدا ماڭىدىغان بولسا، ئۇلار ئاقىبەتتە، ھەر دىياردىن قوغلانىدۇ؛ ھەر بىر ھەققانىيەتچى ئىنساننىڭ نەپرەتىگە، قارغاشىغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز مەسلەكلەرىدىن ۋاز كەچمەسە، ئۇزاققا بارماي، زاۋاللىققا يۈزلەنىشى مۇقەررەردۇركى، ئاللاھنىڭ سۈننەتىگە چوڭقۇر مۇلاھىزە بىلەن نەزەر قىلغان ئىنسانلار بۇنىڭدا ھىچبىر شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ!” (ئالىندى: “ئەممە پارە تەپسىرى”، 154-بەت. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2010-يىل، ئىستانبۇل.)

نەمە دەگەن پاساھەتلىك، نەقەدەر يۈكسەك سەۋىيەلىك ۋە جاسارەتبەخش نوتۇق بۇ-ھە؟! مەن شۇ چاغقىچە، ئۆز ئولەمالارىمىزدىن بىر كىمنىڭ ئۆز تىلىمىزدا بايان قىلغان مۇنداق بىر سىياسىي نوتۇقىنى يا ئاڭلاپ، يا كۆرۈپ باقماپتۇكەنمەن. ھەقىقەتەن بەك تەئسىرلەندىم.

ئاندىن، مۇپەسسىر مۇھەممەد زەرىف قارىھاجىنىڭ بۇ تەپسىر ئەسەرىنى ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۇلاھىزەسى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي چۈشەنچەسى بىلەنلا يازماغانلىقىنى، بەلكى جاھان ئالىملارىنىڭ بولۇپمۇ، ياۋروپا ۋە ئامەرىكا ئەللەرىدىكى ئولەمالارنىڭ تەتقىقاتلارى ۋە  ئوبزۇر-باھالارى ۋە ئەمەلىي تەئسىراتلارىنى مىسال قىلىش ئارقالىق، ئىنچىكە تەتقىقات بىلەن ئۆز ھۆكۈملەرىنى ئاساسلاپ تۇرۇپ يازغانلىقىنى ئىدراك قىلدىم.

چۈشەنچەمچە، بۇ ھال مەزكۇر تەپسىر ئەسەرىنىڭ قىممەتىنى ھەسسەلەپ ئاشۇرغان، ئەسەرنىڭ ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن “شۇررىدە” ئەرىتىۋەتكۈدەك تەئسىرلىك چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرگەن. ئالايلۇق:

“ئىنگلىزچە «مائارىپ ئوكيانى» (مۇھىيتۇل مەئارىف)” ناملىق ژۇرنال مۇسۇلمانلىقنى تەتقىق قىلىپ يازغان بىر ماقالەسىدە مۇنداق دەگەن: مۇھەممەد (ئەلەيھىس سەلام)نىڭ ئىسلام دىينىنى نۇرلاندۇرغان قۇرئانىنىڭ ئايەتلەرى مىسلىسىز دەرىجەدە مۇكەممەل كامالەتكە يەتكەن ۋە ئىنتايىن مۇئەسسەر (تەئسىرلەندۈرەرلىك) دۇر. ئۇنىڭدا، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەخلاق قائىدەلەرى ئىپادەلەنگەن. ئەمما بۇ خىل قائىدەلەر بىر-ئىككى ئايەتلىك سۆزلەرگەلا يىغىپ (توپلاپ) قويۇلماغان، بەلكى بۇ خىل ئايەتلەر مۇسۇلمانلىقنىڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش بىناسىنى بىر ئالتۇن قەلئەگە ئوخشاش ئوراپ تۇرىدۇ. ئىنساپسىزلىق، يالغانچىلىق، ئاچكۆزلۈك، ئىسراپچىلىق، زىناخورلۇق، خىيانەتچىلىك، غەيۋەتخورلۇق قاتارلىق يامان ئەخلاقلار قۇرئان تەرەپىدىن ئەڭ شىددەتلىك رەۋىشتە ئەيىبلەنگەن ۋە قەتئىي چەكلەنگەندۇر. قۇرئان ئىنسانغا رەزىللىكنىڭ نەمە ئىكەنلىكىنى تونۇتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ياخشى نىيەتلىك بولۇش، باشقالارغا ياخشىلىق قىلىش، ئىپپەتلىك، ھايالىق بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، سەبرچان بولۇش، ئىقتىسادچىل بولۇش، توغرا-دۇرۇس بولۇش، تىنچلىقپەرۋەر بولۇش، ھەققانىيەتچىل بولۇش، ھەممەدىن تولاراق جانابى ھەققە تايانىش، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھقا ئىتائەتمەن بولۇش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ مۇسۇلمانلىق نەزەرىدە، ئىيماننىڭ ئاساسى، ھەقىقىي مۆئمىننىڭ شەرەپلىك سۈپەتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كۆرسەتكەن.”

“ئەنگىلىيەنىڭ شەرقشۇناسلارىدىن بولغان ژۇرنىف داقىر قارلائىل مۇنداق دەگەن: قۇرئاننى بىر قاتىم دىققەت بىلەن ئوقۇساڭىز، ئۇنىڭ ئۆز خۇسۇسىيەتلەرىنى ناھايەتىمۇ جايىدا ئىپادەلەگەنلىكىنى كۆرىسىز؛ قۇرئاننىڭ تىل گۈزەللىكى باشقا ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ تىل گۈزەللىكىدىن قاۋۇل ۋە پاكىزدۇر. مەنىڭچە، قۇرئان سەمىمىيەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن تولغان، ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ جاھانغا تەبلىغ قىلغان دەئۋەتى ھەق ۋە ھەقىقەتتۇر.”

“ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ ھاياتى”، “ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ خەلىفەلەرى” ناملىق ئىككى كىتابنى يازغان ئامەرىكالىق ۋاشىڭتون ئەيرونىغ مۇنداق دەگەن: “قۇرئان ئەڭ ئالىي، ئەڭ پايدالىق ۋە ئەڭ سەمىمىي پىكىرلىك بولۇش ئالاھىدەلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئەسەردۇر.”

“ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ مۇتەئەسسىپ پاپاسلارىدىن بولغان رۇدۋىل مۇنداق دەگەن: قۇرئان پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقۇچى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەر قانداق شەيئىنى ۋە ھەر قانداق ئىشنى بىلگۈچى، مۇتلەق قۇدرەتلىك سۈپەتى بىلەن سۈپەتلەنىدىغان بۈيۈك زاتنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلىكى جەھەتتىن ئەڭ ئەسىل ۋە مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ئەسەردۇر.”

“<ئەنگلىزچە-ئەرەبچە لۇغەت>نىڭ مۇھەررىرى دوكتور ئىسىنغاس مۇنداق دەگەن: قۇرئان ئىنسانلارنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن نازىل بولغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. قۇرئاندا، ئىنسانىيەت ئالەمىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسلىي تەبىئەتى چۈشەنىشلىك شەكىلدە شەرھلەنگەن. قارلائىلنىڭ <قۇرئاننىڭ يۈكسەكلىكى ۋە ئەسىللىقى ئۇنىڭ جاھانشۇمۇل ھەقىقەتلىكىدۇر> دەگەن سۆزى شەك-شۈبھەسىز توغرا باھادۇر. قۇرئاننىڭ ئەقىدە ۋە ئەخلاق ئۆلچەكلەرى ئىنسان ھاياتىغا ھىدايەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدىغان ئاساسى مۇكەممەل بىر ئالىي خەزىنەدۇر”

“پروفەسسور ئەدۋار مۇنتە مۇنداق دەگەن: ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ پاك، ئەڭ ئالىي، ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ قانائەتلەندۈرەرلىك بايان قىلغان، باشقا ساماۋىي كىتابلار ئىپادە قىلالماغان تەرەپلەرنىمۇ تولۇق، كامىل ئىپادە قىلغان كىتاب-قۇرئاندۇر.”

“يەنە بەئزىلەر بولسا، بۇ ئايەتتىكى <بۇرۇج> كەلىمەسى ئاسماندىكى مەشھۇر ئون ئىككى يۇلتۇزنى كۆرسەتىدۇكى، ئۇلار: ھەمەل، سەۋر، جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد، سۇنبۇلە، مىيزان، ئەقرەب، قەۋس، ھەدا، دەلۋ، ھۇت يۇلتۇزلارىدۇر. بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى شۇكى، ئاسماننى ئون ئىككى بۇرۇجنىڭ ئىگەسى دەپ تەئرىپلەشتە ئاجايىب ھىكمەتلەر مەۋجۇدتۇر. چۈنكى قۇياش بۇ بۇرۇجلاردا سەير قىلىدۇ. شەكسىزكى، تۆۋەنكى ئالەم، يەئنى زەمىننىڭ بارلىق مەنپەئەتى ۋە مەۋجۇدلۇقى قۇياشنىڭ ھەرىكەتىگە باغلىقتۇر. بۇ قادىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بىر سانائەتى (ياساشى، ياراتىشى) ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىلدۇر. خەلق ئىچىدە قوللانىلىۋاتقان شەمسىيە ئايىنىڭ ھىساب ئوربىتاسى مۇشۇ ئون ئىككى يۇلتۇزنىڭ ھەرىكەتى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. قەمەرىيە ھىسابىنىڭ ئوربىتاسى (مەدارى) بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەنزىللەر بويىچە ھەرىكەت قىلىش ئۈستىگە بىنا قىلىنغاندۇر. تۆرت پەسىل شەمسىيە ھىسابى بويىچە نىسپىي تۇرغۇنلۇققا ئىگەدۇر. ئىسلام ئەھلىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ھىسابلاش ئۇسۇلى بار. ئۇنىڭ بىرسى شەمسىيە ھىسابى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۆرت پەسىلنىڭ مەنزىللەرى ئوشۇق-كەم قىلىنماغان ھالدا بىلىنىدۇ. يەنە بىرسى قەمەرىيە ھىسابى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن دىينىي ئەھكاملارنىڭ مەزگىللەرى، مەسىلەن، ھەجج، رامەزان، ھەيت قاتارلىق شەرئىي ئىبادەت ۋە ئىش-ئەمەللەرنىڭ ۋاقىتلارى ھىسابلانىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، قەمەرىيە ھىسابى ئارقالىق ھەل قىلىنىدىغان دىينىي ئەھكاملاردىن باشقا بولغان دىينىي ئىش-پائالىيەتلەر شەمسىيە ھىسابى بويىچە ھىسابلاپ ئالىپ بارىلسامۇ بولىۋەرىدۇكى، بۇنىڭدا دىينىي جەھەتتىن ھىچبىر چەكلەمە يوقتۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 173-177-بەتلەر)

يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي پاكىت-بۇرھانلار ۋە ئاسترونومىيەلىك مۇپەسسەل بىلىكلەر ئاساسىدا بەرىلگەن شەرھلەر ماڭا مەزكۇر “ئەممە پارە تەفسىرى”نىڭ نەقەدەر ئىلمىي ۋە نەقەدەر بىباھا ئەسەر ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. كۆڭلۈمدىكىنى دەسەم، قوليازمانى تەكرار-تەكرار ئوقۇش ۋە مۇتالىئە قىلىش جەريانى ئەمەلىي ئۇقۇمدا، مەنىڭ بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن تونۇغان جەلىل تۇران ھاجىمغا بولغان ھۆرمەتىم ۋە قايىللىقىمنى ھەسسەلەپ ئاشۇردى. پەشقەدەم بىلىم ئادەمى ھاجى ياقۇپ ئەپەندىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشىپ، شۇ قەدەر مۇھىم قوليازمانىڭ تەرجىمەسىنى ماڭا تاپشۇرۇشتىكى ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە ئىستەكنىڭ نەقەدەر بىباھا ۋە تاپىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى چىن يۈرەكىمدىن ئىدراك قىلىپ يەتتىم گويا.

بۈيۈك بىرلىكنىڭ ساغلام ھۈجەيرەسى

نورمالدىكى تەرجىمە ئىشلەرى ساھەسىدە، تەرجىمە ئەمگەكىنىڭ تەئبىرى، قىممەتى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلەر سورۇنىدىكى ئورنى ھەققىدە پاراڭ تولا. بەئزىلەر: “تەرجىمە دەگەن بىر تىلدىكى تەييار ئەمگەكنى يەنە بىر تىلغا ئۆرۈپلا قويىدىغان بىر ئىش، ساپى ئۆزىدىن يارىم ئەمگەك” دەسە، يەنە بەئزەنلەر قوپۇپ: ” تەرجىماننىڭ سىڭدۈرگەن ئەمگەكىگە سەل قاراغىلى بولماس، نەمەلا دەگەن بىلەن، تەرجىمە دەگەن يارىم ئىجادىيەت” دەيدۇ ۋەھاكازالار.

مەن ئۆمرۈمدە، ئانا يۇرت ئىچى ۋە سىرتى بولۇپ، جەمئىي بەش ئالىي مەكتەپتە ئون بەش يىل سەرپ قىلىپ، تۆرت خىل كەسىپتە ئوقۇغانمەن. (ھە، راست، ھازىر ئوقۇۋاتقان مىرامار ئىنستىتۇتىنى ھىسابلاساق، ئالتە ئالىي مەكتەپ بولىدىكەن. يەنە تەخى قانچەلىك ئوقۇيمەنكى، ئاللاھىم بىلۈر) ئالىي مەكتەپتە، بىرىنجى بولۇپ ئوقۇغان كەسپىم تەرجىمانلىق بولغانىدى. تەرجىمانلىق ئىلمىنىڭ نەزەرىيەلەرىنى پىششىق ئۆگرەنگەن بولغاچ. تەرجىمە ئەمگەكى ۋە تەرجىمانلىق نەزەرىيەلەرى ھەققىدە گەپ قىلىش سالاھىيەتىم بار. شۇ تۈپەيلى، “ئۇيغۇر تەرجىمەچىلىكىدە نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيەتى ھەققىدە” ماۋزۇلۇق ئۇزۇن بىر تەتقىقات ماقالەسى ئەلان قىلىپ، ئانا يۇرت تەرجىمەچىلىكى ساھەسىدە مۇنازىرە قوزغاغان ئىدىم بىر چاغ. مەن ئۇ ئەسەرىمدە، “تەرجىمە دەگەن بىر ئامانەت ئەمگەك، ئۇنىڭ قىممەتى ئىجادىي ئەمگەكتىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدۇكى، ھەرگىزمۇ كەم تۇرمايدۇ” دەگەن ئىلمىي پىكىرنى ئوتتۇراغا قويغان ئىدىم. (قاراڭ: “تىل ۋە تەرجىمە” ژۇرنالى 1995- يىللىق 1- سان).

مەن “قارىنداش مىللەتلەر تىلىدىن ئۆز ئانا تىلىغا ئۆرۈلگەن (مەسىلەن، ئوزبەگچەدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان) ئەسەرلەرمۇ تەرجىمە ئەسەرلەرى بولىدۇ، ھەتتا بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ كوھنا كلاسسىك تىلىدىن ھازىرقى زامان تىلىغا ئاغدۇرۇلغان ئەسەرمۇ تەرجىمە ئەسەرى بولىدۇكى، بۈيۈك ئەلىشىر نەۋائىي تىلىنىڭ، يەئنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان تىلىمىزدىكى يەشىمى ھەقلىق ھالدا، تەرجىمە ئەسەر ھىسابلانىشى كەرەك” دەپ قارايمەن. مەنىڭ بۇ قاراشىمغا بىرىنجى بولۇپ قوشۇلغان ۋە قوللاغان ئادەم مۆھتەرەم ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر بولغانىدى. شۇڭا ئۇستازىم ئۆزىنىڭ ژىرىك  تەرجىمە ئەمگەكى “بابۇرنامە”گە “نەشىرگە تەييارلاغۇچى” دەگەندەك يارامسىز ئىنتاڭ ئىبارەنى ئىشلەتمەي، ئانىق قىلىپ، “خەمىت تۆمۈر تەرجىمەسى” دەپ يازغان ئىدى. (قاراڭ: زەھىرۇددىن مۇھەممەد بابۇر: “بابۇرنامە”، ئىچ مۇقاۋا، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1993-يىل نەشىرى، بەيجىڭ).

مەنىڭ ئۆمرۈمدىكى تۇنجى دىينىي-ئىلمىي تەرجىمە ئەمگەكىم “بەيتۇللاھنىڭ تارىخى”نى نەشىرىيات ئۆزى مەنى ئىزدەپ، تەرجىمە قىلىشمنى توختاملىق ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەنى جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى (中国青年出版社) تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئەلان قىلغان 天方史话  دەگەن خەنزۇچە كىتاب بولۇپ، ئۇنى ئۆزلەرى “كەئبە ھەققىدە پاراڭ” دەپ تەرجىمە قىلىپ، “مۇشۇ ماۋزۇدا تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭىز بولىدۇ” دەدى. بىراق، مەن ئويلانىپ قالدىم: “كەئبەتۇللاھنى خەنزۇلار ئۆز تىلىغا 天方,天房,克尔白 قىلىپ تەرجىمە قىلىۋاتقانى راست. ئەمما، ئۇنىڭ ھەققىدىكى تونۇشتۇرمالىق باياننى 史话 (پاراڭ) دەگەنى نەمەسى بۇ تائىپەلەرنىڭ-ھە؟”

نەتىجەدە، “توختاپ تۇرە!” دەپ، مەزكۇر خەنزۇچە كىتابنىڭ ئارقا ئىچ مۇقاۋاسىغا بەرىلگەن ئەسەرنىڭ ئەسلى تىل-يازىقتىكى كەلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتلار بەرگەن كۆرسەتمەگە ئاساسەن، بەيجىڭ كۇتۇبخاناسىغا بارىپ، ئەسەرنىڭ دوكتور ئەلىي ھەسەن خەربۇتەلى يازغان ئەرەبچە ئەسلى كىتابىنى تاپتىم. باقتىمكى، ئۇنىڭدا “تارىخۇل كەئبە” دەگەن ئالتۇن ماۋزۇ پارقىراپ تۇراتتى. “ھەي، مىللەت باشقا، مۇھەببەت باشقا-دە!” دەدىم ئىچىمدە.

قايتىپ كەلىپ، ئەرەبچە “تارىخۇل كەئبە” بىلەن ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمەسى بولمىش天方史话 نى خەتمۇخەت سالىشتۇرۇپ چىقتىم. شۇ قەدەر كۆپ خاتالىقلارنى بايقادىمكى، بۇ يەردە دەمەيلا قوياي. سالىشتۇرمام ئاساسىدا، ئوبدان بىر تەتقىقات ماقالەسى يازىپ، ئۇنى نەشىرىياتقا دوكلات قىلىپ ئەۋەتتىم ۋە دەدىمكى: ” ھەرگىزمۇ <كەئبە ھەققىدە پاراڭ> دەپ تەرجىمە قىلدۇرماڭلار، قارغىش ئالىسىلەر؛ مەن سىلەرگە ئەرەبچە ئەسلىي نۇسخاسىدىن “بەيتۇللاھنىڭ تارىخى” دەپ تەرجىمە قىلىپ بەرەي، جارىي ساۋاب تاپىسىلەر! “.

دۇنيادا يەنىلا خالىس ۋە پاكدىل مۇسۇلمانلار كۆپتۇر. ساق قىرق كۈن بولغاندا، نەشىرىياتتىن جاۋاب كەلدى: “تامام، قوشالدۇق پىكىرىڭگە، خەيرلىك بولسۇن!” خوشھاللىقىمدىن، تاھارەتلىك پاك ئولتۇرۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمەسىگە شۇ قەدەر تۈجۈبە-ئەجىر سىڭدۈردۈمكى، ئاخىردا، ئاللاھ ماڭا ساۋاب-مۇكاپاتىنى بەردى گويا: مەزكۇر “بەيتۇللاھنىڭ تارىخى” (ئابدۇرەئوپ پولات تەرجىمەسى) 1994-يىل ئۈرۈمچى خەلق نەشىرىياتى تەرەپىدىن تۇنجى نەشىر قىلنغاندىن بۇيانەت، تاكى ياقىنقى يىللارغىچە، ھەر قاتىمدا ئون مىڭدىن ئارتۇق تراژ بىلەن جەمئىي ئالتە قاتىم قايتا باسىلىپ، ئۇيغۇر دۇنياسىدا كەڭ كۇشادە تارقاتىلدى. بۇ نەمە دەگەن زور بەختيار ئىش-ھە!؟

بۇ قىستۇرمام سەل ئۇزۇن بولۇپ كەتىپ قالدى، تۇغقانلارىم، ئۆزۈرلەر! بۇ يەردە نەمە دەمەكچىسەن، دەسەڭلەر، مەن “ئەممە پارە تەفسىرى” ناملىق بۇ شاھ ئەسەرنى ئۈچ قاتىم ئوقۇپ بولغاندىن كەيىن، ئۇنى شۇ چاغدىن باشلاپ ھىسابلاغاندا، يەتمىش يىل مۇقەددەم يازغان بۈيۈك مۇپەسسىر مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى ماڭا تاپشۇرغان بىر ئامانەت ئەمگەك، دەپ تونۇدۇم. ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، بۇ ئامانەتنى ئاشۇ مۇپەسسىر بوۋامىزنىڭ تىل پاساھەتى سەۋىيەسىدە ئەينەن تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزگە دۇرۇس يەتكۈزۈش مەسئۇلىيەتى مەنى ئاجايىپ ھاياجانلاندۇردى ۋە جاسارەتلەندۈردى. بۇ ئەمگەكنىڭ شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى مەندىن بۇرۇن تونۇپ يەتكەن جەلىل تۇران ھاجىمنىڭ ئىشەنچ-ئۈمىدى مەنى ئىلھاملاندۇردى ۋە ماغدۇرلاندۇردى. بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمەسىنى خۇددى ئەينى ۋاقىتتا، “بەيتۇللاھنىڭ تارىخى”نى تەرجىمە قىلىشقا باشلاغان چاغىمدىكىدەك سەمىمىي ئەستايىدىللىقىم ۋە چىن ماھارەتىم بىلەن باشلادىم. ئۇ چاغدا پەقىرلىقتىن تەخى كومپيوتەرىم بولماغاچقا، ئاپپاق قەغەزگە پولات قەلەم بىلەن، ئۈنچەدەك تىزىپ يازدىم: بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم!

تەرجىمە ئەسەرنىڭ پۈتكەن بابلارىنى مەن ئەنقەرە فىدان سوقاق يىگىرمە ئىككىنجى قورودىن ئىستانبۇل جەلىل تۇران ھاجىمغا ئۇدۇللۇق يوللاپ تۇردۇم؛ جەلىل ھاجىم ئوقۇپ بولۇپ، ئۇنى تەقرىزلەتىش ئۈچۈن مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپلارىدا ئوقۇۋاتقان دىينىي بىلىم ئەھلى قارىنداشلارغا يوللاپ تۇرۇپتۇ (بۇنى كەيىن ئۇقتۇم). ئەسەرنىڭ گۈزەلچە تەرجىمە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ھاجىم مەنى تەئتىللەردە ئۆيىگە كەلىپ، ئىشنى ھەم مىھمان ھەم تەرجىمان بولغان ھالدا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. كەلدىم، ئەسەر تەرجىمەسىنىڭ باسمادىن چىققاندىن كەيىنكى ئىملا تەكشۈرۈش ئىشلەرىنىڭ يارىمىنى دەگۈدەك جەلىل ھاجىمنىڭ ئۆيىدە ياكى ئۆيىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىن ھاجىم ئالىپ بەرگەن ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلدىم.

بۇ جەرياندا، ھاجىم خانىمىغا ئەتتۈرۈپ بەرگەن ۋە ئانا يۇرتنىڭ ئاچچقسۇيىنى قۇيۇپ ھازىرلانغان لەغمەنلەرىنى-تۇزىنى شۈكرانەلەر بىلەن يەدىم. ئىستانبۇل زەيتىن بۇرنۇ قىرىق بىرىنجى سوقاق مەنىڭمۇ كوچام بولۇپ قالدى گويا. كوچا شەرق تەرەپتىن مارمارا دەڭىزى قولتۇقى بىلەن لەۋلەشىپ دەەگۈدەك تۇراتتى. ئەرتەگەن-ئاقشاملارى دەڭىز بويىدا ئىستىراھەت قىلاتتىم. بەزىدە، دەڭىز ياقالاپ ماڭىپ بارىپ، شەمسىددىن ھاجىم ئاچقان ئۇيغۇر ئاشخاناسىدىن ئانا يۇرت تاماقى يەپ كەلەتتىم. بەزىدە، دەڭىز بويىدا، خەلى ئۇزاقلارغىچە ئاستا يۈگۈرۈپ، بەدەن چەنىقتۇراتتىم. دەڭىزدىن يەلپۈنۈپ تۇرغان بالىق پۇرايدىغان ئۆزگەچە ھاۋا ماڭا مەلھەم، بالىقئالغۇچ چايكا قۇشلارنىڭ سايراشلارى ماڭا مەھرەم ئىدىكى، ھەي، ئىستابۇل، ھەي، ئۇنتۇلماس چاغلار!

شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ،  “ئەممە پارە تەفسىرى” ناملىق بۇ بىباھا قوليازما ئەسەرنى ساق بىر يىلدا تەرجىمە قىلىپ بولدۇم. 1999-يىل 3-ئايدا، پۈتكەن تەرجىمە ئەمگەكنى جەلىل ھاجىمغا شادىيانە تاپشۇردۇم. ھاجىم ئون ئالتە باسما تاۋاق، بىر مىڭ ئىككى يۈز بەتتىن ئاشقىن تەرجىمە ئەسەرنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ ئالدى ۋە پەقەت ئۆزىگەلا خاس بولغان سەمىمىيەت بىلەن دەدى:

-سىلە قەشقەرلىق بولماسالارى بولمامدۇ، مۇئەللىم؟

مەن كۈلدۈم ۋە ئىدراك بىلەن چۈشەندىم: مانا بۇ- جەلىل ھاجىمنىڭ مەنى ئۆز ئادەمى ۋە ھەقىقىي ئۆز قارىنداشى قاتارىغا قوشقانلىقى، سىرداش دوستلۇققا رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاشى ئىدى!

قەشقەرلىق، خوتەنلىك، تۇرپانلىق ۋە ئاقسۇلۇق…ھەممەمىز بىر ئۇيغۇرلۇقلۇق!

بىزنىڭ غايەمىزدىكى بۈيۈك بىرلىك مۇشۇنداق بىر-بىرىنى ئىچىگە سىڭدۈرەلەيدىغان، بىر-بىرىنى ئۆز قارىنداشى ھىسابلايدىغان سەمىمىي بىرلىك ھۈجەيرەلەرى بىلەن بىنا بولىدۇكى، بىز ئۆزلەرىمىزنىڭ مىننەتسىز ئەمگەكلەرى ئارقالىق، ئاشۇ غايەۋى بۈيۈك بىرلىك بىناسى ئۈچۈن بىر جۈپ خىش قويغان ئىنسانلار بىز، قارىنداشلارىم.

خاسىيەتلىك ئىشقا خىسلەتلىك ئىنسان

مەنىڭ چۈشەنچەمچە. خاسىيەتلىك ئىش دەگەندە، ئەمەلىي مۇشەققەتى ئاغىر، مەسئۇلىيەتى زور، ئەمما ئۇنى قىلغۇچى شەخسكە يەتىدىغان ماددىي مەنپەئەتى چاغلىق بولسامۇ، باشقالارغا، كەڭ خەلق ئامماسىغا، مىللەتكە ۋە توپلۇمغا يەتىدىغان مەنپەئەتى چوڭ، پايداسى جىق بولغان ئىشلار كىرىدۇ. ھالبۇكى، كىتاب چىقارىش، ھازىرقى تىلىمىز بىلەن ئەيتقاندا، نەشىرىياتچىلىق قىلىش ئەزەلدىن ئەبەتكە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خاسىيەتلىك ئىشلار قاتارىغا كىرىدۇ.

جەلىل ھاجىمنىڭ شۇبۇ كىتابچىلىق، يەنى نەشىرىياتچىلىق ئىشىنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىپ تاللاشى ئۇنىڭ “قۇرئان كەرىم”نى مۇسۇلمانلىق دىلى بىلەن بەرىلىپ ئوقۇغانلىقى ۋە “ئەممە پارە تەپسىرى”، “سىراتۇل مۇستەقىم تەپسىرى” قاتارلىق قۇرئان كەرىم ئايەتلەرىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىدىغان تەپسىر كىتابلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. ئالايلۇق،

“ئى، دىينىي بۇرادەرلەر!

ئىنسان ئالەمدىن كەتكەندىن كەيىن، ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشى ئىز-ئەسەر قالماسا، ئۇ ئىنسان گويا قۇيرۇقى كەسىۋەتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش زىننەتسىز، شەرەپسىز بولۇپ قالىپ، روھىغا يەتىدىغان نەپ، بەھرە كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ، روھى يەتىم بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەر بىر بەندە ئۈچۈن لازىم ۋە زۆرۈركى، ئالەمدىكى ھاياتىمىزنى غەنىيمەت بىلىپ، مۇسۇلمان مىللەتىمىزگە ئىمكان بار كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىجتىھاد كۆرسەتىپ، ئۆزىمىزدىن كەيىن بىر ياخشى نام قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى؛ مۇسۇلمان مىللەتىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي كۈچ قوشۇشتا بولسۇن، جىسمانىي جەھەتتە كۈچ قاتىشتا بولسۇن، پىداكارلىق بىلەن بەھسلەشىپ، خەلقىمىز ۋە مىللەتىمىز تارىخىدا، ياخشى نامىمىز بىلەن ئەسىرلەر بويى زىكر قىلىنىدىغانلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق (سەئيى) كۆرسەتەيلى؛ قىسقاسى، بارلىق ئىمكانىمىز بىلەن ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىمىزدىن كەيىنكى ئالەمدە، بىر ياخشى ئىز (ئەسەرى خەير) قالدۇرۇش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتەيلى؛ شۇ ئارقالىق، ياخشى نامىمىز خەلقىمىز بىلەن بىللە ياشاسۇن، ئۇنىڭ ساۋابى بىزنىڭ روھىمىزنى ھەمىشە نىئمەتلەندۈرۈپ تۇرۇش شەرەپىنى قازانسۇن، ئامىين! (مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى: “ئەممە پارە تەپسىرى”، 1052-بەت)

شەكسىزكى، ئاللاھ ۋەھىيلەرىنى ئەڭ دۇرۇس چۈشەنىش ۋە چۈشەندۈرۈش بىلەن ئىزاھلاغان مۇپەسسىرلەرنىڭ سەمىمىي تەلقىنلەرى ھەر قانداق نورمال مۇسۇلمان ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئەرىتمەي قالمايدۇ.

“ئەممە پارە تەپسىرى”نى نەشىر قىلىپ خەلقىمىز ھوزۇرىغا تارقاتقاندىن كەيىن، جەلىل تۇران ھاجىم ماڭا مۇھەممەد زەرىف قارىھاجىنىڭ ئەرەبچەدىن ئۆزلەشتۈرۈپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان يەنە بىر كاتتا ئەسەرى “مۇسۇلمان ياشلارغا ھىكمەتلىك دەرسلەر” ماۋزۇلۇق قوليازمانى تەرجىمە قىلىش تەكلىپىنى بەردى. شادىيانەلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم. مەن بۇ ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچەسىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ياش مۆئمىنلەرنىڭ، بالا مۇسۇلمانلارنىڭ تەربىيەسىگە دائىر نۇرغۇن دىينىي قائىدە ۋە ئىلمىي زاكونلارنى بىلىۋالدىمكى، ئەمەلىيەتتە بۇ تەرجىمە پائالىيەتىمۇ مەنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر ئۆگرەنىش جەريانى بولدى. جەلىل ھاجىمنىڭ مۇھەررىرلىكىدە، قاتتىق مۇقاۋالىق قىلىپ 2014-يىلى نەشىر قىلىنغان مەزكۇر “مۇسۇلمان ياشلارغا ھىكمەتلىك دەرسلەر” ناملىق ئەمەلىي دىينىي دەرسلىك كىتاب ئانا يۇرتىمىزدىمۇ خەلى تارقاتىلدى ۋە ئاتا-ئانالار، شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوخشاشلا قىزغىن قارشى ئالىشىغا ۋە يۈكسەك باھا بەرىشىگە ئەرىشكەن بولدى.

1998-يىلدىن ھىسابلاغاندا، يىگىرمە ئۈچ يىلدىن بۇيانەت، “ئەممە پارە تەپسىرى” ناملىق بىباھا ئەسەر باش بولغان كىتاب مۇھەببەتى جەلىل ھاجىم بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى مىسلىسىز دەرىجەدە چەنىقتۇردى، تاۋلادى ۋە بىزنى ھەقىقىي مەئنەدىكى قارىنداشلارغا ئايلاندۇردى، دەپ قارايمەن.

مەنىڭ تونۇشۇمدا، جەلىل ھاجىم ئالدى بىلەن بىر دىينىي بىلىم ئادەمى. ئۇ ھەر قانداق چاغدا، ئۆزى ئەقىدە قىلغان دىينىي ئۆلچەك بويىچە ئىش قىلىدۇ. پرىنسىپلىق مەسىلەدە ھەرگىز سودالاشمايدۇ. ئالايلۇق، مەشھۇر تارىخ كىتابى “تارىخى ھەمىدىي”نىڭ ياڭى تەرجىمە نۇسخاسىنى  2019-يىل 8-ئايدا جەلىل ھاجىم نەشىر قىلدى. مەن ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان “ئەسھابۇل كەھف” دەگەن ئەرەبچە بىرىكمە ئىسىم سۆزنى قىرىق يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچىغا “غار ساھابەلارى” دەپ تەرجىمە قىلىپ، نوتۇقلارىمدا ۋە ئەسەرلەرىمدە شۇنداق ئىشلەتىپ كەلىپتۇكەنمەن. بۇ قاتىم نەشىر قىلىدىغان چاغدا، جەلىل ھاجىم مەنىڭ قانچەلاغان چوڭ لۇغەت-قامۇسلاردىن ئاساس كۆرسەتىشىمگە قاراماي، ئۇنى “غار ساھىبلارى” دەپ تەرجىمە قىلسا بولىدىغانلىقى، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمسۆھبەت بولغانلاردىن باشقا، ھەر قانداق بىر بەندەنى “ساھابە” دەيىشكە بولمايىدىغانلىقى پىكىرىدە پولاتتەك چىڭ تۇردى. مەنىڭ دىينىي بىلىم سەۋىيەم جەلىل ھاجىمدىن تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن ھاجىمنىڭ تۈزەتىش پىكىرىگە رازىي-رىزالىق بىلەن قوشۇلدۇم.

مەنىڭ چۈشەنچەمدىكى جەلىل تۇران ھاجىم ئۆز نۆۋەتىدە يەنە، تىل-ئىملاشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، تارىخشۇناشلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق پەننىي بىلىكلەر بويىچەمۇ ئەمەلىي بىلىم ساھىبى ئىنسان. ئۇ ئوخشاماغان دۆلەت-ئۆلكەلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئالدى بىلەن، شۇ يەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم-بەلگەلەمەلەرىگە بويۇن سۇنۇشى لازىم، دەگەن زامانىۋى قانۇن ساۋاتىنى ئوبدان بىلىدۇ. مەسىلەن، ھاجىم مەنىڭ: “ئوقۇرمەنلەرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئانا يۇرتتا-ۋەتەندە، شۇڭا، مەنىڭ كىتابلارىمنىڭ نەشىرىدە، مەملىكەتتە ئىشلەتىلمەيدىغان، قانۇنغا خىلاپ دەپ چەكلەنگەن سۆز-ئاتالغۇلار ئىشلەتىلمەسە ئىكەن” دەگەن ئىلتىماسىمغا “مائقۇل” دەدى. نەتىجەدە، مەن “خەنزۇ” دەپ يازسام، “خىتاي”غا ئۆزگەرتىۋەتىدىغان، مەن “ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” دەسەم، “ئۇيغۇر”نى غەزەب بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، “تۈركىستان” قىلىپ قويىدىغان ئىشنى قىلمادى. شۇڭا، ھاجىم نەشىر قىلىپ بەرگەن “ئۇيغۇردا ئەبگارلىق” (2001-يىل)، “<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين>دىن <مەئارىفۇل لۇغەتەين>غىچە” (2010-يىل) ۋە “ھىجرەت ۋە نۇسرەت” (2016-يىل) دەگەن كىتابلارىم تاموژنادىن ئۇتۇقلۇق ئۆتۈپ، ئانا يۇرتتامۇ تارقالالىدى. ھەتتا، تەخى ياقىندالا نەشىردىن چىققان شىئىرلار توپلامىم “كاشغارىيە سەلكىنلەرى”گەمۇ كۇلى ئۆلكەلەردە ياشاۋاتقان قارىنداشلاردىن تراژ كەلگەلى تۇردى.

مەنىڭچە، جەلىل ھاجىمنىڭ مەنىڭ “كىتاب نەشىر قىلغاندا، ئانا يۇرتتاكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابلارىمىزدىن پايدالانىش ئىمكانلارىنىمۇ ھىسابقا ئالىش، يازغانلارىمنىڭ ئەينەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كىتابلارىمدا بەزەن سەزگۈر سىياسىي ئاتالغۇ ۋە تەرمىنلەرنى قوللانماسلىق” دەگەن مەسلىھەتلىك تەكلىپىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇنىڭ پرىنسىپسىز يول قويغانلىقىدىن ئەرمەس، بەلكى خۇددى ئامەرىكادا نەگىرنى “نەگىر” دەگەلى بولماغاندەك، جۇڭگودامۇ خىتاينى “خىتاي” دەيىشنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىدىن، يەنى قانۇن بىلگەنلىكىدىن؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغدا، ئىككى تەرەپنىڭ “مۇندىن كەيىن، ئۇيغۇرلار خەنزۇنى <خىتاي>” دەمەسلىك، خەنزۇلارمۇ ئۇيغۇرنى <چەنتو> (پوخۋاش) دەپ ئاتاماسلىق” دەگەن مەسىلەدە پۈتۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىدىن، يەنى تارىخ بىلىدىغانلىقىدىن بولغاندۇر، دەپ قارايمەن.

“يالغۇز ئاتنىڭ داڭى (داڭقى) چىقماس، داڭى چىقسامۇ چاڭى چىقماس” دەيدۇر ئۇيغۇر بوۋايلار. بۇ – ئىنسانىي ياشام دەگەن ئاداققىي جەھەتتە، ئورتاقلىق ۋە  ھەمكارلىق زىننەتى بىلەن بىزەلگەندەلا، ئاندىن توپلۇم سورۇنىدا ئەتىۋارلىق نەتىجە قازانالايدىغانلىقىغا ئىيما قىلىدىغان تەئلىماتلىق ماقالدۇركى، بىزنىڭ تۆرتتىن بىر ئەسىرلىك دوستلۇق ھاياتىمىزمۇ ئۇنىڭ مۇتلەق ھەقىقەتلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلدى.

شۇنداق، پەقەت پرىنسىپلىق، ئانىق ئەقىدەلىك ۋە غايەلىك دوستلۇقلا توپلۇمسال ھاياتتا، ئۆمۈرى ئۇزۇن ۋە ھەقىقىي خاسىيەتلىك دوستلۇق بولالايدۇ. ھالبۇكى، كىتاب ئىشقى تاۋلاغان دوستلۇقىمىزنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك بولۇشىنى تىلەپ يازدىم، بۇ خاتىرەنى!

خەيرلىك بولغاي!

2021-يىل 22-فەۋرال، سان ديەگو.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top