You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قەشقەرىيەنىڭ ئاخىرقى مەشھۇر دىپلوماتى ۋە ئوسمانىيە – قەشقەرىيە مۇناسىۋىتى

قەشقەرىيەنىڭ ئاخىرقى مەشھۇر دىپلوماتى ۋە ئوسمانىيە – قەشقەرىيە مۇناسىۋىتى

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا

1. سەييىد ياقۇپخان تۆرە كىم؟

قەشقەرىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماھىر دىپلوماتى سەييىد ياقۇپخان تۆرە ۋە ئوغلى ئابدۇلقادىر تۆرە ھەققىدە

سەييىد ياقۇپخان تۆرە ئەسلىدە قوقان خانلىقىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ،1865 – يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن. شۇ يىلىئورۇسلار تاشكەنتنى يۇتۇۋالغاننى ئاز دەپ، قوقان خانلىقىنى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. 1870 – يىلىزېرەك تۆرەم مۇنقەرز بولۇۋاتقان قوقانغا ئەمەس، ھۆر بولغان قەشقەرگە قايتىپ، بەدۆلەتنىڭ پەۋقۇلئاددە تولۇقھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ 1871 – يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزخانغا ئەلچى بولۇپ كېلىپ، بەدۆلەتكە « مىراخور باشى » ئۇنۋانى ۋە بىر تۈركۈم قورال – ياراقلارنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەن. كېيىنچە بەدۆلەت ئۇنى يەنە بىرقېتىم ئىستانبۇلغا ئەۋەتىپ، بەدۆلەت ۋە زوزۇڭتاڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيەنىڭبىتەرەپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. ئەپسۇس، ئورۇسلار 1877 – يىلى 22 – ئاپرىلئوسمانىلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، بۇ ئىشنى سۇغا چىلاشتۇرغان. 1877 – يىلى تېخىچە بەدۆلەتنى ساقلاپقېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تۆرەم ، شۇ يىل ئاخىرى پايتەخت ئىستانبۇلدا بەدۆلەت قۇرغان دۆلەتنىڭ مۇنقەرزبولغانلىقىنى ئاڭلىغان. شۇنىڭ بىلەن تۆرەم نە قوقان، نە قەشقەرگە قايتالماي ئىستانبۇلدا تۇرۇپ قالغان. بۇ چاغداتۆرەمگە تەسەللىي بولغىنى دەل 1873 – يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بەش ياشلىق ئوغلى ئابدۇلقادىر تۆرە *** ئىدى.

2. قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

«تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا ھونلار بىلەن خىتايلارنىڭمۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى ئىمپېرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىلەر ۋە يېزىشقان مەكتۇپلارنىئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئوسمانلىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىزلىرى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزگە يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ئەۋەتكەنئەلچىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن :

1864-1869-يىللار ئارىسىدا ياقۇپبەگ، خوتەن، كۇچا، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان بەگلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مەركىزىقەشقەر بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇردى. ياقۇپبەگ بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن1870-يىلى ئوسمانلى سۇلتانى خەلىپە ئابدۇلئەزىزخانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام خەلىپىگە تەۋەئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپقىلغان

1873 – يىلى 6-ئاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىستېلاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە كۈرەش قىلغانياقۇپخان تاغىسىنىڭ ئوغلى خوجا تۆرەمنى ئەلچى قىلىپ ئىستانبۇلغا ئەۋەتتى. ئوسمانلى پادىشاھى سۇلتانئابدۇلئەزىز ئەلچىنى 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى، خوجا تۆرە ئەلچى قولىدا پارسچەيېزىلغان مەكتۇپ بىلەن كىرىپ كەلدى، مەكتۇپتا ياقۇپخاننىڭ يەر يۈزىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغانپادىشاھنىڭ كەڭ قانات ئاستىدا پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن سۆزلىرى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىقاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئەلچى مەكتۇپنى ئوقۇپ بولۇپ، دۆلىتىنىڭ ۋەھىمىلىك ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشى، ئەسكىرىياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن سۇلتان ئابدۇلئەزىز ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ياردەم بېرىش تەييارلىقىنىباشلىدى ۋە قورال-ياراق مەسلىھەتچىسى ئېلى سەئىد پاشا بىلەن ئومۇمىي فابرىكا نازىرى سەييىد پاشانىقەشقەرىيە دۆلىتىگە ياردەم بېرىش ئىشىنى ئىدارە قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈردى. نەتىجىدە ياردەم ئەشيالار ئېلانقىلىندى. پۈتكۈل قوراللار ۋە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇق بېرىلىش، 6 دانە زەمبىرەك. 1000 دانەئىشىتىلگەن، 1000 دانە يېڭى توپلام 2000 دانە مىلتىق، كۆپ ساندا كاپسۇل ۋە پارتلىتىش دورىسىئىشلەپچىقىرىدىغان جاھاز، ئەندەرئۈنلۈ مۇراد ئەپەندى باشچىلىقىدا 4 ئەسكەر ۋە 4 دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرالقەشقەرگە ئەۋەتىلدى.

ئىسىملىرى تارىخقا ئالتۇن ھەرپ بىلەن يېزىلغان بۇ تۈرك گېنېراللارنىڭ ئىسىملىرى، ئىستىھكام مۇداپىئەقوماندانى ئېلى كازىم، پىيادە قىسىم قوماندانى مەھمەت يۈسۈف، ئاتلىق قىسىم قوماندانى چەركەس يۈسۈف ۋەتوپچى قوماندان ئىسمائىل ھەققى ئەپەندىلەر قەشقەرگە ئەۋەتىلدى.

ئەلچى خوجا تۈرەم بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققان بۇ ئوسمانلى ئۇرۇش گۇرۇپپىسى كېمە بىلەن سۇۋەيش قانىلىدىنئۆتۈپ ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ھىندىستانغا يېتىپ بارغان ۋە بومباي شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. ئۇلار بومبايدائىنگلىزلارنىڭ زورلۇق قىلىشىدىن مىڭ جاپادا قۇتۇلۇپ قەشقەرگە يېتىپ باردى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن قارشىئېلىشى ۋە ھاياجانلىق كۆز ياشلىرى ئىچىدە شەھەرگە كىردى. ياقۇپخان ئۇلارنى 100 دانە توپ ئېتىش بىلەنسالام بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئوسمانلى ياردەم ھەيئىتىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلامدۇنياسىغا يېڭى بىر ھەيئەت قوشۇلغان بولدى. شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن تۈرك بايرىقى قەشقەرئاسمانلىرىدا لەپىلدىدى، جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ نامىغا ئوقۇتۇلدى ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنامىدا پۇل باستۇرۇلدى.

تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا يەنە ئوسمانلى گېنېراللىرىنىڭ قەشقەردە ئايرىم-ئايرىم ھەربىيقىسىم قۇرۇپ ئەسكىرى تەلىم-تەربىيە بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئوسمانلى گېنېراللىرىقەشقەردە خالىس ئەسكەر بولۇشنى خالىغان ياشلاردىن تەركىب تاپقان ھەربىي قىسىم قۇرغان. بۇلارنىڭئارىسىدا يۈز بېشى ئېلى كازىم، ئەسكەرلىكنى ھېچ بىلمەيدىغان ياشلارنى تەشكىللەپ توپچى قىسىم قۇرۇپتەربىيىلىگەن، بۇ قىسىم ئىستانبۇل ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش تەربىيىلەنگەنلىكى ۋە 3000 ئەسكەردىن تەركىبتاپقان بىر ھەربىي پولك قۇرۇپ ئۇلارغا يېڭى تۈزۈم ئەسكەرلىرى دېگەن نام قويغانلىقى دوكلاتلاردا يېزىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچلىرىدا بۇ كۈرەشكە ئوسمانلىگېنېراللىرىمۇ قاتناشقان بولدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلەرگە ئۇرۇش

تاكتىكىلىرى، توپ-قورال ئېتىش ۋە ئوق-دوراياساش تېخنىكلىرى ئۆگىتىلدى.

3. ياقۇپخاننىڭ ئوسمانلى سۇلتانىغا يازغان مەكتۇپى

ياقۇپخان بەدۆلەت ئوسمانلىنىڭ قىلغان ياردەملىرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ مەخسۇس بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ1875-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن ئۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: سۇلتانىمىز ئىلتىپات قىلىپئەۋەتكەن ھەدىيىلەر ۋە ھەربىي ياردەم قەشقەرگە يېتىپ كەلدى ۋە خەلقنى چوڭقۇر خۇشال قىلدى. مەنمۇ ھاياتىمبويىچە ئوسمانلى پادىشاھلىققا دۇئا قىلىمەن. سىز بۇيرۇغان ھەر قانداق بۇيرۇقنى جايىدا ئورۇنلاشقاتەييارمەن. چوڭ غەمخورلۇقىڭىز پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى بىر كۈچ قاتتى. ھەر كىمجانابىي ئالىيلىرىغا تابىئە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئوسمانلى دۆلىتىبىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ۋە دىن ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ساپ ۋەزىپىسى بولغانئىسلام بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھازىر كەمىنە جانابلىرى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئاچتىم، نامىڭىزغاخۇتبە ئوقۇتۇپ، پۇل باستۇرۇپ سىزگە بولغان ساداقىتىمنى-ۋەزىپەمنى ئورۇنلاشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئەسكەرلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ياخشى يېتىشىشى توغرىسىدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتىمەن، خۇدايىمبۇيرۇسا پات يېقىندا چوڭ بىر ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

4. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى

يازغۇچى خاقان بوز ئەپەندى «تارىخنى ئۆزگەرتكەن مەكتۇپلار» ناملىق كىتابتا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: قەشقەرىيەھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىرى ياقۇپبەگ سۇلتان ئابدۇلئەزىزگە باغلىق قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇلئەزىزخان تەرىپىدىنبۇ تەلەپ قوبۇل قىلىندى، ياقۇپبەگ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇلئەزىز نامىدا خۇتبە ئوقۇتۇش، پۇلباستۇرۇش ئارقىلىق ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ رەسمىي ھىمايىسى ئاستىغا كىردى.

ئوسمانلى دۆلىتى ئورنىنى 1922-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە تاپشۇردى. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەتلىرى ئوسمانلىھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ۋارىسى ھېسابلىنىدۇ. غازى ياقۇپخان قۇرغان قەشقەرىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوسمانلىقالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلارنىڭ بىر پارچىسى. ياقۇپخان قۇرغان مۇستەقىل تۈرك ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭبىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا قۇرۇلدى. بۇ تۇپراقلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بۈگۈنكىكۈنگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قالدۇرۇلغان مىراس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقانئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەركىن ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرى، ئىپپەتلىرى، نومۇسلىرىنى قوغداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمەجبۇرىيىتى.

5. قوقەند ئەلچىسى قانداق قىلىپ قەشقەرىيە ئالاھىدە ئەلچىسىگە ئايلىنىپ قالغان؟

رۇسلارنىڭ تۈركىستان بەگلىكلىرىنى بىر – بىرلەپ قولغا چۈشۈرۈپ ھىندىستانغا قاراپ كېڭىيىشى، ئەنگلىيەنىبىئارام قىلىدۇ. شۇڭا ، ئەنگلىيە قەشقەر خانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا،ياقۇپ بەگ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيەسى قەشقەرىيە دۆلىتىدىنخەۋەردار ئىدى. 1865-يىلىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن قوقەند ئەلچىسى سەييىت ياقۇپخاندىن قەشقەر ھەققىدەمەلۇمات ئىگىلىگەن ئىدى. ئەنگلىيە قەشقەرنى رۇسيە بىلەن خىتايغا قارشى تەڭپۇڭ رايون قىلىپ پايدىلانماقچىبولغان بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىمۇ باشقا تۈركىستان رايونلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكىنىڭ پۇشايمانلىقى بىلەنياقۇپ بەگ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن ياردىمىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇنىڭئەسلى سەۋەبى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاسيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. رۇسيەنىڭ قوقەنتخانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن سەيىت ياقۇپخان تۆرەقوقەنت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، 1870-يىلىدا ئىستانبۇلدىن قوقەنتكەقايتماي، ئۇدۇل قەشقەرگە قايتقان.

ياقۇپ بەگ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىز خاندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، سەيىتياقۇپخان تۆرەنى ئەۋەتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئوسمانئىمپېرىيەسى ھەربىي قوماندانلار بىلەن 2000 مىلتىق، 6 دانە توپ-زەمبىرەك ۋە ئوق ياسايدىغان ماشىنىلارنىئەۋەتكەن. ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ھەيئەت دېڭىز يولى بىلەن ھىندىستان ئارقىلىق قەشقەرگە يېتىپبارغان. قەشقەر خەلقى ھەيئەتنى تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان. شۇ كۈندىن تارتىپ قەشقەرىيە دۆلىتىدەئوسمانلى پادىشاسى ئابدۇلئەزىز خانغا ئاتاپ پۇل بېسىپ تارقىتىلغان. ئوسمانلى دۆلىتى ياقۇپخانغا «ئەمىرۇلمۇسلىمىن» دېگەن ئۈنۋاننى بەرگەن.

ياقۇپ بەگگە بۇ ئۇنۋان بېرىلگەندىن كېيىن، ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بىر پارچە خەتئەۋەتكەن. ئۇ خېتىدە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى قەشقەرگە تىككەنلىكىنى، خەلىپەگە ئاتاپ خۇتبەئوقۇتۇلغانلىقىنى، پۇل باستۇرۇپ تارقىتىلغانلىقىنى يازغان.

غەربكە قاراپ كېڭىيىشنى پىلانلىغان مەنچىڭ خاندانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننى قولغا چۈشۈرۈش پىلانىنىقۇرۇۋاتاتتى. مەنچىڭنىڭ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ياقۇپ بەگ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەلچىلىكخادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەتكە سەيىت ياقۇپ خان تۆرەنىمۇ قوشۇپ ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشئۈچۈن ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن. ئىستانبۇلغا قايتا كەلگەن سەييىد ياقۇپ خان تۆرە ئابدۇلھەمىت خانغا، ئوسمانلىدۆلىتىگە قاراشلىق بۇ دۆلەتكە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەمما، 1877-يىلىدىكى ئوسمانلى- رۇسيەئۇرۇشىدىن مەغلۇپ بولغان ئوسمانلى دۆلىتى، ياردەم تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرەلمىگەن. ياقۇپ خان سەيىتتۆرەگە ئەنگلىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى، رۇسلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلغان.

مانجۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ياقۇپ بەگنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى، شەرقىيتۈركىستان ئۈچۈن چوڭ تەلەيسىزلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇش باشلىنىدۇ. بەگ قۇلۇ بەگ بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، قەشقەرىيەدۆلىتى ئارمىيە جەھەتتىن ئاجىز بولغاچقا، 1877- يىلى 17 – دېكابىردا مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئىشغال قىلىشىغائۇچرايدۇ.

6. ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدىكى ياقۇپبەگ ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە ۋە ئوسمانىيە زىيارىتى

« ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق 584 بەتلىك ئارخىپلار توپلىمىغا 1790 – يىللاردىن1914 – يىللارغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئوسمانلى – ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئوسمانلى دۆلەتئارخىپىدا ساقلانغان نۇرغۇن ھۆججەت تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەرنىڭ زور بىر قىسمى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى – ئاتىلىق غازى ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭئوسمانلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدۇ.

ئۇ ھۆججەتلەر ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك يېزىشمىلارنى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى،قەشقەردىكى ئوسمانلى ھەربىي ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان دوكلاتى، ئوسمانلىنىڭ قەشقەرىيىگەبەرگەن ھەربىي ياردىمى، ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە يوللىغان سوغا سالاملار، ئوسمانلى دىيارى رومدىكىقەشقەرىيەلىكلەرگە چىقارغان ھەر خىل يارلىقلار، قەشقەرىيەلىك ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىشقا دائىر نۇرغۇنئارخىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئوسمانلىلار 1873 – يىلىدىن باشلاپ بەدۆلەت ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئاكتىپ سىياسەتيۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەلچىسى، ئوسمانلى ھەربىي ئوفىتسېرى كازىمبەينى 1865 – يىلىقەشقەرىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 1873 – يىلدىن باشلاپ ياقۇپبەگ بەدۆلەتكە قورال – ياراق ياردەمقىلىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاكتىپ قوللاشقا ئۆتكەن.

ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلىشى ئوسمانلىلارنىڭ غەربكە قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەش سىياسىتىگە ئۇيغۇنكەلگەچكە بۇ ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن «مەسەلەئى شەرقىيە يەنى شەرق مەسىلىسى» دەپ ئۇزاماندا ياۋروپالىقلار ئوسمانلىنى يىقىتىمىز، ئۇلارنى ئاسىياغا سۈرىمىز، دەپ مۇشۇنداق بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغاقويغان. بۇ ئوسمانلىلارنىڭ ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقان زامانى ئىدى. كىمنى ئىتتىپاقداش قىلالايدۇ،مەسىلەن، شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، مۇسۇلمانلاردىن ھىندونېزىيە.

ئۇ چاغدا ئەرەبلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ياخشى ئەمەس. ئىنگلىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان قىلغان. ئەمماھىندونېزىيە، تۈركىستاندىكى خانلىقلار، بولۇپمۇ بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇلار ئۆزى تەلەپ قىلغان. ئۇلارئوسمانلىغا كېلىپ بىز بەيئەت قىلايلى، بىزنى ھىمايە قىلىڭ، دەپ ئۆزى تەلەپ قىلغان».

سېيىت ئالىي قەھرىمان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ ئوسمانلىمۇتەخەسسىسى. ئوسمانلى بىلەن تۈركىستان خانلىقلىرىنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى سېيىتئالىي قەھرىماننىڭ كۆرسىتىشىچە، 1876 – يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان سۇلتانئابدۇلھەمىت رۇسىيە ۋە غەربكە قارشى «شەرق» بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى ئاكتىپ يولغا قويغان.

سېيىت ئالىي قەھرىمان: « ئوسمانلى( شەرققە قولىنى ئۇزارتىدۇ بولۇپمۇ) يېڭى سۇلتان زېرەك ئابدۇلھەمىتزامانىدا. ئابدۇلھەمىتنىڭ شەرق سىياسىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ ياقۇپخان تۆرىنى ئىستانبۇلغا تەكلىپقىلىدۇ. ئابدۇلھەمىت دۇنياۋى ئىمپېراتور ياكى پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئۆز ئېتىقادىغا مەنسۇپ قانچىلىك ئادەم بولساھەممىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئويلىغان. ئۇ ھەم تۈركلەرنىڭ خاقانى ھەم ئىسلامنىڭ خەلىپىسىسۈپىتىدە ھەممە تەرەپكە دىققىتىنى بۇرىغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە ھىندونېزىيەلىكلەر ئەلچى ئەۋەتكەن، ھەتتا فىلىپپىنلىقمورۇ مۇسۇلمانلىرىمۇ ياردەم تەلەپ قىلىپ خەتلەرنى يازغان. ئۇ تۈركىستان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنىئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانلىنىڭ بۇرۇنقى كۈچى قالمىغان ئىدى.» دېدى.

قەشقەرىيە دۆلىتى سۇلتان ئابدۇلھەمىت 1876 – يىلى تەختكە چىقىپ كېيىنكى مۇنقەرز بولدى. بۇ ھۆججەتلەر توپلىمىغا ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلىپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىغا خۇتبەئوقۇتقانلىقى، ئۇنىڭ نامىدا پۇل قۇيدۇرۇپ، ئوسمانلى پايتەختى ئىستانبۇلغا ئەلچى يوللىغانلىقى ۋە شۇنىڭغادائىر ئارخىپلار كىرگۈزۈلگەن.

مەسىلەن: ھۆججەتلەردىكى 1873 – يىلى 8 – ئاي، دەپ چېسلا قويۇلغان ئارخىپلارنىڭ بىرىدە، ئوسمانلىنىڭمەھمەت مۇرات ئەپەندى ئىسىملىك بىر ھەربىي ئوفىتسېردىن ياقۇپبەگ بەدۆلەتكە ئەۋەتكەن قورال – ياراقلارھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، «ھەدىيە قىلىنغان توپ ۋە مىلتىقلارنىڭ قوللىنىشى، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرگە تەلىم – تەربىيە بېرىشكە بارىدىغان ئىككى خادىمنىڭ خىراجەت ئاتچوتى» تىلغا ئېلىنغان.

ئەمما بۇ قوراللار ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىغا يېتىپ بارالمىغان. 1875 – يىلى 23 – ئاۋغۇست، دەپ چېسلا قويۇلغانھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان ئارقىلىق توشۇپ ماڭغان بۇ قوراللارنى ئەنگلىيە ئۆتكۈزمىگەن. «1875 – يىلى ئوسمانلى دۆلىتى بىر كېمىگە قورال بېسىپ قەشقەرگە ئەۋەتىمەن دەپ، سۈۋەيش قانىلى ئارقىلىقماڭىدىكەن. سۈۋەيش قانىلىغا بارغاندا ئۇ كېمە بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئۇ قوراللارنى باشقا بىر كېمىگە يۆتكەپ،قەشقەرگە بارار ۋاقتىدا ئىنگلىزلار ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلمىغان دېگەن ئۇچۇرلارمۇ بار.

ھۆججەتلەردە توپلىمىدا يەنە، ئوسمانلىنىڭ سانت – پېتېربۇرگدىكى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان قەشقەرىيەمەسىلىسىگە دائىر مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئوسمانلى دۆلىتى قەشقەرىيىنىڭ رۇسىيە،ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ مەلۇماتىدا، ياقۇپبەگنىڭ ۋەكىلىنىڭ سانت – پېتېربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلىكى ئىستانبۇلغايەتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مانجۇ خانلىقى ئەلچىسىنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭرۇسىيە بىلەن قەشقەرىيىنى قاندقا شەكىلدە ئىشغال قىلىشنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئارخىپلار توپلىمىدا باشقا ئەڭ دىققەت قوزغايدىغانھۆججەتلەرنىڭ بىرى، لوندوندا تۇرۇشلۇق ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان تېلېگراممىسى.

ئەلچى تېلېگراممىدا ئىستانبۇلغا ئەينى يىلى لوندوننى زىيارەت قىلىۋاتقان بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلىداتۇرۇشلۇق ئەلچىسى سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھى ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپبېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

جامادىيەلئاخىرنىڭ 30، 1294-» يەنى مىلادى 1877‏-يىلى 11‏-ئىيۇل، دەپ چېسلا قويۇلغان بىرىنچىتېلېگراممىدا، ئوسمانلى ئەلچىسى ئىستانبۇلغا سېيىت ياقۇپخاننىڭ 2 ئايدىن بېرى لوندوندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ 15 كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلغا قايتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئىككىنچى تېلېگراممىدا، سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ لوندوندىكى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

تېلېگراممىدا ئوسمانلى ئەلچىسى ئۆزىنىڭ سېيىت ياقۇپخان تۆرە بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئۆزىگە ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، قەشقەرىيە بىلەن خىتاينى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى،ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەلقىلىشقا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى دەل قەشقەرىيە دۆلىتى مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۇرغۇنزېمىنى ئىشغال قىلىنغان. ياقۇپبەگ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن كىچىك ئوغلىھەققۇلىبەگ ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغان، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ياقۇپبەگ بەدۆلەتسىياسىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بىر مەزگىل ئىدى.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپخان تۆرە لوندوندا ئىنگلىزلارنى مانجۇلار بىلەنقەشقەرىيەنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا قايىل قىلىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ نىشانىغايېتەلمەيدۇ.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسىدا، «مەن ئىسمى زاتى مەلۇم ئۇ كىشى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتۈم. ئۇداۋاملىق ئىنگلىز ۋەكىلى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە ئۇ ئايال پادىشاھنىڭ شوتلاندىيەدىن قايتىشىدا‹ۋەندىر قورۇقى› دا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى» دە كۆرسەتكەن.

تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى تىمۇر خوجائوغلۇ، ياقۇپبەگ ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيەسەپىرىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنى رۇسىيە-ئەنگلىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا «چوڭ ئويۇنى» غا باغلايدۇ.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «شۇ پەيتتە بۇ ياۋروپا ئاسىيادا كاتتا ئويۇن، دېگەن بىر سىياسەت بار ئىدى. بۇ كاتتا ئويۇندابىرىنچى ئامىل رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە. چۈنكى، ئەنگلىيە ھىندىستان بىلەن ئافغانىستاننى بېسىۋالغان. رۇسىيەغەربىي تۈركىستاننى، مانجۇ-خىتايلار بولسا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ئىدى. شۇ مەزگىلدە خىتايدىنكۆپرەك رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار ھەم بىرىنىڭقۇدۇقىنى قېزىشقا ھەرىكەت قىلاتتى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. بۇيەردە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىرى رول ئوينىدى. نەتىجىدە، بۇ ئويۇندىن ھەم شەرقىي تۈركىستان، ھەمغەربىي تۈركىستان زەربە ئالدى.

تېلېگراممىدىن قارىغاندا، سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئىنگلىزلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى رۇسىيەدىن مەخپىيتۇتۇشقا ئالاھىدە تىرىشقان. ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا، سېيىت ياقۇپخانتۆرىنىڭ ئۆزىگە ئىنگلىزلار بىلەن بولغان سۆھبەتنى رۇسىيە ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى ئۈچۈنئالاھىدە مەخپىي تۇتۇشنى تاپىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پروفېسسور تىمۇر خوجائوغلۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ياقۇپبەگ، ئاخىرقى نەتىجىدە رۇسىيە بىلەنئەنگلىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىنياخشى پايدىلانغان.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «ياقۇپبەگ بەدۆلەت شۇنى بىلەتتىكى، بىر ياقتا مانجۇ-خىتايلار، يەنە بىر ياقتا رۇسىيە بىلەنئەنگلىيە بار، زەئىپ بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتە ئوسمانلى. ئەلۋەتتە ئۇ سىياسەتچى بولۇپ خىتايغا قارشى ئۇدۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلدى. ئەمما رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ نىيىتى مانجۇلارشەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ياققا ئۆتمىسىلا بولاتتى. شۇڭا، ياقۇپبەگ بەدۆلەت بۇ مۇناسىۋەتلەردىن ياخشىپايدىلاندى.

ئۇ شۇنى بىلەتتىكى، ھېچ بولمىسا خىتايغا قارشى ھەم رۇسىيە، ھەم ئەنگلىيە، ھەم ئوسمانلى بىلەن مۇناسىۋەتنىياخشى قىلىش، بەلكى ئۇلاردىن بىرەر ئۈمىد، بىرەر كۈچ چىقىپ قالار، خىتايغا قارشى ئۇنىڭ قولىنى كۈچەيتىپقالار، دەپ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر سىياسەت ئىدى.

سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئەينى چاغدا ناھايىتى ئۇستا دىپلومات بولغان. ئۇ، ئوسمانلىنىڭ قەشقەرىيەگە قورال-ياراقياردەم قىلىشى دەل ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياقۇپبەگ ئۇنى پەۋقۇلئاددە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپتىكەن. ئۇ ئادەم كەلگەندىن كېيىن ‹بىزگە ياردەم قىلىڭلار› دېگەندە، ئوسمانلى دۆلىتى ھېلىقى مىرالاي، دېگەن گېنېرالدىن بىر دەرىجىدە تۆۋەن بىر كىشىنى ھازىر ‹ئالباي› دەيدىغۇ تۈركىيەدە، شۇ زاماندىكى ئاتالغۇسى مىرالاي، شۇ مىرالاي بىلەن 17 كىشىلىك ھەيئەتنى توپياسايدىغان، قورال-جابدۇق ياسايدىغان ئۇستىلار بىلەن ئەۋەتىپتىكەن. يەكەندە 101 پاي توپ ئېتىپ، ياقۇپبەگئۆزى يەكەنگە كېلىپ، شۇ يەردە ئۇلارنى قارشى ئالغان.

ئارخىپلار توپلىمىدا سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى پائالىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن باشقا ھۆججەتلەرمۇ بار. ئۇ ھۆججەتلەر ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئۇنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتىنى كۈتۈۋېلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەج سەپىرىگە ئائىتيوليورۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان

قوشۇمچە مەزمۇن

ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئابدۇلقادىر تۆرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

سەئىد ئابدۇلقادىر تورە (1873- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان – 1946- يىلى زوڭگۇلداكدا ۋاپات بولغان)، تۈرك كومپوزىتورى.

ئۇ تۈرك مۇزىكىسى ساھەسىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ۋە دۆلەتنىڭ تۇنجى رەسمىي مۇزىكا مەكتىپىدارۇلخاننىڭ ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنىشىدا رول ئالغان مۇزىكا ئادىمى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە ئاچقان مۇزىكا مەكتىپىدەنۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ ، مۇزىكا ساھەسىدە دەسلەپكى تەتقىقاتلارنى قىلغان. ئۇ تۈركىيەدىكى تۇنجى ئىسكىرىپكا چېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئاپتورى.

سەئىد ئابدۇلقادىر تورە 1873-يىلى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەڭ ئاخىرقىقەشقەر ئەمىرى ، قىممەتلىك ئالىم ، سەنئەتكار ۋە سىياسەتچى ياقۇپ خان. ياقۇپ خان 1878-يىلى باش ئەلچىسۈپىتىدە ئىستانبۇلغا كەلگەندە ، ئابدۇلقادىر تورې بەش ياشتا ئىدى.

1907-يىلى زېكىي خانىم بىلەن توي قىلىپ ، بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.سەنئەتكارنىڭ ئوغلى كىچىيېشىدىل ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ قىزى مۇزىكانت بولۇپ چوڭ بولغان. ئۇ 1946-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنىزوڭگۇلداكدا ئالەمدىن ئۆتكەن ، كۈيئوغلى مازار تابۇر زوڭۇلداك كانچىلىق مەكتىپىنىڭ باشلىقى بولغان چاغدا ،زىيارەتكە بېرىپ شۇ يەردە ۋاپات بولغان. .

ئابدۇلقادىر بەيمۇتۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى «ئىستىقلال مارشى» غا ئىشلەنگەن 10 تەكلىپ مۇزىكائىچىدە ئابدۇلقادىر تورەنىڭمۇ مۇزىكىسى بار ئىدى. 1946-يىلى 27-ئاۋغۇست يەتمىش ئۈچ ياشتا ۋاپات بولغان. ئۇ ئانىسى ۋە ئىنىسىنىڭ يېنىغا ئەيۇپسۇلتاندىكى ئائىلە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top