You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » گېنىرال كوروپاتكىن يازغان «قەشقەرىيە» ناملىق كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى

گېنىرال كوروپاتكىن يازغان «قەشقەرىيە» ناملىق كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى

قەشقەرىيە

ئا. ن. كوروپاتكىن (روسىيە)

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەكىمە ئەرشىدىن

رەتلەپ يازغۇچى: سايرام ئوغلانى

تەھرىر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئا. ن. كوروپاتكىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى چار روسىيىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئىمپىرىيالىزىمچى كېڭەيمىچىلەرنىڭ بىرسى. ئۇ چار پادىشاھنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن چار پادىشاھقا يېقىپ قېلىپ مەنسىپى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋەرگەن، روسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە چار روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىرى بولغان. چار رۇسىيە غۇلاپ چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۇ تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، گېرمان نەسىللىك كاۋفماندىن باشلانغان تۈركىستان گوبېرناتورلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قالغان. 1917 – يىلى فېۋرالدا چارپادىشاھ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنى قولغا ئېلىپ، يەرلىك خەلقكە ياخشىچاق بولغان. ئۇ ئۆز ھاياتىدا بەزىبىر ئەسەرلەرنى يازغان، «قەشقەرىيە» ــ دەل ئاشۇ ئەسەرلەرنىڭ بىرسى.

1876-يىلى يەنى ياقۇپبەگنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىم ۋادىسىدا قۇرغان «قەشقەرىيە دۆلىتى» ياكى″يەتتە شەھەر″ ھاكىمىيىتى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئا. ن. كوروپاتكىن چارروسىيىنىڭ تۈركىستاندىكى باش ۋالىسى (گوبىرناتورى) فون كائوفماننىڭ تەيىنلىشى بىلەن، 64 كىشىدىن تەركىپ تاپقانچوڭ بىر ″ئەلچىلەر ئۆمىكى″ نى باشلاپ قەشقەر، مارالبىشى، ئاقسۇ، باي، كۇچا ۋە كورلا قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئۇ جايلاردا يېرىم يىلدىن كۆپرەك تۇرغان.

بۇ كىتاب بولسا ئاپتورنىڭ ئاشۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى نامىدىن تۈزۈپ چىققان خىزمەت دوكىلاتىدۇر. بۇكىتابتىن ئا. ن. كوروپاتكىن قاتارلىقلارنىڭ ئەينى زاماندا بۇيرۇق بويىچە كېلىشتىكى جىنايى مەقسىدى، چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن ياقۇپبەگنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى چار روسىيىگە ناھايىتى چوڭ پايدا كەلتۈرىدىغان ″چېگرا″ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىش مۇمكىن.

لېكىن بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى ماتىرياللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدىكى تارىم ۋادىسىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

بۇ كىتابنىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى مايور ۋ. ئې. گوۋننىڭ (Walter E.Gowan) ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى (ھېندىستاننىڭ كالكوتتا شەھىرىدە چىققان 1882-يىللىق نەشرى) گە ئاساسەن ئىشلەندى.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، بۇ كىتاپنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىكى ئادەم، يەر ناملىرى، سۆزئىبارىلەردە كەتكەن خاتالىقلار، نامۇۋاپىق ۋە مۈجمەل بولۇپ قالغان جايلارغا تەرجىماندىن بەزىبىر زۆرۈر ئىزاھلار بېرىلدى. نامۇۋاپىق جايلىرى كۆرۈلسە، كىتابخان يولداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىمۇ تەنقىد ئارقىلىق تۈزىتىش بىرىشىنى سورايمىز.

ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدە ئەسەرنىڭ رۇسچە ئەسلى نۇسخىسىغا قوشۇمچە قىلىنغان 8 پارچە ماتىريال چىقىرۋىتىلگەن.

مۇقەددىمە

1876-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمقى مۇستەقىل خانلىق-قوقان خانلىقى گۇمران بولدى. ئادەم سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن جەڭگىۋارلىقى يۇقۇرى، قاتتىق تەلىم-تەربىيە ئالغان روسىيە قوشۇنى تەجرىبىلىك ئوفىتسىرلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا زور تۈركۈم قوقانلىقلارنى ئۇرۇشتا يەڭدى ھەم قوقاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىشغال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر مەھەل خېلى داڭقى چىققان گېنېرال سكوبېلېۋ 1876 -يىلى فېۋرالدا كىچىك بىردازور (ئالاھىدە تەيىنلەنگەن قىسىم) نى باشلاپ بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى – قوقان شەھىرىگە كىردى.

قوقان كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى بىرنەچچە ئايلىق جىددى كۆرەشلەر ئارقىلىق روسىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندى ھەم نامى ئۆزگەرتىلىپ پەرغانە دەپ ئاتالدى. بىز بۇ يېڭى ئىستىلا قىلىنغان ئۆلكىدە، تۈركىستان رايونىدا ئونيىلدىن بۇيان ئەمىلىي سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەربىي ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق.

بۇ يەرلەرگە مۇۋاپىق ئەمەلدارلار قويۇلغانلىقتىن، يەرلىك ئاھالە ئىچىدە تېزلا ئەمىنلىك ئورنىتىلدى. شۇڭا پەرغانە ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 1876- يىلى 4 – ئايدىن ئېتىۋارەن، خالىغان يەرلىرىگە قورالسىز ھەم قوغدىغۇچىسىز ھالدا بىمالال بارالايدىغان بولدى.

پەرغانە ۋادىسىغا چېگرىداش بولغان ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان بۇ كۆچمەنلەرنى بويسۇندۇرۇش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيتتى.

ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى قوقاننىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى چىرىك، قابىلىيەتسىز خانلىرىغا بوي سۇنۇپ كەلگەن قارا قىرغىزلار بىلەن بىر بۆلۈك قىپچاقلار دەسلەپتە رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى.

بىزنىڭ تاغ ئىچىگە ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم رۇس دازور قىسىملىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قورغىنىغا يېقىنلىشىش يولىنى قوراللىق توسۇشقا ئۇرۇنغان قىرغىز قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، كۆچمەن چارۋىچى ئاھالىنى روسىيىگە بوي سۇنۇشقا ۋە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەمما بۇ ھەركەتلەر دەرھال يەنە مۇنداق ھالەتنى پەيدا قىلدى: يالغۇز ئايرىم بىرنەچچە قىرغىزلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قىرغىز قەبىلىلىرى ئاسانلا تەڭرىتاغلىرىدىن ئۆتتى-دە، ياقۇپبەگ (Yakoob Bek) ئىشغالىيىتىدىكى قەشقەرىيەگە كىرىپ، ئۆزلىرىنى رۇسلاردىن قاچۇردى. قىرغىزلار ئۇيەردە ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشتى.

دېمەك، بىز يېڭىدىن ئىستىلا قىلىۋالغان بۇ تېرىتورىيە بىلەن قەشقەرىيە ئوتتۇرىسىدا چىگرا لىنىيىسى ئورنىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان ئىدى. سابىق قوقان خانلىقىنىڭ چېگرىسى بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال ياقۇپبەگ تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. ياقۇپبەگ قوقان خانى خۇدايارخان (Khoodo yarkhan) ئاجىزلىشىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇشتا بېسىۋالغان تېرىتورىيىسىنى شىمالغا كېڭەيتتى ۋە پەرغانە بىلەن قەشقەرىيەنى (ياكى باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا، پەرغانە ۋادىسىنى تارىم ئويمانلىقىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئارىلىق. ـــ ئاپتورنىڭ ئىزاھى.) بىر-بىرسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تاغلىق يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قەدەممۇ قەدەم تارتىۋالدى.

1876 -يىلى مايدا، تۈركىستاننىڭ باش ۋالىسى، ياساۋۇل گېنرال فون كائۇفمان (Von Kaufmann) ياقۇپبەگ ئىشغالىيىتىدىكى رايون بىلەن پەرغانە ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنى يېڭىۋاشتىن ئايرىپ بەلگىلەپ چىقىش ئۈستىدە ياقۇپبەگ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تۇنجى قېتىم قەشقەرىيەگە ئەۋەتتى.

مەن بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مېنىڭ ئاكام، توپچى قىسمىنىڭ كاپىتانى ن. كورپاتكىن (N. Kooropatkin) ۋە لېيتنانت ن. ستارتسيېۋ (N. Startseff) بىلەن ئا. سونارگولوۋ (A. Soonargoolooff) لارمۇ بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىقىغا بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن سىرت، بىزگە ساقچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە 15 كازاك ئەسكەر ئاجرىتىپ بېرىلدى.

بىزنىڭ تاغلىق رايونلارغا ئائىت بىلىمىمىز كەمچىل ئىدى، بۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى چېگرىنى مۇشۇ تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ ئايرىپ چىقىش كېرەك ئىدى. شۇڭا، يۇقۇرى باشلىقلار بۇ رايوندىن ئۆتىدىغان چېگرىدىكى بىزگە قولايلىق بولغان نۇقتىلارنى ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويدى ۋە مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ئەلچىلەر ئۆمىكىمىزگە يوليورۇق چۈشۈردى.

ئۇنىڭدىن سىرت، ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز يەنە بۇيرۇق بويىچە قەشقەرىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەپسىلىي ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرىغا، ياقۇپبەگنىڭ ھەربىي كۈچىگە ۋە ھەرخىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا دائىر ھەرخىل ئاخباراتلارنى تولۇق ئىگەللەش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، بىزنىڭ قولىمىزدا بار بولغان قەشقەرىيەگە ئائىت ئاخباراتلار ناھايىتى تولۇقسىز بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى بۇ ئاخباراتلاردا بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ھەقىقى كۈچ- قۇۋۋىتى ۋە ئۇ قۇرغان دۆلەتنىڭ مۇھىملىغى خېلىلا كۆپتۈرۈپ ئاشۇرۇۋىتىلگەن ئىدى. ئەينى يىللاردا بىز، قەشقەرىيە ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتۇق. بۇ دۆلەت بىر مەركەز بولۇش سۈپىتىدە، باشقا مۇستەقىل، ئەمما ئاجىز مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭلا ھىسداشلىقىنى قوزغاپ قالماستىن، بىز قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرغان رايونلاردىكى خەلقنىڭمۇ ھىسداشلىقىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتاتتى.

بۇنىڭ سىرتىدا، ئەنگىلىيىنىڭ بۇ دۆلەتنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن، قەشقەرىيەنى روسىيە بىلەن ھېندىستاننى ئايرىپ تۇرىدىغان بىتەرەپ دۆلەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىشنى؛ ئىككىنچىدىن، قەشقەرىيەدە ئۆزلىرىنىڭ تەييار مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان يېڭى بازارغا ئىگە بولۇشنى قەستلەۋاتقانلىقى ئۈچۈنمۇ، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە قەشقەرىيەنىڭ مۇھىملىقى ئېشىپ كېتىۋاتاتتى.

ئاددى بىر «بەچچە» (بەچچە- ئاياللارچە ياسىنىپ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇسۇل ئوينايدىغان چىرايلىق ئوغۇلبالا. ـــ ئاپتوردىن.) لىكتىن كۆتىرىلگەن ياقۇپبەگنىڭ بۈيۈك مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇ چوڭ دۆلەتتىكى چەكسىز نوپۇزى ئۇنىڭغا تامامەن مۇناسىپ بولمىغان شانۇ-شەۋكەت بەرگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ غايەت زور مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ۋە ئۇلۇغۋار پىلانىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىككىنچى تۆمۈرلەڭ (Tamer lane) دەپ قارايتتى. بۇ ھۆكۈمراننىڭ ھەربىي جەھەتتىكى زاپاس كۈچىمۇ ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن ئىدى. ئىشەنچلىك ئاخباراتلارغا قارىغاندا، ياقۇپبەگ ئىنگىلىزلار ئارقىلىق ئىستانبولدىن زور بىر تۈركۈم تېز ئاتار تۈركىلەنكا مىلتىقلارنى سېتىۋالغان ئىكەن، بۇمۇ يۇقىرقىدەك مۇبالىغە ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ۋە دەلىل بولۇپ قالغان ئىدى.

شۇڭا بۇ دۆلەتكە بېرىپ، ياقۇپبەگنىڭ بىزنىڭ بايلىق مەنبەلىرىمىز ۋە كۈچىمىزگە خەۋپ يەتكۈزەلىگىدەك زادى قانچىلىك بايلىقى ۋە كۈچى بارلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىش تامامەن زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.

بىزنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز قەشقەرىيەگە بارغان تۇنجى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەمەس، تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن توسالغان تارىم ئويمانلىقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ياۋروپالىق ساياھەتچى – ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئىنتىلىدىغان بىر نىشان بولۇپ قالغان. ياقۇپبەگ 1868- يىلىدىن بۇيان، روسىيە ۋە ھېندىستاندىن كەلگەن بىرقانچە ئەلچىلەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ دۆلەتلەرگە جاۋابەن زىيارەت قىلىشقا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن.

ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان قەشقەرىيەنى زىيارەت قىلغان ياۋروپالىقلار مۇنۇلار:

ئادولىف. شلاگىنتۋېيىر 1857-يىلى قشقەر شەھىرىگە بارغان. ئۇ شۇ يەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانى ھاجى ۋەلى خان تۆرە (Hadjivali_Khan_Turya) نىڭ پەرمانى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

1859- يىلى، كېيتىنانت چوقان ۋەلىخانوۋ (Valikhanoff) سودىگەرچە ياسىنىپ ۋېرنادىن قەشقەر شەھىرىگە بارغان.

جونسون ئەپەندى (Mr. Johnson) كەشمىرنىڭ چېگرا لىنىيىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن 1865-يىلى خوتەنگە بارغىنىدا، بۇ يەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانى ھەبىبۇللا ھاجى (Habbiboola Hadji) نىڭ سەمىمىي كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن.

1868- يىلى، شاۋ ئەپەندى (Mr. Shaw) ھېندىستاندىن بىر تۈركۈم مال ئېلىپ قەشقەر شەھىرىگە كەلگەندە ياقۇپبەگنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

شۇ يىلى ھايۋارد ئەپەندى (Mr. Hawyard) مۇ قەشقەرنى زىيارەت قىلغان كېيىنچە ئۇ، ياسىن دىگەن يەردە ئۆلتۈرۈلگەن.

يەنە شۇ يىل ئىچىدە، بىزنىڭ بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز كاپىتان رېينتال (Captain Reintal) نىڭ باشچىلىقىدا قەشقەر شەھىرىگە كەلگەن ئىدى، لېكىن ئانچە دوستانە قارشى ئېلىنمىدى.

1870 – يىلى، ئەنگىلىيىنىڭ فورسىيس (Forsyth) باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتكەن كەلدى. ھېندىرسون (Henderson) ۋە شاۋ (Shaw) ئەپەندىلەرمۇ بۇ ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى ئىدى. بۇ ئۆمەك يەركەنگىچە باردى.

1872-يىلى، باش شىتاپ كاپىتانى بارون كالبارس (Baron Kahlbars) باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى قەشقەرگە كەلگەندە قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. بۇ ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە: كاپىتان شارىنگورست (Captain Sharngorset)، لېيتىنانت ستارتسېۋ (Startseff) لېيتىنانت كولوكولتسېۋ (Kolokoltseff) ۋە شانۋىسېۋ (Chanwisheff) ئەپەندىلەرمۇ بار ئىدى.

1873 -ۋە 1874- يىللىرى، فورسيس (Forsyth) يېتەكچىلىكىدە ئەنگىلىيىنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى 2-قىتىم قەشقەرگە بارغاندا كۈتۈۋىلىندى. بۇ ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى تەنھەركەتچىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مارالبېشى قورغىنىغىچە باردى.

1875 -يىلى، كاپىتان رېينتال (بۇ چاغدا پولكوۋنىك بولغان ئىدى) نىڭ باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى 2-قىتىم قەشقەرگە كەلگەندە كۈتۈۋېلىندى.

ياقۇپبەگ تەرىپىدىن جاۋابەن زىيارەت ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىلگەن يىللار تۆۋەندىكىچە:

1868- يىلى، مىرزا شادى (Mirza Shadi) روسىيىگە بارغان.

1869- يىلى، مىرزا شادى يەنە ھېندىستان باش ۋالىسى ھوزۇرىغا ئەۋەتىلگەن.

1872- يىلى، سەئىد ياقۇپخان (Said Yakoob Khan) ھېندىستاننىڭ باش ۋالىسى ھوزۇرىغا ۋە تۈركىيە سۇلتانى (Sultan) ھوزۇرىغا ئەۋەتىلگەن.

1875-يىلى، تۇراپ ھاجى (Toorab Hadji) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى سانت پېتىر بۇركقا بارغان.

 

بىزنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز ۋە ھىندىستان تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۆمىكى قەشقەرىيەنىڭ جەنۇبىي ۋەغەربىي جەنۇپ تەرەپلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار يەنە يەركەن، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ بارغان. قەشقەرنىڭ شەرقىدىن تارتىپ تۇرپان ۋە لوپنۇرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ بىر پارچە زىمىن تېخى تەكشۈرۈپ كۆرۈلمىگەن. بۇ يەرلەر ــ بىز ئۆز ۋاقتىدا پەرغانە ئۆلكىسىنىڭ ئوش شەھىرىدىن چىقىپ قەشقەر شەھىرىگە ھەم بۇيەردىن داۋاملىق شەرققە ئىلگىرلەپ ئاقسۇ، كۇچا، باي، كورلا، قارا شەھەر ۋە باغراش كۆلى قاتارلىق جايلارغا بارغىنىمىزدىن كېيىن بېرىپ زىيارەت قىلساق دەپ ئۈمۈد قىلغان يەرلەر ئىدى.

باش شىتاپ پولكوۋنىكى، داڭدار ساياھەتچى پىرژىۋالسكى (Prjevalski) مۇ بىزنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز بىلەن بىر ۋاقىتتا دىگۈدەك غۇلجىدىن يولغا چىقىپ كورلا ئارقىلىق لوپنۇر كۆلىگە يېتىپ باردى.

كىتاپخانلار قولىدىكى ھازىر ئېلان قىلىنغان بۇ كىتاپمۇ بىزنىڭ قەشقەرىيەدە قىلىنغان ساياھىتىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ كىتاپنىڭ مەلۇم بابلىرىدا بىزنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىمىزنىڭ بارلىق سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ كىتاپ بىزنىڭ تاشكەنتكە قايتىپ بارغىنىمىزدىن كېيىن، مېنىڭ تۈركىستان باش ۋالىسىغا سۇنغان دوكلاتىمغا ئاساسەن يېزىلدى.

بۇ كىتاپتا ئۆزىمىز بىۋاستە كۆرگەن جايلار، تەتقىق قىلىشتىن ھاسىل بولغان ماتىرياللار ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. مېنىڭ قەشقەرىيەدە تۇرغان چېغىمدىكى ئەمەلدارلىق مەرتىۋەم ۋە يەرلىك خەلقنىڭ بىزگە ئومومىي يۈزلۈك گۇمانلىق قاراشتا بولىشى بىزنىڭ ماتىريال يىغىشىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويدى. بۇنداق ئوڭۇشسىز شارائىت ئەسىرىمنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ مۇكەممەللىكىگە تەسىر يەتكۈزمەي قالمىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە، ئەلچىلەر ئۆمىكىمىزنىڭ سەپەر قىلىدىغان يولدىن چەتنەپ قىسقا ساياھەت قىلالمىغانلىقىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىگە مەلۇم تەسىر يەتكۈزدى.

دەسلەپتە، ئۆمىكىمىزنىڭ ئىشى ئانچە ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كەتمىدى. بىز ماي ئېيىدا تاشكەنتتىن ئايرىلغىنىمىزدىن كېيىن، خوجەند، قوقان ۋە مەرغۇلاندىن ئۆتۈپ ئوش شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 16- ئىيۇلدا (28-ئىيۇل) بىز يەنە بۇ يەردىن غۇلجا قورغىنىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىككىنچى كۈنى، ئوش بىلەن غۇلجىنىڭ ئارىلىقىدىكى تەڭ يولدا قارا قىرغىزلار مۆكتۈرمە ئەترىتىنىڭ ئارقىمىزدىن قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدۇق. لېكىن ئىشىمىز ئوڭغا تارتقانلىقتىن، چوڭ چىقىمغا ئۇچرىمىدۇق. ئاكام بۇ جەڭدە باسمىچىلارنىڭ ئىشىمبېك (Ishem Bek) دىگەن ئاتامانىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئوڭ قولۇم ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقتىن، ئوشقا قايتىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. 7- ئۆكتەبىر (19-ئۆكتەبىر ) گە كەلگەندە سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم.

بۇ چاغدا ئۆمىكىمىزنىڭ ئەزالىرى تەركىۋىگە يەنە دوختۇر ئېرىن ئەپەندى (Eren) ۋە تەبىئەتشۇناس ۋىلكنىس ئەپەندى (Wilikinis) لەرمۇ قوشۇلدى. مۇھاپىزەتچىلەرمۇ كۆپەيتىلىپ، كازاك ۋە چەۋەندازلار 25 كە يەتكۈزۈلدى. ئۆمىكىمىزدە ئاخبارات يىغىش خىزمىتى ئىشلەيدىغان يەرلىك تەرجىمانلار، يىگىتلەر (قەشقەرىيەنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى يىگىتلەر دەپ ئاتىلاتتى.ــ ت)، ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىي چاكارلىرى ۋە ئىشەكچىلەر بولۇپ جەمئىي 64 ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 104 ئىگەرلىك يۈك ئاتلىرىمۇ بار ئىدى. كىتاپخانلارغا بىزنىڭ ياقۇپبەگ بىلەن قانداق كۆرۈشكەنلىكىمىز ۋە شۇنىڭدەك مېنىڭ روسىيە ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەشقەرىيە ھۆكۈمرانى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى پوزىتسىيەمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرگە ئۆمىكىمىزدىن تۈركىستان باش ۋالىسىغا سۇنۇلغان دوكلاتنىڭ بىر قىسمىنى تاللاپ قوشۇمچە قىلدىم.

ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز ئوش شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، تېرەك داۋىنىدىن ئۆتتى، 1876- يىلى 25-ئۆكتەبىر (6-نويابىر) دە قەشقەر شەھىرىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. ھېساپلاپ كۆرسەك، 18 كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 798 چاقىرىم يول يۈرۈپتۇق. بىز قەشقەردە تاكى 20-نويابىر (2-دىكابىر) غىچە بەدۆلەت (ياقۇپبەگ قەشقەرىيەدە مۇشۇنداق ئاتىلىدىكەن. ــ ئاپتور ئىزاھى.) نىڭ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىشىمىزغا رۇخسەت قىلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق.

قەشقەردە تۇرغان دەسلەپكى ئۈچ كۈندە، ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى بەكقۇلىبەگ (Bek Koolwi Bek) نىڭ بۇيرۇغى بىلەن تەقىپلەنگەن ئىدى. لېكىن، مەن ھېچقانداق سۆھبەتكە قاتناشمايمىز دەپ تەھدىت سىلىۋىدىم، ئۇلار بىزگە مۇتلەق ئەركىنلىك بەردى. شۇنىڭ بىلەن، بازارغا بىرنەچچە قىتىم باردۇق، پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن توپچى قىسىملار ۋە مانجۇچە قوراللانغان ھەم تەربىيەلەنگەن قوشۇنلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئۈگەندۇق.

19-نويابىر (1-دىكابىر) كۈنى، بىزنىڭ ئىلتىماسىمىز تەستىقلاندى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپلا توقسۇن قورغىنىغا يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ چاغدا ياقۇپبەگ توقسۇندا ئىكەن. ئۆمىكىمىزنىڭ سەپىرى مۇنداق بولدى:

بىز مارالبىشى قورغىنىدىن ئۆتۈپ، 10-دىكابىر (22-دىكابىر) كۈنى ئاقسۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ 19 كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 1355 چاقىرىم يول يۈردۇق. ئاقسۇدا بىر ھەپتە تۇرۇپ، بۇشەھەرنىڭ ۋە ئۇنىڭبازارلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇق. شۇنىڭدەك بەزى گۇمانى قاراشلىرىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدۇق. بىز 18- دىكابىر (30-دىكابىر) كۈنى ئاقسۇدىن چىقىپ باي، كۇچا قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتكىنىمىزدىن كېيىن،1877-يىلى 10-يانۋار (22-يانۋار) كۈنى كورلىغا يېتىپ كەلدۇق. ھېساپلاپ كۆرسەك، 19 كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 1043 چاقىرىم (ئەسلى ئەسەردە شۇنداق دىيىلگەن ـ تەرجىماندىن.) يول بېسىپتۇق. بىز ئوش شەھرىدىن كورلىغىچە تەخمىنەن 4515 چاقىرىم يولنى ئاتلىق بېسىپ ئۆتتۇق.

ئىككىنچى كۈنى «بەدۆلەت» بىزنى قوبۇل قىلدى. مەن تۈركىستان ۋالىسىنىڭ نامىدىن ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم ۋە خەت – ئالاقە ۋە سوغىلارنى تاپشۇردۇم.

مەن داستىخان ئۈستىدە (بۇ خىل زىياپەتلەردە مېھمانلارغا كەينى – كەينىدىن ھەرخىل نازۇ – نېمەتلەر كەلتۈرىلەتتى- تەرجىماندىن.) نۇتۇق سۆزلىدىم. مىنىڭ ئەينەن سۆز تېكىستىم مۇنداق ئىدى:

«بەدۆلەت جانابلىرى، بىزلەر بولساق جانابى ئالىلىرىنىڭ خاھىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، زىمىنلىرىدا تۇنجى قېتىم مۇنداق ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا كەلگەن رۇسلاردۇرمىز.»

«جانابى ئالىلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بېسىپ ئۆتكەنلىكى جايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە بىزگە ھەمرا بولۇشقا تەيىنلەنگەن خادىملار سەپىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە بىزگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى ھەمدە ئۆز ئىشىدا تامامەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.»

«ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، سەپىرىمىز داۋامىدا ئۆزىمىز بېسىپ ئۆتكەن يەرلەر بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تونۇشتۇق. توختاپ ئۆتكەن شەھەرلەردىن روسىيە تېرىتورىيىسىگە بارغىلى بولىدىغان يوللارنى ئىزلەپ كۆردۇق. بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىكى ئاھالىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆئارا مەنپەئەتلىك سودا مۇناسىۋەتىنى كېڭەيتىشكە ھەمدە شۇ ئارقىلىق دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئۆز – ئارا مەنپەئەتلىك سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشكە ھەمدە شۇ ئارقىلىق دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدىكى دوستانە بېرىش – كېلىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.»

«بىز بۇ ئۇزاق سەپىرىمىزدە، مۇنبەت يۇرتلارنى ۋە ئۈنۈمسىز چۆل باياۋانلارنى بېسىپ ئۆتتۇق. چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى كۆردۇق. بايلار ۋە نامراتلار بىلەن ئۇچراشتۇق، شۇنىڭدەك بۇ يەردە ئوزۇق – تۈلۈك، چەرچىن ماللارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان ئىكەنلىكىنىمۇ كۆردۇق. بۇنىڭدىن بىز: بەدۆلەت جانابلىرىنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدىكى پۇقرالار ھورۇن، يالقاۋ بولمىسىلا، باياشاتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، دىگەن خۇلاسىگە كەلدۇق. بىزيەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلدۇقكى، بەدۆلەت پۇقرالىرى ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئەمىر – پەرمانلار ھەم ۋەزىپىلەرنى بىجانىدىل ئادا قىلىدىكەن. ھەتتا كورلىدىن ناھايىتى يىراق بولغان يېزا – قىشلاقلاردىكى پۇقرالارمۇ خۇددى بەدۆلەت شۇ يەردە تۇرغاندەكلا، يۇۋاش – مۆمىن ئىكەن.»

«قىسقىسى، بىز جانابلىرىنىڭ تېرىتورىيىسىدە قىلغان بۇ قىتىمقى ئۇزۇن ساياھىتىمىزدىن كېيىن، شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشەندۇقكى، بەدۆلەت جانابلىرى قۇدرەتلىك چوڭ بىر دۆلەتنى بەرپا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى دانالىق بىلەن ئىدارە قىلىدىغان كۈچ- قۇدرەتكىمۇ ئىگە ئىكەن.»

كاپىتان سونارگولوۋ (Captain Soonfrgooloff) ھېلىقى سۆزلىرىمنى ئۇدۇللۇقچە تەرجىمە قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە:

سىلەر مىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىم،-دىدى. ئۇ بىزدىن ھىچنەرسىنى يوشۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۈركىستان باشۋالىسى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى تېخىمۇ چېڭىتىشنىلا ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ كېلىپ، -مەن بىرئاددى ئادەممەن، شۇڭا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا موھتاجمەن،-دىدى.

ئارقىدىنلا مەن باش ياساۋۇل گېنېرال فون كائۇفمان (Von Kaufmann) نىڭ نامىدىن، ياقۇپبەگكە مەشھۇر ساياھەتچى پىرژىۋالىسكى ئەپەندى (Prjevalski) نى ياخشى كۈتىۋالغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتتىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پىرژىۋالىسكى ئەپەندىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشنى رەسمى تەلەپ قىلدىم. ئاخىر زىياپەت تۈگەپ ھەممەيلەن تارقاشقا تەييارلانغاندا، مەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قىتىم قەشقەرىيەگە كىلىشىدە قەشقەرىيە خەلقى بىلەن روسىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن سەمىمىي دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈمۈدىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈم.

ياقۇپبەگ بىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنى ناھايىتى ئاددى-ساددا، مېھرىبان كۆرسىتىپ، چوڭچىلىق قىلمىدى (قەشقەردە ئۇنىڭ ئوغلى بەكقۇلىبەگ بولسا بىزنى قوبۇل قىلغاندا ناھايىتى تەكەببۇرلۇق قىلغان ئىدى). زىياپەتتە، نازۇ-نېمەتلەرنى ئۆزى تەييار قىلدى. شۇنىڭدەك، خىزمەتكارلارغا بىزنى بىئارام قىلىپ قويماسلىق ھەققەدە كۆرسەتمە بەردى.

بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، زامانخان ئەپەندى (Zaman Khan Effendi) بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا كەلدى. ئۇ ياقۇپبەگنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن، بىز بىلەن دەسلەپكى كېڭەشمە ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن ئىدى. زامانخان ئەپەندىنىڭ رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ناھايىتى بىلىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق (بىز بۇ زات بىلەن ئەنگىلىيە توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىنگىلىزلار بىلەن خوشى يوق ئىكەن، بىز يەنە ياۋروپا مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ سۆزلەشتۇق. ئۇنىڭ كۆز قارىشى خېلىلا توغرا ئىدى. ئۇ يەنە تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋەلى بىلەنمۇ ناھايىتى تونۇش ئىكەن). بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭ كاۋكازىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، روسىيىدە ئۇقۇغانلىقىنى، مەلۇم سىياسىي سەۋەپ ۋە باشقا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ يەردىن ئىستانبولغا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، كېيىن قەشقەرىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. زامانخان شۇنىڭدىن باشلاپلا ياقۇپبەگنىڭ دانىشمەنلىرى ئىچىدە ئىشەنچ قازانغان بىر كىشى بولۇپ قالغان. زامانخان رۇسلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم ئىدى. بۇ كېيىن ئۇنىڭ ئەمىلىي ھەركىتىدىمۇ ئىپادىلەندى. پولكوۋنىك پىرژىۋالىسكى زامانخاننىڭ ياردىمىدىلا لوپنۇر كۆلىگە بېرىشقا ئىجازەت ئالدى.

زامانخان كورلىغا يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ھېلىقى ساياھەتچىمىز ئۇ يەردە مىرزا قاماقتا يېتىش ھالىتىدە تۇرغان ئىدى. زامانخان كورلىغا كەلگەندىن كېيىن، شەخسەن ئۆزى پىرژىۋالىسكىغا ھەمرا بولۇپ لوپنۇر كۆلىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن پىرژىۋالىسكى ماڭا يازغان خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ قىيىن شارائىتلاردا زامانخاننىڭ سەمىمى دوستانە قول سۇنغانلىقى ۋە ياردەملەشكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن زامانخانغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھالبۇكى، مەن زامانخانغا ھەرقانچە ئىشەنگىنىم بىلەنمۇ، چېگرىنى ئايرىپ چىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيتتىم. شۇڭا، «بەدۆلەت» بىلەن شەخسەن بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. زامانخان بىزنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، باشقا ئىشلار ئۈستىدە سۆزلەۋىتىپ ياقۇپبەگ ئىنگىلىزلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى شۇڭا ياقۇپبەگ ئىنگىلىزلارنىڭ رۇسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سوغاقچىلىق سالىدىغان ئۆسەك سۆزلىرىگە زادىلا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى، ئەمدى ياقۇپبەگ ئۆزىنىڭ رۇسلارغا تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلىپ قالغانلىقىنى تەكرار ئېيتتى.

ئاخىر 20- يانۋار (1-فېۋرال) ئەتىگەندە، زامانخان بىزگە «بەدۆلەت» نىڭ شۇ كۈنى ئاخشام سائەت 8 دە ئۆز ھوزۇرىدا بىز بىلەن كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. زامانخان بىزگە يەنە ‹ياقۇپبەگنىڭ قوبۇل ۋاقتىنى ئاخشامغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى ياقۇپبەگ ئاخشاملىقى ناھايىتى خۇشكەيپ بولىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى ۋە ئەڭ قەدىرلىك مېھمانلىرىنىلا ئاخشىمى قوبۇل قىلىدۇ› دېدى.

مەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، يالغۇز لېيتېنانت سونارگولوۋنىلا ئېلىپ ياقۇپبەگنىڭ ھوزۇرىغا باردىم. ئۇبىزنى خۇددى بىرىنچى قېتىم قوبۇل قىلغان چاغدىكىدەكلا قىزغىن كۈرۈۋالدى. ياقۇپبەگ بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپقىلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ چىگرىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى پىكىرىمىزنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن، مەن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان تېكىست بويىچە سۆزلەشكە باشلىدىم. سونارگولوۋ بولسا مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلەكلەر بويىچە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتى.

مېنىڭ سۆزۈم مۇنداق ئىدى:

«مېنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ ئاساسىي مەقسىدى، روسىيە بىلەن قەشقەرىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چىڭىتىش. خۇداغا شۈكرىكى، بۇنداق دوستانە مۇناسىۋەت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمدى يەنە بىر مەقسەتكە كەلسەم، ئەسلىدىكى قوقان بىلەن يەنى ھازىرقى پەرغانە ئۆلكىسى بىلەن جانابى «بەدۆلەت» ئالىلىرىنىڭ تارخانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنىڭ ئاساسىي ئايرىلىش نۇقتىلىرىنى ئايرىپ چىقساق دەيمەن.»

«تۈركىستان باش ۋالىسى مىنى جانابى ئالىلىرىنىڭ ھوزۇرىغا ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشتىن بۇرۇنلا، بۇ چېگرىنىڭ كېسىپ ئۆتىدىغان مەلۇم نۇقتىلىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.»

«مۇبادا جانابى ئالىلىرى تۈركىستان باش ۋالىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە چېگرا سىزىقىنى قوبۇل قىلىشنى ماقۇل كۆرسىلە بۇ، جانابى ئالىلىرىنىڭ قۇدرەتلىك روسىيە بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى بولۇپ قالغۇسى.»

«ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەقدىرىمۇ بەندىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاشلا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، بەزى ھۆكۈمرانلار ئۆز دۆلىتىنى دانالىق بىلەن ئىدارە قىلغانلىقتىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىنىنىمۇ كېڭەيتەلەيدۇ؛ بەزىبىر ھۆكۈمرانلار بولسا ئۆزلىرىدىكى بىر مۇنچە نۇقسانلار تۈپەيلىدىن، بۇنداق كۈچ- قۇدرىتىنى نامايان قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئاتا- بوۋىلىرى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ بىرقانچە ئەسىرلەردىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىمۇ قولىدىن بېرىپ قويىدۇ.»

«ناھايەت، قوقان بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرىلا ماۋارائۇننەھرى بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ چېگرىسى غەرىپتە چىمكەنت شەھىرىگە، شەرقتە قۇرتقا قورغىنى جايلاشقان نارىن ۋىلايىتىگە يېتىپ باراتتى. جەنۇب تەرىپى قەشقەرىيە تۈزلەڭلىكىگە چىققىلى بولىدىغان پۈتكۈل تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئېھاتە قىلىنغان ئىدى. قوغۇشۇن كانى بىلەن تاشقورغان ئۇنىڭ چېگرىدىكى ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىلىرى ھېساپلىناتتى.»

«ئىچكى ئىختىلاپ ۋە خانلىقنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى خۇدايارخان ئۆتكۈزگەن بىرمۇنچە خاتالىقلار تۈچەيلىدىن دەسلەپتە بەزىبىر شەھەرلەر قولدىن كەتتى. ئارقىدىنلا يەنى بۇلتۇر، ئەسلىدە قوقان دۆلىتىگە تەۋە بولغان پۈتكۈل زىمىن روسىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلدى.»

«ئەسلىدىكى قوقان دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ۋە بايلىقى پەرغانە ۋادىسى بىلەن ۋە بۇ ۋادىغا جايلاشقان شەھەر- يېزىلاردىكى ئاھالىنىڭ نوپۇسى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.»

«قوقاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئاھالە يەنى قىپچاقلار بەلكى ئۇنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.»

«ھۆكۈمەت تېخى زەئىپلىشىپ كەتمىگەن چاغلاردا، تاغلىق جايلاردىكى بىر مۇنچە قورغان – ئىستىھكاملار ساقلاپ قالغان ۋە مۇشۇلارنىڭ ياردىمىدە تاغلىقلارنى تىزگىنلەپ تۇرغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلەشكەنلىكى كۆپىنچە تاغلىق جايلاردا ھەممىدىن ئاۋال سېزىلىپ قالاتتى، شۇڭا پۈتكۈل قىرغىز ۋە قىپچاق قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ئازغىنا باج – سېلىقنى تاپشۇرۇشتىن باش تارتىپلا قالماي، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئاتامان سايلىۋېلىپلا تۈزلەڭلىكلەرگە چۈشەتتى، زەئىپلىشىپ قالغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايتتى.»

«ئۆتكەنكى 13 يىل جەريانىدا، پەرغانە ئۆلكىسىنى يەتتە شەھەردىن ئايرىپ تۇرغان قوقان دۆلىتىگە تەۋە تاغلىق رايونلار مۇشۇ خانلىق ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلىكى ۋە قابىلىيەتسىزلىكى سەۋەپلىك جانابى ئالىلىرى تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك دىگۈدەك قەشقەر زىمىنىغا قوشۇۋېلىندى.»

«بۇنداق قوشۇۋېلىش جانابى ئالىلىرىنىڭ زىممىسىگە مەجبۇرى يۈكلىنىپ قالدى. جانابى ئالىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى بىردىن بىر مەقسىدى ئاھالىنى قارا قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ، خۇشال- خۇرام تېرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىدى.»

«جانابى ئالىلىرى مۇشۇ مەقسەتتە، تاغلىق رايونلاردىكى ئوقسالۇر، مەشرۇپ، ئۇلۇغچات، ناغرا چالدى، يىغىن ۋە ئەركەشتام قاراۋۇلخانىلىرىنى قۇرغان ئىدىلە. شۇنىڭدىن كېيىن، جانابلىرىنىڭ مەزكۇر قاراۋۇلخانىلىرى ئوش شەھىرىگە بارىدىغان يولنى بويلاپ نۇرنىڭ تەبئىي چېگرىسىگىچە كېڭەيدى، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزكەنت شەھىرىگە بارىدىغان يولنى بويلاپ كېڭىيىپ ئالايقۇ ۋادىسىدىكى ئويتالنىڭ تەبئىي چېگرىسىغىچە بېرىپ يەتتى.»

«مۇبادا روسلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوقان دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلارنى تېنجىتمايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا جانابى ئالىلىرىنىڭ ئۆز زىمىنلىرىنى تاكى شىمال تەرەپتىكى تاغلىق يايونلاردىن ھالقىپ ئوش ۋە ئۆزكەنت شەھەرلىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئېغىزىغا قەدەر كېڭەيتىشلىرىدىن ھېچكىممۇ شۈبھىلەنمىگەن بولاتتى.»

«روسىيە ھۆكۈمىتىنى قوقان دۆلىتىنى ئىشغال قىلىش بىلەن بىللە، ئۆز تېرىتورىيىسىگە قوشۇۋالغان زىمىنلاردا تېنچلىق ئورنىتىپ، بۇجايلاردىكى يېڭى پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆززىممىسىگە ئالغان ئىدى. شۇڭا بىز روسىيىلىكلەر دەسلەپتە ئىگەللەش زۆرۈر دەپ قارىغان تاغلىق جايلارغىچە ئىچكىرىلەپ كىردۇق. شۇنداق قىلىپ، ئىپارا، ئۈچقورغان ۋە غۇلجىنى ئىشغال قىلىۋالدۇق.»

«ئەمما كېيىنكى چاغلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بۇ چېگرا لىنىيىسىنىڭمۇ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. قارا قىرغىزلار توپىلىڭى بىزنىڭ ھەم جاپالىق ھەم ناھايىتى كۆپ چىقىم تارتىدىغان ئۇزاققا يۈرۈش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر روسىيىلىكلەرنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىلىرى ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلارنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا ئىدى، بۇ قېتىمقى ئۇزاققا يۈرۈش قىلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز بولغان بولاتتى.»

«بۇلتۇر ئاۋغۇستتا، تۈركىستان باش ۋالىسى پەرغانە ئۆلكىسىدە تېنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، بۇ ئۆلكىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە بۇ جايلارنىڭ چېگرا لىنىيىسى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن، غۇلجا قورغىنىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاغلىق رايونلارنىمۇ ئاتلىق يۈرۈپ كۆزدىن كەچۈردى.»

«تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرى تاغلىق رايونلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چىققان ۋە پەرغانە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن شۇنۇلغان دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەندىن كىيىن، بۇ ئۆلكىدىكى پۈتۈنئاھالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تېنچلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ بەزى ئاساسىينۇقتىلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە جانابلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى زۆرۈرتاپتى.»

«بۇ چېگرا لىنىيىسى سۆڭەك تاغ ئېغىزىدىن باشلىنىپ ئۇلۇغچات (كونا ئۇلۇغچاتنى كۆرسىتىدۇ.-ت) قورغىنى ئارقىلىق مالتابار تېغى بىلەن تۇتىشىشى كېرەك. ھالبۇكى، سۆڭەك تاغ ئېغىزى سىمىرچىنىسىكى ئۆلكىسى بىلەن “بەدۆلەت” نىڭ زىمىنى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.»

«دىمەك، ئۇلۇغچات قورغىنى، ناغرا چالدى، يىغىن ۋە ئەركەشتاملار بىزگە تاپشۇرۇلىشى لازىم.»

«بۇ چېگرا لىنىتىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تەپسىلى چارىسى، تۈركىستان باش ۋالىسى بىلەن جانابى ئالىلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىككى تەرەپ خادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان ئالاھىدە ھەيئەتنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بەلگىلىشىگە قالدۇرۇلىدۇ.»

«مەن بۇيرۇققا بىنائەن، تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرىنىڭ بۇ قارارىنى ئويلىنىپ كۆرۈشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن يەنە بۇ قارارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، جانابى ئالىلىرىنىڭ ۋە تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان شەرتنامىنىڭ لاھىيىسىنىمۇ تۈزۈپ چىقتىم.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت داۋامىدا “بەدۆلەت” بىر قانچە قېتىم سۆز قىستۇرۇپ، روسىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە روسىيىلىكلەر بىلەن مەڭگۈ تىنچلىقتا ئۆتۈشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پەقەت روسىيىلىكلەرنىڭ دوستانە ياردىمى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھازىرقى زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەن ئۇلۇغچات بىلەن مالتابارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى چېگرا نۇقتىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ياقۇپبەگ تولىمۇ بىئارام بولۇپ ئولتۇرالماي قالدى، لېكىن تاكى مېنىڭ سۆزۈم تۈگىگەنگە قەدەر ئۆزىنى زورىغا بېسىپ ئولتۇردى. ئاندىن، ئۆزىنىڭ بۇ چېگرا نۇقتىلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، خۇدايارخان قوقاننىڭ خانى بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغچات قورغىنىنى بەرپا قىلغانلىقىنى، باشقا بارلىق قاراۋۇلخانىلارنىمۇ ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، روسىيىلىكلەر ئابدۇللا بەگ ئىسيان كۆتۈرگەن مەزگىلدە بىرمۇ قىرغىزنىڭ بۇ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، مىنىڭ ئۆزۈم ئورناتقان بۇ چېگرا لىنىيىسىنى قوغداشتا قانچىلىك ئەمىلىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىمنى كۆرگەن ئىدى، دىدى.

مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دىدىم: بىز 1869- يىلى، نارىن قورغىنىنى ياساۋاتقان چېغىمىزدا “بەدۆلەت” ئۆزىنىڭ نارىن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى ھەممە جايلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىز بۇ چاغلاردا چېگرا لىنىيىمىزنى “بەدۆلەت” ئۈمۈد قىلغان جايلاردىنمۇ جەنۇبقا كېڭەيتىپ بولغان ئىدۇق. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت مۇشۇ سەۋەپتىن ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى.

ئاندىن بىز باشقا ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق. “بەدۆلەت” بۇنىڭغا ئۇلاپلا مۇنداق دىدى:

«مەن سىزنىڭ ماڭا ئاكا بولۇپ بىرىشىڭىزنى ھەمدە تۈركىستان باش ۋالىسى ئالدىدا مېنىڭ ئۈچۈن سۆزلەپ قويىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئەگەر ئۇ زات ماڭا ئۆز دوستلىقىنى كۆرسىتىشنى خالىسا، ئۇ ھالدا، مەن قۇرغان ۋە 14 يىلدىن بۇيان ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن بۇ قورغانلارنى ماڭا قالدۇرىشى لازىم».

مەن ئۆزەمنىڭ يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلاردىن بىر قەدەممۇ ئارقىغا چېكىنمەيدىغانلىقىمنى تەكىتلىدىم.

ئاندىن  “بەدۆلەت” مېنىڭ تۈركىستان باش ۋالىسىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بۇتەلىۋىگە بىر ئاز يول قويۇشنى سورىشىمنى تەكلىپ قىلدى.

مەن ئۇنىڭ بۇ تەكلىۋىگە قوشۇلمىدىم ۋە يەنە ئۆزەمنىڭ 4070 چاقىرىمدەك يول بېسىپ بۇ يەرگە كىلىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇرالمايدىغانلىقىمنى، شۇنىڭدەك ماڭا بۇ مەسىلىنى ئۆزەم بىۋاستە ھەل قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتىم.

“بەدۆلەت” يېنىكرەك شەرتلەرگە قوشۇلىدىغانلىقىغا تەكرار كاپالەت بەردى. مەن ھەر قانداق يول قويۇشنى رەت قىلغاندىن كىيىن، “بەدۆلەت” مېنىڭ بۇ مەسىلىنى بىر نەچچە كۈنگىچە يېڭىۋاشتىن ئويلىنىپ كۆرۈشۈمنى ئۆتۈندى. بىز ئۇنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن زامانخاننى ئەتە قېشىمىزغا ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئالدۇق-دە، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ خوشلاشتۇق.

زامانخان ئەپەندى بىلەن پانسات موللا ياقۇپ (بۇ ئادەم بىز قەشقەرىيەدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا باشتىن ئاخىر بىز بىلەن بىرگە بولدى.) ياقۇپبەگ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزگە قاتناشمىدى. پەقەت بىر قېتىم “بەدۆلەت” مېنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ھاياجانلىق بىلەن، “ئۇ مىنىڭ ناغرا چالدى بىلەن ئۇلۇغچاتنى روسىيىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشىم نىتەلەپ قىلىۋاتىدۇ”، دىدى.

ئەتىسى، زامانخان “بەدۆلەت” نامىدىن بىزگە تېخىمۇ كۆپرەك يول قويدى. لېكىن مەن ئۇلۇغچاتنى روسىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىۋىدە قاتتىق تۇرۇۋالدىم ۋە بۇنىڭغا تېخىمۇ ئوچۇقراق جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.

ئاخىرى 30- يانۋار (11-فېۋرال ) كۈنى زامانخان بىزگە “بەدۆلەت” نىڭ تۆۋەندىكىچە جاۋابىنى يەتكۈزدى:

“مەن روسىيە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ، چېگرا لىنىيىسى سۆڭەكتاغ، ئۇلۇغچات ۋە مالتاباردىن ئۆتۈشى كېرەك، دىگەن تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى، مەن تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆردۈم.

شۇنداقتىمۇ قۇدرەتلىك يېرىم پادىشانىڭ (باش ياساۋۇل فون كائۇفمان ئوتتۇرا ئاسىيادا شۇنداق ئاتىلاتتى  – ئاپتوردىن). ماڭا بىرئاز يول قويۇپ، ئۆزۈم 14 يىل مېھنەت سىڭدۈرۈپ بەرپا قىلغان يەرلەرنى ماڭا قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، سىزگە قوشۇپ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىمەن. ئەگەر تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرى مېنىڭ بۇ تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالدا پۈتۈن ئىش ئۇنىڭ ئۆزى ئېھتىياجلىق دەپ بىلگەن جايلارنى چېگرا لىنىيىسى سىزىپ بەلگىلىشى بىلەن بىر ياقلىق قىلىنىدۇ. مەن ئۇنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىمەن.”

مەن ئۆزۈمگە بېرىلگەن يوليورۇقنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى، بىز تەرەپنىڭ مەلۇم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ ئورۇنلىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدىم، 6-فېۋرال (18-فېۋرال) كۈنى خوشلىشىش يۈزىسىدىن “بەدۆلەت” بىلەن كۆرۈشۈپ، 7-فېۋرال (19-فېۋرال ) كۈنى يولغا چىقىشنى بەلگىلىدىم. دېمەك، ھەممە ئىش مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

قەشقەرىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ، كورلا شەھرىگە بارغىچە ئارىلىقتىكى يۇرتلاردا تۇرغان چېغىمىزدا مەن ۋە ئۆمەكنىڭ باشقا ئەزالىرى بىزگە تاپشۇرۇلغان كۆرسەتمىدە قويۇلغان ھەممە سوئاللارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەپسىلىي جاۋاب تاپتۇق. بۇ ئىشلارنى بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن قەشقەرىيە ئەمەلدارلىرىدىن يوشۇرۇپ قالالمايتتۇق. شۇڭا بىز باشتىلا قەشقەرىيەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ بىلىۋېلىش غەرىزىمىزنى ئۇلاردىن يوشۇرماسلىقنى قارار قىلدۇق. بىز ئالدىمىزغا ئۇچرىغانلىكى يەرلىك ئاھالىدىن تۈرلۈك سوئاللارنى سورايتتۇق، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ كۆرگەن-بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى خاتىرە دەپتەرلىرىمىزگە يېزىپ باراتتۇق. بىزھەر بىر شەھەرگە يېتىپ كەلگىنىمىزدە شۇ يەردىكى بىر قىسىم تەجرىبىلىك سودىگەرلەر ۋە دېھقانلارنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن بەزى سوئاللارنى سورايتتۇق. شۇنىڭدەك يول ئۈستىدىمۇ بۇ جايلارنىڭ نىمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا سوراپ باراتتۇق. بىزگە ھەمرا بولۇپ ماڭغان قەشقەرىيە ئەمەلدارلىرى بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلىشالمايتتى. ئەمما، بىزنىڭ بارلىق ئىش – ھەركەتلىرىمىزنى ياقۇپبەگكە كۆپتۈرۈپ دوكلات قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايتتى. شۇڭا بىز كورلىغا يېتىپ بېرىپ ياقۇپبەگ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە، ئۇنىڭغا قەشقەرىيەدە ساياھەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جايلار بىلەن پۇختا تونۇشۇپ چىقماقچى ۋە بۇ يەردىن روسىيىگە بارغىلى بولىدىغان بارلىق يوللارنى پىششىق بىلمەكچى بولغانلىقىمىزنى ئوچۇق ئېيتتىم. شۇنىڭدەك، كورلىدا تۇرغان 7 كۈن جەريانىدا، قارا شەھەر ۋە باغراش كۆلىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزنىمۇ ئىزھار قىلدىم. ياقۇپبەگدىن ئۆمىكىمىزنىڭ ئەزالىرىدىن توپچى قىسىملار كاپىتانى كورپاتكىن بىلەن ۋىلكىنس ئەپەندىلەرنىڭ بۇ جايلارغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن، بۇ تەلىۋىمىزگە قوشۇلدى.

ئاكام بۇ قېتىمقى سەپەر ئۈستىدە يوللارنى ئوچۇق- ئاشكارا ئۆلچەپ چىقتى. بىز قەشقەرىيەگە كېلىشتە تېرەك داۋان ئېغىزىدىن ئۆتكەنلىكىمىز ئۈچۈن نارىن تەرەپتىكى تورغات ۋە تېرەكتى (تېرەك تاغ ئېغىزى بولسا كېرەك) تاغ ئېغىزلىرى ئارقىلىق ۋە ھىندىستان تەرەپتىكى قاراقۇرۇم ھەم كوئىنلۇن تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق قەشقەرىيەگە كىرگىلى بولىدىغان يوللارنى بىلىۋالغان بولساقمۇ، لېكىن بىزگە پەقەت بىرلا يول تونۇشسىز بولۇپ قالغان. بۇ يول ئاقسۇ شەھىرى بىلەن (ئۈچتۇرپان ئارقىلىق) بەدەل تاغ ئېغىزىدىن قارا قول شەھىرىگە (ئاقسۇ شەھىرىدىن مۇزارت داۋان ئارقىلىق غۇلجىغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭغىلى بولمايتتى – ئاپتوردىن،) بارىدىغان يول ئىدى. شۇڭا مەن “بەدۆلەت” بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىنىمدە، تۈركىستان باش ۋالىسىغا ئەلچىلەر ئۆمىكىمىزنىڭ دەسلەپكى خەۋىرىنى يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ، دىگەن بانا بىلەن “بەدۆلەت” نى ئۆمىكىمىزنىڭ ئەزاسى لېيتېنانت سونارگولوۋنى مۇشۇ يول بىلەن ماڭدۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈردۈم.

مەن ياقۇپبەگدىن ئۇلۇغچات ۋە باشقا قاراۋۇلخانىلارنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان چېغىمدا مۇنداق ئىككى خىل ئامىلنى ئويلىغان ئىدىم.

بىرىنچىدىن، بىز كورلا شەھرىدە توختاشتىن ئاۋۋال ياقۇپبەگنىڭ ناھايىتى قىيىن كۈنگە قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇق، چۈنكى، بۇ چاغدا ئۇ يا ئۆز ئارمىيىسىنىڭ، يا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئىگە بولالمىغان ئىدى. شۇڭا ئەگەر خىتايلار ھۇجۇمىنى سەللا چىڭىتىدىغان بولسىلا، ئۇنىڭ مىڭبىر جاپادا توپلىغان كۈچى زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياقۇپبەگنىڭ مەبلەغ مەنبەسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.

شۇڭا مەن، “بەدۆلەت” بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، بىزدىن ئىلگىرى قەشقەرىيەگە كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىدىنمۇ چىڭراق تەلەپپۇزدا سۆزلەش كېرەك، دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇنىڭ زىمىنىنى تەكشۈرگەنلىكىمىزنى ئاشكارا ئېلان قىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭغا يەنە تۈركىستان باش ۋالىسى جانابلىرىنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ ئېيتتىم ھەمدە ئۇنىڭ قارىشىچە ھەربىي جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە قاراۋۇلخانىلارنى ھېچقانداق بەدەلسىزلا بىزگە تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدىم.

ئىككىنچىدىن، بۇرۇنقى كېلىشىملەرگە ئاساسەن، كۆكسۇ دەرياسىنى بويلاپ سوزۇلغان ھازىرقى چېگرا بىزنىڭ تەلىۋىمىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مانجۇلار بىلەن ياقۇپبەگ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە قايسى تەرەپنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقى تېخى مۇقىملاشمىغان ئىدى، شۇڭا بۇ چېگرا لىنىيىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەكمۇ ئالدىراپ كېتىش ھاجەتسىز دەپ قارىدىم.

بىز 6-فېۋرال (18-فېۋرال) كۈنى قايتىش سەپىرىمىزگە ئاتلىنىپ، 28-مارت (9-ئاپرىل) كۈنى ئوش شەھىرىگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلدۇق. 51 كۈن ئىچىدە 42 مەنزىلنى بېسىپ تەخمىنەن 2787 چاقىرىم (يولدا توختاپ دەمئالغان كۈنلەرمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە) يول يۈردۇق. تاشكەنتتىن يولغا چىققان ۋاقتىمىزدىن باشلاپ ھىساپلىغاندا، بېرىش-كېلىش ئۈچۈن جەمئىي 6437 چاقىرىمدەك يول باستۇق.

ئەلچىلەر ئۆمىكىمىز جاپالىق كۈرەش قىلىپ، تۆۋەندىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

لېيتنانت سونارگولوۋ ئاقسۇ شەھرىدىن ئۈچتۇرپان ئارقىلىق قاراقول شەھىرىگە بارىدىغان يولنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى، ۋىلكىنىس ئەپەندى (ۋىلكىنىس ئەپەندى «تەبىئەت دۇنياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1877-يىللىق 3-سانىغا «تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبئىي شارائىتى» دىگەن ماۋزۇدا ماقالا يازغان. – ئاپتوردىن.) قارا شەھەر بىلەن باغراش كۆلىگە دائىر بەزى خاتىرىلەرنى يازدى.

بۇنىڭدىن سىرت، يەنە تۈركىستان بويىچە جۇغراپىيىلىك ئۆلچەش-سىزىشتا ئەڭ تەجرىبىلىك ۋە قابىلىيەتلىك دەپ تونۇلغان لېيتېنانت ستارتسيېۋ (41) ھاۋارايىنىڭ ناچار بولىشىغا ۋە ھېرىش-چارچاشقا قارىماي، پۈتۈن قەشقەرىيەنىڭ يول خەرىتىلىرىنى 50000\1 ماسىشتاپلىق قىلىپ سىزىپ چىقتى.

بۇ يول خەرىتىلىرى بىزنى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ چوڭ خەرىتىلىرىنى سىزىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئاساسلىق ماتىريال بىلەن تەمىنلىدى. ستارتسيېۋ ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن سىرت، كورپاتكىن ئەپەندى يەنە كورلا، قاراشەھەر ۋە باغراش كۆلى ئوتتۇرىسىدىكى يوللارنى ئۆلچەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سونارگولوۋ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن قاراقول ئوتتۇرىسىدىكى يولنى كۆزدىن كەچۈردى.

يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن باشقا، ئۆمەكنىڭ ھەربىر ئەزاسى ۋە نۇرغۇن كازاكلار، جۈملىدىن يەرلىك خادىملارمۇ بارلىق تېرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، بىزنىڭ يۈكىمىزنى كۆپ يېنىكلەشتۈردى. ئۇلار بىزنى ئېغىزچە ۋە يېزىقچە نۇرغۇنلىغان ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلىدى.

پۈتۈن سەپەر جەريانىدا، ئۆمەكتىكى بارلىق رۇسلار بىلەن يەرلىك خادىملاردىن تەركىب تاپقان بىر دوستانە چوڭ ئائىلە شەكىللەندى. بىز ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن، خۇشاللىق ۋە قايغۇلاردا بىللە بولدۇق، شۇڭا بۇ چوڭ ئائىلىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئېسىمدە مەڭگۈ ساقلايمەن. ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ۋە جاپا-مۇشەققەت تارتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىدىيىۋى تەييارلىقلار ئېغىر شارائىتلاردا بىز ئۈچۈن كۆپ مەدەت بولدى. بۇ ئىشلار ھەرگىز ئېسىمدىن كەتمەيدۇ ۋە يېقىنقى كۈنلەرگىچە مەن بىلەن بىللە بولغان ھەمرالىرىمنى ماڭا ئەسلىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top